كۆرۈش: 19294|ئىنكاس: 62

‹‹پاكلان» مۇسۇلمانچە توخۇ گۆشلىرى ھەققىدە پاراڭ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
10805
يازما
56
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
206
تىزىملاتقان
2011-4-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-30
توردا
86 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 09:09:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹‹پاكلان» مۇسۇلمانچە توخۇ گۆشلىرى ھەققىدە پاراڭ


‹‹پاكلان ماركىسى زادى كىمنىڭ؟››





    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،ياخشىمۇسىلەر!
      يېقىندىن بىرى ئەلكۈيى مىكرو بىلوگى،بارمۇ مىكروبلوگلىرىدا ،نەچچە ۋاقىتتىن بىرى خەلقىمىز ئالاھىدە ئىشەنچلىك دەپ ئىستېمال قىلىپ كەلگەن ،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا ھەدەپ ئېلان بىرىپ تەشۋىق قىلغان «پاكلان» مۇسۇلمانچە توخۇ گۆشلىرى ھەققىدە پاراڭ كۆپىيىپ قالدى. شۇڭا بىز بۇ ھەقتە ئازراق ئىزدىنىپ تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى رەتلەپ چىقتۇق. تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قېلىشىغا تىلەكداشمىز.
تۆۋەندە ئاۋۋال شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىسىدا تارقىتىلغان«پاكلان» مۇسۇلمانچە توخۇ گۆشى ھەققىدىكى بىر قىسىم ئېلانلارنى كۆرۈپ باقايلى:




شىنجاڭ پاكلان يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا تارقاتقان ئۇيغۇرچە تەشۋىقات فىلىمى(1)



شىنجاڭ پاكلان يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا تارقاتقان ئۇيغۇرچە تەشۋىقات فىلىمى(2)

شىنجاڭ خەۋەرلىرىنىڭ5-ئاينىڭ25 -كۈنىدىكى سانىدا ‹‹ئۆي قۇشلىرى بازىرى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى ››ناملىق خەۋەر تاقىتىلدى،شۇنىڭ بىىلەن پاكلان توخۇللىرىنىڭ زادى كىمنىڭ ئىكەنلىكى ئاشكارلاندى.ئاشۇ كۈنكى خەۋەرنىڭ مەزمۇنى (خەۋەرنىڭ ئاخىرىنى تەپسىلىي كۆرۈڭ)



ئۇنداقتا، «پاكلان» ماركىسى كىمنىڭ؟ «پاكلان»لىقلار كىم؟ قېنى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا دىققەت قىلىپ باقايلى!



مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىلگىرى سۈرۈش كوللېكتىپ ئىش-ئىزلىرى ماتېرىيالى
--- شىنجاڭ تەيكۈن گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى






شىنجاڭ تەيكۈن گۇرۇھى تەڭرىتاغ شىمالى ئىقتىساد مەركىزى رايون سانجى دۆلەت دېھقانچلىق تېخنىكا رايونىدا بولۇپ، 1996-يىلى قۇرۇلغان، 2010-يىلى 2-ئايدا پاي چەكلىك شىركىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. بۇ شىركەت شىنجاڭ دېھقانچىلىق بايلىقىنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭدا پۇت تىرەپ تۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دېھقانچىلىق سانائىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن.
     تەيكۈن گۇرۇھى ئۆسۈملۈك مېيى، يەم-خەشەك، ئۆي-ھايۋانلىرى بېقىش شۇنداقلا توخۇ گۆشى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك مۇناسىۋەتلىك سانائەت لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى رايون، شەھەر، ناھىيەلىرىدە 24 پۈتۈن مەبلەغ ياكى مۇتلەق پاي تىزگىنلەش تۈرىدىكى شىركەتكە ئىگە بولغان. 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تەيكۈن گۇرۇھىنىڭ ئومۇمىي مەبلەغ مىقدارى ئاللىبۇرۇن 117 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ئەمەلىي سېتىش مىقدارى 258 مىليون يۈەن بولغان، ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان خىزمەتچى 2279 نەپەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت (خۇيزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، باشقا مىللەت) 347 ئادەم بولۇپ، بۇ پۈتۈن گۇرۇھ خىزمەتچى نىسبىتىنىڭ %16.4 نى ئىگىلىگەن.

    مىللەتلەر ئىستراتېگىيەسى نىزامىنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىش
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مائارىپقا سىڭدۈرۈپ كىرىش. گۇرۇھ ئەستايىدىللىق بىلەن گۇرۇپپىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سۈپەتنى قوغلىشىپ ئەلالىقنى تالىشىپ، "ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ گۈزەل يۇرت ماكاننى قۇرۇپ چىقىش"، " ئالتە تارىخ" تەربىيەلەش پائالىيىتى، " قوش تىل ئۆگىنىش" پائالىيىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 91 يىللىق پائالىيىتى بىلەن زىچ ماسلاشتۇرۇپ، كەڭ ئىشچى خىزمەتچىلەر بىلەن بىر قەدەر سىستېمىلىق بولغان ماركسىزم مىللەت قارىشى ۋە پارتىيە مىللەت دىن ئىستراتېگىيە تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، كەك ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، مىللەتلەر بۆلگۈنچىلىكىگە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئاكتىپ ۋە قەتئىي بولۇپ كەلگەن. گۇرۇھ يەنە تەشۋىقات يولىنى كېڭەيتىپ، گۇرۇھ ئىچىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىلغار ئورۇن كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، يۇقىرى ئورۇن ۋە ئاپتونوم رايونغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئومۇمىي تەلىپى، ۋەزىپە نىشانى، ئاساسلىق ۋەزىپە قاتارلىق جىددى يىغىن ۋە پارتىيە مىللەت دىن نەزەرىيەسى، مىللەت دىن ئىستراتېگىيە تەشۋىقاتى ۋە ئۆگىنىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىق ۋارىقىنى تارقىتىش، مىللەتلەر خىزمەت ئۇچۇرىنى يېزىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق قىلىش دوسكىسى ئىشلەش، شىركەت مىللەتلەر ئىتتىپاتلىق پائالىيىتى ئۇچۇرىنى تارقىتىش قاتارلىق يول ئارقىلىق، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىم ۋە ئىستراتېگىيە تۈزۈمىنى تەشۋىق قىلىپ، خىزمەتچىلەر ئىدىيەسى ۋە تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن.

    ئاز سانلىق مىللەت ئۆرپ ئادىتى ۋە دىنى ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىش
    ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشتا، گۇرۇھ ھەر قايسى تارماق شىركەتلەردە مۇسۇلمانچە ئاشخانا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇسۇلمانچە تاماقنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئادىتىگە ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يېمەكلىك تەلىپىنى قاندۇرغان. ياتاق ئاز سانلىق مىللەت ئادىتى بويىچە كوللېكتىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان شۇنداقلا مىللەت ئۆرپ-ئادىتى بويىچە بېزىلىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىپ، ئەركىن ئازادە خىزمەت مۇھىتقا ئىگە قىلغان. ئاز سانلىق مىللەت ھېيت-بايرام، ئارام ئېلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر بايرام دەم ئېلىشىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سۆھبەت يىغىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ھال سوراش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە شىركەتنىڭ غەمخۇرلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرغان، ھەمدە تەيكۈن كارخانا مەدەنىيىتى ۋە كارخانا چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقىلىقىنى ھېس قىلدۇرغان.

   
     كەسىپ تۈرىگە ماسلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائالىيەت تۈرىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇش
     
    مىللەتلەر ئىتتىپاتلىق ئىستراتېگىيەسىنى سىڭدۈرۈپ، ئاز سانلىق كادىر تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش
تەيكۈن گۇرۇھىدىكى ھازىرقى ئاز سانلىق مىللەت نىسبىتى %16.8. ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇش ئۈچۈن، شىركەت ئاز سانلىق مىللەت باشقۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، تەربىيەلەپ ۋە ئۆستۈرۈپ خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى، گۇرۇھ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 6 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت كادىرىنى ئۆستۈردى. بىر يۈرۈش خىزمەت ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈردى.
مۇسۇلمانچە ماركا يارىتىپ، ئاز سانلىق مىللەت يېشىل يېمەكلىك تەمىنلەشنى كۈچەيتىش. شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئېڭى كۈچلۈك بولغاچقا، گۇرۇھ "پاكلان" ماركىسىنى چىقىرىپ، ئۇنى جۇڭگودىكى بىرىنچى مۇسۇلمانچە توخۇ گۆشى ماركسىغا ئايلاندۇردى، شۇنداقلا ئىچكى ئىستېمالىنى ئاساس قىلىپ، سىرتقا چىقىشىنى قوشۇمچە قىلىپ ياخشى بولغان ۋەزىيەت ياراتتى. 2010- يىلى 8-ئايدىن باشلاپ، شىركەت "پاكلان" ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، 2011-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە "خاتىرجەم گۆش" ماركىسى بىر تۇتاش دۇكان قۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.
تىجارەت شەكلى ئۈستىدە، "بىر تۇتاش ئوبراز، بىر تۇتاش باھا، بىر تۇتاش ئۆلچەم، بىر تۇتاش مۇلازىمەت، بىر تۇتاش تارقىتىش، بىر تۇتاش باشقۇرۇش" بولغان تىجارەت شەكلىنى يۈرگۈزۈپ، رايون ئىچىدە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناش يېتىپ بارالمايدىغان رايونغا قولايلىق ئېلىپ كەلدى.
ھازىر، شىركەت ئۈرۈمچى، كورلا شەھرى، ئاتۇش، غۇلجا، قۇمۇل، قەشقەر، ئاقسۇ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا "پاكلان" تىجارەت دۇكىنىدىن 120 دىن ئارتۇقىنى قۇرۇپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قەشقەر ۋە ئاقسۇدا سوغۇق ساقلاش ئىسكىلات ساندۇقىدىن ئىككىنى تەسىس قىلدى. "پاكلان" ماركىسى بازاردا ئاز سانلىق مىللەتنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

نامراتلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش
2012-يىلى 7-ئايدا گۇرۇھ تەيكۈن مېھىر-شەپقەت فوندى قۇرۇپ چىقىپ، "شىركەت ئازراق تولۇقلىما بېرىش، خىزمەتچىلەر ئازراق ئىئانە قىلىش" ئۇسۇلىدىكى مېھرى=شەپقەت فوند يىغىپ چىقىپ، نامراتلارغا ياردەم بېرىش، ياردەم ئورنىنى ئالماشتۇرماسلىق شەرتى ئاساسىدا، ھەر مىللەت خىزمەتچىلىرىنىڭ تۇرمۇش، داۋالىنىش، مەكتەپكە كىرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، ئاز سانلىق مىللەت قىيىنچىلىقى بار خىزمەتچىلەرگە ھەقىقىي ياردەمدە بولۇپ، ئۇلارغا مېھرىبانلىق يەتكۈزۈپ، مېھرىبانلىق فوندى جەمئىي 215506 يۈەن، تارقاتقان ھال سوراش پۇلى 32870 يۈەن بولدى.
گۇرۇھ يەنە ئاكتىپلىق بىلەن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيىتىگە قاتناشقان. 2008-يىلى ۋېنچۋەن يەر يەر تەۋرەشكە جەمئىي 200 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان؛ 2009-يىلى باھار بايرىمىدا، سانجى ئوبلاستى مېيىپلاردىن ھال سوراپ 20 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان؛ 2008-2009 ئىككى يىلىدا سانجى ئوبلاستلىق ساقلىق ساقلاش جەمئىيىتىگە 10 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان؛ 2009-يىلى "7.5" ۋەقەسىدە زىيانغا ئۇچرىغان ئامما ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ، سانجى ئوبلاستىدىكى ئەڭ كۆپ ئىئانە قىلغان ئورۇنغا ئايلانغان؛ 2010-يىلى يۈشۈ يەر تەۋرەش ئاپەت رايونى ئۈچۈن 27 مىڭ 800 يۈەن ئىئانە قىلغان، جەنۇبىي شىنجاڭ ئاپەت رايونى ئۈچۈن "مېھرى-شەپقەت بوغچىسى" 3000 يۈەن ئىئانە قىلغان، شۇنداقلا سانجى ئوبلاستلىق ئاياللار بىرلەشمىسى گۇرۇپپىسى ئۈچۈن "مېھرى-شەپقەتلىك بىر يۈەن" پائالىتىنى ئۆتكۈزۈپ، 9777.4 يۈەن توپلغان؛ 2011-يىلى 9-ئايدا ناھىيە كىچىك دىۋوپۇ يېزىسىدىكى بالىلار ئۈچۈن 11000 يۈەن قىممىتىدىكى مۇسۇلمانچە توخۇ گۆش مەھسۇلاتى ئىئانە قىلغان؛ 2012-يىلى سانجى ئوبلاستى پاراۋانلىق فوندى ئۈچۈن 200 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان؛ 2012-يىلى 5-ئايدا سانجى ئوبلاستى ياشانغانلار ساقلىق ساقلاش جەمئىيىتى ئۈچۈن 5000 يۈەن ئىئانە قىلغان؛ 2012-يىلى 6-ئايدا مورى ناھىيەسى تاش يېزىسى نېفىت كەنتى ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان؛ 2012-يىلى 12-ئاي ۋە 2013-يىلى 2-ئايدا، مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىجتىمائىي ياردىمى ئاستىدا، ئىككى قېتىم قىيىنچىلىقى بار ئاز سانلىق مىللەت ياشانغانلار، مېيىپ، يالغۇز كىشىلىك ئائىلىلەرگە بېرىپ يوقلاپ، ئۇلار ئۈچۈن ئۇن، گۈرۈچ، ماي، توقاچ، توخۇ گۆشى قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇمىنى يەتكۈزگەن شۇنداقلا ياشانغانلار ئۈچۈن ئۆي ھويلىنى تازىلاپ بەرگەن.
يۇقىرىقى پائالىيەت ئارقىلىق، تەيكۈن گۇرۇھى "مېھرى-شەپقەت ۋە قوللاش" تىپىدىكى كارخانا مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان. كارخانا بىلەن يەرلىكنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ھېسسىياتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كارخانا بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى بىرلىكتە ساقلىغان.
شىركەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار ئورۇن قۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈلى ئېچىلىپ، كارخانىمۇ نۇرغۇنلىغان تەرەققىياتقا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن كېيىن، شىركەت ئوبلاست قۇرۇش بىلەن باغچا قۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى بىرلىكتە، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە باغلاپ، ئاكتىپلىق بىلەن يېڭى خىزمەت ئۇسۇلىنى قۇرۇپ، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىر بىلەن كارخانا ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، كارخانا تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، كارخانا ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. شىركەت "يۇقىرى پەللىدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى بىلەن يېشىل يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش"، "مۇھەببەت، قىممەت يارىتىش، بەھرىلىنىش، ھەقىقەتنى سۆزلەش، مەسئۇلىيەت" نى يادرولۇق قىممەت قارىشى قىلىپ، بىرىنچى يۈرۈش تەيكۈن كارخانا مەدەنىيىتى يارىتىپ، تەيكۈن گۇرۇھى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىلغار خىزمەت ئورنى قۇرۇپ چىقىپ يېڭى نەتىجە يارىتىش، يېڭى بىر پەللىگە ئۆرلەشنى ئۆزىمىزنىڭ بۇرچى قىلىدۇ.


ماتېرىيال ئەسلى خەنزۇچە مەنبەسى: http://www.cj.gov.cn/gycy/mcqjmfjb/92174.htm
شىركەت تور بېكەتلىرى
ئۇيغۇرچە بېكەت ئادرېسى: http://www.paklan.com.cn/
خەنزۇچە بېكەت ئادرېسى: http://www.tycoon.cn/

تەييارلىغۇچىلار:ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدىن  :   ياسىنجان(tilsim)
                                                                   ئادىلجان(cctv520)




تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-2 18:19):
ئەسلى مەنبەسى -ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى:  http://www.ilqut.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=971 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-3 16:57  

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
10805
يازما
56
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
206
تىزىملاتقان
2011-4-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-30
توردا
86 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 14:46:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
49210
يازما
41
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
41
تىزىملاتقان
2013-4-16
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-17
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 15:05:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنڭچە مۇشۇ ئېلانغا چىقىپ «مۇسۇلمانچە» دەپ ئۇيغۇرلارغا قەىسەم قىلغان ئاشۇ
ناكەستى قېرىنى يولدا ئۇچرىسا چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىۋېتىش كېرەك ،،،
ئېتقادغىمۇ چاقچاق قىلامدۇ ؟

UID
3093
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2010-6-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 16:34:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىت!!!!!! بىز ئەمدى مۇشۇ كۈنگە قالدىقمۇ....قوي  توخو كالا بولسىلا مۇسۇلمانچە دەپ يەۋىرىدۇ دەپ ئويلايدۇ بىزنى بۇ ناكەسلەر.....ئىمان ،ئىتقادىمىز بىلەن ئويناشماڭ زىيان تارتىپ قالىسىز....
مەن پەقەت ئۆزۈمگە ۋەكىللىك قىلالايمەن ....بۈگۈندىن باشلاپ پاكلان دىگەن نام مىنىڭ ئەتراپىمدىن يوقالدى .
شەخسى بايقۇت . . . توخۇ گۆشى ئىشلىتىۋاتقان مىللى ئاشپەزلىرىمىز قاتتىق دىققەت قىلىڭ .....

UID
51091
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-2
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 16:52:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا   ئەمدى ماكۈنلەردە مۇسۇلمانچە يېمەكلىك قالماپتىمۇ

UID
44859
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-8-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-12-7
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 16:57:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ  ‹‹پاكلان» مۇسۇلمانچە توخۇ گۆشلىرى نىڭ يەنە بىر ئىشلەپ چىقىرىش زاۋۇتى ،خىنەن جىڭجۇدا ئىكەن  .....شىنجاڭغا يىتىشمىگىننى ئاشۇ يەردىن تارقىتىدىكەن ، بىر دوستۇم شۇ يەرگە ئىشلىگىلى بىرىپ بىر كۇن تۇرۇپلام يىنىپ چىققان ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇئاشى يۇقرىمىش ،،،،،،،،،،

UID
5751
يازما
46
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
796
تىزىملاتقان
2010-9-17
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-9
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 16:58:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىمەكلىككە بەك دىققەت قىلمىساق  بولمايدىكەن، تىنىمىزنى بۇلغاپلا قالماي روھىمىزنىمۇ چىرتىدۇ، «پاكلان»، «ئەسرا» توخولىرى بازارغا سېلىنسا شۇنچە خۇش بولغان ئىدۇق، ئەمدى بۇ «پاكلان» غا شەك چۈشۈپ قالدى،  ئەمدى توخو بازارىرىغىمۇ بارماسمەن !

UID
48750
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2013-4-8
ئاخىرقى قېتىم
2014-4-12
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 17:22:22 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا .... مەنمۇ  بۇ شىركەتنى ئۇيغۇرنىڭمىكى دىسەم ...  شۈبىھىلىك  زادى يوقمۇ  . راستىنلا ھالالمۇ . بىر نىمە دىگىلى بولماس  بۇ خەق ھەقەنچە بولسىمۇ  مۇسۇلمان كىشىلەرنى چاقىرتىپ  توخۇلارنى مۇسۇلمانچە ئۆلتۈرمەس  ...ن

UID
46887
يازما
141
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
141
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2014-4-21
توردا
177 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 17:33:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلانغا چىق دىسە پۇلبە چىقىۋەگەن  كىنوغا رول ئالدىسېمۇ ئىلېۋەگەن ما پوقنى يەدىسىمۇ  يەۋەگەن  توۋا

باھا سۆز

orkex  ھەي ئەسلى ئۆزئادەملىرىمىز چاتاق . ھەيييييي ... باللىرىمىز يەنە قانداق قىسمەت  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 18:08:36

UID
52239
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 17:56:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمەت شىرىپ ئاكا،مەن سىلىنى خېلى ئىمانلىق دەپ ھۆرمىتىم بار ئىدى،لېكىن سىلىنىڭكى باشقا مەينەت بىر نەرسىنى ۋاي پاك ۋاي ئاق،ۋاي كۆك دەپ ماختاپ كىتىشلىرى پۇل ئۈچۈنىمۇ  سىلى قانداق نەرسىنىڭ ھالال بۇلىدىغانلىقىنى بىلەملا ؟ بىلمىسىلە مەن بىلدىغىنىمنى سۆزلەپ باقاي قوي،كالا،توخو دەرۋەقە ھالال،بۇنى كىملا قانداق يەردە قانداق ئولتۈرسە ھالال بۇلىۋېرەمدۇ؟مەنچە شۇ كارخانىنىڭ ھەقىقى خۇجايىنىنىڭ مۇسۇلمان بۇلىشى كېرەك .بىر ئاشخانىنىڭ خوجايىنى باشقا دىندىن بولسا ئىشلەيدىغان خادىملىرى ھەم ئاشپەزلىرى  مۇسۇلمان بولىسمۇ  بۇ ھالال ئەمەس ،بۇنى بىلەملا بىلمىسىلە نىمىشقا قالايمىقان بىلجىرلاپ باشقىلارنىڭ بىزنى بۇلغىشىغا زور تۆھپە قۇشىلا ؟نۇرغۇن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز سىلىنىڭ ئېلانلىرىنى ۆۈرۈپ مۇسۇلمانچە دەپ بىلىپ يەپ كەتتى ،بۇنىڭ گۇناھى كىمگە ؟سىلىگە دېسەك ئۈزلىرى گۇناھلىرىنى قانداق كۆترەلا؟.........؟باشقا نەرسىگە چاقچاق قىلسىمۇ قىلسىلا،يەيدىغان ئىمانغا تاقشىدىغان نەرسىگەمۇ چاقچاق قىلاملا؟؟...........ئىسىت پاكلات توخوسى دەپ ئىزدەپ سوراپ ئالغانلىرىمىز،،،!تۈفى !!!سىلىدەك مۇسۇلمانغا!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش