كۆرۈش: 3273|ئىنكاس: 14

ناتسىستلار قالقىنى -- «شەرق كورپۇسى»نىڭ سىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دائىملىق ئەزا

ئىملا ساقچىسى!

UID
4227
يازما
651
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
19703
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
75 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-8 00:01:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسىنىڭ نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىققىنىغا 65 يىل تولدى. نورماندىدا قۇرۇقللۇققا چىقىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان كونا ئەسكەرلەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەينى چاغدا ساھىلدا ئىتتىپاقداش ئارمىيە بىلەن تىركەشكەن تۇنجى تۈركۈم گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ شەرقلىق ئەسكەرلەر ئىكەنلىكىدىن ھەيران قېلىشقانلىقلىرىنى ئەسلەشتى. بۇ ئىش تارىخشۇناسلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى گېرمانىيە ئارمىيىسىدە شەرق ئەسكەرلىرىدىن تۈزۈلگەن قىسىملارنىڭ بولغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار بولغان بولسىمۇ ئەمما بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكى بىر سىر ئىدى. شۇڭا تارىخشۇناسلار ئەينى چاغدىكى ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ زور بىر تۈركۈم شەرق مىللەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن «شەرق قىسمى» نى نورماندىيە ئالدىنقى سېپىگە سەپلىگەنلىكىنى بايقىدى. ئەپسۇس، ناتسىست گېرمانىيىسى ئارمىيىسى ئۆزلىرىگە قالقان قىلغان «شەرق باتاليونى» بولسۇن ياكى «ھىندىستان كورپۇسى» بولسۇن ناتسىست گېرمانىيىسىنىڭ مەغلۇبىيەتلىك تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمىدى.
ناتسىست گېرمانىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلغان ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە، ناتسىست گېرمانىيىسى ئارمىيىسى زور تۈركۈمدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ ئوفېتسىر-ئەسكەرلىرىنى ئەسىر ئالدى. دەسلەپتە گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ شەرقنىڭ بۇ «پەس مىللەتلىرى» دىن تەشكىللەنگەن ئەسىرلەرنى گېرمانىيە ئارمىيىسى شتاتىغا كىرگۈزۈش پىلانى يوق ئىدى. ئەمما، 1941-يىلى قىشتا گېرمانىيە ئارمىيىسى موسكۋاغا ھۇجۇم قىلىپ قاتتىق يېڭىلىپ، ناتسىستلارنىڭ «چاقماق تېزلىكىدە غەلىبە قىلىش» شېرىن چۈشىنىڭ بەربات بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى، شۇنىڭ بىلەن 3-ئىمپېرىيىنىڭ «شەرق سىياسىتى» دىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. 1942-يىل 1-ئايدا، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن پىدائىي ئەسكەر قوبۇل قىلىپ «شەرق كورپۇسى» تەشكىللەش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ پىلان گىتلېرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. ئۇزاق ئۆتمەي زور تۈركۈمدىكى «شەرق قىسمى» ئارقا-ئارقىدىن تەشكىللەندى، بۇ «شەرق قىسمى» 11 باتاليوندىن تۈزۈلگەن«ئەرمەن كورپۇسى»، 14 باتاليوندىن تۈزۈلگەن «ئەزەربەيجان كورپۇسى»، 14 باتاليوندىن تۈزۈلگەن «گرۇزىن كورپۇسى»، 5 باتاليوندىن تۈزۈلگەن «كاۋكاز مۇسۇلمانلىرى كورپۇسى» ( ئەزەربەيجان، چېچەن قاتارلىق مىللەتلەردىن تەشكىل قىلىنغان)، 34 باتاليوندىن تۈزۈلگەن «تۈركىستان كورپۇسى» (ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەردىن تەشكىل قىلىنغان)، 8 باتاليوندىن تۈزۈلگەن «ۋولگا تاتارلىرى كورپۇسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالدى. 1942-يىل 8-ئاينىڭ 12-كۈنى گېرمانىيىنىڭ جەنۇب ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقى قالماق ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى ئېلىستاغا ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى ئالدى ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى قالماق موڭغۇللىرى ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىشى تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، 3000 قالماقنى گېرمانىيە ئارمىيىسىگە قوبۇل قىلدى.
ئەمما گېرمانىيە ئارمىيىسى بۇ «شەرق كورپۇسى» دىن تازا خاتىرجەم بولالماي، ئۇرۇش مەيدانىدا ئارقىغا بۇرۇلۇپ قورالنى ئۆزلىرىگە تەڭلىشىدىن ئەنسىرىدى. شۇڭا شەرقلىق ئەسكەرلەرنى باتاليوننى بىرلىك قىلىپ گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا تارقاقلاشتۇردى. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا بۇ قىسىم «شەرق باتاليونى» دەپ ئاتالدى. 1943-يىلىغا كەلگەندە، گېرمانىيە ئارمىيىسىدىكى 98 شەرق باتاليونىنىڭ 80 باتاليونى شەرقىي سەپ ۋە بالقان ئۇرۇش مەيدانىدا جەڭ قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، كېيىنچە بۇنىڭ ئىچىدىن 12 باتاليون فرانسىيە بىلەن ئىتالىيىگە ئەۋەتىلىپ، ئىتتىپاقداش ئائارمىيىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىش ئېھتىمالىغا تەييارلىق كۆرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ 162-پىيادىلەر دېۋىزىيىسى گېرمانىيە ئارمىيىسىدە «تۈركىستان دېۋىزىيىسى» دەپ ئاتالدى، بۇ دېۋىزىيە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەردىن تەشكىللەنگەن «تۈركىستان كورپۇسى» دىن تاللانغان ئىدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ «سىگنال» ژۇرنىلىدا بېسىلغان سۈرەتلەردىن قارىغاندا، بۇ قىسىمدا سېرىق تەنلىكلەر ناھايىتى زور نىسبەتنى ئىگىلىگەن. ئەمما 162-پىيادىلەر دېۋىزىيىسى يۇگوسلاۋىيە بىلەن ئىتالىيىدە ئۇرۇش قىلغاچقا، فرانسىيىگە ئەۋەتىلمىگەن.
ئىتتىپاقداش ئارمىيە 1944-يىل 6-ئاينىڭ 6-كۈنى نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىشتىن بۇرۇن، دېڭىز قىرغىقىدا مۇداپىئەلىنىش ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى 243-قىرغاق مۇداپىئە دېۋىزىيىسى بىلەن 709-قىرغاق مۇداپىئە دېۋىزىيىسىدە بىرقانچە «شەرق باتاليونى» سەپلەنگەن. 709-قىرغاق مۇداپىئە دېۋىزىيىسىدىكى 739-گراناتچىلار پولكىدا 2 «شەرق باتاليونى» بولغان، باشقا 2 «شەرق باتاليونى» غا دىۋىزىيون ۋىللىئام ۋون شرىبون بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلغان. ئەينى چاغدا گېرمانىيە نورماندى رايونىغا ئورۇنلاشتۇرغان قىسىمنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى «خىل» قوشۇن ئەمەس ئىدى، غەربىي سەپتە بارماقتا سانىغىدەك ئۇرۇش بولمىغانلىقتىن، 243-قىرغاق مۇداپىئە دېۋىزىيىسى بىلەن 709-قىرغاق مۇداپىئە دېۋىزىيىسىنىڭ خىللانغان قىسمى دائىم شەرقىي سەپكە ئېلىپ كېتىلەتتى. ئىتتىپاقداش ئارمىيە قۇرۇقلۇققا چىقىشتىن سەل بۇرۇن 739-گراناتچىلار پولكىنىڭ 1-باتاليونى شەرقىي سەپكە يۆتكەپ كېتىلگەن،نورماندىدا بولسا پەقەت ئىككىلا «شەرق باتاليونى» قالدۇرۇلغان. ۋاقتىنچە «شەرق باتاليونى» نىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ھەققىدە بىر نەرسە دېيىش قىيىن، ئەمما روشەنكى، «شەرق باتاليونى» نىنىڭ ئۇرۇش تەجرىبىسى بەكلا تۆۋەن ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە «شەرق باتاليونى» قىرغاق مۇداپىئەسىدە بىرنەچچە ئايدىن بېرى ئاكوپ-ئىستېھكام قۇرۇلۇشى بىلەن چارچاپ ھالىدىن كەتكەنلىكتىن جىسمانىي كۈچى خوراپ بولغان ئىدى.
ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس سىتىۋېن ئامبروسنىڭ « د كۈن » دېگەن ئەسىرىدە تەسۋىرلىنىشىچە، تۇنجى بولۇپ نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىققان ئىتتىپاقداش ئارمىيە تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنغان 2 ئەسكەر كورىئان (چاۋشيەن) مىللىتىدىن بولغان گېرمانىيە ئەسكىرى ئىكەن. ئارقىدىنلا ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئىچىدە كورىئان مىللىتىدىن بولغان ئەسكەر 20 دىن ئاشقان، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇلارنى سوراق قىلغان ئەھۋالدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئەسكەرلەر ئەسلىدە ياپونىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا 1939-يىلى پارتلىغان نومىنخان ئۇرۇشىدا ئەسىر ئېلىنغان ياپونىيە ئارمىيىسىدىكى كورىئان (چاۋشيەنلىكلەر) بولۇپ، كېيىن ياپونىيە-سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى ياپون ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىپ كورىئانلاردىن بولغان بۇ ئەسكەرلەرنى ئېلىپ قالغان، چۈنكى سوۋېت ئارمىيىسى بۇ كورىئانلارنى «ئەسىر» دەپ قارىمىغان، بەلكى ئۇلارنى ياپون جاھانگىرلىكى مۇستەملىكىسىدىكى ئېزىلگەن خەلق پەرزەنتى، دەپ قارىغان ھەمدە ئۇلارنى سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسى تەركىبىگە قوشۇۋالغان. 1941-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، بۇ كورىئان ئەسكەرلەر چوڭ قىسىم بىلەن بىللە ئالدىنقى سەپكە بارغان، ئەمما دەسلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى مەغلۇپ بولغانلىقتىن، بۇ كورىئان ئەسكەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ باشقا ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەن. كېيىن بۇ كورىئان ئەسكەرلەر گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ «شەرق باتاليونى» تەركىبىگە كىرگۈزۈلگەن.
ئەبجەش قىسىم بولغان «شەرق باتاليونى» ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋادىن قىلغان ستېرېئولۇق ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي تەسلىم بولغان. 709-قىرغاق مۇداپىئە دېۋىزىيىسىنىڭ جەڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، دەسلەپكى 10 كۈندە مەزكۇر دىۋىزىيەنىڭ ئۆلگەن، يارىلانغان ئەسكىرى 4000 غا يەتكەن، «شەرق باتاليونى»نىڭ قالدۇقلىرى چېكىنگەن. 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، ۋىللىئام ۋون شرىبون «شەرق باتاليونى» نىنىڭ قالدۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 800 ئەسكەرنى باشلاپ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 9-پىيادىلەر دېۋىزىيىسىگە تەسلىم بولغان. تەركىبىدە «شەرق باتاليونى» بولغان 243-قىرغاق دېۋىزىيىسىمۇ ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولۇپ، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا نورماندى رايونىنىڭ كرانتان يېرىم ئارىلىدىكى جەڭدە قىرىپ تاشلانغان.
نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئىككى ئايدىن كېيىن ئىتتىپاقداش ئارمىيە فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدا «ئەجدىھاغا مىنگەن ئەسكەرلەر ھەرىكىتى» ناملىق ھۇجۇم قوزغىغان، بۇ قېتىم ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ ئالدىغا چىققىنى «ھىندىستان كورپۇسى» ئىدى، «ھىندىستان كورپۇسى» گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەن ئەنگىلىيە ئارمىيىسى ئىچىدىكى ھىندىستانلىق ئوفېتسىر-جەڭچىلەردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، 1943-يىلى فرانسىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ قىرغاق مۇداپىئەسىگە مەسئۇل قىلىنغان. گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ مارشالى ئېلۋىن روممېل بۇ قىسىمغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن، كۆپ قېتىم پاراتتىن ئۆتكۈزۈپ كۆزدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئەمما ناتسىستلارنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بۇ ھىندىستانلىقلارغا ئانچە ئىشەنمەي، «شەرق باتاليونى»غا قىلغان مۇئامىلىنى قىلغان ھەمدە «ھىندىستان كورپۇسى»نىمۇ باتاليوننى بىرلىك قىلىپ تارقاقلاشتۇرۇۋەتكەن، مارشال روممېلنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن «ھىندىستان كورپۇسى»نىڭ ئاساسلىق كۈچى فرانسىيىنىڭ بىسكاي قولتۇقىدىكى بوغدو رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئىتتىپاقداش ئارمىيە نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىققان چاغدا، «ھىندىستان كورپۇسى» بوغدونىڭ لاكانو رايونىدا تۇرۇۋاتاتتى.
1944-يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئىتتىپاقداش ئارمىيە فرانسىيىنىڭ جەنۇبىغا كەلگەندە، «ھىندىستان كورپۇسى» لاكانودىن چېكىنىپ چىقىۋاتقاندا فرانسىيە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ توسۇپ زەربە بېرىشىگە ئۇچرىغان، «ھىندىستان كورپۇسى» نىڭ قوماندانى ئەلىخان ئوق تېگىپ ئۆلگەن، بۇ «ھىندىستان كورپۇسى»نىڭ تۇنجى قېتىملىق چىقىم تارتىشى ئىدى، ئىزچىل چېكىنىۋاتقان «ھىندىستان كورپۇسى» ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ برونېۋىك قىسىمىغا ئۇچراپ قېلىپ تېخىمۇ كۆپ چىقىم تارتقان، بىر تەرەپتىن فرانسىيە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكى، يەنە بىر تەرەپتىن ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ زەربىسى بىلەن «ھىندىستان كورپۇسى» ھالىدىن كەتكەن. 1944-يىلى قىشتا، «ھىندىستان كورپۇسى» فرانسىيىنىڭ ئالساس رايونى ئارقىلىق گېرمانىيە چېگرىسى ئىچىگە چېكىنگەن. 1946-يىل 5-ئايدا، گېرمانىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولۇش ھارپىسىدا، «ھىندىستان كورپۇسى» شۋېتسارىيىگە قېچىشقا ئۇرۇنغاندا، ئامېرىكا-فرانسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنىپ قورال تاشلاپ تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولغان. مارشال روممېل چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكەن «ھىندىستان كورپۇسى» نىڭ ئۇرۇشتىكى تۆھپىسى « 0 (نۆل) » بولغان، ناتسىستلارنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر «ھىندىستان كورپۇسى» نى مازاق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىدارى ئىستىھكامنى تاشلاپ قېچىشتىنلا ئىبارەت، دېگەن، ھەتتا گىتلېرمۇ « ‹ھىندىستان كورپۇسى› بىر چاقچاقتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەن.
2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گېرمانىيە ئارمىيىسىدىكى بۇ ئەبجەش قىسىمنىڭ تەقدىرى خىلمۇ خىل بولغان، «ھىندىستان كورپۇسى» ھىندىستانغا ئېلىپ كېتىلىپ سوتلانغان، ئەمما «شەرق باتاليونى» نىڭ باشقا قىسىملىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تۈرمىلەردە ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلغان.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
3504
يازما
551
تېما
25
نادىر
0
جۇغلانما
18915
تىزىملاتقان
2010-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-29
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-8 19:08:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇ يازمىنىڭ مەنبەسى نېمىكىن ؟

      

ئۇيغۇرۇم!

UID
4323
يازما
94
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
3224
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-8 20:31:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ نەبىجاننىڭ يازمىسىغا ئوخشاتتىم ،بىراق تارىخ قىممىتى يۇقىرى ئەسەردەك قىلىدۇ بۇ يازمىمۇ

ئۇچقۇنلار ئۇلغايسۇن، ھەممە ئويغانسۇن!!!http://uqkun13.blogbus.com/

UID
3667
يازما
149
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4739
تىزىملاتقان
2010-7-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-5
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-8 21:16:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە ، بۇ توغرىسىدا بۇرۇن ئۇقىغان بولساممۇ بۇ قېتىم تەپسىلى بىلىۋالدىم .

كۆيۈمچان ئەزا

كوممۇنېستىك پارتىيە ياشىسۇن!

UID
3417
يازما
270
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
8331
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-8 21:23:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئاق ساراي خىياللىرى بىلەن
شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر ...نى قەيەردىن تاپقىلى بولار

تىرىشچان ئەزا

ياشاش ئوڭاي ئادە

UID
3549
يازما
72
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
730
تىزىملاتقان
2010-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 00:59:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 6 قەۋەتتىكى   (hitler) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان

ئىكىكىنچى دۇنيا  ئۇرشىغا ئىككى مىليۇن يەتتە يۈزمىڭ ئۇيغۇر قاتنىشىپ تىكەن بۇنىڭ ئىچىدىن يەتتە يۈزمىڭ ئۇيغۇر ئۈلۈپ كىتىپ ئككى مىليۇن ئەسكەر ھاياتقاپتىكەن ئىستالىن ئالتەيۈزئەللىكمىڭ ئەسكەرنى قىرۋىتىپ ھايات قالغانلىرى گىرمانيە قاتارلىق چەت دۆلەتلەرگە قېچىپكىتىپ تىكەن ئازلا بىر قىسمى سېۋىتتا ئولتىراخلىشىپ قاپتۇ

ياشاش ئوڭاي ئادەم دەك ياشاش تەس

UID
4340
يازما
20
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
650
تىزىملاتقان
2010-8-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 04:39:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:بۇ 6 قەۋەتتىكى   (hitler) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان

بۇ 5قەۋەتتىكىsazgu يوللىغان 2010-08-09 00:59 غا قارتىلغان بۇ 6 قەۋەتتىكى   (hitler) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان :
ئىكىكىنچى دۇنيا  ئۇرشىغا ئىككى مىليۇن يەتتە يۈزمىڭ ئۇيغۇر قاتنىشىپ تىكەن بۇنىڭ ئىچىدىن يەتتە يۈزمىڭ ئۇيغۇر ئۈلۈپ كىتىپ ئككى مىليۇن ئەسكەر ھاياتقاپتىكەن ئىستالىن ئالتەيۈزئەللىكمىڭ ئەسكەرنى قىرۋىتىپ ھايات قالغانلىرى گىرمانيە قاتارلىق چەت دۆلەتلەرگە قېچىپكىتىپ تىكەن ئازلا بىر قىسمى سېۋىتتا ئولتىراخلىشىپ قاپتۇ

ispat?
 

UID
4323
يازما
94
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
3224
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 13:45:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپات ئورۇسلارنىڭ كىرىمىل سارىيىدا كۆرگىڭىز بارمۇ؟

ئۇچقۇنلار ئۇلغايسۇن، ھەممە ئويغانسۇن!!!http://uqkun13.blogbus.com/

UID
4323
يازما
94
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
3224
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 13:46:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 4قەۋەتتىكىarginakun يوللىغان 2010-08-08 21:23 غا قارتىلغان  :
نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئاق ساراي خىياللىرى بىلەن
شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر ...نى قەيەردىن تاپقىلى بولار
مەندە بار

ئۇچقۇنلار ئۇلغايسۇن، ھەممە ئويغانسۇن!!!http://uqkun13.blogbus.com/

تىرىشچان ئەزا

ئۇلۇغۋار ئىشلار

UID
3148
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
542
تىزىملاتقان
2010-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-1
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 14:12:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ تۈرىكلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلارمۇ بار بولغىيتى ھە...

ياشا  تۆھپىكار ئۇيغۇرئوغلانلىرى....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش