كۆرۈش: 211|ئىنكاس: 0

ئەخلەتچى يىگىت بىلەن تىلەمچى يىگىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
52802
يازما
18
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2013-6-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-26
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 23:24:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات بازىرىنىڭ بۇ كوچىسىدىن ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ئۆتىمەن. بۇ كوچىدىن ھەر كۈنىمېڭىۋەرگەچكىمۇ ئەتراپتىكى نەرسىلەرنىڭ قەيەرگە ئورۇنلاشقانلىقىدىن تارتىپ ھەممە نەرسە ماڭا تۇنۇشلا بولۇپ كېتىپتۇ. ھەر كۈنى ئىشىمغا سەھەر ماڭىمەن، بەكلا ئەتىگەن ماڭغاچقا يولدا ئىشلەمچى بازىرىغا كېتىۋاتقان ئىشلەمچىلەردىن باشقا ئادەملەر ئۇنچە ئۇچرىمايدۇ. بىزنىڭ بەك تەرەققىي قىلمىغان بۇ شەھەرنىڭ بۇ بازىرىنى مۇشۇ شەھەردىكى ئەڭ ئاۋات بازار دېيىشكە بولاتتى. دۇكانلار كۆپ بولغاچ دۇكانلاردىن يىغىلىدىغان ئەخلەتلەرمۇ كۆپ بولاتتى.

ھەر كۈنى ئەتىگەن بازارنىڭ كوچىلىرىدىكى ئەخلەتلەرنى سۈپۈرۈپ يىغىشتۇرۇۋاتقان 70 ياشلاردىن ئاشقان بىر بوۋاي دىققىتىمنى تارتىدۇ. ئۇنىڭ قولىدا سۈپۈرگە، ئەتراپتىكى ئادەملەر بىلەنكارى يوق ئۆز ئىشىغا مەشغۇل ئىدى. بەلكىم بۇنچە چوڭ بازارنىڭ تازىلىقىغا مەسئۇل بۇ بوۋايلا بولمىسا كېرەك. بازار خېلى كەڭ دائىرىنى ئىگەللىگەن، بۇ بوۋاي ھەرگىزمۇ يېتىشىپ بولالمايتتى. بەزىدە بۇ بوۋايدىن باشقا ئەخلەت يىغىدىغانلارنىمۇ ئۇچرىتىپ قالىمەن، بىراق ئەشۇ بوۋايلا مېنىڭ دىققىتىمنى باشقىچە تارتىدۇ. چۈنكى بوۋاي 70ياشلاردىن ئاشقىنىغا قارىماي ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ھالال ئىشلەپ جېنىنى جان ئېتىۋاتىدۇ. بەلكىم، بوۋاينىڭ بالىلىرى باردۇر، بالىلىرىنىڭ بۇ بوۋايغا قاراشقا قۇربى يەتمەيدىغاندۇ، ياكى بالىسى يوق بولغاچ ئۆز كۈچىگە تاينىشقا مەجبۇر بولغاندۇ. ھەر كۈنى بوۋاي ئۇچرىسا ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپلا ماڭىمەن، مەن ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ بولغىچە يېرىم مىنۇتمۇ ئۆتمەيدۇ، بوۋاي ئىشنى شۇنداق بېرىلىپ قىلىۋاتقان، ئۆزى قىلىۋاتقان مۇشۇ ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلاتتى. قىسقىسى بۇ ئاۋات بازارنىڭ پاكىزلىقى بۇ بوۋايدىن ئايرىلالمايتتى.

بۇ قايناق بازاردا ئادەملەرمۇ كۆپ بولغاچ، بازارنىڭ يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇۋالىدىغان تىلەمچىلەرمۇ شۇنچە كۆپ، بەزىلىرى مېيىپ، بەزىلىرى قېرى بوۋاي-مومايلار، يەنەبەزىلىرى بولسا بالىسىنىڭ ۋە ياكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئېغىر كېسەلگە دۇچار بولۇپ قالغانلىقىنىڭ رەسىملىرىنى كۆرسۈتۈپ پۇل تىلەيدىغانلار بەكلا كۆپ.

بۈگۈن ئىشىمدىن يېنىپ بازارنىڭ كوچىسىدىن ئالدىراش كېتىۋاتاتتىم، 65 ياشلاردا بار بىر ئايالنى چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان 27-28 ياشلاردا بار بىريىگىت دىققىتىمنى تارتتى، ئەسلى نەرسە ئېلىش خىيالىم يوق ئىدى، يىگىت تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان يەرنىڭ ئۇدىلىدىكى ئۇششاق-چۈششەك نەرسە سېتىۋاتقان يايمىچىنىڭ ئالدىدا توختاپ بىر نەرسىلەرنى كۆرگەچ ئۇلارغا دىققەت قىلدىم، ئايال چاقلىق ئورۇندۇقتا بىچارىلەرچە ئولتۇرغان، ئۇنىڭ قولىدا بۇرۇن ساق ھالىتىدە چۈشكەن رەسىمى بار ئىدى. ئەتراپتا ئۆتۈۋاتقان كىشىلەرگە، مەن بۇرۇن مۇشۇنداق ساق ئىدىم، ھازىر مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىم ياردەم قىلىڭلار دېمەكچى بولسا كېرەك. يىگىتنىڭ ھالى بەكلا بىچارە ئىدى، كۆزلىرىنى يۇمۇپ، بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە، (ئانامنىڭ كېسلى ئېغىر، قېرىنداشلىرىمنىڭ ئازراق ياردەم قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، ئانامنى داۋالىتىپ ساقايتىۋالسام سىلەرگىمۇ ساۋابى يېتەر) دەپ ئاۋازىنىمۇ ناھايىتى بىچارىلەرچە چىقىرىپ باشقىلارغا يالۋۇرماقتا ئىدى. ئەتراپتا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشلەردىن ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتقانلىرى پۇل بېرىپ كەتتى. كۆپىنچىلىرى ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ماڭماقتا ئىدى. بۇرۇندىن تىلەمچىلىكنى كەسىپ قىلىۋالغان مۇشۇنداق ئادەملەرگە پۇل بەرمەيدىغان ئادىتىم بولغاچ ئالىدىغان نەرسەمنى ئېلىپ كېتىپ قالدىم. تىلەمچىلەر قېرى بوۋاي-موماي بولۇپ قالسا، قۇربىتى يەتمەيدىغان ئاجىز ئىكەنلىكىنى سىرتىدىن ئازراق ھېس قىلغاندىن كېيىن ئاندىن تىلەمچىگە پۇل بېرىمەن، بولمىسا تىلەمچىلەرگە پۇل بەرمەيمەن.

  ئۆيگە كېتىۋاتىمەن. ئەتىگەن كۆرگەن ئەخلەت يىغقۇچى بوۋاي بىلەن ئانىسىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان يىگىتنى سېلىشتۇرماقتىمەن. بوۋاي شۇنچە ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي ئۆزكۈچىگە تايىنىپ باشقىلارغا يۈز تەڭلەپ چىرايىنى سارغايتماي ياشاۋېتىپتۇ. بۇ يىگىت بولسا ئۆزىنىڭ شۇنچە ياش ساق ئىكەنلىكىگە قارىماي، نۇمۇس قىلماستىن ئانىسىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى دەستەك قىلىپ يۈزىنى سارغايتىپ پۇل تېپىۋېتىپتۇ. ئانىسى ئۇنى كىچىكىدە قانچىلىك ئەتىۋارلاپ باققان بولغىيدى؟ ئۇنىڭدىن قانداق ئۈمۈدلەرنى كۈتكەن بولغىيدى؟ ئايالغا شۇنچىلىك ئىچىم سىيرىلدى. كېچىلەپ ئۇخلىماي جاپالارنى تارتىپ چوڭ قىلغان ئوغۇل، بىر ئانىنى باقالمىسا، بۇنداق بالىنىڭ ياشىغىنىدىن ياشىمىغىنى ياخشى. ئانىسى ھەقىقەتەن ئاغرىپ قالغان بولسا، ئۆزى بېجىرىم بىر يىگىت بولغاندىكىن، ئىشلەمچىلەر بازىرىغا بېرىپ ئىشلەپ بولسىمۇ ئانىسىنى داۋالاتسا، بەك  بولمىغاندا ئەتراپتىكىلەردىن ياردەم سورىسا باشقىلار ياردەم قىلار ئىدى.

باشقىلارغا يۈزتەڭلەپ كۆنۈپ قالغان بۇنداق ئادەملەرگە يۈزىنى سارغايتىپ باشقىلارغا يالۋۇرۇش شۇنچە ئاسانغا توختامدىغاندۇ؟ بۇ بىچارە يىگىت ھەر بىر ئادەمدىن ئەشۇ بىر كوينى  ئېلىپ بولغىچە، نەچچە يالۋۇرۇپ ئۆزىنىڭ بىچارىلىكىنى ئىپادىلىمىسە بۇ پۇل ئۇنچە ئاسان قولغا كەلمەيدۇ.

كىچىكىمدىن ئاكا-ھەدىلىرىم ئارىسىدا جاھىل مىجەز، بوينى قاتتىق، باشقىلارغا ئاسان بوي ئېگىشنى خالىمايدىغان، دەيدىغان ناملىرىم بار ئىدى. ھېلىھەم شۇ مىجەزىم بار. ئاسانلىقچە باشقىلارغا بوي ئېگىشنى خالىمايمەن. مەيلى قانچىلىك خاپىلىقلارغا ئۇچراپ كېتەي باشقىلارغا يالۋۇرۇشقا تىلىم بارمايدۇ.

بەلكىم، مەندەك باشقىلارغا يالۋۇرۇشنى بەكلا ئېغىر ئىش بىلىدىغانلار بۇنداق ئىشلارنى قۇبۇل قىلالماسلىقىم مۇمكىن، بىراق، كىشىلەرگە يالۋۇرۇپ كۆنۈپ قالغانلارغا بۇنداق ئىش ئاددىيلا بىلىنىدىكەن. قانچە قىلساممۇ بۇنداق كىشىلەرنى چۈشۈنەلمىدىم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش