- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 884
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 19936
- تىزىملاتقان
- 2010-8-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-6
- UID
- 4227
- يازما
- 884
- تېما
- 27
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 19936
- تىزىملاتقان
- 2010-8-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-6
- توردا
- 330 سائەت
|
ئابلىز مۇھەممەت سايرامى
قىسقىچە مەزمۇنى : قەدىمقى مەركىزىي ئاسىيا خەلقىغە ئورتاق بولغان تائاملار شاھى پولو ـــ ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان ئەجدادلىرىمىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىدە ئىزچىل ساقلىنىپ كەلگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيا قارىشى، دىن ئېتىقادى، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادىتى، مېھمان كۈتۈش ھەمدە تائام تەييارلاش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە ئۇدۇم ياراتقان.
خەلقىمىز ئىچىدە «پولو»، «قويۇقئاش»، «گۈرۈچ ئاش» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بۇ قەدىمىي ئېسىل تائام ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ يېمەك − ئىچمەك مەدەنىيىتى تەركىبىدىكى ئەزىز مېھمانلارغا خاس ئالاھىدە تائاملىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان، ئىسمى − جىسمىغا لايىق «سۇلتان» لىق ھۆرمەت سالاھىيىتىگە ئىگە قەدىمىي تائام ھېسابلىنىدۇ.
پولو — دەرۋەقە تارىختىن بۇيان خەلقىمىز تۇرمۇشىدا ئومۇملاشقان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تەمى مەززىلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئۆزىگە خاس گۈزەللىك قىممىتىگە، ئېتنوگراگىيىلىك قىممەتكە، مەدەنىيەت قىممىتىگە ۋە تارىخىي قىممەتكە ئىگە. ئۇيغۇر يېمەك − ئىچمەك، غىزا − تائاملىرىدا بولۇپمۇ ئون نەچچە خىل پولولىرىدا دىيارىمىزنىڭ كېلمات ئالاھىدىلىكى، مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپ − ئادەت (فولكلور) ئالاھىدىلىكى، تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى، گۈزەللىك قارىشى، ساقلىق ساقلاش، تېبابەتچىلىك قارىشى، فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجى، پسىخىك ئېھتىياجى، قىممەت قارىشى قاتارلىقلار چىقىش قىلىنغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ پولولىرىنىڭ تۈرى ۋە تەمى ھازىرمۇ دۇنيادا شۇخىل تائام ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئالاھىدە ئەھۋال بەلكىم پولونىڭ كۆپ ئەسىرلەردىن بۇيان بىزنىڭ يېمەك − ئىچمەك تۇرمۇشىمىزدا ئىنتايىن چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، پسىخىكىمىزغا ۋە قان − قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك.
پولونى «غىزا − تائاملار سۇلتانى» دەپ ئاتاشتىكى سەۋەب، مېنىڭچە، ئۇ ئەڭ ئەزىز ۋە ئالىي ھۆرمەتكە سازاۋەر مېھمانلار ھۆرمىتىگە خاس سالاپىتى ۋە كاتتا ئابرۇيى بىلەن ئەزىز مېھمانلار داستىخانىغا قويۇلىدىغانلىقىدىن تاشقىرى، يەنە چوڭ − چوڭ مۇراسىم − مەرىكە، توي − تۆكۈن، نەزىر − چىراقلاردا، ئەجداد روھىنى سېغىنىپ ياغ پۇراتقاندا، يۇرت − جامائەتنى ئۆيىگە چاقىرىپ دۇئا − تىلاۋەت قىلغاندا، ھەتتا ھېيىت − نورۇز قىلغاندا چوقۇم داستىخانغا پولو قويۇلۇشى لازىملىقىدا بولسا كېرەك.
پولو ئادەتتە گۆش، ماي، سەۋزە، پىياز ۋە گۈرۈچتىن تەييارلىنىدۇ. ئاۋۋال گۈرۈچ سوغۇق سۇدا پاكىز يۇيۇلىدۇ، ئاندىن ئېھتىياجغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. گۆش چوڭ − چوڭ پارچىلىنىدۇ، سەۋزە قەلەمچە توغرىلىپ، پىياز سېلىنىپ ئۈچ − تۆت قورۇلغاندىن كېيىن تۇز، سەۋزە سېلىنىپ ئوبدان قورۇلۇش بىلەن سۇ قۇيۇپ ئوبدان قاينىتىلىدۇ. سۈيى پىشقاندىن كېيىن گۈرۈچ سېلىنىپ تەكشى قاينىتىلىدۇ. گۈرۈچ سېلىنغاندا ئالدى بىلەن ئارىلاشتۇرماي تەكىشى قاينىتىلىدۇ. ئاندىن ئۈستى قىسمى ئاز − تولا ئۆرۈپ − چۆرۈلۈپ ئاستىغا تېگىلمەيدۇ. گۈرۈچ يۇمشاق ھالەتكە كېلەي دېيىشى بىلەن دۈملىنىپ ئوچاق قىزىقلىقى ۋە قوغ تاۋىدا يېرىم سائەتچە تۇرغۇزۇلىدۇ. ئاش دەم يېگەندە مەززىلىك پۇراق كېلىدۇ. بۇ، ئاشنىڭ پىشقانلىقىنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. ئاندىن تۇۋاق ئېچىلىپ گۈرۈچ، سەۋزە تەكشى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، لېگەن ۋە باشقا قاچىلارغا ئۇسۇلىدۇ.
تارىختىن بۇيان ھەرخىل نېمئەتلەرگە باي، يېمەك − ئىچمىكى كەڭتاشا − مەمۇرچىلىق بۇ ئانا دىيار قوينىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇنىڭ ئەجدادلىرى ئۆز تارىخىدا كۆپ قېتىم كۆچۈپ − يۆتكەلگەن، كۆپ قېتىم دىنى ئېتىقاد ئالماشتۇرغان، كۆپ خىل تىل − يېزىق ئىشلەتكەن، كۆپ قېتىم ھاكىمىيەت − خانلىقلار تىكلەنگەن ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەت بىلەن ئۇچراشقان بولسىمۇ، ئەمما يېمەك − ئىچمەك، غىزا − تائام مەدەنىيىتىدىكى ئىزچىللىقنى يوقىتىپ قويمىغان. ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ گۈلتاجى − سۇلتانى بولغان پولونىڭ دىيارىمىزدىكى تارىخىي يىلتىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى تارىخ − ئارخېئولوگىيە مەنبەلىرى ئىزچىل دەلىللەپ كەلدى.
پولوغا ئالاقىدار ئارخېئولوگىيىلىك ماددى ئىسپاتلار
پولوغا ئالاقىدار ئارخېئولوگىيىلىك ماددى ئىسپاتلار دېيىلگەندە، ئەلۋەتتە، نەق پولونىڭ ئۆزى ئەمەس (ئەلۋەتتە، قەدىمكى قەبرىلەرگە قويۇلغان پولولارنىڭ نەچچە مىڭ يىللاپ قارا يەر ئاستىدا ساقلىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى)، بەلكى پولونىڭ ماددى ئاساسى بولغان گۈرۈچ − سەۋزە، چامغۇر قاتارلىق پولونىڭ ماددى شارائىتىنى ھازىرلايدىغان خۇرۇچلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ھازىرغىچە دىيارىمىزدا يۈرگۈزۈلگەن ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە قېزىشلار نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، دىيارىمىزدا ياشىغان قەدىمكى ئەجدادلار بۇغداي، تېرىق، ئارپا، قوناق، چۈچگۈن (سۆك)، گۈرۈچ قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنى، قىچا، زىغىر، كۈنجۈت قاتارلىق مايلىق زىرائەتلەر ۋە ھەرخىل پۇرچاق تۈرلىرىنى جۈملىدىن تۈرلۈك كۆكتات، مېۋە − چىۋىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ، تېرىپ ئۆستۈرۈپ ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى قىلغان.
A. پولونىڭ ئاساسى خۇرۇچى بولغان گۈرۈچ دىيارىمىزدا مىلادىيىنىڭ ئالدى − كەينىدىن ئېتىبارەن تېرىپ ئۆستۈرۈلگەن. مەسىلەن، 1995-يىلى ئارخېئولوگلار لوپنۇر ناھىيىسى تەۋەسىدىكى يىڭپەن قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشتا M19 نومۇرلۇق قەبرىدىن شال پاخىلىنى قېزۋالغان ①. قەدىمدە دىيارىمىزنىڭ ھاۋاسى ئىسسىق، سۈيى ئەلۋەك بوستانلىقلىرىدا گۈرۈچ تېرىپ ئۆستۈرۈلگەن بولسا كېرەك.
B. جوڭگونىڭ قەدىمكى تارىخنامىلىرىنىڭ «غەربىي يۇرت تەزكىرىلىرى» دە دىيارىمىزدا شال تېرىپ ئۆستۈرۈشكە ئالاقىدار بايانلار بار.
مەسىلەن، «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى، جىننامە، سۇڭنامە» (ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001-يىل نەشرى) نىڭ 425 − بېتىدە ئاگنى (قاراشەھەر) ھەققىدە توختىلىپ كېلىپ: «… خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەدىمكى ئەل … ئۇ يەرنىڭ ھاۋاسى سوغۇق، يېرى مۇنبەت، ئاشلىقتىن شال، سۆك، تېرىق، بۇغداي تېرىلىدۇ»، دېيىلگەن.
«سۈينامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» (ئۇيغۇرچە نەشرى) نىڭ1852-بېتىدە : «كۈسەن بەگلىكى … شال، تېرىق، پۇرچاق، بۇغداي، سېرىق مەرگمۇچ، قارىمۇچ، زىرە كۆپ ئۆستۈرىلىدۇ»… دېيىلگەن.
«ئۇلۇغ تاڭدىن غەربكە ساياھەت خاتىرىسى» نىڭ 3 − بېتىدە: «كۈسەن بەگلىكى … تۇپرىقى تېرىق، بۇغداي ئۆستۈرۈشكە باب كېلىدۇ، قىسقا غوللۇق شال بار ……»، دېيىلگەن.
«سۇڭ سۇلالىسى تارىخى. يات ئەللەر تەزكىرىسى» نىڭ 14123- بېتىدە: «كۈسەن بەگلىكىدىن شال، بۇغداي ۋە مېۋە − چېۋىلەر كۆپ چىقىدۇ»، دېيىلگەن.
«كىتابلار جەۋھىرى» نىڭ11299- بېتىدە: «كۈسەن بەگلىكى … شال، پۇرچاق، بۇغداي كۆپ …» دېيىلگەن.
«غەربىي يۇرتتا كۆرگەن − ئاڭلىغانلىرىم» دا:«غەربىي دىياردا ھەممە زىرائەتلەرنى تېرىشقا بولىدۇ، … ئەمما بۇغداي ئاق ئاشلىق ھېسابلىنىدۇ، شال − كېۋەزلەر ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ …»، دېيىلگەن.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، دىيارىمىزدىكى قەدىمكى شەھەر − قەلئە خارابىلىرى بىلەن كونا قەبرە − يادىكارلىقلاردىن قېزىۋېلىنغان ھەرخىل تىل − يېزىقلاردىكى ۋەسىقىلەردىمۇ شال تېرىغانلىق، بازاردا گۈرۈچ ساتقانلىق، ئالغانلىق، گۈرۈچ قەرىز بەرگەنلىك ۋە قەرىز ئالغانلىق، گۈرۈچنى باشقا نەرسىلەرگە ئالماشتۇرغانلىققا ئائىت ھېساب − كىتاب دەپتەرلىرى بىلەن ھۆججەت ، تىلخەتلەر تېپىلغان.
پولوغا ئالاقىدار خەنزۇچە تارىخىي خاتىرىلەر
ئۇيغۇر خەلقى قەدىمكى دەۋرلەردىن بۇيان ئەجداد − ئەجدادلىرىدىن داۋاملاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ كەلگەن ئېسىل تائام − غىزالار سۇلتانى پولو ئەجدادلار كۈندىلىك تۇرمۇشىدا، مۇراسىم − مەرىكە، نەزىر − چىراق، توي − تۆكۈنلەردىكى غىزا − تاماملىرى ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇش بىلەن بىللە، مىلادىيىنىڭ ئالدى − كەينىدىن باشلاپ يىپەك يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا دىيار ئاھالىلىرى ئارىسىغىمۇ تارقالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر پولولىرى خەنزۇچە تارىخىي خاتىرىلەردىمۇ تىلغا ئېلىنىشقا باشلىغان.
مەسىلەن، «كېيىنكى خەننامە. بەش ئانا سىر ھەققىدە» دە: «پادىشاھ ئالىيلىرى خەن لىڭدى غۇز ئېگىنلىرىنى، غۇز چېدىرىنى، غۇز كارۋىتىنى، غۇز ئورۇندۇقىنى، غۇز تائاملىرىنى، غۇز چەڭىنى، غۇز نېيىنى، غۇز ئۇسسۇلىنى ياخشى كۆرەتتى، ئاستانىدىكى ئېسىلزادىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى تالىشىپ كېتەتتى» ② دېيىلگەن. تارىختا ئوتتۇرا دىياردىكى كىشىلەر قويۇق ساقال − بۇرۇتلۇق، ئورا كۆز، قاڭشارلىق غەربىي يۇرتلۇقلارنى يەنى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «خۇلار»(غۇزلار − 胡人) دەپ ئاتىغان.
ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس رافائىل: «خۇ خېتى بىلەن ئاتالغان خەلقلەر خەن سۇلالىسىنىڭ ئادىتى بويىچە تۈركىي قەبىلىلەرنى كۆرسىتەتتى»③ دەپ يازىدۇ. دېمەك، خەن لىڭدى پادىشاھ ھېرىسمەن بولغان «خۇ غىزا − تائاملىرى» ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پولوسى بار ئىدى.
پولونىڭ غۇز تائاملىرىغا مەنسۇپلىقى ھەققىدە تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن قەشقەرلىق بۇددا ئالىمى، تىلشۇناس خۇيلىن «نوملار شەرھى» دېگەن ئەسىرىنىڭ 37-جىلدىدىكى «دارنىلار» نىڭ 12-سىدە : «پوشكال ئەسلىدە غۇزلارنىڭ يېمەكلىكىدۇر، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەر ئۇنى تەقلىد قىلىپ پىشۇرغان ۋە سەل ئۆزگەرتكەن. … غۇز يېمەكلىكى دېگىنىمىز پولو «罗 毕»، قوتۇرماچ «饼烧»، غۇز نېنى «饼胡» … قاتارلىقلاردۇر»④ دەپ خاتىرە قالدۇرغان. دېمەك، پادىشاھ خەن لىڭدى ياخشى كۆرىدىغان ئېسىل تائام پولو ئەينى ۋاقىتتا، خەنزۇ خەلقى ئارىسىدىمۇ خۇددى ئۇيغۇرلار ئاتىغاندەك، «پولو» (毕罗) دېگەن ئاھاڭ تەرجىمىسىدە ئەينەن ئاتالغانلىقى مەلۇم.
تاڭ دەۋرىدە يېزىلغان «يۇۋياڭ مەجمۇئەسى» دېگەن كىتابتا، تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەركىزى چاڭئەندە پولو (罗毕) ساتىدىغان ئاشپۇزۇللار بولۇپلا قالماي، بەلكى مەخسۇس پولو كوچىسىمۇ بار ئىدى، دەپ خاتىرىلەنگەن ⑤. شياڭ دا ئەپەندى: «پولو، سانسكرىتىچىدە Pilan ياكى pilow، pilai دەپ ئاتىلىدۇ. بىلو (罗毕)ئەمەلىيەتتە سانسكرىتچىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى» دەپ كۆرسىتىدۇ ⑥. بۇنىڭدىن باشقا، تاڭ دەۋرىدىكى قەشقەرلىك تىلشۇناس ئالىم خۇيلاننىڭ «نوملار شەرھى» دېگەن ئەسىرىنىڭ 73 − جىلدى ھېسابلانغان «دارنىلار»دا ئەينى زاماندا غەربىي يۇرتتىن ناندىن باشقا پولو قاتارلىق تائاملار ئىچكىرىىي ئۆلكىلەرگە تارقىلىپ كىرگەنلىكى ۋە ناھايىتى بازار تاپقانلىقى خاتىرىلەنگەن ⑦.
پولونىڭ تارقىلىشى ۋە تەرەققىياتى
لىڭ خۇ يازغان :«خەن، تاڭ دەۋرىنىڭ يېمەك مەدەنىيىتى تارىخى» دېگەن كىتابتىكى بايانلارغا قارىغاندا، دىيارىمىزنىڭ نان، توقاچ، قاتلىما، پولوسى، تاتلىق ئۇماچ، ھالۋا، ئۇزۇن چۆپ (ئۈگرىنى دېمەكچى) قاتارلىق ئۇندىن تەييارلىنىدىغان غىزا − تائاملىرى خەن دەۋرىدىن باشلاپ يىپەك يولى بويلاپ ئوتتۇرا دىيارغا تارقىلىپ كىرگەن. بۇ ئۇيغۇر غىزا − تائاملىرى دەسلەپتە خان − پادىشاھلار، ئوردا ئەمەلدارلىرى، پۇلدار − باي، ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسىدىكىلەرنىڭ بەس − بەستە كۆز − كۆز قىلىپ يېيىشىدىغان ئادىتىگە ئايلانغان بولسا، كېيىنچە پايتەخت جامائەتچىلىكى، ئاندىن پۇقرالارمۇ ئىستېمال قىلىدىغان ئادەتكە ئايلانغانلىقى مەلۇم.
غەربىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئەدىب شۇ جيې «غۇز تائاملىرى ھەققىدە قاپىيىلىك پروزا» دېگەن ئەسىرىدە كاۋاپ، پولو، نان، ئۈگرە ئاش قاتارلىقلارنى قالتىس گۈزەل مىسرالار بىلەن مەدھىيىلىگەن بولسا، «تەيپىڭ شىڭگۇ يىللىرىدا خان يارلىقى بىلەن تۈزۈلگەن كىتابلار قامۇسى» دا خەن دەۋرىنىڭ ئاخىرىلىرىدا ئۆتكەن جاۋچى شىمالىي دېڭىز تەرەپلەردە خۇ (ئۇيغۇر) تائاملىرى سودىسى بىلەن بېيىپ كەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. شەرقىي جىن سۇلالىسىدە ئۆتكەن داڭلىق خەتتات ۋاڭ يې ياش چېغىدا ئۇيغۇر تائاملىرىنى يەپ باققانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قاتلىمىسى، توقىچى، ھالۋىسى ۋە پولوسى قاتارلىقلارنىڭ ناھايىتى تەملىك، مەززىلىك بولىدىغانلىقىنى ئەسكە ئېلىپ ئۆتكەن.
«تاڭ دەۋرىدىكى چاڭئەن ۋە غەربىي يۇرت مەدەنىيىتى»(« 唐代长安与西域文明») ناملىق كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، تاڭ دەۋرىدىكى بىرقانچە كوچىلاردا ئۇيغۇر مەھەلىللىرى شەكىللەنگەن ⑧. بۇ ئۇيغۇر مەھەلىلىرى ناھايىتى ئاۋات بولۇپ، كېچە − كۈندۈز قاينام − تاشقىن كەيپىيات ۋە يېمەك − ئىچمەك سودىسى بەك قىزىپ كەتكەن. ئۇيغۇر مەھەللىرىدە پولو (罗毕)، چۆپ، بۇغداي ئېشى (سارماچۇق ۋە ئۈگرە)، نان − توقاچ، قاتلىما، شورپا ساتىدىغان داڭلىق ئاشپۇزۇللار، مەخسۇس پولوخانىلار (毕罗食店)، لوپنۇر ھارىقى، تۇرپان ۋە كۇچانىڭ ئۈزۈم ھارىقى دۇكانلىرى، مەيخانىلار، بەزمىخانىلار، مال − سارايلىرى، مېھمانخانىلار ۋە دەڭلەر بولغان. بۇ ئۇيغۇر مەھەلىلىرىدە ئۇيغۇر ناخشا − ئۇسسۇللىرى ۋە تىياتىرلىرى قويۇلۇپ تۇرغان⑨.
«ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» نىڭ 232 − جىلدىغا قارىغاندا، يېمەك − ئىچمەك جەھەتتە يەنىلا غەربىي يۇرتتىن يىپەك يولى بويلاپ لوياڭ، چاڭئەنلەرگە ئۈزۈلمەي كىرىپ تۇرغان ئۇيغۇر تائاملىرى بازار تېپىپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بولۇپمۇ قوي گۆشى باسقان مىزىلىك پولولار، چوشقا گۆشى، سۆك ۋە شوۋىگۈرۈچكە ئادەتلەنگەن خەلقلەر ئۈچۈن بىر خىل يېڭىلىق تۇيۇلۇپ، ئۇيغۇر پولولىرىنىڭ باھاسى ئۆرلىگەن، ساقال − بۇرۇتلۇق ئۇيغۇر ئاشپۇزۇل خوجايىنلىرى ھەسسىلەپ پايدىغا ئېرىشكەنلىكى مەلۇم.⑩
ئۇيغۇر تائاملىرى تاڭ سۇلالىسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئۈچ يۈز يىلغا (618 − 907) يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، ۋېي − جىن، جەنۇبىي − شىمالىي سۇلالىلەر ۋە سۈي سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاساسىدا پايتەخت چاڭئەن، لوياڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە داۋاملىق داڭق چىقىرىپ راۋاجلانغان ھەمدە تاڭ دەۋرى يېمەك − ئىچمەك مەدەنىيىتىگە مۇھىم تارىخىي تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى. ئۇيغۇر يېمەك − ئىچمىكىگە بولغان قىزىقىش تەيزۇڭ، گاۋزۇڭ، شۈەنزۇڭ پادىشاھتىن تاكى بەزى ۋاڭ، گۇاڭلارغىچە، ئايماق − مەھكىمىلەر ئەمەلدارلىرىدىن تاكى جەندە − كولالىق گاداي − پۇقرالارغىچە ئومۇمىي ئاھالە ئىچىدە بىر ئىجتىمائىي مەدەنىي ھاۋاغا ئايلانغانلىقى رۇشەن تارىخىي پاكىت.
سۇڭ سۇلالىسى (960−1279) دەۋرىگە كەلگەندە، ئۇيغۇرلار بىلەن سۇڭ سۇلالىسىنىڭ سودىسىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر يېمەك − ئىچمەكلىرى يەنە بىر زامان مودىغا ئايلانغان، بولۇپمۇ نان − توقاچ، قاتلىما، گۆشلۈك پولو قاتارلىق ئېسىل، مەززىلىك غىزا − تائاملار ناھايىتى بازار تاپقان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يۈەنلاۋنىڭ «شەرقىي ئاستانىدا ساقلانغان خاتىرىلەر» دېگەن كىتابىدا، شىمالىي سۇڭ خانلىقىنىڭ مەركىزى كەيفېڭنىڭ ئاۋات مەنزىرىسىنى تەسۋىرلىگەندە، كەيفېڭ شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئاشپۇزۇللىرىدا نان − توقاچلار، چۆپلەر، ھېسىپ − كاۋاپلار ۋە مەززىلىك گۆشلۈك پولولارنىڭ بازىرى ئىتتىك ئىكەنلىكى، كىشىلەر بەس − بەستە ئېلىپ يېيىشىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
موڭغۇل − يۈەن سۇلالىسى (1279 −1368) دەۋرىگە كەلگەندە تۇرپان ۋە بېشبالىق (ھازىرقى جىمسار ئەتراپى) تىن نەچچە ئون مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىچكىرىگە كۆچۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر غىزا − تائاملىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىچكىرىگە تارقالغان. ھەتتا موڭغۇللار ئوردىسىنىڭ ئاشپەزلىرى، مۇئەللىملىرى، تېۋىپلىرى ئۇيغۇردىن بولغاچقا، ئۇيغۇر تائاملىرى يەنىلا كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئېرىشكەن. بولۇپمۇ يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىدا تائام تەييارلاش ئۇستازى بولغان ھەم «تائام تەييارلاش دەستۇرى» ناملىق يېمەك − ئىچمەك ھەققىدە مەخسۇس كىتاب يازغان مەشھۇر ئۇيغۇر تائامشۇناسى قۇسقۇي ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئىچكىرىدە ئومۇملاشتۇرۇشتا كاتتا رول ئوينىغان.⑾
ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش لازىمكى، جۇڭگو يېمەك − ئىچمەك تارىخىغا دائىر خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، دىيارىمىزدىن ئوتتۇرا دىيارغا تارقىلىپ يەرلىك كىشىلەر تەرىپىدىن «罗毕» دېگەن ئاھاڭ تەرجىمىسىدە ئاتالغان تەملىك، مەززىلىك، يېيىشلىك ئېسىل تائام پولو دەۋرلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئوتتۇرا دىياردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ يېمەك − ئىچمەك ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇلغان، يەنى خام ماتېرىياللىرى، خۇرۇچلىرى، تەييارلاش ئۇسۇلى جەھەتتە ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ھەمدە پۈتۈنلەي شۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ تەم − خۇرۇچ ئادىتىگە ماسلىشىپ كېتىپ، ئەسلىدىكى ئۇيغۇرچە تەم − پۇرىقىنى ساقلاپ قالالمىغان، ھەتتا ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى، قەھەتچىلىك سەۋەبىدىن پەيدىنپەي ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم.
يۇقىرىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك ماددى ئىسپاتلار بىلەن تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ غىزا − تائاملىرى سۇلتانى بولۇپ كەلگەن مەززىلىك، يېيىشلىك، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئېسىل تائامى پولو ئىنتايىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. بۇ ئەنئەنىۋى غىزا ئۇيغۇرلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئىقلىمى، ياشاش شارائىتى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، ئىجتىمائىي ئەمگىكى، كۈندىلىك تۇرمۇشى، يېمەك − ئىچمەك ئادىتى، روھىيىتى، ئالەم قارىشى ھەتتا قەدىمكى ئۇرۇق − قەبىلىلەرنىڭ ئېتنىك رىجە − قائىدىلىرىگىچە چەمبەرچاس باغلانغان.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ يېمەك − ئىچمەك مەدەنىيىتىگە قوشقان تارىخىي تۆھپىسىنى ھەرگىز تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار ھازىرقى كۈندىمۇ غايەت زور يېمەك − ئىچمەك سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى خەلق − ئالەمگە ئايان. يېقىنقى يىللاردىكى خەلقئارالىق سودا − ئالماشتۇرۇشنىڭ گۈللىنىشى، يىلىغا مىليونلاپ مەملىكەت ئىچى − سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ دىيارىمىزدا سەيلە − ساياھەتتە بولۇشى، بولۇپمۇ ئۆرپ − ئادەت ساياھەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگىچە كېڭىيىشى ئۇيغۇر تائاملىرىنى خەلقئاراغا تونۇتتى. ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئىستېمال قىلىدىغان ئادەم كۆپ، تائام تۈرى جىق، تولىمۇ تەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك، تەم − پۇرىقى ئۆزگىچە بولۇپ مەملىكەت ئىچى − سىرتىدىكى نەچچە مىليون سەيلە − ساياھەتچىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلدى. ماھارىتى كامالەتكە يەتكەن ئۇيغۇر ئاشپەزلەر تائام پىشۇرۇش مەدەنىيىتىنى تارقاتقۇچىلار سۈپىتىدە جۇڭگو يېمەك − ئىچمەك مەدەنىيىتىگە ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇپلا قالماي، بەلكى بۈگۈنكى سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئۆز ماھارىتىنى كۆرسەتمەكتە.⑿ ھازىر مەملىكەت ئىچىدىكى مىڭلىغان شەھەر − بازارلاردا ۋە توكيو، لوندون، موسكۋا، نيۇيورك، پارىژ، ئاموستىردام، يېڭى دېھلى … قاتارلىق يۈزلەرچە خەلقئارالىق مەشھۇر شەھەرلەردىمۇ ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ داڭقى چىقىپ، ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىچە غىزا − تائاملىرى پۈتۈن دۇنياغا تونۇلىۋاتىدۇ.
ئىشىنىمىزكى، كەلگۈسى خەلقئارا سودا − ئالماشتۇرۇشنىڭ گۈللىنىشى، يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى، سەيلە − ساياھەتنىڭ ئاۋاتلىشىشىغا ئەگىشىپ تەملىك، مەززىلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك، پۇرىقى ئۆزگىچە ئۇيغۇر غىزا − تائاملىرى جۈملىدىن غىزا − تائاملار سۇلتانى بولغان مەززىلىك پولوسى دۇنيا بازارلىرىنى قاپلىغۇسى.
ئىزاھاتلار:
①②④⑤⑥⑦ ئىسراپىل يۈسۈپ، ئەنۋەر قاسىم: «غەربىي يۇرت يېمەك − ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخى»،2006-يىل مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى 124-، 511-، 319-بەتلەرگە قاراڭ.
③ رافائىل (ئامېرىكا): «جۇڭگو − ئىران توغرىسىدا»،1964- يىل 1-ئاي، سودا باسمىخانىسى خەنزۇچە نەشرى.
⑧⑨ ئابلىز مۇھەممەت سايرامىنىڭ : «تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە پايتەخت چاڭئەندە شەكىللەنگەن ئۇيغۇر مەھەللىرى» («شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1992-يىل 12-ئاينىڭ1-كۈنىدىكى سانىدا)، «ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسى پايتەختى چاڭئەندىكى سودا − تىجارىتى» («شىنجاڭ يېزا − بازار پۇل مۇئامىلىسى»، 1998- يىل 1-، 3-، 4- سانلىرىدا) ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك − ئىچمەك مەدەنىيىتى» («ئاسىيا كىندىكى گېزىتى»نىڭ1994- يىل 12-ئاينىڭ 22 − كۈنىدىكى سانىدا) قاتارلىق ماقاللىرىگە قاراڭ.
⑩ئابلىز مۇھەممەت سايرامىنىڭ «ئۇيغۇر پولوچىلىقى چاڭئەندە» («شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ1992-يىل 12-ئاينىڭ 16- كۈنى سانىدا) ناملىق ماقالىسىگە قاراڭ.
⑾ئابلىز مۇھەممەت سايرامىنىڭ «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئەدىپلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ 185 −189- بەتلىرىدىكى تائامشۇناس قوسقۇي تونۇشتۇرۇلغان ماقالىگە قاراڭ، 1991 − يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرى.
⑿ ماشىڭرېن : «ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق پۇشۇرۇش مەدەنىيىتى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش»، «غەربىي شىمال مىللەتلەر تەتقىقاتى»،1996- يىل 2 - سان، خەنزۇچە.
|
|