كۆرۈش: 1658|ئىنكاس: 9

ھاجىتىنى راۋا قىلايلى،ئەمما،غورۇرىغا تەگمەيلى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49694
يازما
132
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 19:07:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھاجىتىنى راۋا قىلايلى،ئەمما،غورۇرىغا تەگمەيلى!




ئادەمنىڭ تۇغۇلىشى تەبىئىي جەريان، ئەمما ئۆسۈپ يېتىلىشى بولسا، ئىجتىمائىي جەرياندۇر. شۇڭىلاشقا جەمىيەتتە ياشاش جەريانىدا، بىر-بىرىمىزگە ھاجىتىمىز چۈشىشى، بىر-بىرىمىزنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىشىمىز مۇمكىن. باشقىلارغا ياردەم قىلىش، ئۇلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش پەننىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ياخشى ئىش، دىننىي نوقتىدىن ئېيتقاندا ساۋاپ ئىش. بۇ جەمىيەتتە ياشاش جەريانىدا ھېچكىم ”مەن ھېچقانداق ئادەمگە موھتاج بولمايمەن، ھەممە ئىشىمنى ئۆزۈم قىلىپ، بارلىق قىيىنچىلىقىمنى ئۆزۈم ھەل قىلالايمەن“ دېيەلمەيدۇ. چۈنكى، دۇنيادا بارلىق ئىشلارنى تۇتقان ئەمىلىمىز ياكى تاپقان بايلىقىمىزغا تايىنىپ ھەل كېتەلىشىمىز ناتايىن. ھەتتا، پادىشاھ بولغان تەغدىردىمۇ ئۇنىڭ يەنىلا قول ئاستىدىكى كىشىلەرگە ھاجىتى چۈشىشى مۇمكىن. قارىماققا پادىشاھ قول ئاستىدىكى كىشىلەرگە بۇيرۇق بىلەن قىلماقچى بولغان ئىشىنى قىلدۇرماقچى بولغاندەك تۇرسىمۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ شەكلى ئوخشىمىغان ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۇسۇلىدۇر.

          جەميەتتىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇرەككەپلىشىشى، ئىش تەقسىماتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، بايلىقنىڭ تەقسىم قىلىنىشىنىڭ تەكشىسىزلىكى، تاسادىبىي ھادىسلەرنىڭ كىشلەرگە ئېلىپ كەلگەن بالايى-ئاپەتلىرى قاتارلىق ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى كۆز ئالدىمىزدا ھەقىقىي ھاجەتمەن كىشىلىرىمىز دائىم چىقىپ تۇرىۋاتىدۇ. مەسىلەن ئالايلى: ياشانغان، ئىگە-چاقىسى يوق كىشىلىرىمىز؛ئۆزى ياكى بالىلىرى ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ داۋالىنىشقا ئىمكانىيىتى بولمايۋاتقان كىشىلىرىمىز؛كۈچلۈك ئوقۇش ئارزۇسى بولسىمۇ، ئەمما ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە بولالمايۋاتقان سەبىيلىرىمىز؛ تەبئىي ئاپەتكە ئۇچىراپ ئىقتىسادىي جەھەتتە ۋەيران بولغان قېرىنداشلىرىمىز قاتارلىقلار ھەققىي ھاجەتمەنلەر قاتارىدىكى كىشىلىرىمىز ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردىكى ھاجەتمەنلىك ھەرگىزمۇ ئارقا ئىشىك يولى بىلەن سودا يولى ۋە باشقا غەيرىي يوللارنى ئېچىش، زۆرۈر بولمىغان ئىشلارنى شەخسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ. شۇڭىلاشقا، بۇ يەردىكى ”ھاجەتمەنلىك“نىڭ مەنىسىنى ياخشى ئېنىقلىۋىلىش بەكمۇ زۆرۈر.

           بىز يۇقىردا ھەقىقي ھاجەتمەنلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى سەۋەبلەرنى يۈزەكى كۆرسىتىپ ئۆتتۈق. ئەمدى بۇلارنىڭ ھاجەتلىرىنى توغرا ۋە ئۈنۈملۈك يول بىلەن ھەل قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى. مەيلى ھۆكۈمەت تەرەپتىن بولسۇن ۋە ياكى كوللىكتىپ، شەخىسلەر تەرپىدىن بولسۇن،  جەمىيەتتە ھاجەتمەن كىشىلەرگە ئۆزلۈكسىز ياردەم بېرىلىپ كېلىۋاتىدۇ. تېلېۋىزۇر ۋە مەتبۇئاتلاردا ”پالانى كىشى پوكۇنچىغا مۇنداق نەرسە بېرىپ ھال سورىدى، پالانى ئىدارە مانچىلىك پۇل چىقىرىپ پۇستانىغا مىھىر_شەپقەت يەتكۈزدى“دېگەندەك خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرۋاتىمىز. ھەر قېتىم مۇشۇنداق خەۋەرلەردە چىقىدىغان ئاشۇ ھاجەتمەن كىشىلىرىمىزنىڭ ئوڭايسىزلانغان تۇرقىنى كۆرسەم ئىچىم سېرىلىپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەيۇس ۋە مىسكىن چىرايىغا، غورۇرى سۇنغانلىقىنى چاندۇرۇپ بېشىنى تۆۋەن سېلىشلىرىغا قارىغان ھەر قانداق بىر ئادەم مۇشۇنداق تۇيغۇغا كەلمەي قالمايدۇ.    ياردەم بېرىش، ساخاۋەت قىلىش، باشقىلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ياخشى ئىش، لېكىن ”سەن نامرات، مەن باي بولغاچقا، بۇ نەرسىلەرنى ساڭا مەن بەردىم“دېگەندەك بۇنى خەلقى ئالەمگە جاكارلاپ بېرىشىمىزنىڭ زۆرۈريىتى بارمۇ-يوق؟ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھاجىتى راۋا قىلىنغانلارنىغۇ ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارغا كۆيۈنىۋاتقانلىقىنىڭ بىر خىل تەشۋىقاتى ۋە ياكى قىسمەن كىشىلەرگە ياردەم بەرگەنلىكىنى تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقىتىپ باشقىلارنى مۇشۇنداق خەير-ئېھسانلىق ئىشلارغا دەۋەت قىلدى، دەپ قاراپ توغرا چۈشەنسەك. ئەمدى ھەر خىل يوللار بىلەن قولىمىز ئازراق پۇل كۆرگەندىن كېيىن بىر نەچچە خالتا ئۇن بىلەن بىرەر قويىمىزنى تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن بىللە يەتكۈزۈپ بېرىشىمىز ھەققىي مەنىدىكى خەير-ئېھسانمۇ ئەمەسمۇ؟بۇ بىز قايتا-قايتا ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە. ئەلۋەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر ھېچكىمگە تۇيدۇرماي خەير-ئېھسان پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، داۋراڭ يولى بىلەن بۇ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش بارغانسىرى كۆپىيىپ بارماقتا. خۇددى بۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچكىم بۇنداق ئىش قىلىپ باقمىغاندەك، خەيىر-ئېھسان يېقىنقى ئون-يىگىرمە يىل ئىچىدە بارلىققا كەلگەن يېڭى شەيئىدەك تۇيغۇ بېرىلىشكە باشلاۋاتىدۇ. بۇ خىل قىلمىشلىرىمىزنىڭ ئالدى ئېلىنمىسا، ھاجەتمەن كىشىلەرگە نىسبەتەن ھاجىتىدىن كەلگەن بېسىمنىڭ ئۈستىگە قوشلاپ بېسىم چۈشۈرۈپ قويغاندەك بىر ئىش بولۇشى مۇمكىن.

نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق يول بىلەن ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىدىغان بولدۇق؟ ”بېيىغاندا ئۆز يۇرتداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى“ دېگەن قالپاقنى كېيىشمۇ؟ زامانىۋىي ئۇسۇلدا ئۆز يۇرتداشلىرىغا كۆيۈنۈشمۇ؟ جامائەت ئارىسىدا ئابروي-ئىناۋەت قازىنىشمۇ؟ بۇنىڭدىكى مەقسەت ياكى مۇدىئانىڭ قانداقلىقىغا ھۆكۈم قىلىش بىر ئاز قىيىن. بۇنداق دېسەم بەلكىم“ ئۆزۈڭ قىلالامايسەن، باشقىلار قىلسا كۆرەلمەيسەن؟“ دەيدىغانلار خېلى كۆپ چىقار. بۇ ئېنىق مەسىلە. ئەلۋەتتە،بۇيەردە ئۆزۈمنى ئاقلاپ،تەشۋىق قىلىپ ئولتۇرسام، مەنمۇ داۋراڭچىلارنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرگەن بولىمەن.          دىننى نوقتىدىن ئېيتقاندا، تاپقان بايلىقىمىزدىن يىتىم-يىسىر ۋە قولى قىسقىلارغا ھۆشىرە زاكات بېرىش بۇ بىزگە پەرھىز. مېنىڭچە، بۇ پەرھىزنى ئادا قىلىدىغانلار ئادا قىلمايدىغانلار چوقۇم كۆپ. ئەمدى ھەمىمىز ھۆشىرە-زاكاتنى باشقىلارغا كۆرسىتىپ بېرىشىمىز كېرەكمۇ؟ بۇ يەردە ”مەن پالانىغا مەلۇم نەرسىنى بەردىم، مانچىلىك بەردىم، پالانچى كۈنى بەردىم“دېگەن داۋراڭلار مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى، بىزنىڭ قانچىلىك بېرىشىمىزدىن قەتئىينەزەر چىن يۈرىكىمىزدىن چىقىرىپ خالىسلىق بىلەن تەقدىم قىلىشىمىزدا. شۇنىمۇ ئويلاپ بېقىش كېرەككى، بىز بەرگەن شۇ ئازغىنە نەرسىلەر بىلەن ھاجەتمەن كىشى پۈتۈنلەي بېيىپ كېتىشى ياكى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كېتىشى ناتايىن، ئۇ نەرسىلەر پەقەت ئۇنىڭ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقىنىلا ھەل قىلالايدۇ خالاس. ئويلىنىپ باقايلى،داۋراڭ بىلەن يەتكۈزگەن مىھىر-شەپقەتلىرىمىزنىڭ قىممىتىنى بەك يۇقىرى چاغلاپ كەتتۇقمۇ قانداق؟
بىر ۋاقىتتا،شىنجاڭ تىلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ”كۆڭۈلدىكى سۆز ”پروگراممىسىدا مىھرىبان ئانىلار كوللىكتىپىنىڭ قۇرۇغۇچىسى رەيھان ئاپپاي بىلەن ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھەسەنجان ئاكا ۋە تۇرسۇن ھەسەن ئاكىلار سۆھبەتتە بولدى. سۆھبەتتە ماڭا ئۈمىد غېنىنىڭ مۇنۇ گېپى بەك تەسىر قىلدى.ئۈمىد غېنى مۇنداق بىر سۆزنى ئوتتۇرغا قويدى:“بىز يادەمگە ئېرىشكۈچىلەرنى ئەمەس بەلكى،ياردەم بەرگۈچىلەرنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك،قىلغان ياردىمىمىز باشقىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە دەخلى قىلمىغان ئاساستا بولىشى كېرەك“، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەسەنجان ئاكا مۇنداق بىر مىسالنى ئوتتۇرغا قويدى“ مەن بىر ئىككى يىل بۇرۇن مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ تۆت-بەش بالىنى زىيارەت قىلدىم.بۇ بالىلارنىڭ ھەقىقەتەن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار،بۇ بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ“ بالام ساڭا بۈگۈن ياردەم قىلىمىز،سېنى تېلېۋىزۇر، گېزىت_ژورناللاردا ياردەم قىلدۇق،دەپ كۆرسەتسە خالامسەن؟دەپ سورىدۇم. قارىسام گەپ قىلماي تىرنىقىنى تاتلاپ ئولتۇرىدۇ. ”راست گەپ قىل، سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بەر“دېدىم. ھېلىقى بالا:مەن خالىمايمەن.پۇلنى ماڭا بەرمىسەڭلارمۇ مەيلى، ياردەم قىلمىساڭلارمۇ مەيلى،مېنى تېلېۋىزۇرلارغا چىقارماڭلار،دەپ جاۋاب بەردى. مەن قايتۇرۇپ نېمىشقا؟ دەپ سورىدىم. ئۇ بالا:سىلەر ياردەم قىلىپ كېتىسىلەر، سىلەر كەتكەندىن كېيىن، بالىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالساق، بىزنى دىۋانە،يېتىم ئوغلاق، دەپ ھاقارەت قىلىدۇ“ دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ بۇ مىسالنىڭ ئاخىرىدا قوشۇمچە قىلىپ ”بىز ھەتتا ياردەم قىلغان بالىلارنىڭ ئىسىملىكىنىمۇ ئېلان قىلمايمىز، ”مەلۇم بالا“دەپلا ئالىمىز دېدى.

              مېنىڭچە،باشقىلارنىڭ ھاجىتىنى ھەقىقىي مەنىدە راۋا قىلىش مانا يۇقىرقىدەك شەكىلدە بولغىنى ئەڭ ياخشى. باشقىلارغا خالىس ياردەم قىلىش ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى. ئەنىۋەر سەمەد قورغانننىڭ ”ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ئەخلاقى“ناملىق كىتابىنىڭ 143-ۋە 144-بەتلىرىدە مۇنداق بايانلار ئۇچىرايدۇ: ”ئۇيغۇرلار جەمىيەتتىكى باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ زورىيىپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇش ئاساسىدا، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز قۇدىرىتىگە يارىشائۆزىدىن كەمبەغەلرەك كىشىلەرگە ۋە ئىگە-چاقىسىز،يېتىم –يىسىرلارغا ياردەم قىلىش، مەجبۇرىيىتى بار دەپ قارايدۇ. بۇ ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ھەر بىر كىشىنىڭ يالغۇز دىننىي مەجبۇرىيىتىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى دەپ تونىلىدۇ. ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئەزەلدىن بۇيان بايلارنىڭ ، ھال كۈنى ياخشى كىشىلەرنىڭ كەمبەغەللەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش، يىتىم-يىسىرلەرگە ۋە ئاجىز ،ئىگە-چاقىسىزلارغا سىلە-رەھىم قىلىشى ئەڭ چوڭ ياخشىلىق دەپ تونۇلغان. بۇنداق تونۇش ئىسلام دىننىي شارائىتىدا تېخىمۇ كۈچىيىپ دىننىي مەجبۇرىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. ئىسلام دىنندا كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشىنىڭ ئاشكارا بولۇشتىن مەخپىي بولۇشى تېخىمۇ قۇۋۋەتلەنگەن………………“

               يۇقىرقى بايانلارنى تېخىمۇ قۇۋۋەتلەيدىغان مۇنداق بىر ھەدىس بار: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە مۇنداق دېيلگەن:يەتتە تۈرلۈك كىشى بار، قىيامەتتە قاتتىق ئىسسىق بولۇپ،ئەرشنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە يوق چاغدا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئەرشنىڭ ئاستىدا سايىتىدۇ“1)ئىمانى كامىل ئادىل پادىشاھ؛ 2)ياش چېغىدىن تارتىپ ئىزچىل ئىبادەت قىلغان كىشى؛3) قەلبىي داۋاملىق مەسچىتكە باغلانغان كىشى؛ 4)ئاللاھ يولىدا دوست بولۇشقان كىشىلەر؛ 5)بىر گۈزەل ئايال چاقىرسا، ئاللاھتىن قورقىمەن، دەپ تەلىپىنى قۇبۇل قىلمىغان كىشى؛6)سەدىقىنى ئىنتايىن مەخپىي ھالدا قىلغان كىشى؛ 7)خالىي بىر جايدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ ياش ئاققۇزغان كىشى“ (بۇخارى توپلىغان).

مانا مۇنۇ ئادەمدەك كوچىدا پۇل تارقىتىپ نام چىقىرىش كويىدا بولمايلى،بۇ جۇڭگۇدا خېلى ”نام چىقارغان ساخاۋەت ئىگىسى“دەم داڭلىق كارخانىچى





   دېمەك،مەيلى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ئەخلاق نوقتىدىن ئېيتايلى، مەيلى ئىسلام دىننىي شەرىئىتى نوقتىدىن ئېيتايلى. باشقىلارغا قىلغان ياردىمىمىز قانچە مەخپىي بولسا شۇنچە ياخشى. ئاخىردا دېمەكچى بولغىنىم، توغرا يول بىلەن پۇل تاپايلى! ئۇنى توغرا يوللارغا سەرپ قىلايلى!تاپقان مېلىمىزدىن تىگىشلىكنى ھاجەتمەن كىشىلەرگە خەير-ئېھسان قىلايلى!بۇ خەير-ئېھسانىمىز قەتئىي مەخپىي بولسۇن. ئۇلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلايلى،ئەمما غورۇرىغا تەگمەيلى!
مەنبە:
http://www.lopnuri.com/?p=2487

















قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
52741
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2013-6-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 01:22:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرەتكە ئىلىۋالمىسا،تەشۋىق ئۈچۈن خۇرۇچ ئىلىۋالمىسا بەرمەيدۇ ھازىر،ئەمەلىيەتتە تىمىدا دىيىلگەندەك بولىشى كىرەك ئىدى...

UID
4227
يازما
769
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
19821
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 09:43:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىۋىش چىقىرىپ يۈرمەي جىمجىتلا چۆنتىكىغا سېلىپ قويسىلا بولمىدىمۇ دەيمەن!

UID
49516
يازما
51
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
51
تىزىملاتقان
2013-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-30
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 10:04:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقى چىن دىلىدىن ئاللاھ يولىدا خەيىر ئىھسان قىلغانلارلا مەخپى قىلدۇ،ئوڭ قول بەرگەننى سول قول بىلمىسۇن دىگەن گەپ بار.

UID
51459
يازما
59
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
59
تىزىملاتقان
2013-5-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-6
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 11:20:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھەققەتەنمۇ   ئويلىنىشقا  تىگىشلىك بىر تېما بوپتۇ. تېما ئىگىسى سىزگە رەھمەت.         

ئىنسانلار ئىچىدە شۇنداق ئىھسان قىلغۇچىلار باركى . ئۇڭ قولىدا بەرگەن  سەدىقىنى  سول قولى بىلمەيدۇ.  دىگەن ئىكەن جانابىي ھەق.

UID
50039
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2013-5-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-28
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 16:28:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىلغان ياخشىلىقنى چىن قەلبىمىز بىلەن قىلالىساق، ئۇنى باشقىلارغا بىلدۈرۈپ  داۋراڭ قىلىپ كىتىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق . چۈنكى قايسى بىر كىشى ‹‹ قەلبتىن قەلبكە يول بار›› دىگەن ئىكەن . شۇ ياخشىلىققا ئېرىشكۈچىنىڭ قەلبى شادلانسىلا بولدى .

UID
31144
يازما
398
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
398
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
93 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 11:48:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئىسلامدىمۇ شۇنداق دىيلگەن ئىكەن ،بىزنىڭ بىر تۇغقان بارئىدى تاھازرغىچە بالىلاغا قىلغان ئىئانىلىرنى دەپ باقمىغان ئۆزى ۋە بىزلەرلا ئۇقۇمىز ،قارمايدىكى مىھرىبان ئانىلارغۇ قىتىلمدى چۇنكى بولسا قىلغان نەرسىنى مىھنەت قىلغاندەك بۇلۇپ قالىدۇ ئاللاھ راۋا كۆرمەيدۇ دەيدۇ !

باھا سۆز

nurjula  توغرا!  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 12:00:34

UID
4880
يازما
122
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
452
تىزىملاتقان
2010-8-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-25
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 12:01:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ئەمەسمۇ، تېلۋىزۇرغا چىقىمەن دىگەن ئىدىيە بىلەن ساخاۋەت قىلىدىغانلارمۇ كۆپىيىپ كەتتى ھازىر!

UID
4979
يازما
180
تېما
13
نادىر
0
جۇغلانما
4923
تىزىملاتقان
2010-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-29
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 16:43:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
47815
يازما
49
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2013-4-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 18:26:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلىنىشقا تىگىشلىك تىمىكەن.  مەن ئۆتكەندە ئاتۇشلۇق بىر ساۋاقدىشىمدىن ئاتۇشنىڭ شورۇغ دىگەن بىر يېزىسى بارلىقىنى، ئۇ يېزىدىكى كىشىلەرنىڭ بەكلا ئىجىل-ئىناق ئىكەنلىكىنى، ئۇلۇغ ئايلاردا ئۆشرە-زاكاتنى كىچىسى بىلىندۈرمەي قوشنىسىنىڭ ھويلىسىغا ئەكىرىپ قويۇپ چىقىپ كىتىدىغانلىقىنى، ھەتتا ھويلا-ئاراملىرىنى ياسىغاندىمۇ قوشنىسىنىڭ ئۆيىنىمۇ بىللە ئوخشاش شەكىلدە قىلىپ ياسايدىغانلىقىنى،  ئۆزىنىڭ قولى پۇل كۆرسە قوشنىسىنىڭ بالىسىنمۇ ئۆزىنىڭ بالىسى بىلەن بىللە شۇ سودىغا كىرىشتۈرۈپ ئىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ قويىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئاشۇ يېزا ئۆز ئىچىدىن ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولىدىغانلىقىنى، شۇنداق بولغاندا تېخىمۇ ئىناق ئۆتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش