- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 523
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 523
- تىزىملاتقان
- 2014-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- UID
- 58016
- يازما
- 523
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 523
- تىزىملاتقان
- 2014-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- توردا
- 85 سائەت
|
ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ،ئامېرىكا، ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانىلىرىنىڭ يىلىغا نەچچە مىليارد دوللار خەجلەپ بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىدىن ئادەم سېتىۋالىدىغانلىقىغا ،ئۆز ئادەملىرىنى شۇ دۆلەتلەردە يەرلىك پۇقراغا ئايلاندۇرۇپ ئۆز ئىشلىرىغا سالىدىغانلىغىغا، ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن 10 يىل 100 يىلنى ئۇزاق كۆرمەي تىرىشىۋاتقانلىغىغا ئىشەنسەك بۇلۇدۇ.
دۇنيادىكى نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ، ھەتتا ھەممىسىنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ئاپراتلىرىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىگە خائىن ئىكەنلىگىگە ئىشەنسەك بۇلۇدۇ. بارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خەلقى مۇسۇلمان ،ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر دەھرىلەر ،شۇڭلاشقا خەلقىنىڭ ئارزۇسى رەھبەرلىرىنىڭ ئارزۇسى ئەمەس. رەھبەرلىرى ئۆز دۆلىتى ياكى ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويمايدۇ ،بەلكى ئۇلار ياۋرۇپانىڭ ،ئامېرىكىنىڭ ،ئىسرائىلىيەنىڭ مەپەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ .ھەتتا ئۇلار يۇقارقى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئۆز خەلقىنى قىرىدۇ . ئۆز مەيدانىنى قوللاشكا قىستايدۇ.
بىراق تۈركىيەلا پۇت تىرەپ تۇرىۋاتىدۇ .ئۇنىڭمۇ رەھبەرلىك قاتلىمىدا خائىنلار يوق ئەمەس.
شۇڭا مۇسۇلمانلار ئىشلىرىنى ئاللاغا(مىڭلارچە ھەمدۇ سانالار بولسۇن) تاپشۇرۇپلا بولدى قىلسا بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمۇ ھەركەتلىنىشى كېرەك.
ئاللا (مىڭلارچە ھەمدۇ سانالار بولسۇن) پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھاممەت مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە (جەننەتتىكى ئورنى تەڭداشسىز بولسۇن) ۋەدە قىلىپ، خاتىرجەم بول مەن بۇ دىننى (ئىسلامنى) ئۈستۈن قىلىمەن دىگەن . بىراق پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھاممەت مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (جەننەتتىكى ئورنى تەڭداشسىز بولسۇن) خاتىرجەملىك بىلەن ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئىبادىتىنى قىلىپ، ئەي ئىگەم (مىڭلارچە ھەمدۇ سانالار بولسۇن) ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇر دەپ تىلەش بىلەنلا چەكلەنگەنمۇ؟
ئۇنداق قىلمىغان، بەلكى بىر ئادەم بىر ئادەمدىن تەشۋىق قىلغان . ساۋۇت دۇبۇلغىلارنى كىيىپ ، جەڭ قۇرالىنى ئېلىپ نۇرغۇن جەڭلەرگە بىۋاستە قاتناشقان. جەڭلەردە زەربىدىن چىشى چۈشۈپ كەتكەن، بەدەنلىرىدىن قان ئاققان ئاندىن يەنە ئاللاھتىن (مىڭلارچە ھەمدۇ سانالار بولسۇن) تىلىگەن. |
|