كۆرۈش: 1790|ئىنكاس: 12

قەبرىدىن قايتىپ كەلگەن ئادەم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
52314
يازما
68
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2013-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
78 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 14:18:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


                                                     قەبرىدىن قايتىپ كەلگەن ئادەم

ئورنۇڭدىن قوپ ! دېگەندەك خىتاب قىلغاندەكلا نوقۇشتەك ئەھۋال ئاستىدىن ، تۇرسۇن ھېچقانداق ئۇيقۇسىز ، ھېچقانداق ئەندىكىشىسىز ھالەتتە ئەسلىگە كەلدىيۇ ، ئەمما ھەر قانچە قىلسىمۇ كۆزىنى ئاچالمىدى . ھېچ بەدەنلىرىنى ھەم مېدىر - دىسىر قىلالماستىن بىر مەھەل ئۆزىنى تىڭشاش ئۈچۈن تىپىرلاشلىرىدىن توختىدى .
- ۋۇي ، بۇ قەيەردىن چىقىۋاتقان قۇرئان ئاۋازىدۇ ؟ - دەپ ئويلىدى ئۇ يېقىنلا يېرىدە بىر توپ كىشىلەرنىڭ بىرلىكتە قۇرئان ئوقۇغاندىكى ئاۋازىغا دىققەت قىلىپ . - ئەجەپ مەن ئىلگىرى بۇنىڭدەك تۇيغۇغا كېلىپ باقمىغان ئىدىم . مەن نېمە بولدۇم ؟ بۇ قەيەردىن چىقىۋاتقان ئاۋازلار ، نېمىدىگەن كۆپ ئاياق تېۋىشلىرى بۇ ؟ - دەپ ھەيران قېلىۋاتاتتى . يەنە ئۇنىڭغا بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ ئۇ يەر - بۇيەرلەردە نېمىلەرنىدۇ دىيىشىپ پىچىرلىشىۋاتقانلىرى خۇددى يېنىدىلا گۈدۈڭشىۋاتقاندەكلا بىلىنىۋاتاتتى . ئۇ شۇنچە ئۇيان - بۇيانغا قارىغۇسى كەلسىمۇ ، ئىلگىركىدەك نېمىلەرگە قىزىقسا شۇنىڭغا ئىنتىلىشتىن مەۋقەسىزلا پەقەت ۋە پەقەت جىمجىتقىنە يېتىش بىلەنلا توختالغان ئىدى .
تۇنۇشلا بىر ئاۋاز تەرىپىدىن - تۈگىدى ، تامام بولدى - دەپ ، بىر ئىشلارنىڭ قىلىنىپ توختىغانلىقىغا قارىتا بىر كىملەرگە بەزى ئىشلارغا قارىتا نىدا قىلىنغاندەك بولدى دە ، ئېغىر قەدەملەرنى باسقان قاۋۇلراق بىر كىشىنىڭ ئاياق تېۋىشى بارغانچە يېقىنلاشتى . تۇرسۇن بۇ كىشىنىڭ كىملىكى ۋە نېمە ئۈچۈن ئۆزى تەرەپكە يېقىنلىشىدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلاندى . ئەمما ، ئۇ باياتىن بۇيان ھەر قانچە قىلسىمۇ ئاڭلىغان ، سەزگەنلىرىنىڭ تەكتىگە يېتىش ئۈچۈن ھېچ بىر ئامالغا كېلەلمىگەنلىكىنى پەملەپ ، ئەمدى نېمە ئىشلار يۈز بەرسە پەقەت سۈكۈت ئىچىدە ئەتىراپىنى تىڭشاش ئۈچۈن تەييارلىنىپ بولغاندەك ئىدى . شۇ ئەسنادا ئەتىراپىدىكى كۇسۇر - كۇسۇر ئاۋازلار ئاستا - ئاستا جىمىقتى دە ، ھېلىقى سۈرلۈك ئاياق تېۋىشى باغانچە يېقىنلىشىپ شارتتىتە قىلىپ ، شېخىللىق جاينى ئازراق تۈرتۈپرەك توختىدى . توختاش بىلەن ئانچىكى بىر يەرگە ئۇرۇلغان نوقتۇلۇق ئاۋازى ئاڭلاندى . تۇرسۇن ئۇ ئاۋازنىڭ چوقۇم ھاسا ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلدى . شۇ ئەسنادا ھېلىقى تۇرغان ئىز تەرەپتىن ئىلگىرى بەزىدە تۇغقانلىرى ، دوست - بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى يەرلىكىگە قويۇپ يەتتە كەتمەن توپا تاشلىنىپ بولغاندىن كىيىن مەلۇم بىر ئۆلىمالارنىڭ قەبرىنىڭ يېنىغا كېلىپ قەبرىدىكى كىشىگە ئاۋۋال ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كىيىن ، قەبرىدە ھەقىقەتەن مۇنكىر - نەكىر دېيىلىدىغان ئىككى پەرىشتە تەرىپىدىن سۇئال سوراق قىلىنىشنىڭ بارلىقى ، ئۇلارغا ھۇدۇقماستىن ئىلگىركى ئىشەنچىسى بۇيىچە شۇنداق جاۋابلارنى بېرىشكە ئىشتىپ ، ئاللاھنىڭ بىر ۋە بارلىقى ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە چىن پۈتۈش ، ھەمدە دىنىنىڭ ئىسلام ئىكەنلىكى توغرىسىدا چوقۇم مەزمۇت ئېتىقاد بىلەن سۇئال سورىغۇچىلارغا توغرا جاۋاب بېرىشى ئۈچۈن ۋەز ئېيتقاندىن كىيىنلا ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن ھېلىقى ئىلگىرى يەرلىكىگە قويۇلغانلارغا ئوخشاش ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ، يېنىدا ۋەز ئېيتىۋاتقان كىشى يۇرتىدىكى ھەممە ھۆرمەتلەيدىغان ئاقساقال كىشى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى . ئۇ شۇ ھالىتىدە نۇرغۇنلىغان پىكىرلەر قاينىمىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى .
- نېمە ، مەن ئۆلدۈمما ؟ بۇ پەقەت ئۆلگەنلەرگە دىيىلىدىغان گەپلەر ئەمەسمىدى ! مەن نېمىشقا ئۆلگەنلىكىمنى بىلەلمەيمەن ؟ كىشى ئۆلۈش ئالدىدا جاننى ئالغۇچى ئەزرائىل پەرىشتە كېلىدۇ ، ھەممە ئادەم ئۇنى سەكراتىدا كۆرىدۇ دىيىشىۋاتاتتى . مەن نېمىشقا ئۇنى كۆرمەيلا ئۆلگەندىمەن ؟ نېمىشقا ، زادى نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ ؟ مەن ساپساقلام تۇرسام ، مەن يا ھېچ بىر ئاغرىققا پاتمىغان ھالدا ئۆلدۈم دېسەم ، بۇ قانداق گەپ بوپ كەتتى ؟ ھە توختا ! ئەمدى يادىمغا كەلدى ، مەن ئۆلدۈم دەپ تۇراي ، چوقۇم مەن ئۆلۈش جەريانىمنى ئەسلىيەلىشىم مۇمكىن . ئېسىمدە قېلىشىچە بىز بىر بۆلۈك ئاغىينىلە ، ياق ، دوست بۇرادەرلە يازلىق ساياھەت قىلىشىمىز دىيىشىپ ماشىنىدا كېتىپ باراتتۇق . توغرا ، ئەمدى يادىمغا كەلدى . بىز توغرا لىنىيەدە كېتىۋاتساق ئالدىمىزدا ئوڭ تەرەپتە كېتىۋاتقان ماشىنا توساتتىن تۈز يولدا سولغا بۇرۇلۇپلا يولدىن چىقىپ كەتكەن . شۇ ئارلىقتا بىز ماۋۇ ماشىن دىيىشىپلا قالغان ۋە قاتتىق بىر گۈپ قىلىپ ئاۋاز چىققان . راست ، مەن شۇنىڭدىن كىيىن ئىنتايىن زەئىپ ھالدا بىر قانچىنى ئېڭرىغانلىقىمنى بىلىمەن . دېمەك ، مەن شۇنىڭدىن كىيىن ئۆلۈپتىمەندە ...... توختا ، مەن ئۆلگەن بولسام چوقۇم ئۇستخانلىرىم چېقىلغان ، بەدەنلىرىم يېرىلغان بولىشى كېرەك . قېنى قەيەرلىرىم سۇنغان ، يېرىلغاندۇ ؟ - دەپ ، بەدەنلىرىنى سىيپاشلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدىيۇ ، ئەمما مۇمكىن بولمىدى . چۈنكى ئۇ ھاياتىدىكى ئەڭ مەجروھلۇق ھالىتىدە ئىدى . ئۇ جاننى پەقەت ئەزرائىل پەرىشتە كېلىپلا ئالىدۇ دەپ ئويلايتتى . ئەمدى ئەنە شۇ خىل ھادىسىلەرنىڭ ھەم ئەزرائىلنىڭ ئورنىدا بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشەندى . ئۇ بۇ ھالىتىدە ئىلگىركى ھاياتىنى ئەسلەپ تولىمۇ پۇشايمان قىلدى . ئۇ قانچە ئەسلىگەنسىرى شۇنچە پۇشايمان قىلاتتى .
بىر ۋاقىتتا بىر تونۇش ئاۋاز << جامائەت ئاكام قانداق كىشى ئىدى ؟ >> دېگەنكى ئاۋاز بىلەن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ رەسمىيەت ئۈچۈنلا ياخشى كىشى ئىدى دەپ ئورنىلىرىدىن قوپۇشقانلىرى بىلەن بارا - بارا ئادەم توپى ئازلاشقا باشلىدى . قارىغاندا ئۇلار ئۇنىڭ يېنىدىن قايتىشىۋاتقان چېغى ئىدى . تۇرسۇن بۇ ۋاقىتتا ھەقىقەتەن ئۆزىنى يەككە - يىگانە ھىس قىلىشقا ، ئۆزىگە ھەقىقەتەن ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە مەڭگۈ بىرگە تۇرىدىغان بىر ھەمراھقا مۇھتاج بولىۋاتقانلىقىنى تونۇشقا باشلىدى . كۆپچىلىكنىڭ ئاياق تېۋىشى ئاستا - ئاستا يوقاشقا باشلىغانسېرى ئۇ شۇنچە يىگانە قېلىۋاتاتتى . توساتتىن ئىككى كىشىنىڭ ئاياق تاۋۇشى ئۇ تەرەپكە بارغانچە يېقىنلاپ كېلىپ ، ئاستاغىنە توختاپ ئولتۇرۇپ تۇنۇشلا بىرسىنىڭ يەككە ھالدا قۇرئان ئوقۇغان ئاۋازى بىلەن ئۇنىڭ ھېلىقى يىگانىلىقى ئاستا - ئاستا تەسكىن تېپىشقا باشلىدى . ئۇ ئوقۇلىۋاتقان قۇرئاننىڭ ئاۋازى ئاستىدا نۇرغۇنلىغان پىكىرلەرگە كىرىشىپ كەتكەن ئىدى . ئۇ ھاياتىدىكى نۇرغۇنلىغان بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتلىرى ، نۇرغۇنلىغان قىلغان يامان ئىشلىرى ، ياخشى ئەمەللەردىن ، بولۇپمۇ ئىبادەتلەردىن يىراق تۇرغانكى ئەھۋالاتلىرىنى ئەسلەپ ھەقىقەتەن ئىنتايىن پۇشايمان ئىلكىگە سىڭىشىپ كېتىۋاتاتتى . ئۇ ئاھ ئۇراتتى . ئۇ ھەر قانچە پۇشايمان قىلغان بولسىمۇ بەرىبىر ئىدى . ئۇ گەرچە بۇ بەرىبىرلىكنى بىلسىمۇ ، يەنىلا بىر يەردىن كىچىككىناڭ بولسىمۇ ئۈمىد تۇغۇلۇپ قالىدىغاندەك ، توساتتىن ھاياتلىققا قايتىپ بار ئاۋازى بىلەن << مەن ئۆلمىگەن تۇرسام ، نېمىشقا مېنى قەبرىگە دەپنە قىلىۋاتىسىلەر !!!!! >> دەپ توۋلىغۇسى ، شۇئان قۇرئان ئوقۇۋاتقان كىشى توختاپ يېنىدىكى كىشى بىلەن ئىككىسى قەبرىنى ئېچىپ ئۇنى يورۇق دۇنياغا قايتا ئېلىپ چىقىدىغاندەك ئۈمۈدىدە ئىدى . ئۇ ئەنە شۇ ئارزۇدا ھەقىقەتەن جىددىي تىپچەكلەشكە باشلىدى . ئەمما تولىمۇ ئەپسۇس ، ئۇنىڭ تىپچىكلىشى پەقەت كىچىككىنە يەردىلا تەيىن تېپىش بىلەن ھېچ كېڭەيمەيتتى . ھېچ بەدەنلىرىنىڭ باشقا تەرەپلىرىگە ھېلىقى كۈچەپ تىپچىكلەۋاتقانلىرى بارمايۋاتاتتى . ئۇنىڭ ئۈمۈدى پەقەت ئازراقلا بەدەنىي تىپچىكلەشكە ئېرىشىۋالسىلا ئاندىن كۈچىنىڭ بارىچە ياكى بولمىسا ئانچىكى ئېڭراپ بولسىمۇ يېنىدىكى ئىككى كىشىگە ئۆزىنىڭ ھاياتلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ياردىمىدە بۇ قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇپ كېتىش ئىدى . ئەمما سىلەرمۇ بىلىسىلەر ، ئۇ بۇ ھالەتتىن قانداقمۇ قۇتۇلۇپ كېتەلىسۇن ؟ ئۇ كۈچەپ يۇلقۇناتتى ، ئۆزىنىڭ كىملىكى يەنە بەدىنىگە يېتىپ چوڭۇيىشىنى شۇنچە ئارزۇ قىلاتتى . ئەمما بۇ پەقەت مۇمكىن بولمايۋاتاتتى . بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ھېلىقى قۇرئان ئوقۇلغان ئاۋاز << ۋەلھەمدۇلىللاھى رەببىل ئالەمىين >> دېگەنكى ئايەت بىلەن ئاياقلىشىپ ئۇ ئىككەيلەن بىرلىكتە ئورنىلىرىدىن تۇرۇشتى .
شۇ ئەسنادا ئىككەيلەننىڭ يەنە بىرى سۆز قىلىپ - تۇرسۇن ! بىزدىن رازى بوپ كەتكىن . كىچىكىمىزدە ھەقىقەتەن ياخشى ئۆتكەن ئىدۇق . ئەمما چوڭايغانسېرى سېنىڭ مەنسەپكە ، بايلىققا ، ئابرويغا بولغان نەپسىڭ يوغانغانسېرى بىزدىن يىراقلىشىپ كەتتىڭ . ھەتتا بىزگە ئېرەن قىلمايدىغان ھالەتكىمۇ يەتتىڭ . بىز ھەر قانچە بىزدىن يىراق بولۇپ كەتمەسلىكىڭنى ، بۇ دۇنيالىقمۇ بولسۇن ھەم ئاخىرەتلىكمۇ بولسۇن ئۈچۈن ئېيتقان ۋەزلىرىمىزنى ، ئەگەر سەن خالىساڭلا بىرلىكتە توغرا يولدا مېڭىپ ئىبادەت بىلەن ئۆتمەكلىكنى ئىشتكىنىمىزدە ، سەن توغرا بولمىغان سۆزلەرنى قىلىپ بىزنى بارا - بارا ئۇنداق سۆزلەرنى ئېغىزىمىزدىن چىقارماسلىققا ، ھەمدە سەن بىزنى كۆرگىنىڭدە ئۆزەڭنى ئېلىپ قېچىپ دوسلىقىمىزنىڭ ئىلگىركىدەك تۇرىشىدىن ۋاز كەچكىنىڭ سەۋەبى بىلەن ھاياتىي دۇنيادا ھەقىقەتەن يىراقلىشىپ كەتكەن ئىدۇق . بىز مۇشۇ كۈنلىرىڭنىڭ بۈگۈنكىدەك ئەھۋالغا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، بۇنچە چوڭ زىيانكارلىق ئىچىدە پۇشايمان چېكىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ نۇرغۇن يىل ساڭا ياخشى سۆزلەرنى قىلىشقان ئىدۇق . ئەمما ، سەن بۇنى خۇش كۆرمىدىڭ . سەن يەنىلا ئابرۇينى ، مەنسەپنى ، مال - دۇنيانى دەپ ۋىجدانىدىن ، ئىمانىدىن كېچىش بەدىلىگە يەتمەكلىكنى تىلەشكەن ئاشۇ بىر توپ ھاماقەتلەر بىلەن بىرگە يۈرۈشنى تاللىدىڭ . مانا بۈگۈن بىلدىڭكى ، ئۇ نەرسىلەردىن ھېچ نەرسە سېنىڭ ئەمەس . ھەممە قولۇڭدىن كەتتى . بۈگۈن يېنىڭدا پەقەت ئىلگىرى نېمىلەرنى ئىشلىگەن بولساڭ شۇ ئەمەللىرىڭنىڭ ياخشى - يامانلىقتەك نەتىجىسى قالدى . بىزدىن رازى بولغىن . بىز ئىلگىرى قولىمىزدىن كېلىشىچە ساڭا ياخشى بولسۇن ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان سۆزلەرنى ، ۋاقىتلارنى ئاجىراتقان ئىدۇق . ئەمما سەن داۋاملىق رەت قىلىپ كەلگەن ئىدىڭ . سەن ھازىر ھەقىقەتەن بۇ گەپلىرىمىزدىن تېخىمۇ پۇشايمانغا چۆكتۈڭ . نېمىلا دېگەن بىلەن بىز ساڭا مۇشىنچىلىك بولسىمۇ ياردەمدە بولالىدۇق . ھەر قانچە قىلساقمۇ مەڭگۈ سەن بىلەن بىرگە بولالمايمىز . ئەمدى بىز پەقەت ئاللاھقا ئامانەتلا دىيەلەيمىز . بىزدىن رازى بولغىن !
ئۇلار - يۈر ماڭايلى ! - دىيىشىپ تۇرغان ئورنىلىرىدىن قوزغۇلۇشتى . تۇرسۇن ئىلگىركى ۋەزلىك سۆزلەرنىڭ تەكتىگە بۈگۈنكىدەك يەتمىگەن ئىدى . ئۇ ئىلگىركى ۋاقىتتىكى ئاغىينىلىرىنىڭ ئاياق تېۋىشى بارغانچە يىراقلاشقانسېرى شۇنچە يۇلقۇنۇپ كەتتى . ئۇ شۇنداق نىدا قىلاتتى . - ياق ! مېنى تاشلاپ كەتمەڭلار ، مېنى بۇنچە ئەھۋالدا تاشلاپ كېتىشكە قانداقمۇ چىدايسىلە ، مەن سىلەر بىلەن بىرگە كېتىمەن ، مېنى ساقلاپ تۇرۇڭلا ..... ئۇ بارغانچە كۈچلۈك يۇلقۇنۇشقا باشلىدى . ئۇ كۈچەيتتى ، ئۇ ھەر قانچە كۈچىسىمۇ يەنىلا ئۇنىڭ كۈچى تىنىنى ھەتتا مۇنداقراق مىدىرلىتىشقا يەتمەيتتى ، ھەتتا تىنى ئارقىلىق ئىلگىركىدەك بىرنى تىنىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى . ئاياق تېۋىشى ئۇنىڭدىن قانچە يىراقلاشقانسېرى ئۇنىڭ تىپچىكلىشى شۇنچە كۈچەپ كەتتى . ئۇ شۇ تاپتا ئۇزۇن يىل ئۇسسۇزلۇقتا چاڭقاپ كەتكەن ئادەمدەك ئۇ ئىككىسىگە تەلمۈرەتتى . خۇددى ئاشۇ ئىككىسىلا ئۆزىنى بۇ خىل دىشۋارچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئالالايدىغاندەك ئۇلارغا ئەگەشكۈسى كەلدىيۇ ، ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ مۇمكىن بولمايۋاتاتتى . ئاياق تېۋىشىنىڭ يوقۇلۇشى بىلەنلا توساتتىن يەر زېمىن ئىنتايىن قاتتىق تەۋرەشكە باشلىدى . باياتىن روھىي جەھەتتىن شۇنچە دىشۋارچىلىقلارغا چۆكۈپ كەتكەن تۇرسۇننىڭ بۇ زىلزىلىدىن پەقەتلا ھالى قالمىغان ئىدى . ئۇ شۇنداق تۇرسىمۇ يەنىلا بۇ زىلزىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇيان - بۇيان تىپچىكلەيتتى . ئەمما بۇ يەرنىڭ تەۋرىنىشى بارغانچە كۈچىيىپ ھەتتا ئۇنىمۇ قېتىپ سىلكىشكە باشلىدى . ئۇ توۋلايتتى . ئۇ ئۈنىنىڭ بارىچە توۋلايتتى . ئۇ ئاخىرىدا ئۆزىمۇ سەزمەستىن ياراتقۇچىنى تىلىغا ئېلىپ كەتتى . - يا رەببىم ! يا خۇدايىم ! ۋاي خۇدايىم ! مېنى قۇتقۇزۇۋال ! ۋايجان ! ۋايجان ! ۋايجان ! .............
ئۇ شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ ئايالى ئۇنى قاتتىق سىلكىشكە باشلىغان ئىدى .
- تۇرسۇن ! تۇرسۇن ! كۆزىڭىزنى ئېچىڭ دەيمەن ! تۇرسۇن ! ئادەمنى قورقۇتماڭە ....
ئۇنىڭ قەبرىدە ئېيتقان ئاللاھنى زىكرى قىلىپ ئېيتقان ئاۋازى ئەسلىيىتىدە ئېيتىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئايالى رەيھان ئەنە شۇ ئىنتايىن شۈركىنىشلىك ۋەزنىلىك ئېيتىلغان ئاۋازدىن ئويغۇنۇپ كەتكەن ئىدى .  بۇ ۋاقىتتا تۇرسۇننىڭ چىرايى قارداپ ، يۈرىكى توختاۋسىز سوقۇپ ، ئۆپكىسى ئاغزىغا قاپلىشىپ قالغان ئىدى . ئۇ ھازىرمۇ يەنە شۇ سۆزلەرنى تەكرارلايتتى .
- ۋاي خۇدايىم ! ۋاي خۇدايىم ! ۋاي قانداق قىلارمەن . ۋايجان ! ۋايجان !
ئۇ شۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاچ ئويغاندى دە ، يېنىدا ئايالىنىڭ ئۇنى سىلكىپ تۇرغان ۋە يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىۋاتقان چىراق نۇرى يۇرۇق ئۆزىنىڭ ئۆيى ئىچىدە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ، - مەن ئۆلمۈدۈمما ؟ مەن ھاياتما ؟ ھە مەن ھاياتكەنمەن ......
ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇددى ھازىرلا چانىقىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەكلا تۇراتتى . يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەكلا قىلاتتى . ئۇ شۇ ئەسنادا سەل ئەسلىگە كەلگەندەك بولىۋېلىپ ھۆڭىرەپ يىغلاپ كەتتى . ئۇ شۇ يىغا ئىچىدە ئايالىغا شۇلارنى ئېيتاتتى . - مەن ئۆلدۈم رەيھان ، مەن ئۆلدۈم . مەن شۇ تاپتا قەبرىدىن يېنىپ چىقتىم . مەن شۇنچە قىلساممۇ ھېچ كىشى ماڭا ياردەم قىلالمىدى . پەقەت ، پەقەت خۇدانىلا چاقىرىۋېدىم مەن قايتىپ كەلدىم رەيھان . بولمىسا قەبرىدىن چىقالمايلا شۇ ئۆلگىنىمچە ئۆلۈپلا كەتكەن بولاتتىم . خۇدا ماڭا يەنە رىزىق بەردى . ماڭا يەنە پۇرسەت بەردى رەيھان . مەن تەۋبە قىلدىم . مەن ئەمدى دۇنيانى دەپ ۋىجداننى ساتمايمەن رەيھان . ئارلىشىدىغان ئادەملىرىمنى يەڭگۈشلەيمەن . ئۇلار نېمىلەرنى دەپ كەتسۇن ماڭا بەرىبىر ، ئىش قىلىپ مەن ئەمدى قايتا بۇنچە قورقۇنۇشلۇق ئۆلۈشنى خالىمايمەن ، ھە ، ھە ، ھە ، .......
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە قاتتىق قاتتىق تىناتتى . ھەمدە بەدەنلىرىگە قارايتتى ۋە قول - پۇتلىرىنى سىيپايتتى . ئۇ ھازىرقى ھالىدىن ئىنتايىن رازى ئىدى . گەرچە چىرايىغا دەماللىققا كۈلكە كەلتۈرەلمىسىمۇ ئەمما ، ئۇ ھاياتىغا يەنە بىر قېتىم قايتىپ كەلگەنلىكىگە تولىمۇ خۇش ئىدى . ئۇنىڭ دىمى ئاستا - ئاستا بېسىقىشىغا ، توساتتىن دائىما ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدىن ئاڭلىنىپ نامازغا چاقىرىپ تۇرىدىغان ئەزان ئاۋازى ئەرەبچە ئاھاڭ بىلەن قەلىبلەرنىڭ مايىللىقىنى ئۆزىگە تارتقىنىچە ئاڭلىنىشقا باشلىدى . ئۇ دەررۇ يادىغا ئالدى دە ، ئۆزىگە ئۆزى ئېيتىپ ، - بۇ باياقى قۇرئان ئوقۇغان ئاۋاز ئەمەسمۇ ، ھە ، بۇ تۇردى قارىي مەزىننىڭ ئەزان ئاۋازى ئىكەن . بولدى قوي ، مۇشىنچىلىك ياشاپتىمەن . كۆرىدىغاننى كۆرۈپتىمەن . قىلىدىغاننى قىلىپتىمەن . ئەمدى مېنىڭ بۇ دۇنياغا تارتىشقۇدەك ھېچ نېمەم قالمىدى . ئەمدى مەن توغرا يولدا ماڭىمەن . قەبرەمگە ياخشى ئەمەلىمنى ، ئاللاھنىڭ ياردىمىنى ، ئەسلى بەندىسىدە بولىدىغان مۇھەببىتىنى ئېلىپ بارىمەن . رەيھان ! بول چاپسان ، ماڭا تاھارەتكە سۇ بەر . سەنمۇ بۈگۈندىن باشلاپ بەش ناماز بول ، بىلمىگەننى ئۆگۈنىمىز ، بىلگەنگە ئەمەل قىلىمىز . مەن قالغان كۈنگە سەنمۇ قالما ، ئۇ كۈن ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق رەيھان . بول چاپسان ، مەن بۈگۈندىن باشلاپ ئۆزەمگە ئۆزەم ئادەم . بۈگۈندىن باشلاپ پەقەت رەببىمنىڭلا ئىتائىتىدە بولىدىغان ئادەم . ئۇنىڭدىن باشقىسى قۇرۇپ كەتسۇن !!!!
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە تاھارەت ئېلىپ مەسجىدكە كىرىپ كەتتى .

شۇنداق . بۇنىڭدەك ئاگاھلاندۇرۇش ھەممىلا ئادەمگە نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ . تۇرسۇن تونىدىكى ، ئۇ بىر قېتىم توساتتىنلا بىر ئۆلدى . خۇددى توساتتىنلا ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىگە ئوخشاشلا ئۆلۈپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكەندەك قەبرىدىن يېنىپ چىقتى . بۇنىڭدەك ھېكايىلەر جەمىيىتىمىزدە ئىنتايىن كۆپ . ھەمدە بۇ خىل ھېكايىلەرگە شاھىت بولغانكى كىشىلەرنىڭ تەقۋالىقتا بولۇش بىلەن ھەممىلەرگە ئىماندا ، دىندا بولۇشتەك ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن جاۋاب بېرىپ ، رىيئال ئاشكارا باشقىلارغا ئۆرنەك بولۇش بىلەن يامان يولدىن بىراقلا يېنىپ توغرىغا قايتقان كىشىلەر ھەم مەۋجۇتتۇر . ئەنە شۇنىڭدەك كىشىنىڭ يادىدىن چىقماسلىقتەك بىرەر ئىشلار سەۋەبلىك كىشىنىڭ دىنى ھەقىقەتەن بىر قانچە قەدەم يۈكسەلگۈسىدۇر . ئەنە شۇ يۈكسىلىشلەردىكى قەدەملەر باشقىلارغا ئۈلگە بولغۇسىدۇر .

مەنبە : مەن .

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
50382
يازما
78
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
78
تىزىملاتقان
2013-5-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
45 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 17:46:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يىزىلغان ھىكايەكەن،بۇنىڭ باشقا ۋارىيانتىنى مىراس جورنىلىدا كۆرگەنىدىم!

باھا سۆز

yawaghaz  «ۋارىيانت» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمە؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 18:16:42

UID
50834
يازما
77
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
77
تىزىملاتقان
2013-5-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-20
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 18:15:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى ئىنتايىن ياخشىكەن،ئاپىرىن،بىراق سۆز جۈملىلەر بەزى جايلاردا تازا ئوبدان قاملاشمىغاندەك بىلىندى ماڭا.

UID
52655
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2013-6-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 19:06:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلگە ياخشىلىق قىلغىنىڭ
كۆكتە  پەرۋاز   قىلغىنىڭ
ئەلدىن ئايرىلىپ قالغىنىڭ
گۆرگە  كىرىپ  قالغىنىڭ

ئەسسالاممۇئەلەيكۇم . ئەليار ھەرخىل مەزمۇن ۋە شەكىلدىكى ئۇچۇرلاردىن ئۆزئارا ھەمبەھىر بولۇش ئۇندىدار سۇپىسى  سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.

ئەليار ئۇندىدار سۇپىسىنىڭ ئىزدەش نومۇرى : ELYAR_UG

UID
14934
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
149
تىزىملاتقان
2011-9-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-5
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 19:11:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا رەھمەت قىلسۇن بۇ تېما ئىگىسىگە

UID
43641
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2012-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-28
توردا
56 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 22:51:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى ياخشىكەن ،قولىڭىز غا دەرىت بەرمىسۇن،،،

UID
52564
يازما
38
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
38
تىزىملاتقان
2013-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 11:22:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئۈلۈشكۈن  باغداش  ئېچلمايدىغان  بولۇپ  قالدى،كىيىن  سوخو  توردا ھوكۈمەت تەرپىدىن جازا چارە كۆرۈلىگەنلىكىنى كۆردۈم، باشقا تورداشلارنىڭ بۇ ھەققىدىكى پاراڭلارنىمۇ ئاڭىلىدىم.
      بەزىلەر،باغداشتا ھېچىقانداق گۇناھ يوق قانۇنغا خىلاپ قىلمىدىغۇ دېدى. بىراق مېنڭچە ما گەپ ئادىل  بولمىدى. ئالايلۇق، يېقنىدا باغداشتا مۇسۇلمان قېرنداش مللەت ئارسغا زىددىيەت سالدىغان،  قازاقلارنى ھاقارەتلەيدىغان،مىللي ئۆچ-ئاداۋەتىنى قۇتىرتىدىغان سۆز-پىكىرلەر ئاۋىپ قالدى، ئىشېشپ كەتىتى .
     ئۇنىڭدىن باشقا، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت دەپ بۆلگۈنىچلىك قىلدىغان ،تەشۋىق قىلدىغان، بۇنى باش سۈرئەت قېلىۋالغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇنداق ئەمللىيەتكە،ھازىرقى دەۋىر  ئۇيغۇن كەلمەيىدىغان ئىدىيە-پىكىر مللىتىمىزنىڭ،ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئۈچۈنمۇ پايدىسى يوق. يانا بۇنى ئېشەك ئۇنى ھايۋان،ئانى غالچا مانى كاپىر، بۇنى يوق قىلىمىز ئۇنى پوق قىلىمىز دەپ داۋىراڭ قىلدىغانلار مللىتىمىزنى نەگە باشلىماقىچى؟ بۇنداق قارىغولارچە تىللاشىنڭ ئۆزى نادانلىق،ئەھمىيتى يوق ئىشلار.
     باغداشتا ئېسىل تىمالاربار،لىكىن دۆلەت قانۇنغا زىت مەزمۇنلارىمۇ ئاز ئەمەس،ئۆزىمىزنى، ئۆزگىنىمۇ ئايايلى قېرىنداشلار!

باھا سۆز

dua0997  دوپپىنىڭ تىگىدىكى باش راسىت سىزنىڭما؟!  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 19:53:39

UID
52314
يازما
68
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2013-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
78 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 20:26:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
paylasop2000 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-10 11:22
ئۈلۈشكۈن  باغداش  ئېچلمايدىغان  بولۇپ  قالدى،كىيىن   ...

باغداشتا ئېسىل تىمالاربار،لىكىن دۆلەت قانۇنغا زىت مەزمۇنلارىمۇ ئاز ئەمەس،ئۆزىمىزنى، ئۆزگىنىمۇ ئايايلى قېرىنداشلار!


پەيلاسوپ ئالىيلىرى ! سىلى بۇ سۆزنى دىيىش ئارقىلىق نېمە دېمەكچى ؟ بۇ قۇرلىرىڭىز توساتتىنلا چۈشۈپ قالدىمۇ يا راستىنلا تېمىدا بىرەر سىياسىيغا قارىتا سىز تاپىلاپ قويغۇدەك بىرەر نەرسىلەرنى ئۇچىراتتىڭىزمۇ ؟ بارلىق تېمىلارغا كىرىپ يازدىمىكىن دەپمۇ قالغان ئىدىم . قارىسام بۇ ئىنكاسىڭىز مۇشۇ تېمىدىلا باركەن . مەن راستىنلا چۈشىنىپ بولالمىدىم . سىلەر پەيلاسوپلار ئىنتايىن ئىنچىكە ۋە ئىنتايىن مەنالىق كىشىلەر .



باشقا تورداشلارنىڭ قوللىغىنىغا رەھمەت . يېتەرسىز يەرلەرنى كۆرسىتىش بېرىشىڭلەرنى سورايمەن . چۈنكى مەن بىر ئوقۇغۇچى .

UID
52655
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2013-6-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 01:53:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلگە ياخشىلىق قىلغىنىڭ
كۆكتە  پەرۋاز   قىلغىنىڭ
ئەلدىن ئايرىلىپ قالغىنىڭ
گۆرگە  كىرىپ  قالغىنىڭ
ئەليار ئۇندىدار سۇپىسى بارلىق قېرىنداشلار ئەۋەتكەن يېزىق، رەسىم، ئاۋاز، فىلىم قاتارلىق شەكىلدىكى ھەرخىل مەزمۇنلارنى ھەمبەھىرلەش ئۇندىدار سۇپىسى بولۇپ ، ئۇ سىزنىڭ ، بىزنىڭ شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئۇندىدار سەھنىسى . قېنى ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە ، ئەلگە يار-يۆلەك بولۇپ ،ئەڭ يېڭى ،ئەڭ ئېسىل ، ئەڭ پايدىلىق ئۇچۇرلاردىن ھەمبەھىرلىنەيلى ، مۇشۇ سەھنىدىن پايدىلىنىپ سىردىشايلى،مۇڭدىشايلى ۋە ناخشا ،يۇمۇر ئېيتىپ خوشال ياشايلى !
ئەليار ئۇندىدار سۇپىسىنىڭ ئىزدەش نومۇرى : ELYAR_UG

UID
52717
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-6-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-26
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 03:22:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى ياخشىكەن ،قولىڭىز غا دەرىت بەرمىسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش