تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 3388|ئىنكاس: 17

ئەردوغان تۈركىيە خەلقىغە خىتاپ قىلىپ بايانات ئېلان قىلدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

سەلتەنەت كومپيۇتېرى تېخنىكا چە

UID
504
يازما
78
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
435
تىزىملاتقان
2008-11-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-13
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەردوغان تۈركىيە خەلقىغە خىتاپ قىلىپ بايانات ئېلان قىلدى

ئاۋستىرالىيە ئاخبارات تورىنىڭ 7-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە ، تۈركىيە زۇڭلىسى رەجەپ تاھىپ ئەردوغاننىڭ نەچچە مىڭ قوللىغۇچىسى ئالدىنقى كۈنى نامايىش ئۆتكۈزۈپ ئەردوغاننىڭ زىيارەتتىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالغان . بۇ تۈركىيىدە چوڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش باشلانغاندىن بۇيان ئەردوغاننىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم چوڭ كۆلەمدە يىغىلىشى ھېساپلىنىدۇ .
   ئالتىنچى ماي ئەردوغاننى ھەم ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنى قوللايدىغان 3000دىن ئارتۇق نامايىشچى تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدىتىپ «بىز سىز ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازى!» دەپ شوئار توۋلىغاچ ئىستانبۇل ئايرۇدرومىغا كىرىپ شىمالىغا ئافرىقىغا تۆت كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە بېرىپ قايتىپ كەلگەن ئەردوغاننى كۈتۈۋالغان . بۇ تۈركىيىدە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش كۆتۈرۈلگەندىن بۇيان ئىزچىل سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ تۇنجى قېتىم كۈچ كۆرسىتىشى بولۇپ ، تۈركىيىدىكى كىرىزىسنىڭ ھالقىلىق مەزگىلگە كىرگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ .
   ئۇلار ئايرۇدرومدا ئەردوغاننى كۈتۈۋالغان شۇ پەيتتە ئايرۇدرومدىن 25 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى تاكسىم مەيدانىغا نەچچە مىڭ نامايىشچى يىغىلىپ «ئەردوغان ئىستىپا بەرسۇن !» دەپ شوئار توۋلاۋاتاتتى .
   ئەردوغان ھازىر زۇڭلىلىققا ئولتۇرغان 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ ، دۇختۇرخانا تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ئۆتكەن بىر ھەپتىدە ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ، ئىس-تۈتەك بومبىسى ، يۇقىرى بېسىملىق سۇ پومپىسى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ 1000دىن ئارتۇق نامايىشچىنى يارىلاندۇرغان
ئەردوغاننىڭ چەتئەل زىيارىتىدىن قايتىپ ئستانبۇل ئايرودرومىدا سۆزلىگەن نۇتقى ئىستىقلال رادىئوسى خەۋىرى: چەتئەل زىيارىتىدىن قايتقان تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان، 6- ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى كەچ ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلدى. ئىستانبۇل ئاتا تۈرك ئايرودرومىدا ئۆزىنى قارشى ئالغىلى چىققان تۈرك پۇقرالىرىغا ئۆزىنىڭ زىيارەتتە بولغان دۆلەتلەردىكى قىرىنداشلىرىنىڭ ئوتلۇق سالىمىنى يەتكۈزگەن ئەردوغان، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ھەپتىدىن بىرى داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان تەقسىم گەزى باغچىسى نامايىشى ۋەقەسى توغرىسىدا پۈتۈن تۈركىيە خەلقىگە خىتاپ قىلىپ، تۈركىيەنى تەرەققى قىلدۇرۇپ بۈگۈنكى ھالغا كەلدۇق، جازانىخورلۇق سىستىمىسىنىڭ قارشىلىق قىلىشىغا قارىماي بۈگۈنكى سەۋىيەگە يەتتۇق. جازانىخورلۇق سىستىمىسى بىزگە تەھدىت سېلىشقا تىرىشۋاتىدۇ. بۇ مىللەتنىڭ قان – تەرىنى جازانە سىستىمىسىغا ھەرگىزمۇ يەم قىلمايمىز دېدى. ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى: بىز ھېچقاچان ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى رەنجىتىشنىڭ، كۆڭۈللىرىگە ئازار بىرىشنىڭ تەرەپتارى ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش تەرەپتارى بولۇپ كەلدۇق. ئەمما بۇ يولدا تىك تۇردۇقكى باشقىلار تەرىپىدىن تىكلەنمىدۇق. بىزنىڭ قۇرۇق غەۋغا ، جىدەل – ماجرا بىلەن ئىشىمىز بولمايدۇ، بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ئۇرۇپ سۇندۇرۇش، كۆيدۈرۈپ يىقىش ۋە بۇزۇپ تۆكۈش بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەس. بىز ئەمەلى ئىش قىلىشنى بىلىمىز ۋە بۈگۈنكى كۈنگىچە ئەمىلى ئىش ھەرىكىتىمىز بىلەن ، ئۆگۈتۈپ، بىنا قىلىپ تۈركىيەنى تەرەققى قىلدۇرۇپ كەلدۇق. ماراكەش ، ئالجىرىيە ۋە تۇنىستىكى زىيارەتلىرىدىن كىيىن يۇرتىغا قايتقان ئەردوغان، ئىستانبۇل ئاتا تۈرك ئايرودرومى دۆلەت مىھمانخانىسىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى سايلام سەھنسىدە تۇرۇپ ئۆزىنى قارشى ئالغىلى ئالدىغا چىققانلارغا شۇنداق خىتاپ قىلدى: سۈيۈملۇك ئىستانبۇل خەلقى، ناھايتى قەدىرلىك بىر يولدىكى قىرىنداشلىرىم، ئىكرانلار ئارقىلىق بىزنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان پۈتۈن ۋەتەنداشلىرىم، ھەممىڭلارغا ھەسرەت ۋە مۇھەببەت بىلەن سالام يوللايمەن. ئىستانبۇلنىڭ بۇ گۈزەل كىچىسىدە كاتتا بىر جۇشقۇنلۇق كەيپىياتى ۋە قەتئى بىر قارار بىرلىكىدە ، بۇ ھاياجان ئىلكىدە قارشى ئالغىلى ئالدىغا چىققانلارغا رەھمەت ئېيتقان ئەردۇغان نۇتقىنى شۇنداق داۋاملاشتۇردى: بۇ كىچە پەقەت سىلەرنىلا ئەمەس، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر يېزا، ھەر شەھىرىدە نەپەس ئېلىۋاتقان بارلىق جان – جىگەر قېرىنداشلىرىمغىمۇ سالام يوللايمەن. تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، رەببىمنىڭ ھۇزۇرىدا دۇئا قىلىۋاتقان ئانىلىرىم، چوڭ ئانىلىرىم ۋە ھەدىلىرىمگە سالام يوللايمەن. ئەمگەك تەرىنى نېنىنىڭ قېتىقى قىلىپ ئىشلەۋاتقان يېزا - دېھقانلىرى، بارلىق ئىشچى – ئەمگەكچى قېرىنداشلىرىمغا سالام يوللايمەن. تۈركىيەدەك كاتتا، تۈركىيەدەك كۈچلۈك، تۈركىيەدەك تەمكىن ياش قېرىنداشلىرىمغا سالام يوللايمەن. ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئىستانبۇلدىن، ئىستانبۇلنىڭ قېرىندىشى بولغان سارايىفۇ، باكۇ، بىيرۇت، قاھىرە، سىكوبى، باغدات، شام، غەززە، رامۇللاھ، مەككە ۋە مەدىنىگە سالام يوللايمەن. ئىستانبۇلنىڭ ھەر ساھە، ھەر مەھەللە، ھەر كوچىسىغا يۈرەكتىن تەكرار – تەكرار سالام يوللايمەن ئەلۋەتتە. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كىتىدۇ باش مىنىستىر ئەردوغان، بۈگۈن ئۇزاقتىن ، ئۇزاق دىيارلاردىكى قېرىنداشلىرىنىڭ سالامىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، نۇتقىنى شۇنداق داۋاملاشتۇردى: سىلەرگە ماراكەشتىكى قېرىنداشلىرىنىڭ سالامىنى ئېلىپ كەلدىم، ئالجىرىيەدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ سالامىنى ئېلىپ كەلدىم ۋە تۇنىستىكى قېرىنداشلىرىنىڭ سالامىنى ئېلىپ كەلدىم. قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم! جانابى ئاللاھ قېرىنداشلىقىمىزنى داۋاملاشقىلى نىسىپ قىلسۇن ! ئۇلۇغ رەببىم بىرلكىمىزنى، كۈچىمىزنى، مېھرى – مۇھەببىتىمىزنى مەڭگۈ داۋاملاشقىلى نىسىپ قىلسۇن! ئۇ يەرلەردىكى قېرىنداشلىرىمىز، ئۇ يەرلەردىكى ئىدارى ھەيئەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى: بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كىتىدۇ. چۈنكى بىز سىلەرگە ئىشىنىمىز دېدى. يۇنۇس ئەمرەنىڭ : مەن كەلمىدىم غەۋغا ئۈچۈن ، مىنىڭ ئىشىم سۆيگۈ ئۈچۈندۇر. كەلدىم پىداكارلىق قىلماق ئۈچۈن، دوستلۇق ئۆيى پىداكارلىقتۇر. دېگەن سۆزىنى نەقىل قىلغان ئەردوغان، نۇتقىنى شۇنداق داۋاملاشتۇردى: بىز ھېچبىر زاماندا پىداكارلىقنى يۇقۇتۇش ۋە پىداكارلىقنى بۇزۇش تەرەپتار بولمىدۇق، بەلكى پىداكارلىق كۆرسىتىش تەرەپتارى بولۇپ كەلدۇق. بۇ يولدا تىك تۇردۇقكى ھەرگىزمۇ بوشىشىپ قالمىدۇق. قۇرۇق غەۋغا، جىدەل – ماجرا بىلەن بىزنىڭ ئىشىمىز يوق. بىزنىڭ ئىشىمىز قەستەن بۇزغۇنچىلىق بىلەن ئۇرۇپ سۇندۇرۇش، ئوت قۇيۇپ يىقىش، بۇزۇپ چېچىش بىلەن بولمايدۇ. قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم! بىز مىللەتكە پايدىلىق ئەمىلى ئىش قىلىشنى بىلىمىز ۋە بۈگۈنچىگە مىللەتكە پايدىلىق ئىش قىلىپ ، مىللەتكە ئۆگۈتۈپ، مىللەتنى يېتىشتۈرۈپ ، تۈركىيەنى تەرەققى قىلدۇرۇپ خىزمەت قىلىپ كەلدۇق. ھازىر شۇنىڭ ئاستىغا سىزىق تارتىمەنكى، جازانىخورلۇق سىستىمىسىغا قارشى تۇرۇپ مۇشۇ سەۋىيە يەتتۇق. بۇ جازانىخورلۇق سىستىمىسى نۆۋەتتە پۇرسەتپەرەسلىك سۈرئىتى بىلەن پاي چېكىدا بىزگە قورقۇنچ سالالايمىزدەپ خىيال قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار شۇنى بىر قېىتم ئېنىق بىلىشى كېرەككى، بۇ مىللەتنىڭ قان – تەرىنى ئۇلارغا ھەرگىزمۇ يەم قىلمايمىز. بىر بانكىنىڭ باش مۇدىرى چىقىپ بۇ بۇزغۇنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىققانلارنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىسا بۇلارنىڭ قارشىسىدا بىز بار. پۈتۈن دۇنيا تۈركىيەگە قىزىقىۋاتىدۇ باش مىنستىر ئەردوغان، بۈگۈنگىچە تۈركىيە ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: ئىلگىىر بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەلگەن ۋاقىتتا، سىلەرنىڭ ھاكىمىيەت تۇتقان زامانىڭلاردا 5 ھەسسە كۆپ باي بولدۇق دېگەنلەر ئەمدى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىز بىلەن ھەپىلىشىشكە باشلىدى. بىز بۇ سەۋىيەگە ئىنسانلىرىمىزنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈش ئارقىلىق كەلدۈق. ھازىر پۈتۈن دۇنيا تۈركىيەگە ۋە تۈرك ئىنسانلىرىغا قىزىقىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بۇ قالايمىقانچىلىق نەدىن پەيدا بولدى؟ بىز بۈگۈنگىچە " سەبىر قىل" ، " سەبىر قىلىش ئارقىلىق غەلبىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ" دەپ كەلدۇق. ھەممەيلەن شۇنى بىلسۇنكى، بىز تۈركىيەنى قېرىنداشلىق ئۈستىگە قۇرۇپ، قېرىنداشلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، قېرىنداشلىقنى ئۇلۇغلاپ بۈگۈنكى كۈنلەرگە ئېلىپ كەلدۇق. 76 مىليۇن خەلقنىڭ ھېچبىرىگە ئايرىمچىلىق قىلمىدۇق. بەزى بىرەيلەن باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ 50 % خەلقنىڭ رەھبىرى بولغانلىقىنى داۋا قىلىۋاتىدۇ. ئىسىڭىزدا بولسۇنكى، بىز بۈگۈنغىچە 76 مىليۇن نۇپۇسنىڭ خىزمەتكارى ئىكەنلىكىمىزنى جاكارلاپ كەلدۇق. تۈركىيەنىڭ ئەڭ غەربىدىن تاكى شەرقىغىچە ھېچقانداق ئايرىمچىلىق قىلماي خىزمىتىنى قىلىۋاتىمىز. بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىمىزدا مۇقىملىق بار باش مىنىستىر ئەردوغان، " تىك تۇر، ئىگىلمە، بۇ مىللەت سىنىڭ بىلەن بىللە " ئىپادىسىنى نامايان قىلغان بۇ ئاممىۋى كۆرۈنۈشتىن كىيىن نۇتقىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: بۈگۈنگىچە ھەمىمىز بىرلىكتە تىك تۇردۇقكى ھەرگىزمۇ ئىگىلمىدۇق. پۈتۈن ۋەقەلەر، بارلىق پىتنىلەر ھەممىسى بىر قىرغاقتا لېكىن شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەن؛ بىز يولغا چىققان ۋاقتىمىزدا سىلەرگە نىمىنى ۋەدە قىلغان بولساق بۈگۈنگىچە شۇنى قىلىپ كەلدۇق. بۇندىن كىيىنمۇ شۇنى داۋاملاشتۇرىمىز. شۇنىمۇ ئۇچۇق سۆزلەيمەنكى، بىز ھېچقانداق بىر قەدەمنى ئويلانماستىن، مەسلىھەتلەشمەستىن باسمىدۇق. بۇ دۆلەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىشتا باشقا بىرلىرىدىن ئىجازەت ئېلىشقا ئوخشاش بىر دەردىمىزمۇ يوق. ئۆزلىرىدىن ئىجازەت ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلار، بۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تاش ئۈستىگە تاش قويۇلۇشىنى خالىمىغانلاردۇر. شۇنى تېخىمۇ ئۇچۇق جاكارلايمەنكى، بىزنىڭ دەردىمىز يېشىللىقنى (دۆلەتنى كۆكەرتىشنى) سۆيمەكتۇر، بۇ دۆلەتتە 10 يىل بويىچە يېشىللىقنى بىزدەك سۆيگەنلەر چىققان ئەمەس . ئېكولوگىيىلىك مۇھىت مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇلارغا شۇنداق دەيمەنكى، سىلەر بىزدىنمۇ ياخشى مۇھىت ئاسرىغۇچىنى تاپالمايسىلەر ، بىزنىڭ يېنىمىزدا بولۇڭلار، چۈنكى ھازىرنىڭ ئۆزىدە سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولغاندەك كۆرۈنگەنلەرنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا يىقىندىن يا ئۇزاقتىن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقتۇر. ئۇلارنىڭ يولدىكى توسۇق تاشلىرىنى ئۆرۈۋىتىپ، پۇقرانىڭ ماشىنىسىنى ۋە ئاممىۋى قاتناشلارنى بۇزۇپ ، ئوت قويۇۋېتىشى، ئۇلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئاسرىغانلىقى بولامدۇ ؟ ھېچ ئەندىشە قىلماڭلار! بىز قېرىنداشلىرىم مەختەر گۇرۇپىسىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمىز لېكىن مەختەر گۇرۇپىسىغا ئوخشاش ئىككى ئالدىغا بىر كەينىگە يانمايمىز. چۈنكى بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىمىزدە مۇقىملىق باردۇر، بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىمىزگە ئىشەنچىمىز باردۇر. شۇنىمۇ جاكارلايمەنكى، تەكرار سۆزلەيمەنكى بۇنى ئايرودرومدىمۇ سۆزلىگەن ئىدىم، بۇ كۆرەشنىڭ قارشىسىدا ياخشى بىلىڭلاركى جازانىخورلۇق سىستىمىسى باردۇر. بۈگۈن ئامېرىكا قوشما شىتاتىدىكى گېزىتلەردە ئېلان بېرىشكە جۈرئەت قىلغانلار، بۇ جازانە سىستىمىسىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. تۈركىيەدە ئىشلىرىنى پۈتتۈردى ئەمدى ئۇ يەر شۇنداقمۇ ؟ ئەجىبا بۇلارنىڭ ھەممىسى نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئامېرىكا قوشما شىتاتى زىيارىتىمىزدىن كىيىنلا يۈز بېرىدۇ؟ ئۇلار پەقەت چىدىيالمىدى. تۈركىيەنىڭ خەلقارادا ئىرىشكەن كۈچىنى ھېچكىم يوققا چىقىرالمايدۇ. تۈركىيە تەرەققى قىلىدۇ، ئاللاھ خالىسا تۈركىيە تەرەققى قىلىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ھېچ ئەنسىرىمەڭلار ! خاتىرجەم بولۇڭلار ! خوشال بولۇڭلار! ئىشەنچىلىك قەدەملەر بىلەن يولىمىزغا راۋان بولىمىز. ئەردوغان، نۇتقىنى خەيرىلىك ئەتىگەن ۋە خەيرىلىك جۈمە بولىشىنى تىلەپ ئاخىرلاشتۇردى. تەرجىمىدە مۇسلىم ئەردوغاننى قارشى ئالغىلى ئايرودرومغا چىققان خەلق ئاممىسى
مەنبە : نۇر تورى http://nur.cn

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
3401
يازما
201
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2031
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-12
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دۆلەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىشتا باشقا بىرلىرىدىن ئىجازەت ئېلىشقا ئوخشاش بىر دەردىمىزمۇ يوق. ئۆزلىرىدىن ئىجازەت ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلار، بۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تاش ئۈستىگە تاش قويۇلۇشىنى خالىمىغانلاردۇر.
ما گەپنىڭ جىنى با !ئەينى يىللىرى ئەخمەت ئەپەندىلەمۇ مۇشۇنداق دىيەلىگەن بولسا ...

UID
52412
يازما
30
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2013-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-12
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەردۇغاننى قۇللايمەن ، نۇمۇسسىز  مىللەت خائىنلىرىغا ئاللاھنىڭ لەنتى بولسۇن ،

ھەسەتخور ھەسسىنە دەيدۇ ، ئەگەر يۇرتۇڭدا يۈز تاپساڭ
چىقىپ ئالدىڭغا ئاشكارە يۇلۇڭنى گاھ تورالماستىن

ھەزەر ئەيلە ھەسەتخوردىن،تىكەن تاشلايدۇ ئالدىڭغا

،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

UID
52587
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-6-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  «تۈركىيەنىڭ خەلقارادا ئىرىشكەن كۈچىنى ھېچكىم يوققا چىقىرالمايدۇ. تۈركىيە تەرەققى قىلىدۇ، ئاللاھ خالىسا تۈركىيە تەرەققى قىلىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ھېچ ئەنسىرىمەڭلار ! خاتىرجەم بولۇڭلار ! خوشال بولۇڭلار! ئىشەنچىلىك قەدەملەر بىلەن يولىمىزغا راۋان بولىمىز.»

UID
51365
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2013-5-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-12
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھىچقانداق دۆلەت رەھبىرنىڭ ئەردوغاندەك نۇتۇق سوزلىگنىنى كۆرمىدىم،ئالدىن تەييارلىۋالغان نۇتۇق قەغىزگە قارمايدۇ.شۇنچىلىك سالماق ،شۇنچىلىك ئىشەنچ بىلەن سۆزلەيدۇ.ئۇ تۇرۇكلەر ئىچدىن چققان بىر ئەزمەت.ئۇ بولغاچقىلا تۇركىيە ئەچچە يىللق قەدمىنى بىراقلا تىزلىتەلىدى ئۇلۇغ ئاالاھتىن ئۇنىڭ باسقان قەدەملىرنىڭ ئوڭىشلىق بولشىنى تىلەيمەن!ئەگەر ماڭا تاللاش پۇرسىتى بەرسە قىلچە ئىكلەنمەستىن ئەردوغاننىڭ قوللۇغچىسى بولۇشنى تاللايمەن!

UID
51365
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2013-5-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-12
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھىچقانداق دۆلەت رەھبىرنىڭ ئەردوغاندەك نۇتۇق سوزلىگنىنى كۆرمىدىم،ئالدىن تەييارلىۋالغان نۇتۇق قەغىزگە قارمايدۇ.شۇنچىلىك سالماق ،شۇنچىلىك ئىشەنچ بىلەن سۆزلەيدۇ.ئۇ تۇرۇكلەر ئىچدىن چققان بىر ئەزمەت.ئۇ بولغاچقىلا تۇركىيە ئەچچە يىللق قەدمىنى بىراقلا تىزلىتەلىدى ئۇلۇغ ئاالاھتىن ئۇنىڭ باسقان قەدەملىرنىڭ ئوڭىشلىق بولشىنى تىلەيمەن!ئەگەر ماڭا تاللاش پۇرسىتى بەرسە قىلچە ئىكلەنمەستىن ئەردوغاننىڭ قوللۇغچىسى بولۇشنى تاللايمەن!

كۆيۈمچان ئەزا

تارىم ئۆركىشى

UID
10314
يازما
107
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2717
تىزىملاتقان
2011-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-12
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://nur.cn/news/2013/06/123783.shtml
نامايىشچىلار پەسەيسە ياخشى بۇلاتتى .

UID
13849
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
207
تىزىملاتقان
2011-8-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-12
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghurhali يوللىغان ۋاقتى  2013-6-9 09:21
مەن ھىچقانداق دۆلەت رەھبىرنىڭ ئەردوغاندەك نۇتۇق سوزلى ...

،ئەگەشتىم ،
مەنمۇ قوللايمەن.

UID
51459
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2013-5-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-12
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        تۈركىيەدىمۇ باركەندە  شۇ   پارتىيە ئەزالىرى.       كاللىسى ئىشلىمەمدىغاندۇ ياكى ،   ...  ئەردوغانغا قارشى چقىپ.       ماۋۇ يەردە ھىلىغۇ  بىرە مەيدانكەن،   ئۆزىمىزنىڭ ئۆيى،  مەسچىتلىرمىزنى  يولغا كەپ قالدى دەپ  چىقىۋەتسە  ھېچ بىر كىشى  ،  زوڭلى تۇرماق،   يىزا باشلىقى ئۈسىتىنمۇ  نامايىش قىلالمايدۇ.     (  بۇ ھەرگىز ئەردوغانغا قارشى نامايىش قىلغانلارنى قوللىغىنم ئەمەس، مۇنداقلا سىلىشتۇرش قىلدىم خالاس).      


UID
51459
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2013-5-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-12
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئالدىنقى  مەزگىلدە ياپۇننىڭ  ماللىرىىنى دۇككانلىرىنى  چىقىپ، ئوت قويۇپ ، بۇزغانلار،  ۋەتەنپەرۋەر بولدى،   توۋا...............

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش