http://bbs.putbol.cn/data/attach ... gqp92rx9631s139.jpg
شىنجاڭ كوماندىسى ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە تىرىشىپ نۇسرەت قازاندى،8 يىلدىن كلىيىن يەنە بىر قېتىم مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئايلانمىسىغا قەدەم قويدى.(8 كۈچلۈككە كىردى)
مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى 20 ياشلىقلاردىن توۋەن مۇسابىقىسىنىڭ ب گوروپپىدىكى قۇشۇمچە مۇسابىقىسى بۈگۈن ئاياغلاشتى.
شىنجاڭ كوماندىسى مۇستاپانىڭ بىر بىۋاستە كورنېر توپىغا تايىنىپ 1:0 نەتىجە بىلەن تيەنجىن كوماندىسىنى ئۇتتى. نۇمۇرى 7 گە يىتىپ گۇاڭدۇڭ بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ لىكىن ئۇلار بىلەن بولغان ئۇتۇش ئۇتتۇرۇش مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن ئۇلاردىن ئېشىپ گوروپپىدا 3-بۇلۇپ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئايلانمىسىغا قەدەم قويدى. (2 ئايلانما بۇرۇن شىنجاڭ كوماندىسى گۇاڭدۇڭ بىلەن بولغان مۇسابىقىدە باشتا 2 توپ كەتكۈزۈپ قۇيۇپ يەنىلا شۇ مۇستاپانىڭ 2 بىۋاستە ئىختىيارى توپىغا تايىنىپ 3:2 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلغانىدى. )
شۇنداق قىلىپ گوروپپا مۇسابىقىسىدىن كىيىنكى نۇمۇر تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:
1. جياڭسۇ 11 نۇمۇر
2. چۇڭچىڭ 8 نۇمۇر
3. شىنجاڭ 7نۇمۇر
4. گۇاڭدۇڭ 7نۇمۇر
5.تيەنجىن 6نۇمۇر
6.شەنشى 2 نۇمۇر
گۇاڭدۇڭ كوماندىسى ئا گوروپپىنىڭ 4-سى بىلەن قۇشۇمچە مۇسابىقە ئويناپ يەنە بىر ساننى تالىشىدۇ.
بۈگۈنكى ئايلانمىدىكى بۇ گوروپپىدىكى قالغان مۇسابىقە نەتىجىسى(گوروپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسى) : جياڭسۇ 1:1 گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ 1:1 شەششى، شىنجاڭ 0:1 تيەنجىن.
ئالدىنقى ئايلانمىدا شىنجاڭ كوماندىسى شەنشى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ 0;0 تەڭلىشىپ قالغان ئىدى. ئېرجېت قارشى تەرەپنىڭ بىر نۇقتا توپىنى تۇسۇۋالغان، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بىر كاللا توپى ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىلگەن، قارشى تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدىكى ئېنىق بىر قول توپىغا رېپېر پۇشتەك چالمىغان ئىدى. مۇشۇ مۇسابىقىدىن كىيىن ۋەزىيەت شىنجاڭ كوماندىسىغا تولىمۇ پايدىسىز بۇلۇپ ئاسسى جەھەتتىن شاللىنىش گىردابىغا بېرىپ قالغان، گوروپپىدىن چىقىشى قارشى تەرەپنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسىگە قارايدىغان ۋەزىيەتتە ئىدى.
مۇشۇنداق شارائىتتا ئەزىمەتلىرىمىز تىز پۈكمەستىن تىرىشىپ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.
ھۇررا ئەزىمەتلەر!!!
«پۇتبول كۇلۇبى» دىن ئېلىندى