كۆرۈش: 4499|ئىنكاس: 19

888-نۇمۇرلۇق ئايرىمخانە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2678
يازما
44
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
1154
تىزىملاتقان
2010-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-30 15:19:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇدرەت ئېلى
888-نۇمۇرلۇق ئايرىمخانە
(ھېكايە)
«قىران يىگىتلەر»كۆڭۈل ئېچىش شەھەرچىسىنىڭ سەككىزىنجى قەۋىتىگە جايلاشقان 888-نۇمۇرلۇق ئايرىمخانىسى تولىمۇ ھەشەمەتلىك بىزەلگەن  بولۇپ بولۇپ،ياۋرۇپاچە بىزەش ئۇسلۇبى بىلەن مىللى نەققاشلىق سەنئىتى بۇ بىر ئېغىزلىق ئايرىمخانىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقاندى.ئاستىدىكى خوتەن گىلىمى ئۈستىدىكى رەڭگارەڭ چىراق نۇرىدا يالتىراپ كۆرىنەتتى.ئىشىكنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن باشلاپ، ئۇدۇلىدىكى تامنى بويلاپ قويۇلغان خۇرۇم تاشلىق كىرىسلو ئۈستىگە مامۇق سېلىنچا سېلىنغاندى.كىرىسلودا بىر-بىرىدىن گۈزەل، بىر-بىرىدىن پۇزۇر كېيىنگەن تۆت خانىم ئولتۇراتتى.سول تەرەپتە ئولتۇرغان سىمىز خانىم قالغان ئۈچەيلەندىن ياشتا سەل چوڭ كۆرىنەتتى.ئىشىك ئالدىدا 25ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى كۈتكۈچى يىگىت قول باغلاپ تۇراتتى.بۇ كۆڭۈل ئېچىش ئورنىنىڭ خاسلىقى شۇ ئىدىكى؛ مۇلازىملىرىنىڭ ھەممىسى موشۇ ياشتىكى قىران يىگىتلەر بولۇپ، پەقەت ئايال مىھمانلارلا قۇبۇل قىلىناتتى.
خانىملار جايلىشىپ ئولتۇرۋېلىشقاندىن كېيىن،كۈتكۈچى يىگىتكە يۈزلىنىشتى.يىگىت خانىملارنىڭ ئۆزىدىن مۇلازىمەت تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى دەرھال ھىس قىلىپ، زاكاس تالۇنى بىلەن قەلەمنى قولغا ئالدى:
-ساھىپجامال خانىملارغا قانداق مۇلازىمىتىمىز لازىمكىن؟
يىگىتنىڭ بۇرۇتلۇق ئاق يۈزى چىراق يورىقىدا مايلاپ قويغاندەك پارقىراپ كۆرىنەتتى.
سول تەرەپتە ئولتۇرغان سىمىز خانىم-بىرىنجى خانىم چاينى ئىرەنسىزلىك بىلەن ئوتلاپ قويغاندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى.قارىغاندا بۈگۈنكى مىچماندارچىلىق ئۇنىڭدەك قىلاتتى.
-ئالدىنقى قېتىم بىزگە دۇتتار چېلىپ بەرگەن ھېلىقى يىگىت باردۇ-ھە؟
-بار.
-ئىسمى نىمە ئىدى ئومىقىمنىڭ؟
-ئەكبەر.
-ئەمىسە قورۇمىنىڭ بىرىنجىسىگە«ئەكبەر »دەپ يېزىڭ.ھەيت...
ئانىسىدىن ئايرىپ بېقىلغان ئوغلاق باللىرىنىڭ ئاۋازىدا قىقاس-سۈرەن كۆتۈرۈلدى.
-ئۇ خىل قورۇمىنىڭ تۆت كىشلىكى يوقتۇ-ھە؟ ھەيت...-دەپ سەت چىرقىرىدى ئىككىنجى خانىم،-ھاراقنى مەن بۇيرىتاي.نىمە ئىچىمىز خانلىرىم؟ ئىچىڭ دىسە خام يەيدۇ،ئىسمىنى بىلمەيدۇ.موشۇ يەردىكى ئەڭ قىممەت باھالىق چەتئەل ھارىقىدىن بولسۇن.
-نەچچىنى يازىمەنكىن؟
-كاللا بېشىغا بىردىن.
-ئوبدان.
-چەتئەل تاماكىللىرىدىن قانداقلىرى بار؟-دېدى ئۈچىنجى خانىم.
-ھەر قاندىقى بار.
-ئەمىسە باھاسى ئەڭ قىممىتىدىن بولسۇن.
-خوپ!-دېدى مۇلازىم يىگىت شوخلۇق قىلىپ.
-يىمەكلىك ماڭا قالدىمۇ ئەمدى؟-دېدى تۆتىنجى خانىم چىرايلىق ئەركىلەپ،-كالا قۇيرۇقى،توشقان زەدىكى، قوچقارنىڭ تاش بۆرىكى،يەنە...
سورۇننى يەنە قىقاس –سۈرەن قاپلىدى.مۇلازىم يىگىت تىزىملىكىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.خانىملار ئىختىيارى پاراڭغا چۈشتى.
-قايسى كۈنى بەك مەسىت بوپ كېتىپتىكەنمەن دىگىنە، ئاداش،-دەپ گەپ نۆۋىتىنى مەجبۇرىي تارتىۋالدى ئۈچىنجى خانىم تولغان بەدىنىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ،-بالىلارنىڭ دادىسى ئۆيگە ئەكىرگۈچە بەك قىيلىنىپ كېتىپتۇ. بىچارىنىڭ ھالى قالامدىغان زادى...
-ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلمىغانسەن-ھە؟ھەيىت!...
خانىملار كۇسۇككا چۈشكەن قانجۇقلاردەك سەت چىرقىراپ كۈلۈشتى.بۇ گەپ ھەممىسىنىڭ خۇمارنى باسقاندەك بولدى.
-ئۇنى بىر دىمە،ھەيت!...
-سىلەرغۇ خاتىرجەم،-دېدى تۆتىنجى خانىم ئۆتۈپ كەتكەن كۆڭۈلسىزلىك ئۈچۈن چىرايىغا ئازابلىق تۈس بېرىپ،-ئەرلىرىڭلار كۈندە  ھاراق ئىچكەچكە سىلەرنىڭ ھاراق ئىچكىنڭلارنى بىلەلمەيدىكەن.مېنىڭ ئېرىم كەيىپتە يوق بولغاچقا بىلىپ قالىدىكەن.بۇ قېتىم تاس قالدى خېتىمنى بېرىۋەتكىلى.
-بەرسە ئالمامسەن ساراڭ،-دەپ كۈلدى بىرىنجى خانىم سېمىز يۈزىگە ئاپتاپتەك كۈلكە يۈگۈرتۈپ،-نېمە قورققۇلۇق؟بىز ئاجرىشالماي يۈرسەك، بۇنىڭ ئاجرىشىشتىن قورقۇپ كەتكىنىنى نىمە دەي؟ئەر دىگەننى دۈكاندىمۇ سېتىۋاتمامدۇ؟ھەيت...
-ماشىنا ئەر بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغان  توي مۇراسىمىڭىزغا قاچان تەكلىپ قىلىسىز ،جېنىم!؟ھەيت،-دەپ قىزىقچىلىق قىلدى ئىككىنجى خانىم.
تۆتەيلەن گەپنىڭ قىزىقچىلىقىدا مەستخۇش ئولتۇرۇشقىنىدا ئىشىك ئېچىلىپ،دۇتتارنى كۆتۈرگىنىچە بىر يىگىت كىرىپ كەلدى.چىرايى بەكمۇ قاملاشقان بۇ يىگىتنىڭ بوي-بەستمۇ كىشىنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك قاۋۇل ئىدى.ئۈچ خانىم تەڭلا ئاۋۋال يىگىتكە ئاندىن بىرىنجى خانىمغا قاراشتى.سورۇننى تۈنجى تىمتاسلىق باستى.بىرىنجى خانىم يىگىت بىلەن ئىككىنجى قېتىم ئۇچراشقاچقا كونا تونۇشلۇقىنى قىلدى:
-كەلسىلە،ئاۋازى تاتلىق غوجام،-دېدى گويا كىچىك بالىنى ئەركىلەتكەندەك ،-دۇتتارنى ئەمەس،گويا ئادەمنىڭ يۈرىكىنى چالىدۇ،خۇددى...
يىگىت ئىشىكنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كىرىسلودىن ئورۇن ئالدى.تۆتىنجى خانىم ياشتا ھەممىدىن كىچىك بولۇش سۈپىتى بىلەن چاي قۇيۇپ يىگىتكە قوش قوللاپ تۇتتى.
ھەركەتلىرى نەپىس سۈرەتتەك يىقىملىق تۇيغۇ ئاتا قىلاتتى.بىرىنجى خانىم مۇلازىم چاقىرىش كونوپكىسىنى بېسىپ،مۇلازىمنى چاقىردى.
-بىزگە تانسىغا ماھىر يىگىتتىن تۆتى كېرەك،-دېدى پەرۋاسىز ھالەتتە.
-تۆتى ئەمەس،ئۈچى كېرەك.مېنڭ جېنىم يېنىمدا مانا،-بىرىنجى خانىم ئەكبەرنىڭ دولىغا ئۇرۇپ قويدى.
-ئۆزۈڭلار تاللىساڭلار ئۈچ سائەتى بەش يۈز يۈز سوم ،-دەپ سىپايە ئېيتتى مۇلازىم باھا قويمىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك گېپىنى بېشى بىلەن تەستىقلاپ،-ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ياش يىگىتلەر،تانسىغا بەك ماھىر، خانىملارنىڭ چوقۇم رازى بولىدىغانلقىغا ئىشىنىمەن.
-كۆڭۈلدىكىدەك بولسىلا پۇلدا چاتاق يوق.ئەمما ئۆتكەنكىدەك كالامپاي نىمىلەر  بولسا،بىر تىيىن يوق،-دەپ كونا ئاچچىقىنى ئىپادە قىلدى ئىككىنجى خانىم.پۇتقا تولا دەسسەپ،نەچچە مىڭ سوملۇق ئاياقنى ئۆلتۈرىدۇ.
ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى.
مۇلازىم يىگىت چىقىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەي-تائاملار كەلتۈرۈدى.بىرىنجى خانىم تەكەللۇپسىزلا ساھىپخانلىقىنى ئۆز زىمىسىگە ئالدى.ئۇ ھەمىشە ئاشۇنداق قىلاتتى،تۈنجى بوتۇلكىنى قەتئى ئۆزى قۇياتتى.مەست بولغاندىن كېيىنلا ھاراق قۇيۇشنى باشقىلارغا تاشلاپ قوياتتى.
خانىملار بىر تەرەپتىن تاملاردىن يىگەچ ،بىر تەرەپتىن ھاراق ئىچىشكە باشلىدى.سازەندە يىگىتمۇ ئۇزۇن يىل ساغلىقلار بىلەن بىللە تۇرغان قوشقاردەك قورسىقىنى تويغۇزۇش بىلەن ئاۋارە ئىدى.كىرىسلو بىلەن تامدىن ھاسىل بولغان بولۇڭغا تىكلەپ قويۇلغان دۇتتار چىراق نۇرىدا ۋال-ۋۇل چاقنايتتى.
ھاراق تولۇق ئۈچ نۆۋەتتىن ئايلانغاندىن كېيىن يەپ –ئىچىشلەر بىر قۇر ئاياقلاشتى.شۇندىلا يىگىت دۇتتارنى قولىغا ئالدى.
ئۈچ سەككىزگە مەن كىرسەم،
ئولتۇرۇپتۇ خانلىرىم.
ئۇلار بىلەن بىلەن مەي ئىچسەم،
يايراپ كېتەر جانلىرىم.
خانىملار چاۋاك ئۇرۇپ كېتىشتى.
بۇ ئاھاڭ ئۆزىچە يىگىتنىڭ ئىجادىيىتى ئىدى.ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۇ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ بۇ «ئىجادىيىتى»نى تۈنجى نۇمۇردا ئورۇنلىماي ئۇنىمايتتى.
خانىملار سومكىللىرىدىن قىزىل رەڭلىك پۇللاردىن ئېلىپ يىگىتنىڭ ئالدىدىكى پەتنۇسقا تاشلاپ قويۇشتى.بۇ پۇلنى سازاندە خوجايىنىغا بەرمىسىمۇ بولاتتى. شۇ ئارىدا ئىشىك  ئېچىلىپ،ھەممىسى ئوخشاشلا ئاق رەڭلىك شىم ۋە قارا رەڭلىك ئاسما مايكا كەيگەن ئۈچ يىگىت قاتارلىشىپ كىرىپ كەلدى.سالام –سائەتتىن كېيىن يىگىتلەر خانىملارنىڭ ئاياغ تەرىپىدىن ئورۇن ئېلىشتى.
بىرىنجى خانىم يىگىتلەرگە مەي تۇتتى.بىر نەچچە رۇمكىدىن كېيىن يىگىتلەر بارا-بارا ئېچلىشقا باشلىدى.رومكىلار يەنە تىزلىكتە ئايلىنىشقا باشلىدى.ئېغىزلاردىن سېىق يۇمۇرلار  تۆكۈلۈشكە باشلىدى.ئۈچىنجى خانىم تۇيۇقسىز ئەقىل تاپقاندەك ۋارقىراپ ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارىتتى:
-مەن بىر تېپىشماق ئېيتىمەن.كىم تېپىۋالسا نەرىگە دىسە شۇ يېرىگە سۆيۈپ قويىمەن.تاپالمىساڭلار ھەممىڭلار مېنى سۆيۈپ قويىسىلەر،قانداق؟-ئۇ ئۆز تېپىشمىقىنىڭ قىيىنلىقىغا بەك ئىشىنىدىغاندەك قىلاتتى.
-بولىدۇ،بولىدۇ،-دېيىشتى ھەممەيلەن تەڭلا.
-قىزلارنىڭ بىر يېرى بار،ئۆمىرىدە ئانىسى ئىككى قېتىم تۇتىدۇ،دادىسى بىر قېتىم تۇتىدۇ،ئوغول دوستى ئىككى قېتىم تۇتىدۇ،ئېرى زادىلا تۇتمايدۇ.قېنى تېپىپ بېقىڭلار،بۇ قىزلارنىڭ نەرى؟
ھەممەيلەن گويا قىيىن بىر مەسلىگە يولۇققاندەك تۇرۇپ قېلىشتى.بىر ئاز جىمجىتلىقتىن كېيىن ھەر كىم ھەر نىمىلەرنى دەپ باقتى:
-كۆكسى.
-ئەمەس.
-ھېلىقى يېرى.
-ئەمەس.
-...
-تاپالمىدىڭلار،قېنى مېنى سۆيۈڭلار.
سورۇن ئەھلى ئىلاجىسىز ئۈچىنجى خانىمنى بىر-بىرلەپ سۆيۈشكە باشلىدى.خانىملارغۇ بىر ئىشلارنى قىلىپ ئۆتكۈزىۋەتتى.يىگىتلەر سەل خىجىللىق ھېس قىلىشىپ قېلىشىۋاتاتتى.شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار بارلىق جۈرئىتىنى يىغىپ ئۈچىنجى خانىمىنى سۆيۈپ چىقتى. سۆيۈلۈشتىن كېيىن ئۈچىنجى خانىم چەكسىز بەختىيارلىق ئىچىدە :
-سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ھەممىدىن بەكرەك ئەكبەرنىڭ لىۋى تاتلىقكەن،-دېۋىدى بىرىنجى خانىمدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى قىرقىراپ كۈلۈشۈپ كەتتى.بىرىنجى خانىم يوغان كۆزلىرىدىن غەزەپ ئوتلىرىنى چاچرىتىپ قاراپ قويدى.ئۇ ئۆزدىكى ئۆزگىرىشنى باشقىلارغا چاندۇرماسلىق ئۈچۈن،دەرھال يېڭى بىر ئويۇننى ئويناشنى تەلەپ قىلدى:
-ھازىر سۆز ئويۇنى ئوينايمىز.مەن بىر سۆزنى ئېيتىمەن.باش ھەرپىگە ئاساسەن سىلەرمۇ سۆز دەيسىلەر.كىم تەكرارلاپ قويسا ياكى دەرھال ئېيتالمىسا شۇ جازاغا تارتىلىپ،سېرىق يۇمۇر سۆزلەيدۇ.
ھەممەيلەن ئۇنىڭ تەكلىۋىگە قوشۇلدى.خانىم سۆز ئويۇنىنى باشلىدى:
-خالتا.
-خان.
-خەلق.
-خام.
-خوتۇن.
-خىرۇم.
-خاپا.
-خەنزۇ.
-خامان.
-خالا-خۇتتا.
-خەيرىنسا.
-خىيال.
-خۇمپەر.
-خاپا.
-خۇمسى.
-خاس.
-خەق.
-خالتا.
-خا.
-...
سۆز نۆۋىتى تۆتىنجى خانىمغا كەلگەندە تۇرۇپلا قالدى.ئۇ بىر سۆزنى ئېيتماقچى بولدىيۇ،يەنە تۇرۇپ قالدى.
-بولدى،ھاراق ئىچسۇن،-دەپ قارار قىلدى بىرىنجى خانىم.
تۆتىنجى خانىم ئىلاجىسىز ھاراقنى ئىچىشكە مەجبۇر بولدى.بىرىنجى خانىم يەنە سۆز باشلىدى:
-تۇز.
-تەم،
-تاتلىقىم.
-تەمسىز.
-...
سۆز ئويۇنى خېلى ئۇزۇن داۋام قىلدى.بۇ قېتىم ھاراقنى سازەندە يىگىت ئىچىشكە مەجبۇر بولدى.ئۇ بۇ شەرەپلىك جازانى جان دەپ قۇبۇل قىلدى ۋە  خانىملارنىڭ كۈچلۈك تەپىگە ئاساسەن،تىكىستىنى توردىن چۈشۈرۈپ،موزىكىسىنى ئۆزى ئىشلىگەن بىر پەدىگە ئۇردى:

سەن قەلبىمدە پارلىغان قۇياش،
ھوجۇدۇمدا چېقىلغان چاقماق.
تەبەسسۇمىڭ قىينار جېنىمنى،
بولدۇڭ سەبىر قاچامنى چاقماق.

سەن قەلبىمدە پارلىغان قۇياش،
بوران ئۇرغان بىر مايسا گويا.
كۆز ئالدىمدا ئېچىلغان بىر گۈل،
پۇراقلىرى قوزغايدۇ ھايا.

سەن قەلبىمدە پارلىغان قۇياش،
نۇرى قالغان تۇمانلار ئارا.
سامادىكى تەنھا بىر قۇشسەن،
قانات سۇنۇق،يۈرىكى يارا.

سەن قەلبىمدە پارلىغان قۇياش،
جۇدۇن سوققان بىر تال يوپۇرماق.
بۇ ھاياتلىق بىر ۋاراق قەغەز،
ئالدى قارا،كەينى بەك ئاپئاق.
يىگىت دۇتتار چېلىشقا ھەقىقەتەن ماھىر ئىدى.سورۇن ئەھلى بۇ ئۆمرىدە بۇنچىلىك سەۋىيە بىلەن ئېيتىلغان ناخشىنى نەقمەيداندا تۇرۇپ ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى ھېس قىلىشتى.يىگىت دۇتتارنى زەرپ بىلەن ئۇراتتى.ئاۋازى يىراقلاردىن كېلىۋاتقاندەك مۇڭلۇق ئاڭلىناتتى.قوشۇمىسى تۈرۈلگەندە قاپقارا ئۇزۇن قاشلىرى بىلەن يوغان كۆزلىرى بۇلاق ئۈستىگە ساڭگىلاپ تۇرغان مەجنۇنتال شېخىنى ئەسلىتەتتى.خانىملار يىنىك ئۇھ تارتىشتى.ئۇلار ھازىرقى كەيپىياتىدا يىگىتتىن ھىچنىمىسىنى ئايىمايدىغاندەك ھەۋەس بىلەن قاراشتى.ھەممەيلەن مەستچىكتە ناخشىنىڭ مۇڭىغا چۆكۈپ كەتكەن ئىدى.بىرىنجى خانىممۇ ئۆزىنىڭ بۇ ياش دوستىدىن چەكسىز پەخىرلەنمەكتە ئىدى. ئۆزىدىن ياش ھەم چىرايلىق بۇ ئۈچ سىڭلىسىغا ئۆزىنىڭ تېخى قېرىمىغانلىقىنى،موشۇنداق چولپانلار بىلەن ئارلىشىپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ قويدى.بىرىنجى خانىم ئۆز خىياللىرىدىن ھاياجانلىنىپ،سازەندىنى بوينىدىن قارماپ بىرنى سۆيۈشتىن ئۆزىنى تۇتۇپ قالالمىدى.ھەممەيلەن  كۈلۈشۈپ كەتتى.بۇ قىلىق بۇ يەردە ھەممىدىن ياش ۋە گۈزەل بولغان تۆتىنجى خانىمغا ياقمىدى بولغاي، ھىچ ئىشىنى كۆرمىگەندەك بىر قىياپەتتە:
-دىسكو ئوينايلى،دىسكو،-دەپ ۋارقىرىدى ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ.
ئۇلار دىسكو ئويناشتى،تانسا ئويناشتى،ناخشا ئېيتىشتى،ھاراق ئىچىشتى،سېرىق يۇمۇر سۆزلەشتى.قارىغاندا قىلىدىغان قىلىقلارمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغاندەك قىلاتتى.سورۇن ئەھلىگە ھاردۇق يەتتىمۇ ياكى مەستلىك باستىمۇ سەل پەسكويىغا چۈشتى.شۇ ئارىدا يىگىتلەر ئورنىدىن تۇرۇشتى:
-نەگە ؟-دەپ سورىدى بىرىنجى خانىم كەيپى ئۇچان ھالدا.قالغان ئۈچ خانىممۇ بىر-بىرىگە قاراپ قويۇشتى.
-ۋاقتىمىز توشتى،ئەمدى قايتايلى.
-سەن نىمىلەرنىڭ جاجىسى پۇلغۇ-ھە؟پۇلى يوق كۆرۈپ قېلىشىۋاتامسەن؟پۇل دىگەن ھەر قايسىڭغا تاتلىق بولغان بىلەن مەن ئۈچۈن ئەۋرەت لاتىسى ئۇ،-بىردىنلا ۋارقىراپ كەتتى ئۈچىنجى خانىم،-پۇل ئۈچۈن ئىشلىشىسەنغۇ ھەر قايسىڭ؟ئالە پۇلنى،قايسىڭ يەنە چىقىپ كېتىشنىڭ غەلۋىسىنى قىلىشىدىكەنسەن،ئاغزى- بۇرنۇڭغا ...
ئۇ شۇنداق دىگەچ ئارقىسىغا تاشلاپ قويغان سومكىسىدىن بىر تۇتام قىزىل پۇلنى ئېلىپ يىگىتلەرنىڭ ئالدىغا ئاتتى.تۆتىنجى خانىم ئۇنىڭ ئاغزىنى ئالقىنى بىلەن توسىۋالدى.
-پۇلغا چىدىمىساڭ،مال بازىرىغا بېرىپ ھاڭگا ئىشەكلەر بىلەن ئويناۋا،ئاچا،-دەپ ئورنىدىن تۇرغاچ ۋارقىرىدى ئەكبەرنىڭ قېشىدا ئولتۇرغان يىگىتمۇ بوش كەلمەي،-پۇلنى دىمەيدىغان بولساق،سەندەك قېرى خوتۇنلار يولدا پۇتلىشىپ يۈرىدۇ بىزگە.
بۇ گەپ بىرىنجى خانىمنىڭ غورۇرىغا تىگىپ كەتتى.ئۇ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ،يىگىتنى بىر تەستەك سالدى.
-كۆزۈمدىن يوقال ،ھەزىلەك.سەندەك ماز پاينەكلەردىن ئى يېرىمدىمۇ نەچچىسى بار...
يىگىت ھىچنىمە دىيەلمەي چىقىپ كەتتى.ئۇنىڭ بىلەن كىرگەن ئىككى يىگىتمۇ ئارقىدىنلا چىقىپ كەتتى.سازەندە يىگىت نىمە قىلارنى بىلمەي ئوسال ئەھۋالدا قالدى.ئۆزىنىڭمۇ چىقىپ كەتكۈسى بولسىمۇ پەتنۇستىكى قىزىل پۇللار ئۇنى مەھكەم باغلاپ تۇراتتى.
-بولدى،خانىملار،ئەرزىمەس ئادەملەر ئۈچۈن چېچىلىپ نىمە كەپتۇ؟ياش ئەمەسمۇ،ئۆزىنى بىلەلمەيۋاتقان گەپ.ھىچقىسى يوق.مانا مەن بار،مەن سىلەرگە تاڭ ئاتقۇچە ھەمراھ بولۇشقا رازى.
ھەممەيلەن گەرچە ئۈچ يىگىتنىڭ چىقىپ كەتكىنىگە پەرۋا قىلمايۋاتقاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن كۆڭۈللىرى يېرىم بولۇشقاندى.ئۇلار بولغان بولسا تاماششا تېخىمۇ قىزىغان بولاتتى.ئۇلار قۇلاقتىن كىرىپ باشنى يېرىۋەتكۈدەك يۇقىرى ئاۋازدا موزىكا قويۇپ دىسكو ئويناشتى. موزىكا ئۇدارىدىن مەڭگۈ قالمايدىغاندەك گۇمۇلدايتتى...
دىسكو موزىكىسى ئاياقلىشىشى بىلەن تۆتىنجى خانىم ئۆزىنىڭ بىر مەيدان ۋالىس ئوينىغۇسى بارلىقىنى جاكارلاپ،ئەكبەرنى تانسىغا تارتتى.
تىرەك بوستان،تىرەك بوستان،
تىرەك بوستانغا مەن ھەيران.
سېنىڭ كۆڭلۈڭ ئارام تاپتى،
مېنىڭ كۆڭلۈم تېخى ۋەيران...
ئۇلارنىڭ قەدەملىرى شۇ قەدەر يەڭگىل ئىدىكى؛يەردە ئەمەس،گويا ھاۋادا پەرۋاز قىلىۋاتقاندەك ئايلىناتتى.يىگىت خانىمنىڭ بەللىرىدىن ، خانىممۇ يىگىتنىڭ بويىنىدىن قۇچاقلاپ دىگۈدەك تۇتۇپ ئوينايتتى.موزىكا تازا ئەۋجىگە چىققاندا يىگىت خانىمنى تېخىمۇ تىز پىرقىراتتى.خانىم يىگىتتىن ئايرىلىپ كېتىشتىن قورقۇپ،ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى.ئۇلار مەھكەم قۇچاقلىشىپ كېتىشتى.بۇنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالمىغان بىرىنجى خانىم بىر پاي ئايىقىنى سالدى ۋە يۈگۈرۈپ بارغان پېتى ئۇلارنى ئاجراتتى.ئاندىن ئاياق بىلەن تۆتىنجى خانىمنىڭ يۈزىگە بىرنى سالدى.تۆتىنجى خانىم تاياق زەربىسىدىن سەل ھوشىغا –دە،بىرىنجى خانىمنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ يەرگە باستى:
-ھو،قېرى قانجۇق،خەق سېنىڭ نىكاھلاپ تەگكەن ئېرىڭمىدى-ھە؟ نېمىگە چوڭچىلىق قىلىسەن؟سېنىڭ ئاشۇ سېسىق پۇللىرىڭنى دىمىسە ساڭا كىم قارايتتى؟«ئاچا،ئاچا »دەپ قويسام،راست ئاچىسى ئوخشايمەن دەپ قالغانمىدىڭ؟بۈگۈندىن باشلاپ مانا مەن سېنىڭ ئاچاڭ...
ئەكبەر بىلەن ئىككىنجى خانىم ئۇلارنى ئاجراتماقچى بولۇپ ئىككى يانغا تارتاتتى.ئۈچىنجى خانىم قورقىنىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنى چاقىردى.
قوللىرىدا رېزىنكە كالتەك تۇتقان ئىككى نەپەر ئامانلىق ساقلىغۇچىنى كۆرگەندىلا ئۇلار ئاندىن ئايرىلدى.
-بەش مىنۇتقىچە بۇ يەردىن يوقىلىشمايدىغان بولساڭ،ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىمەن!...
خانىملار بىردىنلا ھوشىغا كەلگەندەك بولۇشتى.ئۇلار ھاپىلا –شاپلا ئۆزلىرىنى تۈزەشتۈردى ۋە چىقىپ كېتىشتى.
«ئۇھ»دىيىشتى 888-نۇمۇرلۇق ئايرىمخانىنىڭ مۇلازىملىرى.
(تۈگىدى)

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
19565
يازما
57
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
57
تىزىملاتقان
2011-12-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-19
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 00:04:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەردە بۇنداق ئىشلارمۇ مىنىڭچە بارمىكىن دەيمەن، بىرسى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، شۇنداقراق پاراڭ قىلغاندەك ئىسىمدە.

بۇنىڭغا زەكىيە خاننىڭ ئولتورۇش قىلغاندىكى نەق مەيدان سىنلىنتىسى سەل ئوخشاشلىقى باردەك.

UID
49797
يازما
72
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2013-4-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 10:14:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توت دانە ئېشەكلەركەنغۇ ئۇلار..... خې خې.......   ئىست شەيتاننىڭ  پۇلنىڭ قۇلى بوپ كەتكەنلەر

UID
49694
يازما
132
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 13:22:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاراق ئىچكەن،تاماكا چەككەن ھەرقانداق خوتۇن جالاپتۇر.نۆۋەتتە ئۇيغۇر جالاپلىرىنىڭ كۆپىيىشى مىللىتىمىزنىڭ غۇرۇرىنىڭ(قىسمەن) يوقىلىۋاتقانكىقىنى ئەمەس ئاللاقاچان يوقالغانلىقىنى بىلدۈرۈدۇ.ئۇلاردىن سەسكەنمىگەن كىشى شۇلارغا ئوخشاشتۇر.مۇتلەق كۆپ قىسىمى يەنىلا زەكىيەخانىم دىگەن جالاپ خوتۇنغا ئوخشايدۇ.

باھا سۆز

alnur1  ھايا بىلەن سۆز قىلايلى،ئۇلاردىن پەرقىمىز بولسۇن دە.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 19:17:01
strella  بۇ سەل ئېشىپ كېتىپتۇ  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 19:35:58

UID
49516
يازما
51
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
51
تىزىملاتقان
2013-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-30
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 14:06:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەكىيە ھاجىم دۇ

UID
50152
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2013-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 22:40:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى زاماندا ئېشەكلەرگىمۇ مۈڭگۈز چىققىلى تۇدىغۇ..........

UID
50834
يازما
77
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
77
تىزىملاتقان
2013-5-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-20
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 23:12:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مۇشۇنداق ئەيشى-ئىشرەت،كەيپى-ساپا ئشىلىرى نىمنداق تۇگۇمەيدىغاندۇ،ئەرلەرنى توسۇپ بولالمايۋاتسا،بۇ ئايال بۇزۇقلارغا نىمە دېگۇلۇك ئەمدى......

UID
48969
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-4-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-21
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 23:32:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا   مىللىتىمىز  نىمە    بوپ   كەتتى

UID
47838
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-10-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-10
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 23:41:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تىپىشماق  بەك كۈلكىلىككەن  ئۇلۇغ ئاللا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي!!!!

UID
25287
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-2-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-28
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 11:41:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاھان بۇزلۇپ كەتتى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش