كۆرۈش: 2233|ئىنكاس: 8

ئىرىم سىلەرگە ئوڭچە قالدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
31144
يازما
401
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
401
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
94 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 13:11:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شئىرنى ئۇندىداردىن كۆرۇپ يوللاپ قويدۇم .

ئازاپ ئىچرە كىتەر بولدۇم ،سىتىپ ئالغان ئۆيلەر قالدى،
يىمەي ئىچمەي يىغىپ قويغان بانكىدىكى پۇللار قالدى.
ھاياتمنىڭ ئىزناسى دەپ بىلسەڭ ساڭا يادىكارغا،
يۇرەك پارەم ئەزىز بالام بويۇن قىسىپ يېىتىم قالدى.

ئىشلىتىشكە كۆزۇم قيىماي تىزىپ قويغان كۆرپە قالدى،
جاننى سىلىپ تۇتقان ئۆيۇم كۇندەشلەرگە ئوڭچە قالدى.
ياشىغانتىم ياشلار تۆكۇپ دىلدا چەكسىز ئازاپ پىغان،
نىشانە دەپ بىلسەڭ يوقلا مەندىن ساڭا قەبرە قالدى .

تەقدىر بىلەن ئىلىشىپ مەن ئۇشبۇ جىنىم ئاران قالدى ،
جەسەتلەردىن نىمە پەرقىم كۆڭلۇم مېنىڭ ئۆلۇپ قالدى.
ئازاپ ئىچرە كىتەر بولدۇم دىلدا چەكسىز ئازاپ پىغان ،
دۇشمەن خوشال بولدى مانا دوس يارنلەر يىغلاپ قالدى.

ئۆمۇر بويى جان كۆيدۇرۇپ ئىشلەپ ھاردىم خىزمەت قالدى،
قەدىرلەشكە ئامالىم يوق شۇنچە گۇزەل ھايات قالدى.
ئەجىر قىلىپ كۆيگەنلىرىم يۇرۇكىمنى قىلدى زىدە ،
كۆز يۇمۇپلا ئارام ئالاي يۇرۇكۇمدە ئازاپلىق ئوت پەريات قالدى .

ھاياتلىقىتا يالدامىغا سەندىن ماڭا ئەلەم قالدى ،
ئۆلۇپ كىتەي مەن بى ئىلاج ئورۇندالماي ۋەدەم قالدى.
يۇرۇكۇمنى مىجغانتىڭ رەزىل دۇشمەن كىتەر بولدۇم ،
ئەقىدەمنى ئۇنۇتتۇڭمۇ بىز ئىچكەن قەسەم قالدى.

ئەزىز بىلىپ باققان بالام كوچىلاردا يىتىم قالدى ،
يەر تىگىگە كىرىپ كەتتىم بۇ دۇنيادا ئېتىم قالدى.
نوتا ئىدىم ئۆلۇپ كەتتىم مەندىن ساڭا يادىكارغا،
ھاياتلىقتا بىسىپ ئۆتكەن ئەگرى بۇگرى ئىزىم قالدى.

بۇ دۇنيا ئاپا دەيدۇ غىرىپ مىسىكىن بالام قالدى ،
ئۇ دۇنيا مىنى ساقلاپ تاقىتى تاق ئانام قالدى .
ياش ئىدىمغۇ تىخى سەندەك ياشار ئىدىم ئۆلەرمەنمۇ ،
دۇنيا ساڭا قىيالماستىن ئاھ ئارقىمدا كۆزۇم قالدى.

يۇرۇكۇمنى ئازاپلغان تۇگۇنلەر ۋە داغلار قالدى ،
ساقلاپ يۇرۇپ دىيەلمىگەن قەلبىمدىكى سىرلار قالدى.
بولدى كىتەي ئارام ئالاي ئانام بىلەن مازاردىمەن،
دەت ئەلەمدە ئازار يىگەن ئۇشبۇ ئەزىز جانلار قالدى .

يۇزلىرىمدە قۇرۇپ قالغان دەرت ئەلەملىك ياشلار قالدى،
قىلچە بولماي يىرىم يولدا قۇلۇمدا ئىشلار قالدى.
ئۆمۇر بويى ئىلىىشپتىمەن بۇ رەھىىمسىز قىسمەت بىلەن،
جاننى بەردىم يۇرۇكىمگە ئورناپ كەتكەن داغلار قالدى.

ياشىغىمغۇ بارتى بىراق بۇگۇن تۇگەپ رىسقىم قالدى ،
بۇ بىۋاپا كاج تەقدىردىن ماڭا پەقەت ئۆلۇم قالدى .
ئالغىن بىرەي كۇلۇپ كەتكىن رەزىل دۇشمەن ،
غەملەر تۇگەپ بۇ جىنىمنى سىققان چەكسىز ئەلەم قالدى.

يۇرۇگۇمنى زىدە قىلىپ  قەلبىمدىكى دەردىم قالدى،
خوشاللىقتا يوقمۇ رىسقىم خودايمگە ئەرزىم قالدى.
قورىمايدۇ دىدىڭ بۇندە يىلغىماسمەن سىلىكىپ تۇرۇپ ،
مانا تۇگەپ مۇردا بولۇپ ئاران بىرلا جىسمىم قالدى.

ھۇجۇدۇمدىن تەنگە تاراپ تاپا تەنە ئازاپ قالدى ،
ياراتمىغان ئۇشبۇ جىنىم خۇدايىمگە ياراپ قالدى.
بىۋاپا يار ئۆز قەدرىمنى قىپتىمەن خار سىنىڭ ئۇچۇن ،
ساڭا سۆيگۇ بەرگىنىمگە ئۆز-ئۆزەمگە غەزەپ قالدى.

ھاياتىمدا قاپقاراڭغۇ مەنزىلى يوق دۇنيا قالدى ،
ئىلىپ كىتەي دەت-ئەلەمنى بەخىت بولدى ساڭا قالدى.
ئىچ -ئىچىمگە سىلىپ دەرتنى ئۆلۇپ كەتتىم ئەلەم بىلەن،
ساق ئەمەستۇر كۆرگىن يىرىپ يۇرۇگىمدە يارا قالدى.

قەدىردان دەپ بىلگەنلىرىم يۇرۇكىمگە پىچاق سالدى ،
ھەر قەدەمدە يوللىرىمغا سان-ساناقسىز توزاق قۇردى.
بۇ دۇنياغا قىيالمىدىم جان تالاشتىم كۆز يۇمماستىن،
ئازاپ يامان جاننى ئالدى لىكىن كۆزۇم ئۇچۇق قالدى.

يۇرۇكۇمنى بەرگىنىمگە ئىچ-ئىچىمدىن پۇشايمان قالدى،
يۇز ئۆرىدى سۆيگەن يارىم تۆت ئەتراپتا دۇشمەن قالدى.
كۆڭۇل بەرسەم قەدىرلىمەي يەرگە ئاتتى نامەرت ئىنسان،
يۇرەكتىكى ئۆچ ئاداۋەت ئۇنتۇلماستىن گۇلخان بولدى.

بۇلۇپ ئۆتمۇش ئەستىن چىقىپ ماڭا بەرگەن ۋەدەڭ قالدى،
ساڭا كۆڭلۇم ئىرىمەيدۇ يۇرۇكىمدە دەردىڭ قالدى.
ياش ئىدىمغۇ جاننى ئالدىڭ ئەرزايلىدەك قىياناپ مېنى،
بىرىۋەىتەي ئيتە ئەسكى سىنىڭ مەندە نىمەڭ قالدى.

بۇ دۇنيادىن يوقالدى دەپ دۇشمەنلىرىم كۇلۇپ قالدى،
دوست يارەنلەر  ھەيران بۇلۇپ جەسىتمگە قاراپ قالدى.
مېنى تاشلاپ ئازاپ غەمگە ،يادىدا يوق ئۇنۇتقانلار،
پۇشايمان بىلەن ئازاپلىنىپ لەۋلىرىنى چىشلەپ قالدى.

ئشىقا ئاشماي كاللامدىكى غايە بىلەن خىيال قالدى،
قىرىنداشقا چىدىماستىن بىر تۇغقانلار مالال بولدى.
تىركىشپمۇ ھىرىپ قالدىم بۇ رەھمسىز تەقدىر بىلەن ،
بىر رەقىبىم يوقالدى دەپ  رەقىپداشلار خوشا ل قالدى.

جىنىم ئانا مېنى كەچۇر ،قىلىدىم خاپا پۇشايمان قالدى،
خىزمىتىڭنى قىلالمىدىم يۇرۇكىمدە ئارمان قالدى.
جازالدىڭ سىلىپ ئوتقا گۇنايمنى بىلدىم خۇدا،
ئازاپلىماي جاننى ئالغىن ،چۇشمەي سەندىن پەرمان قالدى.

ئۆلۇپ كەتتىم كۆز ئالدىڭدا غىرىپ مىسكىن چىھرىم قالدى،
ئۇزىۋەتمەي چىڭ باغلىغان يارغا بولغان رىشتىم قالدى.
نەپسىمنى بوققان ئىدىڭ ئارام بەرمەي ئازاپ داغلار،
كۆزلىرىمنى يۇمالمىدىم بۇ دۇنياغا مىھرىم قالدى.

ئۆلۇپ كەتتتم  لەۋلىرمدە ئاچچقىنە كۇلكە قالدى،
تالىشىڭلار قىز چوكانلار ئىرىم مانا ئوڭچە قالدى.
ئوي تۇتقانتىم تىجەپ تۇنەپ ياشىماستىن ئويناپ كۇلۇپ
بىلەلمىدىم شۇ ئۆيۇم ۋە بالام بۇگۇن كىمگەن قالدى.

ئۆلۇپ كەتتم ئارزۇ -ئارمان دوستلار بۇگۇن بەربات بولدى،
بۇ دۇنياغا كىلىپ مىنىڭ توۋلىغىنم بەربات بولدى.
خاپىلىقنى سالمىسڭمۇ يۇرۇكۇمگە ئۆلمەس ئىدىم،
كىرىپ كىتەي مازارغا مەن يىرىم يولدا ھايات قالدىم.

كۆز ئالدىڭدا غىرىپ مىسكىن بۇلۇپ پەيدا چىھرىم قالدى،
بۇ دۇنياغا چىڭ باغلىنىپ ئۇزۇلمىگەن رىشتىم قالدى.
قۇرۇت كەبى يەپ تۇگەتتى ئەزىز جاننى ئىغىر ئازاپ ،
دەرت ئەلەمدە ئۆلۇپ كەتتم تەنھا خوشال ئىرىم قالدى.

يۇرۇكۇمگە نەشتەركەبى ئۇرۇلغان گەپ سۆزلەر قالدى،
ئۇنتۇلغۇسىز دەرت ئەلەمدە ئازاپلىغان كۇنلەر قالدى.
ھايات يولى ئەگرى توقاي تولغان ئىكەن مۇشكۇلاتقا،
ھىرىپ قالدىم ئايىغىمدا تۇگۇمەستىن يوللار قالدى.

ئارام بەرمەي دۇشمەن تاپقان پتنە پاسات قالدى،
مەن كۆزۇڭدىن يوقالدىم يوق سوداڭ سىنىڭ كاسات بولدى.
ئازاپلىنىپ دەرت ئەلەمدە جاندىن تويدۇم نەچچە مىڭ رەت،
ئارمىنىم شۇ دۇشمىنىمگە ئۇرلمىغان كاچات قالدى.

بىۋاپا غا كۆڭۇل بىرىپ يىگەن ئۇشبۇ تاياق قالدى،
قىلىپ خىزمەت ئايىغىمدا مۇزلاپقىنىە تاماق قالدى.
ئاراڭلاغا مىنى ئالغان ئەي قەدىردان خۇلۇم-قوشنام ،
ئۆلۇپ كەتتىم مېنىڭ ئورنۇم سىپڭلاردا قۇرۇق قالدى.

كېمدىن ئۆسكەن كۆڭلۇم مېنىڭ بۇ رەھىمسىز ھايات قالدى،
تىگىۋالغىن مانا كۇندەش ئىرىم مىنىڭ ئازەت قالدى.
دەرت ئەلەم قايغۇ بىلەن ئۆلەرمەنمۇ بىلەلمدىم،
بەختى كۇلگەن ئىنسانلارغا يۇرۇكۇمدە ھەسەت قالدى.

بۇ دۇنياغا كىلىپ توككەن دەريا-دەريا ياشىم قالدى،
يۇرەك پارەم بالام مانا ئۆگەيلەرگە يىىتىم قالدى.
ئۇۋال بولدى ماڭا تەڭرىم قەلبىمدىكى ئارمنىم شۇ،
قىسىاسمنى تارتماي نەچۇن كۇلۇپ خوشا ل ئىرىم قالدى.

يۇز كۆزۇمنى سۆيۇپ ئۆتەر ساپ ھاۋالىق شامال قالدى،
ئەركىنلىككە چىقتىم بۇگۇن مېنى ئەزگەن قامال قالدى.
سۇرلۇك چىراي تەھدىت بىلەن يۇرۇگىمنى ئەزگەن ئىدىڭ،
ئۆلۇپ كەتتىم ئىچ - ئچىمىدىن جاۋابى يوق سوئال قالدى.

ئىچىپ بولماي قاچامدىكى مىززىلىك تاتلىق ئاشلار قالدى،
تارىخ بولۇپ كۆز ئالدىڭدا مەن يىغلىغان ياشلار قالدى.
ئۆمۇر بويى ماڭا ھەمرا بولغان ئىدىڭ ئاچچىق كۇلكە،
مەن كېتەرمەن بۇلۇ پ ھەمرا قەبرەمدىكى تاشلار قالدى.

مەن توسالغۇ بولغان ئىدىم يولۇڭ مەنسىز داغدام بولدى،
كىمىنى ئالساڭ مەيلى لىكىن ياش تۆكمىسۇن بالام قالدى.
ئازاپلىدىڭ ياتارمەنمۇ گورۇمدە تىپنىچ بىلەلمدىىم،
ساڭا ئارام بەرمەس مەڭگۇ ياقاڭدا ئاھ قولۇم قالدى.

كۆز ئالدىمدا غۇۋا شەپەق بىلەن ئۇپۇق قالدى،
ئۆلۇپ كتەي دۇشمەن ساڭا غەلبىلەر ۋە ئۇتۇق قالدى.
يۇرۇكىمنى ئىگىلىگەن ئۇلۇغ كىچىك تىنىق تۇگەپ ،
بالام مسىكىن سەبى دىلى مانا بۇگۇن سۇنۇق قالدى.

بۇ دۇنيادا مەن ئىچمگەن پەقەت بىرلا زەھەر قالدى،
جىنىم قوزام يىتىم قالدىڭ ھاياتىڭغا خەتەر قالدى.
يۇرۇكىمگە سىلىپ كىتەي ئاھۇ پەريات ئەلەم دەرتنى،
قۇلاق سالساڭ مەن توۋلىغان ئۇنسىز نىدا ئاھلار قالدى.

ۋارقلىساڭ خاتىرەمدە ئازاب بىلە ن پەرياد قالدى،
شامال ئۇچۇپ ئۆيۇم بۇگۇن توپا بىسىپ غۇربەر قالدى.
ئىغرىمنى سالماي دىسەم نى ئىلاج مەن ئاخىرىدى ،
كۆتۇرۇپ قوي مېنى سالغان ئاخىرەتلىك تاۋۇت قالدى.

ئۆلۇپ كىتەي دۇنيا سەندىن رەنجىىپ مېنىڭ كۆڭلۇم قالدى،
خوش دىمەستىن كىتىپ قالدىم رەنجىمەڭلار ئۆزەم قالدى.
پۇچىلاندىم بۇلۇپ كاۋاپ دەرت ئەلەملىك قوقاس ئوتتا،
قىلىپ قەبرە كۆمۇپ قويغىن ئامانەتكە قەبرەم قالدى.








ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
48411
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-6
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-30 09:18:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بەختسىز  ئاياللارنىڭ   ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ، سۇنۇق كۆڭلى ، مىسكىن چىرايى......
كۆڭلۈم بىر قىسىم بولۇپ قالدى...
ئاللاھ بارلىق بەندىلىرىنىڭ بەختىنى بەرگەي....

UID
51683
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-26
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-30 22:15:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇنى مىسرانىمدا ئوقۇغان!  بۇ شېئىرنىڭ ئاپتۇرغا ھەقىقەتەنمۇ قول قويغان ئىدىم،  ياخشى يېزىلغان  شېئىركەن!

UID
31144
يازما
401
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
401
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
94 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 11:29:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئوقۇپ بەك ياقتۇرۇپ قالغان ،بەكلا ئەمەليى تۇرمۇشنى ئەكسى ئەتتۇرۇپ بىرىپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن تورغا يوللاپ قويغان تىخىمۇ كۆپ ئادەملەرنىڭ كۆرۇشى ئۇچۇن !!

UID
37204
يازما
162
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
162
تىزىملاتقان
2012-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
122 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 13:12:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىېر    ياخشى    يىزىلىپتۇ     لىكىن   تەكرارلىق    كۆپ    ھەجمى   بەك    كىڭىيىپ  كىتىپتۇ    قىسقارتىشقا    تىگىشلىك   مەزمۇنلا     باكەن    سازلاشقا    تىگىشلىك

UID
12601
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
76
تىزىملاتقان
2011-6-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 22:31:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دېيىشنى بىلمىدىم... ‹‹ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن كەلدۇق،ئاخىرى بارىدىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرى(دەرگاھى)دۇر.››
مۇشۇ دۇنيادا ياشىۋالدۇق -دىمەڭلار، ھەممە كىشى ئۆز قىلمىشىدىن جاۋاپ بەرگۈچىدۇر.

UID
50834
يازما
77
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
77
تىزىملاتقان
2013-5-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-20
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 22:45:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن ياخشى يىزىپتۇ. ھەي بىۋاپا دۇنيا.

UID
50152
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2013-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 15:51:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوش دىمەستىن كىتىپ قالدىم رەنجىمەڭلار ئۆزەم قالدى.



ئۆزەم ئەمەس ئۆزرەم غۇدەيمەن.

UID
6054
يازما
325
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7439
تىزىملاتقان
2010-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-19
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 08:17:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاھان شۇنداقمۇ بۇزۇلۇپ كەتكەنمىدۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش