كۆرۈش: 879|ئىنكاس: 9

ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قەدرىگە يېتىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
52802
يازما
18
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2013-6-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-26
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 17:31:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قەدرىگە يېتىڭ

ئانىڭىز بار سىزنىڭ غەمگۈزارىڭىز بار،غېمىڭىزنى يەيدىغان،سىز يىغلىسىڭىزيۈرىكى يىغلايدىغان،خۇشاللىقىڭىز ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان بىر ئۇلۇغ ئىنسان يېنىڭىزدا بار.

ئانىڭىز بار،سىز ئۈچۈن چەكسىز كەتكەن بىر مېھرى مۇھەببەت دېڭىزى بار،چەكسىز مېھرى مۇھەببىتى بېلەن سىزنىڭ ھاياتىڭىزغا سۆيگۈ ئاپىرىدە قىلغۇچى بىر بۈيۈك ئىنسان يېنىڭىزدا بار.
ئانىڭىز بار،سىز ئۈچۈن خۇشپۇراق گۈللەرگە تولغان بىر باغ بار،كۆڭلىڭىز يېرىم بولغان چاغلاردا،سىزنى باغرىغا باسىدىغان،دىلىڭىزدىكى يېرىملىقنى باغرىدىكى چەكسىز ئىللىقلىق بېلەن يوق قىلغۇچى بىر ئىنسان يېنىڭىزدا بار.
ئانىڭىز بار،سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ نىجاتكارى بار،سىزنى دۇنياغا ئاپرىدە قىلغان،ئۆز خۇشاللىقىنى قۇرغان قىلىش بەدىلىگە سىزنى كىچىككىنە گۆش ھالىتىڭىزدىن ھازىرقى چوپچوڭ ئادەم قىلىپ يېتۈشتۈرگەن مېھىر-شەپقىتى چەكسىز بىر ئېنسان يېنىڭىزدا بار.
ئانىڭىز بار،سىزنىڭ ھۆرمىتىڭىزگە ،كۆيۈنىشىڭىزگە ئەڭ ھەقلىق ئىنسان بىر،سىزنىڭ كۆز ئېچىشىڭىز ئۈچۈن،توققۇز ئاي توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرگەن،ھەر قېتىملىق تولغىقىدا بىر قېتىم ئۆلۈپ تىرىلگەن،سىز ئۈچۈن چەكسىز جاپالارنى تارتقان،تالاي قېتىم قەلبىگە ئازار بەرسىڭىزمۇ يەنە ۋايسىماي ئوتۇڭىزدا كۆيۈپ سۈيىڭىزدە ئاققان مۇقەددەس ئىنسان يېنىڭىزدا بار.
ئاتىڭىز بار،يۆلەنچۈكىڭىز بار،يىقىلغان ئورنىڭىزدىن يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويىدىغان،ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا،يۆلۈنەلەيدىغان بىر تايانچىڭىز يېنىڭىزدا بار.

ئاتىڭىز بار،كۆز ئالدىڭىزدا ئىگىز بىر تېغىڭىز بار،بېشىڭىزغا كۈن كەلگەندە سايە بولىدىغان، تاغدەك بەستى بېلەن،سىزنى تۇرغۇزىدىغان بىر ئۇلۇغ ئېنسان يېنىڭىزدا بار.
ئاتىڭىز بار سىز ئۈچۈن تالاي قۇربانلارنى بەرگەن ئىنسان كۆز ئالدىڭىزدا بار،ئۆزى ئاچ يۈرسىمۇ سىزنى تويغۇزغان،ئۆزى كىيمىسىمۇ سىز ئۈچۈن يېڭى كىيىملەرنى تەييەر قىلغان،تالاي جاپا-مۇشەققەت تارتىش بەدىلىگە سىزنى بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتۈرگەن قىبلىگاھىڭىز يېنىڭىزدا بار.
ئاتىڭىز بار،ئۆز مىھنىتى ئۈچۈن مىننەت قىلمايدىغان،سىز ئۈچۈن قىلغان ھەرقانداق بىر شەپقىتى ئۈچۈن سىزدىن ھېچنەرسە تەلەپ قىممايدىغان،ئۇلۇغ بىر ئىنسان يېنىڭىز دا بار.
ئاتىڭىز يوق ،ئانىڭىز يوق،سىز ئۈچۈن باغمۇ يوق ،تاغمۇ يوق،سىز يۆلىنىدىغان،دەردىڭىزگە يىغلايدىغان،ئەجرى ئۈچۈن ھېچنىمە تەلەپ قىلمايدىغان ئەزىز ئنسانلار ئەمدى يوق.
ئاتىڭىز يوق ،ئانىڭىز يوق،دوپپىڭىز بېشىڭىزدىن چۈشۈپ كەتسە كىيدۈرۈپ قويىدىغانغا ئەمدى ھېچكىم يوق،سىزنىڭ ئاچلىقىڭىزغا ،توقلىقىڭىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھېچ قانداق ئىسان يېنىڭىزدا يوق.
ئاتىڭىز يوق ،ئانىڭىز يوق،ئەجرى ئۈچۈن،يۈدۈپ ھەرەمگە ئاپارسىڭىزمۇ جاۋاب قايتۇرالمايدىغان بۈيۈك شەپقەتچىللىرىڭىز ئەمدى يېنىڭىزدا يوق.

خاتىمە:

ئويلاڭ ئىنسان ،سىز مىھرىبان ئانىڭىزغا ،كۆيۈمچان دادىڭىزغا زادى نېمە قىلىپ بېرەلىدىڭىز،ناشتا قىلىشىڭىز ئۈچۈن سەھەر تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلىسا،خىزمەتكە ،مەكتەپكە كېچىكىپ قالغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ،ناشتا قىلماي كېتىپ قالدىڭىز،لىكىن شۇ ۋاقىتتا،ئانىڭىزنىڭ كۆڭلىنىڭ پۈتۈن بىر كۈن يېرىم ھالەتتە تۇرغانلىقىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىدىڭىز.

ئاتا -ئانىڭىز يامان ئىشلىرىڭىزنى بىلىپ قېلىپ نەسىھەت قىلغان ۋاقىتلاردا،ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ ،ئۇلارنى رازى قىلماقتا يوق،ئۇلارنى سىلكىپ دىلىنى رەنجىتتىڭىز،تېخى ئۇلار بىلەن تەڭ تۇرۇپ ۋارقىرىدىڭىز.
سىرىتلاردا قىز چوكانلارغا ئايىماي پۇل خەجلىدىڭىز،لېكىن ئاتا-ئانىڭىزغا كەلگەندە شۇقەدەر بېخىل بولىۋالدىڭىز،ئاتا-ئانىڭىزدىن ئوغۇرلىقچە ئايالىڭىزغا نەرسە -كېرەكلەرنى توشىدىڭىز ،لېكىن ،ئەشۇ جاپاكەش ئاتا-ئانىڭىزغا قانچە قېتىم سوۋغات بېرەلىگىنىڭىزنى ئۆزىڭىزمۇ ئۇقمايسىز.
تېخى ئاتا-ئانىڭىز مىڭ بىر جاپادا يىغقان پۇللارنى،قانداق قىلىپ ئۆز چۆنتىكىڭىزگە كىرگۈزۈش توغرىسىدا ھەرخىل پېلانلارنى ئويلايسىز،ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا قاچىلىك زور قەرىزدار ئىنسان ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلاپمۇ قويمايسىز.

ئاتا-ئانىڭىز قېرىپ -ياشىنىپ قالغان چاغلىرىدا،ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىپ پەرزەنتلىك بۇرچىڭىزنى ئادا قىلماقتا يوق،ئۇلاردىن ئايرىلىپ چىقىپ،يالغۇز ياشاشقا مەجبۇر قىلىسىز،ئەشۇ چاغدا،ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يېنىدا بىر مىنۇت ۋاقىتنى ئارتۇق ئۆتكۈزىشىڭىزنىڭ ئۇلار ئۈچۈن نەقەدەر چوڭ خۇشاللىق ئىكەنلىكىنى خىيالىڭىزغىمۇ ئەكىلىپ باقمىدىڭىز.

ئۇلار كەتكەندىن كېيىن بولسا ،قىلغانلىرىڭىزغا پۇشايمان قىلىپ يىغلايسىز.

ھەممىمىزدىن كۈتىدىغىنىم شۇكى،ئاتا-ئانىلىرىمىز ھايات ۋاقتىدا قەدرىگە يېتەيلى،ئاز بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئەجرىگە جاۋاب قايتۇرۇشقا تېرىشايلى،بىلىشىمىز كېرەككى،ئاتا-ئانىمىز بىزنىڭ مىھرى-مۇھەببىتىمىز،ۋە كۆيۈنىشىمىزگە ئەڭ ھەقلىق ئىنسانلاردۇر،چۈنكى ئۇلار بىز ئۈچۈن ھېچقاچان يامانلىقنى راۋا كۆرمەيدۇ،ئۇلارنىڭ بارلىقى بىز ئۈچۈندۇر

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
52403
يازما
143
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
143
تىزىملاتقان
2013-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 23:47:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ   ئاتا  ئانىمىزنىڭ  ئۇمرىنى  ئۇزۇن  قىلسۇن   ئامىن

UID
53014
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-2
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 09:15:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن توغرا ئېيتتىڭ قېرىندىشىم.ئاللاھ ساڭا ۋە ھەممىمىزگە رەھمەت  قىلسۇن

UID
31144
يازما
399
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
399
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
93 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 10:10:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ،توغرا دەيسىز ،ئۇلارنىڭ شۇنچىلىك قىلغىنىغا قانچىلىك قىلساق ئەرزرىيدۇ !مەنمۇ بەزەندە ئويلاپ كۆڭلۇم يىرىم بولىدۇ ،مەن ئاتا ئانامغا نىمە قىلىپ بىرەلىدىم ؟ھىچنىمە ،ھىچنىمە !!مېنى كىچىكىمدىن ئارزۇلاپ باقتى چۇنكى مەن ئۆينىڭ چوڭ قىزى بولغانلىقىم ئۇچۇن ئۇلار ئېسىمنى بىلسەم تۇغۇلغان كۇنۇمنى ئۇنتۇپ باققان ئەمەس مانا ھازىر مەن 30دىنمۇ ئشىپ قاپتىمەن تا ھازىرغىچە ئۇلار مېنى خىجىل قىلىپ كەلمەكتە ،مەكتەپتە ئوقۇتتى دادام قانچىلىك ئوقۇيمەن دىسىڭىز شۇنچىلىك ئوقۇتىمەن 30ياشقىچە ئوقۇيمەن دىسىڭىزمۇ ئوقۇتىمەن دەپ شۇ دىگىنى بويىچە مەن زىرىككىچە ئوقۇتتى ،تويۇمنى قىلىپ قويدى ،دوسلىرىمىدىن قىلىشمىغىدەك قىلىپ ئۆيۇمنى ياساپ بەردى چۇنكى بىز يىڭى خىزمەتكە چىققاچقا نەدىمۇ شۇنچىلىك پۇل بولسۇن دەيسىز ،ئەمدى قوپۇپ بالامنى بىقىپ بىرىۋاتىدۇ ،مېنى خىزمىتنى خاتىرجەم قىلالماي قالمىسۇن دەپ ،شۇنداق قىلغىنغا مەن ئۇلارغا نىمە قىلىپ بەردىم ،نىمە قىلىپ بىرەلىدىم ! مەن ھىچنىمە قىلىپ بىرەلمدىم ،خىلجىلمەن !شۇ بۇلارغا قىلىپ بەرگىنىم بۇلارنى ھەركۇنى يوقلاپ بىرىپ تۇرۇش ،بارالماي قالسام تىلغۇندا بولسىمۇ كۆرۇشۇش بوپتۇ ،ھىيىت بايراملادا چوڭلارنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلەش بوپتۇ ،بىزمۇ يىڭى توي قىلىپ ئىككى  يىلىدىن كېيىن بالىلىق بولدۇق شۇنىڭ بىلەن تىخىمۇ ئالدىراش بۇلۇپ ،خىزمەت ،ئۆي ،بالا دەپ پالاقشىپ ھېرىپمۇ قالغان بولدۇ م، بىز ياشلاردا بىسىم ھەقىقەتەن مەۋجۇت ،بۇلارنى توغراچۇشەنگەن دادام ئاپامنى يالغۇز بالىغا قاراپ بولالمايدۇ دەپ پىنسىيەگە چىقىۋالدى ،ئاتا ئانا مىھرى دۇنيادا تەڭدىشى يوق مۇھەببەت ئىكەن ،بۇنى مەن ئانا بولغاندى كىېىين تىخمۇ بەك ھس قىلدم ،ئاتا-ئانىلار ياشىسۇن ،ئاللاھنىڭ ياخشى مەرھەمەتلىرى شۇلارغا بولسۇن ،ئاللاھ بۇلارنىڭ شۇنچىلىك كۆپ قىلغان ئەجرىگە ياخشى مۇكاپاتلار بىلەن مۇكاپاتلسىۇن ،ئاتا ئانىلار ھەرگىز يىغلاپ قالمسىۇن ،چۇنكى بۇلار ئۇلۇغلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغى !!!

UID
37380
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-5-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-25
توردا
51 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 12:08:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مىنىڭ تەڭرىتاغ مۇنبىرىگە يوللىغان ئىجادىيتىم ئىدى ،نېمە ئۈچۈن ئەجرەمگە ھۆرمەت قىلماي،مەنبەسىنىمۇ ئەسكەرتمەستىن كۆچۈرىۋادىڭىز

UID
37380
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-5-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-25
توردا
51 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 12:25:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2444939202 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-18 12:08
بۇ مىنىڭ تەڭرىتاغ مۇنبىرىگە يوللىغان ئىجادىيتىم ئىدى  ...

جىددىيچىلىكتە ئىملادا خاتالىشىپتىمەن،كۆرۈپلا خېلى خۇشال بولغان ئىدىم،چۈنكى،بىر ئادەم بولسىمۇ مېنىڭ بۇ ئەسرىمنى ياختۇرغانلىقى ئۈچۈن،باشقا مۇنبەرگە يوللاپتۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم،لېكىن،ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا،قايسى مۇنبەردىن،كىمنىڭ قەلىمىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ،بەكلا ئاچچىقىم كەلدى.گەرچە تورغا يوللانغان ئەسەر بولسىمۇ ئاپتورنىڭ قەدىر قىممىتىنى قىلىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟مەن بەك ئەپسۇسلاندىم.

UID
49694
يازما
132
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 16:14:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا ياخشىلىق قىلىشقا ئەڭ لايىق كىشى كىم؟
ئۇ دەل ئانا.
ئاندىن قالسىچۇ؟
ئانا.
ئاندىنقالسىچۇ؟
ئانا.
ئاندىن قالسىچۇ؟
ئاتا.
       --------ھەدىس-شەرىفتىن

UID
52802
يازما
18
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2013-6-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-26
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 22:54:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۇرۇڭ  ،تو

UID
52802
يازما
18
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2013-6-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-26
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 22:56:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۇرۇڭ مەن  ئۇنـتۇپ قاپتىمەن

UID
37380
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-5-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-25
توردا
51 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 16:23:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jazbidarkiz يوللىغان ۋاقتى  2013-6-19 22:56
كەچۇرۇڭ مەن  ئۇنـتۇپ قاپتىمەن

ھېچقىسى يوق كېلەر قېتىم چوقۇم شۇنداق قىلىڭ،مىنىڭ ئەسرىمنى ياقتۇرۇپ باشقا مۇنبەرگە يوللىغانلىقىڭىزدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش