كۆرۈش: 1472|ئىنكاس: 6

قەبرىدىن قايتىپ كەلگەن ئايال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
52314
يازما
68
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2013-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
78 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 18:33:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


                                                 قەبرىدىن قايتىپ كەلگەن ئايال

- قىزىم قاندىغىراق ئايال ئىدى جامائەت ! قىزىمنىڭ ئالدىڭلاردا قىلىپ قويغان بەزى خاتالىقلىرى بولسا ئۇنى ئەپۇ قىلىۋېتىشىڭلارنى سورايمەن ! ! !
بۇ ، بۇ يۇرتتىكى خېلى يۈز ئابرۇيى بار ، ياشانغان بىر بوۋاينىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ، ئەمدىلا كۆمۈلگەن تۇپراق ئاستىدىكى ئۆز قىزىدىن رازى بولۇپ كېتىشلىرى توغرىسىدا ئېيتقان غەمكىن خىتابلىق ئاۋازى ئىدى . جامائەتنىڭ كۆپىنچىسى بوۋاينىڭ يۈزىنى قىلىش بىلەن گەرچە بۇ يالغانچىلىق بولسىمۇ ئاۋازلىغىراق قىلىپ << ياخشى ئايال ئىدى >> دىيىشىپ ئورنىلىرىدىن قوپۇشقاچ ئېيتقان سۆزلىرى ئىدى . نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە نېمىمۇ ئامال دەيسىز ، تىلىنى بەزىدە يۇمشاق قىلىپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ياخشى بولسۇن ئۈچۈن بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە بولمىغان ئىشلارغا گۇۋاھلىق بېرىشىپ قويۇشى بىزلەردە خېلى ئۇمۇملىشىپ كەتكەن تۇرسا . بىز مۇسۇلمانلاردا << ئۆلگەن ئادەمنىڭ كەينىدىن يامان گىپىنى قىلسا بولمايدۇ >> دەيدىغان گەپ بار . ئەمما ، << ئۆلگەن ئادەمنىڭ ياخشى ئىشى بولمىسىمۇ ياخشى دىيىش بار >> دەپ گەپ يوق . بۇ خىل ئەھۋالدا پەقەت سۈكۈت قىلىشىمىز خالاس . لېكىن بىز خەقنىڭ كۆپىنچىمىزنىڭ كۆڭلى يۇمشاق . گەرچە بىزگە كىشى بىر ئۆمۈر يامانلىق قىلىپ ئاقىۋەتتە يەر ئاستىغا كىرىپ كەتسە << ئالەكمۇلىللاھ >> دەپ قويۇپلا ئۇنى كەچۈرىۋېتىش بىلەن قايتىپ كېلىشىدىغان خەق . بۇ تەرىپىمىزمىغۇ تازا ياخشى بولمىسا ، ئەمما ياخشىلىقنىڭمۇ چوقۇم چېكى بولىشى كېرەكتە . ياخشىلىق قىلدىم دەپ توغرا بولمىغان گۇۋاھلىقلارنى بېرىش يالغانچىلىققا ياتىدىغان ئىش . ھەتتا يالغان گۇۋاھلىق بېرىش بىلەن بەزى تەقۋادارلاردا بولىدىغان ئەخلاقنى ئۆزىمىزدىن يىراق قىلىۋېتىمىز دە ، ئاقىۋەتتە ئارىمىزدىن بىرەر كىشى مۇشىنىڭدەك ئەھۋاللاردا تەقۋالىقنى تىلەش يۈزىسىدىن سۈكۈتتە تۇرسا ياكى خاتا گۇۋاھلىق بېرىشتىن يانسا ئۇنىڭدىن ئاغرىنىش بىلەن ئاداۋەتتە بولۇشتەك جاھىللىقتا بولۇپ ، ئىسلام بىزدىن تەلەپ قىلىۋاتقان بەزى راستچىللىقلاردىن يۈز ئۆرۈپ قالىمىز . بۇ يۈز ئۆرۈشىمىز بەزىدە بىزلەرنىڭ دىننىڭ بەزى تەرەپلىرىدە ئادىمىيلىك نوقتىسىنى كەلتۈرىۋېلىش بىلەن ئەسلى مۇنداق تۇرسا دەپ ، قۇرۇق سەپسەتە ئېيتىشقا قىستىلىنىپ قالىمىزدە ، ئاقىۋەتتە ئورۇنسىز ئاغرىنىشلاردا ، ئاغرىنىشقا تېگىشلىك كىشىلەردىن ئاغرىنماي ئۆز قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاغرىنىش بىلەن ئاداۋەتلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز . ئەنە شۇ ئاداۋەت قارىماققا كىشىگە قىلىنىۋاتقاندەك قىلغان بىلەن ، ئەمەلىيەت ماھىيىتىدە ھەقىقەتكە ، دىنغا قارىتا قىلىنىپ قېلىش بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش مەقسىتىمىزدىكى لىنىيەرىمىزنى تېخىمۇ يىراققا چەتنىتىۋېتىدۇ . ئەمما ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ بۇ خىل دىنىي تونۇشى كەمچىل بولغانلىقتىن يەنىلا ھېلىقى << ئۆلگەن ئادەمنىڭ كەينىدىن يامان گىپىنى قىلسا بولمايدۇ >> دەپ ئۆپكىنى كۆرسىتىپ قۇيرۇقنى ئېلىپ قاچقاندەك ، << ياخشى >> دەپ قويۇش بىلەن ئۆزىنىڭ كۆڭلىنىڭ يۇمشاقلىقىنى ئىشتىدۇ دە ، ياخشى قىلدىم دەپ تۇرۇپ بەزى ياخشى ئەخلاقتىن يىراقلاپ كېتىدۇ .
بوۋاينىڭ قىزىنىڭ ئىسمى دىلبەر بولۇپ ، ئۇ ئەمدىلا تېخى ئوتتۇز نەچچە ياشلاردىكى چوكان ئىدى . ئىلگىرى يىگىرمە نەچچە يېشىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ، قىزىنىڭ رايى بىلەن ئاتا - ئانىسىنىڭ يول مېڭىشى ئاستىدا شەھەردە خىزمەتتە بولۇش بىلەن بىرگە شەھەرلىك بىر يىگىتكە تېگىپ ، ئۇنىڭدىن بىر بالىلىق بولغان . كىيىن نېمە ئىشلار بولدىكىن بالىسىنى ئېرىگە قالدۇرۇپ ئۆزى ناھىيىگە قايتىپ كېلىپ ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرگە ياشاپ كېلىۋاتاتتى . ئۇ شۇنىڭدىن كىيىن ئەرگە تەگمەستىن ھېلى ئۇنىڭ بىلەن ، ھېلى بۇنىڭ بىلەن ئارلىشىپ ناھىيىدە خېلى تونۇشلۇق ئاياللار سەركىسى بولۇپ ئاتىلىپ قالغان ئىدى . ھەممە ياشلار ۋە ئۆزلىرىنى ياش چاغلىغۇچىلار ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلاتتى . چۈنكى ئۇ شۇ ناھىيىدە خېلى چىرايلىقلاردىن بولۇپ ، ئۇ كىيىم كىيىشتە رېتىملىق كىيىنىش ۋە ناھىيە بۇيىچە ئالاھىدە چىرايلىقلىقىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى . ئۇ قېشىنىڭ ئەتىراپىنى ئانچە - مۇنچە تىرىپ شەكلىنى ئورغاق شەكلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ ، گىرىمنى يۇمران يۈزى بولغان چىرايىغا بېقىپ ئانچىكى قىلىپ قويسىمۇ باشقا ئۇنىڭغا قارىغان ئەر زاتىنىڭ مايىللىقىنى ئۆزىگە تارتاتتى . مۇنداقچە ئېيتقاندا دىلبەرنى كۆرگەن شەھۋەتخورلارنىڭ بىر كېچە بولسىمۇ بىرگە يېتىۋالغۇسى كېلەتتى . ئۇ شەھەردىكى ئېرىدىن ئاجىرىشىپ كەلگەندە شەھەردىكى خىزمىتىنى دادىسىنىڭ يەنە خىزمەت قىلىشى بىلەن ناھىيىگە يۆتكەپ كەلگەن ئىدى . ئۇ بالىسىنى بەزىدە بىر قېتىم كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئانچە - مۇنچە چىقىم تارتقاننى ئالمىغاندا ، بارلىق ئايلىقى ئاتا - ئانىسىنىڭ كۈنى ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولىشى بىلەن ، ئۆزىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلسا شۇ بۇيىچە ئىشلىتىشىگە قالاتتى . ئەھۋال شۇنداق ئىكەن ، ئۇ مۇئاشىنىڭ كۆپىنى چىرايىغا ، كىيىمىگە ئاجرىتاتتى دە ، ئۇنىڭ يۈرۈش - تۇرىشى  ناھىيىدە ئۆزگىچە بىر بولۇشتەك گۈلى گۈلىگە كېلەتتى .
دىلبەر ئۇزۇن ۋاقىت يالغۇز قىز بولۇش بىلەن ئۆيىدىكىلىرىنىڭ بەكلا ئەرتىۋالىشىدا كىچىكىدىنلا چوڭچى ، ئۆزىگە ، چىرايىغا ئىشىنىدىغان ، بولۇپمۇ ئۇ ئۆز ۋاقتىدىكى ئاتا - ئانىسىنىڭ يۈز - ئابرۇيى ۋە ئىلكىدىكى دۇنيارىنىڭ كۆپلىكىدە جەمەتى ۋە مەھەللىسىدە ئالاھىدە كۆزدە كۆرۈلۈپ چوڭ بولغان ئىدى . ئۇنىڭدىن كىيىن تۇغۇلغان بالىلار چوڭ بولالمايلا ھەر خىل قىسمەتلەر ئارقىلىق دۇنيادىن خوشلۇشۇپ ، نەق يىگىرمە يىلدىن كىيىن يەنە بىر ئوغۇللۇق بولۇش بىلەن ، ئۇنىڭ شۇنچە ئۇزۇن ئارزۇلىنىشى دەۋىرلەنگەنىدى . ئۇ ئەنە شۇ پۇرسەتتە ھەممە كىشىلەرنىڭ ئارزۇلىشىغىلا كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ ، ئۇنىڭ قارارىغا بىرەر قارشىلىق يەتكەن ھامان باشقىلاردىن ئاغرىنىش ۋە ئۇزۇن مۇددەت بۇتناش ھەتتا قاتتىق ئاداۋەت تۇتۇش بىلەن توختايتتى . ئۇ ئىرىدىن ئاجىرىشىپ ناھىيىگە يۆتكۈلۈپ كەلگەندىن كىيىن ئاتا - ئانىسىنىڭ ۋە ئاتا - ئانىسى بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان يۇرتتىكى ھۆرمەتلىك زاتلارنىڭ نۇرغۇنلىغان نەسىھەت قىلىشلىرىغا ، ئۇلانىڭ ئالدىدا ئاغزىنى تاتلىق قىلىپ قويۇپ ، ئەتىسىلا ھېچ ئىش بولمىغاندەك يەنىلا قىلىدىغانلىرىنى قىلىپ ئۆتىۋەردى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ شۇ خىل قارارى پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قاپلاپ كەتكەن ئىدى . ئۇنىڭ تولا ئېيتىدىغان سۆزى << ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماششا >> ئىدى .
ئۇ نۇرغۇنلىغان ياشلار بىلەن ئارلىشاتتى . باردى - كەلدى قىلىشاتتى . ئەمما باشقىلارنىڭ ئۇنى قولغا كەلتۈرىشى ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس ئىدى . شۇڭا نۇرغۇن ئەقىدىسى بۇزۇق كىشىلەر ئۇنى كۆپىنچە باخشى - داخاننىڭ يېنىغا بېرىپ ئىسىتىپ ، سېھىر ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىگە قارىتىش بىلەن مايىل قىلىۋالاتتى . ھەمدە ئۇمۇ نۇرغۇنلىغان شۇنداق ئىسىتىلىنىش ئارقىسىدا ئۇمۇ قەست ياندۇرىمەن دەپ ، شۇنىڭدەك يەرلەرگە بېرىپ مەقسىدىگە يېتىش بىلەن بولۇپ كەلدى . ھەتتا يۇرت ئاتلاپ قايسى شەھەردە نوچىسى ، چوڭى بولسا شۇ يەرگە بېرىپ قەست ياندۇرۇشتەك ھەتتا بەزىدە شەيتاننىڭ كەينىگە كېرىپ بەزى ياشلارنى ئۆزىگە ئىسىتىۋېلىش بىلەن شۇغۇللىنىپمۇ قوياتتى . ئاخىرى كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن دىلبەرنىڭ مىجەزى بارا - بارا چۇسلاشقىلى تۇردى . ئۇ كىچىك ئىشلارغىمۇ تولا چېچىلىپ جىلە بولىدىغان ، بەزىدە ئاچچىق كۆزىنى ئىتىۋېلىپ شۇ ھالىتىدە نېمىلەرنى قىلغانلىرىنى ئۆزىگە ئۇنتۇلدۇرىدىغان دەرىجىگە يېتىپمۇ قالاتتى . ئەمما بۇ نۆۋەت ئۇنىڭ ئاچچىقى بەكلا كەلدى . چۈنكى بۇ نۆۋەتتە ئارلىشىۋاتقان يىگىتى ، مۇنداق ئېيتقاندا ئاشىنىسى ئۆزىگە قېتىپ يەنە باشقا بىر قىز بىلەنمۇ ئىش - پەش تارتىپ قالغانلىقى ئۇنىڭغا مەلۇم بولغان ئىدى . ئۇ ئاشنىسىنىڭ خىزمەت ئورنىدا ئۇنى ساقلاپ تۇرۇپ ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن يولدا ماڭغاچ بۇ ئىشلارنى يۈزىگە سالغان بولدى . يىگىت بولسا بۇ ئىشتا چۈشەندۈرۈشكە ھېچ ئامالسىز قالغان بولۇپ ، ھەر قانچە بۇ دىشۋارچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن گەپ ياسىسىمۇ ھېچ قوۋلاشماي دىلبەرنى تېخىمۇ سەكرىتىۋاتاتتى . ئۇ شۇ چېچىلىشلاردا ئابتۇبۇس بېكىتىنىڭ يېنىدا كېتىۋاتقان بىر پەيتتە ، ئۇ توساتتىنلا يىگىتىنىڭ ئۇنى يولنىڭ ياقىسىغا تارتقان قولىنى سىلكىۋېتىپ ئۆزىنى يىگىتتىن قاچۇرۇپ سەل نېرى بولىشى بىلەن << گۈپ >> پىتە قىلغان ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭ بېشى سول مۈرىسى بىلەن تەڭ ئابتۇبۇسنىڭ يان تەرىپىگە تېگىپ ، ئۇنى بىر قانچىنى پىرقىرتىۋەتتى . بۇ ئىش دەقىقە ئىچىدە يۈر بەرگەنلىكتىن ، شۇ ئەسنادا يىگىت ئۇنى ئابتۇبۇستىن يىراق قىلىپ تارتىۋېلىشقا ئامالسىز قالغان ۋە ئۇ سوقۇلغاندا تۇتىۋېلىشقىمۇ ئامالسىز قالغان ئىدى . دىلبەر ئەنە شۇ قاتتىق سوقۇلۇشتا مېڭىسى ئورنىدىن يۆتكىلىپ كېتىش ھەمدە كاللىسىنىڭ ھەممە يېرى دېگۈدەك قانغا تولۇپ كېتىش بىلەن ، گەرچە دوختۇرخانىغا جىددىي ئاپىرىلغان بولسىمۇ ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەستىن بىر قانچە سائەتتىن كىيىن جان ئۈزگەن بولدى . ئۇنىڭ ھاياتى ئەنە شۇنىڭدەك ئاياقلاشتى .
كىشىلەر قەبرىدىن قوزغۇلۇشۇپ قايتىشقا باشلىدى . ئەمما ، دىلبەر شۇ تاپتا ھېچقانداق بىر ئىنكاسى بولمىغان ھالدا خۇددى بىر چىكىتكە قاراپ تۇرغان ئادەمدەكلا ئىدى . گەرچە باشقا كىشىلەرنىڭ ئاياق تېۋىشى يىراقلاشقان بولسىمۇ ، قەبرىنىڭ يېنىدا قالغان ئۈچ كىشى قايتىدىن قەبرىنىڭ ئېغىزى ئېتىلگەن جايلارنى ئوڭشىغاچ ، يەنە بىرىنىڭ قۇرئان ئوقۇشىغا قۇلاق سالماقتا ئىدى . گەرچە ئاتا - ئانىسىنىڭ يۈز - ئابرۇيى چوڭ كېلىپ ، ھەمدە كۆپىنچە كىشىلەرگە بىر ئۇيغۇر ئالەمدىن ئۆتۈپ قەبرىگە قويىلىۋاتقان بىر پەيتتە چوقۇم سىپارە ( قۇرئاننىڭ ھەر بىر پارىسى ئايرىم قىلىنىپ ئوتتۇزغا بۆلۈنگەنكى ئاتىلىشى ) ئوقۇش كېرەكلىكتەك ئەقىدىلەر بىلەن ھېلىدىن بۇيان ئوقۇلغان نۇرغۇنلىغان قارىي - قۇرئانلارنىڭ ئوقۇغىنى ئاز كەلگەندەك ، نۆۋەتتە يەنە بىرى يەنىلا شۇ يۈز - ئابرۇينىڭ قىممىتى بىلەن ئايرىم ھالدا قۇرئاننىڭ ئايرىم بىر سۈرىسىنى ئوقۇيتتى . ئۇ ئون - ئونبەش مىنۇتلارچە ئوقۇغاندىن كىيىن قايتىش توغرىسىدا بىرلىككە كېلىپ ئورنىلىرىدىن تۇرۇشتى .
ئاقىۋەتتە بۇ ئۈچىمۇ قايتتى . ئەمما ، ئۇلارنىڭ ئاياق تېۋىشىنىڭ يوقۇلىشىغا بېقىپ ، قارشى تەرەپتىن يەنە بىر قانچىسىنىڭ قەبرە تەرەپكە قاراپ يېقىنلاشقان ئاياق تېۋىشى ئاڭلاندى ۋە بارا - بارا دىلبەرنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىلا توختاپ ئۆز ئىشىغا چۈشۈشتى .
- بۇلار كىملەردۇ ؟ - دەيتتى دىلبەر . باياقىلارغۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىقنى تىلىمەك ئۈچۈن يېنىدا بولغانلار . ئەمدىكىسىچۇ ؟
توساتتىن ئۇنىڭغا تارت - تۇرت قىلىپ بەلىكەتمەن ( چوت ) ۋە گۈرجەكنىڭ تاراقشىغان ئاۋازى ئاڭلاندى . ئەسلى بۇ يېنىدىكى پۈتمىگەن قەبرىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن كولانغاندىكى ئاۋاز ئىدى . بۇلار ئىككى گۆركار بولۇپ ، ئۇلار ئۆز ئارا ئاخشامقى ، تۈنۈگۈنكى ۋە بۇرۇنقى ئىشلار ئۈستىدە ئۇنى - بۇنى دىيىشىپ ئىشىغا چۈشۈپ كېتىشكەن ئىدى .
ھېلى تېخى ئەتىراپىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا شۇ ھالىتىدە ۋە ئۆزلىرى قايتقاندىن كىيىن سۇئال - سوراق ئۈچۈن كىرىدىغان مۇنكىر - نەكىرلەرنىڭ ئالدىدا ياخشى بولسۇن ئۈچۈن ئوقۇلغان قۇرئان ئاۋازىغا قارشى شارت - شۇرت ئاۋازلار ، ھەمدە شەخسىي پاراڭلار ۋە بەزى ناشايان گەپلەرمۇ قېتىغلىق ئىدى .
- ئەكىلە تاماكاڭدىن بىر تال .
- شاڭيەن تۈگىدى . ئەمدى چەكسەڭ موخۇركا بار .
- ياۋ ، نېمانداق چەكتىڭ ھېي ، چۈشتىن ئىلگىرىلا خېلى كۆپ ئىدىغۇ ؟
- ھە ، بايا داۋۇتاڭكام بىلەن بىر يەرگە بارغان . شۇ يەردە بىر قانچەيلەن بىلەن چېكىپ تۈگەپ كەتتى .
- بولاپتۇ ، ئات مىنگىچە ئېشەك مىن دەپتىكەن ، موخۇركا چەككەچ تۇرايلى !
شۇنداق قىلىپ ئۇلار قانچە ئۇزۇن تاراق - تۇرۇق قىلىشىپ ، ئۇنى - بۇنى دىيىشىپ بىر ۋاقىتقىچە ئۆتتىكى ، شۇ تاپتا دىلبەرمۇ ئاستا - ئاستا ئېسىگە كېلىۋاتاتتى . ئەمما ، ئۇنىڭغا گەرچە ئۆزىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلىنىپ تۇرسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭدا ھېچقانداق قورقۇنۇش يوق ئىدى . ئۇ پەقەت ئەتىراپىدىكى ئىشلارغا بارا - بارا قىزىقىش ئىلكىدە زوقلىناتتىيۇ ، ئەمما ھېچ بىر ئۆلۈكتە بولىدىغان تەشۋىش يوق ئىدى . ئۇ ئۆزىگە ئېيتاتتى : - ۋىيەي ، مەن ئۆلگەن تۇرساممۇ ، نىمىشقا مەندە ئۆلۈكلەرگە قارىتا باشقىچە تۇيغۇ بولمايدۇ . قەبرە دېگەن ئىنتايىن سۈرلۈك ، ھەيۋەتلىك بولىدىغان . لېكىن مەن خۇددى ئۆيۈمدە ، ياق ، بالنىستا ياتقاندەكلا ياتىمەنغۇ . ئىلگىرى بالامنى تۇغقان ۋاقتىمدا ھېچ نەرسىگە رايىم يوق بىر ھازاغىچە ياتقىنىمنى بىلىمەن . مەن خۇددى شۇنىڭدەك ھالەتتىلا ياتىمەنغۇ ؟......
دىلبەرنىڭ ئەتىراپى بارغانچە جىمىشقا باشلىغان ئىدى . يېنىدىكى يېڭىدىن كەلگەن خوشنىسىمۇ ئىشتىن چۈشۈپ نەرسە - كېرەكلىرىنى ئىشلەۋاتقان ئىش ئورنىغا تاشلاپ قويۇپلا يۈرۈپ كېتىشكەن ئىدى . ئۇلارنىڭ كېتىشىگە يەنە كىمدۇ بىرىنىڭ ئاستا - ئاستا قەدەم بېسىپ قەبرىنىڭ يېنىغا يېقىنلاشقانكى ئاياق تېۋىشى ئاڭلىنىشقا باشلىدى .
- بۇ ئەمدى كىمدۇ ؟ - دەيتتى ، دىلبەر يېڭىدىن ئۆز تەرىپىگە يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان ئاياق تېۋىشىنىڭ كېلىۋاتقىنىغا دىققىتىنى ئاغدۇرۇپ . - كىشىلەردىن بىر كىشى ئۆلۈپ كەتسە ئۈچ - تۆت كۈن ئۆلۈكنى باقىدىغان ئىش بار دىيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم . قارىغاندا ئىنىم مېنىمۇ باققىلى كەلگەن بولىشى مۇمكىن . نېمىمۇ قىلار بولغىيتى مېنى بېقىپ . شۇ تاپتا ھېچ قانداق بىر ئىنكاسسىز جىممىتە ياتسام ، مەندىن نېمىگىمۇ ئەنسىرىگەن بولغىيتى . ياكى مېنى ئۆلمىگەن بولسا قايتۇرۇپ كېتەيلى دىيىشىپ كەلگەن بولىشى مۇمكىنمۇ يا ؟ ئەھۋال شۇنداق بولسا گەپ قىلىپ باقاي ، ئاۋازىمنى ئاڭلىسا چوقۇم مېنى ئەكىتىدۇ - دەپ ، ئۇ بالىلارچە خىياللاردا بولۇش بىلەن گەپ قىلىشقا ئۈمىدلىنىپ باقتى . ئەمما ، ئۇنىڭ ھېچ بىر گەپ قىلغۇدەك رەغدى يوق ئىدى .
ھېلىقى ئاياق تېۋىشى ئاستا - ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا يېقىنلىشىپ يەنە بىر نەرسىلەرنى كولاپ شارت - شۇرت قىلىشقا باشلىدى . - قارىغاندا بايىقى ئىككى گۆركار يەنە قايتا كېلىپ ئىشقا چۈشكەن ئوخشايدۇ - دەپ ، ئويلىدى دىلبەر . بىر ھازا خىزمەت قىلىشتىن كىيىن دىلبەرنى شاپپىتە شامال ئۇرغاندەك بولدىيۇ ، ئۇ نېمە بولغىنىنى بىلمەيلا تېڭىرقاپ قالدى . شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ قەبرىسىگە بىر گەۋدە كىرىپ كەلدى . ئۇنىڭ ئەندىشىلىك ھەسىرەپ تېنىشلىرى ئارقىسىدا تارت ، تارت قىلىپ بىر نەرسىنىڭ يىرتىلىشىدىن كىيىن ھېلىقى گەۋدە بارغانچە ئېغىر - ئېغىر تىنىشقا باشلىدى . ئەسلىدە ئۇ يىرتىلغان ئاۋاز دەل كېپەننىڭ يىرتىلغان ئاۋازى ئىدى . ئۇنىڭ ھەر بىر تىنىقلىرى خۇددى دىلبەرنىڭ يۈزىگە ئۇرىلىۋاتقاندەكلا يېقىن ئىدى . ئۇنىڭ ھەركىتىدىن چىققان ئاۋازمۇ ھەم ئۇنىڭغا ئىنتايىن يېقىن ئارلىقتا ئاڭلىناتتى . دىلبەر شۇ ئارلىقتا ئۆزىنىڭ جەسىتىنىڭ مەلۇم بىر كىشى تەرىپىدىن تاجاۋۇزلۇققا ئۇچىراۋاتقانلىقىنى پەملىدى . ئۇ قارشىلىق قىلىپ باقاي دەيتتىيۇ ، ئەمما ئۇ ھەر قانچە قىلسىمۇ ھېچ بىر ئىلاجىنى قىلالمايتتى . پەقەت ئۇ گەۋدىنىڭ بالدۇراراق بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشىنى ساقلىماقتىن ياكى باشقا بىرەيلەننىڭ بۇيەرگە كېلىپ قېلىشىنى كۈتمەكتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى .
ھاياتلىق ئاجايىپ ھە ؟ ئىنساننىڭ ئىچىدىن ھەقىقەتەن ھەر خىل ، ھەر ياڭزا ئادەملەر چىقىدۇ . بەزىلەرگە ئۆلۈك شۇنچە سۈرلۈك بىلىنىپ ، ھەتتا ئۆز ئاتىسىنىڭ ، ئانىسىنىڭ يېنىدا يالغۇز تۇرۇشمۇ قورقۇنۇشلۇق بىلىنسە ، يەنە بەزىلەرگە شۇنچە كېچىلەردە ھەم ھەتتا شەھۋىتى ئۈچۈن ئادىمىيلىكىنى قايرىپ قويۇپ شۇ رەۋىشتە نەپسىگە يەتمەكلىكىنى تىلىشىدۇ . ئەمما يۈرەكمۇ ، تەلۋىلىكمۇ بار يەردە ئاجايىپ بولىدىكەن . قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكى ھېلىقى گەۋدە ئاستا ئىشىنى تۈگىتىپ بولۇپ قەبرىدىن چىقىپ كەتتى ۋە قەبرىنىڭ كېسەكلىرىنى باشقىدىن تىزىپ قويۇپ ئۇ يەردىن ئايرىلدى . ئۇ ئايرىلىپ ئانچە ئۇزۇن بولمايلا يەنە بىر كىشىنىڭ قەدەم تېۋىشى ئاڭلىنىشقا باشلىدى . قەدەم بارغانچە يېقىنلىشىپ قەبرىنىڭ يېنىغا كەلگەندىن كىيىن قەبرىنىڭ پەقەت كېسىگىلا تىزىلغان ، ئەمما باشقا لاي - توپىلارنىڭ بولماسلىقىدەك ئەھۋالدىن ئۆزىدىن ئىلگىرى بىر كىشىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ كېتىپ بولغانلىقىغا چوڭ گۇمان چۈشۈردى . ئۇ شۇنداق بولسىمۇ كېسەكلەرنى بىردىن بىر ئېلىپ ياقىغا قويۇشقا باشلىدى ۋە ئاز ۋاقتتىن كىيىن قەبرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئېلىكتىر نۇرىدا كېپەننىڭ يېرتىلغان ، ھەمدە گەرچە جەسەت بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن گۈزەل نازىنىن ھېسابلىنىدىغان ئايالنىڭ پۇتىنىڭ كېپەن سىرتىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ تولىمۇ كېچىكىپ قالغانلىقىنى بىلىپ ئۆزىچە - ئانناڭنى ، قايسى گۇيدۇ ئۇ مەندىن چاپسان چىقىپ كەتكەن - دەپ ، ئاغرىنغان بولسىمۇ ، يەنىلا ئۇنىڭ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىۋېتىشىگە كۆڭلى ئۇنىمىدى .
ئىنسانلار ئارىسىدا ئاجايىپ - غارايىپ كىشىلەر ۋە ئۇلار قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان يامان ئىشلار مەۋجۇت بولىدۇ . ئىش ئۈستىدىكىلەر قانچە بىرەر ئىشتا يۇچۇق قالدۇرىدىكەن ، ئەنە شۇ يۇچۇق دەل رەزىللەرنىڭ ئۆز مۇددىئاسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرىنىدىغان مەۋقەسىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ دە ، ئاقىۋەتتە شۇ جەمىيەتتە ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بېرىپ رەزىللەرنىڭ رەزگىلىكىنى تېخىمۇ ئەزۋەيلىتىۋېتىدىغان تەرىپىنى كۈچلەندۈرىۋېتىدۇ دە ، مۇشىنىڭدەك نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان ئىشلار يۈز بېرىپ ، كىشىلىك ھوقوقنىڭ ئىنتايىن پەسەندىلەرچە دەپسەندە قىلىنىشىغا ئۇچىرايدۇ . دىلبەر ئىلگىرىدىن نۇرغۇنلىغان ئەرلەرنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ يۈرگەچكە بۇ ئىش ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېغىر تۇيۇلۇپ كەتمىدى . چۈنكى ئۇ ھايات ۋاقتىدىمۇ بۇنداق ئىشلاردىن بەك ئۆزىنى تارتىپ كەتمەيتتى ۋە ئىنتايىن توغرا چۈشىنەتتى . ئەمما ، ئادىمىيلىك نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ خىل توغرا چۈشىنىش پەقەت ۋە پەقەت ھايۋانىيلارنىڭلا خۇسۇسىيىتى ۋە تەبىئىتى بولاتتى . ئەمما ، مال ئېگىسىنى دورىمىسا ھارام دەپ ، دىلبەر ھايات ۋاقتىدىمۇ ئۆز تىنىنىڭ قىممىتىنى ساقلىمىغان ، پەقەت توپا - چاڭنىڭ مەينەت قىلىۋېتىشىدىن ، بەزى دېھقانلارنىڭ ، قار ئىشچىلارنىڭ تەر پۇرىقىنىڭ پۇراپ كېتىشلىرىدىن .... دېگەندەك ئىشلاردا ئىنتايىن ئۆزىنى پاكىز تۇتاتتى . ئەمما ، ھەقىقىي قەلىبنىڭ ، ئادىمىيلىك قىممىتىنىڭ پاكىزلىقى بىلەن ھېچ ئويلىشىپ كەتمەيتتى .
ئەگەر بىز مىللەتنىڭ قەبرە ئورۇنلاشتۇرىلىشى ئەرەبلەرنىڭكىدەك يەرنى ئىككى مېتىرچە ئوي قىلىپ تۈپتۈز كولاپ ، مىيىتنى يەرنىڭ بىر بۇلىڭىغا قويۇپ تاختا بىلەن يانتۇسىغا توسۇپ ، پۈتۈن كۆمۈپلا خوشلىشىشمۇ ئىنتايىن پاكىز بىر تەرەپ قىلىنىش ئۇسۇلىدۇر . ئەھۋال شۇنداق بولغاندا مۇشىنىڭدەك رەزگىلەرنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىغا ھېچ ئورۇن بەرمىگىلى بولاتتى . ئەمما ، بۇ خىل نىپىز كۆمۈلۈش جاريانلىرى دەل ئەنە شۇنىڭدەك قىز - چوكانلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى بىلەن كۆنۈپ كەتكەن خۇيىدا ، باشقا قېلىن كۆمۈلگەن قەبرە ئىچىدىكى ياخشى ئاياللارنىمۇ ، كىچىك قىزلارنىمۇ بوش قويىۋەتمەسلىكتەك كۆنۈپ كېتىشىگە پۇرسەت قالدۇرۇپ قويىشىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ئۆز ئاچا - سىڭىللىرى ، ئاتا - ئانىلىرىنىڭ  ، ھەتتا ئاكا - ئۇكىلىرىنىڭ جەسىتىنىڭمۇ ئايال باخشىلار ياكى شۇنىڭدەك ئاياللارنىڭ رەزىل كۈچلىرى تەرىپىدىن زوراۋانلىققا ئۇچىراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ، مىيىتىنى كېچىلەردە بىر قانچە كۈن بېقىشتەك ئىشلىرىنى بۇ خىل دىشۋارچىلىقلارنى چۈشىنىشتىن مەھرۇم كىشىلەرنىڭ بىدئەت ، خۇراپات دىيىشىپ ئۇلارغا ئازار بېرىشكە قىستىلىنىپ قالىدۇ . دىن ھەرگىزمۇ مەيلى تېرىك بولسۇن ، ئۆلۈك بولسۇن ئىنساننىڭ ھەتتا ھايۋانلارنىڭمۇ دەپسەندە قىلىنىشىغا ، خورلۇق تارتىشىغا يول قويمايدۇ . مۇشىنىڭدەك بىر ۋەزىيەتتە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى بىر قانچە كۈن تەننىڭ چىرىشىگە قارىتا شۇنىڭدەك رەزگىلەرنىڭ يامانلىقىدىن ساقلاش ئۈچۈن قەبرە بېشىدا تۇرۇشنىڭ ئۆزىلا زۆرۈر ئىشلاردىن ھېسابلانغۇسىدۇر . چۈنكى دىن مەيلى تېرىك بولسۇن ، ئۆلۈك بولسۇن ھەتتا تېخى تۇغۇلمىغان ، بالىنىڭ ئانىنىڭ قارنىغا تېرىلىشىنىڭ ئالدىدىلا شۇ كىشىلەرنىڭ ئىززەت - ئابرۇيىنى قوغداشتەك مەنپەتى ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن ، كىشىلەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەر جەھەتلىك كىشىلىك ھوقوقىنى قوغدىشى ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن دىندۇر . شۇڭا مەيلى قايسى بىر مۇھىتتا ، قايسى بىر كىشىلەرگە پايدىلىق بولغانكى نەرسىلەر ھەرگىزمۇ دىندا يوق نەرسە ئەمەس . دىندا بار نەرسە ھەم ھەرگىزمۇ بىدئەت ئەمەس .

دىلبەرنىڭ جەسىدى دەپسەندە قىلىنىش بىلەنلا توختاپ قالماستىن ، كىيىنكى كەلگەن نائەھلى تەرىپىدىن قەبرىنىڭ ئېغىزى ھەتتا كېسەك بىلەن بولسىمۇ ئېتىلمەي تاشلىۋېتىلگەنلىكتىن ، بۈگۈنكىدەك ھاۋانىڭ ئىسسىق بولىۋاتقان يەتتىنچى ئايلىرىدا ئۇنچە ئوچۇق قالغان جەسەت بىردەمدىلا چىرىشكە باشلاپ ، ئۇنىڭدىن تارقالغان تاپ پۇرىقى ئەتىراپتىكى ئىلگىرى شۇنىڭدەك دەپسەندىلىنىپ تاشلىۋېتىلگەن جەسەتنىڭ تاپىنى يېيىشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىتلارنى ۋە باشقا جانىۋارلار ، ھاشارەتلەرنى كېچىچىلا بۇ يەرگە چاقىرىپ كەلگەن ئىدى . كۈننىڭ يورۇشىغا ئەگىشىپ دىلبەرنىڭ جەسىتىنىڭ قېلىپ قالغان باشقا ئاز قىسمى قانغا مىلىنىپ كەتكەن ھالىتىدە تېخىمۇ پۇراپ ، ھەرە ، چىۋىن ۋە باشقا كۈمۈتتەك ھاشارەتلەرنىڭ گوژۇلداپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى . جەسەتتىن چىققان پۇراق بارغانچە ئەتىراپنى قاپلاپ كىشىنىڭ تۇرغۇسىنى كەلتۈرمەيدىغان دەرىجىگە كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى . ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئەتىسى كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندە ئاندىن كەلگەچكە ، يىراقتىنلا بۇنچە بەتبۇي پۇراقنىڭ نېمىنىڭ پۇرىقى ئىكەنلىكى ، ھەمدە چوقۇم بىرەر يوغانراق ھايۋاننىڭ ئۆلۈكىنى كېچىدىن ئەكىلىپ تاشلىۋېتىلگەنلىكى ئۈستىدە توختۇلۇپ ، شۇ ناكەسلەرنىڭ جاجىسىنى ئاللاھنىڭ بېرىشىنى تىلەپ بارغانچە دىلبەرنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ، قەبرىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى ، ھەمدە كېپەننىڭ بىر تەرىپى قان يۇقى ئارلاش سىرتقا چىقىپ قالغانلىقى ، ھەمدە قەبرە ئىچىدىن گوژۇلدىغىنىچە ھاشارەتلەرنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ئارىدىن بىرەيلەن ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ :
- ئانناڭنى ، بۇرۇنلا ئاڭلىغان ئىدىم مەن بۇ زىراتكارلىقتا جەسەت يەيدىغان ئىتلار پەيدا بولۇپ قاپتۇ دەپ . نېمە دەيدىغاندۇ دەپتىكەنمەن . مانا بۇ ئاقىۋەت ھالا بۇ كۈندە بىزنىڭ بېشىمىزغا كېلىپ قالغىنىنى دەيمىنا ، قانداق گۇيلىنىڭ ئىتى ئۇ ، تېرىك تۇرغۇزۇپلا چاناپلا ئۆلتۈرىۋەتسە .... - دەپ ئاغزى - بۇرنىنى ئەتكەنچە جايىدا تىپىرلاپ  چاپسان قەبرىنىڭ ئاغزىنى ئىتىپ بۇ دىشۋارچىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى قىلىشنى ئېيتتى ۋە بىردەمدىلا تۆتەيلەن تۇتەتۇت قىلىپ قەبرىنىڭ ئاغزىنى ئاۋۋال كېسەك بىلەن ، ئاندىن ھېلىقى تېخى ئىشى تۈگىمەي قالدۇرۇپ كەتكەنلەرنىڭ قەبرە ئىچىدىكى گۈرجىكى بىلەن توپا تاشلاپ دېگەندەك قىلىپ قەبرىنىڭ ئاغزى ئېتىۋېتىلدى . گەرچە قەبرىنىڭ ئېغىزى ئېتىۋېتىلگەن تەقدىردىمۇ ، يەنىلا ئەتىراپتىكى قالغان پۇراق يەنىلا بىر ھازاغىچە يوقۇماي باشقىلارنىڭ بۇ يەردە داۋاملىق تۇرىۋەرمەي بىر ۋاقىت چەترەك بىر يەردە تۇرۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىپ قويدى . ئەگەر دىلبەر بۇلارنىڭ تۇغقىنى بولمىغاندا ، چوقۇم ھەرگىزمۇ بۇ يەرگە كەلمىگەن ، بۇنچە سېسىمچىلىقتا قەبرىنىڭ ئېغىزىنى ئېتىمەن دەپ يۈرمىگەن بولاتتى . ئەمما ، ئۇلاردىكى تۇغقاندارچىلىقتىكى مەسئۇلىيەت ، ئۆيدىكىلەرنىڭ يىغا زارە قىلىشىدىن تېخىمۇ كۈچەيگەن دىلبەرگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ كۈچى ئۇلارنى دەررۇ قەبرىنىڭ ئېغىزىنى ئېتىۋېتىشكە ، تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرلاپ قويغان ئىدى .
بەلكىم گۆركارلارمۇ ئەتتىگەندىن بۇ يەرگە كەلگەن بولىشىمۇ مۇمكىن . ئەمما ، بۇنچە ئېچىنىشلىق تېراگىدىيەنىڭ ئۆزلىرىگە ئارتىلىپ قېلىشىدىن قورققان بولۇپ ، بۇ يەردىن تىزدىن قايتىپ كېتىشكەن بولىشى ، ياكى بولمىسا ئاخشامقى ئۇيۇنى تۈگىمەي تېخى ئىشقا چۈشمىگەن بولشىمۇ مۇمكىن ئىدى .
ئۆزىنى زىراتكارلىقنىڭ چەترەك يېرىدىكى سايىگە بېرىپ تۇرۇشقان تۆتەيلەننىڭ ئارىسىدىكى ئۇقۇمۇشلۇقراق بىرەيلەن ئىشنىڭ بۇنچە بۇزۇلۇپ كېتىشىگە دەل باشقىلارنىڭ ھەم ئاچكۆزلىكى سەۋەبچى بولغانلىقى ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دەيتتى .
- ئەسلى ، بىر ئادەم ئۆلسە ئەكىلىپ بىر ئورۇنغا قويۇپ ، يەنە بىرى ئۆلسە ئۇنىڭ يېنىغا قويۇپ قەبرىنىڭ كولىنىشىغا مايىللاشتۇرۇپ قويۇپ كەلگەندە ، قەبرە ئىزچىل بىر تۇتاش ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا تىندۇرۇلۇپ ماڭاتتى . ئەمما بۇ ئاچارۋا كىشىلەر بىر قاتار كولانغان قەبرىنىڭ بىر قانچىسىنى ئۆزلىرى ئىگىلىۋېلىشىپ ، قەبرىنىڭ ئېغىزىنى مۇستەھكەم تىندۇرىلىشىغا توسالغۇ بولۇشۇپ ، مانا مۇشۇنداق تېراگىدىيەنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا سەۋەبچى بولۇشىدۇ . موشۇنداق قىلساق قىلالايدىغان ، پايدىلىق تەرەپتىن بولسىمۇ ئۇيۇشۇپ باقساق نېمە بولار ھە بىز خەق ! قاچانلا قارىسا تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدىلا دەتالاش قىلىشقان . تاقىتى يېتىدىغان ئىشلاردىن قېچىشقان . زۇۋانى بىلەنلا ئەركەك . زۇۋانى بىلەنلا ئىماندار . زۇۋانى بىلەنلا بىلەرمەنلەر بىلەن تولغان ئۇيغۇر جەمىيىتى .....
قەبرە ئىچىدىكى ۋە سىرتىدىكى جىمى ئىشلارغا ئۇخلاي دېسىمۇ ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان ، پالانى يەرگە بېرىپ كېلەيچۇ دېسىمۇ بېرىپ كېلەلمەيدىغان ، تاكى جەسىتىنى باشقىلار قەيەرگە قويسا شۇ يەردىكى ئۆزىگە ئاڭلىنىدىغان يەرگىچە ئىشلارنى ئاڭلاپ ، سېزىپ ياتىدىغان دىلبەر ئۆزى بىر شاھىت ئىدى . ئىتلارنىڭ ئۆز گۆشىنى يېيىش ئۈچۈن ئۆز - ئارا خىرىس قىلىشىپ غاژىلداشقان ، چىشلەپ تارتۇشقاندىكى ئاۋازلار ۋە تېنىنىڭ سۆرەلگىنىچە تارتۇشقانلىقتىكى ئاۋازلار ، ھاشارەتلەرنىڭ ئۆز تېنىدە يامراپ گوژۇلداشلىرى ھەتتا ئۇلارنىڭ سانىنىڭ قانچىتاللىقىنى بىلەلىگۈدەك دەرىجىدە ھۇشيار ياتقان دىلبەر ، بۇ ئىشلارغا ھەقىقەتەن بىردىن بىر شاھىتى ئىدى . ئۇ بۇ خىل دىشۋارچىلىقلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قانچىلىغان قېتىم تىپچىكلەشمىدى دەيسىز . ئۇ قانچىلىغان قېتىملاپ ئېچىنىشلىق پەرياد كۆتۈرۈپ توۋلاشنى ئۈمۈد قىلمىدى دەيسىز . ئەمما ، ئۇ ھەقىقەتەن بۇنىڭلىقلارغا ئىلاجىسىز ئىدى . روھتا ۋە ئەسلى جاندا يىغلاش بولمايدۇ ياكى كۈلۈش بولمايدۇ . پەقەت خورلىنىش ، قورىلىش ، ئازابلىنىش ۋە نۇرلىنىش ۋە خۇشلۇق ئىچىدە ئارام ئېلىپ يېتىشتىن باشقا ئۆزگە ھالىتى بولمايدۇ . پەقەت ئاللاھ شۇ جانغا قارىتا قانداق تەقدىر ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىرادە قىلغانغا قەدەر .
گەرچە قەبرىنىڭ ئېغىزى ھىم ئېتىۋىتىلگەن تەقدىردىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھاشارەتلەر چىقىرىۋېتىلمىگەنلىكتىن ، ئۇنىڭ جەسىتى يەنىلا ھاشارەتلەر ۋە شۇ ھاشارەتلەرنىڭ جەسەتنىڭ ئۈستىگە قۇرت تۇغۇشى بىلەن ئۇنىڭ جەسىتى تېخىمۇ تىز ۋەيرانچىلىققا ئۇچىراۋاتاتتى . ھەتتا كېچىدىن بۇيان جەسەتنى يەپ غالجىرلىق پەيدا بولۇشقان ھاشارەتلەرنىڭ بەزىلىرى بۇ تۆتەيلەننىڭ يېنىغا كېلىپ چېقىشقا باشلىۋېدى ، ئۇلار : - خۇدايا توۋا ، بۇ يەردىكى ھاشارەتلەرمۇ ئادەم چاقىدىكىنا . بىر چىۋىن بىلىكىمنى خۇددى ھەرىگە ئوخشاشلا چېقىۋالدى . ماۋۇ كۈمۈتلىچۇ تېخى - دىيىشىپ ، بىر ۋاقىت ماشىنىدا ئولتۇرۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ماشىنىنىڭ يېنىغا كەتتى . بىر كېچىدىلا شۇنىڭدەك غالجىرلىققا تولغان ھاشارەتلەر سىرتقا چىقىپ كېتەلمىگەنلىكتىن ، پەقەت قورسىقى ئاچسا تەييار لوقمىلارغا بېرىلىش بىلەن ھاياتىنى ئۆتكۈزۈشكە قالدى .
دىلبەر شۇ تاپتا قېلىپ قالغان ئانچىكى تېنىگە قانچىلىغان ھاشارەتلەرنىڭ قۇنۇپ ئۇچۇپ كېتىشىۋاتقانلىقىنى ، قانچە تال قۇرتلارنىڭ مېڭىپ يۈرۈشتەك ھەركەتلىرىنى سېزىپ ياتماقتا ئىدى . ھاشارەتلەر بارا - بارا ئۇنىڭ گۆشىنى يەپ تۈگىتىپ ئۇستخانلىرى ئارىسىغا كىرىپ ئىلىكىنى يېيىشكە باشلىدى . ئۇ شۇلارنىمۇ سېزىپ ياتاتتى . ئۇلار بارا - بارا ئىچكىرلەپ ئۇنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىغا ئۆتتى . بىر چۈمۈلە بارغانچە ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشقا ، ئۇنى يىيىشكە ئۇرىناتتى . دىلبەر چۈمۈلىنىڭ ئەمدى بولغاندا ئۆزىنى يىيىش ئۈچۈن كېلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ ياتماقتا ۋە ئۇ يېقىنلاشقانسېرى ئۇنى ئىنتايىن ۋەھىلمىلىك ئازابلار قاپلىماقتا ئىدى . دىلبەر چۈمۈلىنىڭ كېلىشىنى ھەرگىزمۇ ئۈمىد قىلمايتتى . ئۆزىدىن يىراقلاپ ، بولسا قەبرە ئىچىدىن چىقىپ كېتىشىگە تولىمۇ ئىنتىزار ئىدى . ئەمما ، ھاشارەتلەرگە ئۇنىڭ ئىلىكى شۇنچە مەززىلىك بىلىنەتتى . ئۇلاردا ھېچ بىر رەھىم دېگەن نەرسىدىن ئەسەر يوق ئىدى . ھېلىقى چۈمۈلە بارغانچە ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى . چۈمۈلىنىڭ ئالدى پۇتى دىلبەرگە تەگدى . ئۇ شۇ چاغدىلا << ۋايجان ! >> دەپ قاتتىق بىرنى ۋارقىرىۋەتتى . ئۇ بۇ نۆۋەت ھەقىقەتەن ۋارقىرالىغان ئىدى . چۈمۈلىنىڭ يەنە بىر پۇتىمۇ دىلبەرگە تەگدى . ئۇ يەنە بىر قېتىم قاتتىق ۋارقىرىدى . چۈمۈلە بۇ نۆۋەت دىلبەرنىڭ ئەسلى جېنى بولغان كىچىك بىر ھۈجەيرىنى قاتتىق بىر چىشلىۋېدى ، ئۇ بۇ ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمىدى . شۇ تاپتا ئۇ ئىنتايىن قاتتىق چىرقىرىۋەتتى . ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانچە يۇقىرىلاشقا باشلىدى . توساتتىن زېمىن قاتتىق تەۋرەشكە باشلىدى . چۈمۈلە دىلبەرنى شۇ چىشلىگىنىچە ھېچ قويۇپ بەرگۈسى كەلمەيتتى . ئۇ داۋاملىق چىشلەيتتى . دىلبەرمۇ يەنىلا قاتتىق ۋارقىراش بىلەن جېنىنىڭ بارىچە ئېچىنىشلىق چېرقىرايتتى . ۋايجان ! ! ! ۋايجان ! ! !
توساتتىن ئۇنىڭ قەبرىسىگە ئاتا  - ئانىسى ۋە ئىنىسى كىرىپ كەلدى ۋە ئانىسى ئۇنىڭ تېنىنى ، يۈزىنى سىيپىسا ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭ شۇ ئاچچىق ۋارقىرىغاندىكى نالىسىگە چىدىماي بارغانچە ئۇنى تۇرۇپ كېتىشكە سىلكىيتتى . دىلبەر شۇ قاتتىق چېرقىراشلار بىلەن تەڭ ۋارقىرىغان ھالەتتە قەبرىدىكى ھاياتىدىن ئىلگىركى تېرىكلىكىگە قايتىپ كۆزىنى ئاچتى . ئۇ كۆزىنى ئېچىپ بىر تال چۈمۈلە ، بىر تال چۈمۈلە مېنى بەك قاتتىق چىشلىدى دېگىنىچە ئەسلىگە كېلىپ ، يۈزىنى سىيپاشتۇرغانچە يىغلاپ كېتىۋاتقان ئانىسىغا ئېسىلغىنىچە ھېچ ئۆزىنى بېسىۋالالماستىن ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى .
- جېنىم ئاپا ! مەن سىلەردىن ئايرىلىپ قەبرىگە كىرىپ كەتتىم . مەن ئاخشامدىن بىر كېچە ئۆلۈك ھالدا قەبرىدە يېتىپ چىقتىم . جېنىم ئاپا ! مەن بەك قورقۇپ كەتتىم . مەن بەك قورقۇپ كەتتىم . مەن ئەمدى ئۇخلىمايمەن . ئۇخلىساملا ئۆلۈپ قېلىشىم مۇمكىن ! ! !
ئۇنىڭ ئانىسى قىزىغا تەسەللىي بېرەتتى . ھەمدە قىزىغا ۋەز - نەسىھەت قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ بىلگەن ئانا : - قارىڭە قىزىم ! كۈن نېكەم چىقىپ كۆتۈرۈلۈپ بولغىلى . بۈگۈن ئارام بولغاندىكىن سىزنى ياخشاراق ئۇخلىۋالسۇن دېدۇق . ئەسلى قىز بالا دېگەن بۇنچە ئۇخلىمايدىغان . مۇسۇلمان بولغاندىكىن سەھەر تۇرۇپ ناماز ئوقۇپ ، ھويلا - ئارملارنى سۈپۈرىدىغان . بۇنچە ئۇززاق ئۇخلىغاندىكىن قار بېسىپ قالىدىغان گەپ . قىزىم ! بىز سىزدىن خۇش بولايلى ، بىزنىڭ ۋەز نەسىھەتلىرىمىزگە كېلىڭ . ئاتا - ئانىڭىزنىڭ سىزدىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى ئاقلاڭ جېنىم قىزىم . قەبرە ھاياتى سىز كۆرگەندىنمۇ بەك دەھشەتلىك . بىز سىزدىن رازى بولۇپ كېتەيلى قىزىم ، كىيىنكى قاتتىق پۇشايمانغا قالماسلىققا بۈگۈندىن باشلاپ تېرىشىڭ !
ھېلىدىن بۇيان يۈرىكى بوغۇزىغا قاپلىشىپ ھېلىھەم ئېسەدەپ يىغلاپ تۇرغان دىلبەر ئانىسىغا بۇندىن كىيىن ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى ، ئەمدى ئۇنچە قورقۇنۇشلۇق كۈنلەرنىڭ بېشىغا كېلىشىدىن ساقلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان ۋەدىلەرنى بېرىپ ، ئۆزى ئۈچۈن خۇداغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەشنى ئېيتىپ ، ئانىسىنى شۇ قۇچاقلىغانچە قويۇپ بەرمەيدىغاندەك قىلاتتى .

تۈگىدى !

مەنبە : مەن .

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
6367
يازما
70
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
130
تىزىملاتقان
2010-10-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 15:45:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەردە مېيىت يېڭىدىن دەپنە قىلىنغاندا،قەبرىنى ئۈچ كۈن بېقىپ يېتىشنىڭ ھەم ئاشۇ مېيتىنىڭ ئابرۇيىنى قوغداشتا مۇھىم ئىكەنلىكى بايانلىنىپتۇ.
ھەدىسلەردە ،قەبرىدە  ئەڭ ئاخىرقى بىر كىسەك قۇيۇلۇپ،قەبرە ئېغىزى ئىتىلىپ كىشلەر تاراپ كىتىشكەن ھامان مۇنكىر-نەكىر كىرىپ سوراقنى باشلايدۇ دىيىلگەن.ئەمما بۇ ئەسەردە تاكى ئۇ ئايالنىڭ جەسىتى خورلىنپ،ئىتلار كىرىپ تالاپ،ھاشارەتلەر چېقىپ،ئەڭ ئاخىردا بىر چۈمۈلە چاققىچىلىك ئارلىقتا مۇنكىر نەكىر كىرگەنلىكنىڭ گىپى يوق.
ئەگەر بۇ ئەسەر يەنە داۋاملاشقان بولسا،ئاشۇ چۈمۈلە ھەم چېقىشتىن توختاپ،قەبرىدىن ئايرىلغاندا ئاندىن مۇنكىر نەكىرلەر كىرىپ سۇئال سوراق قىلىدىغانلىقى بايان ئىتىلەر بولغىيمتى....
دىمەكچى بولغىنىم....ئادەملەرلا ئەمەس،بەلكى ئاشۇ ئىت،ھاشارەت ۋە چۈمۈلىلەر ھەممىسى،مۇنكىر نەكىرنىڭ قەبرىگە كىرىپ سوراق قىلىشنى كىچىكتۈرۋەتتىمۇ؟

UID
6367
يازما
70
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
130
تىزىملاتقان
2010-10-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 16:15:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەپسانەنىڭ ئەپسانىسنىڭ ئەپسانە قىسىمنى چىقىرىۋەتسەك،ھەق قىسىمىمۇ خېلى نۇرغۇنكەن....
يېڭى يەرلىككە قۇيۇلغان مېيتنى 3 كۈن بېقىشنىڭ ھىكمىتى،قەبرىستانلىقتا قىلىنغان قۇرئان تىلاۋىتىنىڭ شۇ كىشىگە بولغان ئازاپنى توختۇتۇشقا بولغان پايدىسى،قەبرىدىكىلەرنىڭ ھاياتلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇدىغانلىقى،پۇشايمان قىلىش،ئازاپلىنىش،خۇش بۇلۇشتەك ھېسسى تۇيغۇسىنىڭ بۇلۇدىغانلىقى بۇلار ھەرگىزمۇ ئەپسانە ئەمەس.....ھەق.

UID
2903
يازما
91
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
2991
تىزىملاتقان
2010-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-24
توردا
60 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 19:49:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arman312 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-11 15:45
بۇ ئەسەردە مېيىت يېڭىدىن دەپنە قىلىنغاندا،قەبرىنى ئۈچ ...

بۇ ھېلىقى ئايالنىڭ چۈشىكەن ئەمەسمۇ ....

UID
6367
يازما
70
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
130
تىزىملاتقان
2010-10-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 20:45:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
$vmid$ يوللىغان ۋاقتى  2013-6-11 19:49
بۇ ھېلىقى ئايالنىڭ چۈشىكەن ئەمەسمۇ ....

لىكىن بۇنى چۈش قىلىپ يازغان ئەپسانە ئۇخلاپ تۇرۇپ يازمىغاندۇ بۇ ئەسەرنى؟ئەگەر سىز بۇنى چۈشكەن دەپلا چۈشەنسىڭىز،ھەممىسى قۇرۇق گەپلا بۇلۇپ قالمامدۇ بۇ ئەسەرنىڭ؟ ئەپسانە قېرىندىشىمىزنىڭ مەقسىتىمۇ بۇ ڭ ئەمەس،دەل بىزگە ئەپسانىگە يۆلەپ،بەزى ھەقىقەتلەرنى چۈشەندۈرىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن....

UID
51820
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2013-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-3
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 21:12:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقلىپ ياخشى يېزىپتۇ.بۇ ئەپسانېمۇ چۇشمۇ ئادەمنېڭ روھىيتگەبەلگېلېك تەسىر كۈرسىتدىكەن .ئاپىرېن سىزگە

UID
52314
يازما
68
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2013-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
78 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 15:37:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۆۋەتتىكى قەلەم تەستىق كۈتكىلى 3 كۈن بولسىمۇ ھېچ تەستىقلانماپتۇ . قارىغاندا تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشتا تازا سالاھىيىتى بولمىسا كېرەك . شۇڭا بۇ قەلەم مۇشۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغچ ، مۇشۇ تېمىنىڭ داۋامىغىلا قېتىپ قوياي .



                                             دىلبەرنىڭ تەۋبىسى

كىشىلىك ھاياتتا ئىنسان ھەر قىسما ئىشلارغا ، تەقدىر - قىسمەتلەرگە ئۇچىرايدىكەن . بەزى قورغانلارغا سىرتتىكىلەرنىڭ بەكمۇ كىرگۈسى كەلسە ، ئىچىدىكىلەرنىڭ چىققۇسى كېلىدىكەن . ھەتتا ، ئىچىدىكىلەرنىڭ ئىسسىق - سوغۇقنى ھىس قىلالمايدىغان سېزىمى يوقلار قورغاننىڭ سىرتىغا چىقىپ قالسىمۇ ، يەنىلا ئۆزىنى ئىلگىركى ئورنىدا دەپ ھىس قىلىشىپ ، ئەمەلىيىتىدە نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىغا قاراپمۇ قويماستىن ، ئىلگىركى بەزى بىر ياخشى ئەمەللىرى ، چوڭلار تەرىپىدىن بەزى ۋاقىتتىكى ئاتىلىپ قالغانكى نام ئاتىقىغا ئاساسەنلا ئۆزىنى يوقۇتىدىغانلار ، ئەقىل ئىگىلىرىگە دائىما ئىبرەت بولۇشقا تەيىن تېپىشىپ قالىدىكەن . يەنە بەزىلەر بولسا ئىلگىرى بەزى خاتالىقلار ئۈستىدە نەپسىنىڭ قۇلى بولۇپ ھەر خىل يامان يوللاردا ، چوڭ گۇناھلارنى ئۆتكۈزۈشتە بولغان بولسا ، ناگاھان ، بىر دەۋىردىن كىيىن باشقىچە ئادەم بولۇپ ، ئىلگىركى خاتالىقلىرىغا قاتتىق تەۋبە قىلىپ ، ئەسلى ئۆزى مېڭىشقا تېگىشلىك بولغان يولنى تېپىۋالىدىكەن دە ، ئىلگىرى بەزى خاتالىقلارنى ئۆز رايى بويىچە مايىل بولىشى بىلەن قىلغىنىغا ئوخشاش ، كىيىن ھەقىقەتكە قايتقاندا بولسا ، ياخشى ئەمەللىرىنى تېخىمۇ ئىخلاسى بىلەن قىلىشقا كىرىشىپ كېتىدىكەندە ، باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن ئۆرنەك ئېلىشقا سەۋەبچى بولىدىكەن . ئىلگىرى يامانلىقنى ئىشلەش بىلەن گۇناھلارنى يۈكلىگىنىگە ئوخشاش ، بۈگۈنىدە ياخشى ئەمەللەرنى ئىشلەشتە نەمۇنە بولۇشتەك باشلامچىلىقىدا ساۋابنى ھەسسىلەپ ئېلىشقا ئۆتىدىكەن . راست ئەمەسمۇ ، بىر كىشى بىر خاتالىقنى سادىر قىلسا ئالدى - كەينىگە قاراپراق ، كىشىلەردىن يۇشۇرۇنۇپراق تاقىتىنىڭ يېتىشىچە چاپسان پۈتتۈرۈپ تۈگۈتۈشكە ئالدىراپ قىلىدۇ . ئەمما ياخشى ئەمەلنى قانچە ئىخلاس بىلەن ، قانچە يۇقىرى نىسبەتتە تولۇقلاپ پۈتتۈرسە تولۇقلىغۇسى كېلىدۇ .
ئاللاھنىڭ رەھمىتى ، شەپقىتى ھەمدە پەزلى ئاجايىپ ھە ! بىر كىشى ئەگەر بىر گۇناھنى ئىشلىگەن بولسا ، قانچىلىك يامانلىق قىلغان بولسا شۇنچىلىكلا گۇناھ بولۇش ، ئەگەر ئۇ كىشى بىرەر ياخشىلىقنى ئىشلىگەن بولسا ، ئۇنىڭ ياخشى نىيىتىگە ، ئىخلاسىغا ، قانچىكى توغرىلىقىغا قارىتا ساۋابى ھەتتا يەتتە يۈز ھەسسىگىچە بېرىلىپ كېتىدۇ . بەندە بىر يامانلىقنى كۆڭلىدە ئويلاپ ئۇنى قىلسا بىر گۇناھ ، ئەگەر قىلمىسا گۇناھ بولماي ئۆزىنى بىر گۇناھتىن ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ساۋاب يېزىلىدۇ . ئەگەر ئۇ ياخشى بىر ئىشنى ئويلىغان بولسا ، قىلسا ھەسسىلەپ ساۋاپ ، قىلالمىسىمۇ شۇنچىلىك ياخشىلىقنى ئويلىغانلىقى ئۈچۈن ھەم بىر مۇنچە ساۋابقا ئېرىشىدۇ . شۇڭا بەندىچىلىكتە ئاۋۋال بىلمەي كىيىن بىلىش ، ئاۋۋال بىلمەستىن خاتالىقلارغا ئېزىپ كېتىش ، كىيىن ، بىلگەندىن كىيىن تەۋبە قىلىپ ھەقىقەتكە قايتىش بار . بەندىنىڭ توغرا تەۋبە قىلىش ، ياشاش ئۇسۇلى مانا شۇ . ئەمما ، ھەقىقەتتىن ، توغرىلىقتىن باتىلغا ، ناتوغرىلىققا قايتىش يوق . ئىسلامىي قورغانغا كىرگەندىن كىيىن ئۇنىڭدىن يېنىش ، تېنىش يوق . بۇ خىل يانغانلىق پەقەت نادانلىق ، ھاماقەتلىكتىن ئىلگىرى بىلمەستىن ، مۇندىغاراق قىزىقىشتىن ، مەجبۇرلىنىشتىن ، ھەر خىل ۋەسۋەسىلەردىن ، ھەمدە ئىلگىرى ھەقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن ، بەزى ماھىيىتى يامان بولغان گۇناھلاردىن ئۆزىنى تارتماي ئاستا - ئاستا كۇفرىغا قايتقانلىقتىن بولىدۇ . ئاللاھنىڭ غەزىپىگە تېگىشلىك بولۇش ، دەل مانا مۇشۇ خىل ئېزىشتىن كېلىدۇ .
دىلبەر ئىلگىرى يامان بىر بۆلۈك دوستلىرىنىڭ يامانلىقلارغا قىزىقتۇرىشى ۋە ئۆزىنىڭ باشباشتاق مىجەزىگە بېرىلىپ ھەر خىل چوڭ - كىچىك گۇناھلارنى ئىشلەپ ئۆزىگە تولىمۇ زىيانكارلىقنى تىلىگەن ئىدى . ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇ غاپىللىق تونىنى ئۇچىدىن پۇچقىغىچە كىيگەن بولۇپ ، نېمىلا قىلسا شۇنى قىلىش بىلەن كۆڭلىنىڭ خۇشلىقىغا ئېرىشىشنى تىلىگەن بولدى . ئەمما ، ئۇ بەزى چوڭ گۇناھلارغا كەلگەندە يەنىلا ئۈستىدىكى بىر ياراتقۇچىدىن قورقاتتى . شۇڭا بىرەر يىگىت ياكى ئەر بىلەن تونۇشسا << تېگىمەن >> دېگەن نىشانە بىلەن ئارلىشىپ ، ئارلىقتا پۇرسەت تاپسا بەزى موللىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ نىكاھ قىلدۇرۇپمۇۋالاتتى . يىگىتىدىن ئۆزىنى ئېلىشقا قارىتا ۋەدىلەرنىمۇ ئېلىۋالاتتى . لېكىن ئۇنىڭ شۇ خىل يۈرۈش - تۇرۇشلىرىغا قارىتا ياخشىراق بىرەرمۇ بويتاقلار ئۇچىرىمايتتى . پەقەت تىلىدا ئەرلىكىنى نامايەن قىلىدىغان ئۇيۇن قېپىلارلا ئۇنىڭ تۇرقىدىن ۋە باشقا تەرەپلىك ئۆزلىرىگە يېتىدىغان مەنپەتلىرىگە قارىتالا پايدىلىنىۋېلىش ئۈچۈن يېقىنلىشاتتى ، خالاس . ئەمما ئۇ شۇ خىل تەقدىرنىڭ ئۆزىگە ياخشى كۆزى بىلەن قارىمىغانلىقىدىن بەكمۇ ئازابلىناتتى ۋە تەقدىردىن ئاغرىناتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ يۈرۈش - تۇرىشىدىكى بۇ خىل ئىسراپچىلىقلارنى ، ھەشەمەتچىلىكلەرنى شۇ خىل مۇھىتقا كۆنۈپ كەتكەنلىكتىن ئادەتتىكى ئىشلار قاتارىدىن دەپ بىلەتتى . شۇڭا << كۆيگەن يامانمۇ كۆنگەنمۇ >> دەپ ، كۆيگەنمۇ بەزى تەرەپلىك كۆزنى قارغۇ قىلىپ قويسا ، كۆنگەنمۇ ھەم كۆزنى قارغۇ قىلىپ قويۇشتا بوش ئەمەس ئىدى . دىلبەر شۇ خىل ياسىنىپ يۈرۈشلەرگە ۋە شۇ خىل ياشاش لىنىيەسىگە ئىلگىرى كۆيگەن بولسا ، ھازىر ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەنلىكتىن تەبىئىيلا كۆنۈپ كەتكەن ئىدى . ئەنە شۇ خىل كۆنۈش ئۇنىڭ بەزىدىكى تەقدىرىنىڭ ياخشى بولمايۋاتقانلىقىدىكى تەقدىرنىڭ ياخشى تۇرمۇشلارنى نىسىپ قىلىپ بەرمىگەنلىكىدىن ئاغرىنىشقا قىستاپ قوياتتى . ئۇ بەزىدە قاتتىق پۇشايمان ئىلكىگە پاتقاندا بولسا ، ئەنە شۇ خىل << قارغۇ >> لىقىدا تەقدىرىدىن ۋايساپ << مەن نېمە خاتالىق ئۆتكۈزدۈم >> دەيتتى . بىر ناھىيە دېگەندە نۇرغۇنلىغان ياش يىگىتلەر ، شەھۋىتىنى يامان تەرەپلەرگە بۇزىۋالغانلار ، ئۇزاق ۋاقىت ئايال زاتى كۆرمەي ھاڭگىراپ ، قاغجىراپ كەتكەنلەرمۇ بار ئىدى . ھەمدە گۈزەللىكنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەنمەستىن قايسى بىر باي ياكى بىرەر ھوقوقدار ئاياللاردىن بىرەرى نېمە كىيسە شۇنىڭغا چوقۇنۇپ مېڭىپ ، ئۆيىگە كىرىپ ئەرلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ھاماقەت ئاياللارمۇ كۆپ ئىدى . ئەنە شۇنىڭدەك بىر ۋەزىيەتتە دىلبەرنىڭ كىيىنىشى ، يۈرۈش - تۇرۇشلىرى ھەقىقەن چېكىدىن ئاشقانلىق بولاتتى . ئۇ خىل ماھىيەت يۇقىرىدىكى ئەر - ئاياللارنىڭ تېخىمۇ ئېزىشىغا سەۋەبچىسى بولاتتى دە ، گەرچە ئۆزىنى بەك يامان يولدا دېمىگەن تەقدىردىمۇ ، يەنىلا باشقىلارنىڭ ئېزىشىغا نۇرغۇنلىغان تۆھپىلەرنى قۇشۇش بىلەن شەيتانىي كۈچلەردىن بولۇپ قالاتتى . بۇنچىۋالا ھەشەمچىلىك ئۈستىدىكى ئايالنى قانداقمۇ ياخشى ، ئەقلى - ھۇشى جايىدا كىشىلەر ئۆمۈرلۈك ھاياتىغا يولداش قىلالىسۇن دەيسىز .
دىلبەرنىڭ تەقدىردىن ۋايسىسىشىغا قارىتا بەزى نۇرغۇن ياخشى تەرەپلىرىمۇ بار ئىدى ئەلۋەتتە . ئۇ ئاتا - ئانىسىنى ھۆرمەتلەيتتى . ئاتا - ئانىسىنىڭ يېقىن ئۆتىدىغان كىشىلىرى ۋە يۇرتتىكى نوپۇزلۇق زاتلارنى كۆرگەندە ئالاھىدە تېنىچلىق سورايتتى ۋە ئاتا - ئانىسىنى تولا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ماشىنىسىدا بىرگە ئېلىپ باراتتى . گەرچە ئۇ ئىلگىرى ئۇلار تەرىپىدىن ئېيتىلغان ۋەز - نەسىھەتلەردىن پايدىلانمىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئالدىدا كەمتەرلىك بىلەن سۆزىنى ئاڭلاپ << خوش - خوش >> ئىچىدە ئولتۇراتتى . پەقەت بۇ سۈكۈت ئۇنىڭ ئەنە شۇ خىل ئىلگىرى ياشلىقىدا << كۆيگىنى >> دىن كىيىن قالغان << كۆنۈشى >> ئارقىسىدا قەلبىدىكى پەردىسىنى توسۇۋالاتتى دە ، ئۇلارنىڭ يېنىدىن چىقاتتى يۇ ، ھېلىقى ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە ۋەسۋەسە قىلغۇچى قۇشۇنلىرىنى كۆرگەندە يەنىلا ئەسلىگە كېلەتتى دە ، خۇددى ئۆزى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ياخشى فىلىمنى گەپ قىلىشىپ ئولتۇرۇشۇپ كۆرۈپ تازا چۈشەنمىگەندەك ، ياخشى سورۇندىن شۇنىڭدەكلا چىقىپ كېتەتتى ، ياخشى سۆزلەر يۇقماي قالاتتى .
دىلبەرگە ئاتا - ئانىسى تولىمۇ ئامراق ئىدى . ھەمدە ئۇلارنىڭ ئارلاشقان كىشىلىرىمۇ ئامراق ئىدى . ئۇلار بەزىدە دىلبەر توغرىسىدا توختۇلۇپ : - ئۇ تېخى ياش ، كىچىك ، ئۇزۇن يىللاردىن بىر قىز دەپ ئەتىۋارلىنىپ شۇنىڭدەك سەل يامان ئۆگىنىۋالغان يىرى بار . بىر كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بىرە ، ئاتا - ئانىنىڭ بالىسىغا قىلغان دۇئاسى ئىجابەت ، شۇڭا بالىغا ياخشى دۇئالارنى قىلىشايلى ! دىلبەرمۇ ئانچە يامانلاردىن ئەمەس . ئۇ چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدۇ . ئىلگىرى جەننەتتىن ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىبلىس تەڭ چۈشۈرۈلگەندە ، ئادەم ئەلەيھىسسالام ئېزىقتۇرۇلغانلىقتىن ئۇنىڭ تىلى تەۋبىگە كەلگەن . ئىبلىس بولسا ئەتەي قەستلەپ ئازدۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەۋبىگە تىلى كەلمىگەن ، ھەمدە چۈشۈرۈلۈشتىن ئىلگىرىلا ئۆمۈرلۈك لەنەتكەردىلىككە بەنىدلىنىپ كەتكەن . شۇڭا بىز ئۇنىڭ يېقىنلىرى بولغان ئادەملەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلەيلى . ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئىنسابى بار ، ئەمما ئىمان نۇرى يوق . بىز ئۇنىڭغا ئىمان تىلەيلى ، ئاللاھدىن ئۇنى ھىدايەت قىلىشىنى تىلەيكى ، ئاللاھ ئۇنى بىزنىڭ ئارىمىزدا قىلىپ بەرسۇن !.......
دىلبەرنىڭ ئاتا - ئانىسى خېلى ئۇقۇمۇشلۇق بولۇپ ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى شۇنىڭدەك بەزى خاتالىقلىرىغا تەن ئالاتتى . ئۇلار دىلبەرنى كىچىكىدىن نېمە قىلىپ بېرىشنى ئېيتسا شۇنى ئورۇنداپ بېرىپ ئۇنى چوڭچى قىلىپ قويغان ۋە ئۆز بېشىمچىلىقىنى سەل ئاشۇرىۋېتىشكەن ئىدى . ئەھۋال شۇنداق بولغانىكەن ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى خاتالىقىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشنى تىلىشەتتى . شۇڭا ، پۇرسەت تاپسىلا ياخشى سۆزلەرنى قىلىش بىلەن توغرىغا قايتىشىنى ، سۆزىنى ئاڭلىشىنى ئېيتاتتى .
ئىبادەتنىڭ نېگىزى دۇئادۇر . ئەمەللەرنىڭ مەقبۇل بولىشىمۇ ھەم دۇئادىندۇر . بەندىنىڭ ياراتقۇچىغا خاس دۇئا قىلالىغىنى ، دەل ئۇ رەببىنى تونىغانلىقىنى ، تەقدىرگە ئىشەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . ئەگەر بەندە ھەقىقەتەن شۇ دۇئاسىدا ئاللاھقىلا تېۋىنەلىگەن بولسا ، ئۇنىڭ دۇئاسى شەرتسىز مەقبۇلدۇر . ئاللاھ تائالا قانداقلا بىر ئىشنى قىلمىسۇن ، ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن قىلغۇسىدۇر . دىلبەرنىڭ قەبرىدىكى ئىشلارنى چۈشىدە كۆرۈشىمۇ دەل ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەر دۇئاسىدا قىزىنى تىلغا ئېلىپ ياخشى تىلەكلەرنى تىلىشى بىلەنمۇ باغلىنىشلىق ئىدى . چۈنكى سەۋەبسىز بىر ئىش بولمايدۇ دە . بەلكىم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشىغا دەل شۇ خىل چۈشنىڭ دىلبەرگە پايدىلىق تەرىپىدىن بولسا كېرەك . دىلبەر مۇشۇ كۈنلەردە خۇددى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەكلا بولۇپ قالغان ئىدى . ئۇ شۇ ئىشلارنى ھەرگىزمۇ چۈش دەپ قارىيالمايتتى . خۇددى ئۆز ھاياتىدا بولغان ئىشلار دەپلا بىلەتتى . چۈنكى ئۇ شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە رىئاللىقتا بولغاندەكلا شاھىت بولۇپ قالغان ئىدى . ئۇ قەبرىدىكى ئىشلارنى ھەر قېتىمدا ئەسلىسە تېنى ھەر بىر شۈركىنىپ تىتىرەپ كېتەتتى . ئۇنىڭدا مۇشۇ كۈنلەردە ھېچ بىر كۈلكىدىن ئەسەر قالمىغان ئىدى . شۇڭا ئۇ خىزمىتىگىمۇ بارماي ھەتتا سىرتلارغىمۇ چىقماس بولىۋالدى . ھېلىقى چاكىنا كىيىملىرىنى تاشلاپ يېزا ئاياللىرىدەك ئۇزۇن كۆينەكلەرنى كىيىۋالغان بولۇپ ، بېشىدىكى ياغلىقى بىلەن ئىنتايىن گۈزەل ئائىلە ئايالىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى . شۇ تۇرقىدا بىرەرسى كۆرسە ئۇنى ھەرگىزمۇ ئىلگىركى دىلبەر شۇ دېمەيتتى . ئۇ بىر قانچە ھەپتە شۇنداق ئىچىنى تىڭشاپ ئۆتتى . ئۇنىڭ شۇ تۇرقىدا سىرتتىكى ئۇيۇنلىرىغا تارتىشقۇدەك يېرى قالمىغاندەك قىلاتتى . ئۇ بىكار ۋاقىتلىرىدا ياتاق ئۆيىدىكى يوغان ئەينەككە قاراپ ئۆزىگە نەزەر تاشلايتتى . ئۇ قانچە قارىغانسېرى ئىلگىرىكى دىلبەرگە ئەمەس ، بەلكى بۈگۈنكى كۆز ئالدىدا تۇرغان دىلبەرگە ئامراقلىقى كېلەتتى . ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى دىلبەردە بولغان ئىشلارنى مەھەللىسىدىكى يۇرت چوڭلىرى ۋە موللىلارغا ئېيتقاندىن كىيىن ، ئۇلارنىڭ ھىجابلىق قىز - ئاياللىرى ئۇنى يوقلاپ كەلگەچ ھىجابلىق كىيىملەرنى ئالغاچ كېلىپ ، ئۇنى كىيىشكە قىزىقتۇرغان بولۇپ ، بەزىدە ئۇ شۇ خىل كىيىملەرنى بىرەر قۇر كىيىپ ، ئۆزىنىڭ ئىسلامىي تۇرقىغا قاراپ كېتەتتى . ئۇ ئۈچ خىل دىلبەرنى ئالدىدا قويۇپ زەن سالاتتى . ئالدىدىكى دىلبەر بولسا دەل قەبرىدىكى شۇنچە ئېچىنىشلىق ھالەتكە پاتقان دىلبەر بولدى . ئۇنىڭ شۇ خىل ھاياتى شۇنىڭدەك ئەڭ يىرگىنىشلىك ، ھېچ كىشىگە دىگۈسىز دەرىجىدىكى ئېچىنىشلىق ھالەتكە ئېلىپ بارغان دىلبەر ئىدى . ئۇ ئالدىدىكى دىلبەرنى كۆرە كۆزى يوق . چۈنكى ئۇ ئەمدى ئۇنىڭدەك ئەھۋالغا قالغۇسى يوق ئىدى . ئەمدىكى گەپ ، كىيىنكى ئىككى خىل دىلبەرنىڭ بىرىنى تاللاش ئىدى . بىرى بولسا يېزا ئاياللىرىغا خاس ئوبراز بولسا ، يەنە بىرى دەل ھىجاب ئىچىدىكى ئوبراز ئىدى . ئۇ ئويلىناتتى . ئەگەر يېزا ئاياللىرىغا خاس ئوبرازىنى ساقلاپ قالماقچى بولسا ، ئىلگىركى ئارلاشقان بەزى ياخشى قىز - چوكانلارنى تاشلىماسلىقى ، خىزمىتىنى ھەم قىلىشى ، خىزمەتداشلىرى بىلەنمۇ باردى - كەلدى قىلىشى كېرەك ئىدى . بۇ خىل ئەھۋالدا ياخشىراق بىرەر ئەر چىقىپ قالسا تويىنى قىلىپ ، كىيىنكى ھاياتىنى بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇش بىلەن ئەلنەرقى ياشىماقلىققا تەيىن تاپماق ئىدى . يەنە بىر ئويى بولسا ، شۇ ئۆزگەرگەنچە ھىجابنىڭ ئىچىگە كىرىپلا ، مۇمكىن بولسا قەبرىگە ئۆزىنىڭ ئىمانى نۇرىنى بىرگە ئېلىپ بېرىش ئىدى . بۇ خىل ئەھۋالدا خىزمىتىدىنمۇ ئايرىلىشى ، ئىلگىرىكى نۇرغۇنلىغان ياخشى - يامان بارلىق تونۇش - بىلىشلىرىدىن ھەم ۋاز كېچىشى كېرەك ئىدى . ئۇ شۇ ئەسنالاردا بىر قانچە كۈن ئويلاندى . ئۇ ئويلاندىكى ، ئۇنىڭ خىزمەتكە بەكمۇ ئېھتىياجى يوق ئىدى . چۈنكى ئۇنىڭ ئاتا - ئانسى باي ئىدى . ئەگەر ئۇ خىزمەتنى تاشلايمەن دېسە ، ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ قارارىنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىشى . ئۇ ئۇيان ئويلاپ ، بۇيان ئويلاپ كىيىنكى قارارىنى توغرا تاپتى دە ، قارارىنى ئۆيىدىكىلەرگە ئېيتتى . باشتا ئاتا - ئانا ئىككىيلەن دىلبەر خىزمەتنى تاشلىسا بىزدىن كىيىن قالسا تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالارمۇ دېگەنكى دەرگۇمان بىلەن سەل ئىككىيلىنىپ قالدى . ئەمما ، قىزىنىڭ بىراقلا ئۆزلىرىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىققانلىقىغا ئاپرىن ئوقۇش بىلەن << كىيىنگە خۇدايىم بار >> دىيىشىپ ، قىزىنىڭ قارارىغا خۇشاللىق بىلەن قېتىلدى . شۇنىڭ بىلەن مەھەللىدە يەنە بىر چۈمبەل تارتقان ھىجابلىق بىر مۇسلىمە مەيدانغا كەلدى .
دىلبەر شۇنىڭدىن كىيىن ئۆزىدە چوقۇم ھەقىقىي مۇسلىمەگە لايىق بولغان بىر ئوبراز شەكىللىنىشىنى ، ئۆزىنىڭ سىياقىلا ئەمەس بەلكى ئىچكى قۇرۇلمىسىدىن ھەم ھەقىقىي ئىسلامىي ئايالى بولۇشنى قارار ئالدى . ئۇ تولاراق ئۆي ئىچىدە ئىدى . ئاتا - ئانىسىنىڭ تامىقى ۋە باشقا خىزمەتلىرىنى ئىنىسىنىڭ  ئايالى بىلەن بىرگە قىلىپ ، بىكار ۋاقىت بولسىلا ئىسلامىي كىتابلارنى ئوقۇش بىلەن ۋە ھېلىقى ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ مۇشۇ خىل يولنى تاللىشىنى تىلەشكەن مۇسلىمەلەرنىڭ يېتەكلىشىدە بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە توغرا بولغان خېلى كۆپ دىنىي بىلىملەرگە ئىگە بولدى . ئۇ ئەمدى بېشىغا قانداقلارچە بىرەر ئىشلار كېلىپ قالسا ئۆز قارارىغا ئاساسلىنىپ ، دىنىي جەھەتتىن توغرا يۆنۈلۈشنى تاپالايدىغان ، ئەقىدىسىنى توغرىلىققا مايىل قىلالايدىغان ھالەتكە كەلدى .
دىلبەر قەبرىدە بولغان ئىشلارنى ئويلىمايمەن دەيتتىيۇ ، ئەمما بەزىدە ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا شۇ ئىشلارنى يادىغا ئېلىپ خىيال دېڭىزىغا پېتىپ كىتەتتى . ئۇنىڭ كۆرگىنى گەرچە چۈش بولسىمۇ ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇنى پەقەت بىر چۈش دەپلا قارىمايتتى . بەلكى ھاياتىمدا شۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى دەپ قارايتتى . ئۇنىڭ ئەنە شۇ كۆز قارىشى ئۇنىڭ دىندا شۇنچە تىز يۈكسىلىشىگە قارىتا مىسالى لىفىت بولغانىدى . چۈنكى ئىنسان دېگەن ھەقىقەتەن ئاجىز نەرسە . ئەمما ئۇنىڭدا بىر بۆيۈك غايە بولمىسا ۋە شۇ غايىسىگە يېتىشتە ئېغىر بىر بېسىم بولمىسا ، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان تېرىشچانلىقلىرى ئىخلاسسىز قېلىپ بىھۇدە بولىدۇ ۋە ھەتتا نۇرغۇنلىغان ۋاقتى بىكار كېتىدۇ ، ئەلۋەتتە .
ئۇ ھېلىقى ئىككى گۆركار كەتكەندىن كىيىن ، يېنىغا پۈتۈن يەر زېمىننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ تىتېرەتكەن ھالدا كىرىپ كەلگەن ئىككى پەرىشتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەتتى . ئەگەر ئۇ ئۇنچە قاتتىق زىلزىلىگە ئۇچىرىمىغاندا بولسا ، ئۇلارنىڭ سورىغان سۇئالىغا ئاڭلىغان ، ئوقۇغانلىرىنى ئېيتىپ توغرا جاۋاب بېرەلىگەن بولاتتى . ئەمما ، ئۇنچە قاتتىق زىلىزىلە ئىچىدە ئۇ پەقەت قېچىشنىلا ، مۇمكىن بولسا ھەر قانداق ئاماللارنى قىلىپ ئۇلاردىن قۇتۇلۇشنىلا ئويلايتتى . قورققىنىدىن پۈتۈن ۋۇجۇدى تىتىرەپ ھېچ بىر ماغدۇرغا كېلەلمەي قالغانىدى . پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكى سورالغاندا ۋە ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ كىم ، دىنىنىڭ نامىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا سورالغاندا ، ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى قورقۇنچىسى يادىغا ھېچ نەرسىنى ئەكەلمەيتتى . ئۇ شۇ قاتتىق قورقۇنچ ئاستىدا پەرىشتىلەرنىڭ سۇئالىنىڭ ھېچ بىرىگە جاۋاب بېرىشكە تىل ئىشتالماي قالغان ئىدى . دىلبەر شۇ ۋاقىتتا قەبرىدىكى سوراققا ھاياتىدىكى تىلى بىلەن ئەمەس بەلكى ئېتىقادىي كۈچىنىڭ تىلى بىلەن بېرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن ئىدى . قەبرىدە ئىنسانىي تىلنىڭ ھېچقانچە ئەسقاتمايدىغانلىقى ، پەقەت مەزمۇت ئېتىقادنىڭلا نەپ بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن دىلبەر ، ئۆزىنىڭ دىنىي ماھىيىتىنى ھەقىقىي رەۋىشتە كۈچلەندۈرۈشنى تىلىدى . ئۇ ئېتىقادنىڭ تىلدىكى پاراڭ ئەمەس بەلكى قەلىبكە سىڭىپ قارارلىشىپ كەتكەن ، مۇنتىزىم قېقىلىپ كەتكەن ئىشەنچنىڭ ھەقىقىي ئېتىقاد ئىكەنلىكىگە چىن پۈتكەن ئىدى . ئەنە شۇ ئېتىقاد دەل ھەر كىمنى مەيلى قايسىكى بىر زىلزىلىلەرگە دۇچ كەلمىسۇن ، ئىشەنچىسىدە مەزمۇت تۇرۇشقا ئىشتالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى .
شۇنداق ، دىن ، قەلىبنىڭ ئېتىقادىي قارارىدۇر . ئىنسان قەلىبنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا ماڭىدۇ . ئىنسان قەلىبنىڭ مايىللىشى بىلەن ھاياتىي دۇنيادىكى ئىشلىرىنى تاللايدۇ . چۈنكى روھمۇ قەلىبتە ، نەپسىمۇ قەلىبتە بولىدۇ . ئىنساننىڭ تىزگىنىكى دەل قەلىبنىڭ كونتىروللىقىدا بولىدۇ . شۇڭا تەقۋادارلار روھىنى تەقۋالىق لىباسىنىڭ شەجەرىسى بىلەن تولدۇرسا ، ئەمما كۇففارلار ۋە دۇنيالىققا بېرىلگەنلەر روھىنى دەل نەپسىنىڭ خۇشلىقى بىلەن تولدۇرغۇسىدۇر . ئەمما ، بەندىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەمرا بولىدىغان ، ئۇنى ھەمىشە توغرىلىققا يېتەكلەشتە بولىدىغان بىردىن بىر ئەڭ يېقىن نەرسىسى دەل ئىسلامىي ئېتىقادتۇر . ئاللاھ تائالامۇ بەندىسىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىمانىدا بەرقارار قىلماقچى بولسا ، دەل ئول بەندىسىنىڭ قەلبىنى ئۆزىنىڭ توغرا دىنىي ئېتىقاتىدا مەزمۇت تۇرغۇزىدۇ دە ، ئاللاھ شۇ خىل رەۋىشتە ساقلىغان بەندىنى ھېچ بىر كۈچ ئازدۇرالمايدۇ . ئەگەر بەندە گۇمراھلىقنى تىلىگەن بولۇپ ، ئەمەل - ئىبادەتلەردە پەقەت سىياقىنى ۋە تىلىدىكى ئاۋازىنىلا تۇتقا قىلىپ ئۆز ئۆزىنى ئالدىغان بولسا ، ھەمدە ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۇنتىغان بولسا ، ئۇنداقلارنىڭ ئانچىكى بىر زىلىزىلە ئىچىدىلا نۇرغۇن يىل سەرىپ قىلىپ توپلىغان نەرسىلىرى بىر تېپىككە يارىماستىن ھەممىسى بەربات بولۇپ ، شۇ ھالىتىدە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى شەيتانى نەپسىي قاپلىۋېلىش بىلەن ، ماھىيەتتە ئۆزىگە ھېچ بىر پايدىسى يەتمىگۈسى . شۇ ھالىتىدە بىرەر قىيىنچىلىق يەتسە ئاۋۋال بولىشىغا كۇفرىلىقلارنى ، كۇفرىلىق سۆزلەرنى قىلىپ  ئاخىرى ھېچ بىر ئامال بولمىغاندا ئاندىن بۇ تەقدىر ئىكەن دەپ شۈك تۇرۇشنى تىلىشىدۇ . شۇڭا بەندىنى ھەر ۋاقىت كۇفرىلىقتىن ساقلىغۇچى كۈچ ، دەل توغرا ئېتىقادتۇر . توغرا ئېتىقاد دەل قەلىبتىكى مۇنتىزىم ئىشەنچتۇر . ئىشەنچ ئىمان بولۇپ ، ئەنە شۇ ئىشەنچ ئۈستىدە ياخشى ئەمەللەرنى ئىشلىگەنكى ، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللەرنىڭ ساۋابى دەل ئىمانىي نۇردۇر . ئىمان دەل كىشىلەرنى ياخشىلىققا ، ئاللاھ تائالانىڭ ھەر ۋاقىت دىنىي جەھەتتىكى كىملىكىدە بولۇشنى تىلىگۈسىدۇر . ئىمان ھەرگىزمۇ كىشىنى يامان ئىشقا ، كۇفرىلىقلارغا بۇيرىمايدۇ . كىملەركى ئاللاھنىڭ ھامىيلىقىدا بولغان ئىكەن ، شۇ بەندە ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ قوغدىشى ئاستىدا دەل ئىماننىڭ نۇرى بىلەندۇر . ئەگەر ئۇ بەندە ئۆلۈپ قەبرىگە كىرگەندىمۇ ئۇنىڭغا ھەمىشە ھەمراھ بولىدىغان ، ھەر زامان ، ھەر ماكان بارلىق زىيانداشلاردىن ساقلىنىشقا سەۋەب بولىدىغان نەرسىمۇ دەل بەندىدىكى ئىمانىي نۇردۇر . شۇڭا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغان تەقۋادارلاردا ئەنە شۇ خىل ئىمانىي نۇر ھازىر بولۇپ ، ئۇلار ھاياتىدا قانداقلىكى بىر قىسمەتلەرگە دۇچ كەلمىسۇن ، ئۇلاردا نە قورقۇنچ ، نە ئەندىشە بولمايدۇ . پەقەت چاپسان ئىشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىپ ، ئۆزىنىڭ قايسى رەۋىشتە غەلىبە قىلىشىدىكى رىئاللىقنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىشىدۇ .

دىلبەر راستىنلا ئۆلدى . ئىلگىركى دىلبەر ئەنە شۇ قاباھەتلىك ، ئەمما كىيىنكى ياخشى نەتىجىگە ئىگە قىلىدىغان چۈش ئارقىسىدا ھەقىقەتەن ئۆلگەن بولدى . ئۇنى شۇ كۈندىن كىيىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر كۆرەلمىدى . كۆرەي دەپمۇ ئىزدەندىيۇ ، ئەمما پەقەت ئارقىسىدىنلا باشقا كۆرەلمەسلەرنىڭ بىر كىم مۇندىغىراق بولۇپ قالسا بۇزۇق دەپ تىللايدىغان ، ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلىپ تۈزەلسە << جالاپ قېرىسا بۈۋى بولىدۇ >> دىيىشىپ باشقىلارنىڭ ئۇتۇقلىرىنى كۆرۈشنى خالىمايدىغانلارنىڭ ھەر نېمە دىيىشىدىكى پەسەندىلەرچە تىل ئىشتىشى ئارىسىدا كۆردى . ئەمما دىلبەر ئۇلارنىڭ بۇ خىل پىتنىلىرىگە ئاللابۇرۇن تەييارلىق قىلىپ بولغان ئىدى . ئۇ ھەتتا ئۇلار يۈزۈمگىلا ئېيتىشىدۇ دەپمۇ ئويلىغان ئىدى . ئەمما ، يامان نىيەتتىكىلەر ئۇنى كۆرگەن ھامان تىللىرى تۇتۇلۇپ قېلىشاتتى . چۈنكى ئۇنىڭ ھىجابلىق ھالىتى قارىماققىلا ئىنتايىن سۈرلۈك كۆرۈنەتتى . ئۇ يۈزىگە چۈمبەل تارتىۋالغاچقا ئۇنى ھېچ كىشى ھەرگىزمۇ ھېلىقى دىلبەر دەپ ئويلىمايتتى . بەلكى ئۇلارنىڭ كۆزىگە پەرىشتە سۈپەت بىر ئايال كۆرۈنەتتى . ھەتتا ئۇنىڭ شۇ تۇرقىغا قاراپ ئىلگىرىكى ئۇنى مۇھەببىتىم دەپ يۈرگەن ئەركەكمۇ ، ئۆزىنى ئۇنىڭدىن يۇشۇرۇپ ئېلىپ قاچاتتى . ئۇمۇ دىلبەردىن پۈتۈنلەي ئۈمۈدىنى ئۈزگەندەك قىلاتتى . دىلبەرنىڭ چۈشىدە كۆرگىنى ھەم راست بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۆزىدىن باشقا يەنە بىر قىز دوستى بار ئىدى . ئۇنىڭ ئىلگىرى دىلبەر بىلەن ئارلىشىپ بەزى مەقسىتىگە يېتىۋېلىشنى تىلىگەنلىكى ئاشكارا بولغانىدى . شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككىلا تەرەپ خۇددى شۇ بىر كۈندىن كىيىن ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك ، ئىلگىرى راستىنلا شۇنىڭدەك بىر چۈشتىن ئويغانغاندەك بولۇشقانىدى .

ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى ئىدى . توساتتىن ئىشىك ئالدىدا بىر ئوماق بالا بىلەن چىرايلىق بىر كىچىك قىز پەيدا بولدى . ئۆيدىكىلەر ھويلىدىكى كارۋاتتا ئىدى . بالىنى كۆرۈشۈپ ھەممە ئۇپۇر - تۇپۇر بولۇشۇپ كۆز ئالدىدىكى بۇ كۆرۈنۈشكە ئىشەنمەيلا قالدى . چۈنكى بۇ دىلبەرنىڭ ئوغلى پىرقەت ئىدى . كەينىدىن ئۇنىڭ دادىسى كامىل كىرىپ كەلدى . ئۇنى كۆرگەن باشقىلار ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا ھەيران قېلىشقانىدى . چۈنكى ئۇ بېشىغا چىمەن دوپپا ، يۈزىدە قويۇلغان ساقال چىرايلىق ياراشقان ، كىيىملىرىمۇ ئۆزگىچە ئىسلامىي تۈسىنى ئالغان ئىدى . دىلبەرنىڭ دادىسى كامىل بىلەن چىرايلىق كۆرۈشۈپ ئۆيگە باشلىغاچ ، بالىلارنىڭ ئانىسىمۇ بىرگە كەلگەن - كەلمىگەنلىكى توغرىسىدا سورىدى . ئەمما ئۇ سۈكۈت قىلىش بىلەنلا جاۋاب قايتۇرۇلدى . گەرچە كامىل ئىلگىرى دىلبەرنىڭ ئىسلامغا مايىللىشىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا خەۋىرىنى ئاڭلىسىمۇ ، ئەمما ئۇ ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى . دىلبەرمۇ ئۇنى ئىككى يىلدىن بۇيان كۆرۈپ باقمىغان ئىدى . ئىككىيلەن كۆز قۇيرۇقلىرى ئارىسىدا پات - پات بىر - بىرلىرىگە قارىشىپ قويۇشاتتى . داستىخان ئۈستىدە كۆپچىلىك ئۇنى بۇنى دىيىشىپ ئولتۇرغاچ كامىلنىڭ كىيىنكى ئالغان ئايالىنىڭ بۇلتۇر ئىلگىرى تۇغىتىدا ياخشى بولالمىغانچە ئورنىدىن قوپالماي قازا قىلغانلىقىنى ، شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنىڭ تېخى قايتا ئۆيلەنمىگەنلىكى ئاشكارلاندى . بۇ سۆز بىلەن ئۆي ئىچى سەل جىمجىتلىققا چۆكتى .
ھاياتلىقتا كىشى ئۆلمەيلا قالسا ھەر خىل قىسمەتلەرگە يولۇقىدىغان ، كۆرمىگەننى كۆرۈپ ، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلايدىغان گەپكەن . ئىنساننىڭ پەيلى ئۆزگىچە ئۇسلۇبلاردا گاھىدا بىر خىل لىنىيەنى تۇتقا قىلغان بولسا ، گاھىدا يەنە باشقا بىر خىل لىنىيەنى توغرا تېپىپمۇ قالىدىكەن . ئىنساننىڭ پەيلىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ھاياتلىق ھەقىقەتەن رەڭدارلىققا ، توغرا - خاتالىققا ، ياخشى - يامانلىقلارغا ئۆزگىرىپ ئۆزگىچە ھاياتلىق سەپەرلىرىنى داۋام قىلدۇرىدىكەن . شۇڭا بىر كىمنى چاپسانلا ئانداق - مانداق دەپ ھۆكۈم قىلىۋېتىش ئالدىراقسانلىق بولۇپ ، بۇ خىل ئادەت كىشىنى تۇيماستىن باشقىلارنى كۆرەلمەس ، باشقىلارنى تۆۋەن كۆرۈشتەك كۇفرىلىقلارغا قىستاپ قويىدىكەن دە ، بۇ خىل خۇينى كىملەر يۈدۈپ يۈرۈيدىكەن ، باشقىلارنىڭ ئاللاھنىڭ قۇبۇل كۆرگەن تەۋبىسىنى ھېچ ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەي قالىدىكەن . << خۇدايىم بەرسە پەيغەمبەر غىڭ قىلالماپتۇ >> دەپ ، ھاياتلىقتا ئاجايىپ ئۆزگىچە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ، پەزلىلىرى دائىما ئۆزىنى ئاشكارلاپ تۇرغۇسى . ئەمما ، ئۆزىنى ھېچ ياخشىلىققا ئىسلاھ قىلىشنى خالىمايدىغان ، ئىلگىرى قانداقلارچە بولغان بولسا شۇ پېتى ئۇ دۇنياغا كەتمەكلىكنى تىلىشىدىغانلار ، ھامان كىشىلەرنىڭ ئىلگىرىكى بەزى توغرا بولمىغان ، نادانلىقىدا قىلىپ قويغان خاتالىقىنى تۇتقا قىلىۋېلىش بىلەن مەڭگۈ ، مەڭگۈگە بىر ئوقىدا ئايلانغۇچى يەرشارى دەپلا بېكىتىۋېتىدىكەن . لېكىن ، يەرشارىنىڭ ئۆز ئوقۇدا داۋاملىق ئايلىنىش بىلەن بىر تەرەپتىن يەنە بىر تەرەپكە ئېغىپ تۇرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلمايدىكەن . يامانلارنىڭ كىيىنكى ياخشىلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغانلار ۋە ياخشىلارنىڭ بىرەر خاتالىقىنى تۇتقا قىلىۋېلىپ بىراقلا يامانغا چىقىرىدىغانلارنىڭ كۆزىگە ، دۇنيادا ھېچ بىر ئادەم ياخشى كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالىدىكەن . ئۇنداقلار ئاقىۋەتتە ھېچ كىشىگە ئىشەنمەس بولۇپ ، قەلبىدىكى ئىشەنچ تۇيغۇسى قۇرۇپ ، ئاقىۋەتتە ئاللاھقىمۇ ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىگىمۇ ئىشەنمەيدىغان بولۇشۇپ كېتىدىكەن . مانا بۇلارنىڭ تېنى يوللاردا مېڭىپ يۈرگەن تەقدىردىمۇ ، ئەسلى ماھىيىتىدە ئۆلۈك جەسەتتىن نېمە پەرقى بولسۇن ؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش