تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2759|ئىنكاس: 22

تۈركىيەدىكى ئۈنسىز قارشىلىقلار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
53150
يازما
4
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2013-6-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-22
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۈركىيەدىكى  ئۈنسىز قارشىلىقلار


(ئىستانبول خەۋرى)تۈركىيە ئاممىسى ئۇدا نەچچە ھەپتە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلىپ زوراۋانلىق تۇقۇنۇشلىرى كىلىپ چىققاندىن كىيىن،بۈگۈنگە كەلگەندە يىڭى قارشىلىق شەكلى مەيدانغا چىقماقتا.خەلق ئاممىسى بىر ئەرنى دوراپ ئۇزۇن مۇددەت ئۈرە تۇرۇش شەكلىنى قوللىنىپ ھۆكۈمەت دائىرلىرىگە ئۈنسىز قارشىلىق كۆرسەتمەكتە.
سەنئەتكا  ئەردەم گۈندۈز ئالدىنقى ئاخشىمى ئىستامبولدىكى  تاكسىم مەيدانىدا كەچ سائەت ئالتىدىن باشلاپ سەككىز سائەت ئۈرە تۇرۇپ،قەتئى ھەركەت قىلمىغان.
  ئىستامبول ۋە باشقا شەھەرلەردىكى كىشىلەر بەس بەستە ئاۋاز قۇشۇپ،ئۇنىڭدىن ئۈگۈنۈپ،ھەركەت قىلماي ئۈرە تۇرۇپ ئۈنسىز قارشىلىق كۆرسىتىپ تاراتقۇلارنىڭ قىزغىن بەس مۇنازىرىسىنى قوزغىغان.
  ئەمما ساقچى تەرەپ تۈنۈگۈن ئەتتىگەن سائەت ئىككىدە تاكسىم مەيدانىغا كىرىشكە باشلاپ ئەردەم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۈرە تۇرۇپ قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەردىن 300دەك ئادەمنى قوغلىۋەتكەن.بۇنىڭ ئىچىدىكى 10 ئادەم قارشىلىق قىلغانلىقتىن قولغا ئېلىنغان.
  ئەردەم ئۆزىنىڭ ئۆرە تۇرۇش شەكلى ئارقىلىق ساقچىلارنىڭ مەيدان ئەتىراپىدا نامايىش قىلىشقا يول قويمىغانلىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.تاراتقۇلار ئۇنى«ئۈرە تۇرغۇچى ئەر»دەپ ئاتاشقان.
  تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردۇغان ھۇشيارلىقنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە قەرشى نامايىشقا تاقابىل تۇرۇدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
  ئەردۇغان ساقچىلارنى« ھۇقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتتى» دىگەننى ئاقلاپ: «ساقچىلار ھۇقۇق يول قويغان دائىرىدە،ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا ھەركەت قىلىۋاتىدۇ.بىز يەنە ساقچى كۈچىنى كۈپەيتىپ،باشقا كۈچلەرنىڭ نامايىشقا ئارلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىمىز».
   ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىيە ساقچى تەرەپ تۈنۈگۈن بىرنەچچە چوڭ شەھەردە سول قانات تەشكىلاتلارغا زەربە بىرىشنى نىشان قىلىپ،ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشتا ساقچىلار بىلەن تۇقۇنۇشقان(زوراۋانلىق ۋاستىسى بىلەن) بىر نەچچە كىشىنى قولغا ئالدى.
   تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە پايتەخىت ئەنقەرەدە 30 چە كىشى تۇتۇپ تۇرۇلغان.غەرىبىي قىسىمدىكى ئەسكى شەھەردە 13 كىشى قولغا ئېلىنغان.
  تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن،ساقچى تەرپ سول قانات تەشكىلات-سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ 90 نەپەر ئەزاسىنى قولغا ئالغان ھەمدە بۇ تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى بار ئىككى گېزىتخانىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرگەن.سوتسىيالىستلار پارتىيىسى گەزى  باغچىسىدىكى نامايىشقا ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان دەپ قارالماقتا .

(سىنگاپۇر بىرلەشمە ئەتتىگەنلىك گېزىتى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
52190
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-21
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيەدىكى بۇ بىر قىسىم مۇتەسسىپلەرنىڭ مەقسىتى  تۈركىيىنىڭ ئىسلاملىشىش يۇلىغا قايتىشىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش .  ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھاراق-شاراپ سورۇنلىرىنىڭ يۇقىتىلىشىغا قاراپ ئىچلىرى ئېچىشىپ بۇلالماي قالدى . ئەردوغان ھەيرەت دەپ توۋلىشىمىزكېرەك مۇشۇ دەقىقىلەردە  !

باھا سۆز

ihlasmen  ئەردوغان ھوقۇق يۈرگۈزۈپ تۈركىيىنى ناھايىتى توغرا باشقۇرغان كىشى!  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
ihlasmen  توغرا دەيسىز قېرىندىشىم!  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

UID
53150
يازما
4
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2013-6-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-22
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مىنىڭ تۇنجى تىما يوللىشىم.رەسىم بار ئىدى چىقماي قاپتۇ.قانداق قىلسام چىقىدۇ؟ئەسلى ئادىرىسنى قانداق ئۇلىنىش قىلىمەن؟يەنە ماۋۇ باش سۈرئىتى نەدىن كەلدىكىن،ئۇنى قانداق ئالماشتۇرىمەن؟بىلىدىغانلار مەسلىھەت بەرسەڭلار.

UID
4227
يازما
766
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
19818
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
161 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇ نېسىۋىسىگە شۈكرى قىلمايدىغان تۇزكور قارايۈزلەر، ھۇ شەرەپسىزلەر،  بىر ئوبدان كۈنىنى قەدىرلىمەي يەنە نېمانداق تولا نامايىش-پامايىش بۇ؟ ئەردوغان ھۆكۈمىتىدەك ياخشى ھۆكۈمەتنى، ئەردوغاندەك ئاللا بەرگەن دانا رەھبەرنى ئۇلار ئاشۇنداق نامايىش-پامايىش، زوراۋانلىقلار بىلەن تىلەپ تاپالامدىكىنە؟ ھۇ نامۇسسىزلار!

باھا سۆز

mazargojam  ھۆكۈمەتكە قارشى چىققۇچىلار تۈركىيەدىكى«ئۈچ خىل كۈچ»لەر ئوخشىمامدۇ؟  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 14:33
ihlasmen  كىشىنى ھەقىقەتن قاتتىق ئېچىندۇرىدۇ!!!  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

UID
40338
يازما
41
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
41
تىزىملاتقان
2013-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-22
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىلسىز شەرەپسىزلەر

UID
4880
يازما
122
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
452
تىزىملاتقان
2010-8-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-21
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ئەمەسمۇ، نىمىشقا كۆرگەن كۈنىگە شۇكرى قىلمايدۇ، لىۋىيە، سۈرىيەدەك كۈنگە قالسا ئاندىن خوش بولىدىغان ئوخشايدۇ بۇ شەرەپسىزلەر! بۇنداق ياخشى دۆلەت نەدە؟ نىمىشقا قەدىرىنى بىلمەيدۇ، ئەقىلىسز دۆتلەر!  مەيلى بىز بىلمەيدىغان باشقا ئىش بارمۇ دەيلى، ئۆز مىللىتىنىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلىشىپمۇ ئىشمۇ؟ يا پۇقرالارنى ئەزگەن ئىش بولمىسا، تېخى شۇ پۇقرالارنىڭ كىيىنلىكى ئۈچۈن، بىر دانا رەھبىرى توغرا يولغا يېتەكلەۋاتسا، ياق مەن خاتا يولغا، دوزاق يولىغا ماڭىمەن دەپمۇ قارشىلىشامدا، توۋا قىلدىم! كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسىلە بۇ قارا يۈزلەرنىڭ ئاللاھىم!

UID
52741
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2013-6-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-22
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا قىلدىم خۇدايىم...

UID
49694
يازما
124
تېما
61
نادىر
0
جۇغلانما
124
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-20
توردا
62 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوراۋانلىقتىن تېنىچ نامايىشقا ئۆتكىنى ھۇشۇمنى تاپاي دىگىنى بۇ دەيۈزلەرنىڭ! ئەردۇغاننىڭ تاكتىكىسى ئۈنۈملۈك بولدى. ئەتە ئۆگۈن ئۆيىدە يېتىپ ئۇخلاپ چۈشىدە نامايىش قىلىدىغان بولىدۇ،بۇ نائاھلىلەر،ئىنشائاللاھ!

UID
53014
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-22
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل باھارنىڭ قەدرىگە يەتمەس،جاپا تارتمىغان ئاشىق ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس.دىگەندەك نىمىنداق قىلىدىغاندۇ بۇ خەلىق.ھەي!...

UID
4374
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
348
تىزىملاتقان
2010-8-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-20
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۇركىيەدە بولسام توسۇپ قوياتتىم ئۇ گۇيلارنى ;

باھا سۆز

SARKARDA1  شۇنداقمۇ سىلە سۇنۋۇكۇڭمۇيا بىر پۈۋلەپلا نامايىشچىلارنى قاترۇپ قويدىغان  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش