- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 30
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 30
- تىزىملاتقان
- 2013-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-3
- UID
- 52309
- يازما
- 30
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 30
- تىزىملاتقان
- 2013-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-3
- توردا
- 28 سائەت
|
ئىبلىسنىڭ ھۇجۇملىرى
ئىنسان بالىسىنىڭ ئىبلىسنىڭ بارلىق يامانلىقىدىن ئۈزۈل كىسىل ساقلىنالىشى مۇمكىن ئەمەس.
شەيتاننىڭ ئنسانغا قاراتقان ھۇجۇمى يەتتە باسقۇچقا بۆلۈنىدىغان بولۇپ،ئبلىس ئنساننى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەڭ بولمىغاندا بىرەرىنى قىلدۇرمىغۇچە ئىنساندىن ئاجرىمايدۇ.
1.شىرىك
بىرىنجى قەدەمدە ئىبلىس ئىنساننى ياراتقان پەرۋەردىگارى ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈپ كۇفىرلىق گۇناھى سادىر قىلىشقا،ئاللاھ ئەززەۋەجەللەگە ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۈشمەنلىشىشكە ئازدۇرىدۇ. مانا بۇ ئىبلىسنىڭ ئىنسان بالىلىرىغا ئېلىپ بارماقچى بولغان ئەڭ مۇھىم ئىشى.ئەگەر ئبلىس بۇ مەقسىتىگە يەتسە،بۇ كىشىنى ئۆز قوشۇنى ئىچىگە كىرگۈزىدۇ،ھەتتا ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ۋەكىلى،ئازغۇنلۇققا چاقىرىدىغان ياردەمچىسى قىلىۋالىدۇ.
2.بىدئەت
ئەگەر ئىبلىس بىرىنجى قەدەمدە مەغلۇپ بولسا،ئىككىنچى قەدەمدە ئىبلىس ئۇنى بىدئەت ئىشلارنى قىلىشقا ۋەسۋەسە قىلىدۇ.ئىبلىس كىشىلەرنىڭ بىدئەت ئىشلارغا بېرىلىشىنى زىمىندا چوڭچىلىق قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا سەل قارىشىدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ.چۈنكى بىدئەت دىندا يوق نەرسىلەرنى پەيدا قىلىش،رەسۇلۇللاھ ئېلىپ كەلگەن پاك سۈننەتكە قارشى چىقىش بولۇپ ئۇنىڭ دىننىڭ ئاساسىغا بولغان بۇزغۇنچىلىقى ناھايىتى زور بولىدۇ.بىدئەت كۇفرى ۋە شىرىككە ئېلىپ بارىدىغان ئىشىك.يەنە كىلىپ ئۇنى قىلىۋاتقان كىشى ئۆزىنى «مەن ياخشى ئىش قىلىۋاتىمەن» دەپ ئويلايدۇ–دە تەۋبە قىلىش دىگەنلەر ئەسلا خىيالىغا كەلمەيدۇ.ئەگەر ئىبلىس بۇ كىشىنى بىدئەت ئىشلارنى قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يىتەلىسە،نەتىجىدە بۇ كىشىمۇ ئىبلىسنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ۋەكىلى،يامانلىققا چاقىرغۇچىسى بولۇپ قالىدۇ.
3.چوڭ گۇناھ ۋە پىتنە
ئەگەر بۇ كىشى توغرا يول ۋە بىدئەتنى ئايرىش قابىلىيىتىگە ئىگە ۋە ئەگەشمەي ئىبلىس ئىبلىس بىدئەتكە ئېلىپ بېرىش مەقسىتىگە يىتەلمىسە ئۈچىنچى قەدەمدە ئۇنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن چوڭ گۇناھلارنى ئۆتكۈزۈشكە ۋەسۋەسە قىلىدۇ.
ئىبلىس ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنىڭ بولۇپمۇ كىشىلەرگە بىلىم بىرىپ توغرا يولغا باشلاۋاتقان ئالىملارنىڭ ئاللاھ ھارام قىلغان چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلىشىغا شۇنچە ھېرىسمەن.ئىبلىس ئالىمنى ئازدۇرغاندىن كىيىن ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى خەلقى ئالەم ئارىسىدا يېيىپ كىشىلەرنى ئۇنىڭغا ئەگەشمەيدىغان،ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدىغان قىلىپ قويىدۇ.ئۇ ئالىمنىڭ گۇناھلىرىنى يېيىشتا ئۆزىنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ۋەكىللىرىگە تايىنىدۇ.ئۇ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە«مەن يامان بىر ئادەمنىڭ گۇناھلىرىنى،ئەپتى–بەشرىسىنى جامائەتكە بىلدۈرۈپ ئاللاھقا يارايدىغان ياخشى ئىش قىلىۋاتىمەن» دىگەن خام خىياللارنى سالىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەيدۇ.بۇنداق كىشىلەرخاتالاشقۇچىلارنى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇپ ئۇنىڭغا يامانلىقىدىن يېنىش ھەققىدە نەسىھەت قىلىپ كۆرمەستىنلا،خاتالىقىنى كىشىلەرگە يېيىپ ، ئىبلىسنىڭ ۋەسۋەسىسىگە بويسۇنۇپ،كىشىلەرنى ئۇ ئالىمدىن يىراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلىمىدىن مەنپەئەتلىنىش پۇرسىتىدىن ئايرىغانلىقى ئۈچۈن بۇ دۇنيادا خارلىققا ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
4.كىچىك گۇناھلار
ئەگەر ئىبلىس بۇ باسقۇچتىمۇ مەغلۇپ بولسا ،ئۇ ھۇجۇمنى كىچىك گۇناھلار ئارقىلىق ئېلىپ بارىدۇ،كىچىكۈگۇناھلارمۇ كۆپەيسە كىشىنى ھالاك قىلىۋىتەلەيدۇ.رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر ھەدىستە بىزلەرنى كىچىك گۇناھلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ،خۇددى كىچىك تەمەچلەرگە ئوت يېقىپ ئۇلارنى بىرلەشتۈرسە زور يالقۇن ھاسىل قىلغاندەك،كىچىك گۇناھلارمۇ ئاز–ئازدىن يىغىلسا ئادەمنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.بەندە كىچىك گۇناھلارنى داۋاملىق قىلىۋەرسە ئاقىۋەتتە گۇناھقا سەل قارايدىغان، ئاللاھتىن قورقمايدىغان،گۇناھنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
5.ۋاقىت ئىسراپچىلىقى
بۇ شۇنداق ھۇجۇمكى ئبلىس بىزنى بىر ئىشلارغا بەنىت قىلىپ قويىدۇ.بۇ ئىشلار مۇباھ ئىشلار دائىرىسىگە كىرىدىغان ئىشلار بولۇپ بۇلارنى قىلىش سەۋەپلىك ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرىمايمىز،لىكىن جازاسى مۇشۇ بىھۇدە ئىشلار سەۋەبلىك باشقا ئەھمىيەتلىك ئىشنىڭ ساۋابىدىن قۇرۇق قېلىشىمىزدىن ئىبارەت.
6.غەپلەت
بۇ بەندە ئاللاھنىڭ ئۆزىگە بەرگەن ۋاقىتتىن ئىبارەتۈنىئمىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتكەن،ۋاقتىغا ئىگە بولالايدىغان،ھەربىر سىكۇنىتنىمۇ قەدىرلىيەلەيدىغان،ئىبلىسنىڭ ئۆزىنى بىھۇدە ئىشلارغا بەنت قىلىپ قويۇشىدىن ھوشيارلىق بىلەن ساقلىنالايدىغان كىشى بولسا ئىبلىس ئالتىنجى باسقۇچقا ئۆتىدۇ.ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە بۇ باسقۇچتىكى ھۇجۇمدىن ساقلىنالايدىغانلىرى بەكمۇ ئاز.
ئىبلىس ئىنساننى بىر ياخشى ئىشنى قىلىشقا قىزىقتۇرىدۇ.ئېنىقلا ئۇ كىشى ئويلايدۇكى:بۇ چاقىرىق بۇ ئىلھام،ئاللاھ تەرىپىدىندۇر.جىمى ياخشىلىق ئاللاھ تھرىپىدىن،بارچە يامانلىق شەيتان تەرىپىدىن ،شەيتان ھەم بىزنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇمايدۇ.ئەپسۇس ئۇ بىلمەي قالدى،مۇشۇ ئارقىلىق بۇنىڭدىنمۇ ساۋابلىق،ئاللاھقا بۇنىڭدىنمۇ يېقىن قىلىدىغان،ئۆزى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق بولغان يەنە بىر ئىشنى قىلىشتىن مەھرۇم قىلدى.
ئاللاھ ئۆز فەزلى بىلەن قەلبىنى چوغدىن ھارارەتلىك،قاردىن ئاق قىلغان،ئىمان نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرغان ھىدەيەتلىك كىشىلەرلا بۇنداق ۋەسۋەسىلەر ئالدىدىمۇ ھوشيار تۇرالايدۇ.ئۇلۇغ ئاللاھتىن بىزنى ئەنە شۇنداق سۈزۈك قەلىبكە ئىگە قىلىشىنى تىلەيمىز.
7.بېسىم
بۇ چارىلەرنىڭ ھەممىنى قوللىنىپمۇ بۇ بەندىنى ئازدۇرالمىغاندىن كىيىن،ئىبلىس ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ كافىرلىرىنى ئۇنىڭغا دۈشمەن قىلىپ قويىدۇ.پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ،بۇ دۈشمەنلەرنى كۈچلەندۈرىدۇ.ئۇلارنى كۇفرىدا تىخىمۇ ئەزۋەيلىتىدۇ،ئازغۇنلۇققا،بىدئەتكە چاقىرىشتا تېخىمۇ ئاكتىپ قىلىدۇ.ۋە شۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئۇ سالىھ بەندىسىگە تەرەپ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ،ئۇنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ بەندە ئاللاھ يولىدا ئاتلىنىپ ياكى ئەسىر ئېلىنىدۇ،ياكى يارىدار بولىدۇ،ياكى شەھىد بولىدۇ.
تارقىتىپ قويۇڭ.ئاللاھ رازى بولسۇن.ئەجىرگە ئېرىشىشىڭىزگە ۋەسىلە بولغانلارغا دۇئا قىلىپ تۇرۇڭ.ئاللاھ كاتتا ئەجىر،مۇكەممەل ھىدايەت ئاتا قىلسۇن.ئامىين!
–فەتھۇللاھ
مەنبە- مەن كۆرگەن بىر ماتىريال ئاساسىدا رەتلەپ چىققان(قايسى مايىرياللىقى تازا ئېنىق ئىسىمدە يوق).
|
|