كۆرۈش: 2587|ئىنكاس: 10

خەنزۇ مىللىتىنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە كۆپىيىپ تەرەققىي قىلىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
48034
يازما
82
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
82
تىزىملاتقان
2013-3-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
108 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 22:33:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خەنزۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادى بولغان يەندى بىلەن خۇاڭدى قەبىلىلىرى ئەسلىدە ھازىرقى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ باش ئېقىمىدا ياشايدىغان چياڭ دىگەن بىر قەبىلىدە شەكىللەنگەن.كىيىنچە يەندى قەنىلىسى بىلەن خۇاڭدى قەبىلىسى ئوتتۇرسىدا ناھايتى كەسكىن ئۇرۇشلار يۈز بىرىپ،يەندى قەبىلىسى خۇاڭدى قەبىلىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان.خۇاڭدى قەبىلىسى ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات ۋە ئۇرۇشلار ئارقىلىق ئوتتۇرا جۇڭگۇدىكى بىر مۇنچە قەبىلە ۋە ئۇرۇقلارنى ئۆزلىرىگە ئاسمىلاتسىيە قىلىش ھىسابىغا كىيىنچە خۇاشىيا قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن.خۇاشيا سۆزى گۈللەنگەن ئەل،ئېچىلغان يۇرت دىگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.خۇاشىيالار بۈگۈنكى خەنزۇ مىللىتىنىڭ بىۋاستە ئەجدادلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
خەنزۇ مىللىتىنىڭ بىۋاستە ئەجدادلىرى بولغان خۇاڭدى قەبىلىسى دۆلىتىمىز تارىخىدىكى شيا،شاڭ،جۇدىن ئىبارەت ئۈچ سۇلالە دەۋرىدە تازا تەرەققىي قىلىپ ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرلىرىگە بارغاندا خۇاشىيا نامى بىلەن ئاتالغان.جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇ سۇلالىسى ئەتىراپىدىكى قەبىلىلەر جۇ سۇلالىسى كىشىلىرىنى خۇاشىيا دەپ ئاتىغان.يېغىلىق دەۋرىگە كەلگەندە يەتتە چوڭ زومىگەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ خۇاشىيالىقلار دەپ ئاتىغان.چىن شىخۇاڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن پۈتۈن خۇاشىيا مىللىتىنىڭ يېزىقىنى،پۇللىرىنى،ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى،قاتناش يوللىرىنى،ھەر قايسى بەگلىكلەر چىگىرسىغا ياسالغان سېپىل توساقلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خۇاشىيالىقلارنى ئورتاق تۈزۈم،ئورتاق مەدىنيەتكە ئىگە بۇلۇش ئىمكانىيىتىنى ياراتتى.چىن سۇلالىسى دەۋرىدە خۇاشىيالىقلار دىگەن نامنىڭ ئورنىنى چىنلىقلار دىگەن نام ئىگىللىدى.ھازىرقى بىر قىسىم ماتىرىياللاردا جۇڭگۇلۇقلارنى چىنلىقلار دەپ ئاتاش ئەنە شۇ چىن سۇلالىسى دىگەن نامدىن كەلگەنلىكى ئىنىق.خەنزۇ مىللىتى خەنزۇلار قۇرغان خەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە،ئىقتىسادىي ۋە مەدىنىيەت جەھەتتىن قۇدرەت تېپىپ، ئەينى ۋاقىتتا ئاسىيا قىتئەسىدىكى قۇدرەتلىك بىر ئىمپىرىيىگە ئايلىنىپ ئۆز دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن.شۇنىڭ بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ تۆت ئەتىراپىدا ياشاۋاتقان ھەر قايسى سۇلالە خەلىقلىرى ئوتتۇرا جۇڭگۇدا ياشاۋاتقان خەلىقلەرنى خەن سۇلالىسىنىڭ نامى بىلەن خەنلىكلەر دەپ ئاتاشقا باشلىغان.‹‹تارىخ-مەدىنىيەت بىلىملىرى›› ژورنىلىنىڭ 1984- يىللىق 8-سانىدا ليۇباڭ خەن سۇلالىسىنى قۇرغاندىن كېيىن خەن سۇلالىسىگە قوشنا بەگلىك ياكى مىللەتلەر ‹‹خەنلىكلەر›› دىگەن نامنى ئوتتۇرغا قويغانلىقى ‹‹خەنلىكلەر›› دىگەن نامنىڭ خەن سۇلالىسى كىشىلىرى دىگەن مەنانى بىلدۇردىغانلىقى ئوتتۇرغا قۇيۇلغان.دىمەك: بۈگۈنكى خەنزۇ مىللىتى دىگەن مىللەت نامى خەن سۇلالىسى دىگەن نامدىن كەلگەن ۋە ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا،بۇ مىللەت نامى چوڭقۇر ئىجدىمائىي مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان،ھەممە ئادەمگە تۇنۇشلۇق بولغان مىللەت نامى بۇلۇپ قالغان.
خەنزۇ مىللىتىنىڭ كۆپىيىپ ئىلىمىزدىكى شۇنداقلا دۇنيادىكى نۇپۇسى كۆپ چوڭ بىر مىللەت بۇلۇپ شەكىللىنىشىدە ئىلىمىز تارىخىدا يۈز بەرگەن تۆت قېتىملىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا قۇشۇلىشى مۇھىم رول ئوينىغان.
دۆلىتىمىز تارىخىدىكى 1-قېتىملىق مىللەتلەرنىڭ چوڭ قۇشۇلىشى ئېلىمىزنىڭ ئەمىنىيە،يېغىلىق دەۋرلىرىدە يۈز بەرگەن.ھەممىمىزگە مەلۇمكى ‹‹خۇاشيا›› قەبىلىسى جۇڭگۇدا ئەڭ بۇرۇن قۇلدارلىق تۈزۈمدىكى جەمىيەتكە كىرگەن بىر قەبىلە بۇلۇپ،بۇ قەبىلە جۇڭگۇدا شيا،شاڭ،جۇ سۇلالىسىدىن ئىبارەت قۇلدارلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەرنى قۇرغان.ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋىرلىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ قۇشۇلىشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بىرىلغان.‹‹خۇاشيا›› قەبىلىسى ئۆز ئەتىراپىدىكى دى،چياڭ،يى،مەن قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ بىر قىسمىنى تەدرىجىي ھالدا ئۆزلىرىگە ئاسمىلاتسىيە قىلىپ قۇشۇۋالغان.نەتىجىدە خۇاشيا قەبىلىسى ئەينى زاماندىكى جۇڭگۇ زىمىنىدا ناھايىتى كۈچلۈك ۋە كۆپ سانلىق بىر قەبىلىگە ئايلىنىپ،ھازىرقى زامان خەنزۇ مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس ياراتقان.
2-قېتىملىق چوڭ قۇشۇلىشى ۋېي،جىن،جەنۇب،شىمال سۇلالىلەر دەۋرىدە يۈز بەرگەن.بۇ دەۋردە جۇڭگۇ جەمىيىتى تۆت ئەسرگە يېقىن داۋالغۇش، بۈلۈنۈش،تىنىچسىزلىق ئىچىدە ئۆتكەن.بىر قىسىم خەنزۇلار دۆلىتىمىزنىڭ چىگرا رايۇنلىرىغا ئولتۇراقلاشقان،چىگرا رايۇنلاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپلەپ ئوتتۇرا تۈززلەڭلىك رايۇنلىرىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان.ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ مىللەتلەر خەنزۇلار بىلەن قۇيۇق ئارلىشىپ،ئىشلەپچىقىرىش شەكلى،تۇرمۇش ئۇسۇلىدا خەنزۇ مەدىنيىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىپ،ئۇلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
3-قېتىملىق زور قۇشۇلۇش ئىلىمىزنىڭ لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدە يۈز بەرگەن. بۇ دەۋردە ئىلىمىزدىكى قىتان،جۇرجىت،موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇر تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىدا لياۋ،جى،يۈەن قاتارلىق كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرغان،بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن مۇددەت چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان،مەدىنيىتى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىغا كىرگەندىن كېيىن،خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىلغار مەدىنيىتىنى قۇبۇل قىلىپ،بارا-بارا ئۇلارغا سىڭىشىپ ئاخىرىدا كۆپ قىسمى خەنزۇ مىللىتىگە قۇشۇلۇپ كەتكەن.
4-قېتىملىق چوڭ قۇشۇلۇش مىڭ،چىڭ دەۋرىدە يۈز بەرگەن،بۇ دەۋردە ئىلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ قۇشۇلىشى ناھايتى كۈچەيگەن.مەسىلەن، مانجۇلار مەنچىڭ خانلىقىنى قۇرغان بولسىمۇ،بىراق خەنزۇلارغا قۇشۇلۇپ كەتكەن.چۈنكى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى ئىچىدە كۆپلىگەن ئەمەلدار –تۆرىلەرنىڭ خەنزۇلار بىلەن نىكاھلىنىشى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان. بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن مانجۇ ئاقسۆڭەكلىرى خەنزۇلىشىش يولىغا قاراپ ماڭغان ۋە خەنزۇلاشقان.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا دۇنيادا ساپ مىللەت يوق.خەنزۇلارمۇ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا كىچىك قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدىن چوڭ، كۈچلۈك قەبىلە ئىتتىپاقىغا،نۇپۇسى ئاز مىللەتتىن،نۇپۇسى كۆپ مىللەتكە ئايلانغان.
شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2001-يىل 1-سان


http://www.koklam.com/munbar/forum.php?mod=viewthread&tid=288



ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
4227
يازما
769
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
19821
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 12:11:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەريانى «ئېقىم» دېمەيمىز، «ئېقىن» دەيمىز! «يەندى-خۇاڭدى» دېگىنىمىز «يەجۈج-مەجۈج» دېگەن شۇمىدۇ؟

باھا سۆز

ehrami  ئوھ... ما گېپىڭىز ئويلاندۇرۇپ قويدى مېنى.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 13:23:23

UID
7538
يازما
36
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
66
تىزىملاتقان
2010-11-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 17:38:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nimjan يوللىغان ۋاقتى  2013-6-12 12:11
دەريانى «ئېقىم» دېمەيمىز، «ئېقىن» دەيمىز! «يەندى-خۇاڭ ...

ئەمەس،ئۇلار يەھۇدى-ناسارالارنى كۆرسىتىدۇ،دەريانى ئېقىم دەيدىغان گەپلارمۇ بار....

باھا سۆز

surgun4458  يەجۇج-مەجۇج غەرەپتىن ئەمەس،شەرىقتىن چىقىدىغۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 12:01:32

UID
6367
يازما
71
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
131
تىزىملاتقان
2010-10-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 18:52:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turantikin يوللىغان ۋاقتى  2013-6-12 17:38
ئەمەس،ئۇلار يەھۇدى-ناسارالارنى كۆرسىتىدۇ،دەريانى ئې ...

مىنىڭچە يەجۇجى مەجۇجى بىر مىللەتتىكى ئەركەك چىشى جىنىسلىقلارنىڭ بىرلىكتە ئاتىلىشى...
بۇلار ئەمدىلەتىن توسمىنى تىشىپ،خەلىقىئارادا ئىناۋىتىنى تىكلەپ،ھەرخىل ئۈستۈنلۈكلەردىن(زىممىنىڭ تۆپىلىكلىرىدىن)ئالدىراپ چىقشۋاتىدۇ......

باھا سۆز

surgun4458  ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەسىرى بار،قالغىنىنى ئاللاھ بىلىدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 12:02:47

UID
4227
يازما
769
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
19821
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 19:03:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turantikin يوللىغان ۋاقتى  2013-6-12 17:38
ئەمەس،ئۇلار يەھۇدى-ناسارالارنى كۆرسىتىدۇ،دەريانى ئې ...

رەھمەت، ئەمدى بىلىۋالدىم، مەن بۇرۇن «ئېقىن» دەپ يۈرۈپتىكەنمەن ئەمەسمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن تۈزىتىپ دەريانى «ئېقىم»، ئىدىيەنى «ئېقىن» دەيدىغان بولدۇم!

UID
52403
يازما
143
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
143
تىزىملاتقان
2013-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 20:35:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناسارالار   مۇمىنلەرگە  ئەڭ  يىقىنغۇ  دەيمەن

باھا سۆز

arman312  بۇ كۆڭلى يېقىن دىگەنلىك ئەمەس ،پەقەت3 خىل ئەقىدىسىلا ئۇلارنى ئىسلامدىن توس  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 13:11:00
arman312  ناسارالار مۆئمىنلەرگە ئەمەس،ئىسلامغا دىنىغا يېقىن.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 13:07:56
surgun4458  شۇڭا مۆمىنلەرنى قىرىۋاتىدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 12:03:58

UID
52830
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-6-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 04:03:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە ياخشى قىلېنپتۇ.

UID
31144
يازما
400
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
400
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
92 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 11:12:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنلەرنى نىمىداق جىقكىن دىسەم  ئەسىلى بۇلار توت قىتىم قوشۇلۇشىدىن شۇنداق كۆپ بولۇپ كتىپتكەندە !

UID
48544
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2013-4-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-23
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 20:01:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5- قېيىم قۇشۇلۇش يۈز بەرسە .يەنە قانچىلىك كۆپۈيۈپ كېتەر ؟

ئۈمىدلىك ئەزا

ئاللاھ ئۇلۇغدۇر!

UID
18576
يازما
101
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
101
تىزىملاتقان
2011-12-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 13:26:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەددىچىن سېپىل ئەسلى شىمالى ئالتايغىچە، جەنۇبى خوتەننىڭ جەنۇبىغىچە سوزۇلۇپ سېلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما جيايۈگۈەندىلا توختاپ قاپتۇ.....  دېمەك................................!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش