كۆرۈش: 1554|ئىنكاس: 18

باي بولسىلا كۆپ خوتۇن راۋا بولامدۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
52578
يازما
5
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 21:54:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                   باي بولسىلا كۆپ خوتۇن راۋا بولامدۇ
                                            ئاپتورى:ئابلىكىم ئابدۇكىرىم  (چىش دوختۇر)
تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم كىشلىرىمىزنىڭ يانچۇقى توملۇشۇپ شەھەرنىڭ ئۇ دوقىدىن بۇ دوقىدىن ، ئۇ شەھەردىن بۇ شەھەردىن ئۆي سىتىۋىلىپ بۇ جەمىئىيەت شۇنداق تەرەققىي قىلغان چوڭ شەھەرلەرمۇ ئۇلارنىڭ ھەرخىل ھەۋەسلىرىنى قاندۇرالماي بار يوققا شۇكىرى قانائەت قىلىپ ئۆتكەن، باللىرىنى ياخشى تەربىيلەۋاتقان، شۇ ئەرنى قوللاپ ئائىلىسىنى گۇلدەك تۇتقان، پۇللىرىنىڭ كۆپىيشىگە يار يۆلەك بولغان، كىر قاتلىرىنى يۇيۇپ چىرايلىق كىيگۈزۇپ جەمىئىيەتتە سالاپەتلىك قىلىپ قويغان، پەرىشتىدەك خوتۇنى چىرايلىق ئامراق باللىرىنىڭ ئانىسى ئەمدىلىكتە كۆزىگە سىغماي ئەسلىنى ئۇنتۇپ مەنمەنچىلىك، دورامچىلىق، بەسلىشىش كەيپىياتلىرى ئۇلاردا شەكىللىنىپ ئۆزنىڭ ساغلام، خاتىرجەم تەرەققى قىلىشىغا ناھايىتى زور تەسىرلەرنى يەتكۈزمەكتە. بىز ئۇيغۇرلاردا‹‹قىرىغاندا بۇزۇلغان ئادەم ئۆلگەندە تۇزلەر››دەيدىغان ھىكىمەتلىك سۆز بار، بىر قىسىم بايلىرىمىز خاتىرجەم ياشاشنى ئۇنتۇپ مودا قىزلارغا كۆزنى قىزارتىپ ئەي ئىسىت 30 يىل كىيىن تۇغۇلغان بولسامچۇ، ھازىرقى يىگىتلەر بۇنداق چىرايلىق قىزلارنىڭ قەدىرنى بىلمەيدۇدە، بۇلارغا قارسام بىر-بىردىن چىرايلىق، بىزنىڭ دەۋرىمىزدە بۇنداق چىرايلىق قىزلار تۇغۇلمىغان بولغۇيمىتى، ئاۋۇ كاساپەتنىڭ تولغان يىرىم ئوچۇق كۆكسى بىلەن يوتسىغا قارغىنە، ھازىرقى بىلىگە سۇيۇق ئاش بارمىغان كەچلىرى ئۆيگە كىرمەي ھەرقىسىم نەرسىلەرنى ئىچىپ، چىكىپ لاغايلاپ يۇرۇپ چۇشكىچە شالىسىنى ئىقىتىپ ئۇخلايدىغان بىلى بوش، لايغەزەل گۇيلار بىجرىمرەك بولغان بولسا مۇنۇ كاساپەتلەر بۇنداق يىرىم-يالىڭاچ يۇرەلمىگەن بولغۇيتى، ھە...يىگىتلىرىمىز بىجرىم بولغان بولسا بىز نىمگە قاراپ كۆزىمىزنىڭ پىتىنى ئۆلتۈرەر بولغۇيتۇق دەپ ئۆزنىڭ نەۋرىسىدەك، قىزلارغا يامان كۆزى بىلەن قارايدىغان، يەنە بىرقىسىملىرى ئۆزىنىڭ نۇمۇس كۇچىنى قايرىپ قويۇپ ئۇلاربىلەن سالاملاشقىسى كىلىپ زورلاپ مىھمان قىلىپ تونۇشۇپ،ھەرخىل زىبۇ-زىننەتلەرنى سوۋغا قىلىپ قىرىغىنىنى ئۇنتۇپ، ئۆزنىڭ باللىرى بىلەن تەڭ قىزلارغا تەلەپ قويۇپ كۆيدۇم، سىز سىز غىزا ئۇيقا يوق دەپ كەينىگە كىرۋىلىپ ئۆزنىڭ جەمىئىيەتتىكى ئىززەت ئابرويىنى پەسكەشلەرچە خورلاپ ياشىماقتا . ئۇ قىزلارمۇ بۇ بايلاردىن كەلگەن ئازغىنە مەنپەت مال دۇنياغا ھىرىسمەن بولۇپ ئۇلارنىڭ شىرىن-شىكەر سۆزلىرىگە ئالدىنىپ قىزلىق ئىپپىتىنى ۋەيران قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىززەت ئابرويىنى خورلاپ ئاللا قاچان شۇ باينىڭ توقۇلى بولۇپ قالغىنىنى ئويلاپ يەتكەندە پۇشايماننى ئالدىغان قاچا يوق ھەسرەت ئاھۇ زار بىلەن ياشىماقتا.
بىر قىسىم تىجارەتچىللىرىمىز تىجارەت ئۇچۇن ئۇ شەھەر بۇ شەھەرلەردە يۇرۇپ شۇ شەھەرنىڭ سەتەڭلىرىگە كۆزى چۇشۇپ، مۇنۇ شەھەردىكى گۇلدەك ئايالى بالا چاقلىرىنى ئۇنتۇپ،  شۇ شەھەرنىڭ سەتەڭلىرىگە بۇزلۇپ،  ساختا جاڭزا بىجرىپ،  كالاچ ئوغۇرسى قارىملاردىن بىرەرنى تىپىپ نىكاھ قىلدۇرۇپ ، ئۆي سىتىۋىلىپ بىرگە ياشاپ ۋاقىتلىق راھەت سۇرۇپ، تاپقىنىنى شۇ سەتەڭگە كەيدۇرۇپ، ھەرخىل سورۇنلاردا چوڭ يەپ چوڭ ئىچىپ، ئۆزىنى ئۇنتۇپ، دەسمى غالتەككە چىققاندا، ئاۋۇ سەتەڭ خوتۇن ئۆيدىن ھەيدەپ چىقارغاندا، زىيان تارتتىم، ۋەيران بولدۇم دەپ مۇنۇ شەھەردىكى كۆيۇمچان خوتۇن بالا چاقىللىرىنىڭ يىنىغا سالپىيىپ كەلگەن ئەرلەرنىمۇ كۆردۇق .
يەنە بىرقىسىم ياشلىرىمىز بۇلارنى دوراپ ئەرگە تۆت خوتۇن راۋا بولدىغۇ دەپ كىچىككىنە تاپقان پۇلغا ئاتا-ئانىسىنىڭ بايلىقىغا ئىشنىپ كۆرەڭلەپ ئۆيدىكى خوتۇن باللىرىغا خىيانەت قىلىپ، جەمىئيەتتىكى ھەرخىل سورۇنلاردا ئويناپ ياشىغىنى ئاز كىلىپ چىرايلىق قىزلارنى كۆرگەندە مەن تىخى توي قىلمىدىم دەپ قىزلارنى ئۆزىگە ئىشەندۇرۇپ، ئۆرۇپ-ئادىتىمىزگە مۇخالىپ بولغان ھەرخىل سورۇنلارغا باشلاپ بىرىپ ئۇ قىزلارنى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىن-قاتتىق  شەرمىي-ھاياسىز بولۇپ يىتىشكەندە خوتنى يۆتكەپ ئۇ قىزلارنى تاشلاپ باشقا چىرايلىق ساددا قىزلارنىڭ كەينىگە كىرۋىلىپ، ئىندەككە كەلتۇرۇپ، ئۇلارنىمۇ شۇ كويغا سىلىپ ياشىماقتا. توي قىلمىسا بولمايدىغان ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە ئۇ قىزلارنى ئالداپ بۇلۇڭ پۇچقاقلاردىن ئۆي ئىجارە ئىلىپ ۋاقىتلىق بىللە تۇرۇپ، دوسلىرىنى باشلاپ چىقىپ ئىچىپ-چىكىپ غەرىق مەس بولغاندا ئۆيدە قوندۇرۇپ قىلىپ ئەتىسى ئۇ قىزغا بۆھتەم چاپلاپ رەسۋا قىلىپ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىپ، ئۆزنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ ياشىماقتا.
بۇلارنىڭ بەزەن سۆزلىرىگە ھەيرانمەن تىخى خىجىل بولماستىن، بۇ جەمىيەت بۇزلۇپ كەتتى، سەدىقىنىڭ ئورنىدا بىشىنى سىلاپ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ قويدۇق، بۇ جەمىئىيەتكە قوشقان تۆھپىمىز بار ۋىجدانلىق ئەر بىز دەيدىكەنسەن، قۇرۇپ كەتسۇن سەندەك تۆھپىكارلار.
ھەقىقىي ۋىجدانلىق ئەركەك بولساڭ ئۆزەڭنىڭ ھەقلەپ نىكاھ قىلىپ ئالغان ئايالىڭغا تۇلۇق ئىگە بول، ئايالىڭنى ئىنساپ شەرمىي-ھايا بىلەن باقالىساڭ، پەرزەنتىڭنى ياخشى تەربىيلەپ بۇجەمئىيەتكە ياراملىق ئەۋلاتلاردىن قىلالىساڭ ئەركەكسەن. ئوغۇرلۇقچە قىزلارنى ئالداپ ساختا جاڭزا بىجىرىپ ئۇياق-بۇياقلاردا، بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا ئۆي تۇتۇپ خالىساڭ خوتۇن قىلىپ خالىمىساڭ ئۇ قىزنىڭ ياشلىق باھارىنى ۋەيران قىلساڭ  ۋىجدانسىز ئوغرىسەن.
سەن باي بولغاندىنكىن گىلىنى باقاسەن، ئۇچىسىغا كىيگۈزەسەن، سەن ئۆزۈڭ كۆندۈرۈپ قويغان ھەرخىل تاماششالارنى ئۇنىڭ كۆڭلى تارتماسمۇ، سىنىڭ ۋاختىڭ يەتمىگەندە باشقىلار بىلەن تاماششا قىلسا سەن نىمە دەسە، سەن دەسمى سىلىپ ئالغان ئۆيۇڭدە نىكاھ قىلىپ ئالغان خوتۇنۇڭ يالغۇزچىلىقتا ئۇھ تارتىپ باشقىلارنى ئۆزىگە ساڭا ئوخشاش ھەمراھ قىلسا سىنىڭ ۋىجدانىڭ كۆتىرەرمۇ ؟ ساڭا بۇجەمئىيەتتىكىلەر قانداق تەخەللۇسلارنى قويار، سىنى نىمە دەپ چاقىرسا بولار.
سەن بىلۋالغىنكى بۇ جەمىئىيەتنى بۇزۋاتقانلار بولسا شەرمى-ھايا ئىپپەت نۇمسىنى قايرىپ قويۇپ كوچىلاردا يىرىم يالىڭاچ كىيىملەرنى كىيۋىلىپ يىگىتلەرنىڭ ئۆزىگە قارشىنى ئارزۇ قىلدىغان سەتەڭلەر، چىرايىنى دەسمىي سىلىپ ئۆزىنىڭ تۇرمىشىنى قامدايدىغان شەرمەندىلەر، ئىپپىتىنى دەپسەندە قىلىپ كۆڭۈل ئاچىدىغان رەسۋالار، ئۆزىنىڭ ئازراق ئەمەل ئىنتىيازىدىن پايدىلنىپ قىزلارنى خالىغانچە دەپسەندە قىلدىغان پارخور ئەمەلدارلار، ساڭا ئوخشاش ئىپپەتلىك مىشچان قىزلارنىڭ كەينىگە كىرۋىلىپ ئىندەككە كەلتۇرۋىلىپ ۋەيران قىلىپ تاشلايدىغان خۇمسىلاردۇر.
سەدىقىنىڭ ئورنىدا ھاجىتىنى راۋا قىلغىڭ بولسا جەمىئيتىمىز دە ئۆينىلەنمەيۋاتقان نۇرغۇن ياشلىرىمىز بارغۇ،  ھەجەپ ئۇلارنىڭ بىشىنى سىيلاشقا قۇربىتىڭ يەتمەپتۇغۇ، بايلىقىڭنىڭ زاكتىنى ئايرىشتىن ئەنسىرەپ تۇغۇلمىغان بالاڭنىڭ بالىسىغا ئۆي سىتىۋىلىپ زاكات بىرىشتىن قۇتۇلماقچى بولغان سەن شۇغۇ، بايلىقىڭنىڭ زاكتىدا قورقماي ئىككى مىسكىننى يۆلەپ قويالماي 30 كۇن رامىزاندا مىسكىنلەرنى بوسۇغاڭدا تەلمۇرتۇپ بەش-ئون كويدىن پۇل بىرىپ بۇ جەمىيەتكە تىلەمچى تەمەخۇرلارنى ئاۋۇتىۋاتقان يەنىلا سەنغۇ، ئۆزۇڭنىڭ نەپسىدىن كىچەلمەي باشقىلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغۇدەك سەندە ئىنساپ نىمە قىلسۇن، سەن بولساڭ ئۆزۇڭنىڭ رەسۋاچىلىقىنى خىجىل بولماي ئاغزىڭغا ئىلىپ پەخىرلىندىغان، نۇمۇس قىلىش، خىجىل بولۇشتىن سەندە قىلچىمۇ ئەسەر يوق ھايۋاندىن پەرىقلەنمەيدىغان بىر ئىنسانغۇ، قىلغان ئىشىڭغا ئىگە بولالماي قىزلارنىڭ ياشلىڭ باھارىنى ۋەيران قىلۋاتقان سەندەكلەردە ۋىجدان نىم قىلسۇن، ئوغۇرلۇقچە قىلغان ئىشىڭنى ھەقلەپ نىكاھ قىلىپ ئالغان خوتۇنۇڭ ئۇقۇپ قىلىپ جىدەل قىلىپ بىشىڭنى ئاغرىتقاندا ياكى پاچىقىڭنىڭ ماغدۇرى يەتمىسە‹‹ئۇچ تالاق›› دەپ ھەيدەپ چىقارساڭ سەندەك ۋىجدانسىزلاردىن سەسكىنگەنلەرنىڭ كۇنى نىمە بولماقچىتى.  سىنىڭ ئاناڭمۇ ئەسلى بىر قىزتىغۇ، ئاچا-سىڭلىڭ يوقمۇ، ساڭا خۇدايىم قىز بەرمەسمۇ،  بىلىپ قوي سەن باشقىلارنى قانداق دەپسەندە قىلغان بولساڭ سىنىڭ قىزىڭنىمۇ،  قىز بىر تۇققانلىرىڭنىمۇ سىنىڭدىن ئاشۇرۇپ دەپسەندە قىلدىغانلىمۇ چىقىپ قالار، بۇ ئۆتنە جاھان ھىچ كىمنىڭ ھىچ كىمدە قالمايدۇ.
سەن ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى ئىنىق بىلۋالقىنكى بۇجاھاندا رەسۋا ۋە رەسۋاچىلىقنى ئاۋۇتۇپ بىرىۋاتقان،  جەمئىيەتنىڭ بۇزلىشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشىۋاتقان،  سىنىڭ قولۇڭدا ۋەيران بولغان قىزلارنىڭ قارغىشىغا مۇيەسسەر بولۋاتقان جاۋاپكارنىڭ جاۋاپكارىسەن.
؛                 قەشقەر    2012 - 9 - 18        

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
45847
يازما
90
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2012-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-5
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 23:31:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى بەك ئەمەليەتنى سۇز لەپسىز جەميەتتە بۇنداق ئىشلار ھازىر بەك كۇپۇيۇپ كىتىپتۇ

UID
3401
يازما
215
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2045
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-24
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 23:42:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈمدىكىدەك گەپنى قىپسىز ...رەھمەت ،جەمىيەت بۇزۇلمىدى ئۈستىدە دىيىلگەندەك ئادەم بۇزۇلدى !

UID
42955
يازما
57
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
57
تىزىملاتقان
2012-7-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-24
توردا
60 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 00:46:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ خوتۇنلۇق بولساتېرىسىگەپاتمىغان بايلارنى جايلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئوسولىدۇر.كۆپ خوتۇنلۇق بولغاندا مەنمەنچى ھاكاۋۇربايۋەتچىلەرنىڭ زېھنىنى،جىسمانى قۇۋىتىنى ،مال دۇنياسىنى خورۇتۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئوسۇلى    ئۇلارنى كۆپ خۇتۇنلۇق بولۇشقادەۋەت قىلىش.

UID
50382
يازما
78
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
78
تىزىملاتقان
2013-5-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
45 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 03:49:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىي گەپنى قىپسىز،

UID
14934
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
149
تىزىملاتقان
2011-9-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-5
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 11:42:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ھەمىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن

UID
49797
يازما
72
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2013-4-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 16:11:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
barisjan يوللىغان ۋاقتى  2013-6-9 00:46
كۆپ خوتۇنلۇق بولساتېرىسىگەپاتمىغان بايلارنى جايلاشنى ...

قېرىندىشىم، ئۇلارنى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا دەۋەت قىلىپ ئىقتىسادىنى خوراتقۇچە، ئۇلارنى شۇ ئىقتىسادنى مىللىتىمىزنىڭ مائارىپ، يىتىملارنى تەربىيلەش ئورۇنلىرى قۇرۇش قاتارلىق مەنىلىك ئىشلارغا ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلساق ئەۋزەلرەك بولماسمۇ ؟

باھا سۆز

karluq02  لېكىن بۇنى ئاڭلايدىغان بايلار قانچىلىككىن؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 19:00:52

UID
48591
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2013-4-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-5
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 17:11:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۋال باشتىن كېلىلى،بۇ تۆت خۇتۇنلۇق قايسى ھاكىمىيەتتە دۇرۇسكەن ۋە قانداق شەرتى بىلەن دۇرۇسكەن ؟

UID
50989
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2013-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-6
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 17:26:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كۆپ خۇتۇنلۇق بۇلۇشنى بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىز دەۋەت قىلىدۇ!   شەرتى بولسا :  ھەممە خۇتۇنىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش ،ئوخشاش كۈيۈنىش، ھەممە خۇتۇنى بىلەن بىر ئۇيدە ئولتۇرۇش ، بىر-بىرىدىن يۇشۇرماسلىق،
ئىختىسادى  كۆپ خۇتۇنلۇق بۇلۇشقا يار بەرگەن ئەھۋالدا كۆپ خۇتۇنلۇق بۇلۇش دىنىمىزدە چەكلەنمىگەن .بىزنىڭ بولباشچىمىز بولغان« ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت رەسۇلۇللا سەللەلاھى ئەلەيھى ۋەسسەللەم» مۇ  
كۆپ خۇتۇنلۇق بولغان ، شۇڭا يۇقۇرقى شەرتلەر ئاستىدا كۆپ خۇتۇنلۇق بۇلسا گۇناھ بولمايدۇ.  لىكىن دۇلىتىمىز قانۇنىدا كۆپ خۇتۇنلۇق بۇلۇشقا يول قويمايدۇ ؟  

UID
51045
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2013-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-31
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 18:32:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىش دوختۇرى ئاداش بىر چىشنى زاماسكىلاپ يامىساڭلار نەچچەپۇل؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش