- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 70
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 72
- تىزىملاتقان
- 2013-4-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-7
- UID
- 49797
- يازما
- 70
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 72
- تىزىملاتقان
- 2013-4-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-7
- توردا
- 57 سائەت
|
بۈگۈن بۇ تىمىنى خەلىق تورىنىڭ كۈچلۈك دۆلەت مەھەللىسىدە كۆرۈپ قارىسام دۆلىتىمىز رەھبەرلىرىنىڭ چەتئەلگە زىيارەتكە چىقىش خىزمىتىنىڭ تەپسىلاتى ئىكەن، يەنى قانداق كىشىلەر ھەمراھ بولىدۇ، قانداق تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىدۇ، مەخسۇس ئايروپىلان قانداق ئورۇنلاشتۇرىدۇ دىگەنلەردىن ئىكەن. دۆلەت پۇخراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مىنىڭچە ھەر بىر پۇخرا دۆلەت رەھبەرلىرىمىزنى چۈشۈنىشنى ياكى پائالىيەتلىرىنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەردار بولۇشنى ئويلايدۇ. شۇنداقلا دىيارىمىزدىكى سىياسىغا قىزىقىدىغان دوسلار بىلەن ئورتاق بەھرىمان بولۇش مەقسىتىدە تەرجىمە قىلىپ قويدۇم...
ئەسلى تىمىدىكى مەخسۇس زىيارەت قىلىنىپ كۆپچىلىككە دۆلتىمىز رەھبەرلىرىنىڭ چەت ئەلگە زىيارەتكە چىقىش خىزمىتىنىڭ ئارقا كۆرنىشىنى سۆزلەپ بەرگۈچى لۇپېيشىن.
لۇپېيشىن دىپلوماتىيە ئىنىستوتى قۇرۇلغاندىن كېيىكى بىرىنچى قارار تۇلۇق كۇرۇس سىتودىنتى، 1960-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن دىپلۇماتىيە مىنىستىرلىقىغا كىرىپ، كۈتۈۋېلىش باشقارمىسىدا 20 يىل خىزمەت قىلغان، ئىلگىرى كۈتىۋېلىش باشقارمىسىنىڭ ۋاكالەتچى باشلىقى بولغان، جۇڭگۇنىڭ سىلوۋىنىيەدە تۇرۇشلۇق تۇنجى ئەلچىسى، 1997-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان.
لۇپېيشىن ئىلگىرى جوۋ ئېنلەي، دېڭ شىياۋپىڭ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ زىيارەتكە چىقىش پائالىيتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قاتناشقان. جىياڭ زىمېن، ياڭشاڭ كۇن، لىپىڭ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىگە ھەمرا بولۇپ 20 دىن ئارتۇق دۆلەتكە زىيارەتكە چىققان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆپلىگەن دۆلتىمىزنىڭ مۇھىم مىھمانلىرىنى كۈتىۋېلىش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان.
1. دۆلەت رەھبەرلىرى چەتئەلگە زىيارەتكە چىقاندا قانداق كىشىلەر بىرگە ھەمراھ بولىدۇ؟
لۇپېيشىننىڭ ئېيتىشىچە دۆلەت رەھبەرلىرى چەتئەلگە چىققاندا بىرگە ھەمراھ بولغۇچى خادىملار ۋە بىللە يۈرۈپ خىزمەت قىلغۇچى خادىملار بولۇپ، بىرگە ھەمراھ بولغۇچى خادىملار ئادەتتە مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەمەلدارلار بىرگە زىيارەتكە چىققۇچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزىلىدىكەن. ئەگەر رەئىس دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە چىققاندا ئادەتتە رەئىسنىڭ رەپىقىسى، مەركىزى كومتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركىزى كومتېتت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، تاشقى ئىشلار دىپلوماتىيە خىزمىتىگە مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى كومتېتىنىڭ ھەيئەتلىرى قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىپ تاپىدىكەن.
باشقا ھەمراھ بولغۇچى خادىملاردىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىكى رەسمى ۋە مۇئاۋىن رەھبەرلەر، ئېلىمىزنىڭ زىيارەت قىلىنماقچى دۆلەتتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى. ئىقتىسادى ھەمكارلىق بولسا نۆۋەتتىكى مۇھىم تىمىلارنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، يەنە دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومتېتى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق تەرەپلەردىكى مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭمۇ بىرگە ھەمراھ بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ چوڭ ئىكەن.
دۆلەت رەھبەرلىرىگە ھەمرار بولۇپ زىيارەتكە چىققۇچىلارنىڭ تىزىملىكى ئادەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى، زىيارات قىلىنماقچى بولغان دۆلەت بىلەن ئېلىمىزنىڭ كەسپى جەھەتتىكى ئالاقە ئەھۋالى، مەزكۇر زىيارات داۋامىدا ھەل قىلماقچى بولغان مۇھىم مەسىلە قاتارلىقلارغا ئاساسەن بىكىتىلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە ھەمراھ بولغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى ئالدىن بىر ئاي بۇرۇن بىكىتىلىدىغان بولۇپ، كۈتىۋېلىش باشقارمىسىدىكىلەر زىيارەت قىلىنماقچى بولغان دۆلەتكە ئالدىن بېرىپ تەييارلىق قىلىش خىزمىتىدە قارشى دۆلەتكە رەئىسكە ھەمراھ بولغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن.
تىزىملىك يەنە رەھبەرنىڭ پىكىرى ۋە ۆرسەتمىسى بويىچە بىكىتىلىدىغان بولۇپ، ئالدى بىلەن ھەر قايسى مىنىستىرلىكلەر تىزىملىكنى يۇقۇرغا يوللىغاندىن كېيىن، تاشقى ئىشلىرى مىنىستىرلىكى بىرگە ھەمراھ بولغۇچىلارنى رەسمىي بىكىتكەندىن كېيىن، ئۇلارنى تەرتىپكە تىزىپ، مەركەزنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدىكەن. ئەگەر رەئىسنىڭ رەپىقىسى بىرگە ھەمرا بولۇپ زىيارەتكە چىقىش توغرا كەلگەندە ئۇنىڭ ئىسمىنى ھەمراھ بولغۇچىلار تىزىملىكىنىڭ بىرىنچىسىگە تىزىدىكەن.
بىللە يۈرۈپ خىزمەت قىلغۇچى خادىملارئادەتتە باشقارما دەرىجىلىكتىن تۆۋەن خادىملار بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ رايۇنلار باشقارمىسى، كۈتىۋېلىش باشقارمىسى ۋە ئاخپارات باشقارمىسىنىڭ خادىملىرى كەم بولسا بولمايدىكەن، يەنە تېخى باشقارما باشلىقى ۋە كونكىرىت خىزمەت قىلغۇچى خادىملارنى ئېلىۋالىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە رەئىسنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرى كاتىپى، قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخپىرلىرىنىمۇ بىرگە ئېلىۋالىدىكەن.
تىزىملىك بىكىتىلىپ بولغاندىن كېيىن، كۈتىۋېلىش باشقارمىسىدىكىلەر ئالدىن بېرىپ تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى قىلىدىغان بولۇپ، زىيارەت قىلىنماقچى بولغان دۆلەتتىكى زىيارەت قىلىش كۈنتەرتىپىنى بىكىتىدىكەن. يەنى سۆھبەت، زىياپەت، ئىكىسكۇرسىيە ياتاق، ئاپتۇموبىل، بىخەتەرلىك قاتارلىق ئىشلارنى كونكىرىت ئورۇنلاشتۇرۇپ، رەئىس زىيارەتكە چىقىشتىن 3-4 كۈن بۇرۇن ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرش خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ قايتىپ كېلىدىكەن.
2. مەخسۇس ئايروپىلان ئادەتتىكى يۇلۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئورۇندۇقىنى ئېلىۋېتىپ كارۋات سافا قاتارلىقلارنى قويۇپ ئۆزگەرتىلىپ تەييارلىنىدۇ.
لۇپېيشىننىڭ ئېيىشىچە، ئامىركا زۇڭتىكى چەتئەلگە زىيارەتكە چىقسا «ھاۋا بوشلىقى 1-نۇمۇر» دىگەن مەشھۇر نامدىكى ھەشەمەتلىك مەخسۇس ئايروپىلاننى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئەمما بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز تىجەشلىك ئاددى-ساددا بولۇپ، مەخسۇس نامدا ئايروپىلان قوللانمايدىكەن، بەلكى زىيارەتتىن بۇرۇن يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئۆزگەرتىپ تەييارلايدىكەن.
بۇنداق قىلىش ئىككى خىل تەرەپتىن ئويلانغان بۇلۇپ، بىر تەرەپتىن ئىسراپ قىلماسلىق، ئالاھىدە بولماسلىق، ئايروپىلاننىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئاشۇرۇش بولسا يەنە بىر تەرەپتىن بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئويلاشقان بولۇپ، ئايروپىلان مىلىيۇنلىغان زاپچاسلاردىن تۈزۈلگەن، داۋاملىق ئۇچۇپ تۇرمىسا بىخەتەرلىكىگە بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ دەپ قارايدىكەن. لۇپېيشىننىڭ تۇنۇشتۇرشىچە، ئېلىمىزنىڭ چەتئەلگە زىيارەتكە چىقىش ۋەزىپىسىنى دۆلەت ئاۋئاتسىيەسى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئادەتتە ئىككى قەۋەتلىك چوڭ تىپتىكى بويىن 747 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئىشلىتىلىدىكەن. باشقا ۋاقىتلاردا بۇ ئايروپىلانلار يەنە يولۇچى تۇشۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن.
رەئىسنىڭ ئايروپىلانى قانداق ئۆزگەرتىلىدۇ دىگەندە-- يولۇچىلار ئايروپىلانىڭ ئورۇندۇقلىرىنى سۆكۈپ ئېلىۋېتىپ، سافا، كارۋاتلارنى ئورۇنلاشتۇردىكەن، ئەگەر رەئىسنىڭ رەپىقىسى بولسا ئىككى كارۋات ئورۇنلاشتۇرلۇپ، ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ تىزىملىكىنى بىكىتىش ۋە ئۆزگەرتىپ ياساشقا تەخمىنەت بىرئاي ۋاقىت كېتىدىكەن.
ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئايروپىلان تۆت بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئەڭ ئالدىدىكىسى بولسا رەئىس سۇپىسى بولۇپ، بىر مىھمانخانا، بىر ياتاق ئۆي، بىر ئىشخانىدىن تۈزىلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن ئايروپىلان بۆلۈمچىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگەللەيدىكەن. ئۇندىن كېيىكىسى مىنىستىلەر سوپىسى بولۇپ، بۇ ئادەتتىكى ئايروپىلاننىڭ بىرىنچى دەرجىلىك بۆلۈمچىسىدەك بولۇپ، ھەر بىر ئورۇندۇقنىڭ ئالدىغا بىردىن كىچىك ئۈستەل قويۇلىدىكەن، بۇنىڭدا بىرگە ھەمراھ بولغۇچىلار ئولتۇردىكەن.، ئۇندىن كېيىكىسى باشقارما دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ سۇپىسى بولۇپ، بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ تىجەشلىك بۆلۈمچىسىگە ئوخشايدىكەن، ئۇندىن كېيىكىسى بىرگە يۇرۈپ خىزمەت قىلدىغانلار سوپىسى بولۇپ، بۇ ئادەتتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ يولۇچىلار بۆلۈمچىسىگە ئوخشايدىكەن.
مەخسۇس ئايروپىلاننىڭ خادىملىرى ئادەتتە 20 دەك خادىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بەزى ۋاقىتلاردا 10 سائەتتىن يۇقىرى ئۇچۇشقا توغرا كەلسە نۆۋەتلىشىپ ئىشلەيدىكەن. ئۇلار يەنە ئايروپىلان باشلىقى، مىخانىك خادىم، يول باشلىغۇچى، تېلفونىست، تىلگىرافچى ۋە كۈتكىچىلەردىن تۈزىلىدىكەن.
ئايروپىلاندىكى يىمەكلىككە ئادەتتىكى ئايروپىلاننىڭ كىگە قارىغاندا بىر ئاز ئېتىۋار بىرىلىدىغان بولۇپ، رەئىسنىڭ تامىقى ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرلىدىكەن، باشقىلارنىڭ تامىقى بولسا شۇ ئادەتتىكى قاچىلىق تاماقتىن بىر ئاز ياخشىراق بولىدىكەن. ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن كېيىن ، سىغىمى چوڭ، يىراق مۇساپىللىق، بىخەتەرلىك تېخنىكىسى ياخشى بولغان بويىن 747 تىپلىق ئايروپىلان ئىزچىل ئېلىمىز رەھبەرلىرى چەتئەلگە زىياراتكە چىقىشتا قوللىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئادەتتە ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىلىدىغان ئايروپىلان مۇقىم بولىدىكەن. يەنە ئىككى ئاي ئىلگىرى يولداش شىجىنپىڭ رەئىس روسىيەگە زىيارەتكە چىققاندا ئىشلەتكەن ئايروپىلاننى بۇ قېتىم لاتىن ئامىركىسىدكىكى دۆلەتلەرگە بېرىشتىمۇ قوللىنىدىكەن.
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىكلا تەرجىمى قىلىپ قويدۇم تەپسىلاتىغا قىزىققۇچىلارغا ئۇلىنىش ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويدۇم .. ئىملا ياكى تەرجىمىدە خاتالىق بولغان يەرلەر بولسا كۆپچىلىكنىڭ تەنقىدى پىكىرلىرىنى بېرىشىنى سورايمەن.
http://bbs1.people.com.cn/post/29/1/2/130200476.html
|
|