- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 62
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 64
- تىزىملاتقان
- 2011-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-2
- UID
- 18860
- يازما
- 62
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 64
- تىزىملاتقان
- 2011-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-2
- توردا
- 33 سائەت
|
ئانىلار ئۇلۇغ، ئانىلار يېرىم دۇنيا، ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە سىڭدۈرگەن ئەجرى ئۈچۈن، ئانىلارنى ھەرەمگە يەتتە قېتىم يۈدۈپ ئاپارسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ... مانا بۇلار بىزنىڭ كۆيۈمچان ئانىلىرىمىزغا بېرىلگەن مەدھىيە سۆزلىرىدۇر. ئانىلارنىڭ پەرزەنت ئۈچۈن چەككەن ئەجرى ئۈچۈن، ئانىلار ئۈچۈن قانچە قىلساق ئەرزىيدۇ، چۈنكى جەننەت ئانىلىرىمىزنىڭ ئايغى ئاستىدا!
ئانىلارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، ئانىلارنى غەملەردىن خالاس قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش ئەسلىدە پەرزەت بولغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە بەختى ئىدى.
تولىمۇ ئەپسۇس، ئىقتىساد ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيتىمىزدە خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئالدىراشلىقى، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن ئارىمىزدىكى مېھرى-مۇھەببەت سۇسلاپ كېتىۋاتىدۇ. ئانىلىرىمىزغا بولغان مېھرى-مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلەيدىغان پۇرسەتلەر ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ياش ئانىلىرىمىزدا ئانا بولۇش، پەرزەنتلەرنى بېقىش، پەرۋىش قىلىش بىلىملىرى تازا مۇكەممەل، ئەتراپلىق بولالماي قېلىۋاتىدۇ. نۇرغۇن ياشلار ئوقۇش سەۋەبىدىن ئائىلىسىدە ئۇزاق تۇرالماي، ياكى بولمىسا ئاتا-ئانىسىنىڭ سەل قارىشى نەتىجىسىدە توي قىلىشتىن بۇرۇن بىلىشكە تېگىشلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ئۈلگۈرمەيلا تۇرمۇشلۇق بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇرۇنلاردا ئانىلىرىمىز بەش-ئون بالىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ، پەرزەرنتلىرىنى ساغلام، ئەتراپلىق بېقىپ كەلگەن بولسا، ھازىرقى ياش ئانىلار بىر بالىنىمۇ قانداق بېقىش ئۈچۈن غەم يېمەكتە.
يۇقىرىدا ئېيتىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىز پەرىشتە ئانا-بالا تورىنى قۇرۇپ چىقتۇق. تور بېكىتىمىز دىيارىمىزدىكى كەسپىي نۇقتىنى چىقىش قىلىپ، مەخسۇس ھامىلىدارلىق ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئاساس قىلغان كەسپىي تور بېكەت بولۇپ، ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇنقى بىلىشكە تېگىشلىك زۆرۈر بىلىملەر، ھامىلىدار بولغانلار دىققەت قىلىش كېرەك بولغان نوقتىلار، كەلگۈسىدىكى ساغلام، ئوماق پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئىگىلەش زۆرۈر بولغان بىلىملەرنى ئۇيغۇر يېزىقىدا مۇجەسسەملەش ئارقىلىق، كەڭ ئانىلار، ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار ئۈچۈن سىستېمىلىق، ئەتراپلىق بىلىم بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلغان بېكەتتۇر.
مەيلى سىز يېڭى توي قىلغان بولۇڭ، ياكى ھامىلىدار بولغان بولۇڭ ۋە ياكى يېڭىلا ئانا بولغان بولۇڭ، بېكىتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلىڭ. بېكىتىمىز سىزنى ئەڭ كەسپى ۋە ئىلىمى ھامىلىدارلىق، پەرۋىش بىلىملىرى بىلەن تەمىلەيدۇ ھەمدە تۇرمۇش بىلىملىرىڭىزنىڭ كەمچىللىكىنى مۇمكىن قەدەر تېزدىن تۇلۇقلاشقا ياردەم قىلىدۇ. پەرىشتە ئانا-بالىلار تورىمىز سىز ۋە بوۋىقىڭىزنىڭ ياخشى ياردەمچىسى، بىلىم خەزىنىسى بولۇپ قالغۇسى!
پەرىشتە ئانا-بالا تورىنىڭ تۆۋەندىكى ئادرېسلار ئارقىلىق زىيارەت قىلسىڭىز بولىدۇ:
www.anabala.com ياكى www.ana-bala.com
بۇ ئىككى ئىسىمنىڭ قايسىسىدا زىيارەت قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ... |
|