- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 58
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1708
- تىزىملاتقان
- 2011-1-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-10
- UID
- 8609
- يازما
- 58
- تېما
- 4
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1708
- تىزىملاتقان
- 2011-1-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-10
- توردا
- 2 سائەت
|
يىقىنقى يىللاردىن بۇيان يىڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئومۇملىشىشىغا ئەگېشىپ، دەرىسلىك ماتېرىياللار تۈرلىرى كۆپ خىل، مەزمۇنىنىڭ مول، دەرسلىك ماتېرىيال مەزمۇنىنىڭ تەپەككۇرنى قوزغىتىشچانلىقى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكى بىلەن قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشتى، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە يىڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قوشۇمچە پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ كەمچىل بولىشى (بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدىكى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى يوق دىيەرلىك ياكى ناھايىتىمۇ ئاز بولىشى) كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچىلار يولۇقۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. بار بولغان بەزى ماتېرىياللاردىمۇ مەشق، كۆنۈكمە ۋە قوشۇمچە سۇئاللارنىڭ جاۋاپ-يېشىملىرى يۈزەكى، تەپسىلىي چۈشەندۈرلمەي تومتاق ھالدا ئوتتۇرغا قويۇلغاچقا بۇ خىل ماتېرىياللارنى كۆرگۈچىلەرنى قىيناپ قويۋاتىدۇ.
تۆۋەندىكى يۇمشاق دېتالدا بۇ مەسىلىلەر ئەتراپلىق ھەل قىلىنىپ، تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى چوڭ بىر بوشلۇق تولدۇرۇلۇپتۇ. (تۆۋەندە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا قىسمىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى).
ھەرقايسى مەشق، كۆنۈكمە ۋە سۇئاللارنىڭ جاۋابى، تەپسىلىي يېشىش جەريانى، چۈشەندۈرۈشلىرى ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ، ئەگەر بىرەر مىسالنى كۆرمەكچى ياكى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز مىڭلىغان مىساللارنىڭ ئىچىدىن دەرھاللا جاۋابىنى بىلەلەيدىكەنسىز، دىمەك بۇرۇنقىدەك توقام-توقاملاپ كىتابلانى كۆتۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ھەمدە كىتاب ۋاراقلاپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ھاجىتى قالماپتۇ.
يىڭى دەرسلىك ئۆلچىمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئىلىنغان ئالى مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىلىرى ئىچىدىمۇ ماتېماتىكا قاتارلىق قىسمەن پەنلەرنىڭ نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس(بولۇپمۇ 2012-يىللىق ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا ماتېماتكا نەتىجىسىنى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. 2013-يىللىق ئالى مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى يەنە 20 كۈندىن كېيىن بىلەلەيمىز). ئەمەلىيەتتە دەرسلىك كىتاپتىكى ئۈلگە مىسال بولسۇن ۋە ياكى مەشىق-كۆنۈكمىلەرنىڭ مىسالى بولسۇن شۇلارنى چۈشىنىپ ھەل قىلالايدىغان ئوقۇغۇچى ئىمتىھاندا كەم دىگەندىمۇ 70 ، 80 ئەتراپىدا نومۇر ئالالايتتى، لىكىن تولىمۇ ئەپسۇس ماتېماتىكىنىڭ نومۇر چىكى بولغان ئەشۇ 39،40 نومۇرلارنىمۇ ئالالماي ئالى مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرى تۆۋەن بولۇپ قىلۋاتقانلارمۇ خىلى بار (بۇ خىل ئەھۋال دىيارىمىزنىڭ جەنۇبى قىسمىدا نىسبەتەن ئىغىرراق بولماقتا). مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي بىلىم قۇرۇلمىسىنى پۇختىلاشنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال لازىم ئەلۋەتتە، شۇڭا مۇشۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىپ بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. تۆۋەندە بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ بىر قانچە كەسمە يۈزىنى كۆرۈپ باقايلى.
ماتېماتىكىدىن باشقا خىمىيە، فىزىكا، بئولوگىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۈچە نۇسخىلىرى بار بولۇپ جىددى ياسىلىۋىتىپتۇ.
قالغىنى ئۆزىڭىز چۈشۈرۈپ ، سىناپ كۆرۈپ بېقىڭ !
ماتېماتىكا ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادېرىسى:
http://pan.baidu.com/share/link? ... 9&uk=1795790927
ماتېماتىكا خەنزۈچە نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادېرىسى:
http://pan.baidu.com/share/link? ... 1&uk=1795790927
|
|