پوسكام 3. ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىغا نەزەر – پوسكام 3. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىقتىن زارلىنىشنىڭ مەنبەسى ھەققىدە مۇلاھىزە
مائارىپ- مىللەتنىڭ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل. مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش، نوقسانلارنى بايقاپ تۈزىتىش، نازارەت قىلىش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى. يىقىندا بايقىغان مائارىپتىكى بىر قىسىم نوقسانلار ھەققىدە قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق پوسكام ناھيىسىنىڭ مائارىپى ھەققىدە تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
مەن ئەزىزانە قەشقەرنىڭ پوسكام دىيارىدىكى ئادەتتىكى بىر ئوقۇتقۇچى، ناھيىمىزدە ناھيە مەركىزىگە يېغىلغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپوتىن ئۈچى بار، بۇلاردىن مەندە بەكرەك غەلىتە تەسىر قالدۇرغىنى ناھيىلىك 3. ئوتتۇرا مەكتەپ! مەكتەپنىڭ ئوقوغۇچى مەنبەسى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلمىسى باشقا ئىككى مەكتەپلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، ئەمما ناھيە مەركىزىگە يېغىلغاندىن بۇيانقى تۆت يىلدا 3. ئوتتۇرا مەكتەپ ئىزچىل ئوقۇتۇش ۋە باشقا خىزمەتلەردە ئىزچىل تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە ھەم جەمىئەتتە بۇ مەكتەپكە غەلىتە نەزەر بىلەن قارايدىغان ئادەت شەكىللەنمەكتە.
تۆۋەندە مەن تورداشلار بىلەن ئاڭلىغان ھەم بىۋاستە كۆرۈپ ئىگىلىەەن بىر قىسىم مەسىلىلەر، مەسىلىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئورتاقلاشماقچىمەن،
1. مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە دىمگىراتىيە بەكلا ناچار، يوق دېيارلىك! مەكتەپ رەھبىرى (ئىسمىنى، ئەمەل دەرىجىسىنى تىلغا ئېلىش بىھاجەت) بارلىق قارار چىقىرىش ھوقوقىنى بىر قوللۇق ئىگىلىۋالغان، ھەر قانداق چوڭ- كىچىك، توڭ- پىششىق.... مەسىلىلەرگە مەكتەپ تەشكىلى ھەيئەتلەر گورۇپپىسى قاراپ چىقىپ قارار چىقىرىلىدىكەن، ئەمما بىرەرسى ئوقۇتۇشقا پايدىلىق، ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ پايدىلىق ئەمما رەھبەرلەرنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىنى كىچىكلىتىۋىتىلىدىغان پىكىر ئوتتۇرىغا قويسىلا ئۇنداق ھەيئەت ئەزاسىنى بىر ئاماللار بىلەن بۇ گورۇپپىدىن چىقىرىۋىتىدىكەن ياكى باشقا ئىشلارغا پۇتلاپ يوشۇرۇن ئەدەپلەپ يېغىن مەيدانىدا گەپ قىلالماس ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن جانابى باشلىقنىڭ بىمەنە، تۇترۇقسىز پىكىرلىرى «پىشقان، مەسلىھەتتىن ئۆتكەن قارار» بولۇپ ئېلان قىلىنىۋىرىدىكەن. بۇنداق تۈزۈم، دىمگىراتىيە بولمىغان يېغىن قارالىرى بار مەكتەپتە خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقى سىرتتىن قاراشقىلا ئىنتايىن ئاكتىپ، خىزمەتتە ئەپلەپ- سەپلەپ كۈن ئۆتۈزۈش خاھىشىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە.
2. مەكتەپ رەھبىرىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى ئىگىلىۋالغان بىر قىسىم «ئاپشاركا» لار «مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسىغا يىقىندىن ئەگىشىپ» پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاخبارات، مەسىلە تېپىپ چىقىپ چېقىمچىلىق بىلەن جان باقىدىغان ئىسىل قوشۇن شەكىللىنىپ قالغان. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى مەكتەپ خىزمىتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپە دەپ سانايدىكەن، زىيانلىق تەرەپلىرىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قيمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپتە گوروھ شەكىللىنىپ پارتىلاش ھالىتىدە تۇرماقتا. پىلەككە ئوت ياققۇچىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقى بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ئاپشاركا» ۋە «كۆز- قۇلاق» لار يوق ۋاقىتلاردا قىلىشقان پاراڭلىرىدىن ئوچۇق بىلىنىپلا تۇرىدىكەن.
3. ئوقوغۇچىلار ئۈچ مەكتەپ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر جىياتەتچىلەر قاتارىدا باشقۇرۇلىدىكەن، مەسىلەن: ياز كۈنلىرى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 5:30 دە، قىش كۈنلىرى 6:30 لەردە پۈتۈن ئوقوغۇچىلار ياتاقتىن مەجبۇرى قوغلاپ چىقىرىلىپ، ئىككى قىتىم مەيداننى ئايلىنىپ يۈگرەش، ئىككى قىتىم رادىئو گىمناستىكىسى ئويناش مەجبۇرىيىتىىنى ئادا قىلىدىكەن. بىر كۈن 8 سائەت تولۇق دەرس ئوقۇپ، كەچتە ئىككى سائەت كەچلىك مۇزاكىرىدە دەرس تەكرارلاپ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن بىچارە سەبىيلەر خوراز چىللىماستا ئورنىدىن مەجبۇرى تۇرغۇزۇلۇپ يۈگرەشكە، گىمناستىكىغا سېلىنسا، 9. يىللىقتىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئوقوغۇچىلار ئۆگىنىشنى باشلاي دېيىشىگە پۈتۈن مەكتەپنى بىر ئالىدىغان كاناي ئاۋازى ياڭرىسا، تېخى ئۇيقۇسىغا قانمىغان بىچارە «ئۆسمۈر جىنايەتچى» لەرنىڭ ئەھۋالى بۇ تۇرسا، كۈندۈزى ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتكەندە مۈگدەپ قالسا مەخپى كۆزلەر، ئاپاراتلار سىنىپتىكى ئەھۋالنى سۈرەتكە تارتىپ شۇ سىنىپنىڭ نامىنى سېسىتسا.... توۋا...... بۇ مەكتەپتە ھىلىمۇ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىپ ئوقوغۇچىلار يۇقۇرى مەكتەپلەرگە ئۆتىدىكەن. باشقا مەكتەپلەردىكىدەك ئىچ- ئىچىدىن بىرىلىپ ئۆگىنىدىغان ئوقوغۇچىنى تاپالماسلىقىمىزدىن ھەيران قالمىساقمۇ بولغۇدەك. ئوقۇتقۇچىنىلارنىڭ قاپىقى، ھۆرمىتىدىنلا ئۆگىنىپ، پۇرسەت تاپسا قۇرۇق پاراڭ، ئويۇننىڭ غېمىنى قىلىش، زىرىكىشتىن ماۋسۇمدا بىر چوڭ جىدەل، ئايدا بىر كىچىك جىدەك چىقىپ تۇرۇشىمۇ بۇنداق تۈزۈمگە نىسبەتەن نورمال! ھىلىمۇ بۇ مەكتەپنىڭ ئوقوغۇچىلىرى خېلىلا ياۋاش، قۇلىقى يۇمشاقلاردىن ئىكەن.
4. مەكتەپلەرنىڭ ئومومى خىزمىتى سىنىپ مۇدىرلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ما.ارىپ تەربىيىسى كۆرگەن، مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەر قانداق كاللا چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ. سىنىپ مۇدىرلىرىنى ئەتىۋارلاش، خىزمەت بېسىمىنى يىنىكلىتىش مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئويلايدىغان مۇھىم ئىشى. سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ قوللىشى، ھەمكارلىقى بولمىسا مەكتەپ خىزمىتى تەبىئىلا پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ نوقتا بۇ مەكتەپنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئىنىق ئەمەستەك قىلىدۇ. جازالىنىدىغان، ئەڭ ئىغىر ئىشقا سېلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلار سىنىپ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىنىدىغاندەك، يېڭى ئوقۇش يىلى كەلسىلا بىر قىسىم «ئاپشاركا» لارنىڭ «سىزنى سىنىپ مۇدىرلىقىغا كۆرسىتىپ قويىمەن جۇماڭ....» دېگەندەك تەنە، مازاق، قورقۇتۇش ئارىلاش گەپلىرى بۇ گەپنىڭ دەلىلى بولالايدۇ. يەنە بىر ئىغىر مەسىلە: مەكتەپكە كىرگەن ئوقوغۇچى ياش، نادان، سەبىي، ئاق- قارىنى، توغرا- خاتانى، ھەق- ناھەقىنى .... پەرقلەندۈرۈش كۈچى ئاجىز. شۇڭا ئۇلار تەربىيىلەنگۈچى، ئۆگەنگۈچى، بىر ئۆمۈر خاتالىق ئۆتكۈزمەي ياشاش ئىنساننىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس. خاتالىق ئۆتكۈەلمىگەن ئوقوغۇچى مېنىڭچە كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولالمايدۇ. ئەمما بۇ مەكتەپتە ئوقوغۇچى خاتالىق ئۆتكۈزسە سىنىپ مۇدىرىنى تەرەپ تەرەپتىن «تالاش» ، تەنقىدلەش، جازالاش بەكلا چەكتىن ئېشىپ كەتكەن، تەربىيە بىلەن تۈزەتسىمۇ بولىدىغان مەسىلىلەرمۇ كۆككە كۆتۈرۈلۈپ ئىغىر سىياسى مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئەڭ ئىغىر چارە بىلەن جازا بىكىتىش سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقى، خىزمەتنى دادىل ئىشلەش ئەركىنلىكىنى بوغۇپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچى- ئوقوغۇچى مۇناسىۋىتى ئەزەلدىن تىللاردا داستان بولىۋاتقان ئاتا- بالىلىق، ئانا- بالىلىق، ئاكا- ئىنىلىق، ئاچا- سىڭىللىق.... مۇناسىۋەتتە ئەمەس، تۈرمە ساقچىسى بىلەن جىنايەتچى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشاپ قالغان. بىر- بىرىنى كۆرسە قاچىدىغان، ئەيمىنىدىغان، ئەنسىرەپ، خۇدۇكسىرەيدىغان، بىر- بىرىنىڭ پۇتىنى مارايدىغان ھالات شەكىللىنىپ قالغان.
5. مەكتەپ رەھبەرلىرى مەسىلە چىقسىلا مەسىنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئۆزلىرى قىلىپ بېرىشكە تىگىشلىك مەسئۇلىيەتنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئىش چىقارغان ئوقوغۇچى، ئاندىن سىنىپ مۇدىرى، دەرس ئوقۇتقۇچىسىنى ئەدەپلەپ، ئازراقلا «ئەمەل» يۇقى بار «كىچىك ئاپشاركا رەھبەر» لەرنى بىر ئاماللار بىلەن بۇ پاتقاقتىن قۇتۇلدۇرۇشقىلا ئۇرۇنغان. يىللىق باھالاش، ئۇنۋان بېرىش، نەمۇنىچى سايلاش..... دېگەندەك مەنپەئەتلەر ئىزچىل رەھبەرلەر بىلەن ئازراق «ئەمەل» يۇقى بار «كىچىك ئاپشاركا رەھبەر» لەردىن ئاشمىغان. بۇنداق تۈزۈم، بۇنداق «يۈكسەك مەركەزلەشكەن دىمگىراتىيە» تۈزۈمىدە كىممۇ ئىشلەشنى خالىسۇن؟ شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئىقتىدارلىقلارنىڭ بىرنىمىلەرنى باھانە قىلىپ ئارقا سەپ مۇلازىمەت رايۇنىغا ياكى قوشنا مەكتەپلەرگە تەلەپ قىلىپ يۆتكىلىش ئەھۋالى كۈندىن- كۈنگە ئىغىرلىشىپ بارغان. «مەن ئوقۇتقۇچىلىقتىن تويدۇم» «مەن سىنپ مۇدىرلىقتىن تويدۇم» «قاچان دەم ئېلىشقا چىقارمەن» ..... دەپ ۋايساشلار كۈنسىرى بۇ مەكتەپنىڭ كۈندىلىك مەكتەپ شۇئارى، قەسەمنامىسىدەك كۈندە تەكرار دېيىلىدىغان قىزىق تېمىغا ئايلانغان.
يۇقارقىلار مەن قەشقەر پوسكام 3. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن، شۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن يۈز تۇرانە تۇرۇپ ئاڭلىغانلىرىم. ھەرگىز كۆپتۈرمە يوق. مەن بۇ مەكتەپنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىدىن، ئوقۇتقۇچى- ئوقوغۇچىلارنىڭ كەلگۈسى، ئىستىقبالىدىن قاتتىق چۆچۈدۈم ھەم ھەيران قالدىم. دېگەنلىرىم پەقەت مەكتەپ تۈزۈملىرىدىكى ئازراقلا كاۋاك. مەن بىلمەيدىغان، كۆرمىگەن، ئاڭلىمىغان مەسىلىلەر مېنىڭچە يەنە خېلى بار. مائارىپنى قانداق تەرەققى قىلدۇرۇش، بۇ مەكتەپ مائارىپىنى قانداق قۇتقۇزۇش ھەر دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئويلىنىشى، مەسىلىنى ھەل قىلىشى، ئورتاق پىكىرەە كېلىشى ئارقىلىق ھەل بولغۇسى!
ئىزاھات: يۇقارقىلار پەقەت نوقسانلار، ياخشى تەرەپلەر يوق دېگەنلىك ئەمەس، پەقەت مەسىلە بايقالسا، ئوتتۇرىغا قويۇلسا، تۈزىتىلسە دېگەن ئۈمىدتە يېزىلدى.
|