كۆرۈش: 526|ئىنكاس: 1

ھاسا بولاي يوللىرىڭدا ياز-ئاياز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمىدلىك ئەزا

مەن يەنىلا بەخىتلىكمەن

UID
2069
يازما
147
تېما
2
نادىر
1
جۇغلانما
152
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-7
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 21:42:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھاسا بولاي يوللىرىڭدا ياز-ئاياز!


(ئىبراھىم قۇرباننىڭ ناخشا ،ئىجادىيەت كېچىلىكىگە بېغىشلاپ)

قاراخان

يىغلاپ كەتسەڭ  قارا كۆزلۈك بالام دەپ،
پەپىلىگەن سېنى توقسۇن، ئاستانە.
ياغدى بۈگۈن ئىدىقۇتتىن شان شەرەپ،
بولدۇڭ كارىز مۇڭلرىغا مەستانە.

يالقۇنتاغدا سەمەندەردەك تاۋلىنىپ ،
قىش يازدىمۇ ئەلگە بەردىڭ ھارارەت.
ئايدىڭكۆلدە ساداقەتكە باغلىنىپ،
قېقىنۇستەك يېتىلدۈردۈڭ كارامەت.


ئارا يىراق كۆڭۈل يىراق ئەمەسقۇ،
بارالمىدىم سۈننەت بىلىپ تەكلىپنى.
نەدە بولساق سەن بىلەن بىر نەپەسقۇ،
قەدىرلەيمىز ھەر تىنىقنى، كەسپنى.


ئىيوندىكى مەرىكە قۇت كېچىلىك،
ئەلگە سۇنغان يۈرىكىڭنىڭ شەربىتى.
ئەلدە بولسا ئەر غېمى گەر قانچىلىك،
سۇنماس  ئۇنىڭ ئەلدە  ئىززەت -ھۆرمىتى.


ئوڭ سولۇڭدا ھەمرا  ئىكەن كۆزلىرىڭ،
دىلى كورغا ئورۇن يوقكەن يېنىڭدا.
كۈلكە-چاخچاق ئوزۇق ئىكەن سۆزلىرىڭ ،
موللا زەيدىن قېنى بارمۇ قېنىڭدا .


نىجات تاپقىن سىرلىق بارخان قوينىدا.
ناخشاڭغا جۆر جىڭ،داۋانچىڭ بۇلبۇلى.
ھەققىمىز بار يىل- ئەسىرنىڭ بوينىدا،
ساڭا تەڭكەش ھاياتلىقنىڭ مەرغۇلى.


ئويۇپ بېرەي كۆزلىرىمنى ساڭا مەن،
تىجىمەلدەك بولما مۇھتاج ھاسىغا.
ياڭراپ تۇرسۇن قەلبىڭدىكى مۇڭ -سۈرەن ،
تېگىشمىگىن ئۇنى يىغا - ھازىغا.



2013-يىلى 3-ئىيون

مەنبە: يازما ئىگىسىنىڭ تەلىپى بويچە يوللاندى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-4 15:08  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

خىياللار مىنىڭ ب

UID
3846
يازما
462
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
13963
تىزىملاتقان
2010-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 17:23:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبراھىم قۇربان ئاكىمىزنىڭ ئىجادىيەتلىرى بەك ياخشى ...مەن بەك ياقتۇرىمەن.....مۇراتجان مۇختەر ئاكىمىز ئىشلىگەن ،ئاكورتلاشتۇرغان ناخشا-مۇزىكىلار مۇ بەك ئىسىل......ئىبراھىم قۇربان ئاكىمىزنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ،ئىجادىيەت ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش