كۆرۈش: 644|ئىنكاس: 5

مۇھەببەت ۋە نەپرەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
48517
يازما
68
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2013-4-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 17:07:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                           1.مۇھەببەتنىڭ كۈچى

ئوخشىمىغان شەھەرلەردىن كەلگەن ،ئىلىم –مەرىپەت دەرياسىغا تەشنا بولغان نۇرغۇن ياش ئوغۇل قىزلار بىر يەرگە يىغىلىپتۇ.ئائىلىدىن تۇنجى ئىغىر ئازاپ ،يات شەھەردىكى يات  مۇھىت بۇلارنى كۈتمەكتە ئىدى .ئەمما قاتلاممۇ قاتلام ئۆتكەللەرنى بىسىپ ئۆتكەن بۇ ياش ئوغۇل قىزلارنىڭ ئىرادىسى ھەرگىزمۇ بوش ئەمەس ئىدى .ئۇلار ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىرادىسى بىلەن بۇ يات شەھەردىكى بۇ يات مۇھىتقا تىزلا كۆنۈپ كەتتى .ئۆز ئارا ياخشى چىىقىشىپ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قاپتۇ .ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەلىپى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ھەر قايسى پەن يىتەكچىلىرى مۇشۇ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن سايلاپ چىقىلىپتۇ .قاپقارا چاچلىق ،يۇمىلاق يۈزلۈك ،بۇدرۇققىنا كەلگەن ،كىشىنىڭ تولىمۇ مەسىتلىكىنى كەلتۈرىدىغان بىر قىز ئەدەبىيات يىتەكچىسى بولۇپ سايلىنىپ چىقىپتۇ .بۇ قىز تاشقى گۈزەللك بىلەن ئىچكى گۈزەللىكنى بىرلەشتۈرگەن قىز بولۇپ ئۆگىنىشتە تولىمۇ تىرىشچان ،خىزمەتتە تولىمۇ ئەستايىدىل قىز ئىكەن .بۇ قىز تولىمۇ خۇش چاقچاق بولۇپ شوخ تىتىك يۈرىدىكەن ،ھەممەيلەنگە ئىللق مۇئامىلە قىلىدىكەن .مۇشۇنداق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىنىپىدىكى بىر ئوغۇل بۇ قىزنى تولىمۇ ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ .بۇ قىزنىڭ ئىشىق پىراقىدا ئۆرتۈنۈپ يۈرۈپتۇ .بىر مىنۇت كۆرمىسە چىداپ تۇرالمايدىغان ھالەتكە يىتىپ قاپتۇ .شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوغۇلنىڭ بۇ قىزغا بولغان يوشۇرۇن سۆيگۈسى باشلىنىپتۇ .بۇ يوشۇرۇن سۆيگۈ ئازابى بۇ ئوغۇلنى قىيناشقا باشلاپتۇ .بۇ ئوغۇل قىزغا ‍كۆڭلىنى ئىپادىلەشنى ئويلاپتۇ يۇ ئەمما ئىيتالماپتۇ .ئۇ تولىمۇ تىرىشچان ،ئۈگىنشتە ئالدىراش يۈرىدىغان تۇرسا، بۇنداق ئىشلارنى ئويلاپ يۈرىدىغانغا ۋاقتى بارمىدۇ ؟ياق ،ياق ،،،ئۇ ھازىر  چوقۇم  بۇنداق ئىشلارنى ئويلاپ يۈرمەيدۇ.ئەگەر تۇيۇقسىز بۇ گەپلەرنى چىقىرىپ قالسام ئۇ چوقۇم ئازاپلىنىدۇ ،ئۇنىڭ ئۈگۈنىشىگە تەسىر يىتىدۇ دەپ قاراپتۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋاپتۇ .قانچىلىك ئازاپ بولسىمۇ ئىچىگە يۇتۇپ چىداپ يۈرۈپتۇ .بۇ قىزنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ،ئەخلاقى پەزىلىتى بۇ ئوغۇلنى تولىمۇ مەمنۇن قىىلىپتۇ.شۇڭلاشقا بۇ ئۇغۇل قىزنى تىخمۇ ھۆرمەتلەپتۇ .ئۇنىڭغا ياردەم قىلغۇدەك ئىشلار بولسا ئۇنىڭغا ئاستىرتتىن توختىماي ياردەم قىلىپتۇ .ئەمما ئۆزىنىڭ ئۇ قىزنى تولىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئۇ قىزغا بىلىندۈرمەسلىككە تىرىشىپتۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزمۇ بىر ئوغۇل تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلۈپ ،ئۇنى تولىمۇ ئازاپلاپ يۈرگەنلىكىنى سەزمەپتۇ .بۇ ئىككەيلەن يەنە شۇ ئادەتتىكى دوستلاردىن بولۇپ يۈرۈۋىرىپتۇ .سىنىپتىكى ھىچقانداق بىرسى ئوغۇلنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەپتۇ ،ئۇقىزغا كۆيۈپ قالغانلىقىنى بايقىيالماپتۇ ،ئەمما ئوغۇل قىزنىڭ ئىشىق پىراقىدا ئازاپلىنىپلا يۈرىدىكەن ،يەنىلا شۇ قىزنى ئويلاپ ئۆزىنىڭ ئازابىنى ئىچىگە يۇتۇۋىتىپتۇ .مەيلى قانداقلا بولمىسۇن چىداش كىرەك ،ئاخىرى بىر كۈنى چوقۇم ياخشى پۇرسەت چىقىدۇ دەپ ئويلاپتۇ ،ئەسلىدە بۇ ئوغۇلنىڭ ئۆگىنىش قىزغىلىقى ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ سىنىپتىا ئوتتۇردىكى قاتاردا ماڭىدىكەن ،ئەمما قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن باشلاپ ،قىزنىڭ ئۆگىنىش قىزغىلىقى ئوغۇلغا قاتتىق تەسىر قىلىپتۇ .مۇھەببەتنىڭ كۈچى ئۇنىڭ ھورۇن ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ ،ئۆگۈنۈش قىزغىنلىقىنى دەھشەت ئاشۇرۇپتۇ ،ئەتتىگەندە ھۇرۇنلۇق قىلىپ سەھەر تۇرالمايدىغان بۇ ئوغۇل مۇھەببەتنىڭ كۈچىدىن ئويغىنىپ كىتىپتۇ ،سەھەر تۇرۇپ ئۈگىنىش قىلىدىغان ،دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن كىتاپ كۆرىدىغان ياخشى ئادەتنى يىتىلدۈرۈپتۇ ،قىز ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىپتۇ ،ئۇزۇن ئۆتمەي ئوغۇلنىڭ ئۈگىنىش نەتىجىسىمۇ سىنىپنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئاپتۇ .ھەممەيلەن بۇ ئوغۇلنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەنلىكىدىن تولىمۇ ھەيران بوپيۇ،قانداق كۈچ ئۇنى شۇنچىۋالا ئۆزگەرتكەندۇ دەپ ئويلاپتۇ ،ئەسلىدە ئوغۇلدا يوشۇرۇن بىر كۈچنىڭ بارلىقىنى ھىچكىم ئويلاپ يىتەلمەپتۇ ،بۇ زادى قانداق    كۈچتۇر ،ئەلۋەتتە بۇ مۇھەببەتنىڭ كۈچى ئىدى ،مۇھەببەتنىڭ كۈچى نىمانداق زور ھە !

                                              2  .  ئوغۇلنىڭ قىزغا خەت يىزىشى            بىر كۈنى سىنىپتا كۈتۈلمىگەن بىر .ىش يۈز بىرىپتۇ ،ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن بۇ قىز بىر دوستى تەرىپىدىن قاتتى ئازار يەپتۇ ،ئوغۇل قىزنىڭ ئازاپلانغانلىقىنى كۆرۈپ قىزدىن بەكرەك ئازاپلىنىپتۇ ،بۇ ئازاپقا چىداپ تۇرالماپتۇ ،بۇ ئىش تۈپەيلى دوستى بىلەنمۇ ئازراق ئادارلىشىپ قاپتۇ ،شۇ ئىشتىن كىيىن ئوغۇلنىڭ بۇ قىزغا بولغان غەمخورلىقى ،دىققەت ئىتىبارى تىخمۇ كۈچۈيىپتۇ ،يوشۇرۇن سۆيگۈ ئازابى ئوغۇلنى تولىمۇ قىيناپتۇ ،ئەمما تا ھازىرغچە ھىچنىمىنى سەزمەپتۇ ،ھەي ،قانداق قىلىش كىرەك ،نىمە ئازاپ بۇ ،ئەجىبا مۇھەببەتنىڭ ئازابى مۇشۇنداق زورمىدۇ ،ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى ئىز ھار قىىلىشىم كىرەك ،يا ق چىداش كىرەك ،ھامان بىر كۈنى ياخشى پۇرسەت كىلدۇ دەپ ئويلاپتۇ ،بۇ ئوغۇل ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدىكەن .ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن قىز ئازار يىگەن كۈنى كەچتە بۇ ئوغۇل خاتىرنى قولغا قىزغا بىر پارچە خەت يىزىپتۇ ،بۇ ئاددىلا يىزىلغان بىر پارچە خەت بولۇپ ئۇنىڭغا تالاي قىتىم دىيىشكە ئۇرۇنغان ،ئەمما دىيەلمىگەن شىرىن گەپ سۆزلەر يەنىلا يىزىلمىغان ئىدى ،ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى تىخى ئىز ھار قىلىنمىغان ئىدى ،ئوغۇل خەتنى يىزىپ بولغاندىن كىيىن چوڭقۇر خىيالغا پىتىپ كىتىپتۇ ،مەن بۇ خەتنى ئۇنىڭغا قانداق بىرەرمەن ،مەن بۇ خەتنى ئۇنىڭغا بەرسەم مىنىڭ ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقمنى بىلىپ قىلىپ ئازاپلىنىپ كىتەرمۇ ،بىزنىڭ بۇرۇنقى دوستلىقىمىز بۇزۇلۇپ كىتەرمۇ دەپ ئويلاپتۇ ۋاقىت توشۇشقا ئاز قاپتۇ ،بۇ ئوغۇل ئاخىرى غەيرەتكە كىلىپ بۇ خەتنى ئۇنىڭغا بىرىش قارارىغا كەپتۇ قوڭغۇراق چىلىنىپتۇ ،بىر كۈنلۈك دەرس ئاخىرلىشىپ ھەممەيلەن كىتاپلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ياتاققا قاراپ مىڭىپتۇ ئوغۇلمۇ ھاپىلا –شاپىلا كىتاپلىرىنى يىغىشتۇرۇپ بىنادىن چۈشۈپ قىزنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ ،بۇ مىنۇتلاردا ئۇنىڭ يۈرىكى تولىمۇ سىلىپ كىتىپتۇ ،قىز بىنادىن چۈشۈپتۇ ،ئۇغول دەرھال ئىسىنى يىغىپ تىتىرگەن ئاۋازى بىلەن قىزنى توۋلاپتۇ
نۇرسىمانگۈل توختاپ تۇرسىڭىز بوپتىكەن، مىنىڭ سىزگە دەيدىغان ئازراق گىپىم بار ئىدى ،قىز بۇ تىتىرگەن ئاۋاز بىلەن ئيتىلغان بۇ گەپنى تولىمۇ ھەيران قاپتۇ ،كۆڭلىدە ئۇ ئادەتتە گەپ قىلسا بۇنداق جىددىلەشمەييتتىغۇ،ئەجەپ بۈگۈن نىمە بولغاندۇ دەپ ئويلاپتۇ ،ھەم ياندۇرۇپ سوراپتۇ :
ھە ،دەڭە نىمە گىپڭىز بار ئىدى
مەيدان ئايلانغاچ پاراڭلاشساق بولارمۇ ؟
قىز كۈلۈپ تۇرۇپ ماقۇللىقىنى بىلدۈرۈپتۇ .قىز قوشۇلغاندىن كىيىن ئوغۇل ئىنتايىن خۇشال بۇلۇپ كىتىپتۇ ، يۈرۈك سوقۇشى نورماللشىپ ، جىددىچىلىكىمۇ ئازراق يوقاپتۇ ،ئوغۇل ئۆزىنى شۇنچىلىك بەختلىك ھىس قىپتۇ .بۇ ئىككەيلەننڭ تۇنجى قىتىم ئايرىم ئۇچىرشىشى ئىدى باھارنىڭ ئىللق شامىلى قاپقارا ئۇزۇن چاچلارنى يەلپۈپ ،دومىلاق يۈزلەرنى يىنىكلا سىيپاپ ئۆتۈپ كىتىپ باراتتى ،ئاي بولسا بۇ ئىككەيلەننىڭ ئۇچراشقىنىغا خۇشال بولسا كىرەك ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەۋاتاتتى.ئۇلار ئادەتتكى پاراڭلارنى سىلىپ بىر مەيدان ئايلاندى .ۋاقىتمۇ بىر يەرلەرگە بىرىپ قالغان ئىدى .ئۇلار ئايلىنىشتىن توختاپ قالدى .
قىز يەنىلا شۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سوراپتۇ :سىزگە دەيدىغان گىپىم بار دىگەن ئىدىڭىز ،قايسى گە پ ئىدى ئۇ ،مەن ئەجەپ بىلەلمىدىمغۇ ؟
ئوغۇل ئوغۇل دەرھال كىتاپلار ئارىسىدىن بىر پارچە خەتنى ئىلىپ قىزغا سۇنۇپتۇ ،قىز تولىمۇ ھەيران قاپتۇ ،
بىرپارچە خەت ؟؟؟؟؟؟
شۇنداق بىر پارچە خەت ،مەن سىزنى مۇشۇنى بىرىشكە چاقىرتقان ئىدىم .
ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بىرىپ قالغان بولغاچقا قىز خەتنى ئلىپلا ياتىقىغا قاراپ يۈگرەپ كىرىپ كىتىپتۇ ،ياتىقىغا كىرىپ بولغۇچە ئۇنىڭ كاللىسىنى ھەر خىل خىياللار چىرماپتۇ .
بۇ زادى نىمە خەتتۇ ؟مۇھەببەت خىتى ،ياق ئۇنداق ئەمەس ،ئەخمەت ئالدىراش يۈرسە مۇھەببەت ئۈستىدە ئويلىنىپ يۈرەرمۇ ؟چوقۇم ئۇنداق ئەمەس دىگەنلەرنى خىيال قىپتۇ .ئىشلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن كارىۋاتقا چىقىپ ھىلىقى خەتنى قولىغا ئاپتۇ ،خەت ئىچىلىپتۇ .
ئەسسالامۇ –ئەلەيكۇم سۆيۈملۈك ساۋاقداش نۇرسىمانگۈل ،ھازىر كۆڭلىڭىز بىر ئاز ياخشىلىنىپ قالدىمۇ مەن بىلىمەن ،بۈگۈن يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار سىزگە ناھايتمۇ ئىغىر ئازاپ ئىلىپ كەلدى ،ئەمدى بولدى قىلىڭ ئازاپلانماڭ ،ئەنە شۇ سىزنىڭ ئازابىڭىزغا ،خۇشاللققىڭىزغا بىللە جۆر بولىدىغان قەدىناس دوسىتلىرىڭىزنىڭ تىخمۇ ئازاپلانماسلىقى ئۈچۈن ئازاپلانماڭ ،بۇگۈنكىدەك بۇ ئىشلار سىزنىڭ ئازاپلىنىپ يۈرۈشىقىزگە قەتتى ئەرزىمەيدۇ ،بۇ ئاددى ئىشلار ئۈچۈن ئازاپلىنىپ روھى ھالىتىڭىزنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ نىرۋىلىرىڭىزنى چارچىتىۋەتمەڭ .بۇنداق ئىشلار ئۈچۈن ئازاپلىنىش ھاياتڭىزنى خورىتىپ ۋاقتڭىزنى ئىسراپ قىلىدۇ خالاس . قىز خەتنى ئوقۇپ مۇشۇ يەرلەرگە كەلگەندە كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئىقىپ خەتنى ھۆل قىلىۋىتىپتۇ .ئوغۇلنىڭ مۇشۇ يازغانلىرىدىن تەسىرلەندىمۇ ياكى كۆڭلى تىخمۇ يىرىم بولدىمۇ بۇنىسى نامەلۇم قىز بىر خەتنى سىقىمدىغان ،كۆزلىرىدىن ياش ئەگىگەن پىتى ئۇيقۇغا كىتىپتۇ ئۆزىنىڭ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى سەزمەيلا قاپتۇ .


                                                            3.قىزنىڭ مۇھەببەتلىك چۈشى

غەلىتىلا بىر ئىش ،تا ھازىرغىچە مۇھەببەت ،سۆيگۈ توغرۇرلۇق گەپ سۆزلەرنى ئىغىزدا دىيىش ئەمەس بەلكى كۆڭلىدە ئويلاشقىمۇ پىتىنالمايدىغان بۇ قىز بۇ كىچىسى قولىدىكى خەتنى بەرگەن ھىلىقى ئوغۇلنى چۈشىەپتۇ .
ئوغۇل :نۇرسىمانگۈل سىز نىمانداق چىرايلىق ،ئەخلاقى پەزىلەتلىك قىز ،سىزمىنى ئۆزىڭزگە مەپتۇن قىلىۋالدىڭىز ،مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ،مەن سىزدىن مەڭگۈ ئايرىلالمايمەن ،سىز ماڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولمىسىڭىز بولمايدۇ دەپ قىزنىڭ قولىنى تۇتۇۋالغۇدەك ،قىز خىجىل بولۇپ  تارتىۋىلىشقا ئۇرۇنۇپتۇ يۇ ،ئەمما ئاجىرتالماپتۇ ،قىزغىمۇ ئازراق مۇھەببەتنىڭ ئوتلىرى تۇتاشدىمۇ قانداق ،ئەمدى سىلكىنمەپتۇ ،ئوغۇل قىز بىر بىرىگە قاراپ تۇرۇپ قاپتۇ ،قىزمۇ ئۆزىنى ئەركىن قويۇپ بىرىپتۇ ،ئوغۇل قىزنى يىنىك قۇچاقلاپتۇ ،قىز بۇ ۋاقىتتا خىجىل بولۇپ ئۆزىنى تارتىۋاپتۇ دە ،شىرىن ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ كىتىپتۇ ،ئاللاھقا شۈكرى ،ئەسلىدە بۇ مىنىڭ چۈشۈم ئىكەندە دەپ ئۇھ تارتىپتۇ .ئۇرۇندىن تۇرسا قولدا بىر پارچە خەت بارلىقىنى بايقاپتۇ ،بۇ ۋاقىتتا قىز ئۇيقۇدىن تولۇق ئويغىنىپ بولالمىغان بولسا كىرەك ،قولىدا بىر پارچە خەت تۇرغانلىقىغا تولىمىۇ ھەيران قاپتۇ .خەتكە قايتا كۆز يۈگۈرتۈپتۇ ،دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئاخشامقى كۆرگەن چۈشى يەنە ئىسىگە كىلىۋاپتۇ ،ئويلىماي دىسىمۇ كاللىسىدا يەنە ئەكىس ئىتىپ تۇرغۇدەك .
توۋا ،مەن قانداق چۈش كۆردۈم ،مەن نىمىلەرنى ئويلاۋاتىمەن ،مەن زادى نىمە بولدۇم دەپ دەرھال خەتنى تاشلاپ كارىۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپتۇ .ئىشلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئاشخانىغا قاراپ مىڭىپتۇ ،ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كىلىشىگە ئەخمەت ئاشخانىدىن چىقىپتۇ ،قىزنىڭ ئىسىگە يەنە ئاخشامقى كۆرگەن چۈشلىرى كىلىۋاپتۇ .قىز يۈگرەپلا ئاشخانىغا كىرىپ كىتىپتۇ ،ئەخمەتمۇ ھىچنىمە دىيەلمەستىن يولىنى راۋان قىپتۇ ،شۇنڭدىن باشلاپ قىز ئوغۇلدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ،ئەخمەت بىلە ن ئانچە گەپ قىلىشمايدىغان بولۇپ قاپتۇ ،ئوغۇل بۇنى بايقاپ تىخمۇ ئازاپلىنىپتۇ .ئوغۇل ئىچىدە :ئەجىبا قىز مىنىڭ ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى بايقاپ قالغانمىدۇ ؟ئەگە ر بىلىپ قالغان بولسا خىجىل بولۇپ مەندىن ئۆزىنى قاچۇۋاتامدىغاندۇ ؟ئەجىبا بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قىلش گۇناھمىدۇ ؟ئەجبا مەن مۇھەببەت گۇناھكارىمۇ ؟ئەگەردە ئۇنى ياخشى كۆرۈش گۇناپ بۇلغان تەغدىردىمۇ مەن ئۇنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىمەن دەپ ئويلاپتۇ ،مانا مۇھەببەت ئىشىق ئوتىنىڭ كۈچى دە..........

                                                    4. قىزنىڭ ئوغۇلنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلىشى

ۋاقىتنىڭ ئۇچقاندەك ئۆتىشى بىلەن مەۋسۇملۇق ئىمتىھانلارنىڭ ئىلىش ۋاقتىمۇ يىتىپ كەپتۇ .مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بىردىن ناخشا ئۈگۈنۈپ كىلىشىنى ،ئىمتىھاندا چوقۇم ئىيتىدىغانلىقىنى ئىيتىپتۇ .ناخشا ئۇسۇلدىن ھىچقانداق خەۋىرى يوق بۇ ئوغۇل قانداقمۇ قىلار ،ئەمما بۇ ئوغۇلمۇ بوش كەلمەپتۇ ،مۇھەببەتنىڭ كۈچى ئۇنىڭغا زور جۈرھەت ئاتا قىپتۇ .شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزغا ئاتاپ بىر ناخشا ئىيتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ ۋە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بىر ناخشا ئۈگۈنۈپتۇ .ئمتىھان ۋاقتىمۇ تىزلا يىتىىپ كەپتۇ .
ئوقۇغۇچىلار بىردىن ئوتتۇرغا چىقىپ ناخشا ئيتىپتۇ ،ئەخمەتجان بۇ ۋاقىتتا خىيال دىڭىزىغا غەرق بوپتۇ ،ئۆزىگە نۆۋەت كەلگەنلىكىنىمۇ سەزمەي قاپتۇ .ئەخمەتجان ساڭا نۆۋەت كەلدى دەپ ئوقۇتقۇچى توۋلاپتۇ ،ئەخمەتجان دەرھال ئورنىدىدىن تۇرۇپ ،نىمە ئىش مۇئەللم دەپ قايتلاپ سوراپتۇ .سىنىپ ئىچى پاراق-پاراق كۈلكگە توشۇپتۇ .ئەخمەت تولىمۇ جىدىدىلىشىپتۇ ،ئەمما دەرھال ئىسىنى يىغىپ ئۆزىنى ئوڭشاپتۇ ئالدىرماي ئوتتۇرغا چىقىپ ناخشىسىنى باشلاپتۇ .
ياشلىق مۇھەببەت
بىر ئوت يالقۇنى
قەدرىگە يىتەر
چۈشەنگەن كىشى
ھەقىقى يارغا ،ئاسىيلىق قىلش
يۈسىز ۋىجدانسىز ،نامەرتنىڭ ئىشى
مۇشۇ ئۆمرۈمدە ساڭا كۆيگەنتم
ئەقىدەم بىلەن سىنى سۆيگەنتىم
ئىشىنسەم يايرىم ،ئاچاي قەلبىمنى
سىنىڭدىن باشقا سۆيگەنىممۇ يوق
بۇ ھاياتمدا ئۆتسەم سەن بىلەن
تاكى ئاخرى تىنىق ،تىنىقلارغىچە
ئۆمۈرلۈك يايرىم ئىسىڭدە بولسۇن
بىز ئۇچراشقان شۇ ئايدىڭ كىچە .

ناخشا تامان بوپتۇ ،چاۋاك ئۈزۈلمەپتۇ ،ھەممەيلەن ئۇنىڭ جۈئىتىگە قايىل بوپتۇ ،قىز ئوغۇلنىڭ بۇ ناخشىسىنى ئاڭلاۋىتىپ ھىلىقى چۈشىنى ئەسلەپتۇ ،شۇنداقلا ئوغۇلنىڭ كۆڭلىنى بىر ئاز چۈشەنگەندەك بوپتۇ . قىزمۇ ئوغۇلنىڭ ئازابىنى ئاخرى چۈشىنىپ يىتىپتۇ .قىزغا مۇھەببەتنىڭ ئوتلىرى ئاخرى تۇتۇشۇپتۇ.ئوغۇلنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى كۆڭلىدە ئىتراپ قىپتۇ .شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرمايدىغان ،ئىشلار بولسا بىللە مەسلەھەتلىشىپ مۇزاكىرلىشىدىغان بوپتۇ .ئوغۇلمۇ قىزنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن بەكمۇ خۇشال بوپتۇ .بۇ ئىككەيلەن تىرىشىپ ياخشى ئۈگۈنۈپ سىنىپتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئورۇننى قولدىن كەتتۈرۈپ قويماپتۇ ،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇلارنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قاپتۇ .ئەسلىدە ئوقۇتقۇچىلار ،ئوقۇغۇچىلار ھازىر مۇھەببەتلەشسە ئۈگىنىشىگە تەسىر يىتىدۇ دەپ قاراپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشىنى چەكلەيدىغان ئىكەنتۇق ،ئەمما بۇ ئىككەيلەن مۇھەببەتلەشكەن تەغدىردىمۇ ئۈگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر يەتمىگەن بولغاچقا ئانچە كارى بولماپتۇ .سىنىپتىكى ھەممەيلەن بۇ ئىككەيلەنگە تولىمۇ ھەۋەس بىلەن قارايدىغان بوپتۇ .

                                                          5.قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى
قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى يىتىپ كىلىشگە ئاز قاپتۇ ،ئوغۇل قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە نىمە سوۋغات ئىلىش ئۈستىدە قاتتق ئويلىنىپ قاپتۇ ،تا ھازىرغىچە بىرەرسىگە سوۋغات ئىلىپ باقمىغان بولغاچقا بۇنداق ئىشلاردىن ئانچە خەۋىرى يوق ئىكەن .ئۇيان ئويلاپ ،بۇيان ئويلاپ ،ئاخرى قىزغا ئاتاپ شىئىر يىزىش قارارىغا كەپتۇ .ئۇ ياخشى بىر خاتىرنى تەييارلاپ مۇنداق بىر شىئىر يىزىپتۇ

سۆيۈملۈك قىزچاق نۇرسىمانگۈل
تۇغۇلغان كۈنىڭڭە مۇبارەك بولسۇن.
تەبرىكلەيمەن تۇغۇلغان كۈنىڭنى،
خۇشاللق سىزگە مەڭڭۈ يار بولسۇن.

يىغلاپ تۇغۇلدۇڭ كۈلۈپ ياشىغىن ،
دۈشمەنلەر ئالدىدا ئەگمە بوينۇڭنى .
قىيىنچلىق ئالدىدا ھەرگىز تىز پۈكمە ،
قەتئلىك بىلەن باغلاپ بىلىڭنى ،

بولدى بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈڭ ،
تەبرىكلەيمەن تۇغۇلغان كۈنۈڭنى .
مەن ساڭا ئيتاي سۆيۇملۈك قىزچاق ،
ھەر ۋاقىت ساقلىغىن قىزلىق غورۇرنى.

ئەلۋەتتە قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى يىڭى يىلنىڭ بىشى بولغاچقا ئوغۇل قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە قىزنىڭ يىڭى يىلىغا بەخىت سائادەت تىلەپتۇ .شۇنداقلا قىزدىن كۈتۈدىغان ئارزۇ ئۈمۈدلىرىنى قوشۇپ قويۇپتۇ قىز تۇغۇلغان كۈنلۈك سوۋغاتنى قوبۇل قىلىپ ناھايتىمۇ خۇشال بولۇپ كىتىپتۇ .چۈنكى ئۇمۇ تۇغۇلغان كۈنىدە باشقىلاردىن تۇنجى قىتىم سوۋغات قوبۇل قىلىشى ئىدى .
دەل مۇشۇ مىنۇتلاردا ئوغۇل ئۆزىنى بەكمۇ بەخىتلىك ھىس قىپتۇ

                                                   6.ئىچىنىشلىق ئايرىلىش ئازابى

ئەلۋەتتە ۋاقىتتەك رەھىمسىز نەرسە يوق ،ۋاقىتنىڭ سۇدەك تىز ئۆتىشى بىلەن بۇلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتى ئاخىرلىشىشىقا قاراپ يۈزلىنىپتۇ .دەل مۇشۇ كۈنلەردە قىچىپ قوتۇلغىلى بولمايدىغان مۇھىم بىر مەسىلىگە دۇچ كەپتۇ .ئارزۇ تولدۇرۇش ،قانداق تولدۇرۇش كىرەك ،بىر شەھەرگە ،بىر مەكتەپكە بار غىلى بولارمۇ ؟ناۋادا ئىككى جايغا كىتىپ قالساق قانداقمۇ قىلارمىز،دەپ ئەنسىرەپتۇ .
ئۇلار ئەنسىرگەن ئىش دەرۋەقە يۈز بىرىپتۇ ،ئالى مەكتەپ ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى ئىلىپ ئۆزئارا كۆرۈشكەن ۋاقىتتا ئوخشاش بىر شەھەردىن كەلمىگەنلىكىنى بايقاپتۇ ،ئەڭ يامىنى بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئارلىقى ناھايتىمۇ يىراقكەن .ئەلۋەتتە بۇ بىر جۈپلەر قانداقمۇ بىر-بىردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيسۇن .بىر قىتىملىق ئىمتىھان ئۇلارنى ئىككى شەھەرگە ئايرىپ قويۇپتۇ .بۇمۇ تەغدىرنىڭ ئۇلاردىن ئالغان بىر قىتىملىق سىنىقىدۇر بەلكىم .ئۇلار قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپتۇ .ۋە ئۆزئارا بىز مەڭگۈ ئايرىلمايمىز ،بىز مەڭگۈ بىر بىرمىزگە بولۇپ بىللە ياشايمىز دىگەن ۋەدىلەرنى بىرىپ ئايرلىپتۇ .ئالي مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن ھەر كۈنى تىلفۇندا كۆرۈشمىسە چىدىيالماپتۇ ،مۇھەببەتنىڭ كۈچى ئۇلارنى قىيناپتۇ .ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى مانا مۇشۇنداق داۋاملىشىپتۇ ،تەتىلنى تەتلگە ئاران تەستە ئۇلاپتۇ .ئۇلار تەتىل ۋاقىتلاردا ئۇچىرىشىپ قىزغىن پاراڭلىشىپتۇ

                                                                   7.قىزنى شەيتان ئازدۇرىشى .
كۈنلە ر مانا مۇشۇنداق سىغىنىش ئىچىدە ئۆتۈپتۇ .كىم بىلسۇن ،كىيىن كىيىن يگىت تىلفۇن قىلسا قىزنىڭ تىلفۇنى ئىتىگلىك ياكى بولمىسا ئۈزۈۋىتىلىپتۇ .ئۇچۇر يازسا قايتۇرماپتۇ .يىگىت كۆڭلىدە قىزنىڭ ئۈگۈنىشى بەك ئالدىراش ئوخشايدۇ ،ئۈگۈنۈشنىڭ ئالدىراشچىلىقىدىن تىىلفۇننى ئىلىشقا ،ئۇچۇرنى قايتۇرۇشقا ۋاقتى يەتمىگەن بولسا كىرەك دەپ ئويلاپتۇ شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئالاقىسى ئازلاشقا باشلاپتۇ ،ئەمما يىگىت ئەجەپلەنمەپتۇ ،چۈنكى يىگىت قىزغا چەكسىز ئىشىندىكەن .ئۇ قەتتى باشقىچە يوللارغا ماڭمايدۇ ،بىزنىڭ ۋەدىمىزگە چوقۇم ئەمەل قىلىدۇ ،ئۇ چوقۇم ئۈگۈش تەتقىقاتى ئۈستىدە باش چۆكۈرۈپ ئىشلەۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتۇ .قىزدىن قەتتى گۇمانلانماپتۇ .چۈنكى ئىشىنىچ ئىككى يۈرەكنى باغلاپ تۇرغۇچى كۆۋرۈك ئەمەسمۇ ؟قىز تىلفۇننى ئالمىغان ۋاقىتلاردا قىزغا ئۇچۇر يىزىپ ئۆزىنى بەك چارچىتىۋەتمەسلىكىنى  ،ئۈگۈنۈش بىلەن ئارام ئىلشنى بىرلەشتۈرۈشنى ،سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىشىنى تولا ئەسكەرتىپتۇ .قىز ماقۇل دىگەندىن باشقا ئنكاس قايتۇرماپتۇ .كىيىنكى كۈنلەردە قىزنىڭ تىلفۇنى تولۇق توختاپ قاپتۇ ،سۈرۈشتە قىلسا قىزنىڭ تىلفۇن كارتىسىىنى ئالماشتۇرۋەتكەنلىكى ئاشكارلىنىپتۇ .يىگت قاتتىق ئەجەپلنىپتۇ ،تىلفۇن كارتىسىىنى ئالماشتۇرغان ئادەم ماڭا  نىمىشكە ئيتىپ قويمايدىغاندۇ دەپ ئويلاپتۇ .قىزدىن بىر ئاز ئۈمىدسىزلىنىپتۇ .قىزنىڭ مەقسەتلىك كارتا ئالماشتۇرغانلىقى يىگىتنىڭ چۈشىگە كىرىپ قويمايدۇ ئەلۋەتتە.يىگىت قىزغا چەكسىز ئىشىنىدىغان تۇرسا قانداقمۇ قىزدىن گۇمانلانسۇن .باشقىلاردىن سوراپ يۈرۈپ يىڭى كارتىسىنىڭ نۇمرىنى ئۇقۇپتۇ ،دەرھال تىلفۇن قىپتۇ .قارشى تەرەپ تىلفۇننى قوبۇل قىپتۇيۇ جاۋاپ قايتۇرماپتۇ .يىگىت توختىماستىن ؛ئەسسالامۇ –ئەلەيكۇم سىز نۇرسىمانگۇلمۇ ،گەپ كىلىڭ دەپ قايتا قايتا سوراپتۇ .ئەمما قارشى تەرەپنىڭ جاۋابىغا ئىرىشەلمەپتۇ .يىگىت بىر ئاز جىدىدىلىشىپتۇ ،ئۇنىڭغا نىمە ئىش بولغاندۇ ياكى بۇ نۇمۇر خاتامىدۇ دەپ ئويلاپ باشقىلاردىن سۈرۈشتە قىپتۇ .نۇمۇر خاتا ئەمەس بولۇپ چىقىپتۇ .كىيىن تىلفۇن قىلسا يەنە ئوخشاشلا جاۋاپقا ئىرىشەلمەپتۇ .يىگتنىڭ روھى ھالىتى تولىمۇ چۈشكنلىشىپتۇ ،تولىمۇ ئازاپلىنىپتۇ .يىگىت باشقىلاردىن سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلق قىزنىڭ ياتاقدىشىنىڭ تىلفۇن نۇمىرىنى بىلىۋاپتۇ .قىزنىڭ ياتاقدىشىغا تىلفۇن قىلىپ  قىزنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىپتۇ .قىزنىڭ ياتاقدىشى يىگتتىن تۇيۇقسىز سوراپ قاپتۇ
سىز ئۇنىڭ ساۋاقدىشىما
يىگىت :مەن ئۇنڭ ئوغۇل دوستى دەپتۇ .يىگىت قىز بىلەن ئىشلىرىنى قىزنىڭ ياتاقدىشىغا دەپ بىرىپتۇ .قىزنىڭ ياتاقدىشى بۇ گەپلەرنى تىخمۇ چۆچۆپ كىتىپتۇ .قىزنىڭ ياتاقدىشى قىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى يىگىتكە تولۇق ئىيتىپ بىرىپتۇ .يىگىت بۇلارنى ئاڭلاپ تىلفۇن قولىدىن چۈشۈك كىتىپتۇدە ،بىشى قىيىپ ئايلىنىپ قاپتۇ .
ئەمدى قىزدىن ئاڭلايلى .قىز ئالي مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن تونۇشلىرى ناھايتى ئازبولغاچقا ھەر كۈنى تىلفۇننى قولدىن چۈشۈرمەي يىگت بىلەن سۆزلىشىپتۇ .قىز ئوغۇل ساۋاقداشلار بىلەن تىزلا تونۇشۇپ ئالي مەكتەپ ھاياتغا ناھايتى تىزلا كۆنۈپ قاپتۇ .ئالي مەكتەپتە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلار ناھايتى كۆپ بولغاچقا بۇ قىز ناھايتى خۇشال بوپتۇ .قىز كۆڭلىدە مەن تولۇق ئوتتۇردا تىرىشىپ ئۆگىنىمەن دەپ ئارام ئىلشقا ،ئويناشقا ۋاقتىم چىقمىدى ،مۇشۇنداق تالاي ۋاقتىم تۇرسا ئوينىۋىلىپ ئاندىن ئۈگەنسەممۇ كىچىكمەيمەن دەپ ئويلاپتۇ .يىگىت ئۈگۈنۈش تەتقىقاتى ئۈستىدە ئالدىراش يۈرىدۇ دەپ ئويليغان بۇ قىز دەل ئەكىسچە ئويۇن تاماششا دۇنياسىغا غەرق بوپ كىتىپتۇ .ئالي مەكتەپ تۇرمۇشى ئۇنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋىتىپتۇ .ئىلگرى يىگىت بىلەن دىيىشكەن بىز مەڭگۈ ئيرىلمايمىز ،بىز مەڭگۈ بىر بىرىمىزگە ھەمراھ بولۇپ ئۆتىمز دىگەن ۋەدىلىرىنى بار-بارا ئۇنتۇپ قاپتۇ .يىگىت تىلفۇن قىلسا ئالماپتۇ .ئۇ ئاخرى يىگىتتىن بىزار بولۇپ تىلفۇن كارتىسىنى ئالماشتۇرىۋىتىپتۇ .دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا بىللە ئويناپ يۈرگەن بىر ئوغۇل بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ.ئالي مەكتەپ بۇ قىزنى يىگىت تونۇيالماس قىلىۋىتىپتۇ .يىگىت ئىسىگە كىلىپ باياتتىن ئاڭلىغانلىرىنىڭ چۈشى ياكى ئەمەلىيەت ئىكەنلىكىنى بىلەلمەپتۇ.قانداقلا بولمىسۇن ئاڭلىغانلىرىنىڭ چۈشى بولىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن .يىگىت تىلفۇننى قولغا ئىلىپ نۇرغۇن ئۇچۇر كەلگەنلىكىنى بايقاپتۇ .ئەسلىدە قىزنىڭ ياتاقدىشى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ۋاقىتتا يىگىتنىڭ تىلفۇنى ئۈزۈلۈپ قالغان .شۇنىڭ بىلەن گەپنىڭ ئاخىرىنى يىگىتكە ئۇچۇر ئارقىلىق ئەۋەتكەن .يىگىت ئۇچۇرنى كۆرۈپ تىخمۇ ئازاپلىپتۇ .ئۆزىنىڭ كۆرگەن ،ئاڭلىغانلىرىغا قەتئى ئىشەنمەپتۇ .شۇنىڭ بىلەن قىزنىڭ مەكتىپىگە قاراپ يول ئاپتۇ .قىزنىڭ مەكتىپىگە يىتىپ كەلگەندىن كىيىن قىزغا تىلفۇن قىپتۇ ،قىز تىلفۇننى قوبۇل قىلماپتۇ .يىگىت ئاخرى قىزنىڭ ھىلىقى ياتاقدىشىنى ئىزدەپ ئەھۋالنى ئىيتىپتۇ .قىزنڭ ياتاقدىشى قىزنى چاقىرتىپ كەپتۇ .قىز بىر ئوغۇل بىلەن كىۋاتقۇدەك ،يىگىت كۆڭلىدە ئۇ قىزنىڭ ساۋاقدىشى ئوخشايدۇ دەپ قاپتۇ .يىگىت قىزنى كۆرۈپ ناھايتى خۇشال بوپتۇ .قىزنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپتۇ .قىزنىڭ يىنىدىكى ھىلىقى ئوغۇل  سەن نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن دەپ  يىگىتنى ئىتتىرۋىتىپتۇ .يىگىت نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي داڭ قىتىپ تۇرۇپ قاپتۇ.بۇ زادى نىمە ئىش دەپ بۇ ئەمەلىيەتكە ئىشەنگۈسى كەلمەپتۇ ،ئەجبا ئىلگىرى ئاڭلىغانلرى راستمىدۇ ؟يىگىت قىزدىن قايتا سوراپتۇ ،قىزدەل مۇشۇ ۋاقىتتا  ئاندىن قاتتىق ئۇيقۇدىن ئويغىنىپتۇ.ئۆزىنىڭ ئازغانلىقىنى ئەمدى ھىس قىپتۇ.ئەمما ئاللىقاچان كىچىككەن ئىدى  .ئەسلىدە يىگىت ئۇنىڭ ساۋاقدىشى ئوخشايدۇ دەپ قارىغان ھىلىقى ئوغۇل ئۇنىڭ قىزنىڭ ئوغۇل دوستى ئىكەن .يىگىت قاتتىق  قايغۇرۇپتۇ .يەر شارىنىڭ چۆرگىلىشى تىزلىشىپتۇ .يىگىتنىڭ بىشى قىيىشقا باشلاپتۇ ،ئەتراپ جىمجىتلىققا چۆمۈپتۇ .قۇشلارسايراشتىن توختاپ ئۇنىڭ ئازابىغا قاراپ سۈكۈتتە تۇرۇپتۇ .يىگت قىزدىن  قاتتىق نەپرەتلىنىپتۇ .چۈنكى بۇدۇنيادا پەقەت بىر دەپ سۆيگەن بۇ قىز يىگىتنى مۇشۇنداق ھالاتكە تاشلاپ قويغان ئىدى .يىگىت ھاياتتىن ئۈمۈد ئۈزۈپتۇ .چۈنكى يىگىت قىزنى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى .قىزمۇ قاتتىق پۇشايمان قىپتۇ ،بۇ دۇنيادا يەنە ئۆزىنى  يىگىتتەك ياخشى كۆرىدىغان باشقا بىرىنى  ئەمدى تاپالمايتتى .ئەمدى ھىچكىم ئۇنى يىگىتتە سۆيەلمەيتتى .
2013-يىل 6-ئاينىڭ 2-كۈنى
خاربىن شەھرى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
46887
يازما
112
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
112
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
108 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 13:35:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەختىر مۇشۇنداق

UID
31144
يازما
399
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
399
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
93 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 16:06:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز دائىم ئۆزىمىز قىلالمغان ئىشلارنى تەقدىرگە دۆڭگەپ قۇيۇشقا ئۇستا ،بۇ مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىمنىڭ كەچۇرمىشگە ئوخشايدىكەن مەن تىخى شۇ ساۋاقدىشم يازغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن .

UID
28222
يازما
193
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
193
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
79 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 00:37:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر كىمكى ئاللاھتىن باشقىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدىكەن ،ئاللاھ ئۇ نەرسىنى شۇ كىشىدىن ئايرۋىتىدۇ .شۇڭا ھەرقانداق مۇقەددەس سۆيگۈ پەقەت بىر ئاللاھقىلا مەنسۇپ بۇلۇشى ،ئۇنىڭىدىن باشقىنى پەقەت ئاللاھنىڭ ئۆزىگە قىلغان سوۋغىسى دەپ بىلىش كىرەك .ھەرقانداق نەرسە بىزنى ئۆزىگە بەك مەھلىيا قىلغان ۋاقتتا ئەڭ ئاۋۋال شۇ نەرسىنى بارلققا كەلتۈرگەن ۋە بىزنى شۇ نەرسىگە ئىرىشتۈرگەن ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ،شۈكۈرلەر ئېيتىشىمىز زۈرۈردۇر ،ھەرقانداق ئادەم زاتى ۋە نەرسىگە قارغۇلارچە ئاشىق بولماسلىقىمىز ،مۇھاببەت باغلىماسلىقىمىز لازىم .قەلبىمىزدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇھاببەت پەقەت بىر ئاللاھقىلا باغلىنىشى كىرەك ،ئاللاھنى قانچە سۆيسەك ئاللاھ بىزنى تاشلىۋەتمەيدۇ ،ئاخىرەتتە كاتتا مۇكاپاتلار بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.

UID
48985
يازما
14
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2013-4-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-6
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 22:49:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېشىڭىزدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش  ئىش ئۆتكەن ئوخشىمامدۇ؟  ھىكايىنىمۇ  بايان قىلغاندەك يېزىپسىز ، ياخشى يېزىپسىز  

UID
48517
يازما
68
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2013-4-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 20:30:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Gvlnarrr يوللىغان ۋاقتى  2013-6-6 22:49
بېشىڭىزدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش  ئىش ئۆتكەن ئوخشىمامدۇ؟  ھ ...

ياقەي ،بۇ پەقەت رىئاللىق بىلەن تەسەۋۋۇرنىڭ جۇغلانمىسى ،جەمىتىمىزدىمۇ مۇشۇنداق ئىشلارنى كۆپ كۆرۈپ تۇرىمىزغۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش