ئانا ئاغرىقىدىن تۇغۇلغان خىياللار
( نەسىر )
ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
تېخى بايىلا ئۆيدىن كەلگەن تېلفۇندىن ئانامنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ يېنىدا بولالمىغانلىقىم ئۈچۈن كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى . تۇرغان جايىمداكۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ئېقىۋاتقان ياشلىرىمنى سۈرتكىنىمچە ئۇزۇندىن ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتىم .
بىچارە ئانام دادامدىن كىيىن قالغاندىن كىيىن بىزگە ھەم دادا ھەم ئانا بولۇپ ئۆينىڭ بارچە ئېغىر -يېنىك يۈكىنى
ھاردىم -تالدىم دىمەي ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى . ھەدەم ۋە سىڭلىمنىڭ ئۆز ئۆينىڭ ئىشلىرى بىلەن ھەپتىدە
بىر كېلشى، ئىنىلىرىمنىڭ كىچىكلىكى تۈپەيلى دادامدىن ئايرىلغان بۇ ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت
ئانامنى خىېلىلا جۈدىتىپ ،ھالسىرتىپ قويدى . بۇرۇنقى تېتېىكلىكى تىمەنلىكىدىن قىلچىمۇ ئەسەر قالمىدى .
خىزمەت ئىشدا ئارقا -ئاقىدىن كاج كەلگەن تەلەي ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپمۇ ئوقۇپ تويمىغاندەك
مېنى يەنە نەچچە يىل ئوقۇشقا مەجبۇر قىلدى ،شۇ سەۋەب ئانامغا دىگەندەك يار يۆلەك بولالمىدىم .ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئىيۇننىڭ پىژغىرىم ئاپتىدا ئوت يۈدۈپ كېلۋاتقان ،دەماللىققائىسسىق تاماق ئېتىپ يېنىغا ئەكىلدىغان ئادەم يوق ،ئېتىز قىرىدا يانپاشلاپ ئولتۇرۇپ سوغۇق سۇغا نان چىلاپ يەۋاتقان،كېچىلىرى يالغۇز قېلىپ ياشاڭغىرىغان كۆزلىرىنى سۈرتكىنىچە خىلى بىر ۋاققىچە ئۇيقۇسى كەلمەي ئىشىككە قاراپ يېتۋاتقان ئاشۇ بىچارە ھالتىنى ئويلىغىنمدا يۈرىكىم ئېچشىپ بىر قىسمىلا بولۇپ قالىمەن . ھەم ئانامدەك جاپانى بولشىغا تارتىپ كەتكەن ئىنككىنجى بىر ئىنسان يوقمىكى دەپ قالمەن .
ئۇنىڭ بىزلەرنى چوڭ قىلىش ئۈچۈن چەككەن جەۋرى جاپالىرىنى ئويلىسام ھاياتىنىڭ ئاخىرلىرىدا
بولسىمۇ راھەت كۆرسىتىپ يۈدۈپ باقسام،پۇرسەت بولسا ھەرەمگە ئاپارسام دەپ ئويلايمەن ، ھەم
تەڭرىمدىن ھەر دەقىقە ئاشۇ كۈنلەرگە ئۇنىڭ ئۆمرىنى يەتكۈزۈشنى تىلەيمەن . ..
سەن كۈلسەڭ مەنمۇ ھەم كۈلىمەن ئانا ،
گەر ئاقسا ياشلىرىڭ ئۆلىمەن ئانا ،
سەن ئۈچۈن ھەتتاكى كەلكۈننى يېرىپ ،
ئوتتىمۇ چاراسلاپ كۆيىمەن ئانا .
*********************
ئانام ھەققىدە ئاخىرقى نەپسىمگىچە خىيال قىلساممۇ ،ئۇنى نەچچە ئۆمۈر پىنھان كۈيلىسەممۇ ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈم ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس . كۆزۈمنى يىراقتىن ئۈزۈپ دەرىسكە كىرىپ كەتتىم .ئانام يېنىمدىلا مېنى سىنىپقا ئۇزىتىۋاتقاندەك ،ياخشى ئوقۇغىن مېنىڭ بارچە خۇشاللىقىم سېنىڭ كۈلكەڭ دەۋەتقاندەك قىلاتتى ...