كۆرۈش: 901|ئىنكاس: 5

سىتۇدېنتلارنىڭ خزمەت تېپىشى نىمە ئۈچۈن شۇنچە تەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
47501
يازما
13
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-13
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 11:22:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
( دولان ) سىتۇدېنتلارنىڭ خزمەت تېپىشى نىمە ئۈچۈن شۇنچە تەس؟
فېڭ چىڭياڭ
دولان تەرجىمىسى

  يەنە بىرنەچچىكۈندىن كىيىن، 2013-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سىتۇدېنتلار مەكتەپتىن ئايرىلىدۇ. بۇيىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار 1949-يىلدىن بۇيانقى ئەڭكۆپ بولغان بىريىل بولۇپ، مەملىكىەت بۇيىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچى 6 مىليۇن 990 مىڭغا يىتىدۇ، بىراق مۇناسىۋەتلىك ئىستاستىكا ماتىرىيالىدا ئىسپاتلىنىشىچە، بۇيىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچى بولتۇرقىدىن 190 مىڭ ئارتۇق ئىكەن، خىزمەتچى تەكلىپ قېلىش ئورنى بولتۇرقىدىن %15 ئاز ئىكەن. بۇخىل بىرى ئېشىپ بىرى كېمىيىش ئەھۋالى، بۇ يىللىق خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى كەسكىن بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۈ. نۆۋەتتە 2013-يىللىق خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئەھۋالى كۆڭىلدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ. چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىغا نەزەرسالساق، بېيجىڭ، شاڭخەينىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىش نىسبىتى %30 گە، گۇاڭدوڭنىڭ %50 بارمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر ئىختىيارسىز « زادى نېمە سەۋەب خىزمەت تېپىشنى شۇنچە قىينلاشتۇرىۋەتتى ؟ » دەپ خىتاپ قىلماقتا.
  خىزمەت تېپىشتەس بولىش قانداق ئېكىستەسىر پەيدا قىلىدۇ؟
  نۆۋەتتە تولۇق كۆرس ئوقۇغانلارنىڭ خىزمەت تېپىش روھى بېسىمى بارغانسىرى ئاشماقتا، يېقىندا جۇڭگونىڭ بىرقېتىملىق ئىجتىمائىي تەكشۈرۈشتە ئىسپاتلىنىشىچە، سىتودېنتلاردىن « سىزنىڭچە، قايسى ئامىللار سىزنىڭ ياخشى خىزمەت تېپىشىڭېزغا يارىدەم بىرىدۇ؟ » دەپ سورىغان سۇئالغا %50 سىتودېنت « مۇناسىۋەتكە تايېنىش » دەپ جاۋاببەرگەن، يەنى كىمنىڭ مۇناسىۋېتى ياكى ئىجتىمائىي ئالاقىسى ياخشى بولسا شۇ ياخشى خىزمەت تاپالايدۇ دەپ قارايدىكەن. ئەكسىچە « ئىقتىدار »، « يېڭىلىق يارىتىش روھى »، « ئېچىۋىتىش روھى » بولۇش كېرەك دەپ قارايدىغانلار %18 گىمۇ يەتمىگەن. ئەگەر بىر سىتودېنتنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە ئىقتىدارى ساۋاقداشلىرىغا يەتمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئالاقىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى ياخشى بولسا، ياخشى خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، كىيىنكى ئۆمرىدە ياخشى ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىدىنمۇ باياشاد ياشايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئىشتىن باشقىلار قانداق تەسىراتقا ئىگە بولار؟
  ئىجتىمائىي پەنگە تەۋە قانۇن كەسپىنى ئالساق، سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولسىڭىزمۇ بىراق ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىڭىز بولمىسا سوت ياكى تەپتىش مەھكىمىسىگە كېرىشىڭىز بەسىمۈشكۈل، كىرگەن تەقدىردىمۇ شىتات يوق بولۇپ، ۋاقىتلىق خىزمەتچى، قانۇن ساقچىسى ياكى خەت باسقۇچى قاتارلىق قارا خىزمەتنى ئىشلەيسىز، بۇنچىلىك بولسىڭىز خۇداغا شۇكرىدەڭ، چۇنكى سىزنىڭ بەزى ساۋاقدىشىڭىز « قانۇن » ياكى « قانۇنشۇناسلىق » بىلەن قىلچى ئالاقىسى بولمىغان تاللا بازىرىنىڭ پۇلئالغۇچىسى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئامانلىق قوغدۇغۇچىسى، يەنەبىرقىسمى ماكدونال، كىندىجىدا ئىشلەۋاتقان بولىشى مۈمكىن، كىم بىلىدۇ يەنە بەزىلەر يۇرتىدىكى بىچارىلەردەك دىھقان ئىشلەمچى بوپكەتتىمۇ تېخى؟ ئىشقىلىپ ئۆلمەسلىك ئۈچۈن بىرەر « خىزمەت » تاپقانلقېڭىز، مەكتىۋىڭىزنىڭ « ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى » گە « ناھايىتى چوڭ تۆھپە قوشقان » بولىسىز!
  ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان سىتودېنتلار داڭلىق مەكتەپتە ئوقۇغان سىتودېنىتلارغا نىسبەتەن ئۈزىنى « كىلىپچىقىشى ياخشى ئەمەس » دەپ قارايدۇ، ئۇلارنىڭ گىپى بويىچە « ئۈچ يوق » بولۇپ، يەنى ياخشى مەكتەپ ، ياخشى ئاتا-ئانا، ياخشى نوپۇسى يوق. بۇخىل ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى يېزىلاردا « ئوقۇغاننىڭ پايدىسىيوق » دىگەننىڭ باش كۈتىرىشىنى تېخىمۇ كۇچەيتىۋەتتى. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان سىتودېنىتلار دۇچكەلگەن خىزمەت تېپىشتىكى قېيىنچىلىق، كۆپلىگەن يېزىلىق سىتودېنىتلارنى باشلانغۇچ سەۋىيىسىدىكى كىشىلەر ئىشلەيدىغان گەندە تازىلاش، سىرچىلىق قاتارلىق قارا ئىشنى ئىشلەشكە مەجبۇرلىدى. يېزىدىكى ئاتا-ئانا يىمەي-ئىچمەي نەچچە يۇزمىڭ يۈەن خەجلەپ تەربىيەلەپ چىققان سىتودېنىتنىڭ ئىشسىز قېلىشىنى ئويلىمىغان بولۇپ، بىچارە ئانا بالىسى خىزمەت تاپالمىغاندىن كىيىن « ئاچچىقىدا دورا ئىچىپ ئۆلىۋالغان » ئەھۋاللار يۈزبەردى. خىزمەت تاپقانلارىنىڭمۇ كېرىمى دىھقان ئىشلەمچىلەرگە يەتمىگەن. مۇشۇنداق ئىكەن سىزنىڭچە « ئوقۇغاننىڭ پايدىسى بارمىدۇ؟ »
  تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇلقېلىش بىلەن كىچىكتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى زىددىيەت
  بۈگۈنكى جۇڭگودىكى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەر، راسخۇت يىتىشمەسلىك مەسىلىسىگە قارىتا ئورتاق تەدبىرى، ئوقۇغۇچىلاردىن ئالىدىغان ھەقنى كۆپەيتىش ياكى تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن قالايمىقان ھەق ئېلىش، يەنى نوقتىلىق قوبۇلقېلىش، كەسىپنى ئۆزگەرتىش، مەكتەپ يۆتكەش باھانىسىدىكى يوقۇرى ھەقلەر، كۆپلىگەن ئائىلىنىڭ كۈتۈرېش چىكىدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە بەزى ئالىي مەكتەپلەر مەنپەئەتنىڭ قىززىقتۇرۇشى بىلەن، قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قوغلىشىپ، مەكتەپ ئېچىش ئىقتىدارى بىلەن ھىساپلاشماي، بەس-بەستە « قىسقا، تىز » سىنىپلارنى ئېچىپ، ئالىي مەكتەپنىڭ پۇل تاپىدىغان « قىززىق كەسپ » كە ئايلاندۈرۈپ، بىربۈلۈك كەسپىي « ئىختىساس ئىگىسى » نى ئەپلەپ-سەپلەپ قولدىن چىقېرىشى ۋە ئۇدا نەچچىيىل تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشى، سىتودېنتلارنىڭ ساپاسىنى ئومۇمىيۈزلىك تۇۋەنلىتىۋەتتى، جۇڭگو پۇقرالېرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھەققى زور ھەجىمدە ئۆسكەن بولسىمۇ بىراق ئوقۇش پۇتتۇرگەن سىتودېنتلارنىڭ « ساپاسى » نىڭ تۈۋەنلەپ كېتىشى، سىتودېنتلارنىڭ خىزمەت تېپىشنى تېخىمۇ قېيىنلاشتۇرىۋەتتى .
  تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇلقېلىش پەيدا قىلغان « خىزمەت تېپىش تەس » بولىش مەسىلىسىگە قارىتا، ئالدىنقى يىللاردا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار « كىچىكتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرېش » چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ تەدبىر گەرچە دەسلەپكى يىللاردا ئازراق ئۈنۈم بىرىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىرقىسىم سىتودېنېتلار 2-3 يىل كىچىكىپ خىزمەت ئىزدىدى، بۇبىر ۋاقىتلىق چارە بولۇپ، ئۇلار ھامان ئىختىساسلىقلار بازىرىغا يۈزلىنىدىغان بولغاچقا، يېغىلىپ قالغان مەسىللەر بىراقلا ئاشكارىلاندى. چۈنكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن سىتودېنېتلارنىڭ ھەممىسىنى ياللاپ ئىشلىتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، مەكتەپتە ياللىنىپ قېپقالغان ئاشۇ بىرقىسىم سىتودېنېتلارمۇ 2-3 يىلدىن كىيىن مۇققەرەر جەمئىيەتكە يۇزلىنىدىغان بولغاچقا، ۋاقتى كەلگەندە شۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن تاماق قاچىسىنى تالىشىش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەگەر بىز مائارىپ تەرەققىياتىدىكى بۇخىل قاتمال تەپەككۇر يولىنى ئۆزگەرتمىسەك، مەملىكىتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سىتودېنتلارنىڭ خىزمەت تېپىشى يىلسىرى قېيىنلىشىشى مۈمكىن.
  ئالىي مائارىپتا سۈپەتكە ئەھمىيەت بىرىدىغان ۋاقىت كەلدى.
  نۆۋەتتىكى جۇڭگو ئالىي مائارىپىدىكى غەلىتە ئەھۋال شۇكى، بىرتەرەپتە سىتودېنتلارنىڭ خىزمەت تېپىشى تەس بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ياخشى خىزمەت تاپالمىغانلىقىدىن ئاغرىنسا، يەنەبىر تەرەپتە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن، بولۇپمۇ ئىگىلىك ساھەسى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن سىدودېنتلارنى ئىشلىتەلمىگەنلىكى ۋە رولىنى جارىي قىلدۇرالمىقانلىقىدىن ئاغرىنىماقتا؛ بۇنىڭغا قارىتا ئوقۇغۇچىلار «  بىزگە ئوۋال بولدى، بىزنىڭ ئەمىلىيەت تەجرىبىمىز يوق » دىسە؛ ئائىلە باشلىقى «  دۆلەتنىڭ ئېغىر بولغان مائارىپ ھەققى ئۈچۈن، يىمەي-ئىچمەي نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، ئاخىرىدا ئېرىشكىنىمىز، كارغا كەلمەس سىتودېنت بولدى » دەپ ئاغرىنماقتا. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىمۇ شۇنى بايقىدىكى، نۆۋەتتىكى ئىگىلىك قورۇلمىسىنىڭ يوقۇرى كۆتۈرۈلىشى، يوقۇرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارغا جىددىي ئىھتىياجلىق بولۇپ، بىزنىڭ نۆۋەتتە دۇچكەلگېنىمىز ھەقىقى ئىختىساسلىقلارنىڭ كەمچىل بولىشىدۇر.
  ئەگەر بىزنىڭ مائارىپىمىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىھتىياجىنى ۋە كەسىپ ئىھتىياجىنى قاندۇرالمايدىكەن، ئۇنداقتا بۇ مەغلۇپ بولغان مائارىپتۇر، خۇددى بىرشىركەت ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات ئىستىمالچىلارنىڭ ئىھتىياجىنى چىقىش قىلمايدىكەن، بۇ شىركەت ئاخىرى ۋەيران بولىدۇ. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، سىتودېنتلارنىڭ خىزمەت تېپىشى تەسبولۇش مەسىلىسىنى تۇپتىن ھەلقىلىشتا، چۇقىم مەكتەپلەرنىڭ ئۆزئالدىغا كەسىپ ئېچىش ھوقۇقىنى ئەمىلىيلەشتۈرىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئۆزئالايىدىلىكىنى ئەڭزوردەرىجىدە جارىي قىلدۈرۈپ، تەربىيەلەنگەن ئىختىساسلىقلارنىڭ ساپاسىنى يوقۇرى كۈتۈرۈپ، ئالىي مائارىپ بىلەن جەمئىيەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىش مىخانىزىمىنى بەرپا قىلىش كىرەك. پەقەت ئالىي مەكتەپ ئۆزئالايدىلكى بۇيىچە كەسىپ ئېچىشنى شەكىللەندۇرەلىسە، ئاندىن يارامسىزلارنى تەربىيەلەشتىن ساقلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىھتىياجىنى چىقىش قېلىپ، كەسىپ ۋە پەننى نەزىرىيە دەرىسنى مۇۋاپپىق تەڭشەپ، ئىختىساس تەربىيەلەشتىكى يېڭى ئەندىزىنى بەرپا قىلالايدۇ.
  ئۇندىن باشقا، نۆۋەتتىكى قاتمال نۇپۇس تۇزۇلمىسى، جۇڭگو سىتودېنتلىرېنىڭ خىزمەت تېپىشىدا ئادىل بولمىغان مۇئامىلە پەيدا قىلدى، نۆۋەتتە نۇرغۇن سىتودېنتلار بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنى تاللىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەپ، مۇشۇ شەھەرلەردىن ئايرىلسا بۇ شەھەرگە مەڭگۇ قايتىپ كىلەلمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت، شۇنىڭ ئۈچۈن ئازبولمىغان سىتودېنتلار چوڭ شەھەرلەرگە يېغىلىپ قېلىشى، چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىش بېسىمىنى تەخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى، ئۇلارنىڭ چوڭ شەھەردە مۇشۇنداق رىيازەت چىكىشكە رازى بولىشنىڭ سەۋەبى، تۈرلۈك چارە-ئاماللار بىلەن بېيجىڭ نوپۇسىغا ئۆتىدىغان خىزمەت پۇرسىتى تېپىشتىن ئىبارەت.
  بىراق ياشلارغا نىسبېتەن ئېيىتقاندا، ئدىللىق بولمىغان رايۇنلارغا بېرىپ خىزمەت قىلىش، كىينكى ئەۋلادىنىڭ تېخىمۇ رىيازەت چىكىدىغانلىقى ۋە ئىستىقبالى بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ، جۇڭگو ئارزۇسى كۆپخىل بولىدۇ، بىراق بىر سىتودېنت ئۈچۈن ئېيىتقاندا، ئۇنىڭ بىرىنچى ئارزۇسى مائارىپتىكى ئادىللىق، ئىككىنچى ئارزۇسى خىزمەت تېپىش، ئۇلارنىڭ خىزمەت تېپىشتىكى ئادىللىققا ئېرىشىشى، بىر سىتودېنتقا نىسبەتەن ئەڭ ئاددىي بولغان « جوڭگو ئارزۇسى » ھىساپلىنىدۇ.

مەنبە:
http://www.21ccom.net/articles/gsbh/article_2013052083766.html


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
49797
يازما
72
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2013-4-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 16:10:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مىللى ئوقۇغۇچىلىرىمىزۈا نىسپەتەن يەنىلا سىياسەت ئامىلى بەكراق تەسىر قىلسا كېرەك. ئۇندىن قالسا ئا-ئانىلاردىكى خىزمەتنى چوڭ بىلىش قارىشى يەنى سىتودىتلارغا بېسىم ئەكىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل تەرەققى قىلىشىنى چەكلەپ قويۋاتىدۇ....
  شۇڭا ئىقتىسادى ياخشى، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىكى بار ئاتا -ئانىلارنىڭ بۇرۇنقى ‹تۈمۈر قازان› قارىشىنى تاشلىۋېتىپ ، باللىرىنى مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرشى ۋە يېقىندىن ياردەمدە بولىشى لازىم. چۈنكى ئالى مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى چوقۇم خىزمەت قىلىش بولماستىن بەلكى بىلىم ئېلىپ ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتۇر.

UID
51820
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2013-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-3
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 17:06:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكېم سېياسەت  ئامىلى بەكرا ق تەسېر كورستېش مۇمكېن

UID
31144
يازما
405
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
405
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
94 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 11:54:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدا سىياسەت ئامىلىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ ، ئچىكىردە ئوقۇغان بالىلار شۇ يەردە قىلىپ ئۆزىنى تەرەققي قىلدۇرماقچى بولسا سەن ئاز سانلىق مىللەت تاماق ،ياتاقتىن قىيلىنىسەن دەپ خىزمەتكە ئالمىسا ،شنىجاڭ ئاز سانلىق مىللەت توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان بىر رايۇندىمۇ خىزمەت تىپىش بەكمۇ مۇشكۇل ،زىمىنى چوڭ شىنجاڭدا نىمە ئۇچۇن شۇنداق بولىدۇ ؟ئاددىس قارماي رايۇنىدىمۇ مەكتەپ پۇتتۇرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يىلدىن يىلغا يىغىلىپ ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى 5000دىن ئشىپ كەتتى نىغىت رۇيونىدا مۇشۇنداق تۇرساق باشقا يەرلىكنى نىمە دىگىلى بولسۇن ؟ ئاتا ئانىلار ئەرز شىكايەت قىلىپ بارمىغان پايتەخىت قالمىدى ،2004-يىلى چوڭ كۆلەمدە ئوقۇغۇچىلار نامايش كۆتۇردى،بۇلتۇر يەنە ئاتا ئانىلار يەنە بىر  قوزغالدى .مېنىڭ سىڭلىممۇ بالىلار سىغەننىڭ پۇتتۇرگىلى بىر نەچچە يىل بولدى خەنچە ئوقۇماپسىەن ھازىر مەكتەپلەر قوش تىللىق بولۇپ كەتتى دەپ قىلىپ قىلىۋاتىدۇ ،ئۆزىنىڭ شۇنداق بۇلۇپ قالغىنىغا ئىچى ئاچچىق بۇلۇپ ھازىر ئۆزگۇرۇپ باشقا بىر ئادەم بولۇپ قالدى بۇنى قانداق قىلغۇلۇق ،سىڭلىم مەكتەپ پۇتتۇرۇپلا خىزمەتكە كىرگەن بولسا بۇنداق جىق خىياللارنىمۇ قىلمىغان بولاتتى،تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىرىشكەن بولسا كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ بۇنداقمۇ بولمايتى ،كۆڭلى خوشال يۇرگەن بولسا ئاخىردا بۇنداق ئاقىۋەتلەرمۇ كىلىپ چىقمايتى.ھازىرقى ئوغۇللاردىن قانداق قىز بىلەن توي قىلىشنى خالايسىز دەپ سورىسىڭز ؟10دىن 9سى خىزمىتى بار قىزنى دەپ جاۋاپ بىرىدۇ ھەرگىزمۇ   ئەدەپ -ئەخلاقلىق ،ئوقۇغان ،تىرشچان ،پاكىز   قىزنى ئالىمەن چۇنكى ئۇ بالامنىڭ ئاپسى بالامنىڭ بىرىنج ئۇستازى ئۇ چۇقۇم ئىشلىمىسمۇ پەزىلەتلىك ئايال ،كۇيۇمچان ئانا ،لاياقەتلىك ئانا بولسكەن دىمەي ،ئايال كشى تەڭ ئىشلەپ بىزگە ھەدەمدەم بولمسا بىزدە بىسىم بەك ئىشىپ كىتدۇ ،ئىشلگەن ئايال بىلەن توي قىلسام تورمۇشۇم باياشات ئۆتىدۇ دەپ جاۋاپ بىرىدۇ  .مانا بۇ ئەھۋال مېنى ئۇمۇدسىزلەندۇرۋاتقان يەنە بىر ئاجىز نۇقتا .ھازىرقى ئوغوللاردا ئوغۇللۇق ھورمۇن ئاجىزلاپ كىتىپ بارامدۇ ياكى ئائىلە تەربىيى شۇنداق قىلغانمۇ بىلمىدىم ،بۇ ئوغۇللارنىڭ بىلى بوش ،تىرشچان ئەمەس ،مەن ئوغولتۇمغۇ ئاپام مېنى ئوغول دەپ تۇغۇپتىكەنغۇ ئوغۇل  بالىدەك ياشاي ،ئائىلەمنى ،بالامىنى بەختىلىك تۇرمۇشقا ئىرىشتۇرۇش ئۇچۇن توختىماي ئىزدىنەي ،تىرىشاي دىمەيدۇ .دەيدىغانلار بارماقتا سانىغۇچىلكلا،نىمىدىگەن ئىچنىشكلىك ئەھۋا ل بۇ !!!ھەي ئوغۇللار سىلەر بىر ئائىلنىڭ توۋرۇكى ئىدىڭلارغۇ ،سىلەر تەڭداشسىز كۇچ قۇدرەتكە ئىگە ئىدىڭلارغۇ؟خىزمەت تىپشىنىڭ تەسلىكدىن بوينۇڭلار ئىگىلدى ،يۇزلىرىڭلار سارغايدى ،ئىرادەڭلار سوسلاشتى ،ئىتىقادىڭلار تەۋرەشكە باشلىدى .ئوغوللار تىخمۇ تىرىشىڭلار  يەنىمۇ تىرىشڭلار خۇددى سۇمۇ 99گىرادۇستا قاينىمغانغا ئوخشا ش مانداقلا تىرشچانلىق كۆرسەتسەك ھەرگىز ئۇتۇپ چىقالمايمىز شۇ 1 گىرادۇس سۇنىڭ قاينىمىغنى كەلتۇرۇپ چىقارمىنىغا ئوخشاش بەك تىرىشچانلىق كۆرسەتمسىەك مۇشۇ جەمىيتەت تەرىپىدى شاللنىپ قالىمىز.قىزلارنىڭ خىزمەت تاپمىقى سىلەردىن قارىغاندا بەسىمۇشكۇل ،شۇڭا ئوغۇللار 100%لىك تىرىشمىساق بولمايدىغان دەۋرى كەلدى.بۇنداق دىسەم ئوغوللار ئىشلەپ ئايالار ئۆيدە ئولتۇرۇرڭلار دىگىنىم ئەمەس ،قىزلارمۇ مەدىنە قىزغا ئوخشاش تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك بىزمۇ شۇنداق بولالايمىز ! ھەممىمىز بىرلىككتە تىرىشايلى!!!

باھا سۆز

ehrami  ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى...  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 12:29:07

كۆيۈمچان ئەزا

تارىم ئۆركىشى

UID
10314
يازما
113
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2723
تىزىملاتقان
2011-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-13
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 01:17:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://qutad.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=4794
مۇنداق ئىشلاردىنمۇ خەۋەردار بولغۇلۇق قېرىنداشلار .

UID
52830
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-6-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 04:39:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە شۇ چەتكە قىقىش ،ئايرىمچىلىق قىلىش ئىغىر بولغانلىقىنىڭ ئاقىۋىتى بولمامدۇ.
ئاڭلىسام قارىمايدا 41 ئانا باللىرىنىڭ خىزمەت تاپالماسلىق مەسىلىسى ئۈستىدە بىيجىڭغا بىرىپ ئەرز قىپتۇ، لىكىن ھۆكۈمەت ئۇلارنى قايتۇرۋىتىپتۇ.  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش