كۆرۈش: 1968|ئىنكاس: 10

تۈركىيە تۈركلىرى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49694
يازما
132
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 19:13:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۈركىيە تۈركلىرى توغرىسىدا



شەۋقىي مۇنبىرى ئەزاسى تۇمارىس تەييارلىغان




قىسقىچە تارىخى


     تۈركلەر ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە ئەجداتلىرى ئوغۇز تۈركلىرى ئىدى. تۈركلەر ئەڭ دەسلەپ ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ياشىغان. مىلادىيە Ⅺئەسىردە تۈركلەر كىچىك ئاسىيادا دۆلەت قۇرغان. ئاناتولىيىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئاھالىسى خاتتىلاردۇر، ئۇلار مىلادىيەدىن بۇرۇن 2500-يىللاردا بۇ تۇپراقتا يۈكسەك بىر مەدەنىيەت ياراتقان. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 200-يىللار ھىتىتلار كاپكاز يولى ئارقىلىق ئاناتولىيىگە كېلىپ، خاتتىلار بىلەن قوشۇلغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپكى ئىجتىمائىي سىياسىي تەشكىلىنى قۇرۇپ چىققان. كېيىن ھۇردىلەر، ئوراتلار، فرىگلار، لىديالار، كارپالار، لىكيالار، ئىيۇنلار ۋە ۋازانتىيىلىكلەر ھىتتىلەرگە ئوخشاش بۇ تۇپراقتا بۈيۈك مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان. ئاناتولىيىنىڭ ئەڭ كېيىنكى ئىگىلىرى ھېسابلانغان تۈركلەرمۇ كىچىك ئاسيادا يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان. تۈركىي تىللىق خەلقلەردىن ئاناتولىيىگە ئەڭ بۇرۇن بارغانلار مىلادىيە 999-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈچلۈك بىر ئىمپېرىيە قۇرغان ئوغۇز تۈركلەردىن سەلجۇقىيلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
     مىلادىيە 1070-يىلى ئارمىيىنى باشلاپ ئاناتولىيىگە كەلگەن سەلجۇقىيلار خانى، ۋىزانتىيە ئىمپېراتۇرلىقىنى يېڭىپ ئاناتولىيىنىڭ تۈركلىشىش دەۋرىنى باشلىغان. سەلجۇقىيلار دەۋرىدە، يەنى مىلادىيە 1077-يىلى سەلجۇقىيلارنىڭ بۈيۈك ھۆكۈمرانى مالىك شاھنىڭ پەرمانى بىلەن سۇلايمان شاھ تەرىپىدىن ئاناتولىيە سەلجۇقىيلار دۆلىتى قۇرۇلغان. سۇلايمان شاھ 1086-يىلى ئالەمدىن ئۆتكىچە بولغان ئارىلىقتا ئاناتولىيىنىڭ پۈتكۈل دائىرىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. سۇلتان ئالائىددىن كەيقۇبات دەۋرىدە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قۇدرەت تاپقان. سەلجۇقىيلار دۆلىتى غىياسىدىن كەيخىسىراۋ دەۋرىدە مۇڭغۇللارنىڭ بېسىمىغا بويۇن ئېگىشكە باشلىغان. سەلجۇقىيلارنىڭ سەلتەنەتى مىلادىيە 1308-يىلى سۇلتان مەسئۇدⅡنىڭ ئۆلۈمى بىلەن تەڭ ئاخىرلاشقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئاناتولىيە بىر قانچە بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئوسمانىيلار بارلىق بەگلىكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاناتولىيىنىڭ بىرلىكىنى قايتىدىن تىكلىگەن. ئوسمانىيلارنىڭ يىلتىزى سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ ۋىزانتىيىگە چېگرىداش بولغان غەرب تەرىپىدىكى سۆگۈت ۋە دومانچ رايۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. بۇ رايۇن ئىلگىرى ئوغۇزلارنىڭ قايى قەبىلىسىدىن بولغان توغرۇل بەگنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى. ئەر توغرۇلنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن بۇ رايۇن ئۇنىڭ ئوغلى ئوسمان بەگنىڭ قولىغا ئۆتكەن. ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى شۇنىڭدىن باشلانغان.
      ئوسمان بەگنىڭ ئوغلى ئورخان غازى كېڭەيمىچىلىك قىلىپ ۋىزانتىيىنىڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان بۇرسانى ئىگىلىگەن. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئادەتتىكى كۆچمەن چېگرا بەگلىكىنى ھەقىقىي بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشقا باشلىغان. ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئۈچىنچى ئەۋلادتىن باشلاپ بالقان يېرىم ئارىلىغا بېسىپ كىرگەن ۋە ماكىدونىيە، بۇلغارىيە، سىبىرىيە قاتارلىق جايلارنى تارتىۋالغان. تۆتىنچى ئەۋلادقا كەلگەندە ياۋروپاغا بارىدىغان يول ئاچقان. مۇرادⅠنىڭ سىياسىتى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى ياۋروپادىكى كۈچلۈك ئىمپېرىيىگە ئايلاندۇردى. مۇرادⅠنىڭ ئوغلى يىلدىرىم بەيازىد ئاناتولىيىدىكى بەگلىكلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن دۆلەت زېمىنىنى رۇمەلى تەرەپكە قاراپ كېڭەيتىش ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرغان. بىراق 1402-يىلى ئەنقەرە ئەتراپىدىكى تۆمۈرلەڭ بىلەن بولغان جەڭدە قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ ئانچە ئۇزاققا بارمايلا ئالەمدىن ئۆتكەن. مۇرادⅡدەۋردە سىياسىي بىرلىك قايتا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. 1449-يىلى تۈركلەر-ئوسمانلىقلار بالقاندا تەڭداشسىز ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن ھەمدە بىناكارلىق، گۈزەل-سەنئەت ساھەسىدە زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. مەھمۇدⅡتەختكە چىققان دەۋردە ئوسمان ئىمپېرىيىسى دۇنيادا ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ قالغان.


      مىلادىيە 1453-يىلى كونستانتىنپول(ھازىرقى ئىستانبۇل)نى ئىشخال قىلىپ بۇ يەردە يېڭى پايتەخت قۇرغان. سۇلتانⅡ، بەيازىدⅠئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىققان. بەيازىدⅡدەۋرىدە ئوسمان ئىمپېرىيىسى تۇرغۇنلۇق دەۋرىگە قەدەم قويغان. 1512-يىلغىچە داۋاملاشقان بۇ تۇرغۇنلۇق پەقەت دېڭىز كۈچى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىياتلاردىن ئىبارەت. 1481-يىلى 2مىليون كۋادىرات كىلومېتىرلىق زېمىنى مۇرادⅢدەۋرىگە كەلگەندە 20مىليون كۋادىرات كىلومېتىرلىق دائىرىگە يەتكەن. قىرىمنى ئىشخال قىلىپ موسكۋانىڭ جەنۇبىغىچە يېتىپ باردى. ئاناتولى تامامەن ئوسمان ئىپېرىيىسىگە تەۋە بولدى. ئاناتولىدا تۈركلەشمىگەن ۋە ئىسلاملاشمىغان يەر قالمىدى. بۇ چاغدا يۇناننى قولغا كەلتۈرۈش ئىشىمۇ ئەمەلگە ئاشتى. قارا دېڭىز بىلەن ئىگەي دېڭىزىمۇ ئوسمان ئىپېرىيىسىنىڭ «كۆل»لىرىگە ئايلاندى. سۇلايمانⅠدەۋرىدە شەرقتە پارس قولتۇقى، غەربتە ئالجىرىيە، جەنۇبتا ئەرەب يېرىم ئارىلى، شىمالدا بۈگۈنكى روسيە چېگرىسىدىكى دون ۋە دېنپىر دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغىچە كېڭەيگەن. بۇ چاغدا ئۇ شەرقىي ياۋروپانى تولۇق كونتورول قىلىپ ئەينى دەۋردە دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان.
      بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، تۈركىيە ئىمپېرىيىسى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر سېپىگە قاتنىشىدۇ ۋە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان دۆلەت سۈپىتىدە بىر مۇنچە زېمىندىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئاسىيادا كىچىك ئاسىيا رايونىنى، ياۋروپادا ئىستامبۇل شەھىرىنىلا ساقلاپ قالىدۇ. مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە تۈركىيەنىڭ مىللىي قەھرىمانى مۇستاپا كامال(ئاتا تۈرك) گۈللىنىش ھەرىكىتى قوزغاپ، مىللىي پارلامېنت ھۆكۈمىتىنى قۇرىدۇ ۋە پادىشاھلىقنى بىكار قىلىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي ئافرىقا ھەم كىچىك ئاسىيادىكى بېقىندى دۆلەتلىرى ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنىدۇ.
   1919 -يىلى مۇستاپا كامال رەھبەرلىكىدىكى مىللىي بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى فېئودال پادىشاھلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ، چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىنى چېكىندۈرىدۇ. 1920-يىلى دۆلەتلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ. 1922-يىلى 11-ئايدا ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى مۇھەممەد Ⅵنىڭ تۈركىيەدىن چىقىپ كېتىشى بىلەن ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە خاتىمە بېرىلىدۇ. 1923-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەسمىي قۇرۇلىدۇ. 1923 -يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ مۇستاپا كامال تۇنجى زۇڭتۇڭ بولىدۇ.
        ئېلىمىزنىڭ خەنزۇچە تارىخىي كىتابلىرىدا قەدىمكى تۈركلەر ھەققىدە مەلۇمات قالدۇرۇلغان. Ⅷئەسىردە تۈركلەر ئالتاي تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن غەربكە قاراپ كۆچۈپ كىچىك ئاسىياغا جايلاشقان. 16-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئامىتى قېچىشقا، زېمىنى تارىيىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ مىلادىيە 1683-يىلى ئاۋستىرىيىگە ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاۋستىرىيە، پولشا ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى ئۈزلۈكسىز مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. چارروسىيە بىلەن بولغان كۆپ قېتىملىق جەڭدە قارا دېڭىز بويىدىكى ئازوپ قورغىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان. 18-ئەسىرگە كەلگەندە، چارروسىيە پادىشاھلىقى ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئىچكى جەھەتتە چىرىكلەشكەنلىكى، مىللىي زىددىيەت ۋە دىنىي كۈرەش ئىنتايىن ئۆتكۈرلەشكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا قىتئەلىرىنىڭ تۈگىنىگە جايلاشقانلىقى، روسىيە، ئاۋستىرىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيىلەر بۇ جايدا قوراللىق توقۇنۇشلارنى كەسكىنلەشتۈرگەنلىكى سەۋەبلىك يىمىرىلىشكە باشلىغان، بالقان ئۇرۇشى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ياۋروپادىكى چېگرىسىنى ئادېرىياتىكتىن مەرىچكە يۆتكىگەن. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرغا كەلگەندە 120مىڭ ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان زېمىنىدىن، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپادىكى زېمىندىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئايرىلىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل ھۆكۈم سۈرگەن قۇدرەتلىك ئىمپېرىيە كېيىنچە جاھانگىرلارنىڭ يېرىم مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان.


    مەنبەسى:  شەۋقىي مۇنبىرى   http://www.shewqiy.com

تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى



      تۈركىيە ئىسلام دۆلىتى، شۇڭا دۆلەت بايرىقى قويۇق ئىسلام تۈسىگە ئىگە قىزىل رەڭلىك بايراق بولۇپ، بايراققا بىر ئاق رەڭلىك ھىلال ئاي بىلەن سەل يانتۇراق كەلگەن بىر بەش يۇلتۇزنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن. بۇ نۇسخا 1936-يىلى بېكىتىلگەن. ھىلال ئاي توغرىسىدىكى رىۋايەتنى، مىلادىيەدىن 336-يىل بورۇنقى فىلىپⅡقۇرغان ماكېدونىيە ئىمپېرىيىسى دەۋرىگىچە سۈرۈشكە بولىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ماكېدونىيە ئارمىيىسى بىر قانچە قېتىم ۋىزانتىيە(كېيىن كونىستانتىنپول دەپ ئاتالغان، ھازىرقى ئىستانبۇل)گە قورشاپ ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەرنى قولغا چۈشۈرەلمىگەنىكەن. ماكېدونىيىلىكلەر ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ، قاراڭغۇ كېچىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى ئىشخال قىلماقچى بولغان، بىراق ئاسماندا تۇيۇقسىز ھىلال ئاي پەيدا بولغان، ئاينىڭ يورۇقىدا ماكېدونىيە قىسمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاشكارىلىنىپ قېلىپ ۋىزانتىيىلىكلەر دۈشمەنلەرگە زەربە بېرىپ قەلئەنى ساقلاپ قالغان ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ۋىزانتىيىلىكلەر ھىلال ئاينى قەلئەنىڭ بەلگىسى قىلىۋالغانىكەن. مىلادىيە 1453-يىلى مۇھەممەدⅡ بۇ شەھەرنى ئىشىخال قىلغان. شۇ كۈنى كېچىدە ئۇ چۈشىدە ھىلال ئاينىڭ شەرقتىن غەربكىچە ئەرشنى توغرا كېسىپ تۇرغانلىقىنى، بۈيۈك ئىمپېرىيىدە پات ئارىدا پەيدا بولىدىغان ئالامەتنى ئالدىن بېشارەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ھىلال ئاي بىلەن يۇلتۇزنى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ بەلگىسى قىلغان ھەمدە ئۇنى قىزىل بايراققا سىزىپ، دۆلەت بايرىقى ئورنىدا ئىپېرىيە يوقالغانغا قەدەر ئىشلەتكەنىكەن.
       دۆلەت گېربى: دۆلەت گېربىنىڭ بالىققا كېلىش مەنبەسىنى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپادىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەينى چاغدا ھەرقايسى ئەللەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان خان جەمەتلىرى ئۆز جەمەتىگە سىمۋوللۇق خاراكتېرىگە ئىگە بەلگىلىك مۆھۈر ۋە ئۇرۇق گېربىگە ئىگە ئىدى. ئۇ مۆھۈر ياكى ئۇرۇق گېربى ئەمەلىيەتتە ھەرقايسى جەمەتلەرنىڭ ئورنى، مەرتىۋىسى، ھوقۇقى ۋە مال-مۈلىكىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىدى. شۇ چاغلاردا، بەلگىلىك مۆھۈر بىلەن ئۇرۇق گېربى ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا بىر مەھەل راسا ھۆكۈم سۈرۈپ، تەدرىجىي ئەنئەنىۋى ۋە مۇقىم ئۇسلۇب بويىچە لايىھىلىنىدىغان بولغان. ياۋروپادىكى بىر قىسىم فېئودال خانلىق دۆلەتلەردە خان جەمەتىنىڭ ئۇرۇق گېربى خان ھاكىمىيىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى سۈپتىدە يەنە ئۆزگىرىپ دۆلەتنى بىلدۈرىدىغان دۆلەت گېربىگە ئۆزگەرگەن ھەمدە تەدرىجىي دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىپادىلەيدىغان بەزى رەسمىي سورۇن ۋە ئالاقىدار بۇيۇملارغا ئىشلىتىلىپ پەيدىنپەي بىر خىل خەلقئارالىق قائىدە بولۇپ شەكىللەنگەن، يەنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ مۇھىم بىنالىرى، ھۆكۈمەت ئەلچىخانىلىرىغا بېكىتىلىدىغان، ھۆكۈمەت، ئاخبارات ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا دائىر ھۆججەتلەردە، شۇنداقلا دۆلەت تارقاتقان پۇلنىڭ ئۈستىگە دۆلەت گېربىنى سىزىپ دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ سىمۋولى قىلىدىغان بولغان. تۈركىيىنىڭ دۆلەت گېربىگە بىر ھىلال ئاي بىلەن بەش يۇلتۇزنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن. ئاق رەڭلىك بەش يۇلتۇز بىر دانە قىزىل رەڭلىك ئىللىپىسسىمان شەكىل ئۈستىگە جايلاشتۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئالتۇن رەڭلىك «تۈركىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى» دېگەن خەت بار. ھىلال ئاي بىلەن يۇلتۇز ھەم تۈركىيىنىڭ ئېتقاد قىلىش بەلگىسى، ھەم خەيرلىك ۋە بەختنىڭ سىمۋولى، ھىلال ئاينىڭ يۇلتۇزنى ئارىغا ئېلىپ تۇرۇشى تەرەققىياتنىڭ سىمۋولى بولۇپ، بارلىق تۈركىيە خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇستەقىللىقىنى بىلدۈرگەن.


       ھاۋا كىلىماتى: تۈركىيىنىڭ كىلىماتىنى مۇنداق ئۈچ خىل تىپقا ئايرىشقا بولىدۇ: قارا دېڭىز ياقىلىرى قارا دېڭىزدىكى ھاۋا كىلىماتىغا مەنسۇپ. ئوتتۇرا دېڭىز ياقىلىرىدىكى رايۇنلار ئىسسىق بەلۋاغ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىدىكى ھاۋا كىلىماتىغا مەنسۇپ بولۇپ، ياز پەسلىدە قۇرۇپ ئىسسىق، قىش پەسلىدە  ئىللىق ۋە كۆپ يامغۇر ياغىدۇ. ئوتتۇرا قىسمى قۇرۇقلۇق خاراكتېرلىك كىلىماتقا مەنسۇپ.

       جۇغراپىيىلىك ئورنى: تۈركىيە ـــ ياۋروپا، ئاسىيادىن ئىبارەت ئىككى قىتئەگە تەۋە بولۇپ، زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمى كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان، يەنى زېمىنىنىڭ 97پىرسەنتى ئاسىيادا، 3پىرسەنتى ياۋروپادا. كىچىك ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمى ئاناتولىيە ئېدىرلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ شەرقىي قىسمى ئېگىز، غەربىي قىسمى پەسرەك. ئىفرات دەرياسى بىلەن تېگرىس دەريالىرى تۈركىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىن باشلىنىدۇ. ئوتتۇرا قىسمىدىكى قىزىل دەريا قارا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى زېمىنلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قارا دېڭىز بوغۇزى بولۇپ، ئۇ، بوسفۇر بوغۇزى، مەرمەر بوغۇزى ۋە دەردىل بوغۇزلىرىدىن تەشكىل تاپقان.

      ئوسمانلى تۈركلىرىنىڭ ئىستانبۇلغا قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئۇلار سۇنى ئاساس قىلغان مەدەنىيەتنى بەرپا قىلغان. بۇلاردىن باشقا ئىستانبۇلدا يەنە نۇرغۇنلىغان خىلمۇخىل شەكىللەردىكى قەدىمكى مۇنارلار بار. بىز بۇ مۇنارلاردىن ئىستانبۇلنىڭ ئىلگىركى ھەشەمەتلىك ۋە رومانتىك سىيماسىنى كۆرەلەيمىز. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچىگە جايلاشقان ئاق مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 85مېتىر بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى تۇر ئورنىدا پايدىلىنىلغان. ئىستانبۇل ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئادەمنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغان شەھەردۇر. بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى گۈمبەز ئۆگزىلىك ئۇچلۇق مۇنارلىق مەسچىت-ئىمارەتلەر، پورتلارغا كىرىپ-چىقىۋاتقان پاراخوتلار جانلىق مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن، ئۆتمۈش بىلەن ھازىر، تارىخ بىلەن كېلەچەك مۇشۇ جايدا بىر-بىرى بىلەن زىچ تۇتىشىپ كەتكەن. ئىزمىر- تۈركىيىنىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى.
      تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر كۆلىمى 780مىڭ كۋادىرات كىلومىتىر(1995-يىل)
      تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە 61 مىليون 100مىڭ ئاھالە بار (1994-يىل)،بۇلاردىن تۈركلەر ئاھالىنىڭ 80 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ. تۈركلەر تۈركىيەدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئۇمۇمىي نۇپۇسى 44مىليون500مىڭ، ئۇنىڭ 93.8پىرسەنتى تۈركىيەدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 80.8پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا گرېتسىيە، گېرمانىيەلەردە 1مىليون500مىڭ، فرانسىيە، بۇلغارىيە، سابىق يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقى، ئالبانىيە، ئىران، سىپرۇس ۋە گوللاندىيە قاتارلىق ئەللەردە 2مىليون 800مىڭدىن كۆپرەك تۈرك بار.تۈركىيەدە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 99پىرسەنتى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇلارنىڭ 85پىرسەنتى سۈنئىي مەزھىپىگە، قالغانلىرى ئالاھىي مەزھىپىگە مەنسۇب. ئاز قىسمى خرىستىئان ۋە يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
       پايتەختى : ئەنقەرە. ئەنقەرە- تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئۇ تۈركىيە بويىچە ئىستامبۇلدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھەر. شەھەر ئاھالىسى 2مىليون 800مىڭ.ئەنقەرە مىلادىيدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىردە قۇرۇلۇشقا باشلىغان. ھازىرقى شەھەرنىڭ ئاساسىي مىلادىيدىن بۇرۇنقى700-يىللىرى سېلىنغان. 1923-يىلى پايتەختى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەرەققىياتى تېز بولغان. ئەنقەرە يېڭى ۋە كونا شەھەر دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئۇ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، تۆمۈر يول، تاشيول، ھاۋا يولى ۋە مەدەنىيەت، سانائەت، ئىقتىسادى مەركىزى.
       دۆلەت بايرىمى كۈنى: 10-ئاينىڭ 29-كۈنى(جۇمھۇرىيەت قورۇلغانلىقىنى جاكارلىغان كۈن).
       مۇھىم شەھەرلىرى: مۇھىم شەھەرلىرىدىن ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئىزمىر، ئادانا، بۇرسا، كونىيا قاتارلىقلار بار. ئىستانبۇل – ئىستانبۇل شەھىرى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شۇنداقلا ئەڭ قەدىمىي شەھىرى بولۇپ ئىستراتېگىيە ۋە قاتناش جەھەتتىكى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ئەنئەنىۋى قاراش بۇيىچە، ئىستانبۇل مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 658-يىلى بىنا قىلىنغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئاساسى ئەينى ۋاقىتتا گرېتسىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئالتۇن قولتۇق بىلەن ھارمارا دېڭزى ئارىلىقىدىكى تۇمشۇقتا بىنا قىلغان مەھەللىدىن ئىبارەت. نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئەڭ دەسلەپكى ھۆكمۈرانلار ئالتۇن قولتۇقتىن ئىبارەت بۇ تەبئىي توسۇقتىن پايدىلىنىپ تۇمشۇقنىڭ غەرب تەرىپىگە مۇداپىئە ئىستىھكامى سۈپتىدە بىر سېپىل سالدۇرغان. بۇ جاي 324-يىلى كونستانتىنپول دەپ ئاتالغان. ئۇ شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قىلىنغاندىن كېيىن خېلى تېز تەرەققىي قىلغان، ئارقا-ئارقىدىن نۇرغۇن مۇداپىئە ئىستىكاملىرى ياسالغان. مىلادىيە 1453-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى تۈركلەر بۇ شەھەرنى ئىستېلا قىلغاندىن كېيىن، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى قۇردى ھەم شەھەر قىياپىتىنى غەيرۇلۇق بىلەن ئۆزگەرتىشكە كىرىشتى. ئىستانبۇلدا دىنىي تۈستىكى ئىمارەتلەر بەكمۇ جىق، بولۇپمۇ مەسچىت ۋە قەدىمىي چېركاۋلار تېخىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە. ئىستانبۇل كونا شەھىرىدە ھەممىدىن بەك كۆزگە تاشلىنىپ تۇرۇدىغىنى ئىستانبۇل سېپىلى بولسا كېرەك. ئۇ Ⅴئەسىردە تېئودۇس Ⅱتەرىپىدىن ياسالغان ھەم مارامارا دېڭىزىدىن ئالتۇن قولتۇققىچە ئۇزارتىلغان. ئوسمانلى تۈركلىرىنىڭ ئىستانبۇلغا قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئۇلار سۇنى ئاساس قىلغان مەدەنىيەتنى بەرپا قىلغان. بۇلاردىن باشقا ئىستانبۇلدا يەنە نۇرغۇنلىغان خىلمۇخىل شەكىللەردىكى قەدىمكى مۇنارلار بار. بىز بۇ مۇنارلاردىن ئىستانبۇلنىڭ ئىلگىركى ھەشەمەتلىك ۋە رومانتىك سىيماسىنى كۆرەلەيمىز. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچىگە جايلاشقان ئاق مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 85مېتىر بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى تۇر ئورنىدا پايدىلىنىلغان. ئىستانبۇل ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئادەمنى مەپتۇن ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغان شەھەردۇر. بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى گۈمبەز ئۆگزىلىك ئۇچلۇق مۇنارلىق مەسچىت-ئىمارەتلەر، پورتلارغا كىرىپ-چىقىۋاتقان پاراخوتلار جانلىق مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن، ئۆتمۈش بىلەن ھازىر، تارىخ بىلەن كېلەچەك مۇشۇ جايدا بىر-بىرى بىلەن زىچ تۇتىشىپ كەتكەن. ئىزمىر-ئىزمىر تۈركىيىنىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى.
      ھېيت-بايراملىرى: تۈركلەرنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيت، مەۋلۇت، تاتلىق ئۇماچ ئىچىش(ئاشۇرا) كېچىسى، مېراجغا چىقىش كېچىسى، ھىددەللەز، نورۇز ۋە يىگىتلەرنىڭ ئۆيىگە قايتىش بايرىمى قاتارلىق دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار. ھىددەللەز بايرىمى ھەريىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى كۆكلەمنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزىلىدىغان ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چېلىشىش، چەۋەندازلىق، تۆگە سوقۇشتۇرۇش، خوراز سوقۇشتۇرۇش ۋە تېرە قورچاق ئويۇنى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئىچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركچە چېلىشىش( قەدىمكى تۈركچە چېلىشىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئۆزگىچە بولىدۇ.

     مەنبەسى:  شەۋقىي مۇنبىرى   http://www.shewqiy.com


قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
51365
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2013-5-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 16:08:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت.خلى جىق مەلۇماتقا ئىگە بولدۇم

UID
51713
يازما
99
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
99
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 18:20:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يەنە شۇ  باشقىلارنىڭ  گېپى.    ئۆىمىزنىڭ  گېپى يوقمۇ؟  ئېلھام  توختى  نىمىشجا  رىجىم  ئاستىغا ئېلىندى؟   نىمە گۇناھىغا  شۇنداق  بولىدۇ دىگەندەك........

باھا سۆز

ahat1024  ئۈزىنى ئويلاپ باشقىلارنى ئويلىمىغانلىق شەخسىيەتچىلىك نادانلىق بىلسىڭىز !  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 23:24:25

UID
49694
يازما
132
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 18:41:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
elim يوللىغان ۋاقتى  2013-6-7 18:20
يەنە شۇ  باشقىلارنىڭ  گېپى.    ئۆىمىزنىڭ  گېپى يوقمۇ؟  ئ ...

ئىلھام توختى توغرۇلۇق يازساق ھاياتىمىز خەتەر ئىچىدە.راست گەپ

UID
51713
يازما
99
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
99
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 18:47:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jahanbiwapa يوللىغان ۋاقتى  2013-6-7 18:41
ئىلھام توختى توغرۇلۇق يازساق ھاياتىمىز خەتەر ئىچىدە. ...

ئۇنىڭ  ئورنىغا  خوتۇن  كىشىدەك  باشقىلارنىڭ  غىۋىتىنى قىلساق بولىدىكەندە؟  ئۆزىمىزنىڭ  جەمىيىتىدە  غۇرۇرلۇق  يىگىتلەرنىڭ   ئويلانغىدەك ئىشلار يوقمۇ؟؟؟   ئەمدى  ئاياللار  چىگەلمەيۋاتقان  ياغلىقنى  يىگىتلىرىمىز چىگىپ  غىۋەت  قىلىپ ئولتۇرساق  بولىدىكەندو؟   ئۇلار  يا بىزنىڭ  ئومىچىمىزنى  ئۆرىۋەتمىسە.....

باھا سۆز

ahat1024  سىز نىمانچە تەتۇر jahanbiwapa دەپ ئۆتتىغۇ .. سىز بىلمەسىز ئۇيغۇرلىرمىز شۇنداق  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 23:22:28
ahat1024  ئۈزى تىپىلمىگچە تەۋرەنمەيدۇ .. بۇنىڭ دۇرىسى بولغان بولسا ئىدى كاشكى..!!!!!!  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 23:22:10

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
554
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
944
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
توردا
592 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 21:04:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاي - ھاي، بۇ يەردە تۇركىيە توغرىسىدا گەپ بولۇۋاتىدۇ.
بۇ ماقالە ياخشى يېزىلىپتۇ. بىراق سانلىق مەلۇماتلار بەكلا كونا. 20 يىل بۇرۇنقى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئەھمىيىتى قالمىدى. يېڭىلاپ قويىدىغان ئىش ئىدى.

UID
50606
يازما
52
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
52
تىزىملاتقان
2013-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-10
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 00:10:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنى كۈرۈپ چىقتىم بەزى دۆلەت ئىسمىنى خاتا يېزىپتۇ يەنى سېبىرىيە ئەمەس سېربىيە،  ھازىرقى يۈگۈسلاۋىيە ۋە قاراتاغ جۇھمۇريىتىنىڭ تەركىۋىدىكى كىچىك ئاپتونوم ھوقۇقىغا ئىگە ئىتىپاق.

UID
50606
يازما
52
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
52
تىزىملاتقان
2013-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-10
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 00:15:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنى قۇشۇپ قوياي، سۇلايمان خان دەۋرىگە كەلگەندە ھەتتا مىسىرغىچە كېڭىيىپ، ھازىرقى ئىسكەندەرىيە، قاھىرە قاتارلىق جايلار تۈرۈكلەرنىڭ ئىستىلاسىدا بولغان، شۇڭا مىسىر خەلقى 60پىرسەنتكە يېقىت تۈرۈكلەشكەن ئەرەپ. شۇڭا سەئۇدى ئەرەپلىرى بىلەن مىسىر ئەرەپلىرىنىڭ تىلىدىمۇ مۇئەييەن پەرق بار ھەتتا پەرق خېلى زور .

UID
50606
يازما
52
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
52
تىزىملاتقان
2013-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-10
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 00:19:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە قۇشۇپ قۇياي، 1964-يىلى ئەينى ۋاقىتتكى زوڭتۇڭى تۈركىيەنى دىندىن خالى يەنى سىياسىي بىلەن دىن ئايرىۋىتىلگەن دۆلەت دەپ جاكارلىغان، شۇڭا تۈركىيەنى ئىسلام دۆلىتى دەپ ئاتاش ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس.

باھا سۆز

wahabi  ھازىر نىمە كۈننى كۈرىۋاتىغاندۇ شۇ زۇڭتۇڭ ھە  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 18:20:53

UID
50606
يازما
52
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
52
تىزىملاتقان
2013-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-10
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 00:22:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەردىل بوغىزى ئەمەس داردانىل بوغىزى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش