كۆرۈش: 192|ئىنكاس: 2

ۋەتەن مۇھەببىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
52611
يازما
8
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2013-6-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 23:20:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەتەن مۇھەبىتتى   
(ئېمىل دۇلقىنى)         
(  دۇنيادا  ئەۋلاتىن-ئەۋلاد زوق-شوق  بىلەن كۇيلەپ  تۇگەتكىلى  پۇتۇن ماھارىتى  بىلەن يېزىپ پۇتتۇرگلى بۇلمايدىخان  بىرلا نەرسە  بار.ئۇ بولسىمۇ ،ئۆزىنىڭ جانىجان  ۋەتىنى ھەققىدە يىزىلخان  قامۇستۇر  ،)                                        ئادالەت،  ھىبىبۇللا ،   
1،قىسىم                  
       چەتكە  قىچىش،   

مىلادىيە 1962،يىلى 4،ئاي،ھەر كۇنى چۇشتىن كىيىن چىقىدىخان شامال، بو تۇپىلىق بازارنىڭ توپىلىرىنى ئۇچۇرۇپ ئادەملەرنى بىزار قىلاتتى، يامخۇر ياغماي ، شامال  دەستىدىن يەرلەر قۇرۇپ قۇرغاقچىلىق بولۇشنىڭ بىشارىتىنى بىرەتتى،تارباغاتاي، ئورقاچار، بارلىق تىخىنىڭ ئويمانلىقخىا ئېمىل  دەرياسىنىڭ ۋادىسىخاجايلاشقان  بۇ  ناھىيدە شۇ چاغدا كىشىلەر كۇڭلىنى .ئەنسىزلككە  سالخان چەتكە  قىچىش  ۋەقەسى  يۇزبەردى،4،ئاينىڭ 20،كۇنى  ناھىيە بازىرىنىڭ  ئاۋات يىرىگە  ،ياۋرۇپاچە سىلىنخان  خەلق كىنوخانىسىنىڭ.ئېچى ناھىيە  كۇلۇمىدىكى ئىدارە-جەمىيەت،كارخانا ،ئىشچى-خىزمەتچىلىر  ى بىلەن  لىققىدە  تولخان .ئىدى، رەئىس  سەھىنىسگە  قاتار  تىزىلخان  ئۇستەللەردە ناھىيە رەھبەرلىرى  ئولتۇراتتى،يىخىنى پارتكومنىڭ  مۇئاۋىن  سىكىرتارى  سىمايىل  باشقۇرۇپ،   يىخىنىڭ  ئىچلخانلقنى جاكارلاپ، سۆزىگە ناھىيە  ھاكمى  تۇرسۇنى   تەكلىپ  قىلدى،ئۇ سۇزىدە  ھازىر  ناھىيە  كۇلىمىدە  يۇز بىرۋاتقان ئاممىنىڭ  چەتكە قىچىش  توغۇرىسىدا  سۇزلەپ،  كەڭ  كادىر -  ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ  سەپەرۋەرلككە كىلىپ  ئۇلارغا نەسىھەت  قىلىش توغىرىسىدا  ئۇزۇن  سۆزلىدى، ئۇنىڭ سۆزىدىن كىيىن ۋەتەنپەرۋەر  زات ناھىيىنىڭ  مۇئاۋىن  ھاكىمى  مۇقامەتقالى  سۆزلىدى،ئۇ-مۇشۇ قىتىمقى  چەتكە  قىچىش  ۋەقەسى  بىر  خىل سۇيقەست،بۇنى  ئىدىيدە ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز بۇ ھەر   -بىر  ئادەملەر ئۇچۇن  بىر  سىياسى  سىناق دەپ كىلىپ  بەزى  رەھبىرى كادىرلارنىڭ  ئاممىخا تەربىيە  بىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە ئاممىنى  قۇتۇراتقۇلىق قىلخانلىقىنى  ئەيپلىدى،بۇلۇپمۇ  ئاق قوي نەسىلىك  فىرمىسىنىڭ  باشلىقى نەبىينى  تىلخا  ئىلىپ  تەنقىتلىدى، يىخىن  مەيداندا  غۇلخۇلا ئۆز-ئارا  پىچىرلاشلار  كۇپەيدى،
       كىلوپنىڭ ئالدىدىكى ئگىز ئۆسكەن تىرەكلەر ئارىسىدا  بىر  توپ ياشلار قىزغىن  مۇنازىرىگە  چۇشكەن  ،ئۇلار  ھازىرقى  قىزىق  نۇقتا  بولخان چەتكە  قىچىش توغرىسىدا مۇنازرلىشىۋاتاتتى،ئۇلارنىڭ  ئارسىدىكى  ئورتا بوي  ئاق پىشماق  بۇدىرە چاچ ئابلەت  ئىسىمىلىك  سۇزلەپ –ئاغىنىلەر  ئەندى  پۇرسەت  كەلدى،  سۇۋىتلەر  سايوزى  بىزنىڭ  كىلىشىمىزنى  كۇتمەكتە،  بۇيەردەئاچ توق  قاچانخچە  يۇرۇمىز  بولكا نانلار  بىزنىڭ  كىلىشىمىزنى  كۇتمەكتە،-ئۇ تۇغىرا  دەيدۇ ئگىز قارا  كەلگەن  ئەلاخۇن  ئۇنىڭ  گىپىگە ئۇلاپ  سۇزلەپ  - كىتەيلى ئەندى ۋاقىتنى  كەينىگە  سۇرمەيلى،ئۇلار  بەس –بەستە  سۆزلىمەكتە، يەنە  بىرسى  مەن كەتمەيمەن  بۇيەردە  قىرى ئاتا-ئانام  ،تۇققانلىرىم تۇرسا  ،ئۇ يەردەھىچكمىنى تۇنۇمىسام يەنە بىرسى - ھەي  ئاخماق  بىز  بىرىپ  ئورۇنلىشىپ  ئۇلارنى  ئەكىلىۋالىمىز، ئۇلارنىڭ  مۇنازىرىسى  قىزىماقتا  ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدا  بىر  توپ ئۇششاق باللار  ئۇلارنىڭ پارڭىخا  قىزىقسىنىپ ئاڭلاپ  قاراپ  تۇراتتى، شۇ باللار ئىچىدە  پىقىرمۇ  بار ئىدى،قىچىش ئەۋجگە  چىقتى،ئالدى بىلەن  ناھىيە  بازىردا،شۇ چاغدىكى ئۇيخۇر- قازاق  ئورتا مەكتىۋىنىڭ مۇئەللىمى  جۇماش  توسقانخاقا   نەسىھەتكە  قارىماي ئائىلىسى  بىلەن قاچتى،ناھىيە  بۇيچە  قاشقانلار  كۇپۇيۇشكە  باشلىدى،ناھىيلىك  نەسىلىك  ئاق  قوي  فىرمىسىنىڭ  باشلىقى  نەبىي چىگىرىخا  يىقىن بۇلۇشتەك  ئەۋزەلىگىدىن  پايدىلىنىپ،بىر  تۇركۇم   مالچىلارنى  ۋە فىرمىنىڭ  خىلى  كۇپ  ماللىرىنى ھەيدەپ  قاشتى،بۇنداق  ئىشلار  باشقا  ئورۇنلاردىمۇ  كۇپۇيۇشكە  باشلىدى،ناھىيلىك ھۇكۇمەت  تەدبىر قوللۇنۇپ  بىڭتۋەن- ھەربىلەرنى چىگىرا  ئىخىزلىرىخا ئورۇنلاشتۇرۇپ  ئالدىن –ئالخان  بۇلسمۇقىچىش بۇنىڭ بىلەن  توختاپ قالمىدى، كۇندۇزى  توسسا-كىچىسى  قاشتى،4،ئاينىڭ ئاخىرىخا كەلگەندەبەزى گۇڭشە فىرمىلاردا كۇلكىتىپ قىچىش  ئەھۋالى يۇز بەردى،4،ئايىنىڭ ئاخىرىدا چىگىرا  تاقالدى،  لىكن بەزى  ئورۇنلار  ( ئۇدارنىك  گۇڭشە، دۇڭفىڭ گۇڭشىدا  بەزى  ئەتىرەتلەر چىگىرا  يىپلسىمۇ  ئشەنمەي  بىرىپ  نۇرغۇن  زىيانلارنى  تارتتى،  مۇشۇ قىتىمقى چەتكە  قىچىش  ۋەقەسى  ،دۇلەت ،شەخسىگە نۇرغۇن ئورنىنى  تۇلدۇرغۇسىز  زىيانلارىنى ئەكەلدى  يەرلەر  ئاق قالدى،ماللار  ئگىسىز قالدى ، بەزى  ئورۇنلاردا  ياشلار قىچىپ  قىرى بۇۋاي-مۇمايلار قالدى،تۇل خۇتۇنلار  ئەتىرەتلىرى  بارلىققا  كەلدى،شۇ چاغدىكى مەلۇماتتا  ھۇكۇمىتىمز جاريالخان سان ،تارباغاتاي،ئىلىدىن  بۇلۇپ  60مىڭنىڭ ئۇستىدە   ئادەم چەتكە  قىچىپ كەتكەن  دىيلىگەن،نىمە  ئۇچۇن  شۇنچىلىك  ئادەم، بەزىلەر ئۆي-ئىچى  ئائىلىسىنى  تاشلاپ  قاچىدۇ؟مىنىڭچە  بۇنى ئۇچ  تەرەپكە  يىخنچاقلاش  كىرەك  دەپ  ئويلايمەن،                 1،دۇشمەن كۇچلەرنىڭ  قۇتۇرتىشى،بۇلۇپمۇ سۇۋىت ئىشپونلىرىنىڭ تەتۇر تەشۋىقاتى، .ئۇ چاغدا  ناھىيلەردمۇ ئۇلارنىڭ ئىش بىجىرىش ئورنى بار ئۇنى (بىيدىيال) دەپ ئاتايتى،ئۇلارنىڭ  تەتۇر تەشۋىقاتى  ئاممىنى   بىر مەھەل قايمۇقتۇردى،                                                         2. شۇ  چاغدىكى  ئۇچ  يىللىق  تەبئى ئاپەت،كەلتۇرگەن  زىيانلار،خەلق تۇرمۇشتا بەكمۇ قينالدى،چوڭ قازان تامىقى،ئاچارچىلىق  3، بىزىنىڭ شۇ ۋاقىتىكى تەشۋىقاتمىزىدا سۇۋىت ئىتتىپاقىنى ھەددىن  زىيادە  كۇپتۇرۇپ ماختاش،ھەتتا ئۇلارىنى كۇمۇنىيزىمخا  يەتتى  دەپ  كۇپتۇردۇق،ئەزەلدىنلا ئۇلارنىڭ تەسىرى بار ،بۇ رايوندا،خەلقىنىڭ ئۇلارغا  چۇقۇنىش ئىدىيىسى بەك  كۇچلىك،  بۇلۇپمۇ  ياشلاردا،مانا  مۇشۇنداق  ئامللا ر ئادەملەرنىڭ  قىچىشخا تۇرتكە  بولخان ئامىلمىكىن دەپ  قارايمەن.62،يىلىقى چەتكە قىچىش ۋەقەسىدىن  كىيىن  ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يىرىگلىشىپ دۇشمەنلىك  دەرىجسىگە  يەتتى،       (دۇنيادا  مەڭگۇلىك دۇست، مەڭگۇلىك  دۇشمەن بۇلمايدۇ)  دىگەندەك  ئككى قىرىنداش  سوتسىيالىستىك  مەملىكەت ئۇرۇش  ھالىتىگە ئۆتتى،ھەر ئككى  تەرەپ كۇپلىگەن ھەربىلەرنى  چىگىرىخا يۇتكىدى،68،يىلى سۇۋىت  تەرەپ چاغانتۇقاي  ناھىيسىنىڭ  چىگىرىسدا  قوي  بىقىۋاتقان بىڭتۇانلىك بىر ئايالىنى  ئىتىپ ئۆلتۇردى،ئۇنىڭىخا ئۇلاپلا  تىرەكتى  ۋەقەسى بۇلۇپ ھەر ئككى  تەرەپتىن ئۇرۇشتا ئادەملەر ئۇلۇش  يارىلىنىش  ئەھۋاللىرى  كۇرۇلدى،   دۇلتىمىز 62،يىلىدىكى  ۋەقەدىن كىيىن  ئىچىكى تەرەپتە  سۇۋىت  گىراجدانلىرىنى  زورلۇق بىلەن  چىگىرىدىن  چىقىرۋەتتى،چىگىرا  بۇيدىكى گۇڭشە،  فىرمىلارنى  ئىچ  تەرەپكە  يۇتكەپ ،بىڭتۇاننى  ئۇلارنىڭ  ئورنخا ئورۇنلاشتۇردى،شۇ  ئارقىلىق بىڭتۇەن ،ھەربىلەردىن تەركىپ  تاپقان چىگىرا  قورغىنى  ھاسىل  قىلدى، ماۋزىدۇڭ  جۇشى-  ( شىنجاڭخا ئاساسى خەۋىپ،  سۇۋىت ھازرىقى  زامان  شۇجىڭجۇيچىلاردىن كىلدۇ )  ،دەپ كۇرسەتتى،ۋەقەدىن  كىيىن  چوڭ تازىلاش ئىلىپ  بىرىلىپ  .شۇ چاغدا  قۇتۇراتقۇلىق  قىلخان،ئادەملەرىنى  ئاممىنىڭ پاش قىلىشىخا ئاساسەن قولخا ئالدى  ، ئالدىنى  20يىل، كەينىنى تۇرتتە- بەش يىل سوتلىدى، بۇلارنىڭ  ئىچىدە  سابىق  ئالخا  گۇڭشە  سىكىرتارى  تۇرسۇن بايجۇما،  دۇڭفىڭ گۇڭشە سىكىرتارى  قالىياسقار  قاتارلىقلار  بار ئىدى،            65، يىلخا  كەلگەندە ئېمىل  ناھىيسىنى  نۇقتىلىق  ئورۇن  قىلىپ  ،خىللانخان  خىزمەت  ئەتىرىتى  ئەۋەتىپ سوتسىيالىستىك تەلىم –تەربىيە  ھەركىتى  ئېلىپ  بىرىلىپ (  سىنىپى  كۇرەشىنى  تۇتقا قىلىش ) سۇۋىت شۇجىڭجۇيچىلارنىڭ   ئىشىپيۇنلىرىنى  قىقىپ  قۇيخان قۇزۇقلىرىنى   تازىلاش  ھەركىتى  قانات يايدۇرلدى،  بۇ ھەركەت 66،يىلىقى ئاتالمىش  مەدىنىيەت  ھەركىتىگە  ئۇلۇشۇپ  نۇرغۇن  ياخشى  كادىر  ۋە  ئاممىخا  زىيانكەشلىككە ئۇچراپ  تۇرمىلەردە  ياتتى  بىگۇنا  ئادەملەرگە زىيانكەشلىك قىلىنىدى،بۇ جەرياندىمۇ ئاندا-سانداچەتكە قىچىش  ئەھۋالىرى كۇرۇلدى، ھەر  خىل سەۋەپلەر ، ئۇلارنىڭ  قىچىشىنىڭ  سەۋەپى  بۇلارنىڭ  بەزىلىرى  قايتۇرلدى، بەزلىرى شۇ يەردە ئورۇنلۇشۇپ  قالدى،  مەن  بىر نەچچە  مىسال كەلتۇرەي،                                                             ئالدىيارقان   -

ئالدىيارقان ،بەستلىك كەلگەن شاپ بۇرۇتلىق خۇش پىچىم  ئادەم بۇلۇپ قازاقىنىڭ نايمان قەبلسىدىن،ئۇ ناھىيە بازردا كىراكەشلىك  قىلاتتى،    1968،يىلى  ياز ئايلىرىدا كەشقۇرۇن تاماق  ئىچىپ  ئولتۇراتتى ،ئۇيگە بىر توپ  ئادەم باستۇرۇپ  كىلىپ ئۇنى  تۇتۇپ  باغلدى، نىمە ئىش    ئكەنلىكىنى  ئاڭقىرالماي  قالخان  ئايالى ۋە  باللىرى  -نىمە ئۇچۇن ھىچنىمىدىن ھىچ نىمە  يوق  تۇتسىلەر؟كەلگەنلەر  ئۇلارغا  ۋاقىراپ  -     ئۇ  دىگەن  ئشپيۇن  دەپ  تۇسقانخا  قارىماي  سۇرەپ  مىڭشتى،.ئۇلار ئۇنى  بازارلىق  ھۇكۇمەتنىڭ  كەيىنىدىكى  ئۆزلىرى قۇرۋالخان  تۇرمىگە  قاماشتى،تۇن نىسپدىن  ئاشقاندا  سۇراق  باشلاندى،-مەسىلەڭىنى     تاپشۇر ئۇلار  ساڭا قانداق  ۋەزىپە بەردى.  گاڭگىراپ  قالخان  ئۇ-     نىمىنى  تاپشۇرۇمەن،؟سۇۋىت  شۇجىڭجۇيى  ساڭا قانداق  ۋەزىپە بەردى  سىلەرنىڭ  ئۇ  تەشكىلاتىڭلاردا  يەنە  كىملەر  بار؟ساڭا  ئىككى يۇل بار  بىرسى  يۇۋاشلىق بىلەن  جىنايىتىڭىنى تاپشۇرۇش،  يەنە بىرسى   ئۈلۈم ،ئۇ  مەن  بىر ئاددى  كىرا قىلىپ جان باقىدىخان ئادەم ،ئۇلار  مىنى نىمە قىلار  سىلەر  خاتالاشتىڭلار،ئۇلار  بۇ گەپىنى ئاڭلاپ تىخمۇ    تىرىكىپ -،سىنىڭ  ئاناڭ  تۇققانلىرىڭ 55،يىلى  گىراجدان بۇلۇپ كەتكەن سەن  نىمىشقا ئۇلار  بىلەن كەتمەيسەن، سەن چۇقۇم ۋەزىپە      ئىلىپ  قالخان  باشقىلار  سىنى  پاش  قىلدى، ھىچ نىمىگە ئىرىشەلمگەن  ئۇلار  ئۇنى  قاتتىق  ئۇرۇپ قينىدى، بۇنداق  قاتتىق  قىيناش  بىر  نەچچە  قىتىم  بۇلدى،شۇ چاغدا  ناھىيە بازىردا  شەرقى تۇركستان ئونسۇرى  دىيلىگەن  ئىككى  ئادەم  ئۇرۇپ  ئۆلتۇرلدى،بۇ  خەۋەرنى ئاڭلىخان  ئالدىيارقان بۇ  ئىشىنىڭمۇ  ئۆز بىشىخا  كىلدىخانلقىنى  ئويلاپ   قانداق  قىلىش  كىرەك  ئۇلۇمىنى  كۇتۇپ  يىتىش كىرەكمۇ؟ ياكى جانى ئالىقانخا  ئىلىپ قىچىش  كىرەكمۇ ؟  ئۇ  كۇپ ئويلاش  ئارقىلىق  كىيىنكى  يولنى  تالدى، مەلۇم كۇنى كەچقۇرۇن تالادا  سىم-سىم يامخۇر      يىخىۋاتاتى ، قاماقتىكىلەرمۇ  تاماق  يىشىۋاتاتى ، ياخىشى  پۇرسەت    ئكەنلىگىنى   بىلگەن ئالدىيارقان تۇساتتىن  ۋاي  قوسقۇم ئاغىرىپ      كەتتى ،دەپ  يەردە  دۇمۇلاپ ۋايجان دەپ ۋاقىرغىلى  تۇردۇ،  نمە     ئىش  ئىكەنلگىنى  بىلەلمىگەن   قارغۇچىلار  زۇيا ئىسىمىلىك  بىر      ئايالىنى   تارەتخانخاغا ئاپىرىشىنى  بۇيردى، بۇ       پۇرسەتنى  غەنمەت    بىلىپ،  ئۇ  ئەسكى  تەرەتخانىڭ  تاختىينى   بۇزۇپ  قىچىپ  چىقىپ   يۇلنىڭ  تۇغۇرسىخا  ئۆتۇپ، سۇ           ئىقىۋاتقان ئەسكى  كۆرۇك  ئاستخا    يۇشۇرنىۋالدى،شۇ ئارلقىتا   ئالدىيارقان  قىچپتۇ  ئىزدەڭلار  دىگەن     ئاۋازلار  تۇش-تۇشتىن ئاڭلانخىلى تۇردى .ئۇ  كۇرۇك ئاستىدا  تۇن-   نىسىبىگىچە  يىتىپ ،     ئەتراپ  بىسىقاندىن  كىيىن چىقىپ ، تارباغاتاي    تېخى يۇنىلىشگە  قاراپ ماڭدى، ئۇ  مىڭ –جاپالارنى  چىكىپ  ،يۇشۇرۇن  يول       مىڭىپ ئەتسى  چۇشتىن كىيىن چگىرىدىن ئۆتتى،                     مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى  ئەۋج ئالخان  يىللاردا  چۆچەك،  ئىمىل       ناھيسىدىن  يۇشۇرۇن قاچقانلار   بۇلدى،71،يىللىرى  جۇنگۇۋە نخۇي    ئىدارە   قىلخان   ،ۋاقىتلاردمۇ  قىچىش ئەھۋالى  يۇز بەردى ، ۋىلايەتلىك  ساقچى -    ئىدارىسىنىڭ  سابىق  بۇلۇم  باشلىقى ،     رۇزى  تۇرمدىن  قىچىپ  -      كەتتى ، بۇيەردە  دۇشمەن         كۇچلەرىنىڭ   قولى بارمۇ  قانداق؟         سوتلانخان ئادەم  قانداق  تۇرمىدىن  قاچدۇ؟                                                  80يىلى  ئىمىل  ناھىيسىدە ئۇچ  ياش بالا  خۇتۇن باللرى بىلەن     قىچىپ  كەتتى،  بۇئەخمەقلارنىڭ ئشلىرىنى  مەن  يىزۋاتقان ، ئەسىرمىنڭ     2،قىسىمدا  تەپسىلى  سۇزلەپ  بىرەي،                                     ھۇرمەتلىكىك  ئوقۇرمەن  قىرىنداشلار بىرىنچى  قىسىمىنى  مۇشۇيەردە    تۇختۇتمەن ،2.قىسىمدا ئۇلارنىڭ  بۇ دۇنىيادىكى  جەننەتكە  بار غاندىكى  قىسىمەتلىرى  ھەققىدە تۇختۇلمەن، قىزىقسىڭىز ئوقۇپ  بىقىشىڭلارنى  تەۋسيە  قىلمەن  ، بۇ بىر  ھەقىقى  تارىخ، رەخمەت ،

ئاپتۇردىن،   داۋامى بار ئىنكاس شەكلدە يوللايمەن،

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
52611
يازما
8
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2013-6-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 23:55:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2،قىسىم                         ( سەرگەندانلار )                                     مىلادىيە 1990،يىلى 3،ئايىنىڭ 26،كۇنى،چۇشتىن كىيىن قورغاس ئخىزىدىن  سابىق سۇۋىت ئىتىپاقىخا ماڭخان ئاپتۇبوز ئونبەش مىنوت ئەتراپىدا،يوغان دەرۋازا ئالدىدا توقتىدى،باشلىردا    قۇلاقچا  ،ئۇتۇك كىيگەن    سولداتلار قۇللىردا  تۇتۇۋالخان ئاپشاركا   ئىشتىلىرى  بىلەن تىك  تۇراتتى ،ماشنا ئاستا كىلىپ  تامۇجنا  ئورۇنلاشقان  بىنا ئالدىدا  توقتىدى،   ئاپتۇبۇز  ئىشىكى ئىچىلىشى      بىلەن  مەن ئالدىدا  تۇرغانلقىتىن بىرىنچى بۇلۇپ مەن  پەرگە        قۇيۇلخان ھەرە ئۇۋىندىسى   سىلىنخان ، يەشىكە           دەسسىمەي   سەكىرەپ  ئۇتۇپ كەتتىم، شۇئان      بىر  سۇلدات  كىلىپ            ماڭا  بىر  نىملەرىنى دەپ رۇسچە سۇزلەپ  كەتتى،  مەن نىمە      گەپ    لىكىنى ئاڭقىرالماي  تۇرۇپ قالدىم،  شۇ چاغدا ئاق      خالات    كەيگەن      ئورتا ياشلارغا كەلگەن ئاق سىمز   بىر  ئويخۇر ئايال  ئۆيدىن چىقىپ ماڭا- سىز  ئاپتۇبۇزغا چىقىپ  ، ئاۋۇ  يەشكدىكى    نەرسلەرگە           دەسسەپ  چۇشۇڭ دىدى، مەن غۇدۇڭشۇپ-   يىرىڭلار  بەك ئەزىز ئوخشىمامدۇ بىز زەھەر دەسسەپ كەلمۇدۇق دەپ چىقىپ، شۇ بۇيچە  چۇشتۇم،   قاتار ئۈچىرەتتە تۇرۇپ  تامۇجىنىڭ  رەسمىيەتلىرىنى  ئۆتەشكە باشلدۇق،  ئاپشاركا ئشىتلار  يۇكلىرىمىزنى  پۇرايتتى،ئاپتۇبۇس يەركەنتكە قاراپ،ئۇچقاندەك  كىتىۋاتدۇ،       مەن   قىزىقش ئىچىدە  كۇزۇمىنى ئۇزمەي  سىرتقا قارۋاتىمەن،  چە كسىز      كەتكەن داللار  ئىتىزلقىلار  قۇي –كاللار  يىيىلىپ   يۇرمەكتە،       يەركەنتكە  كىلىشىمىز  بىلەن  دادامىنىڭ  نەۋرە سىڭلىسى،          ئەۋەتكەن  ھۇرنىسا  ئىسىملىك  ئايال  قولدىكى       رەسىمگە قاراپ      بىزىنى  تۇنۇۋالدى ئۇ   بىزىنى ئالمۇتىخا ماڭدىخان ئاپتۇبۇسقا سىلىپ  ماڭدى ئەتراپىنى  قاراڭخۇلىق قاپلىخاندا       ئالمۇتا  بىكىتىگە كەلدۇق،     بىز بىر  ئاخشام شۇيەردە  تۈنەپ     ئەتسى  ئەتىگەندە  بىشكەككە قاراپ   يولخا چىقتۇق،ئۇ يەردىن     چۇشكە يىقىن  پويىز بىلەن        تاشكەنتكە ماڭدۇق، سەھەر بىلەن پويىز تاشكەنت ۋىگىزالخا  كىلىپ  تۇختدى،مەن      دادام، ئانام، ۋە بەش ياشلىق ئوغلۇمىنى ئىلىپ  دادامىنىڭ  تاغىسىنىڭ  قىزىنى   كۇرۇشكە ماڭخان ئىدۇق،  مىنىڭ  دادامۇ  قازاقستان  زايساندا        تۇغۇلۇپ  ئالتە ياشلار ۋاختىدا دادىسى  بىلەن قايتىپ  كەلگەن،   چوڭ  دادامىنىڭ ئىنىسى شۇيەردە  قىلىپ   تاشكەنتكە ئورونلىشىپ  قالخان ئىكەن    ،  دادام  چۇڭلار تۇگەپ   كەتتى  ، منىڭ         كۇرمىگەن نەۋرە  سىڭلىمىنى  كۇرمىسە م ئۇ دۇنىياغا  بارغاندا        سۇرۇىقى بۇلدۇ، ئۇ  ئاجىز  تۇققان دەپ  بىزىنى ئىلىپ    ماڭخان   ئىدى،بىز تاكىسىخا ئولتۇرۇپ  تۇققانلارىنڭ   ئۆيگە  كەلدۇق،  ،     ئۇلارىنىڭ ئۆيى  كونا تاشكەنىت فارابى كوچىسىدا     ئكەن،       ،دەرۋازىدىن كىرشىمىز بىلەن يوغان سىمىزلىكىدىن ئاران             ماڭدىخان بىر ئايال ئالدىمىزدن چىقىتى  ،بۇ ئايال چوڭ داداىمىزنىڭ    ئىنسىنىڭ بىرتال قىزى ئىدى. بىز يىخلاپ  كۇرۇشتۇق، بىردەمدىلا =   بىزىنىڭ خەۋىرىمىز  خۇشنىلارغا ئاڭلىنىپ   خۇشنىلار  كىرىشكە         باشلدى، ئۆي ئىچى ئادەملەر بىلەن لىققىدە تولدى، بىز يولخا ئلىۋالخان  يىمەكىلىرىمىزىنى ئۇلارىنىڭ ئالدىخا  قويدۇق، ئۇلار      ۋەتەنىڭ -        سارقىتى  دىيشپ   تالىشىپ  يەيىتى، بەزلىرى     باللارغا  ئىلىۋالدى     مەن بۇ ئىشلارغا  قاراپ ھەيران  قالدىم،ماڭا  تەسىر  قىلىخىنى  تام -  خوشىنىسى  غىنى،ئايالى بەختخان.غىنى   1962،يىلى چەتكە  قىچىشتا   چۆچەكىلىك بۇلۇپ  شۇيەردىن       كەتكەن، ئۇ  شىنجاڭ ئونىۋىرسىتىنى  پۇتۇرۇپ    ،ئىمىل ناھىيسدە  ئىشىلىگەن،  مىللەتچى  قالپقىنى  كىيىپ  خىزمەتتىن  ھەيدەلگەن،  ئايالى بەختخان 55،يىلى چۆچەكتىن  ئانىسىخا   ئەگشىپ  گىراجدان بۇلۇپ  كە لگەن ئىكەن، ئۇلار  ھەر دايىم  ئۆيگە    كىلىپ  ھال     سۇراپ   تۇراتتى، ۋە ئۆيگە تەكلىپ  قىلىپ  مىھىمان  - قىلاتتى.  غىنى  ئۆيدە  بۇلۇپ ئىش قىلمايتتى. ھاراق ئىچىپلا  مەس  -         يۇرەتتى،ئۆيگە  كىرسەك  فاتىفۇندا  ئۇيخۇرچە  ناخشىلارنى  قۇيۇپ      بىرەتتى  ناھايتى مۇڭلۇنۇپ  يىخلاپ  كىتەتتى. كىمنىڭمۇ ئۆز     يۇرتۇدىن  ئايرلىپ مۇساپىر  بۇلخۇسى  كىلدۇ؟ ھەي دەپ  ئخىر     خۇرسىنىپ،     مەن بۇ يەردە  يۇرسەممۇ ئۆزەمىنى  ۋەتىنمدە         يۇرگەندەك  ھىس قىلىمەن-  ئىچىم  سىقىلخاندا  ھاراق ئىچىپ     ئۆزەمگە  تەسەللى  بىرىمەن،     ئۇنىڭ  بۇ ھالىتىنى  كۇرۇپ  بەكمۇ  ئىچىم ئاغىريتى، ئايالى چارۋىچىلىق  دۇختۇرخانىسىدا  ئىشلەيتتى. ئۇ  دايىم بىزگە  شۇ تۇغۇلخان يۇرتۇمىنى   بىر  كۇرسەم دەيمەن      دەيتتى،مەن بوش چاغلىرىمدا  يىنىمىزدىكى   (ئەسكى جۇۋ)         دەيدىخان  باغچىخا  باراتتىم،  بۇ  باغچىنىڭ  يەنە     بىر  ئىسىمى  مۇساپىرلار  باغچىسىمۇ  دەپمۇ  ئاتىلاتتى،  چۇنكى  بۇ- يەرگە     بىزىنىڭ   مۇساپىر  قىرىنداشلىرىمىز  يىخلاتتى، بىر –بىرى بىلەن   مۇڭدۇشۇپ  ئىچ  پۇشۇقىنى  چىقىراتتى  ،مەن بۇ يەردە  نۇرغۇن                قىرنداشلىرىم  بىلەن  تۇنۇشتۇم،  ئۇلار  مىنىڭ  ۋەتەندىن           كەلگەنلىكمىنى  بىلىپ  نۇرغۇن  سۇئاللارنى  سۇرايتى      مەن چامىم    يەتكچە جاۋاپ    بىرەتتىم ،

،مەلۇم بىر كۇنى  چۇشتىن  كىيىن  ئوغلۇم ئىككىمىز باغچىدا ئولتۇراتۇق ،يىشى  50لەرنىڭ  قارىسىنى ئالخان  بادام  دوپپا كەيگەن  بىر  ئادەم  سالام بىرىپ  يىنىمىزدا ئولتاردى، ئۆز-ئارا تۇنۇشقاندىن  كىيىن بۇ ئادەم  كۇزىگە  لىققىدە  ياش  ئىلىپ ،  ئىنىم  مەن 62،يىلى  چەتكە قىچىش  ۋەقەسىدە  چۆچەككە  مال  ئىلىشقا  كەلگەن ئىدۇق، ئۇ چاغدا مەن ئۇرۇمچى  يىمەك –ئىچمەك  شىركىتىدە ئىشلەيتتىم، بىزنىڭ  كىلىشىمىز  قىچىش ئۇستىگە  تۇغرا  كىلىپ  قالدى،  شۇ  قىزىقچلىقتا  بىز كەلگەن  بىر  توپ  ئادەم  قىچىپ  مۇساپىر  بۇلۇپ  مۇشۇ يۇرتقا  كىلىپ  قالدۇق، ھەي  دىدى  ئۇ  ئىخىر  ئوھ  تارتىپ  نىمانداق  بەڭۋاشلق  مانا  20نەچچە يىل  بۇلدى  بۇ يۇرتتا  سەرسان  بۇلىپ  يۇرگىلى ئاخىرى مۇشۇ يەرگە كىلىپ  ئورۇنلىشىپ  قالدىم،  يۇرتتا ئانام  بار ئىدى،ھىلىخىچە  خەۋەر  يوق  مەن بىر  ۋاپاسىز ئوغۇل بۇلدۇم،بۇلارىنى دەپ  ئۇ  ئۆزىنى  تۇتالماي ئۆكسھۇپ يىخلاپ كەتتى، منىڭمۇ  كۇز لىرىمدىن  ياش تامچىلاشقا باشلدى، ئوغلۇم بىزىگە  قاراپ ئۇماق تىلى بىلەن-دادا ئۇ ئاكاش  نىمىشقا  يىخلايدۇ؟  سەنمۇ  يىخلىدڭخۇ،  شۇنداق ئوغلۇم  . ئۇ ئاكاش  ئاپىسىنى  سىخىنپتۇ   شۇڭا، -ھە باسا  بۇلىدىخۇ، بۇ  بالىنىڭ تاتلىق  گىپىگە  نىمە  دىيشىمىنى  بىلمەي كۇلۇپ كەتتىم،مەن تاشكەنتتە تۇرۇش  جەرياندا  نۇرغۇن  ۋەتەنداشلار بىلەن ئۇچۇراشتىم ھەمسۇبەتتە بۇلدۇم  ،ئۇلارنىڭ  ۋەتەنگە ،ئۇرۇق –تۇققانلىرىگە  بۇلخان  مۇھەبىتتى  مىنى  قاتتىق تەسرلەندۇرەتتى  ،باھار تۇسگە كىرگەن گۇزەل  تاشكەنىت شەھەرى  شۇنداق  چىرايلىق  يۇللار  چىتىدە  ئىچىلخان  گۇللەر  ئادەمىنى تۇلمۇ  مەھىلىيا  قىلاتتى، تاشكەنىت  مىھىرى ئىسسىق جەلپكار  شەھەر، مەن   سەمەرقەنت، ۋە باشقا  شەھەرلەرگمۇ  باردىم  ،  سەمەرقەنتكەبىرىپ  ئۇيەردىكى  مەسچىتلەر مىنى  بەكمۇ  جەلىپ  قىلدى   ، مەن ئۇزەمىنى  خۇددى  قەشقەر شەھەرگە  كەلگەندەك ھىس  قىلدىم ،ئۇيخۇر  مەدىنيىتىنىڭ  ئىزنالىرىنى  كۇرگەندەك  بۇلدۇم،  ئەقىل –پاراسەتلىك ، مىھماندۇس ئۆزبەك خەلقىنىڭ  تىلى –ئۆرپى- ئادىتى چىرايى،بىزىگە  بەك  يىقىنلىقنى ھىس  قىلدىم ، .نىمە ئۇچۇن  مۇشۇنداق  يىقىن ئادەملەرنىڭ  ئىككى  مىلەت  بۇلۇپ قالىخاندۇ  دەپمۇ  ئويلدۇم، ئارلىقتا مەن ئالماتىخا  ماڭدىم  ، ئۇ يەردە مىنىڭ  بىللىە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم  بار ئىدى،پويىز كەچقۇرۇن ئالمۇتا ۋىگىزالخا كىلىپ تۇختىدىن  مەن ئالدىن-ئالا خەۋەر قىلىپ  قۇيخانتىم ،سىڭلىسى ئالدىمدىن چىقىپ تۇرغان ئىكەن ،مەن  ئۇ ساۋاقدىشىمىنىڭ ئۆيگە كىرىشىم  بىلەن  ئۇ يىخلاپ  تۇرۇپ  مەن بىلەن كۇرۇشتى، ئاندىن ئايالى  ۋە باللرى  بىلەن  كۇرۇشتۇم بىز  تاماق يىگەچ مەن  ئەكەلگەن  بىر پۇتۇلكا  گۇچۇڭ  داچۇيىنى  ئىلىپ  چىقىپ  ئىچشتۇق،  ئۇ-  سەل ساقلا دەپ چىقىپ  كىتپ  خۇشنىلىرىنى  باشلاپ  كىردى،  ئۇ بىنادا  ئولتۇراتتى  ، ئككى ئەر  بىر ئايال  كىرىپ  كەلدى، ئۇلار رۇسىلار  بۇلۇپ  بىز پاراڭلاشتۇق، ئۇلاغا ھاراق تۇتۇپ  ئۇلارمۇ  ئىچتى، بىر رۇمكا ھاراقىنى  ئىچكەن  رۇس ئايالىنىڭ  كۇزدىن ياش چىقىپ  كەتتى،مە ن ساۋقدىشىمىنڭ ئۆيدە  بىر ھەپتە تۇرۇپ  گۇزەل ئالمۇتا  شەھەرىنى ئايلاندۇق،ئالمۇتا  ھەققەتەن  بۇستانلق  گۇزەل  شەھەر ئىكەن،  بۇ ساۋاقدىشىم  62،يىلى  سۇۋىت گىراجدانى  بۇلۇپ كەتكەن،  ئۇ   شۇ چاغلارنى ئەسلەپ  ئۇزىنى تۇتالماي  قالاتتى بەزىدە يىخلاپ كىتەتتى ، بۇلپمۇ  ئۇ تۇنجى قىتىم سۇيگەن ئۇيخۇر قىز ساۋاقدىشىنى  ئەسىلىگەندە  ھاياجانلىنىپ  ئۇزىنى باسالماي  قالاتتى، ئايالى ماڭا  پۇرسەت  بۇلسا  شۇ ئايالنىڭ  رەسىمىنى  ئەۋەتىپ  بىرىڭ  بەكمۇ كۇرىگۇم بار،  مىنىڭ ئىرىمىنى  شۇنچە  كۇيدۇرگەن  ئايالىنى   دەيتتى،ھەممىمىز كۇلۇشۇپ كەتتۇق،  مەن خۇشلۇشۇپ  تاشكەنتكە قايتىم ، بىز  قىيالمىخان ھالدا  خۇشلاشتۇق،ئۇ ماڭا  ئوغلۇڭخا  سۇۋغا دەپ بىر  بايان گارمۇنىنى بەردى، ئۇ  گارمۇن ئۇيۇمدە تۇرۇپتۇ  ، ھەر –بىر قارىخىنمدا  دۇستۇم ئازات يادمىخا  كىلدۇ  ، ئاڭلىسام  بۇلتۇر تۇگەپ  كىتپتۇ ، بەكمۇ  ئىچىم ئاغىردى  بىر  كىلىش ئويى بار ئىدى، ئەپسۇس   شۇم ئۇلۇم ئۇنى ئىلىپ كەتتى، ياتقان يىرى  جەننەتتە  بۇلىخاي  ئامىن،                        1992،يىلى سابىق  سۇۋىت  ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ  ئورتا ئازىيادا  ياشىخان  مىللەتلەر  مۇستەققىلىق ئالدى،  دۆلىتىمىز بىلەن  بۇ  دۆلەتلەرنىڭ چىگىرا سۇدىسى  بىر مەھەل  قىزىپ كەتتى، بۇلپمۇ مەن  تۇرغان ناھىيە  چىگىرغا  يىقىن بۇلۇش ئەۋزەلگىدىن پايدىلىنىپ ، قازاقستان بىلەن بۇلخان  چىگىرا  سۇدىسى ئەۋج ئالدى  ،يىڭىلا مۇستەقىل بۇلخان قازاقستان  ،جۇڭگو  ماللرىخا بۇلىخان ئىھتىياج  تۇپەيلدىن ئۇ  يەردىكى  سۇدىگەرلەر ،دۇلىتىمىزنىڭ  ئىھىتىياجىخا ئاساسەن ھەدەپ ماللارىنى  كىرىگۇزۇپ  ئۆزىگە  ئىھتىياجلىق  ماللارغا  ئالماشتۇراتتى.شۇ چاغدىكى قازاقستان يىڭىلا مۇستەقىلىق  ئالخانلىقىتىن ،ئىخىر دەرىجىدە ھۆكۇمەتسىزلىك مەۋجۇت ئىدى،بۇلۇپمۇ ئىقىتىسادى جەھەتتىن دۇلىتىمىزنىڭ 2،يىنىڭ سانائەت ماللىرىخا بۇلخان،ئىھىتىياجى كۇچلىك،بىزدىن ئىلىپ ئىيتقاندا شۇ چاغدا بىز كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئىلىپ  بىرىۋاتقانلىقىمىزدىن ئىخىر سانائەت ماللىرىخائىھىتىياجلىق ئىدۇق، بۇلۇپمۇ  پولات ماتىريالىرىرغا، شۇ  سەۋەپتىن بۇ  سۇدا بىر  مەھەل  قىزىپ كەتتى،شۇ چاغدىكى سودا قىزغىنلىقى سەۋەپدىن سەللە ئامالى بار ئادەملەر شىركەت قۇرۇپ  جەڭگە ئاتلاندى،بۇ سۇدا بەزىلەرنى باي قىلىسا، بەزىلەرنى  نامىرات  قىلىۋەتتى،ھەتتا بەزىلەر جنىدىنمۇ ئايرلدى،قازاقىستاندا رىگىتلەر بەكمۇ يامان(قارا قوللار ) ئۇلار يۇل تاپسا بىزلەرنى  بۇزەك  قىلاتتى، 94،يىلى  چىگىرا ئىخىزدا  بىزدىن بارغان بىر خەنزۇ  يۇلداشىنى  بۇغۇزلاپ ئۆلتۇرۇپ بۇلاپ كەتتى،  بۇنداق ئىشلار بۇلۇپتۇراتتى،بۇ سۇدىنىڭ خەۋپى چوڭ ئىدى، مەنمۇ  شۇ چاغدىكى  شىركىتىمىزنىڭ  ئىھىتىيھاجىخا ئاساسەن بۇ جەڭگە ئاتلاندىم، مۇشۇ جەرياندا  قازاقستانىڭ  كۇپلىگەن  شەھەرلىرىگە باردىم،  نۇرغۇن  ۋەتەنداشلار  بىلەن ئۇچۇراشتىم،  ئۇلارمۇ كۇپلەپ  كىلىشكە باشلدى،  62،يىلى   قاشقانلارىنىڭ ئاساسى تەرەپتىن  چىگىرىخا  يىقىن  ماقانچى، ئۇرجار،سەمەي ئەتراپخا ئورۇنلاشقان  ئاساسى  قازاقلارنى ئاساس  قىلخان  بىرەن-سەرەن  ئۇيخۇرلارمۇ  بار.  ئويخۇرلار ئاساسى  جەھەتتىن  (مەن ناھىيمىزنى كۇزدە  تۇتۇپ دەۋاتىمەن ) قازاقستانىڭ  چىمكەنىتككە  كۇپىرەك  ئورۇنلاشقان، يەنە  ئالمۇتا  باشقا  جايلارىمۇ بار، ئەندى  مەن  بۇ ۋەتەنداشلار  ئىچىدىكى  بىر  نەچچە ئەيلەن بىلەن بۇلخان ھەمسۇ بىتىمىنى  دەپ  ئۆتەي،                                                                   ئابلەت                                                     مەن ئەسىرىمىنىڭ بىرىنچى  قىسىمدا ئابلەتىنى تىلخا ئالخان .ئىدىم،شۇكۇنىڭ ئەتسى  ئۇ  20نەچچە بالىنى باشلاپ  چىگىردىن ئۆتتى،بارغان كۇنىڭ ئەتسى بىر  كۇن ئارام ئالدۇرۇپ ،ئەتسى ئۇلارنى  ماشىنىخا سىلىپ  ھەر  يەرلەرىگە  بۈلۇۋەتتى، ئابلەت بىلەن ئاغىنىسى ئەلاخۇننى، ئۇرجار ناھىيىسىنىڭ چەت- ياقىسىدىكى  بىر  كولخۇزغا  بۇلىۋەتتى،ئۇنىڭ  ئويلخان جەنىنىتى كۈپۈككە ئايلاندى، ئىش  ئىخىر  ئەتتىگەندە  چقىسا كەشقۇرۇن  يىنىپ  كىلەتتى، ينتىشى زىملانكا ئۆي،(قۇپۇن ئۆي) ئادەملەرمۇ  ناتۇنۇش،  بۇ تۇرمۇشقا  كۈنەلمىگەن ئۇلار بۇ يەردە  يىرىم يىل  ئىشلەپ  كىتىش  قارارىخا كەلدى، ئۇ دۇستى بىلەن مەسىلەتلىشىپ  يىرىم  كىچىدە  ئوغۇرلىقچە قىچىپ كەتتى،  ئۇلار  شۇ  مىڭىشدا  ئاياكۇزىگە كەلدى، ئۇ يەردە بىللە كەلگەن ئاغىنىلىرى  بار ئىدى،  ئاياكۇز  قاتناش  تۇگۇننى بۇلۇپ  ،رۇسىيە،  سەمەي، ئالمۇتا، تاشكەنتكە  باردىخان  پويىزلار  بۇ يەردىن ئۈتەتتى، ئۇلار مەلۇم بىر كۇنى ۋاگىزالدا  ئارىلاپ يۇرۇپ  بىر  ئۈزبەك ئادەم بىلەن  تۇنۇشۇپ  قالدى،ئۈزبەك  كىشى  بۇلارغا  قاراپ –سىلەر  ئاخۇنۇمۇ دەپ سۇرىدى، ئابلەت ئاچىقلىنىپ – بىز ئاخۇنۇم ئەمەس،  خىتايدىن  كەلگەن  ئۇيخۇر، -ئۇنداقتا  بۇيەردە  نىمە  قىلىسىلەر؟  ئۇلار  ھەممە ئەخۋالىنى  دەپ بەردى، ئچى ئاغىرىخان ئۈزبەك  ،ئۇلارغا سىلەرگە يامان بۇلىپتۇ  مەن سىلەرنى تاشكەنتكە ئىلىپ  كىتەي، ئۇ  يەردە ئۇيخۇرلار  كۇپ،  يەنە  سىلەردەك يىتملەرنىڭ   بىشىنى  سىلايدىخان ئاكاڭلار  بار.ئۇ ئىككىسى  ئۇنىڭخا ئەگىشىپ تاشكەنتكە باردى. ئۈزبەك  ئۇلارنى باشلاپ چۇڭ رىستۇران ئاچقان  ئۆزى دىگەن ئادەمگە تاپشۇرۇپ  خۇشلۇشۇپ كەتتى،  خۇجايىن مەرت،مىللى ھىسسىياتى كۇچلۇك ئادەم بۇلۇپ  50.يىللاردا بۇ  يۇرتقا چىقان  تېگى  قەشقەرلىق  بۇلۇپ  ،شۇ يەردىكى  ئۇيخۇرلارنىڭ باشپانايى ئىدى، ئۇلار  ئۇ يەردە بىر  يىلدەك  ئىشلدى  ئاشپەزلىك  ھۆنەرنىمۇ ياخشى  ئۇگەندى،ئابلەت  ئۇ يەردىمۇ  تىچ  يۇرمەي  گاڭگۇلىق  قىلىپ  ،بىر ئادەمنىڭ  ئۇلۇشگە سەۋەپچى  بۇلۇپ  تۇرمىدە ياتتى،  تۇرمىدىن چىقاندىن كىيىن ئۆز يۇرتلىقى  بىر  قىز بىلەن ئۆيلەندى، ئاندىن دۇستى  ئەلاخۇن بىلەن  ، تاشكەنتىن  بىرەر يۇز ك،م، كىلىدىخان گۇلىسىتان دىگەن  يەرگە ئورۇنلۇشۇپ  شۇ يەردە  تۇرۋاتدۇ،ئۇ ھازىر 76دىن ئاشتى. ئككى دۇلەت مۇناسىۋىتى نۇرمالاشقاندىن كىين  ئككىدە  -ئۇچ  يىلدا كىلىپ  تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە ئايلاپ  تۇرۇپ كىتدۇ،-ئۇكام دىدى، ئۇ ماڭا قاراپ ئۇستەلدە تۇرغان  ئېلى  ئالاھىدە  ھارىقدىن بىر   رۇمكىنى  گۇپپىدە  قىلىپ  ئېچىۋىتىپ، شۇ چاغدا  تۇلمۇ  بەڭۋاش، نادانلىق  قىلىپتىمەن ،بۇ  بەڭۋاشلىقم  مىنى  بىر ئۇمۇر پۇشايمان ئازاپتا  قۇيدى، كونىلار راس دەپتكەن،-( خەق يىردە ،سولتان بۇلخىچە، ئۆز  يىرىڭدە ئۇلتان بول) دەپ ،تەقدىر  ماڭا چاقچاق  قىلدى،ئادەمىنىڭ يىشى  چۇڭايخانسىرى ۋەتىنى  ،ئۇرۇق- تۇققانلىرىنى  بەكمۇ سخىندىكەن، بۇلسا  ھەر يىلى  كەلسەم دەيمەن،مەن بۇ ئاكمىزىنىڭ  سەزگۇرەشتلىرىنى ئاڭلاپ  بەكمۇ  ئىچىم ئاغىرىدى،                                                                                                                                                   قۇربانجان                                                                                                                                           يىشى  80لەردىن ئاشقان بۇ ئاكمىز ، مىنىڭ  دادامىنىڭ  ئەڭ  يىقىن دۇستى ئىدى،ئككى  يىلىنىڭ ئالدىدا كەلگەنلىكنى ئاڭلاپ  يۇقلاپ باردىم  بۇ يەردە بىر ئىنسى بار ئىدى، بىز  كۇرۇشۇپ  خىلى  پاراڭلاشتۇق ئۇ ئۇچ ۋىلايەت ئىقىلاۋىخا قاتناشقان  ھەربى بۇلۇپ ئۇرۇشلاردا خىزمەت كۇرسەتكەن، ئازاتلقتىن كىيىن  رەھبىرى  كادىر  بۇلۇپ  قاتناش نازارىتىدە  باشقارما دەرىجلىك كادىر بۇلخان، ئوڭچىلىققا  قارشى تۇرۇشتا  مىللەتچى بۇلۇپ،  تۇۋەنگە  چۇشۇرلگەن، كىينچە  شىخو قاتناش ئىدارىسىدە   ئىشىلەپ  ،60،يىللاردا  خىزمەتتىن ئايرىلىپ  ناھىيمىزگە قايتىپ  كىلىپ  ،ھارۋا  ھەيدىدى، تامچىلىق قىلىدى، 62،يىلىقى  چەتكە قىچىشتا  قىچىپ كەتكەن، ئارىدىن 30نەچچە  يىل بۇلخاندا كىلىپ  تۇققانلار  بىلەن يۇز كۇرۇشۇپ  ئولتۇرۇپتۇ، ئۇ  سۇز ئارلىخدا  قاتتىق  ئۇھ تارتىپ شۇ  قاباھەتلىك  يىللار مىنىڭ  چەتكە  قىچىشمخا  سەۋەپچى  بۇلدى،  ئۇۋالچىلىق تارتىپ  تۇغىرا  بۇلمخان ئىشلار تۇغۇرسىدا  رەھبەرلىككە  پىكىر  بەرگىنىم ئۇچۇن  ئۇلار  ماڭا قالپاق كەيگۇزىدى،  خىزمەتتىن ھەيدەلدىم،  بۇ ئىشلار ماڭا  بەكمۇ  ئېخىر  كەلدى،ئۇ يەرگە بارغاندىمۇ  نەدە  ياخشى كۇن  خەقىنىڭ  كۇزىگە  قارپ قۇل  ئورنىدا  ئشلىدۇق،  ئۇ يەرنىڭ كادىرلىرى  بەكمۇ  مۇستەبىت،سەل  خاتا قىلىپ قۇيسىڭىز تىللايدۇ ئامال يۇق چىدايدىخان گەپ ئىكەن،  مەن ئانامىنىڭ  تۇققانلىرىنى  ئىزدەپ   ئاياكۇزىگە باردىم ، ئۇلار  مىنىڭ  نىمە  ئارتۇقچىلىق بار دەپ سۇرىدى،  مەن تامچىلىق   قىلىمەن دىدىم   ، شۇنىڭ بىلەن  بىر ئۇمۇر تامچىلىق كارخانىسىدا  ئشلىدىم، كىيىن  بىر قازاق  ئايال بىلەن ئۆيلەندىم  بىر بالام بار، ئايالىم تۇگەپ كەتتى، بالام  سەمەيدە تۇرۇدۇ مەن يالخۇز قالدىم، دۇنيادا  ۋەتەنسىز، تۇققانسىز  ياشاشدىنمۇ قىيىن ئىش بۇلمىسا كىرەك، كەتمىسەممۇ ئىشىم ئەسلىگە كىلىپ  مۇئاشلىق بۇلدكەنمەن، ھە لىكىن سىلەردە  يۇرگۇزلگەن  مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى دەمدۇ  شۇ ھەركەتتە  ئۆلتۇرۇۋىتەتتى  دەيمەن،  بىز كۇلۇشۇپ كەتتۇق،        بۇ ئاكمىز  بىر يىلدىن ئارتۇق تۇرۇپ قايتتى، ئۇزاق       ئۆتمەي  ۋاپات  بۇلخان  خەۋىرى كەلدى،ھەي ئىنسان  بۇ دۇنىيادا  ئارمان بىلەن ياشايدىكەن،مەرھۇمىنىڭ ياتقان يىرى  جەننەتتە بۇلخاي  ئامىن،                                      ئالدىيارقان                                         !                  ئالدىيارقان  تۇغۇرسىدا بىرىنچى  قىسىمدا  تۇختۇلۇپ  ئۆتكەن ئىدىم، ئەندى داۋامىنى ئىيتاي، شۇ كۇنى كەچتە ئۇنى كۇزىنى  تىڭىپ  قانداقتۇر  بىر يەرگە ئاپىرىپ قامىدى، ئەتسى  ئەتگەندە  سۇراق باشلاندى، سۇراق  داۋاملىشىپ، نىمە ئۇچۇن  قىچىپ كەلگەنلكنى  سۇرۇدى ،ئۇ ھەممە .ئشىنى  دەپ  بەدەندىكى  تاياق  ئىزلىرىنى كۇرسەتتى، ھەم  بۇيەردە  ئانىسى سڭلىسى   بارلىقنى  پانا ئىزدەپ  كەلگەنلىكىنى  دىدى، سۇراق  بىر  ئاي داۋاملاشتى .ئۇمۇ بىر خىل  جاۋاپ بەردى، ئۇ يىرىم  يىلدىن ئارتۇق  تۇرمىدە  ياتتى، تەكشۇرگۇچىلەر  مەلۇم  بىر كۇنى  ئۇنىڭ  ئانىسىنىڭ  ئۆيگە  باردى، ۋە  ئانىسىنى   ئەكلىپ   ئۇنىڭخا ئوخشايدىخان بەش –ئالتە  ئادەمىنى  تىزىپ ئاخىرىخا  ئالدىيارقانى  تۇرغۇزىدى، ئانا  بىر  كۇرۇپلا  يىخلاپ كەتتى،  بۇ  مىنىڭ ئوغلۇم ئالدىيارقانخۇ؟ ئانا –بالا  قۇچاقلىشىپ  بىر ھازاغىچە  يىخلاشتى، ئالدىيارقان  ئانىسى تۇرغان ئاياكۇزدىكى   كالخۇزغا ئورۇنلاشتى مال باقتى  زاپخۇز بۇلۇپ  ئشلىدى، كىيىنچە ناھىيلىك دۇرا زاۋۇتدا ئىشلىدى،1985،يىلخا  كەلگەندەسوغۇق  شىۋىرغاندا قىلىپ  ئۆپكىسگە  سوغوق  تگىپ  ساقايماي ۋاپات  بۇلدۇ، ئۇ جان ئۇزۇش ئالدىدىمۇ  يۇرتىنى باللىرىنى ىسىخىنىپ ئارماندا ھەسىرەت  ئىچىدە  كىتدۇ،87،يىلخا كەلگەندە  ئايالى  بىر بالسىنى ئىلىپ يۇقلاپ  بارغاندا ئۇ ۋاپات بۇلخنىخا ئككى يىل  بولخىان ئىدى  ، ئايالى قەبىرىسگە     با ش قۇيۇپ  يىخلاپ-،يەتتە  يىتمىنى قانداق باققىنمىنى  بىر كۇرۇپ ئۆلسەڭ نىمە  ئارمان  مىنىڭ تارتقان  جاپايىم  نىمىگە  تۇراتتى دەپ   ئۇكسۇپ  يىخلايدۇ ،(ئانا يىخلىسا، يەريىخلايدۇ)ئەتراپدا تۇرغانلارمۇ  ئۆزىنى تۇتالماي  يىخلايتتى،ھەي  بۇ قارغىش مەدىنىيەت ئىقىلاۋى  جۇڭگۇدىكى  ئاۋام خەلققە  نىمىلەرىنى  ئەكەلمدى دەيسىز نۇرغۇن ئائىلەر  ۋەيران بولدى، نۇرغۇن ئادەملەر  ئۇۋالچىلقتا   قالدى،                                                                                                                                      ئۇچ بەڭۋاش                                                            خا لمۇرات، شۇڭقار، خىلىل ، بۇ  ئۇچى  ناھىيە بازىردا ئولتۇرۇشلىق خىزمىتى يوق ،بىكارچى باللار بۇلۇپ   شۇڭقار ئۆيلەنگەن  بىر                                                       بالىسى  بار ئۇلار         ،    ئۇچى مەسىلەتلىشىپ چەتكە قاچماقچى بۇلۇشتى      دۇستلىرغا دىسە  باشقىلار  ئۇنىمىدى ،   خالمۇراتىنىڭ  قازاقستان چىمكەنتتە تاغىسى  بار  خىلىلىنىڭ  دادىسى  بار خالمۇراتنىڭ  تاغىسى  خىلىلىنىڭ  دادىسى  ئىدى،  شۇڭقارنىڭ  ئايالى  باھارنىڭ  دادىسىمۇ  شۇ يەردە بۇلۇپ  ئۇلارنىڭ ھەممىسى 62،يىلىقى  چەتكە  قىچىشتا كەتكەنلەر ئىدى.  بۇ ئۇچى  20ياشلارنىڭ  قارسىنى  ئالخان  جەمىيەتىكى ياشلار، 80،يىلى،يازدا ئۇلار مەسىلەتلىشىپ  قاچماقچى بۇلۇشتى،  بۇ ئۇچى مەلۇم  بىر  كۇنى  چەتكە قاشتى، بۇ تۇغۇرسىدا –خلمۇرات مۇنداق دىدى، بىز ئۇچۇمىز  چۆچەككە  باردۇق، خىلل بىزدىن بىر  كۇن بارغان ئىدى، بىز  ئۇنى تىپپىپ  چۆچەكىلك ئاغىنىمىزنىڭ ئۆيدە  مىھمان بۇلدۇق، ھاراق  ئىچىپ  خىلى  قىزىپ قاپتۇق، بىز  خۇشلۇشۇپ  تالاغا چىقتۇق،  شۇ  كۇنى  سىم-سىم يامخۇر  يىخىۋاتاتتى،كىچە  بەك قاراڭخۇ بىز  تەۋەككۇل دەپ ، بەختى  تەرەپكە  قاراپ  ماڭدۇق،بىز  چىگراغا  يىقىنلاپ  كىچىك  بىر دەريادىن  ئۇتۇپ سەل  مىڭشىمىزغا بىردىنلا  چىراق  يۇرۇپ  سىتوي (توختا) دىگەن ئاۋاز بىلەن بىر ماشىنا كىلىپ،ماشىنىدىن  بىر  روس كاپتان چۇشتى، ئۇ بىزىگە قازاقچىلاپ نەدىن ئۆتۇڭلار  دەپ سۇردى ۋە سولداتلار  كىلىپ  يىنمىزنى ئاختۇردى، بىزدە ھىچنمە يۇقلىقىنى بىلىپ  كۇزۇمىزنى تىڭىپ ماشىنخا  سىلىپ  ئىلىپ ماڭدى،ئۇلار مىنى  يالخۇز  بىرئۆيگە  ئەكىرىپ چاي –تاماكا بەردى، بىر ئازدىن كىيىن يەنە  كۇزۇمىنى تىڭىپ ئىلىپ   ماڭدى،تاڭخا يىقىن قۇشلارنىڭ سايرىخان ئاۋازى ئاڭلاندى،كۇزۇمىنى ئىچىپ  قارسام، قاتار سولداتلار تىزىلىپ  تۇرۇپتۇ، ئۇچىمىزنى ئايرىم  كامىرىخا قامىدى،تاماق بەردى، جۇرۇڭلار دەپ  بىزىنى   چوڭ  زالخا باشلاپ كىرىپ سۇراق باشلاندى،بىز كىلىش مەقسىتىمىزىنى دىدۇق ، ئاندىن بىر ھەپتە سۇراقسىز  ياتتۇق،تاغام  ئىسىرائىلىنى  ئەكەلدى،  ئۇ چىمكەنىتە ئىدى، مەن تاغامىنى كۇرۇپ  ئۆزەمنى تۇتالماي  يىخىلاپ  كەتتىم،شۇڭقارنى38كۇندىن كىيىن چىقىرىپ ئايالى ھەم بىر بالسى بار ئىدى،جامبىل  ئوبىلاستىنىڭ مەلۇم كالخۇزىخا  ئورۇنلاشتۇردى،يەنە 38كۇندىن كىيىن،مىنى گ ،ك،پ،نىڭ ئادىمى  كىلىپ،خىلل  ئككىمىزىنى  مۇنچىخا چۇشۇرۇپ بىر قۇر يىڭى  كىيىم بىرىپ،ئەتسى  تاڭخا يىقىن    يىقىن  كۇزۇمىزىنى  تىڭىپ ئىلىپ  ماڭدى،ئۇلار بىزىنى ئايردۇرۇمخا ئەكىلىپ ئالمۇتخا ئەكەلدى.ئۇيەردىن يەنە  ماشىنىخا سىلىپ  مەلۇم  جايدىكى  يەر ئاستى  تۇرمىسىگە ئەكەلدى  ، ئۇ يەردە  بىزىنى  يالڭاچ قىلىپ تەكشۇردى،ۋە تۇرمە كىيمىنى كەيگۇزۇپ  قامىدى،يەنە سۇراققا تارتىلدۇق،  سۇرا ق يەنە  شۇ  ئۇمۇر بايانىمىز،6 ئايدىن كىيىن ئالمۇتدىن-سەمەيگە،ئاندىن ئاياكۇز،ماقانچىخا ئەكىلىپ سوت   ئىچىپ  بىزىنى  ئازات قىلدى، يەنە ئالمۇتىخا ئەكىلىپ تاغام  ئسىرايلگە تاپشۇرۇپ  بەردى،تاغام بىلەن  چىمكەنتكە باردىم، ئۇچ ئايدىن كىيىن  بىزىنى  بەز   گىرااجدانلىققا  ئۆتكۇزۇپ  كىنىشكا  بەردى،بەز  گىراجدان دىگىنىمىز (  ۋەتەنسىز)  دىگەن گەپ، مەن ئۇ يەردە  سۇت پاراشۇك  زاۋۇتدا ئشلىدىم  ، ئوغۇرلىق  قىلىپ  تۇتۇلپمۇ   قالدىم،  بۇ يەردىكى ئوغۇرلىق  زاۋۇتنىڭ  نەرسىنى  ئوغۇرلاش  ھەممە  ئىشچىلار  ئوغۇرلايدۇ،مەن  مۇشۇ  ئون نەچچە يىلدا كۇپ  يەرلەرگە باردىم  ھەممە  ئىشىنى  قىلدىم  ئايال ئالدىم  بالىلىق  بۇلدۇم،لىكن ۋەتەنگە بۇلخىان سىخىنىش  مىنى  قىينىدى،  نىمىشقا كەلگەندىمەن  دەپمۇ  ئۇكۇنىمەن،  مانا  كەلگىنىمگە ئۇچ يىلدىن  ئاشتى  كەتكۇم  يۇق  ئىھ،ۋەتەن  سۇيگۇسى ئايرىم  گەپكەن،  ھازىر  خالمۇرات  يۇرتدا  يۇرمەكتە  بەزىدە  ئۇرۇمچىگە  بىرىپ تىل بىلىشتەك.ئەۋەلىگىدىن پايدىلىنىپ سۇدا  قىلدۇ،  بەزىدە  دۇستلىرى  بىلەن  بۇ يەردە  مال سۇدىسى  قىلىپ  يۇرمەكتە  شۇڭقار ھازىر  بىشكەكتە تۇرۇدۇ خىلل چىمكەنتتە بۇيىل  ۋاپات  بۇلۇپتۇ، 95،يىلى مەن قازاقستانىڭ ئۇرجار دىگەن  يىرىدە  ئىدىم ،يازكۇنى  مەلۇم بىر  يەكشەنبە كۇنى  بىز بىللە  بارغان خىزمەتدىشىم بىلەن  ، بۇ يەرنىڭ بازىرىنى  كۇرمەكچى  بۇلۇپ ، بازار ئايلاندۇق، قايتاشىمىزىدا  كۇزۇم  بادام دۇپپا كەيگەن ساقاللىرى ئۈچتەك ئاقارغان شىمىشكا سىتىپ  ئولتارغان بىر  ئۇيخۇر  بۇۋايخا  كۇزۇمىز چۇشتى،  بىز بىرىپ سالام بەردۇق،  بۇۋاي  بىزنى كۇرۇپ  خۇشالىقىدىن  قىزغىن كۇرۇشتى، ئۇ بىزنىڭ چۆچەك تەرەپتىن  كەلگەنلىكىمىزىنى ئاڭلاپ  بەك خۇش  بۇلۇپ كەتتى،  ئۇ شۇيەردە ئشلەيدىخان  بىرسىنى  سۇرۇدى ئىسمى  ئىسمدە قالماپتۇ،  يىنمىدكى  خىزمەتدىشىم  تۇنۇيدىخانلىقىنى دىگەندە  خۇشالىقىدىن- ئۇنىڭخا  دەپ قۇيسىڭىز ، مەن ئۆيگە  بارغان، ماڭا  ۋىيزا ئەۋەتىپ  بەرسۇن  ئاتۇشتا  بىر قىزىم قالخان  شۇنى  بىر  كۇرسەم  دەپ  يىلىنىپ  يىخلاپ  كەتتى، مەن بۇ بۇۋاينىڭ بۇ  قىياپتىگە  قاراپ  بەك ئىچىم  ئاغىرىدى،  بۇلسا ھازىرلا  ئىلىپ كەتكۇم كەلدى،  ئەپسۇس  بۇ  دىگەن باشقا مەملىكەت، بىز ۋەدىلەرنى  بىرىپ قايتۇق يۇل  بۇيى بەك ئىچىم  ئاغىرىدى، ھازىرمۇ  پات-  پات  شۇ بۇۋايىنىڭ  يىلىنخان قىياپىتى  كۇز ئالدىمدىن  كەتمەيدۇ،مەن ئۇرجاردىن  قايتىۋىتىپ ماقانچىخا  كەلگەندە  يۇل بۇيدا قاتار سودا قىلىۋاتقان  كىشىلەرگە  كۇزۇم چۇشتى،  مەن ماشنىنى تۇختۇتۇپ  ئۆيدىكى  باللارغا  شاكلات  ئلىۋالاي دەپ باردىم  قاتار  ئولتارغانلار  ئچىدەبادام دۇپپا كەيگەن ئاقساقال ئادەمگە كۇزۇم چۇشۇپ سالام بەردىم،سالام –سائەتتىن  كىيىن  بۇ  بۇۋايدىن؟ بۇۋاي  مىنىڭ  نىمە  سۇرايدىخنمىنى  بىلگەندەك مەن  62،يىلى چۆچەككە   مال يۇتكەشكە كەلگەن  شۇ چاغدا  چەتكە  قاچىدىخان  ۋاقىتقا  تۇغرا  كەپ  قاپتۇ شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ  بۇ  يۇرتقا  كىلىپ قالدىم  ئۇكام  ، شۇ ئاخماقلىق،  مىنىڭ يۇرتۇم قەشقەردە  ئۇ  يەردە ئاتا –ئانام  قىرىنداشلىرىم  قالخان، ئۇ  ئىخىر تىنىپ  ھەسىرەت ئىچىدە،ئۇلار  بارمۇ  يۇق خەۋەر  يوق، ئۇنىڭ  يىنىدا  تۇرغان  يىشى  16دە  17دە ياشلاردىكى   قارا  قۇمچاق  كەلگەن  بىر  قىز  ماڭا  قاراپ   بۇ منىڭ دادام، ئۇ  دايىم  ئادەم يۇق چاغلاردا يۇرتنى  تۇققانلىرىنى  سىخىنىپ  يىخلايدۇ،مەن -  سىڭلىم   سەنمۇ ئۇيخۇر  سىنىڭ   تۇمۇرڭدا ئاققان  قان ئۇيخۇرنىڭ،ھازىر  ئككى دۇلەتنىڭ  مۇناسىۋىتى  ياخشىلاندى ۋاقىت  چىقىرىپ  داداڭىنى  يۇرتىخا  ئاپىرىپ  كەل  بۇلامدۇ؟-، ماقۇل  ئاكا   مەنمۇ  شۇنداق  قىلاي  دەۋاتمەن  ، شۇ بانادا  شۇ يۇرتلارىنى  كۇرۇپ كىلەي ، مەن خۇشلاشتىم ، بۇۋاي  قىيمىخان ھالدا كۇزىگە ياش  ئىلىپ  خۇشلاشتى  ،ماشىنا  ۋەتەن تۇپىرىخا  قاراپ  چاپماقتا، مەن چۇڭقۇر  خىياللارغا چۇكۇپ  ئولتۇرمەن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنى ئەجداتلىرىمىز  ياشخان زىمىن  بۇ  زىمىندابىز تۇركي  خەلقلەر ئىناق  ئىجىل ياشاپ  كەلگەن ئىدۇق، بۇلپمۇ  ئەجداتىمىز   بۇ زىمىنڭ  گۇلىنىشى  ئۇچۇن ئاجايىپ  تۇھىپىلەرنى  قۇشقان،بۇ زىمىن ئۇلۇق ئادەملەرنى  ياراتقان  زىمىن ئىدى، ئەپسۇس  كىيىنكى  چاغلاردا  بىكىنمىچلىك  جاھالەتچىلىك،  ۋە  ئككى  چوڭ ئىمىپىريىنىڭ تەجاۋۇزى، بۇلۇپمۇ  سۇۋىت ئىمپىريسى بىزنى  نۇرغۇن  مىللەتلەرگە  بۇلۇپ زىمىنى  پارچىلاپ   بىزىنى مۇشۇ ھالەتكە  كەلتۇرۇپ قۇيدى،مەن ھەر دائىم ئاشۇ  قىرىنداشلىرىمىنى ئويلايمەن.ئۇلار بىلەن  ھەمسۇببەت بولخان چاغلىرىمىدائۇلارنىڭ ۋەتىنىنى سىخىنىپ ئېخىر ئوھ تارتشىلىرى كۆز ئالدىمخا كىلدۇ،بەكمۇ  ھىسىداشلىقىم  كىلدۇ،قىرغىزستان  ئوش  شەھىردە  تۇرۇشلۇق  ھەسەن ئاكا-ماڭا  قاراپ-ئۇكام  گەرچە بىزۋەتەندە ياشىماي  بۇ يۇرتلاردا  يۇرسەكمۇ ھەقىقى  ۋىجدانىمىز  بىلەن ياشىدۇق،  .ئويخۇر  دىگەن  بۇ ئۇلۇق  ئىسىمخا  داق  كەلتۇرمىدۇق، ئۆز  تىرشچانلقىمىزبىلەن  ياشاپ كەلدۇق،بۇ يۇرتتا  ئويخۇردىن  تىلەمچى  يوق،شۇنداق  ئۇلار  بۇيەردە جان  تىكىپ ئەۋلاتلىرى بىلەن بۇ يىڭى مۇستەقىل بۇلخان تۇركى  قىرىنداشلىرى دۇلەتلىرىدە.ئۆز تۇھىپىلىرىنى  قۇشۇپ  ئۇلارنىڭ  ئشىنىشگە قۇللۇشىخا ئىرىشىپ  كەلمەكتە مىنىڭ يادىمخا چوڭ ئانام كەلدى،چوڭ ئانام قازاق قىزى بۇلۇپ دادامىنىڭ ئۆگەي ئانىسى ئىدى،ئۇ 1935،يىللىرى  سۇۋىت ئىتىپاقىدىكى ئاچارچىلىق يىللىرى قازاقستاندىن قىچىپ كەلگەن ،قەھىرىتان سوغۇقتا قىلىپ  پۇتىنىڭ بارماقىلىرى  ئۇششۇپ  بارماقىلىرى  يو ق  ئىدى،بىز چوڭ-ئاپا  بارماقلىرىڭ نەگە كەتتى  دەپ  سۇرايتۇق بۇ مۇماي  بىزىگە  ھىكايا  قىلىپ ئىيتىپ  بىرەتتى،  مەن  مۇمامخا بەك ئامىراق  ئىدىم، ئۇ  مىنى ياتقۇزۇپ  بۇلخاندىن  كىين قوي  يۇڭدىن  يىپ ئىگىرگەچ  غىڭشىپ ناخشا .ئىيتاتتى،(ئېلىم ئايىنى ئايتمىسام، ئەن كېلمىيدى ئاي، شايى چاپان كىيمەسەم  سەن كېلمېيدى ئاي،  ئېلىم ئاي  ،ئېلىم  ئاي دەپ،)بىر تەرەپتىن ئىيتىپ،  يىخلايتتى، مەن تۇلمۇ ھەيران قالاتتىم  نىمىشقا  يىخلايدۇ  دەپ، ھازىر ئويلىسام  بۇ  بىچارە  ئايال ۋەتتىنى  تۇققانلىرىنى  سىخىنىپ  يىخلايدىكەن، 59،يىللار قەھەتچىلىك يىللار  ئىدى، بىچارە  مۇمام  سەكىراتتا يىتىپ بىر پىيالا قىمىز ئىچكۇم بار دىدى،  دادام بەكمۇ  قىينىلىپ  كەتتى،  ئۇيىللاردا نەدىمۇ  تىپلسۇن،  شۇ  ئىشلارىنى  ئويلىسام  بەكمۇ ئىچىنىمەن. ھەي ئىسىت ھازىر ھايات بولسا  شۇ ۋەتىنىگە ئاپىرىپ  رازى قىلاتتىم، ئەپسۇس،دىمەكتىن باشقا  نىمە ئامال،                           ماشىنا  تامۇجىنا ئالدىخا كەلدى  ، مەن رەسمىيەتلىرىنى  ئۆتەپ   ۋەتەن توپىرىقخا قەدەم قۇيۇشۇم بىلەن  مەيىن شامالدا لەپىلدەپ  تۇرغان بەش يۇلتۇزلىق  قىزىل  بايراققا كۆزۇم چۇشتى،  مەن ئىپتىخارلىق بىلەن ئىھ ئانا ۋەتەن سەن مىنى  تۇغۇپ ئۆستۇردىڭ،مەن بەختلىك .ئەپسۇس  مەن  نىمە  قىلىپ  بىرەلدىم بۇ سۇئال كالامخا  كەلگەندە بەكمۇ  خىجىل بۇلمەن ،
تۇگۇدى،

UID
6054
يازما
325
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7439
تىزىملاتقان
2010-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-19
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 00:04:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئۆزيۇرتقا يېتەمدۇ  كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغىچە ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول  دىگەن گەپ بارغۇ بىزدە تەسىرلىك ئەسلىمىكەن..

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش