كۆرۈش: 7495|ئىنكاس: 59

مۇشتلاشچى ئابدۇرېشىتخان تورداشلارغا مۇنداق دەيدۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

UID
14103
يازما
28
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
88
تىزىملاتقان
2011-8-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
120 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 17:30:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇشتلاشچى ئابدۇرېشىتخان تورداشلارغا مۇنداق دەيدۇ


ئەلكۈيى تورى چىللە 6-كۈنى خەۋىرى: خېنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەسىس قىلغان، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن جانباز، گۇمپا پېشۋالىرى كۈچ سىنىشىدىغان جانبازلار مۇسابىقىسى(武林风)   مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت يەتتىدە ئۈرۈمچى شەھىرى  ‹‹قىزىلتاغ›› تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى.
بۇ قېتىملىق مۇسابىقە خېنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى جۇڭگو گۇمپىسىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش، گۇمپا پېشۋالىرىغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىش، شۇنداقلا جۇڭگو جانبازلىقىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جانبازلارنىڭ تىركىشىشى›› پىروگراممىسىنى تەسىس قىلىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل جانبازلىرى، گۇمپىچىلىرىغا ئالتە تۈرلۈك مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇپ بەرگەن بۇلۇپ،مۇسابىقە ئەمەلىي ئەھۋالى خېنەن تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا بىر ئايغىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاماششىبىنلارغا تارقىتىلىدۇ.بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە جۇڭگو،تايلاند،روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى داڭدار جانبازلار مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بولۇپ،دىيارىمىزغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر ئوغلانى ئابدۇرېشىتخان ئابلەت قاتنىشىدىغان بولۇپ،ئابدۇرېشىتخان مۇسابىقە باشلىنىشتىن بورۇن ئەلكۈيى تورى  مۇخبىرىنىڭ مۇسابىقە باشلىنىشتىن بورۇنقى كەيپىياتى ۋە مۇسابىقە ھەققىدىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

دىيارىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى  جانبازلارمۇ  ئىلگىرى خېنەن ئۆلكىسىگە بېرىپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن پالۋانلارغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئالتۇن كەمەرنى بىلىگە بىر قانچە قېتىم تاقىغان. ‹‹جانبازلارنىڭ تىركىشىشى›› پىروگراممىسىدىكىلەر شىنجاڭلىقلارنىڭ جانبازلىققا ماھىر ئىكەنلىكىنى ھەم جانبازلىقنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇ مۇسابىقىگە جەلپ قىلىش مەقسىتىدە، شىنجاڭدا بىر مەيدان مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان. شىنجاڭدىكى بۇ مۇسابىقىگە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن جانبازلىق پېشۋالىرى بىلەن تايلاندنىڭ گۇمپا پېشۋالىرىدىن باشقا، كۆپ قېتىم ئىچكىرى ئۆلكىلەردە، شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەركىن مۇشتلىشىش، جانبازلىق مۇسابىقىلىرىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئابدۇرەشىدخان ئابلەتمۇ قاتنىشىدىكەن، رۇسىيەدىن كەلگەن جانبازلار تايلاند كوماندىسىنىڭ ئەزاسى قاتارىدا جۇڭگولۇق جانبازلار بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدىكەن.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
51713
يازما
99
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
99
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 18:09:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدىرشىتزخان   ئاللاھ  سىزگە  مەدەت قىلسۇن!!!  خەلقىڭىز  ھامان سىز تەرەپتە ، سىز مەيلى يېڭىڭ مەيلى يېڭىلىڭ، بىز ئۆچۇن  مۇھىم ئەمەس،  يۈرەكلىك  قاتناشقانلىغىڭىزنىڭ  ئۆزى  شۈ يېتەرلىك ،جاسارىتىڭىزگە ئاپىرىن  ،ئاپىرىن!!! ئاپىرىن!!!!   خۇدا  مەدەت قىلسۇن، سىز بىر مىللەتنىڭ  روھىسىز !!1  سىز بىر مىللەتنىڭ  جاسارىتىنى  نامايەن قىلغۇچىسىز!!!    خۇدا  ئابدىرشىتخانغا  مەدەت قىلغىن....ئامىن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

UID
51713
يازما
99
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
99
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 18:21:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  روھى  چۈشكۈنلىشىپ  مەجروھلارچە  ياشاۋاتقان بىر خەلىقنى ،پەقەت  شۇ ئەلنىڭ  جاسارەتلىك ئوغلانلىرىنىڭ  روھى  ئويغىتالايدۇ،، كۆرگەنسىلەر  پوتبول  مۇسابىقىسى  مەيدانلىرىدىكى ،ھۇررا  سادالىرىنى، .....ئالاھ  دۇنيانىڭ  ھەر بىر بۇلۇڭ -پۇشقاقلىرىدا  بىزنىڭ  ھۇررا  سادالىرىمىز  ياڭراپ تۇرسۇن!!!!  ھۇررا  ئابدىرشىتخان!!!!   ھۇررا .........سىز ئۈچۈن  جانابى  ئاللاھتىن  مەدەت تىلەيمەن!!!!!

كۆيۈمچان ئەزا

تارىم ئۆركىشى

UID
10314
يازما
113
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2723
تىزىملاتقان
2011-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-13
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 18:24:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغا كىچىككىنە تەكلىپىم : موشۇ ئوقۇپ بولغان تىمىلارنىڭ ماۋزۇسى كۆك ياكى قىزىل ئىشقىلىپ باشقا ماۋزۇدىن پەرقلىق رەڭلىك كۆرۈنىدىغان لايىھىلەنسە كۆپ قۇلايلىق بولاتتى .
ئويلىشىپ باققايسىلەر .

UID
51713
يازما
99
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
99
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 18:27:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       كۆزۇمدىن  ئاقتى  ھاياجان يېشى،
      
      ئابدىرشىتخان  شەنىگە تەسەددۇق ئېيتىپ.

     كۆرسەتكىن ئەي خۇدا كارامىتىڭنى،

       ھۇررالار  ساداسى قاپلىسىن ئەلنى.

UID
49694
يازما
132
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 18:31:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ئابدۇرەشىدخانغا ئاللاھ غەلبە ئاتا قىلسۇن! ۋەتەن،خەلق ئۈچۈن ئالغان قەدەملىرىڭىزگە،تېنىڭىز ۋە ئائىلىڭىزگە بەخت تىلەيمەن!سىز مىللىتىمىزنىڭ پەخىرىسىز، بازغاندەك مۇشتلىرىڭىز ۋە قەيسەر روھىڭىز ئارقىلىق جاسارىتىڭىزنى يەنە بىر نامايەن قىلىڭ! بۇ قېتىم سىز تايلاند ياكى ئىچكىردە ئەمەس، بەلكى ئانا تۇپراقتا قوللىغۇچىلىرىڭىزغا ئەڭ يېقىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ مەدەت سۆزلىرىنى ئاڭلىيالايسىز ،خەلقىمىز سىزگە چىن ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ!

UID
51713
يازما
99
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
99
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 18:32:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       قاشلىرىڭ   بۈركۈتتەك  قوللىرىڭ  بەلدەك،
      
       رەقىپكە  ئېتىلغىن  خۇددى سەن سەلدەك.
     
      نەپەسمۇ ئالالماي تۇنجۇقۇپ قالسۇن،
  
      سەن ئۇرغىن ھەر مۇشنى خۇددى بازغاندەك.


     

UID
51713
يازما
99
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
99
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 18:43:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۇيغۇرنىڭ  زامانەم  پەھلىۋانى سەن،

   سادىرنىڭ  جاسارەت غۇرۇرى سەندە.

   ئۇ يەڭگەن جاھالەت  دۈشمەنلىرىنى،

  سەن يېڭىسەن دەۋرنىڭ پالۋانلىرىنى،


  

  

UID
51713
يازما
99
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
99
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 18:49:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     
   ھاياجان  ئىلكىدە قەلەم  توختىماي،

    شەنىڭگە  غەزەللەر  يازىمەن داىم.

    ئاللاھىم! بىرگىدۇر سەن ۋە مەن بىلەن،

   ئۆرلەيسەن دائىما دۇئارىم بىلەن.

UID
51713
يازما
99
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
99
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 19:01:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   
  خەلقىمنىڭ «ئېلىم» نىڭ غۇرۇرى سەن،

خانلارنىڭ ئەۋلادى پەھلىۋانى سەن،

«ئوغۇز» نىڭ ۋۇجۇدى ۋۇجۇدىڭدىدۇر ،

كۈتكەن ئۈمۈدۈم تىلەكلىرىم سەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش