كۆرۈش: 1176|ئىنكاس: 4

بېلىشكە تېگىشلىك 500 ھېكمەت – تۇرسۇنگۈل ئەب [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49694
يازما
132
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 19:32:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بېلىشكە تېگىشلىك 500 ھېكمەت



تۇرسۇنگۈل ئەب



بۇ پەقەت ھېكمەتتۇر،ئۇنىڭدىن پايدىلىنىڭ.



1 .دۇنيا دانىشمەنلەرنىڭ ئىلكىدىدۇر.(بۇ كۆچمە مەنىدىكى گەپ ، دۇنيانىڭ ھەقىقىي خوجىسى يىگانە ئاللاھ)

2.ئىشلىتىشتىن ئۆتمىگەن بىلىم ھەقىقىي بىلىم ئەمەس.

3.گۈزەللىكتىن ھوزۇرلىنالمىسا ،ئادەمدە ئسىل پەزىلەتنى يېتىلدۈرىدىغان بىر چوڭ ئامىل كەم بولغان بولىدۇ.

4.بۇ دۇنيادا تۆھپە يارىتىمەن،باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىمەن دەيدىكەنمىز،ئالدى بىلەن ھاياتىي كۈچىمىزنى خورىتىدىغان ،ئىسراپ قىلىدىغان بارلىق ئىشلارنى تەرك ئېتىشىمىز كېرەك

5.توققۇزى تەل جاھاندا يۈرەك قېتىپ قالىدۇ.

6.راھەت ـــــــ جاپانىڭ ئانىسى،جاپاـــــ راھەتنىڭ ئانىسى.

7.ئەۋلادنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە ئويلىنىش،ئۇلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەش ئېتىقاد جۈملىسىگە كىرىدۇ.

8.بىلىشىمىز كېرەككى ،ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرۇلمىغان نەرسە  مۇكەممەل بولالمايدۇ ۋە مۇكەممەللىكىنى يوقىتىدۇ.

9.سىز ياراتقۇچىنىڭ نادىر ئەسىرى.

10.ئەنئەنىدىن  ئايرىلغان مىللەت مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.

11.مەن يېڭىلىقنى رەت قىلىدىغان ئەنئەنىدىن كۈلىمەن ،ئەنئەنىنى رەت قىلىدىغان يېڭىلىقتىن چۆچۈيمەن.

12.مۇۋاپىقىيەت قازىنىش بىر خىل روھىي ھالەت.

13.ئۆز قىممىتىڭىزنى ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دەل ئۆز-ئۆزىمىزنى ھۆرمەتلەش.

14.ئەگەر بىز ‹‹ھەممىلا ئۇقۇغۇچىدا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش يوشۇرۇن قابىلىيىتى بار››دېگەن ئىشەنچنى تۇرغۇزىدىغان بولساق ،ئۇ چاغدا،ئۇزاققا قالماي ‹‹ناچار ئوقۇغۇچى››دېگەن سۆز مائارىپ سەھنىسىدىن يوقالغان ،ھەر بىر بالا ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئەمىليىتى ۋە خوشاللىقى داۋامىدا  بىلىم ئالغان ،تەرەققىي قىلغان بولاتتى .

15.مائارىپ بىر ئىلىم، يەنە كېلىپ بىر سەنئەت.ئۇنى بىر ئەندىزە ئىچىدە چۈشەپ قويۇشقا بولمايدۇ.

16.ئادەمنىڭ روھىي ھالىتى تەقدىرىنى بەلگۈلەيدۇ.

17.كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولىشىڭىز ،ھازىر ئۈگەنگەن بىلىملىرىڭىزگە باغلىق.

18.بىر ئادەمنىڭ مەغلۇبىيىتى ئاۋۋال ئۆزىگە يېڭىلىپ قالغانلىقىدىن بولىدۇ.

19.ئائىلە ـــــ كىچىكلىتىلگەن مىللەت،ئائىلە ــــ كىچىكلىتىلگەن ۋەتەن، ئائىلە ـــــــ كىچىكلىتىلگەن دۆلەت.

20.دىنسىزلىق ــــ  جاھاندىكى ئەڭ ئېپلاسلىقتۇر.

21.‹‹ئېھتىياج›› ـــــ  ھەم مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى،ھەم جىنايەتنىڭ ئاتىسى.

22.ھەسرەت ئۇلۇغ نەرسە.ئادىمىيلىك ئەنە شۇنىڭدىن بەركەت تاپىدۇ.

23.ئەزىم  دەريانىڭ جۇشقۇنلۇقى تامچىلاردىكى ئۇششاق كۈچلەردىن  ھاسىل بولىدۇ.

24.ئاجايىپ كۈچلۈك بىر ھەقىقەت بار ،ئۇنىڭ ئىسمى:‹‹ ئۆزۈڭنى  كەچۈرمەيدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلما››.

25.ھاكىم زالىم بولسا ،پۇقرانىڭ سالام بېرىشى جايىز ئەمەس.چوڭ بەد ئەخلاق بولسا ،كىچىكنىڭ سالام بېرىشى جايىز ئەمەس.

26.ھەقىقىي ئەقىل –پاراسەت كەمتەرلىك بىلەن بىر تۇغقان.

27.دۇنيانى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتشى كېرەك.

28.ناچار تۇرمۇش ئىچىدىمۇ راھەتلىنىشنى بىلىش  ـــــــ ئاقىلانە ئىنسانىي خىسلەت.

29.ئۆزۈڭنى پۇتلىغان بىرسىنى كەچۈرۈش-كەچۈرمەسلىك پەزىلىتىڭگە باغلىق.

ئاغرىنىش تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ،پەقەت ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىدۇ .

30.كەڭ قورساقلىق بىر ھالقىش،ماھىيەتتە ئۆز روھىنى ئازاد قىلىش.

31.جاھىللار تەپەككۈرىنىڭ ئەڭ  ئاخىرقى چېكى  ــــ ئاقىللار تەپەككۈرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر.

32.ئەدەپ بىلەن بولمىغان ئەقىل ھاقارەتتۇر،ئەقىل بىلەن بولمىغان ئەدەپ ھالاكەتتۇر.

33. ئاقىلنىڭ تىلى يۈرىكىدە،ئەخماقنىڭ يۈرىكى ئېغىزىدا.

34.سۈكۈت قىلىش ــــ  پەزىلەتنىڭ بەلگىسى،ئەقىلنىڭ مىۋىسى،ئىلىمنىڭ بېزىكى.

35.بۈگۈنكى شارائىتتا خۇلقى ۋە تۇرقى بىلەن،خۇيى ۋە بويى بىلەن،ئويى ۋە ئۆڭى بىلەن ئۆزگىلەردە قايىللىق پەيدا قىلالمىغان خەلقنىڭ قازىنى تۆشۈك بولىدۇ.

36.قار كۆچىدۇ،تاغ قالىدۇ.گۈلخان ئۆچىدۇ،چوغ قالىدۇ.

37.نەيرەڭ بولغان ھەرقانداق ئىشتا نۇر يوقتۇر.

38.قەبرىلەرنى پات-پات زىيارەت قىلىڭ،چۈنكى ئۇلار ئاخىرەتنى ئېسىڭىزگە سالىدۇ.

39.ئادەملەرگە رەھىم-شەپقەت قىلمىغانلارغا ئاللاھمۇ رەھىم –شەپقەت قىلمايدۇ.

40. مال-دۇنيا ئىزدىگۈچىلىەرنىڭ ھالى شور دەريانىڭ سۈيىنى ئىچكەن كىشىنىڭ ھالىغا ئوخشاش ئىچكەنسېرى تەشنالىقى ئاشار.

41.بىر ئادەمنى تىرىلدۈرگەنلىك ھەممە ئادەمنى تىرىلدۈرگەنگە تەڭ،بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىك ھەممىنى ئۆلتۈرگەنگە باراۋەر.

42.ئۆز روھيى دۇنيارىنى ئىگىلەش بىر چاغدا ئىسكەندەر زۇلقەر نەيىننىڭ يەر يۈزىنى ئىشخال قىلغىنىدىنمۇ مۈشكۈلرەك.

43.سەن  ساماۋى، زىمىنى ئىككى ئالەمگە باراۋەرسەن.

44.بىز ھەممىمىز بىرتۈپ دەرەخنىڭ شاخلىرى،بىر قوشۇننىڭ جەڭچىلىرىبىز.

45.بۈگۈننىڭ تەدبىرى سەۋەبىدىن ئەتىنىڭ تەدبىرىگە ئېھتىياجى قالمىغان كىشى ئەقىللىقتۇر.

46.ئۈستىنى گۈل قاپلاپ گۆر ياشناپ تۇرسىمۇ ،لەھەت ئىچىدە قۇرۇپ ياتقان جەسەتكە قارا.

47.خالايىقنىڭ ئېغىزىنى يېپىشتىن دېڭىزغا كۆۋرۈك سېلىش ئاسانراق.

48.ھەرىنىڭ چېقىشىدىن قورققان ئادەم ھەسەلنى پەقەت يىراقتىنلا كۆرەلەيدۇ.

49.كۆزدەك بىر-بىرىڭلەرگە يات بولماي،لەۋدەك مەككەم ئىناق بولۇڭلار.

50.ئەگەر سەن ھۇشيار  بولساڭ جاھان سايەڭدە ئۇخلايدۇ.

51.يۈزى چىرايلىق،خۇلقى سەت كىشى ئىملاسى خاتا خۇشخەتكە ئوخشايدۇ.

52.نەپسىنىڭ كەينىگە كىرگەن نەپسانىيەت مەنزىلىدە توختايدۇ.

53.پاسىق ئالىم ــــــ ئۆزىگە زالىم.

54.ئىلىم ئۈگىنىش  ـــــــ ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈندۇر.

55.ئىلىمگە ئەمەل قىلمىغان ئالىم  ـــــ ئۈستىگە كىتاپ ئارتقان ئېشەككە ئوخشايدۇ.

56.ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان بىۋاپا ئادەم  ـــــــــ ياخشىلىقنى ئۇنتۇمايدىغان ۋاپادار ئىتتىىن پەستۇر.

57.ياخشى ئادەم يامانلاردىنمۇ ياخشىلىقنى ئايىماس.

58.توقلۇقنىڭ تېگىدە غەپلەت بار.

59.دانا ئادەم قولىدىن كەتكەن نەرسە ھەققىدە سۆزلىمەس.

60.ئەدەپ ئۇرۇقىنى تىككەن ئادەمنىڭ ھوسۇلى ـــــ جاۋاھىردۇر.

61.ياخشىلىق بىلەن سېخىيلىق ئاتا بىلەن ئانىغا ئوخشايدۇ.

62.مۇناپىقلىقنىڭ بەلگىسى ئۈچ : سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ،ئامانەتكا خىيانەت قىلىدۇ،ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدۇ.

63.باشقىلارنىڭ ئۆزىنى چۈشەنمەسلىكىدىن رەنجىمەي،ئۆزىنىڭ باشقىلارنى چۈشەنمەسلىكىدىن ئەنسىرەش كېرەك.

64.قەھرىتان قىشتىلا قارىغاينىڭ ئەڭ ئاخىردا توزۇيدىغانلىقىنى  بىلگىلى بولىدۇ.

65. ـــ    ئەرسىز ئايال نىمىگە ئوخشايدۇ؟

ــــ  سۇسىز  دەرياغا.

66.قۇتۇلۇشۇڭ قىيىن بولغان ئادەمگە نەپرىتىڭنى بىلدۈرمە.

67.پەقەت ئالىيجاناب ئىنسانلا سۆيەلەيدۇ  ھەم  نەپرەتلىنەلەيدۇ.

68.ئەخمەق ئادەمگە ياخشىلىق قىلىش ــــ تۇڭگۇزنى يۇيۇپ تاراپ  ،زىبۇ-زىننەت تاقىغانغا ياكى يىلاننى ھەسەل بىلەن باققانغا ئوخشايدۇ.

69.كىشىنىڭ يۈزىنى ئوتقا ئاتقۇچى تىلدۇر.

70.ياخشى ئەخلاق ـــــ  جەننەتتۇر،  يامان ئەخلاق  ـــــ   دوزاختۇر.

71.ئوتنىڭ بېشى ئۇچقۇندۇر.

72.تەربىيە بالىنى تۇپراق قىلىشىمۇ،ئالتۇن قىلىشىمۇ مۈمكىن.

73.ئىش ئەقىلنىڭ ئەلچىسى،ئەمگەك-ئۆمۇرنىڭ گۈلچىسى،

كۆز كۆڭۈلگە نۇر چىراغ،قول-پۇت ئۇتۇقنىڭ يولچىسى.

74.ئەقىلنىڭ دەلىلى ـــــ پىكىر،پىكىرنىڭ دەلىلى ــــــ سۈكۈتتۇر.

75.پۈتۈن جاھاننىڭ سەلتەنىتى يەرگە تامچىغان بىر تامچە قانغا ئەرزىمەيدۇ.

76.ياخشىلىقنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان ئىت ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان ئادەمدىن مىڭ ياخشى.

77.كىمكى ئۇلۇغلار بىلەن ئېلىشسا ئۆز قېنىنى تۆكىدۇ.

78.ۋەتەندە دوستسىز ياشىماق،مىسلى موردا كېپەندە ياتقان بىلەن باراۋەر.

79.دىۋىگە ياخشى كۆز بىلەن قارىسا ،كۆزىگە پەرىشتە سۈپەت كۆرۈنگەي.

80.ئەيسانىڭ ئېشىكى مەككىگە بارسىمۇ ،قايتقاندا يەنىلا ئېشەكتۇر.

81.كىمدە سەۋر يوق بولسا، ھىكمەت يوق.

82.تۆھپىسىز ئۆلگەن بېخىلنىڭ نامىزىنى ئوقۇما.

83.جاھاندىن ئېتىم ئۆچمەي ئۆتەي دېسەڭ،دائىم ئۇلۇغلانى يادىڭدا تۇتقىن.

84.جاھاننىڭ ئۆزى بىر نەپەس،ئالىملارنىڭ بىر نەپسى بىر جاھان.

85. چوڭ دەريا بىر تال تاش بىلەن لايلانماس.

86.شىر جېنىڭنى پەقەت شىرلا بىلىدۇ.

87.يېنىكلىك يادىن چىققان ئوققا ئوخشاشتۇر،سالماقلىق قېلىچقا ئوخشاشتۇر.

88.غەيۋەت زىنادىن قاتتىقراقتۇر،كىمكى غەيۋەت قىلسا ،غەيۋىتى قىلىنغۇچىنىڭ گۆشىنى يىگەنگە ئوخشاشتۇر.

89.ئۇيقۇ ئۆلۈمنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە بۇرادىرىدۇر.

90.مەن ئۆز قەدر-قىممىتىمنى تونىغانلىقىم بىلەن قىممەتلىكمەن.

91.بارلىق ياخشىلىقىڭنى ھايات ۋاقتىڭدا قىلىپ تۈگەت،جەننەت ئىشىكى ئالدىدا ھەسرەت چەكمە.

92.ۋىجدان قۇياشىڭ قارايغان كۈنى ــــــ ئەقىدە ئەھلىنىڭ قىيامىتىدۇر.

93.تۇنجى مۇھەببەت پاھ ئوغۇز سۈتنىڭ ئورنىدا قەدرلىنىشى كېرەك.

94.ئەڭ چوڭ ئەقىل ــــ  ئۆزىنى بىلىشتە.

95.مىللىي تىل ـــــ شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋى ۋەتىنى سۈپىتىدە مۇقەددەس.

96.ئۆز ئانا تىلغا مۇھەببەت قانچىكى كۈچلۈك بولسا ،ئۆز خەلقى ۋە ۋەتىنىگىمۇ سۆيگۈسى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.

97.خەلقتىن بىر قەدەم چەتنەپ تۇرۇپ ،ئادالەتتىن بىر ئېغىز سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

98.توغرا يول ھەمىشە ئۇدۇل كۆرۈنمەس.

99.تىل ئەخلاقى ماھىيەتتە قەلب ئەخلاقىدىن ئىبارەت.

100.ئۇچۇر دۇنيانى بىلىش ۋە ئۆزگەرتىشنىڭ تۈپ ھالقىسى.

101. .ھاياتىڭ پۈتۈنلەي كۈندۈزنىڭ يورۇقى ۋە كېچىنىڭ قاراڭغۇسىدەكلا بىر نەرسە.

102 .كىم كامىل ئادەم بولۇشنى خالىسا ھەم ئامىل،ھەم ئالىم  بولىشى كېرەك.

103  .ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقى ،ئۇلارنىڭ تالانتلىق بولغانلىقىدا ئەمەس،بەلكى ئاڭنىڭ چەكسىز كۈچىنى ھىس قىلالىغانلىقىدا.

104 .سىزدە سۆيگۈ بولمىغان ئىكەن ،ھەقىقىي ياشىغان بولمايسىز.

105 .ئاتا-ئانىنىڭ ئىدىيىسى بىر بالىنىڭ خارەكتىرىنى سىزىپ چىقىدۇ.

106 .سىز مەڭگۈلۈك ساغلاملىق، ياشلىق،گۈزەللىككە كەڭ تەبىئەت بىلەن قارشىلىشىش بىلەن ئەمەس،بەلكى تەبىئەت بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىڭ.

107. تىلىنى يىغالىغان ئادەم ئىككىلا دۇنيادا خاتىرجەم ئۆتىدۇ.

108.بېرىش ئېلىشقا قارىغاندا بەختتۇر.مۇھەببەت نەپرەتكە قارىغاندا ئاقىلانىلىكتۇر.

109.بەختتىن باشقىلار بىلەن بىللە ئورتاقلىشىش ئەتىر چاچقانغا ئوخشايدۇ.چۈنكى سەن ئەتىرنى باشقىلارغا چاچقان چېغىڭدا ئۇنىڭ چاچراندىلىرى سېنىڭ ئۇچاڭغىمۇ يۇقىدۇ.

110 .دۈشمىنىڭگىمۇ ئەدەپ بىلەن قىزغىن مۇئامىلە قىل.

111.نازارەتسىز قالغاندىمۇ ئۆزۈڭگە قاتتىق تەلەپ قوي.

112. ئەتراپىڭدىكىلەرگە گويا پەرۋەردىگارىڭنى كۆرگەندەك كەمتەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىل.

113.يامانلىققا ياخشىلىق قىلالايدىغان كەڭ  قورساق ئادەملەرلا كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگە يېتەلەيدۇ.

114.بىلىمنىڭ ئۆزى كۈچ ئەمەس،بەلكى بىلىمنىڭ ھەقىقىي كۈچى پەقەت ئۇنى قوللىنىش ،ئىشلىتىش،ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن  پايدىلىق يېڭىلىقلارنى يارىتىشتا.

115.تەبەسسۇم ــــ پاراسەتنىڭ بىلىيى.

116. غەزەپ-نەپرەت قىممەتلىك بايلىق.

117.بىر مىلتىق  كەم بولسا يۈز دۈشمەن تىرىك قالىدۇ.

118.دەرت ۋە ئازابقا تۇتقان پۇزۇتسىيە بىزنىڭ كۈچىمىزنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم.

119.پاكىز بۇلاق سۈيى زىمىننىڭ ئەڭ تىرەن ،ئەڭ قاراڭغۇ  يېرىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ.

120.سىز دۇچ كەلگن خىرىس قانچە چوڭ بولسا ،ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى  شۇنچىلك قازالايسىز.

121.كىشىنىڭ يۇرتىدا پاختىدا ياتقاندىن ،ئۆز يۇرتۇڭدا تاختىدا ياتقان ياخشى.

122.مىۋىلىك دەرەخنىڭ شاخلىرى كۆپ سۇنىدۇ.سەۋەب كىشىلەر ئۇنىڭغا كۆپراق تاش ئاتىدۇ.

123.قولدىكى قۇشقاچ كۆكتىكى بۆدىنىدىن ياخشىراقتۇر.

124.ماختاش بولمىسا تەربىيەمۇ  بولمايدۇ.

125.ئۇرۇش قەھرىماننى يېتىشتۈرىدۇ.

126.دوسكا دەرسخانىنىڭ يۈزى.

127.مەجبۇرلىنىشنىڭ ئۆزى بىزار بولۇشنى ،ياتلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

128.ئادەم ــــــ  مائارىپنىڭ يادروسى

129.سوئالنىڭ قويۇلىشى مەسىلىنىڭ يېرىمىنىڭ ھەل بولغانلىقىغا تەڭ.

130.سىزمۇ ،مەنمۇ سوقرات ئەمەس،بىراق ئالدىمىزدا تۇرغان بالا پلاتون بولۇشى مۈمكىن.

131.يېزىق ئادەمنىڭ  يۈزىگە ئوخشايدۇ.

132.گۈزەللىككە ئىنتىلمىسەك ئەقلىمىز تەرەققىي تاپمايدۇ.

133.دۇنيا ئېچىقلىق مېڭىلەر ئۈچۈن ئېچىقلىق

134.دەرسخانىمۇ بىر كىچىكلىتىلگەن دۇنيا.

135.بىر پىكىرنى ھەممەيلەننىڭ بىر قېلىپتا ئىپادىلىشى بىزنىڭ مائارىپ تەپەكۇرىمىزدىكى  ئاجىزلىق ۋە پاجىئە.

136.دوسكا لايىھىسى ــــــ ئوقۇتۇش سەنئىتىنىڭ يادروسى.

137.ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە،ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا كىرەر.

138.مىڭ كۆرگەندىن بىر قىلغان ئەلا.

139.يەر شارى بىزنىڭ يۇرتىمىز.

140. بىلىمسىزلىك ۋە ئىتتىپاقسىزلىق بىر مىللەتنىڭ خار-زەبۇن بولۇشىدىكى تۈپ سەۋەپ.

141.ئادەم بۇ دۇنيادا ئاخىرقى ھېسابتا سۆيۈش،سۆيۈلۈش ئۈچۈن ياشايدۇ.

142.مەن ئويلايمەن،شۇڭا مەۋجۇت بولالايمەن.

143.ئۈمىد ــــــ  بەختسىز ئادەمنىڭ ئىككىنچى يۈرىكى.

144.چۈشكۈنلۈككە قانداق مۇئامىلە قىلىش  بىر مىللەتنىڭ پىشقان-پىشمىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان  بىر خىل ئۆلچەم.

145.ئەدىب ــــ دەۋرنىڭ ۋىجدانى.

146.ئۈنسىز تەربىيە ئادەمنى قەلبتىن ئۆزگەرتىدۇ.

147.خىيال ئارزۇغا تەڭ ئەمەس،ئارزۇ نەتىجىگە تەڭ ئەمەس.

148.بۈگۈن ۋاقىتنى خارلىشىڭ ئەتە ئۆزۈڭنىڭ خارلىققا قېلىشىدىن  دېرەك بېرىدۇ.

149. ئۆز تىلىمىز بىلەن دېيىلگەن سەپسەتە باشقىلارنىڭ تىلى بىلەن دېيىلگەن ھىكمەتتىن ئۇلۇغ.

150.مەدەنىيەت كىملىكى ئادەمنىڭ خىيالى،ئىدىيىسى،سەزگۈسى،ھەتتا نەپسى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن  بىر خىل ئۇقۇم.

151.سەن ئۆتمۈشكە تاپانچىدىن ئوق ئاتساڭ،كېلەچەك سېنى زەمبىرەك بىلەن ئاتىدۇ.

152.تاماق يەۋېتىپ تاماكا چېكىش ــــ زىيانلىق ھەم قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەخلاقسىزلىق.

153.يەر شارىنى خۇشخۇي ئادەملەر چۆرگىلىتىدۇ.

154.ئادەمدىكى كىملىك ئېھتىياجى ئۆزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي توپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن باشلىنىدۇ.

155.بىر مۇنەۋۋەر زىيالىينىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ئۆزىگە تەۋە بولغىنى بىلەن ،مەنىۋىيىتى ئۆزىگە ھەم ئۆزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي توپقا مەنسۇپ بولىدۇ.  

156.ھەربىر زامانىۋى دۆلەت مۇستەملىكىچىلىكنىڭ مەھسۇلى.

157.مىللىي كىملىك نۇقتىسىدىن بىر ئادەم بىر مىللەت.

158.ئىنسان بەختلىك ياشاش ئۈچۈن تونۇشنى ھەركەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

159.ناچار كىتاب ــــــ روھقا سېلىنغان زەھەر.

160.ئۈگۈنىشنى قاچانلا باشلىسا كېچىكمەيدۇ.

161.سەنئەت تۇرمۇشتىن بىر دەرىجە ئۈستۈن تۇرىدۇ.

162.مەن سىزگە ئېچىنىمەن،سىز ماڭا ئېچىنىسىز! ئەڭ ئاخىرىدا ھايات ۋە ۋاقىت بىزگە ئېچىنىدۇ.

163.ئويلىنىدىغان بىر ئادەم ھامان ئازابتىن قۇتۇلالمايدۇ.

164.بۈگۈنكى دەۋر ئادەملىرى ئۇچۇررغا كۆمۈلۈپ قالغان ئادەملەر!

165.پەلسەپە ــــ تۇرمۇشنىڭ  ئۆزى،پەلسەپە تۇرمۇشقا قايتىپ كېلىشى كېرەك.

166.تەنقىد ـــــ جەمىئيەتتە كەم بولسا بولمايدىغان ئىجتىمائىي پائالىيەتتۇر.

167.دېڭىز بولۇپ يىراقلاپ كەتكۈچە ئەلدىن،بۇلاق بولۇپ ئەل قوينىدا ياشىغان ياخشى.

168.سۈكۈت ئىچىدە تەنھا پىكىر يۈرگۈزۈش ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئايلىنىشىدىكى مۇھىم قەدەم.

169. بىر قېتىملىق ئىسىل  لىكسىيەگە قاتنىشىش نەچچە پارچە نادىر كىتابنى ئوقۇش بىلەن بارۋەر.

170.ياشاش ــــــ مەسىلە ھەل قىلىش جەريانى.

171.قاراڭغۇ گۆرنى تىللىغۇچە، بىر تال شام بولسىمۇ ياندۇرغان ياخشى.

172.ئۆزىنى تەربىيەلەشنى توختاتقان ئادەم قانداقمۇ بالىسىنى ياخشى تەربىيەلىسۇن؟

173.دۇنيادا چۈشكۈنلەشكەنلەرگە ،ئازاب تارتقانلارغا ھىچ يەردە موكاپات بەرمەيدۇ.

174.باشقىلارغا سەۋەبسىز ئۆچ بولۇپ قېلىش ـــــ ئۇيغۇرلاردىكى  پىسخىكىلىق ئاجىزىقلارنىڭ ئىپادىسى.

175.ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى  15پىرسەنت بىلىمدىن،85 پىرسەنت پوزىتسىيەدىن كېلىدۇ.

176.ماختاش سادالىرى ـــــ بىزنىڭ  توغرىلاشقا تېگىشلىك پۇزىتسىيەمىزگە  سېلىنغان ئۇيقۇ دورىسى.

177.ئادەمنىڭ رىئاللىقىنى ئۇنىڭ سۇبىيېكتىپ خىيالى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

178. سۆزنى قىممەتكە ئىگە قىلىشتا ھەركەتنىڭ ياردىمى كېرەك.

179.تىل ھەركەتنىڭ كۆلەڭگىسى،ھەركەت ھاياتنىڭ ماھىيىتى.

180.چاقچاقنى قانداق قوبۇل قىلىشنى بىلىش ــــ قابىلىيىەتنىڭ بەلگىسى.

181.ساپلا تاتلىق نەرسە بالىلار بىلەن ساراڭلار ئۈچۈن تەييارلىنىدۇ.

182. ئىلتىپاتنى بەك كۆپ قىلىش   قىلمىغانغا بارارەر.

183. بار پۇلنىڭ ئۆزىنى جايىدا خەجلەشنىڭ ئۆزىمۇ پۇل تېپىشتۇر.

184. ئۆلۈمنىڭ سەنئەتتىكى ئۆلمەس تېمىغا ئايلىنىشى سەنئەتكە ئاجايىپ زور سېھرىي كۈچ ئاتا قىلغان .

185.دەسسەپ تۇرىۋاتقىنىمىز تۇپراق ئەمەس ئەجدادلىرىمىز،بىزنى بېقىۋاتقىنى تۇپراق ئەمەس،تۇپراققا ئايلانغان ئاتا-بوۋىمىز.خارلاۋاتقىنىمىز،ناپاك پۇتلىرىمىز بىلەن دەسسەۋاتقىنىمىز تۇپراق ئەمەس ئاتا-ئانىمىزنىڭ بېشى،ئىچىۋاتقىنىمىز سۇ ئەمەس ،ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئارزۇ-ئارمىنى.

186.قەھرىماندىكى جاسارەت ماھىيەتتە مىللەتنىڭ جاسارىتىدۇر.

187.دۇنيادىكى تەرەققىيات سەۋىيىسى ئەڭ يۇقۇرى دۆلەتلەر  كىتاب ئىستىمالى ئەڭ يۇقۇرى دۆلەتلەردۇر.

188.بىر تىلنى ئۈگىنىش ياشاۋاتقان دۇنيادىن سىرتقا قارىتا يەنە بىر دېرىزە ئاچقان بىلەن باراۋەر.

189.نوپۇز خوراپاتلىقى ئىلىمنىڭ دۈشمىنىدۇر.

190.ئائىلە  ـــــ كىچىكلىتىلگەن فولكلور مۇزېي.

191. بىر يۇرتنىڭ تۇپرىقى ئۆزىنىڭ ئەڭ مەردانە،ۋىجدانلىق ئوغۇللىرىنىڭ قېنى بىلەن پاكلىنىدۇ.

192.شەرق ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى ئاللادىن ئۆزىگە ياش ۋاقتىدا غەلىبە ئەمەس،مەغلۇبىيەت تىلەشكەن.دېمەك،ئۇلار تىلەۋاتقان مەغلۇبىيەت ماھىيەتتە مەغلۇبىيەت ئەمەس ،ئاچچىق ساۋاق ياكى دەرس ئىدى.

193.ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت ۋە ئەڭ چوڭ بەخسىزلىك مەغلۇپ بولۇش پۇرسىتىگىمۇ  ئېرىشەلمەسلىكتۇر.

194.شېئىرنىڭ تراگىدىيىسى ــــــ مىللەتنىڭ تراگىدىيىسى.شېئىر بىر خىل ئاقسۆڭەك سەنئەت.شېئىريەت شۇنداق ئۇلۇغكى،ئۇ قەلبنىڭ ئەڭ پاك دۇئاسىدۇر.

195.تۆمۈرنى پەقەت ئوتلا يۇمشىتىدۇ.

196.بىر ئادەم توغرا بولسىلا ،ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيامۇ توغرا بولىدۇ.

197.سېنى ھىچكىم مەغلۇپ قىلالمايدۇ، پەقەت ئۆز-ئۆزۈڭنى مەغلۇپ قىلمىساڭلا!

198.ئۆزىمىزنى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى  دەپ قاراشقا باشلىغىنىمىزدا ،مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا باشلىغان بولىمىز.

199.كۈلۈمسىرەش ـــــ  تەڭرى كىشىلەرگە ئاتاقىلغان پاتېنىت.

200.بۇ دۈگلەك جاھاننى ئۈزۈك دەپ قارىساق،شەكسىز ئۇنىڭ  كۆزى،  گۆھىرىمۇ ئادەم.

201.تەپەككۇر ـــــ  دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق گۈل.

202.ئەقىلنىڭ چوڭ بىر ئاجىزلىقى ئەقىل كۈچىگە ئىشەنمەسلىكتە.

203.ياقۇتنى تاشمۇ سۇندۇرالايدۇ.

204.تەن غىلاب،ئەقىل قېلىچ.

205.ئىنسان دانىشمەنلىكىنىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىسى ۋەزىيەتكە مۇۋاپىقلىشىشنى بىلىش،شۇنىڭ بىلەن تاشقى تەھدىتلەرگە قارىماي ئۆزىنى خاتىرجەم تۇتۇۋېلىشتۇر.

206.دانا ئادەمنىڭ خىسلىتى ئۈچ نەرسىدە نامايەن بولىدۇ: بىرىنچى،باشقىلارغا بەرگەن مەسلىھەتكە ئۆزى ئەمەل قىلىدۇ،ئىككىنچى،ھىچقانداق ھەقىقەتكە قارشى چىقمايدۇ.ئۈچىنچى،ئۆز ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ نۇقسانلىرى ئالدىدا سەۋر-تاقەتلىك بولىدۇ.

207.بارلىق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردىكى دانىشمەنلىك ،مېنىڭچە نىمە قىلىشنى بىلىشتىنلا ئەمەس،بەلكى نېمىنى بۇرۇن،نېمىنى كېيىنرەك قىلىش زۆرۈرلىكىنى  بىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

208.ھاياتىمىزنىڭ ئۆزى ياخشىلىققا ئىنتىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

209.ياخشىلىق ــــ ھىچ بىر كونىرىمايدىغان بىردىن –بىر لىباستۇر.

210.ئىنسان ئەمگەك قىلىۋاتقان ۋاقىتتا تولۇق مەنىدىكى ئىنسانغا ئايلىنىدۇ.

211.ئىش بىزنى ئۈچ خىل ئىللەتتىن ــــــ زېرىكىش،قۇسۇر،مۇھتاجلىقتىن خالاس قىلىدۇ.

212.ئون  ھەسسە كۆپ ئىش قىلغانغا قارىغاندا ،بىر ئىشنى ھەقدادىغا يەتكۈزگەن ياخشى.

213.مەدەنىيەتنىڭ بۈيۈك ۋەزىپىسى ئادەمنى پىكىر قىلىشقا ئۈگىتىشتۇر.

214.بىر سائەتلىك ھەركەت بىر سائەتلىك چۈشەندۈرۈشتىن كۆپرەك نەرسە بېرىدۇ.

215.ھەرقانداق تەلىم-تەربىيىدە ئەڭ ئاساسلىقى  مۇئەللىم،يەنى ئۇنىڭ تەپەككۇر دۇنياسى .

216.ئادەملەر بىلمىگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى ئۆزلىرىنى بىلەرمەن ھېسابلىغىنى ئۈچۈن خاتالىشىدۇ.

217.تالانت ئۆزۈڭگە،ئۆز كۈچۈڭگە بولغان ئىشەنچىڭدۇر.

218.ئۇزاق ياشاشتىن  كۆرە توغرا ياشاشنى بىلىشىڭ مۇھىمدۇر .

219.كۈرەشنىڭ توختاپ قېلىشى  ھاياتنىڭ باش پاجىئەسى.

220.پىكىر قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىق ئۇنىڭ پۈتۈن بەخت-سائادىتىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقتۇر.

221.ئاغرىق پادىشاھتىن ساغلام گاداي  مىڭ ھەسسە بەختىيار.

222.ۋراچنىڭ خۇشخۇيلۇقى بىمارنىڭ ساقىيىشى دېمەكتۇر.

223.شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئۆتمۈشى بوشلۇق،ھازىرى دەھشەت چۆل،كېلەچىكى يوقلۇقتىن ئىبارەت.

224.قانائەتسىز ،ئاچكۆز پادىىشاھتىن قانائەتلىك گاداي بەختلىكتۇر.

225.شەخسىي مەنپەئىتىڭ بىر پۈتۈن ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئىچىدە بولىدۇ.

226.خوشاللىق روھى ئازاد،مەرد ئادەملەرگە مەنسۇپتۇر.

227.ئىقتىسادچىللىقنى  دانالىقنىڭ قىزى، قانائەتنىڭ سىڭلىسى،ئەركىنلىكنىڭ ئانىسى ،دەپ ھېسابلاش مۇمكىن.

228.ئادەمنىڭ ئادەملىكى قورقۇشنى قايسى دەرىجىدە  يېڭىشتىن بىلىنىدۇ.

229.مەردلىكىڭدىن ئايرىلغىنىڭ ــــ ھەممە نەرسەڭنى يوقاتقىنىڭ.

230.ھەقىقەت ئېتىقاد ۋە ئۈمىدلىرىمىزنىڭ مەنبەسى.

231.ئاداۋەت غۇبارى بىلەن ھەرگىز ئادالەت مەيدانىغا كىرەلمەيسەن.

232.ئادالەت ۋە قانۇن ئاسماننىڭ تۈۋرۈكىدۇر،تۈۋرۈك قىڭغايسا ،ئاسمان ئۆرە تۇرالمايدۇ.

233.پەقەت ھىچ ئىش قىلمايدىغان ئادەملەر خاتالاشمايدۇ.

234.سەمىمىي ئادەم يۈرىكىنى ئالقىنىغا ئېلىپ ،ئەل ئارىسىدا ئۇياتماي يۈرەلەيدۇ.

235.‹‹ئىچىمدىكىنى تاپ›› دېيىش ــــ ئاجىزلارغا خاس ھالەت.

236.ئاددىي-ساددىلىق ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىڭنى چۈشىنىشىڭدۇر.

237.باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلىنغان كەمتەرلىك پەردە ئىچىدىكى مۇناپىقلىقتۇر.

238.نومۇس سۆيگۈنىڭ چاپىنى، ياق، جېنى!

239.مىللەتنىڭ ئۇلۇغلۇقى ،ئەقلى،روھىيىتى  شۇ مىللەتنىڭ ماقال-تەمسىللىرىدىن بىلىنىدۇ.

240.كىمكى ئۆز-ئۆزىنى بىلسە ،ئۇ نىمە دېگە ياخشى ئىبادەت ۋە ئۆزىنىڭ سۆزىنى بىلىپ سۆزلىسە ،بۇ نىمە دېگە ياخشى سائادەت.

241.سۆزنى تەكرارلاۋەرگۈچى ئەقىلسىز كىشىدۇر.

242.ھەر بىر كىشىدە ۋە ئۇنىڭ ھەربىر ھەركەتلىرىدە ھەر دائىم ئۆزۈڭنى كۆرۈشۈڭ مۈمكىن.

243. ئادەملەرنىڭ ئەيىبىنى كوچىلاپ يۈرگەن كىشى ئۇلۇغلۇق دەرىجىسىگە ئېرىشەلمەس.

244.سورالماق ئەركەك بولسا،جاۋاب بەرمەك چىشىدۇر.

245.كىشىنىڭ خاتالىقى باشقىلار ئۈچۈن ساۋاق.

246.قورۇق قەلبىمىزگە چۈشسە چۈشسۇنكى،قەلبىمىزگە چۈشمىسۇن.

247.ئىللەتنىڭ سەۋەبىنى تېپىش دەل ئۇنىڭ داۋالاش چارىسىنى تېپىش دېگەنلىكتۇر.

248.مەسلىھەت سوراش ــــ بۇ بىر ئادەمنىڭ ئىككىنچى ئادەمگە  بولغان ئەڭ يۈكسەك ئىشەنچىسىدۇر.

249.ئەخماق بىلەن  مۇنازىرە قىلىش گۆرگە چىراغ ياققان بىلەن باراۋەر.

250.ھەممە غەلىبىلەر ئۆز ئۈستۈڭدىن باشلانغان غەلىبىدىن باشلىنىدۇ.

251.ئۆز روھىي ھالىتىنى بويسۇندۇرغان كىشى شەھەرلەرنى بىنا قىلغان كىشىدىنمۇ كۈچلۈكتۇر.

252.ھەي بىلەي تاش،قاچانغىچە تۆمۈرنى ئىشتىتىسەنۇ ،ئۆزۈڭ كەسمەيسەن؟!

253. خارەكتىرلىك ئادەملەر ئۆزلىرى مەنسۇپ بولغان جەمىئىيەتنىڭ ۋىجدانىدۇر.

254.ئۈمىدسىزلىك بىزنىڭ ئەڭ زور خاتالىقىمىزدىن بىرى .

255.تىلىنى يىغالىغان ئادەم ئىككىلا دۇنيادا خاتىرجەم ئۆتىدۇ.

256.ھەر بىر مۇيەسسەرىيەتتە  مەھرۇمىيەت،ھەر بىر مەھرۇمىيەتتە مۇيەسسەرىيەت بار.

257.دۇنيادا مۇكەممەل مىللىي مەدەنىيەت بولمايدۇ.

258.ئادەمنىڭ مۇكەممەللىكى  ئۇنىڭ كەمچىلىكىتىن خالىيلىقىدا ئەمەس ،بەلكى كەمچىلىكىنى تۈگىتىشكە تىرىشقانلىقىدا.

259.زىيالىيلار،سىلەر بىزنىڭ يۇلتۇزلىرىمىز.يۇلتۇزلار نۇر چاچالايدۇ، بۇ نۇر قۇياشتىن كەلگەن.نۇرلىناي دېسەڭلار ،قۇياشىڭلارنى ئىزدەڭلار!

260.ئۆزىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان رىئال مەسىلە،شەيئىلەرنى چۈشەنمىگەن ئادەم ياكى قوۋم ھەرقانداق بىر ئىشتىكى تەشەببۇسكارلىقتىن مەڭگۈ مەھرۇم .

261. ئىنسانلارنىڭ تارىخى ئەمىليەتتە بىر ئۇرۇش تارىخىدۇر.

262.تارىختا كىم كۈچلۈك بولسا شۇ غەلىبە قىلدى.كىمدە ھەقىقەت بولسا شۇلار غەلىبە قىلغىنى يوق.

263.مۇستەملىكە دېگەنلىك ئادەمنى نەرسىلەشتۈرۈش دېگەنلىك.

264.ئاۋال  ئۆزىگە ئىگە بولالمىغان ئادەمنىڭ    ئۆزىگە تەۋە  ھىچنىمىسى بولمايدۇ.

265.چېكىدىن ئاشقان ئەركىنلىكمۇ،شۇنداقلا ئەركىنلىكتىن مەھرۇملۇقمۇ ئادەمنى مايمۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

266.ھىكمەتلىك سۆز مۆئىمىننىڭ يىتتۈرۈپ قويغان نەرسىسىدۇر.

267.ھەقىقەتنىڭ مىللەت،دىن،مەدەنىيەت،ئىدېلوگىيە ،چەكلىمىسى بولمايدۇ.

268.ھېكمەت ئاشكارىدۇر.ھېكمەتنى پىنھاندىن ئىزدەپ يۈرىدىغان كىشىلەرگە ھەيرانمەن.

269.ئەقىللىق كىشىلەر خاتالىق ئۆتكۈزسە ،ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئاۋۋال ئۆزىدىن ئىزدەيدۇ.

270.بۇ بىر خۇدا ئۇنتۇلغان،ئىنسانلار ئۆزىنى خۇدا قىلىۋالغان بىر دەۋر بولدى.

271.پايدىلىنىلمىغان بىلىم گويا ئېتىلمىغان ئوقتۇر.

272.كىشىلەرنى غاپىللىقتىن دەل غاپىللار توسۇۋاتىدۇ.

273.بەخت ماھىيەتتە روھنىڭ قانائەتلىنىشىدۇر.

274.مائارىپنىڭ مەقسىتى ئالىم يېتىشتۈرۈش ئەمەس بەلكى ئادەم يېتىشتۈرۈش بولىشى كېرەك.

275.بۈگۈنكى بىر قەدەم كېچىكىش كەلگۈسىدىكى  مىڭ قەدەم ،ئون مىڭ قەدەم  كېچىكىشكە سەۋەب بولىدۇ.

276.ھەقىقەت گوياكى بىر چوغ،ئۇنى تۇتسا كۆيدۈرۈشىگە بەرداشلىق بېرەلىگەنلارلا  ھەقىقەتنڭ ساھىبى  بولالايدۇ.   

277.ئادەم چوقۇم پات-پات مەلۇم بىر ئىش ئۈچۈن ھاياجانلىنىپ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سېلىپ تۇرالىشى،مەلۇم ئىشلارغا قاتتىق غەزەپلىنىپ ،ۋۇجۇدى تىترەپ تۇرالىشى كېرەك. بۇ ئادەمگە زۆرۈر بىر روھىيەت قەلب گىمناستىكىسى.  

278.ھەمىشە ھەقىقەتنى تونۇشقا بىر ئەۋلاد،قوبۇل قىلىشقا بىر ئەۋلاد،ئىجرا قىلىشقا بىر ئەۋلاد كېتەرمۇ؟

279. ھەقىقەتنىڭ ساداسىغا قۇلاق يوپۇرغانلار چوقۇم ھەقىقەتنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.

280.ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ئۈگىنىشكە تېگىشلىك يەرلىرى بولىدۇ،شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوقۇغۇچى.

281.ئائىلە ئادەملەرنىڭ تۇنجى مەكتىپى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە مەڭگۈلۈك مەكتىپى.

282.مۇھەببەتنىڭ يادروسى ئەپۇ قىلىش ۋە قۇربان بېرىشتۇر.

283.قايناق ھېسسىيات كەينىدە ماراپ تۇرغىنى بىر قۇچاق پۇشايمان.

284.كېچىش ئېرىشىش ئۈچۈندۇر.

285.بىزدە ئائىلىسى ئىستىھكامى ئەمەس،قەبرىسى بوپقالغانلار بەك كۆپ.

286.سەۋر قىلىشنى بىلمىگەن ئادەم بەختتىن  لەززەتلىنىشنىمۇ بىلمەيدۇ.

287.ئىنسان ئۈچۈن ‹‹ئىنسان››دېگەن  ماركىلا يېتەرلىك شەرەپ،ئادەم بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق شەرەپنى قوغلاشقاندا ،تاپتىن چىقىدۇ.

288.سۇ ئۈستىگە خەت يازغانلار مەغلۇپ بولماي قالمايدۇ.

289.ئادەمنىڭ زېرەك- دانالىقى دەرد كەلگەندە سەرر-تاقەتلىك بولۇشىدا .

290.ئېغىرلىق  ــــــ  راھمانلىق ،يېنىكلىك ــــ شەيتانلىق

291.ھالۋىنى يىمە دەپ تۇرۇپ،ئۆزى يىگەن ئاتىنىڭ سۆزىنى پەرزەنت ئاڭلىمايدۇ.

292.سىر ساقلاش گويا ئاتوم بومبىسىنى ئۆز يېنىدا ساقلاشتىنمۇ قىيىن .

293.ھاراق ئىچىپ ئەقلى ئازدى،ئۆز گۆرىنى ئۆزى قازدى .

294.ئانىنىڭ پەرزەنتىگە  بولغان مۇھەببىتى ھىچقانداق شەخسىي  مەنپەئەت غەرىزى ئارلاشمىغانلىقى ئۈچۈن ،ئەڭ بۈيۈك،ئەڭ ئۇلۇغدۇر.

295.ئاياللار تۈزەلسە جەمىئىيەت تۈزىلىدۇ.ئىنسانىيەت گۈللىنىدۇ.

296.ئىپار قاچىلىغان تۇلۇمدىن ئىپارنى ئېلىۋەتسىمۇ ،ئىپارنىڭ پۇرىقى قالىدۇ.

297.خىرىس قىلغان ئىتتىن ئەركىلەپ تۇرغان ئىت خەتەرلىك.

298.خوشاللىقتا غەپلەت بار

299.ئوڭ قولۇڭ قىلغان ياخشىلىقنى سول قولۇڭ بىلمىسۇن.

300. ئانا ـــــ  ئۇيغۇر پەلسەپەسىنىڭ كىندىكى.

301.ھەر بىر ئايالنىڭ ئەقلىنى ئۆلچىمەكچى بولسىڭىز ،ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى  بالىلىرىغا قاراڭ.

302.تەربىيىلىك ئەرلەرنىڭ ئەقلىنى رام قىلىدىغان نەرسە ھايادۇر.

303.يېتىمنىڭ ھەققى  سۇ ئەمەس سىڭىپ كېتىدىغان،شامال ئەمەس تاراپ كېتىدىغان.

304.ئىنسان ياخشى ئەمەللىرى بىلەنلا بىر-بىرىدىن ئارتۇق.

305.بۈيۈك زاتلارنىڭ قەلبلىرى بىھېساب خەزىنىلەر كۆمۈلگەن زىمىنغا ئوخشايدۇ.

306 . ھەسەتخور مىللەت گەرچە تىل بىرلىكى بىلەن بىرلىشىپ  تۇرسىمۇ، قەلبى پارچىلانغان  مىللەتتىن ئىبارەتتۇر.

307.شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ قانۇنىيىتى ‹‹ئىشنى ماختانچاقلىقتىن باشلاپ،شەرمەندىچىلىك بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش››تىن ئىبارەت.

308.نومۇس قىلىش ــــ  بىر خىل ئىنقىلاب،نومۇس قىلىشنى بىلگەن باتۇر.

309.خوشامەت روھىي قۇللۇق بولسا،تەھدىت  روھىي قاراقچىلىق .

310.پارىخور ئەمەلدارنىڭ پاھىشىدىن پەرقى يوق.  

311. ساختا نىقاپ  بۇرۇنمۇ غەلىبە قىلمىغان،كەلگۈسىدىمۇ غەلىبە قىلىشى  مۈمكىن ئەمەس.

312.ئۆز تۈركۈمىدىن ئايرىلىش ــــ ھالاكەت.

313.زوقلىنىش ــــــ ئۇلۇغۋار ئىنسانىي روھىيەت،

314. كەلگۈسى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ!

315.يولدا تەببۇسكار ئورۇننى ئىگىلىگەن مىللەت مەدەنىيەتتە ئىلگىرى كەتكەن مىللەتتۇر. يىپەك يولىغا قارا......

316.ئەگەر ئۆز تەشۋىشلىرىڭدىن خالاس بولالىسىڭ ،پەلەك تەشۋىشلىرىنىمۇ جابەجا قىلالايسەن.

317.يوقلۇق ـــ  بارلىقنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق باھالىغۇچىسى.

318.ھەسەتخور ئۆلىدۇ،ھەسەت ئۆلمەيدۇ. ھەسەت بىلەن ۋىجدان بىر قەلبتە  ياشىيالمايدۇ.

319.ھەقىقىي تارىخچى بىرىنچىدىن،مەدەنىيەتسۇناس،ئىككىنچىدىن،كەلگۈسىشۇناستۇر.   

320.ئۈمىد ئەزەلدىن بىخارامانلىق بىلەن چىقىشالىغان ئەمەس.

321.بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە.

322.تۇرمۇشنىڭ ئۆزى ئەڭ بۈيۈك سەنئەت.

323.بۈيۈكلۈككە ئەڭ يېقىنى ھالاللىقتۇر.

324.كوللىكتىپ ئەمگەكنىڭ خاسىيىتى شۇكى ،مېھنەتنى سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ.

325.يادا بولۇپ كەتكەن نەرسىلەرنى تەكرارلاش بىزارلىقنىڭ باشلىنىشىدۇر.

326.سىم-سىم يامغۇر كۈنلۈكى يوقلارغا مۆلدۈر بولۇپ چۈشىدۇ.

327.ــــــــ بىزنىڭ يولىمىز نىمىشقا تار؟

     ـــــــــ چۈنكى بىز بىرىمىز ئاچقان يولغا بىرىمىز كىرىۋالىمىز ئەمەسمۇ؟

328. يوۋاشلىقنىڭ ئۆزى يېرىم گادايلىق.

329.چۈشكۈنلۈك ــــــ  شەيتاننىڭ ئۇسۇل سەھنىسى.

330.غەپلەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى  بىلمەكچى بولساڭ،قەبرىستانلىق  يېنىدىن  ناخشا توۋلاپ ئۆتكۈچىلەرگە قارىغىن!

331.شەھەر بىلەن يېزىنىڭ پەرقىنى يوقىتتىشقا ئۇرۇنغانلىق ئەمىليەتتە  تەبىئەتنىڭ ‹‹يۈرىكى››گە قېلىچ ئۇرغانلىق.

332.ئادەمنىڭ مۇھەببىتىنى قوزغايدىغان بىرلا نەرسە بار ،ئۇ بولسىمۇ  غالىپلىق.

333.مىللەتنىڭ روھىنى تىل-ئەدەبىيات  تۇتۇپ تۇرىدۇ.

334.تەپەككۇر قىلىۋاتقان كىشى  ھەقىقەتكە ئەڭ يېقىن كىشىدۇر.

335.دوستلىرى يوق بىلىمدار خېرىدارى يوق كىتابقا ئوخشايدۇ.

336.تەپەككۈرسىز ھايات ياشاشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ.

337.ئىنسان ھەرقانداق ئىشتىن مەنە ئىزدىگۈچى.

338.قان قاننى تۇغىدۇ،ئۇرۇش ئۇرۇشنى تۇغىدۇ.

339.جەڭگاھتا پارتىلاۋاتقىنى بومبا بولماستىن ئىدىيە.

340 .ئىجتىمائىي پېنى بولمىغان مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي جېنى يوق.

341 . سىياسىتى يوق مىللەت مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدۇ.

.342.ھەقىقىي ئەر يوق جەمىئىيەت ھەقىقىي ئايالنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ.

343.مۇھەببەت ئاخىرقى ھېسابتا باشقىلارنى ئەمەس،بەلكى ئۆزىنى ساماۋى ئۇلۇغلۇق بىلەن سۆيۈش دېمەكتۇر.

344.كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق ـــــ ئۆزىنى تاشلىۋىتىش.

345.رەقىبىڭنى يول قويۇش بىلەن كۆندۈرسەڭ،پەزىلىتىڭنى ھىچكىم چۈشەنمەيدۇ،يىقىتقاندىن كېيىن يۆلەپ قويساڭ ،ئالىيجاناب ۋە مەردانىگە ئايلىنىسەن.

346.سىياسى بۇرۇختۇرما  ماكان گويا نىجاسەت كۆلچىكىگە ئوخشايدۇ.شۇڭا ئۇ بىر توپ چىۋىنلەر  ۋە پارازىت قۇرۇتنىڭلا جەننىتىدۇر.

347.زىمىن ـــ ‹‹مېھمانخانا››،ئىنسانىيەت ـــــ ‹‹مېھمان››،ئۇنداقتا ساھىپخان كىم؟

348.دىققىتى يوق مىللەت كەلگۈسى غۇۋا مىللەتتۇر.

349.مايمۇن ئەمەلدار بولسا ئۆزى باشقۇرۋاتقان خەلقنى دەرەخقە چىقىشقا مەجبۇرلايدۇ.

350.مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى ،بىرىچىدىن، بەل قويىۋەتمەسلىكتە،ئىككىنچىدىن،قەتئىي بەل قويىۋەتمەسلىكتە،ئۈچىنچىدىن،قەتئىي،قەتئىي بەل قويىۋەتمەسلىكتە.

351.ئەدەبىيات ماھىيەتتە ئۆزىمىز  ھەققىدىكى  تەتقىقات.

352.يېڭىلا نەشىردىن چىققان ياخشى كىتاپ  تاڭ سەھەردە توۋلانغان ئەزان ئاۋازىغا ئوخشايدۇ.

353.قاراڭغۇنى تىللىما،ئۇمۇ بىر ھىكمەت!

354.نادانلارغا قول بەرگەنلىك  دوزاقنىڭ ئىشىكىنى چەككەنلىك بىلەن باراۋەر.

355.ئىلىمنىڭ جەۋھىرى قەلبتە،شەكلى ھەركەتتە.

356.تويدا كەيگەن دوپپاڭنى ساقلاپ قوي،ھازا كۈنى كىيىشكىمۇ لازىمى بولىدۇ.

357.ھەقىقىي دوست سۈكۈت ئىچىدە ھەممىنى بىلىشكە قادىر.

358.باشقىلارغا قىلغان سەمىمىي ياردىمىڭ  داۋاملىشىۋەرسە ،مەجبۇرىيەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.

359.ئېتىقاتتىن ئايرىلىپ ئىزدەنگەن ئىلىم  كۈندۈزى ئۇخلاپ ،كېچىسى  يۈرگەن  يولۇچىغا ئوخشايدۇ.

360.ئەجدادىمىز ئوق  يىگەن ،ئەۋلادىمىز پوق يىگەن....

361.قەلبىڭنى قاپلىغان قاراڭغۇلۇق پۈتكۈل جاھاننى  زۇلمەتكە چۆمدۈرىدۇ.

362.ھىچنەرسىگە ھەيران قالمايدىغان ئادەمدىن ئالىم چىقىدۇ.

363.مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ يىلتىزى ــــ  دېھقان.

364.روھىي ئالىمىمىزنى پاكلاشتۇرۇش  ئەتىكى تەغدىرىمىزنىڭ قۇياشىنى تاپقان بىلەن باراۋەر.

365.باشقىلارنىڭ‹‹ياخشى››دېيىشىنى ئۈمىد قىلش  روھىي تىلەمچىلىكتۇر.

366.بەختنىڭ ئوڭ قانىتى تەشەبۇسكارلىق ،سول قانىتى  پۇرسەت.

367.ئەخلاق جەھەتتىن تۈزەلمىگەن مىللەتنى قانۇن  ئارقىلىق تۈزىگىلى بولمايدۇ.

368.تاج ياسىماق ئاسان،لېكىن ئۇنىڭغا مۇۋاپپىق باش تاپماق قىيىن .

369.ئىسراپخورلار ئىكلەمچى قان ساتقۇچىلاردۇر.

.370.مىللەتنىڭ چۈشكۈنلىشىشى  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چۈشكۈنلىشىشىدىن باشلىنىدۇ.

371.ئۆز ئىشەنچسىنى يوقۇتۇپ قويغان كىشىنى تەڭرىمۇ قۇتقۇزالمايدۇ .

372.  بەخت ئىسدىمە،ئۇ ئەتراپىڭدىلا!

373. خەلق ــــــ پەيلاسوپ.

374.سېنى ھۆرمەتلەيدىغان بىر ئادەمنى پەقەت باشقىلارنى ھۆرمەتلەش بىلەن تاپالايسەن .

375.خارلىق دېگەن كىشىلەردىن بىر نەرسە سوراشتۇر.گەرچە سورىغىنىڭ ‹‹يول نەدە››دېگەن سوئال بولسىمۇ.

376.ئادەم ئۈچۈن زىيان سالىدىغان  نەرسە دەل ‹‹ئەتە››دېگەن سۆزدۇر.

377.كىتاپنىڭ بىر ۋارىقىنى ھەزىم قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈش  پۈتۈن بىر كىتاپنى ئالدىراپ-سالدىراپ ئوقۇپ تۈگەەتكەندىن ئەلا.

378.تەبىئەت بىلەن ئورتاق تىل تاپساڭ ،ھىچقاچان كەمبىغەللەشمەيسەن.

379.پىكىر يۈرگۈزىمەن،شۇڭا مەۋجۇتمەن.

380.قەھرىمانلارنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ئاڭلانغاندا، ھاپىزلىق ناخشىسىنىڭ  نىمە كېرىكى؟

381.كۈلۈمسىرەش ــــــ ئەڭ ياخشى موكاپات،كۈلۈمسىرەش ــــ ئەڭ ياخشى بايلىق.كۈلۈمسىرەش ـــ ئەڭ ياخشى دورا.

382.ئىشنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ ،كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىشنى  بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ ئۆمرى قىسقا.

383.تىل كىچىككىنە بولسىمۇ دۇنيانى بۇزۇپ تۈزەيدۇ.

384.ۋاقىتنى تېجىگەنلىك ــــ ئۆزىنىڭ چەكلىك ئۆمرىدىن  تېخىمۇ ئۈنۈملۈك  پايدىلانغانلىق،يەنى ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقانلىقتۇر.

385.ئەقىللىق ئادەمنىڭ ھەر كۈنى بىر يېڭى ھايات.

386.كىشىلىك ھاياتنىڭ مەنىسى ھەر كۈنلۈك ،ھەر سائەتلىك  تۇرمۇشنى چىڭ تۇتۇشتا.

387.كۈچ باشقا يەردە ئەمەس،ئۆز ھۇجۇدىمىزدا.

388.ئادەمنىڭ روھىي ھالىتى دوزاقىنى جەننەتكە،جەننەتنى دوزاققا ئايلاندۇرالايدۇ.

389.روھى ئۈستىدىن  غەلىبە قىلغانلار شەھەر ئالغانلاردىنمۇ كۈچلۈك.

390.ھازىرقى ھالەتنى ئېتراپ قىلىش ـــــــ بەختسىزلىكتىن  ساقلىنىشنىڭ تۇنجى قەدىمى.

391.پەقەت دوستنىڭ قولىلا يۈرەكتىكى تىكەننى ئېلىۋىتىشى مۈمكىن.

392.پەن بىلەن سەنئەت  پۈتكۈل دۇنياغا مەنسۇپ،ئۇلارنىڭ چېگرىسى يوق.

393.قىزىقىش ــــــ ھاياتىي كۈچنىڭ مەنبەسى.

394.بىزنىڭ تۇمۇشىمىزغا  ئىدىيىمىز  يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

395.تارتقان ئازابلىرىڭنى ئەمەس،بەلكى ئېرىشكەن  بەختىڭنى ھېسابلاپ كۆر.

396.باشقىلارغا ئازار بېرىش بىلەن ئۇلارنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ ،ئۇلارغا ئىلھام بەرگىلىمۇ بولمايدۇ.

397.گۈزەل تۇرمۇشنى ياراتقۇچىلار دەل مەسئۇلىيەتچان كىشىلەردۇر.

398.ياشاش ھەقىقەتەن بىر قاتار بازارغا سېلىشتۇر.

399.مۇھەببەت ئىلتىپات قىلىش دېمەكتۇر.ئۇ باشقىلارنىڭ  قايتۇرۇشىنى كۈتمەيدۇ.

400.ئۇلۇغلۇقنىڭ دەسمايىسى ــــــ  ئەقىل ۋە ئەدەپتۇر.

401.ئەمەلنىڭ نىشانى بولمىغان ئىلىم جېنى يوق  جەسەتتۇر.

402.دوستلا كۆپ بولسا بالا ئاز بولىدۇ.

403.يېنىكلىكنىڭ ئاقىۋىتى  مەھرۇملۇق ۋە خارلىق.

404.غەزەپنى تەرك ئەتمەك ھەممە ياخشى خۇيلارنىڭ ئاتىسى،ئاچچىقلانماق بارلىق يامان خۇيلارنىڭ ئانىسى.

405.مۇۋاپىقىيەت پىكىر قىلىشتىن كېلىدۇ.

406.ئانىنىڭ قۇچىقى بالىلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى دەرسخانا.

407.ياخشى كۆرۈش بولمىسا دۇنيامۇ بولمايدۇ.

408.تامچە سۇدەك ياخشىلىققا بۇلاق سۈيىدەك  جاۋاب قايتۇر.

409.قەدىرلەش بولمىسا تەربىيىمۇ بولمايدۇ.

410.بالىلارنى خۇدانى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەتلەش كېرەك.

411.سەھەر ئورنىدىن تۇرغاننىڭ ئېتىكى بىر تاغار ئالتۇن بىلەن تولار.

412.مۇلايىملىق ــــــ  ئىنسان ھۇجۇدىنىڭ مىۋىلىك بېغى.

413.ئەدەپتىن مۇھەببەت زىننەت تاپىدۇ.

414.كۆڭۈل غەزىنىسىدە  گۆھەر بارلىقى ياكى ئۇششاق سەدەپ بارلىقى سۆزدىن بىلىنىدۇ.

415.نادان كىشى ئېشەككىمۇ يەتمەيدۇ.

416.كۆپ سۆزلىگۈچى  زېرىكتۈرگۈچىدۇر،سۆزنى تەكرارلىغۇچى  ئەقىلسىز كىشىدۇر،

417.پەرزەنتلىرىدىن ئۇلۇغلۇق كۈتمەك ـــــ ئۆزى ئۇلۇغ بولماقتىن بولۇر.

418.گەپ بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك بىلىشىدە ئەمەس،بەلكى ئۆزى بىلگەنلىرىدىن  قانچىلىك پايدىلىنىشىدا.

419.مەڭگۈ نادانلىقتا قېلىشنىڭ ئىنتايىن ئاددى ۋە ئۈنۈملۈك چارىسى ـــ ئۆز پىكرىدىن مەمنۇن بولۇش،ئۆز بىلىمىدىن قانائەتلىنىش.

420.بىر ئۇلۇغ زاتقا نىسبەتەن  كەمتەرلىك  ۋە كەڭ قورساقلىقتىن  ئارتۇق  يارىشىملىق ئىش يوق.

421بىر مەسىلىنى ئېنق بايان قىلغانلىق ــــ  مەسىلىنىڭ يېرىمىنى  ھەل قىلغانلىق

.422.ئادەمنىڭ ئەڭ زور ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۇسۇلى ـــــ ئۇنى مەدھىيلەش ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام  بېرىش ، سەمىمىي مەدھىيىدىن  ئۈنۈم ھاسىل بولىدۇ.تەنقىد،مەسخىرە ئىشنى بۇزىدۇ.

423.خاتالىقىڭنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئادەمنى ‹‹ئانام››دەپ بىل.

.424. ھالسىزلىقتىن ئاڭسىزلىق يامان.

425.زېرەك ،ھۇشيار ئادەم قىممەتلىك كاپتالى بولغان  ۋاقىتنى  قىلچە ئەھمىيىتى  بولمىغان ئىشلار ئۈچۈن قۇربان قىلمايدۇ.

426.ئەخلاق تەربىيىسىنى  بالا بۆشۈكتىكى چاغدىن  باشلاش كېرەك.

427.كىمكى ئالدىرىمىسا ياپراقتىن يىپەك،چىچەكتىن ھەسەل ئالىدۇ.

428.ئىلىم ئۈگىنىپ ئۇنى ئىشلەتمىگەن كىشى قوش ھەيدەپ ئۇرۇق سالمىغانغا  ياكى ئۇرۇق سېلىپ ھوسۇل ئالالمىغان كىشىگە  باراۋەر.

429.كۈلۈپ تۇرۇپ باشقىلارغا بىر نەرسەڭنى بېرىش ياكى  بېرىپ تۇرۇش سېخىلىق ئۈستىگە  سېخىلىقتۇر.

430.ئادەم ھىكمىتى بىلەن ياشايدۇ.

431.بەخت خۇددى بىر يۇمۇلاق توپقا ئوخشايدۇ،ئۇنى چىڭ تۇتالىساڭ ،ئۇ ساڭا نىسىپ بولىدۇ.ئەگەر ئۇنى قويىۋىتىپ قالساڭ ،ئۇ ھەرگىزمۇ ساڭا نىسىپ بولماي قالىدۇ.

432.كىچىك ئادەم خىزمەت كۆرسىتىشى بىلەن ئۆزىنىڭ يۈكسىلىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.خىزمەت قىل!خىزمەت بىلەن قۇل بەگ بولىدۇ .خىزمەت كۆرسەتمەي كىم تىلىكىگە يېتەلەيدۇ.

433.تىلىڭنى قاماقتا تۇتقىن ،تىلىڭ سۇنمىسۇن.ئەگەر قاماقتىن چىقىپ كەتسە ،چىشىڭنى چاقىدۇ.

434.تارىخنى بىلمىگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى زەبۇن بولىدۇ.

435.خەلقنىڭ دىنى ــــ شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئەينىكىدۇر.

436.ئۆزىنى بىلگەن خۇدانى بىلىدۇ.

437.ئۆتۈپ كەتكەن ئىش ئۈچۈن قايغۇرۇش ـــ ھەرە كېپىكىنى  ھەرىدىگەنگە ئوخشاش.

438.ھەممە كىشىگە ياخشى بولىمەن دېگەن كىشى  مەڭگۈ ھىچكىمگە ياخشى بولالمايدۇ.  

439.كۆڭۈلنىڭ چوڭقۇر يېرىدىكى گەپنى ئېيتىش ـــــ يۈرەك كېسىلىگە  يۈرەكنى كۈچەيتكۈچى ئوكۇل سالغانلىق بىلەن باراۋەر.

440.ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ،ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىسمى ئۆزىگە  بىز ئىشلىتىدىغان بارلىق سۆزلەر ئىچىدە ئەڭ يېقىملىق  ئاڭلىنىدۇ،ئەڭ مۇھىم بىلىنىدۇ.

441.روھىي جەھەتتىكى گاسلىق  گاچىلىققا ئېلىپ بارىدۇ.

442.تونىڭنى قانچە ئاسراپ كىيسەڭمۇ كونىرايدۇ،ئەمما بىراۋغا كىيگۈزگەن تونىڭ  ھەرگىز كونىرىماس.

443.ئەلنىڭ ئەيىبىنى ئېچىش ـــــ ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى ئېچىشتۇر.

444.ئەڭ كۆپ ئازاب چەككۈچىلەر  ــــ ئەڭ كۆپ بىلگۈچىلەر .

445.تاماخورلۇقنى  خارلىقنىڭ بېشى ،قانائەتنى شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇقنىڭ بېشى  دەپ بىلگىن.

446.يۇتۋازلىق ئىپتىدائىي مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قوغداشتىكى  بىر خىل قەبىلىۋى  ئېڭى.

447.ئۆزگىنىمۇ بىلسەڭ،ئۆزۈڭنىمۇ بىلسەڭ ،ھەرقانداق جەڭدە مەغلۇپ بولمايسەن.

448.بىلىمسىز كىشى ئەڭ ياخشىسى سۈكۈتتىلا يۈرىشى كېرەك.شۇندىلا ئۇ بىلىمسىز ھېسابلانمايدۇ.

449.لەيلىنىڭ جامالىغا  مەجنۇننىڭ كۆزى بىلەن قارا!

450.ئۇلۇغلارغا  بىغەم  ئۇيقۇ ھارام.

451.يالىڭاچنى كۆرگەندە كۆزۈڭنى يۇم!

452.ھۆكۈمراننىڭ زالىملىقى ئاۋامنىڭ قۇلچىلىقىدىن كەلگەن.

453.يامان ئادەملەرگە مەردلىك كۆرسىتىش گۇناھ.

454.پەزىلەت ئىگىسى ماختىمايدۇ،ماختانمايدۇ.

455.مۇلايىملىق قانچە بولسا ،ئاجىزلىقمۇ شۇنچە بولىدۇ.

456.ئالدى بىلەن ئۆزىنى سۆيەلەيدىغان،ھەم ئۆزىدىن نەپرەتلىنەلەيدىغان ئادەم بولۇڭلار !

457.كەڭ قورساقلىق بىر بىنا بولسا ،مۇلايىملىق ئۇنىڭ ھۇلىدۇر.ياكى مۇلايىملىق بىر بوستان بولسا،كەڭ قورساقلىق  ئۇنىڭدىكى قىزىل گۈلدۇر.

458. ئۆزى چۈشەنمىگەن سۆزگە ئارلاشقان كىشى بىھۇدە ئوق ئۈزگەن كىشىگە ئوخشايدۇ.

459.ئۆزىنى تەقدىم قىلىش قىزغىنلىقىدىن ئىلھام ئالالمايدىغان كىشى  ھىچقانداق  ئۇلۇغ ئىشنى  باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ.

460.يامان ئىللەت مىللەت ئۈچۈن كۈلپەت.

461.ھەر قانداق كىشىگە غورورىڭىزنى ھىس قىلدۇرۇپ تۇرۇڭ.

462.سىزدىكى مۇستەقىل قاراش ۋە خاس خارەكتىرىڭىزنىڭ ئۆزى سىزنىڭ سېھرى كۈچىڭىزنىڭ مەركىزى .

463. مىللىتىمىزدىكى بىر قىسىم  ئىللەتلەرنى تۈگىتىشتە  ئىشنى ئالدى بىلەن ئانىلارنىڭ باشلىشى تەخىرسىزدۇر.

464.بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى كۆپۈنچە ھالدا  شۇ مىللەتنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن  قانچىلىك دەرىجىدە ئۇچراشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

465.بۆرە ئالدىدا بۆرىگە ئايلىنىشنى بىلمىسەڭ ،يوقىلىشىڭ ئېنىق.

466.ھەرقانداق ئادەم ياكى قەۋمنى مۇھەببىتى ياكى نەپرىتى دۇنياغا تونىتىدۇ.

467.ئۇدۇملىرىمىزدىكى نۇرغۇن ‹‹يامان بولىدۇ››لارنى چۆرىۋەتكەنلىكىمىزنىڭ يامان بولغانلىقىنى ھىس قىلدىم.

468.ئادەملەرگە باش ئۇرۇش ماھىيەتتە ئادەمدىن نۇسرەت  تىلەپ تەڭرىدىن  يۈز ئۆرۈشتۇر.

469.ئەرلەرنىڭ بۇزۇلىشى ئاياللارنىڭ بۇزۇلىشىنى ،ئاياللارنىڭ بۇزۇلىشى بولسا دۇنيانىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

470.ئۈمىدلىك ئىنسان يىغلىمايدىغان ئىنسان ئەمەس ،بەلكى يىغلاپ تۇرۇپ كۆز يېشىنى سۈرتۈۋېتەلەيدىغان ئىنساندۇر.

471.نۇر چېچىشنى بىلمىسەڭ ھامىنى باشقىلارنىڭ سايىسى بولۇپ قالىسەن.

472.تىرىش-تىرماش،ئالدىدىكىلەردىن ئۆتۈپ كېتەلمىسەڭمۇ، ئارقىدىكىلەردىن كېيىن قالمايسەن.

473.ئېتىقاد كۆڭۈلدە ساقلىنىپ ،ھەركەتتە نامايەن بولسا ئۆز كامالىتىنى تاپىدۇ.

474.ياخشىلىق چەكتىن ئېشىپ كەتسە مەسخىرىگە ئايلىنىدۇ،يامانلىق چەكتىن ئېشىپ كەتسە جىنايەتكە ئايلىنىدۇ.

475.ھاراق ساتقانلار ـــــ دوزاققا بېلەت ساتقانلار.

476.مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلۇقى سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇپ بىر-بىرىگە تىنىمسىز تەلپۈنۈشتە.

477.ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىنى يوقاتقان كىشىلا مىللەتنىڭ ئىستىقبالىدىن ئەنسىرەيدۇ.

478.سەھەر مەدەنىيەتنىڭ شەكىلىگە ۋەكىللىك قىلسا،سەھرا مەدەنىيەتنىڭ مەزمۇنىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

479.قىيىنچىلىق ئالدىدا ئېگىلمىگەن باش مۇھەببەت ئالدىدا ئېگىلىشى،ۋە قېلىچ ئالدىدا تۆكۈلمىگەن ياش مۇھەببەت ئالدىدا تۆكىلىشى مۈمكىن.

480.ئاياغ يېڭىلاندى،ئەمما يول بۇزۇلدى.

481.دېھقان ـــــ ئاچ قورساق خىزىر.

482.دېمىگىن  مەڭگۈ ئەبەد:‹‹ئەسلىممۇ بار،ۋەسلىممۇ بار!››

483. سەمرىگەن قوينى كۈتۈۋالغىنى قاسساپنىڭ ئۆتكۈر پىچىقى.

484.ئۇلۇغ ئەمىليەت ئۇلۇغ نەزىريەگە مۇھتاج.

485.ئادەمنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى باشقىلارنىڭ كۆز قارشىغا ھىسداشلىق قىلىش ئاساسىدا قولغا كېلىدۇ.

486.سېلىشتۇرۇش ئىنساننىڭ ئەڭ ياخشى ئەقىل غەزىنىسى.

487.قىلغان ياخشىلىقنى تىلغا ئېلىش ياخشىلىقنى يوققا چىقىرىدۇ.

488.دوزاخنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك جايلىرى  بۈيۈك مەنىۋىلىكنى  سىنايدىغان مىنۇتلاردا بىتەرەپ تۇرىدىغان ئادەملەرگە قالدۇرۇلغان .

489.ئىنسانىيەت كۈرەشتە  تەرەققىي قىلىدۇ،تېنچلىقتا ھالەك بولىدۇ.

490.ئادەمنىڭ بۇرچى باتۇرلۇق بىلەن ھەقىقەت  ئىزلەشتە.

491.مەردلىك ـــــ بارلىق ئەيىبلەرنىڭ كىرىنى يۇيىدۇ.

492.  ئەركىنلىك ساپانى كۆتىرىشنىڭ مۇھىم بىر ئامىلى.

493.مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان  بولالمايسەن.

494.باشقىلاردىن ھالقىپ ئۆتۈش ئانچە مۇھىم ئەمەس،ئەڭ مۇھىمى ئۆز-ئۆزۈمدىن ھالقىپ ئۆتۈشتۇر.

495.بىر ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى يەنىلا ئۆزى.

496.ئاتاڭ ئۆلسە ئۆلسۇن،ئاتاڭنى كۆرگەنلەر ئۆلمىسۇن!

497.ھەقىقىي ئىبادەت ئەسلىدە خەلققە خىزمەت قىلىشتۇر.

498.ئويغاق كىشىلەرگە رىئاللىقتىكى ھەر بىر نەرسىدىن ،ھەر بىر

دەقىقىدىن ،مەڭگۈلۈك ھەقىقەتنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.

499.ئۇستاز ئۈگەتمىگەننى مۇھتاجلىق ئۈگىتىدۇ.

500.ئەپەندىگە تىللا،پادىشاھقا ھەقىقەت كېرەك.



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-10 19:35):
مەنبە:
http://www.tawpek.com/BBS/read.php?tid=8107

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
51820
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2013-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-3
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 20:51:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرېن.ياخشى تېماكەن

UID
51683
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-26
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 11:58:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىدىن بىرنى ئېلىپ كەپسىز، رەھمەت!

UID
48034
يازما
82
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
82
تىزىملاتقان
2013-3-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
111 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 02:59:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىق سۆزلەر ئىكەن بىلۋالدىم  ، رەخمەت سىزگە

UID
43641
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2012-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-28
توردا
56 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 16:11:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ،  تولوق ئوقۇپ چىقتىم !!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش