بۆشۈك توغرىسىدا رىۋايەت
ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى تۇغۇلۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن بۆشۈككە بۆلىنىدۇ. دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن قەبرە بەئەينى بۆشۈك سىياقىدا ياسىلىدۇ، قەبرە گۈمبىزى ئۇستىگە يېپىنچا يېپىلغان بۆشۈكنىڭ شەكلىگە ئوخشايدۇ. ۋاپات بولغۇچىنىڭ جىنسىي پەرقىگە ئاساسەن، ئايال، قىزلار دەپنە قىلىنغان قەبرە ئۈستى بۆشۈك شەكلىدە ياسىلىدۇ، ئاستىدىكى بىرقانچە پەلەمپەيگە ئوخشايدىغان قەۋەتلەر سۇپرا، نوغۇچ، ئۆي ئىچى سېلىنچىسىدەك چۈشەنچىنى بېرىدۇ .
ئەرلەر دەپنە قىلىنغان قەبرىلەرنىڭ ئەڭ ئۈستى ئوخشاشلا بۆشۈك شەكلىدە، ئاستىدىكى پەقەت بىر ياكى ئىككى قەۋەت پەلەمپەي ئۇلارنىڭ جىنسىي پەرقىگە ئاساسەن ياسالغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ قەبرىسىگە سېلىشتۇرغاندا قەۋەت سانى ئاز بولىدۇ. بۇ قەۋەتلەرنىڭ بىرسى ئۆي ئىچىدىكى سېلىنچا شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر قەۋەت ئىككى بولسا سېلىنچا (كىگىز) ئۈستىدە يەنە بىر قەۋەت كۆرپە بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەر ھالدا مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن، بەرىبىر قەبرە گۈمبىزى بۆشۈك سىياقىدا ياسىلىدۇ .
رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇندىن ناھايىتى بۇرۇن خان ئانىسى تۈركەن خاتۇن ئۆز ئوغلىنى كۆڭۈلدىكىدەك تەربىيلەش ھەمدە ئۇنىڭ سەبىي ۋاقتىدا ئۆز ئاپىسىنىڭ ئېتىكىنى بېزەپ قىلىپ گۇناھكار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئوغلىنى بۆشۈككە بۆلەپ بېقىشنى نىيەت قىپتۇ. ئوردا ئۆلىمالىرى لايىھىلەپ كۆڭۈلدىكىدەك بىر ئالتۇن بۆشۈك ياسىتىپ بېرىپتۇ. تۈركەن خاتۇن ئالتۇن كوكىلىلىق ئوغلىنى ئالتۇن بۆشۈكتە ئىككى يىل بېقىپتۇ. ئوغلى كېيىنچە لەشكىرىي ئىشلار، ئىلىم - ئىرپان جەھەتتە كامالەتكە يېتىپ ئەلەمگىمۇ، قەلەمگىمۇ ماھىر بولۇپ يېتىشىپتۇ. ئوغۇل 19 ياشقا كىرگەن يىلى جەڭدە يارىدار بولغان شاھ ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بوپتۇ. ئۇ دۆلەتنى ئوبدان باشقۇرۇپ خەلق ئېغىزىدا "ئادىل پادىشاھ" دەپ ئاتىلىپتۇ. ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ تاساددىپىي غازات ئۈستىدە ئوق (يا ئوقى) تېگىپ ۋاپات بوپتۇ. ئانا بولغۇچى تۈركەن خاتۇن چاچلىرىنى يۇلۇپ، پىغانلار چېكىپ، نادامەتلىك كۆز ياشلىرىنى دەريادەك ئاققۇزۇپ ئوغلىنىڭ ئۈستىگە ياتقىنىچە يىغلاپتۇ .
باشقىلار ھەرقانچە قىلغان بىلەن ئانا بىچارە ئۆز ئوغلىنى گىرەلىۋېلىپ دەپنە قىلىشقا بەرمەپتۇ. ئوردىدىكى ئاقىللاردىن بىرى "ئادىل پادىشاھ" نىڭ ئۇستىخىنى بىمالال سىغقۇدەك بىر كۆمۈش بۆشۈك ياساپ كەپتۇ - دە، تۈركەن خاتۇنغا :
------ بولدى قىلسىلا خېنىم، ئوغۇللىرىنىڭ روھى ئارام ئالسۇن. خان ئالىيلىرى پاقلان ۋاقىتلىرىنى ئۆزلىرى ياسىتىپ بەرگەن ئالتۇن بۆشۈكتە ئۆتكۈزۈپ چوڭ بولغانىدى. ئۆزىمۇ بۆشۈككە قەۋەتلا ئامراق ئىدى. خاننىڭ روھى ئۈچۈن مەن كۆمۈشتە بۆشۈك ياسىتىپ كەلدىم، بۆلەپ قويساقمىكىن ؟ ----- دەپتۇ .
تۈركەن خاتۇن دەرھال ماقۇل كەپتۇ، بالا پادىشاھ كۆمۈش بۆشۈككە بۆلۈنۈپتۇ. تۈركەن خاتۇنمۇ ھېرىپ دەرمانى قالمىغان ھالدا سەل ئۇيقىغا كېتىپتۇ. ئالدىن مەسلىھەتى پىشقان نۇرغۇن كىشىلەر كۆمۈش بۆشۈك (جىنازىنى) كۆتۈرۈپ مېڭىپتۇ. ئۇلار ئاخىرى ئوردا سىرتىدىكى قەبرىستانلىققا بېرىپ گۈل - گىياھ، ئوت - چۆپلەر ئارىسىغا كۆمۈشرەڭ بۆشۈكنى تىقىپ قويۇپتۇ. تۈركەن خاتۇن ھەر كۈنىسى دېگۈدەك قەبرە بېشىغا چىقىپ بۆشۈكنىڭ ياپقۇچ پەردىسىنى قايرىپ ئوغلىنى كۆرۈپ قايتىشنى داۋام قىپتۇ. ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي "ئادىل پادىشاھ" نىڭ چىرايى ئۆزگىرىشكە باشلاپتۇ. قاراپ تۇرۇپ ئوغلىنىڭ رەڭگىنىڭ مۇنچىۋالا ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن تۈركەن خاتۇنمۇ " ئاھ ! " دەپ جان ئۈزۈپتۇ. ئوردا ئەھلى مەسلىھەتلىشىپ، بۆشۈكتە چوڭ بولغان شاھزادىنىمۇ ئۇنى تەربىيلەشتىكى پىداكار ئايال تۈركەن خاتۇننىمۇ كۆمۈش رەڭ بۆشۈككە سېلىپ قەبرىستانلىققا قويۇشنى ماقۇللىشىپتۇ. بىراق ھەر ئىككىلا بۆشۈك ئوخشاش بولۇپ قالسا پەرق ئېتىش قېيىن بولىدۇ، دەپ تۈركەن خاتۇننىڭ كۆمۈشرەڭ بۆشۈكىنى كۆپ قەۋەتلىك پەنجىرىنىڭ ئۈستىگە، ئادىل پادىشاھنىڭ قەبرىسىنى بىر پەنجىرلىك قەبرە سۇپىسىنىڭ ئۈستىگە توختىتىپ، ئەتراپقا ئارچا دەرىخى ئەھيا قىپتۇ.
شۇنىڭدىن تارتىپ، تۈركىي خەلقلىرىنىڭ مۇسىبەت ئادەتلىرىنىڭ ئىچىدە ۋاپات بولغان كىشىنى بۆشۈك سىياقىدىكى جىنازىغا سېلىپ دەپنە قىلغاندىن كېيىن، قەبرە ئۈستىگە بۆشۈك سىياقىدىكى قەبرە گۈمبىزى ياساپ قويۇش ئادىتى بارلىققا كەپتۇ .