كۆرۈش: 918|ئىنكاس: 1

ئالتۇندەك سۆزلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49694
يازما
132
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 21:19:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالتۇندەك سۆزلەر




دۇنيادا ئۆلىمالارنىڭ خوشامەتكۇيلىقى بولمىغىنىدا ، زالىملار زۇلۇمغا جۈرئەت قىلالماس ئىدى.
                ــ ئابدۇلفەتتاھ شاھىن
كىشى ئىلىم ئۆگىنىشتە داۋام ئېتىۋاتقان پەللىدە ئالىمدۇر .«ئالىم بولدۇم ، ئەمدى يېتەرلىك » دەپ خۇلاسە چىقارغان چېغىندىن باشلاپ جاھىلدۇر.
      ــ ئابدۇللاھ ئىبىن مۇبارەك
ئاللاھ تائالا ھەر زاماندا ئۆلىمالارنى ئۇشبۇ زامان خەلقىنىڭ ئەمەللىرىگە مۇناسىپ سۆزلەر بىلەن سۆزلىتىدۇ.
_ ئەبۇ تارۇب نەخشابىي
كىشىنىڭ ئالىم بولىشىغا ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ، ئىلىمسىز قېلىشىغا بولسا ئىلىمىگە مەغرۇرلىنىش كۇپايە.
_ مەسرۇق
ئىلىم ئېلىڭلار. ئىلىم بىلەن بىرگە خاتىرجەملىك ھەم مۇلايىملىقنىمۇ ئۆگىنىڭلار . سىلەرگە تەلىم بېرىۋاتقان كىشىگە ئىززەتتە بولۇڭلار. سىلەردىن تەلىم ئېلىۋاتقان كىشىلەر ھەم ھۆرمەتتە بولۇشسۇن. جەبىر قىلغۇچى ئالىملاردىن بولماڭلار ، ئىلىمىڭلار جاھىللىقىڭلار ئۈستىگە قۇرۇلغان بولمىسۇن.
_ئەلى ئىبىن ئەبۇ تالىب
ئىلىمنى پۇرسەت بولسىلا ئۆگىنىۋېرىش كېرەك ، چۈنكى ئىلىم زۆرۈر بولغان پەيىتتە پۇرسەت تېپىلمايدۇ.
_ئابدۇللاھ ئىبىن مەسئۇد
ئىلىمنىڭ ھەممىسى دۇنيادۇر ، ئاخىرەت بولسا ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتۇر . ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ئەمەلدىن باشقا ھەممە ئەمەل بىھۇدىدۇر.
_ سەھىل ئىبىن ئابدۇللاھ تۇستەرىي
ئىزدەنمەي ئۆگىنىدىغان شاگىرت قاناتسىز قۇش.
_ سەئىدى شىرازى
گۇناھ قىلىش ئىلىمنىڭ بەرىكىتىنى كەتكۈزۈپ ، ئىلىمنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
_ ئابدۇللاھ ئىبىن مەسئۇد
بارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكلىكى ئىلىم بىلەن  قوشۇلۇپ كەلگىنىدۇر.
                 ــ ئەبۇ ئىسھاق زوھرۇرىي
سىلەر خالىغانچە ئىلىم ئۆگىنىۋېرىڭلار .ئاللاھقا قەسەمكى ئەمەل قىلمىغۇچە ئاللاھ سىلەرگە ئۆگەنگىنىڭلار ئۈچۈن ئەجىر بەرمەيدۇ . ئەخمەقلەر ھىممىتى رىۋايەت قىلىش ، ئۆلىمالار ھىممىتى رىئايە قىلىشتۇر.
             ــ ھەسەن بەسرىي
ئىلمگە ئەمەل قىلمىغان ئالىم باشقىنى كىيىندۈرگەن ھالدا ئۆزى يالىڭاچ قالغان زىققا(پوفايكا ،كىيىم كىچەك توقۇيدىغان زىق،ئەسۋاپ) ئوخشايدۇ.
              ـــ ئەبۇ ھامىد ئەل غەززالى
كىم قۇرئاننى ياد ئالسا قەدرى ياخشى بولىدۇ ، كىم ئۇنىڭ مەنالىرىنى ئاڭلىسا دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ ، كىم ھەدىسنى يادلىسا دەرىجىسى كۆتۈرۈلىدۇ، كىم ئەرەبچىنى ۋە شەرىئەتنى ئۆگەنسە تەبئىتى تىرەنلىشىدۇ . كىم نەپسىنى ساقلىمىسا ئۇنىڭغا ئىلىم پايدا بەرمەيدۇ .
            ــ ئىمام شافىي
ئىلىمنى ئەمەل ئۈچۈن ئۆگىنىڭلار .كۆپ ساندىكى ئادەملەر ئىلىملىرى تاغدەك ، ئەمەللىرى زەررىدەك بولۇپ قېلىپ خاتالىشىدۇ.
             ــ ئىبراھىم ئەدھەم
سىز ئىلىمگە بار – يوقىڭىزنى بەرمىگۈچە ئۇ سىزگە بىرەر نەرسە بەرمەيدۇ.
          ــ ئەبۇ ھامىد ئەل غەززالىي
بۇ دۇنيادا ئىلىمگە ئەمەل قىلمىغان ئالىملار ئەڭ كۆپ پۇشايمان يەيدىغان كىشىلەردۇر.
           ــ ئىبراھىم ئىبىن ئۇيەينا
جاھىل كىشى بورانغا ئوخشايدۇ ، ئاۋازى قاتتىق كۈچلۈك ، ئەمما ئىچى بوشتۇر.
           ــ سەئىدي شىرازىي
ئالىملارنىڭ جازاسى – قەلىبلىرىنىڭ ئۆلگىنىدۇر ، قەلبىنىڭ ئۆلىشى بولسا ئىلىمى ۋە قىلغان ئەمەللىرى بالا تۇرۇپ  دۇنياۋى نىيەتلەر كويىدا يۈرگىنىدۇر.
      __ھەسەن بەسرىي
بىلىم بارچە كۈلپەتلەرگە قالقاندۇر.
             ــ ئەبۇ ئابدۇللاھ رۆداكىي
تىرىكلىك ئىلىم بىلەن بولۇر ، راھەت مەرىفەتتە بولۇر ، لەززەت ئاللاھنىڭ زىكرىدە بولۇر.
           ــ ئەبۇ يەزىد بەستامىي
ھازىر ئوقۇ ، چۈنكى قەبرىدە ئوقۇيالمايسەن.
         ــ زۇبەرىي كۇندۇزەلىپ
ئىلىم تەلەپ قىلىڭلار ، پەقەت ئىلىمنىلا مۇلايىملىق بىلەن يۇشۇرۇڭلار .
        ــ ھەسەن بەسرىي
ئىككى كىشى چىقارغان پىتنىنى ھەتتا شەيتانمۇ چىقىرالمايدۇ ، ئۇلار - دۇنيا ھىرسىگە بېرىلگەن ئالىم ۋە ئىلىمسىز سوپى .
        ــ   ئەبۇل ھەسەن خاراقانىي
ئەفلاتۇندىن سورىدى :«ئوقۇش – ئۆگىنىش ئۇزارغانسىرى ئىززەت ۋە ھۆرمەتتە بولامدۇ؟»
ئەفلاتۇن جاۋابەن دېدى :«جاھىللىق نوقسان دەپ ھېسابلانغا قەدەر .»
          ــ جالالىدىن دەۋۋاني
ئەمەلدە قوللىنىلمايدىغان بىلىم جانسىز تەنگە ئوخشايدۇ.  بىلىم دەرەختۇر ، ئەمەل بولسا ئۇنىڭ مىۋىسى ….مىۋە بەرمەيدىغان شاخ كىسەلدۇر .
               ــ ھۈسەنىي ۋايىز كاشىفىي
كىشى تۆت تۈرلۈك ئىش بىلەن ئىسلامدىن چىكىتىدۇ:
بىلگىنىگە ئەمەل قىلمىسا ؛ بىلمىگىنىگە ئەمەل قىلسا ؛ بىلمىگىنىنى ئىزلىمىسە ؛ بىلىش ۋە ئۆگىنىشكە ئىنتىلگەن ئادەملەرگە زەربە بەرسە (يەنى ئۆزى بىلمەيدۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلىشكە يول قويمايدۇ)
             ــ ئەبۇ مۇھەممەد فەزل
كىچىنىڭ بىر قىسمىدا ئىلىم مۇزاكىرسى بىلەن مەشغۇل بولۇش مىڭ كىچىنى پۈتۈنلەي ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەندىن ئەۋزەلراقتۇر.
           ــ ئابدۇللا ئىبىن ئابباس
كىشىلەر ئازغىنە ئالغان ئىلمىگە خۇرسەن بولۇشى ئىلىمدىن نىسىۋىدۇر ،  بىرەر نەرسىنى ئۇنۇتقىنىدا خاپا بولۇشى ئىلىمنىڭ شاراپىتىگە يىتەرلىك دەلىللدۇر.
             ــ ئىمام شافىي
ئالىملار ھۆرمەتكە لايىق بۈيۈك ئىنسانلاردۇر . ئىلىم بىلەن مۇستەھكەملەنمىگەن ھەر قانداق ئۇلۇغلۇقنىڭ ئاقىۋىتى خارلىقتۇر.
         ــ ئەخناف ئىبىن قەيىس
مېنى بىر ئۇلۇغ زات ئۈچ يۈز دىھرامغا سېتىۋېلىپ قۇللۇقتىن ئازات ئەتتى ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئىلىم ئۆگىنىشنى قارار قىلدىم . ھىچ قانچە ۋاقىت ئۆتمەستىن شەھەر ئەمرى زىيارەتكە كەلدى ، مەن ھوزۇرۇمغا كىرشىگە رۇخسەت قىلمىدىم.
            ــ ھەلىم ئىبىن ئەبۇل جەد

ئىلىم مەردلىكتۇر ، ئۇنى پەقەت مەرد ئەركەكلەرلا سۆيىدۇ.
              ــ زۇھرىي
«شەرق ھەقنى تاپتى»ناملىق كىتابتىن
كىمكى ئىلمىنى يازمىسا ئۇنىڭ ئىلىمىنى ئىلىم ھىسابلىمايمەن.
                ــ مۇئاۋىي
ئىلىم مال – دۇنيادىن ياخشىدۇر ، ئۇ سېنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ ، مال – دۇنيانى بولسا سەن قوغدايسەن . ئىلىم ھاكىم ، مال مەھكۇمدۇر . مال دۇنيا سەدىقە قىلىش بىلەن كېمىيىدۇ ، ئەمما ئىلىم كۆپىيىدۇ.
                     ــ ئەلى ئىبىن ئەبۇ تالىب
كىسەلگە ئۈچ كۈن تائام بەرمىسە ئۆلگىنىگە ئوخشاش قەلىبگە ھەم ئۈچ كۈن ئىلىم بېرىلمىسە ئۆلىدۇ.
            ــ فاتىخ مۇسەللىي
ئالىملار قەلەملىرىنىڭ سىياھى شەھىدلەر قېنى بىلەن ئۆلچىنىدۇ ، شۇندا ئالىملار قەلەملىرىنىڭ سىياھى شەھىدلەر قېنىدىن ئېغىر توختايدۇ.
            ــ ھەسەن بەسرىي
ئەي ئوغلۇم ، سەن ئالىملار بىلەن ئولتۇر ، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىر ، چۈنكى ئاللاھ تائالا يەرنى ئاسمان  سۈيى بىلەن تىرىلدۈرگەنگە ئوخشاش قەلىبلەرنى ھىكمەت نۇرى بىلەن تىرىلدۈرىدۇ .
               ــ لوقمان ھەكىم
ئىلىم ئۆگەنمەي تۇرۇپ ئۇلۇغلۇققا ئىنتىلگەن كىشىگە ھەيرانمەن.
               ــ ئابدۇللاھ ئىبىن مۇبارەك
كۈندۈزلىرى روزىدار ، كىچىلىرى قىيامدا بولغان مىڭ عاىبدنىڭ ئۆلىمى ، ھالال – ھارامنى ئاجىرتىپ ئالغۇچى بىر ئالىمنىڭ ئۆلىمىدىن يەڭگىلراقتۇر.
            ــ ئۈمەر ئىبىن خەتتاب

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
47961
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2013-3-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 13:48:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي......   ھازىر كۆپىنچە  ئادەملەر جەمىئيەت ئانداق بۇزۇلۇپ كەتتى،ئادەملەر مانداق ناچارلىشىپ كەتتى....دەپ زارلايدۇ!   مەن دەيمەنكى،ھازىر جەمىيىتىمىزدە شۇنداق بىربۈلۈك  كىشىلىرىمىزمۇ بار،تاپا-تەنە،ھەيۋىلەردىن قورقمايدىغان،ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھىدايىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرەلەيدىغان،پەقەت ھەق يولدىلا ئىز قالدۇرىدىغان........خۇددى مەزكۇر ئاپتۇرغا ئوخشاش!
ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم!!!  داۋاملىق يېزىڭ.....   

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش