[align=justify]
دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرى «مەلىكە خۇەنجۇ»دا شوخ،ئوماق مەلىكە،«سىم-سىم يامغۇردىكى چوڭقۇر مۇھەببەت»دە جاھىل،كەسكىن،ھېسسىياتچان قىزنىڭ روللىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغان، كۆپلىگەن تاماشىبىنلار بىردەك ياقتۇرىدىغان كىنو فىلىم ئارتىسى، مودا ناخشىچى ئارتىس - جاۋۋېينى بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك.
ئىسمى: جاۋۋېي
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1976-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى: بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتوتى ئاكتيورلۇق كەسپى
ھازىر ئوقۇۋاتقان كەسپى: بېيجىڭ كىنو ئىنىستوتى رېژىسسورشۇناسلىق كەسپىدە ماگىستىر (2006-يىلى ئوقۇشقا كىرگەن).
تۇنجى رول ئالغان فىلىم: 1996-يىلى ئىشلەنگەن تېلىۋىزىيە تىياتىرى «ئاچا-سىڭىللار بېيجىڭغا ئۈسۈپ كىرىش»دا ئىشلەمچى قىز ۋە خوجايىن ئايالنىڭ رولىنى ئالغان.
ياقتۇرىدىغان داڭلىق ماركىلار: Dior、LV
ياقتۇرىدىغان تامىقى: داڭقان شورپىسى
ياقتۇرىدىغان فىلىم: «ساياھەتچى ۋە سېھىرگەر»
ئارزۇ-ئۈمىدى: جاھان كېزىپ ئوقۇش.
ياقتۇرىدىغان تېرە ئاسراش مېيى: زىشېڭتاڭ( 资生堂)
ياقتۇرىدىغان يانفون ماركىسى: سەنشىڭ.

[align=justify]
2008-يىلى داڭلىق پۇلدار بىلەن توي قىلىپ، بۇ يىل 4-ئايدا ئوماق قىزچاققا ئانا بولغان جاۋۋېي ئۆزىنىڭ توي قىلغانلىقىنى ۋە ھامىلىدار ئىكەنلىكىنى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئىزچىل يوشۇرۇپ كەلدى.

[align=justify]
جاۋ ۋېي بۇ يىل 4-ئايدا سىنگاپوردا ئېغىرلىقى 2.5كىلوگرام كېلىدىغان، كۆزلىرى يوغان ئوماق قىزچاققا ئانا بولدى.

[align=justify]
جاۋۋېينىڭ ئېرىنىڭ ئىسمى: خۇاڭ يۈلۇڭ
يېشى: 30 ياش ئەتراپىدا
يۇرتى: ۋۇخەن
ھازىرقى تۇرۇۋاتقان جايى: سىنگاپور
كەسپى: سودىگەر(ئۆي-مۈلۈك سودىسى، پۇل مۇئامىلە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سودىسى، ماشىنا سودىسى...قاتارلىق سودىلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ)
شەخسى مۈلكى: 400 مىليوندىن كۆپ شەخسى مۈلكى ۋە بىر دانە شەخسى ئايرۇپىلانى بار.
نىكاھ ئەھۋالى: ئۆزى توي قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن 8~9 ياشلاردىكى بىر ئوغلى بار. ئۇ جاۋۋېي بىلەن تونۇشماستا داڭلىق ئارتىس جاڭ زىيى ۋە يې سۈيسۈي بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ھەمدە ئۇلارغا نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، ئېسىل سوۋغات(ئېسىل داچا ۋە زىننەت بۇيۇملىرى)لارنى ھەدىيە قىلغان.

[align=justify]
خۇاڭ يۈلۇڭ جاۋۋېينى قوغلىشىۋاتقان مەزگىللىرىدە RichardMille ماركىلىق ئېسىل سائەت، Vertu ماركىلىق ياقۇت كۆزلۈك يانفون، 40 مىليونلۇق ئېسىل داچا ۋە نەچچە يۈزمىڭ يۈەنگە تىمساخ تېرىسىدىن تىكىلگەن ئېسىل سومكا... لارنى سوۋغا قىلغان.
خۇاڭ يۈلۇڭ ئادەتتە سودا ئىشلىرى بىلەن سىنگاپوردىكى ئۆيىدە ئايالى جاۋۋېيغا بەك كۆپ ھەمرا بولالمايدۇ، ئۇ ھەر قېتىم قايتىپ كەلگەندە مىليونلۇق ئېسىل ئۈزۈك ياكى ھالقىلارنى سوۋغا قىلىپ ئالغاچ كېلىشنى ئۇنتۇمايدۇ.
جاۋ ۋېي يەڭگىپ بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم يەنى 27-ئىيۇلدا بېيجىڭدا پەيدا بولدى، ئۇ ئۆز ئىسكەتىنى يەنىلا يوقاتمىغان بولۇپ، يېقىندا مەلۇم بىر ئىچىملىك ئېلانىغا چىقماقچى ئىكەن.

مەنبە: ھەر قايسى خەنزۇچە تور بەتلەردىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ تېما ئەلكۈيى مۇنبىرىگە تەۋە، قالايمىقان يۆتكىمەڭ!