كۆرۈش: 2041|ئىنكاس: 18

گۈلەن: ئامېرىكىدا تەبىئىي موھىت ۋە سۈنئىي ھايات   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
11145
يازما
125
تېما
25
نادىر
2
جۇغلانما
1125
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-14
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 12:30:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەلىپكار تەبىئىى موھىت ۋە شاۋقۇنسىز سۈنئىي ھايات

«ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار» نىڭ داۋامى


مەن تۇرغان لاۋرېنس شەھرىدىن چىقىپ قاياققا ماڭسا پايانسىز ياپ يېشىل بوزلۇق ئېدىرلار كۆزگە تاشلىنىدۇ. يول بويى ئانچە مۇنچە ئوتلاۋاتقان كالا، ئېتىزلارغا پوڭزەك قىلىپ تاشلاپ قويۇلغان ئەنجىلەر، ھىچ كىم تېرىمايدىغان پايانسىز مۇنبەت توپراق قاتارلىقلارنى تۇنجى كۆرگەندە سۈرەتتەك گۈزەل كۆرۈنىدۇ. ئاڭلىشىمچە كانزاسنىڭ بىر يىللىق ئاشلىق مەھسۇلاتى پۈتۈن دۇنيانىڭ بىر يىللىق ئىھتىياجىنى قامدىيالايدىكەن. ئەگەر بوز پېتى ئوت چۆپلەرگە تاشلاپ بېرىلگەن  شۇنچە كۆپ يەر تېرىلغان بولسا ئاشلىق كەمچىللىكتىن ياكى خىېمىيەلىك ئوغۇتتىن بۇلغانغان ئاشلىق ئىستىمال قىلغانلىقتىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەر ئازايغان بولاتتى، دەپ ئويلىغۇسى كېلىدۇ كىشىنىڭ. چېكى يوق تەبىئىي ئورمانلار، يوللاردا قۇلاقلىرىنى شىڭتايتىپ قاراپ تۇرغان بوغا ماراللار. ئەتراپى ئورمان بىلەن قاپلانغان سۈپسۈزۈك كۆللەر، كۆل بويلىرىغا دالا تامىقى يەيدىغانلار ئۈچۈن خالىس قويۇپ قويۇلغان ئۇزۇن شىرە، ئورۇندۇقلار... بۇلاردىن ھەر قېتىم زوقلانغىنىمدا ۋەتەندە مۇشۇنداق مەنزىرىلەرنىڭ ئېگىسىز قالمايدىغانلىقى، بۇنداق تەبىئىي گۈزەللىكلەرنىڭ بىرەر شىركەت تەرىپىدىن قاشارلىنىپ ساھاھەت نوقتىسى ئاتلىق تىللا كانلىرىغا ئايلاندۇرۇلىدىغانلىقى ئېسىمگە كېلىدۇ. ئەگەر ۋەتەندىكى ئاشۇنداق ساياھەت شىركەتلىرى كانزاس شىتاتىغا كېلىدىغان بولسا پۈتۈن شىتاتنى پارچىلاپ ھەممىسىنى ساياھەت ئورنى قىلىپ پۇل تېپىشى مۇمكىن. 50- يىللاردىن 80 يىللارنىڭ بېشىغىچە خۇسۇسى ئىگىلىك 30 يىلغا يېقىن تەقىپ قىلىنغان يۇرتىمىزدا خەقنىڭ تۇرالغۇسى، بالا-ۋاقىسى ، ئۆرۈپ ئادىتى، بوي تۇرىدىقىدىن تارتىپ مەدەنىيىتىگىچە ھەممە نەرسە ئقتىسادى ئۈنۈم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلىۋاتقان؛ جامائەتنىڭ ئورتاق بايلىقى، ئىستىراھەت سورۇنى بىر قىسىم خوجايىنلارنىڭ باشقىلارنى بۇلاڭ تالاڭ قىلىشىدىكى تايانچ بازىسىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى ئاشكارە مەخپىيەت ئېدى. بۇلارنى ئويلىسام يۇرتىمىزدىكى  سەبرىچانلىق، چىدام، ئۇزاققا داۋاملىشىدىغان ئىجتىھاد كۆتۈرۈلگەن. كىشىلەر كۆز ئالدىدىكى بۇردا ناننى تارتقۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈنلا تىپىرلاۋالاتقان ھالەتنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىمەن. بۇ ھالدا كىشىنىڭ كۆزىگە تەبىئەتنىڭ سېھىرى، جانلىقلار دۇنياسىدىكى كارامەتلەر مۆجىزىلىك كۆرۈنمەيدۇ، ئەقىللەرنى ئەسىر قىلالمايدۇ. نەتىجىدە پايدىلىنىشقا بولمايدىغان، كىشىگە ئىقتىسادىي نەپ بەرمەيدىغان ھەرقانداق گۈزەل موھىت، سەنئەتلىك شەكىل ۋە سېھىرلىك ھادىسىلەر دىققەتنىڭ چېتىدە قالىدۇ. بۇنداق ھالەت ئومۇملاشسا كىشىلەردە ئۆز مەدەنىيىتىدىكى ۋە ماكانىدىكى گۈزەللىكلەرنى تاماسىز قوغۇدايدىغان يۈرەك ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

   ئۆيۈمدىن مەسجىد ۋە تاللا بازارلىرىغا بارىدىغان يول كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇلىرىدىن باشقا ھىچ نەرسە يوق كۆجۈم مەھەللىلەردىن ئۆتەتتى. مەن كۆجۈم دېگەن بۇ مەھەللىلەردە قەۋەتسىز ۋە قەۋەتلىك داچالار ئادەتتە بىر بىرىدىن كەم دېگەندە ئەللىك مېتىر ئارىلىق تاشلاپ سېلىغان ئېدى. ھەرقېتىم مۇشۇنداق مەھەللىلەردىن ئۆتكىنىمدە چىدىغۇسىز جىمجىتلىققا ھەيران قالاتتىم. مەھەللىدە نە ئولتۇرغان بىر بوۋاي، نە ئويناۋاتقان بىر كىچىك بالا يوق. ئۆيلەرنىڭ ئالدىغا ھەرخىل گۈللەر ئۆستۈرۈلگەن، تەشتەككە چىرماشقاق گۈللەر تېرىلىپ دەرىزىلەرگە ساڭگىلتىلغان، ھەرخىل مىۋىلىك دەرەخلەر تىكىلگەن، دەرەخلەرگە، پىشايۋانغا سەگۈنچەكلەر ياكى سەگۈنچەكلىك ئورۇندۇقلار ئورنۇتۇلغان، ئەمما مۇشۇ تۈجۈپىلەپ تەييارلانغانلاردىن راھەتلىنىپ قاراپ ئولتۇرغان بىرمۇ ئادەم يوق. شۇنچە يوغان ماگىزىنلار، ئاشخانىلار ۋە تاللا بازارلىرىدا ئادەم تولىمۇ شالاڭ. پەقەت مەكتەپ ھويلىسىدىلا چىملىقلاردا ئاپتاپقا قاقلىنىپ ياتقان قىز ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار، مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەن ئاتا-ئانىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسى بىلەن چېنىقىش مەركىزى ئادەمنى ئەڭ كۆپ كۆرگىلى بولىدىغان يەر، لېكىن يەنە بەك قىستاڭ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. كۈن كۈنلەپ كوچىلاردا مېڭىپ يۈرگەن بىرمۇ ئادەمنى كۆرگىلى بولمايدۇ، پەقەت يۈگۈرۈپ چېنىقىۋاتقانلار ياكى ئىتلىرىنى كەزدۈرگىلى چىققانلار بەزەن كۆزگە چېلىقىپ قالىدۇ. ئامېرىكىدىكى ھاياتنى خاتىرىجەم،  جىمجىت ۋە ئازادە دەپ خۇلاسىلىغۇم كېلىدۇ. بۇنداق جىمجىتلىق مەندەك قاينام تاشقىنلىققا چۈمگەن كوچىلارنى كېزىپ، ۋاڭ چۇڭغا تولغان بازارنى ئايلىنىپ چوڭ بولغان ئۇيغۇرنى تېخىمۇ غېرىپ، تېخىمۇ خىيالچان قىلىۋېتىدۇ. كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىنىڭ تەرتىبى، ھاكىمىيەتنىڭ، سىياسەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ۋە ھىچ بىر شەخسنىڭ تەسىرى ياكى تەلىپى بويىچە ئۆزگىرىپ كەتمەيدىغان بۇ ئەلدە دەخلىسىز خىيال سۈرۈشكە پۇرسەت بەك كەڭرى. كۆل بويلىرىدا يىراقلارغا نەزەر تاشلاپ جىمجىت ئولتۇرغان كىشىلەر پات- پات ئۇچراپ قالىدۇ. قويۇق ئورمان ئارىسىدىكى چىغىر يوللاردا ناگان ناگاندا شىرىن ئەسلىمىلەر قوينىدا يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقلارغا چۆككەن بوۋاي-مومايلار، دالا تامىقى يەۋاتقان ياش بىر جۈپلەردىن باشقا دىققىتىڭنى بۇرايدىغان ھىچ نەرسە ئۇچرىمايدۇ.

كوچىلاردا بالا يېتىلىۋالغان ئادەمنى كۆرمۈدۈم دېگۈدەك، ئەمما ئىت يېتىلىۋالغان كىشىلەرنى بەك جىق ئۇچرۇتۇپ كەتتىم. قارىغاندا ئامېرىكىدا بالا ئورنىدا ئىت يېتىلەنسە كېرەك. بەزىلەرنىڭ بىر ئەمەس ئىككى ئۈچ ئىت بېقىشى ئامېرىكىدا تولىمۇ نورمال بىر ئىش ئىكەن. تېلۋىزور قاناللىرىدا ھايۋانات ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ تاشكىۋېتىلگەن، خورلانغان ئىتلارنى بېقىۋېلىش، ئۇلارغا پۇل ئىئانە قىلىش ھەققىدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر، ھايۋانات ھوقۇقىنى قوغۇداش نامايىشلىرىدىكى ھاياجانلىق باياناتلار ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىكەن. بەزىدە ئويلايمەن. ئۈرۈمچى كوچىلىرىدىكى، قەشقەر بازارلىرىدىكى، ياركەنت باغچىلىرىدىكى ئاياغ مايلاپ كۈن ئېلىۋاتقان، ئائىلىسىنى بېقىۋاتقان بالىلارنىڭ ئېھتىياجى ئامېرىكىدىكى ئىتنىڭ چىقىمىدىن نەچچە ھەسسە ئاز. ئەپسۇسكى بىزدە ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىدىغان، كۆيۈنىدىغان،  قوغۇدايدىغان تەشكىلاتلار يوق. شۇلار ھەققىدە خەۋەر بېرىدىغان، ئۇچۇر تارقىتىدىغان ئاخبارات يوق، شۇڭا بالىلىرىمىزنىڭ كۆز ئالدىغا نامراتلىق دېسە ئاپرىقا كېلىدۇ. چوڭلىرىمىز مۈشكۈلاتتا قالغانلارنى پەلەستىنلىكلەرگە ئوخشىتىدۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىتلارنى ياخشى كۆرۈشى ئاتا بوۋىسىدىن قالغان.  ئۇلار ئىتنى ئادەمنىڭ ئەڭ يېقىن  دوستى دەپ قارايدۇ . تەلەيلىك ئادەمنى "تەلەيلىك ئىت" دەيدۇ. ھەتتا بالىلىرىغان ئىت دەپ ئىسىم قويىشىدۇ. ئۆيىگە مېھمان چاقىرسا ئائىلە ئەزالىرىنى تونۇشتۇرغان قاتاردا ئىتلىرىنىمۇ تونۇشتۇرىدۇ. ئىتلارنىڭمۇ چىرايلىق ئىسىملىرى بولىدۇ. تاللا بازارلىرىدا مەخسۇس ئىتلارنىڭ يىمەكلىرى سېتىلىدىغان كاتتا پۇكەيلەر بار بولۇپ ئورۇلۇش، قاچىلىنىش، سۈپەت ئۆلچىمى ۋە نازارەتچىلىكى جەھەتتە ئىنسانلار يەيدىغان ئوزۇقلۇقلار بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش. ئاڭلىسام شەندوڭلۇق بىر ئوقۇغۇچى بىلمەستىن ئىت ئۈچۈن سېتىلىدىغان پىچىنىنى بىر ئايدىن ئارتۇق يەپ تاشلاپتۇ، ئەمما سالامەتلىكىدىن ھىچ بىر چاتاق چىقماپتۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولغۇچى ساھىپخان ئىتلارنىڭمو بېشىنى سىلاپ ئەركىلىتىپ كېتىدۇ. مەن بارغان بىر دوستىمىزنىڭ ئۆيىدە ساھىپخان ئىت يۈزۈمنى يالىۋېلىپ بەكمۇ بىئارام قىلغانىدى. بەزىدە مۇشۇ ئىت يېتىلىۋالغانلارغا قاراپ ئامېرىكا ئائىلىلىرىدە كىچىك بالىدىن ئىت كۆپمىكىن دەپ قالىمەن.

ماڭا ئەڭ غەلىتە تۇيۇلغىنى كىشىلەرنىڭ كۈپ كۈندۈزدە ئۆيلەردە پەردىلىرىنى ھىم يېپىپ قويۇپ چىراق يېقىپ ئولتۇرۇشى بولدى. سىنىپلاردىمۇ سىرىتنىڭ شۇنچە يورۇق بولۇشىغا قارىماي پەردىلەر چۈشۈرۈلۈپ چىراق يېقىپ قويۇلاتتى. كىشىلەرنىڭ ئۆيدىن چىققاندا چىراقلارنى ئۆچۈرۈش ئادىتى يوقمۇ قانداق مەيلى سىنىپتا ياكى مەھەللىمىزدىكى ئۆيلەردە بولسۇن چىراقلار كۆزۈمگە داۋاملىق يېنىق كۆرۈنىدۇ. سىرىتتىن شۇنداق مەيىن شامال كىرىۋاتسا ئىشىك دەرىزە چىڭ يېپىلىپ ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىپ قويۇلىدۇ. مەن ئامېرىكىغا يازدا بارغاچقا بىرەر ئايغىچە بۇلارنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچنى بەكلا چوڭ ئېچىۋېلىشىغا چىدىيالماي توڭۇپ يۈردۈم. قىش بولغاندا ھاۋا تەشىگۈچنى بەك ئىسىتىۋېتىشىگە چىدىيالماي تەرلەپ ئىچىم پۇشتى. بۇنىڭدا بەلكىم توكنىڭ ئەرزانلىقى سەۋەپ بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئامېرىكىدا توك ئىنتايىن ئەرزان، بارلىق ئىسسىنىش، سالقىنلاش، تاماق ئېتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە توك ئىشلىتىلىدۇ. بۇنداق ئەرزانلىق ئۇلارنى تىجەشكە قېرىق قىلىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. ساۋاقداشلىرىمنىڭ سىرىتتا شۇنچە سوغۇق بولۇشىغا قارىماي نىپىز كيىملەرنى كېيىشىپ دەرسكە كېلىشى مېنى قىزىقسىندۇرىدۇ. بايقىشىمچە ئۇلار ھاۋا تەڭشىگۈچلىرى چوڭ ئېچىلغان ئۆيلەردىن ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ماشىنىلىرىغا چىقىشىپ ھاۋاسى قىش كۈنلىرىمۇ يازدىكىدەك قىلىپ تەڭشەلگەن سىنىپلاردىن ئورۇن ئېلىشىدىكەن. قارىغاندا ئامېرىكىلىقلار بىزدىكىدەك قىشتا سوغۇق، يازدا ئىسسىق، ئەتىيازدا بوران، كۈزدە توزان مالال قىلىدىغان  ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلالمىسا كېرەك.

يوللاردا ئۆي شەكلىدە لايىھەلەنگەن كوزۇپلارنى ماشىنىلىرىغا چېتىشىپ دالا تامىقى يىگىلى ماڭغان كىشىلەر پات-پات كۆزۈمگە چېلىقىدۇ. بۇنداق "كوزۇپ ئۆي" لەرگە ھاۋا تەڭشىگۈچ، ياتاق، ئاشخانا ۋە مۇنچا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ چاقلىق ئۆي دېيىشكىمۇ بولىدۇ. راھەتپەرەس ئامېرىكىلىقلار نەگىلا بارسا ھوزۇرلۇق "كوزۇپ ئۆي" لىرىنى يۆتكەپ ھالاۋەتلىك تۇرمۇشىنى داۋام قىلىشىدىكەن. ئامېرىكىدا كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق پەسىلدە ئۆينىڭ، ماشىنىنىڭ ۋە ئىشخانىلارنىڭ تېمپىراتۇرسىنى ئىھتىياجىغا مۇناسىپ تەڭشەپ راھەتلىنىشى،كۈندۈلۈك ھاياتىدا تەبىئەتتىكى تۈرلۈك ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا ياشىشى بىر تۇرۇپ بەك سۈنئىي، يەنە بىر تۇرۇپ تولىمۇ غايىۋىي تۇيۇلىدۇ.  بەزىدە بۇ زامانىۋىيلىقتەكمۇ بىلىنىدۇ. بۇنداقلا ئويلىغىنىمدا ئىنسان تەبىئەتنىڭ، موھىتنىڭ كونتۇرۇللىقىدىن قۇتۇلۇپ ئۆز جەننىتىنى ئىجاتكار مىڭىسى بىلەن قۇرۇپ چىقىۋاتقاندەك ھىسسىياتتا بولىمەن. ئەمما بۇنى تەبىئەتنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇش دېمەي تەبىئەتتىن يىراقلىشىش، تەبىئىي قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلىش دەپ چۈشەنگىنىمدە ئىنسان تەبىئەتنىڭ قوينىدىكى ھاياتتىن يۈز ئۆرۈپ سۈنئىي، ياسالما ھاياتقا باشچىلاپ كىرىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. مەسىلەن، پارنىكنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنساننىڭ پەسىلنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا ئوزۇقلىنىش ئىھتىياجىنىڭ مەھسۇلى. بىزگە دەسلەپ بۇ زامانىۋىيلىقتەك تۇيۇلغان بولۇشى مۇمكىن. ئىنسانننىڭ تەبىئەتنى يەڭگەنلىكنىڭ ئىپادىسىدەك بىلىنىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلارنىڭ تۈرلۈك زىيانداش يوقاتقۇچى دورىلار، خېمىيىلىك ئوغۇتلارغا چۈمدۈرۈلمەي تەييار بولمايدىغانلىقى، بۇنداق كۆكتاتلارنىڭ ئىنساننى تۈرلۈك كېسەللەرگە مۇپتىلا قىلىۋاتقان ۋە قىلىدىغانلىقىنى ئويلاشقىنىمىزدا ئىنساننىڭ تەبىئەتكە، تەبىئىي قانۇنىيەتلەرگە مۇخالىپ ئېرىشكەن ھالاۋىتىنىڭ ئېغىر بەدەلگە گىرىپتار ئىكەنلىگى ئەقلىمىزنى سەگىتىدۇ.

ئامېرىكىدا تەبىئەت، موھىت شۇنچە گۈزەل لېكىن ئويلاپ باقسام شۇ گۈزەللىكلەر ئىچىدە ئېسىمدە قالغىنى ۋەتەننى ئەسلىتىدىغان كارتىنىلار بولۇپتۇ. كانزاستىن مىززورىغا بارىدىغان بىر يولدا ماڭغانلقىمىز ھېلىمۇ ئېسىمىدە. شۇ چاغدا ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ "بۇ يول ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە ماڭغاندىكى قاراشەھەر، بۈگۈر ئەتراپىغا نەقەدەر ئوخشايدۇ ھە! يۇلغۇنمۇ ئۆسۈپ كەتكەن بولسىچۇ!" دەپ ھاياجانلانغان ئېدىم. خىيالىمدىن 30- يىللاردا مەھمۇد موھىدىنىڭ پىدايىلىرىنى يېتەكلەپ تۇرپاندىن قاراشەھەرگە چېكىنىپ شەھىدلەرنى يۇلغۇنلارنىڭ يېنىغا دەپىن قىلغانلىرى، ھۆرلۈككە مەدەت ئىزدەپ قەشقەر تامان يۈرۈپ كەتكەنلىكى بىر بىرلەپ كەچكەن ئېدى. نىھايەت شۇنچە شەھىدلەرنىڭ ئارمانلىق كۆزلىرىنى ھەسرەت بىلەن يۇمدۇرغان مەھمۇد موھىدىنىڭ ئېڭىكىنى كىم تاڭغان؟ بۇ تېخىچە سىر ئېدى. بېيجىڭدا مەھمۇد موھىدىنىڭ قەبرىسىنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدەنگەن بولساقمۇ تاپالمىغان ئېدۇق. دۇنيا گۈزەل ئەمما غېرىپ ئۇيغۇرنىڭ كۆزىگە شەھىد بوۋىلارنىڭ قېنى بىلەن سۇغۇرۇلغان جاڭگاللار، يۇلغۇن قىزارغان دالىلار ئەڭ گۈزەل كۆرۈنەتتى. جاھان جەلىپكار لېكىن مۇساپىر ئۇيغۇرنىڭ خىيالىدا ھەر بىر دانە قۇم، ھەر بىر پاچە سازلىقتىن تارتىپ ھەر بىر تېشىغىچە "مەن ئۇيغۇرنىڭ!" دەپ باغرىنى ئېچىپ تۇرغان ئانا توپراق ئەڭ سۆيۈملۈك ئېدى.

ئامېرىكىدا موھىت گۈزەل، تەبىئەت جەلىپكار، ئىنسان راھەتتە. دۆلەت ئىنسان ھاياتىدا كېرەك قىلىدىغان ئەسلەھەلەرگە، لازىملىقلارغا، ئىھتىياجلارغا شارائىت ھازىرلىغان ۋە بۇلارنىڭ دەخلىسىزلىكىگە لايىق قانۇن ۋە يوسۇنلارنى بەرپا قىلىغان.  شۇڭا تەبىئەت گۈزەللىكى بۇ يەردە خۇددى ئىنسان قەلبىدىكى ئىزگۈلۈكنىڭ كۆلەڭگۈسىدەك دەخلىسىز، تىنچ ۋە تارتىملىق. مەن ئامېرىكىدىكى ھاياتنى شاۋقۇسىز دەيمەن. چۈنكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ماتورى بولغان بۇ دۆلەتنىڭ رەستە ۋە سەينالىرى ۋاراڭ چۇرۇڭلۇق غەلياندىن، غالىبانە ھۆركىرەشلەردىن ۋە داقا دومباقلىق تەنتەنىلەردىن خالى.  بۇ يەردە پىيادىگە يول بەرمەيدىغان، مەمەدانلىقى، تەربىيەسىزلىكى بىلەن قۇلاقنى يارىدىغان ماشىنا سىگناللىرى يوق. ئاجىز تەبىقە ۋە ئىمتىيازسىز جامائەت- توپنى بوزەك قىلىشنى ئۇدۇم قىلغان سوغۇق چىرايلار، يوغان قورساقلار، نۇرسىز تەلەتلەر يوق. كوچىلاردا ئۆتمەس ماتالارنى داۋراڭ قىلىدىغان كارنايلار يوق. مۇقۇملۇقنى تەشۋىق قىلىدىغان ياڭراق سەھنىلەر يوق. مەكتەپلەردە دۆلەت مارشىنىڭ جاراڭلىق سادالىرى يوق. ھەيۋەتلىك پىلانلارنى جاكارلايدىغان يىغىنلار، كارامەت نەتىجىلەرنى نامايەن قىلىدىغان كۆرگەزمىلەر يوق. پەقەت ئۆيلەرنىڭ دەرىزە ۋە ئىشىكلىرىگە ئېسىلغان، ماگىزىنلار، تاللا بازارلىرى ئالدىغا كىشىلەر ئۆزلىرى تىكلىگەن، يىرتىلىپ كەتمىگۈچە چىقىرىپ چۈشۈرۈلمەيدىغان بايراقلار بار. ئەڭ موھىمى بۇ بايراقلار، ئۆزى ئۈچۈن، سۆيۈملۈكلىرى ئۈچۈن، ئۆزى سۆيگەن  كەسپىي ئۈچۈن، ئۆزىنى باققان، پەپىلىگەن ۋەتىنى ئۈچۈن ئۈنسىز ئىشلەۋاتقانلارنىڭ قەلب چوقىسىغا تىكلەنگەن. كوچىلاردا قوراللىق ساقچىلارنىڭ جەڭگىۋار شۇئارلىرى ئەمەس، پىيادىلەرنى ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ قويىدىغان، يىقىلغانلارنى يۆلەيدىغان، ھەممە ئادەمگە كۈلۈپلا مۇئامىلە قىلىدىغان سىپايە ساقچىلارنىڭ يارىدەمسۆيەرلىكى بار. مەن ئامېرىكىدىكى ھاياتنى سۈنئىي دەيمەن، چۈنكى بۇ يەردە پارنىكتىكى تەلەيلىك ئۆسۈملۈكلەردەك ھالاۋەتتە ياشاۋاتقان، قىشنىڭ سوغۇقىدا جاقىلداپ تىترەپ، كۈزنىڭ تۇمانلىرىدا نەپەسلىرى قىسىلىپ، يازنىڭ ئىسسىقىدا ، ئەتىيازنىڭ بورىنىدا جانلىرى قاقشاپ باقمىغان ئىنسانلار بار.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
47232
يازما
220
تېما
51
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
96 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 16:08:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېسىل يازمىكەن... بىر قىسقا ماقالە ئارقىلىق بىر چوڭ ئامېرىكىنى يىغىنچاقلاپ، چۈشىنىشلىك چۈشەندۇرۇپ بېرىپتۇ

UID
26613
يازما
7
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-31
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 16:18:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقتىسادى يۈكسەك تەرەققى قىلغاندىلا مۇشۇنداق بولغىلى بولىدۇ!

باھا سۆز

orkex  بۇنىڭدىكى مەسىلە ئىقتىسادتىلا ئەمەس مېنىڭچە .بۇ ئىدىيە ،ساپا مەسىلىسى .  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 20:36:11

UID
51820
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2013-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-3
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 20:38:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئسل،يازمىكەن رەخمەت سىزگە.

UID
18486
يازما
292
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
292
تىزىملاتقان
2011-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
162 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 20:55:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئاخىرقى بىر نەچچە جۈملىنى نەچچە نەچچ قېتىم ئوقىۋەتتىم ، گۈلەن ئاكا ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ، كىشىلەر قەدرىڭىزنى قىلسۇن !

UID
52720
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2013-6-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-16
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 21:46:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

UID
52720
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2013-6-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-16
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 21:46:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

UID
17471
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
93
تىزىملاتقان
2011-11-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
55 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 23:07:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارغا نىمىنىڭ ھەقىقى ئىنساندەك ياشاش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىۋاتقان تىمىكەن بۇ

UID
52717
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-6-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-26
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 00:00:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

UID
52467
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2013-6-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-9
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 01:04:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە قىرىندىشىم، مەن بۇتىمىنى ئوقۇپ ئامېىركىغا بارغاندەك بولۇپ قالدىم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش