زەپمۇ كاتتا نىئمەت ئىكەن قۇرئان كەرىم
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر پۈتۈنلەي شەخسىينىڭ كۆز قاراشلىرى ئاساسىدا يىزىپ چىقىلغان .ھىچقانداق سىياسى ، ياكى ئەسەبىي دىنى تەشۋىقاتى ، قۇتراتقۇلۇق قىلىش ، دۆلەتنىڭبىرلىكىنى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزۇش تەرغىپ قىلىنمىغان . پەقەتئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى بولغانقۇرئان كەرىمنى بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم ،ھەم ئاللاھ بەرگەن ئازغىنە ئەدەبىيئارتۇقچىلىقىمنى ئىشقا سىلىش بىلەن يىزىپ چىقىلغان . شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ خاتابولغان تەشۋىقلەردە ۋە ياكى ئەسلى مەناسىنى بۇرمىلىغان ئاساستا قۇتراتقۇلۇق قىلىپتەشۋىق قىلىشىغا ، تارقىتىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ . ئەگەر يۇقىرقى ئەھۋاللار كۆرۈلۈپجەمىئىيەت مۇقۇملۇقى ياكى ،مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان رادىكالپائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا بارلىق مەسئۇلىيەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .
بۈگۈن كۆڭلۈم شۇقەدەر يىرىم بولدىكى ھەتتا كۆزلىرىمدىن ياش چىقتى ، ئەمما بۇ غەمدىن چىققان ياشلار ئىدى . ھىچنەرسە كۆڭلۈمگە ياقمىدى ، ئۆزۈم ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشا مۇزىكىلار ، بىر چاغلاردا يازغان شېئىرلىرىم ماڭا بىر تامچە تەسەللىي بىرەلىسىكەن كاشكى .
تويۇقسىز ئاللاھ يادىمغا كەچتى ، توغرا ،نىمىشقاقەلبىمنىڭ پىنھانلىرىنى مەندىنمۇ ئوبدان بىلىدىغان شۇ يىگانە شەپقەتلىك رەببىم بىلەن ئەسرالاشمايمەن ، ئۇنىڭغا دەردىم ئىيتمايمەن ، قۇرئان كەرىمدىن دەرتلىرىمگە داۋا تاپمايمەن ؟
توغرا شۇنداق قىلاي ، ئەي دەرت ئاڭلا ! ئەمدى ھەرگىز، ئىھ ! رەببىم مىنىڭ دەردىم بار دىمەيمەن ، ئەي دەرت ئوبدان ئاڭلا ، بۇنى ئىسىڭدە چىڭ تۇت ، ئەمدى شۇنداق نىدا قىلىمەنكى : ئەي ، دەرت ، مىنىڭ رەببىم بار ،سەن مىنى قورقۇتالمايسەن ، سەن پەقەت ۋە پەقەت مەن ئۈچۈن بىرىلگەن سىناق ، ئەمدىيەنە شۇنداق دەيمەنكى ساڭا يەتكىچە سەۋرىممۇ ھەم بار ، سىناقتىن ئۆتۈشكەئىمان-ئىتقادىم ،غەيرەت –شىجائىتىم ، سەۋرىممۇ ھەم بار ، يەنە دەيمەنكى : ئەي دەرت! مىنىڭ رەببىم بار .
زەپمۇ كاتتا نىئمەت ئىكەن قۇرئان كەرىم
بىرئۇچۇم تۇپراقتىن يارالغان ئىنسان،
كىرەكتۇر ئۇنىڭغا تەۋپىق ۋە ئىمان.
نىئمەتلەر ياغدۇردى رەببى پاسىبان،
ئەڭ ئىسىل ئەڭ كاتتا نىئمىتى قۇرئان.
زەپمۇ كاتتا نىئمەت ئىكەن قۇرئان كەرىم.
ئىنساننى بەك ئەزىز قىلىپ تاللىدى ،
بارلىق پەرىشتە سەجدىدە بولدى .
ئىنسانغا ھەق يولنى كۆرسىتىپ قويدى،
قۇرئاننى ھەر يولغا مىزان قىلىپ بەردى .
ئىنسانغا يىتەكچى يولباش، قۇرئان كەرىم .
بىز شۇنداق ئەزىز بوپ يارالغان ئىنسان،
ئىككى ئالەم ئەزىزمىز بولسا گەر ئىمان.
قۇرئاننى چىڭ تۇتۇپ ماڭساق ھەر زامان،
بارچە دەرتكە قۇرئان بولاركەن دەرمان.
جەھەننەمدىن ساقلار ئىكەن قۇرئان كەرىم .
تۇنجى سۆزنى <ئوقۇ> بىلەنباشلاپتىكەن ،
<ئىلىم بىلەن رەببىڭنى بىل> دەپبۇيرۇپتىكەن.
قۇرئاننى كاتتا نىئمەت ئەيلەپ ساناپتىكەن ،
ئەسىرلەردىن ئۆز فەزلىدە ساقلاپتىكەن .
بۇ دۇنيادا بىر مۆجىزە قۇرئان كەرىم .
ئۆتتى نازىل بولۇپ ھازىر ئون تۆت ئەسىر،
ئۆزگەرمىدى ھەرپ تۇرماق زەۋەر يا زىر.
قۇرئاندا بار نۇرغۇن ھىكمەت بىر تالاي سىر،
شۇ سىرلارنى ياراتقۇچى رەھمان قادىر.
بايانىنى ئەيلەيدىكەن قۇرئان كەرىم.
بارلىق سىر ھىكمەت ئۇندا باياندۇر،
تارىخ ھەم كەلگۈسى بۈگۈنمۇ باردۇر.
ھەق ناھەق شۇ قەدەر ئىنىق ئاياندۇر،
ئەگەشسەڭ ئۇنىڭغا نىجادلىق ياردۇر.
سائادەت بۇلىقى قۇرئان كەرىم.
كەزسەڭمۇ ئالەمنى ،دۆلەت ھەم شەھەر،
تىپلماس قۇرئاندەك بىباھا گۆھەر.
ئاياندۇر ھاياتتىن يۇلتۇزغا قەدەر،
ئىلىمنىڭ كانى ئۇ تىپىلماس جەۋھەر.
ئىلىمنىڭ جەۋھىرى قۇرئان كەرىم.
*************************
ئەمدىلىك قارىساق ھالىمىز خاراپ ،
گۇناھقا ھىرىسمەن تاپىمىز پۇراپ.
ئىغىزلاردا لىق غەيۋەپ قۇللاردا شاراپ،
كۆزلىرىمىز شەھۋەتتە ھەريانغا قاراپ .
بۇ گۇناھدىن تۇسار ئىدى قۇرئان كەرىم.
شەيتانلارغا لەنەت ئوقۇپ ئاغزىمىزدا،
لىكىن ئاڭا ئۈلپەت بولدۇق گۇناھلاردا.
چىڭ تۇرالماي ، ئىزىپ كىتىپ ھەق يوللاردا،
قانداق جاۋاپ بىرەمىزكىن بۇ ئىماندا.
شەيتانلارغا زەربە ئىدى قۇرئان كەرىم .
مۇسۇلمانلىق داۋايىمىز ناماز بولدى ،
ئۇندىن باشقا ئىبادەتلەر سەل قارالدى.
قۇرئان ئوقۇش ئەمدى شۇنچە مۈشكۈل بولدى.
بۇ مۇھەممەد ئۈممىتى شۇنداقمىدى ؟
ئىمانلارغا كۈچ بىرەتتى قۇرئان كەرىم .
ئىمانسىزدىن ناماز بىلەن پەرقلەندۇق،
ئۇندىن باشقا ھەممىسىنى دوراپ بولدۇق.
كەيپ ساپا ، ئەيش ئىشرەتكە غەرق بولدۇق،
ھىجاپلارنى چۆرۈپتاشلاپ ياڭلىغاچلاندۇق.
جاھالەتتىن قۇتقۇزاتتى قۇرئان كەرىم.
گۇناھكاردىن قول ئۈزەلمەي ، قىلماي توۋا،
ھارام ئىشنى ھالال دەپ ئىزدەپ پەتىۋا.
ھالام ھارام بەكمۇ ئىنىق ئەمەسقۇ غۇۋا،
ھارام ئىشنى ئىسلامىيەت كۆرمەيدۇ راۋا.
ھالال ھارام ئايرىغۇچى قۇرئان كەرىم.
ئەرلىرىمىز زەيپلەشتى قىزدە يوق ھايا،
قىلغان ئىبادەتلەرگە ئارلاشتى رىيا.
دىللىرىمىز قارىداپ ئۆچتى نۇر زىيا،
ئىمان بىغى قاغجىرىدى ،ئۈنمەيدۇ گىياھ
ئىمانلارنى ياشارتىدۇ قۇرئان كەرىم.
توۋلاپ تىخى قاۋاقلاردا مەن مۇسۇلمان،
شاراپ ئىچىپ يۈرىمىز ھەم بىخارامان.
شاراپخورلۇق ئىسلامدا شۇنچىلىك يامان،
بۇنداق ناپاك قەلبتە بارمىدۇ ئىمان.
ئىمانلارغا نۇر، ئوزۇق قۇرئان كەرىم.
بامدات ۋاقتى ئويغانغىن دەپ چىقسا ئەزان،
سۈت ئويقۇدا قوپماي ياتتۇق شۇنچە لەرزان.
بىز ئۇخلىساق ساما سالدى ئىبلىس شەيتان،
بىر نامازغا ئويغۇتالماي ئاجىز ئىمان.
شەيتانلارغا زەربە ئىدى قۇرئان كەرىم .
ناماز دىگەن مۇسۇلمانغا ئىدى پەرز،
ئادا بولماي بۇ پەرزلەر بولدى قەرز،
مەشھارگاھتا ئاقارمۇ قۇرۇق ئەرز،
مۇسۇلمانغا لايىقمۇ ئۇشبۇ تەرز.①
تەقۋالىققا ئۈندەيدۇ قۇرئان كەرىم.
ئولۇغلىدۇق ، چاڭ قۇندۇرماي ئۆيىمىزدە،
ئۇقۇمىدۇق ، سەھەر كىچە مۇڭلۇق ئۈندە.
زاۋال تاپتۇق سەھەردىكى غەپلەتلەردە،
شەيتان دىپىغا ئۇسسۇل ئويناپ كىچە تۈندە.
دىلغا چىراق ، ئىمانغا نۇر قۇرئان كەرىم .
قۇرئاننى ئوقۇماي ،ئۆتسەك ئاقىۋەت،
قەلىبلەر قارىداپ ، باسار قاساۋەت.
شۇم ئەجەل قەست قىلسا كەلگەندە نۆۋەت،
ئىمكان يوق قىلىشقا بىر رەت تىلاۋەت.
قەلىبكە نۇر زىيا قۇرئان كەرىم.
***************************************
دەرتلەر كەلدى بىشىمغا دەپ غەمگە پىتىپ ،
ئۆزەمچە بىر خىيال قىلىپ ،چارە تىپىپ .
سەۋرىم تامام بولغىنىدا يىشىم ئىقىپ ،
قانداق قىلاي ئەمدى مەن دەپ بىشىم قىتىپ .
بارچە دەرتكە دەرمان ئىدى قۇرئان كەرىم .
ھەقنى سۆزلەپ ، ۋەز ئىيتىپ ئەمەل قىلماي ،
قۇرئان ئارتقان ئىشەكلەردىن پەرق قىلماي .
ئۇنى ئاز دەپ گۇناھلاردىن ھەزەر قىلماي ،
ھەق يولدىمۇ سەۋر قىلماي رۇس ماڭالماي .
ھەممە يولدا مىزان ئىدى قۇرئان كەرىم .
رەسۇلىمىز ھەردەم تۇرۇپ تىلاۋەتتە،
كىچەلىرى ئۆتەر ئىدى ئىبادەتتە .
ئۇنىڭ ئۈچۈن سوراق يوقتى ئاخىرەتتە،
نىچۈن ئۈممەت بولۇپ قالدى بۇ ھالەتتە.
ئازاپلاردىن ساقلار ئىكەن قۇرئان كەرىم.
قۇرئاننى زوقلۇنۇپ ئوقۇغان چاغدا،
شۇ شەيتان ھەسرەتتە قالىدۇ داغدا.
قۇرئاننى ئەزىزلەپ ساقلىساڭ دىلدا،
ياشايسەن جەننەتتە چىرايلىق باغدا.
بەختىڭنى بىرىدۇ قۇرئان كەرىم .
قۇرئان قىلار قەلبلەرنى نۇرانە،
ئايەتلىرى پاساھەتلىك دۇردانە.
جاھاندا بىر مۆجىزىكەن يىگانە،
قەلبى كورلار بۇ گۆھەردىن بىگانە.
مۇئمىنلارغا ئەڭگۈشتۈركەن قۇرئان كەرىم.
كۈنلىرىمىز ئۆتمىسۇن ئەمدى غەپلەتتە،
سەھەر كىچە ئۆتەيلى بىز تىلاۋەتتە.
نۇرلۇق يۈزدە تۇرايلى بىز قىيامەتتە،
ئورنىمىزنى تاپاتلى بىز بىھىش جەننەتتە.
جەننەتنىڭ ئاچقۇچى قۇرئان كەرىم.
غەم قايغۇدىن كۆزلەر تولسا ئىسسىق ياشقا،
تۇر ئورنۇڭدىن ، دىگىن، مىنىڭ رەببىمئاللاھ.
قۇرئان ئوقۇ ،ئىبادەت قىل ، قىلغىن دۇئا
ئاللاھ بولار ھەر مۈشكۈلگە ئۆزى پاناھ .
ياشلىرىڭنى سۈرتەر ئىكەن قۇرئان كەرىم .
غەم دىگەن ئۇ ھىچ گەپ ئەمەس بەلكى سىناق ،
بۇ ئىماندا تەۋرەنمەستىن مەھكەم تۇرساق .
قۇرئان بىزگە ھەمراھ بولسا ،تاشلىمىساق ،
بارچە دەرتمۇ تۈگەيدىكەن سەۋر قىلساق .
دەرتكە داۋا ، شىپاھ ،دەرمان قۇرئان كەرىم.
قۇرئان كەرىم مۇئمىنلەرنىڭ ئامەت بەختى،
قۇرئان كەرىم بۈيۈكلۈكنىڭ تاجى تەختى.
قۇرئان كەرىم ئىسلامنىڭ قەدرى قىممىتى،
قۇرئان كەرىم مۇسۇلماننىڭ ئىززەت ھۆرمىتى.
نىئمەتلەرنى كاتتىسىكەن قۇرئان كەرىم.
قۇرئان كەرىم شۇنچە ئۇلۇغ ، بەكمۇ ئەتىۋا،
قۇرئان بىلەن بارچە ھاجەت بۇلاركەن راۋا.
قۇرئان بىلەن بارچە دەرتمۇ تاپاركەن داۋا،
قۇرئان بىلەن مىسكىن دىللار قىلاركەن ناۋا.
خوشاللىقنىڭ پۈتمەس كانى قۇرئان كەرىم.
بارچە سىرلار ئىچىلغۇسى قۇرئان بىلەن،
بارچە تۈگۈن يىشىلغۇسى قۇرئان بىلەن.
ئۈممەت نىجاد تاپقۇسى قۇرئان بىلەن،
جەننەت ئىنئام بولغۇسى قۇرئان بىلەن.
ئىككى ئالەم بەختىكەن قۇرئان كەرىم.
غەمكىن دىللار ئىچىلسۇن قۇرئان بىلەن ،
كىسەل دىللار ساقايسۇن قۇرئان بىلەن .
غەم ياشلىرى قۇرىسۇن قۇرئان بىلەن ،
ھەممە نىجاد تاپسۇن يەنە قۇرئان بىلەن .
جەننەت يولىغا باشلار ئىكەن قۇرئان كەرىم.
سوغۇق دىلغا ھارارەت قۇرئان كەرىم،
ئاجىزلارغا جاسارەت قۇرئان كەرىم .
مەزلۇملارغا سائادەت قۇرئان كەرىم ،
ئازغانلارغا ھىدايەت قۇرئان كەرىم .
بارچە دەرتكە دەرمان ئىكەن قۇرئان كەرىم .
قۇرئانغا مۇجەسسەم بارچىكى ئىلىم،
ئوقۇسام يىغلايدۇ ، ئېرىيدۇ دىلىم.
نۇرلىنىپ ، كۈچىيىپ كىتەر ئىمانىم،
تەرىپىنى قىلىشقا ئاجىزدۇر تىلىم.
رەببىمنىڭ ئىنئامى قۇرئان كەرىم .
ئال قۇلۇڭغا ، ئوقۇ قۇرئان ئەي قىرىنداش ،
تىپىلمايدۇ ، قۇرئاندىنمۇ ياخشى سىرداش .
بۇ دۇنيادا ئۇنىڭغا ھىچ يوقتۇر تەڭداش. ،
ھەق يولىغا باشلايدۇ ھەم بولۇپ يولباش.
زەپمۇ كاتتا نىئمەت ئىكەن قۇرئان كەرىم .
كەتمەن
2013-31-ماي .
تەرز : ھالەت، شەكىل، يوسۇن، تەرىقە
مەنبە:مىسرانىم مۇنبىرى |