كۆرۈش: 1870|ئىنكاس: 22

ئۆزبېك نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49694
يازما
131
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
131
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 16:15:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆزبېك نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا



خوجا نىياز يوللۇغ تېكىن



ئۆزبېك دىگەن نام ئالتۇن ئورداخانلىقىنىڭ خانى ئۆزبەگ خان (1312-1342) نىڭ نامىدىن كەلگەن. يەنى 1312-يىلى مەنگۈتۆمۈرنىڭ نەۋرىسى (توغرۇلچە خاننىڭ ئوغلى) ئۆزبېكخان تەخىتكە چىقىپ، ئىسلام دىنىنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىپ، نامىنى مۇھەممەد ئۆزبېكخان دەپ ئۆزگەرتكەن. ئۇ بوۋىسى مەنگۈ تۆمۈرگە ئوخشاشلا ئاق ئوردا تەرەپكە كۆپرەك كۆڭۈل بولگەن. ئاق ئوردا رايۇنىدىكى تۈركىي قەبىلىلەر ۋە تۈركلەشكەن موڭغۇللار، جۈملىدىن ۋولگا دەرياسى ۋادىسىداياشايدىغان مانغىتلار (نوغايلار)دىن كۈچلۈك قۇشۇن تەشكىللەپ، ئۆز قارمىغىدىكى مۇھىم رايون ۋە شەھەرلەرگە ئەۋەتكەن. ئەينى زاماندا بۇ قوشۇن «ئۆبېك قۇشۇنى»دەپ ئاتالغان. كېينچە بۇ قوشۇنلار چىققان قەبىلىلەرمۇ «ئۆزبېك» دىگەن نام بىلەن ئاتالغان.
  تارىخقا نەزەر سالساق، ئۇيغۇر قاراخانىيلار خانلىقى(مىلادى850 -1212- يىللار ) زىېمىن تەۋەسى بولغان ماۋرا ئۈننەھىرگە دەشتى قىپچاقتىن يۆتكىلىپ كەلگەن كۆچمەن مۇھەممەد شايبانىخان—(ئۆزبېكخان) قۇشۇنلىرىنىڭ 1500 -يىللىرى باستۇرۇپ كىرىشى بىلەن ئۇزاق زامانلاردىن بۇ جايلاردا ياشىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر –تۈركىي خەلىقلەر ئۈستىدە ئۆز ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن.
ئەسلىدە قاراخانىيلار خانلىقى توققۇز ئوغۇز-ئۇيغۇر، ياغما (قارلۇق) قاتارلىق قەبىلىلەردىن تەشكىللەنگەن بولسىمۇ، ئۇ «تۈرك ئۆلكىسى»، «خاقانىيە ئۆلكىسى»، «ئىد دۆلىتى ئەپراسىياپ» ئىبارىسى بىلەن ئاتالغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى، ئەھمەد يۈكنەكى قاتارلىقلار ئۆلچەملىك ئەدەبىي تىل «قەشقەر تىلى»-«خاقانىيە (دۆلەت)تىلى» دەل ئۇيغۇر تىلىى كەنلىكىنى ئىزچىل تەكىتلەيدۇ. گەرچە چىڭگىزخان ماۋرائۇننەھرىگە موڭغۇل قۇشۇنلىرىدىن كۆپرەك ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانى–بارچۇق ئارت تېكىن ۋە كۈچلۈك خان قول ئاستىدىكى نەچچە تۈمەن ئۇيغۇر قۇشۇنلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنى تارتىپ ئېلىش جەڭلىرىگە سېلىشى، قاراخانىيلار ئەۋلادى تۈركان خاتۇننىڭ كۈچلۈك تەسىرى، چىڭگىزخاننىڭ خارەزىمنى بويسۇندۇرۇش جەڭلىرى ،تۆمۈرلەڭنىڭ ئالتۇن ئوردىسىنى ھالاك قىلىش ئۇرۇشلىرى نەتىجىسىدە خارەزىمدە «ئۇيغۇرىزىم ھادىسىسى» تېخىمۇ كۈچەيگەن. چاغاتاي دەۋرى بۇ ئۇيۇشۇش جەريانىغا سالماقلىق بىلەن تەسىر كۆرسەتتى، موڭغۇل ئاھالىلىرىنىڭ تۈركلىشىشى ۋە ئىسلامىيەتكە ئۆتۈشى چاغاتاي زامانىنىڭ ئېتنولوگىيىلىك ئاقىۋىتى بولۇپ تاماملانغان ئىدى. بىر پۈتۈن چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭى مىللىي تەركىپلەرنىڭ پەيدا بولىشى بىلەن ئېتنونومدا يېڭى ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى.يەنى ئاكادېمىك بارتولىدنىڭ نوپۇزى بىلەن، قاراخانىيلار خانلىقى-تۆمۈرىيلەر ھاكىميىتىدىن كېيىن قايتا باش كۆتەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا-خۇراسان مۇسۇلمان تۈركىي خەلىقلەر ھاكىميىتى ئاياقلىشىپ، مۇھەممەد شايبانىخاندىن باشلانغان يېڭى ئېتنىك قايتا شەكىللىنىش جەريانىدا يېڭى مەنىدىكى ئېتنىك گەۋدە«ئۆزبېك»خەلقى دەپ نام ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇنقى ماۋرەئۈننەھىر ئۇيغۇر–تۈركىي تۈركۈمىنى «كونا(ئېسكى)ئۆزبېك» دەپ ئاتىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى تارىخىدا زادىلىلا مۇمكىن بولمىغان، تارىخ، ئېتنىك ۋە ئىلمىيلىككە يات ئېغىر ئىدلوگىيىلىك قالايمىقانچىلىقنى پەيدا قىلدى. نەتىجىدە 1920–يىلىنىڭ ئالدىدا ئۆزبېكلەرنىڭ نوپۇسى ئۆزبېكستان جۇمھۇريىىتى قۇرۇلۇش سانىغا توشمىغانلىقى ئۈچۈن «ئاتالمىش ئۆزبېك مىللىتى» رويخېتىگە تىزىملىتىش ھەرقايسى جايلاردا بىرلا ۋاقىتتا، قاتتىق كۈچەپ تەرغىپ قىلىندى ۋە مەجبۇرى مىللەت نامى «ئۆزبېك » دەپ ئۆزگەرتىلدى، ئۆزبېك بولمىغانلار بۇ زىېمىندىن كۆچۈپ كېتىش تەرغىپ قىلىندى، نەتىجىدە 1920-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى نەچچە مىڭ يىللاردىن ئىلگىرى ساقلاپ كەلگەن ئۇيغۇر نامىنى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رۇسلارنىڭ پارچىلاش سىياسىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستېمال قىلىنمىغان، تارىخىي مىللەت نامى بولمىغان، يېڭى مىللەت نامى—«ئۆزبېك» نامى بىلەن مەجبۇرى ناملاندى، «ئۆزبېك » ئىبارىسى خارەزم، بۇخارا، سەمەرقەنت، تاشكەنت، پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر- تۈركى خەلقلىرىنىڭ مىللىي ئاتىلىشى بولۇپ كۈچەپ تەشۋىق قىلىندى . 1937-يىلدىكى چوڭ تازلاپ زەربەبېرىشتە «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت نامى ستالىننىڭ يوقىتىش ئوبيېىكتىغا ئايلاندى. نەتىجىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركۈملىگەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللەت نامىنى قەستەن، مەجبۇرى ئۆزبېك دېگەن نام ئاستىدا ئۆزبېك رويخېتىگە تىزىملاتتى. بۇنداق ئەھۋال 1924-يىلدىن باشلاپ تاكى 1963-يىللارغىچە داۋاملاشتى. ئۆزبېكچىلىك ناھايىتى قاتتق كۈچەپ تەرغىپ قىلىندى. ھەتتا 1962-يىلى شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ چىققان نەچچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزبېكچىلىك بېسىمى (مىللەت نامىنى ئۆزبېك دەپ ئۆزگەرتمىسە ھېچقانداق ئىش بەرمەسلىك، يەكلەش) نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى قەستەن ئۆزبېك دەپ ئاتاپ، ئۇيغۇر دېيىشكە جۈرئەت قىلالماي كەلدى. ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنمۇ بۇخىل ئەھۋال يەنە داۋاملاشتى، دۆلەت باشلىقى –ئىسلام كېرىموف(ھېجىقىز،لاتاموف)نىڭ «كىمىكى ئەلشىر نەۋائىينى ئۇيغۇر دەيدىكەن ئۆزبېكىستان تۇپرىقىدىن يوقالسۇن!» دېگەن سۆزى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. دېمەك ،ئۇ جايلادا ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتاپ يۈرۈشنىڭ ئۆزبېك مىللەتچىلىكى ئالدىدا نە قەدەر تەس كۈن ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. ئەسلىدىكى ئۆزبېكىستاندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار خارەزىم، بۇخارا، سەمەرقەنت، تاشكەنت، پەرغانە قاتارلىق جايلاردا شۇنچە كۆپ بولغان. سەمەرقەندتە چىقىدىغان«ئوقۇتقۇچى» دېگەن بىر ژۇرنالدا 1924-يىلى سەمەرقەندتە 500مىڭ ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى كۆرسىتىلگەن. خارەزىمدىمۇ ئۇيغۇرلار كۆپ ياشىغان.ئەنجاندا تېخىمۇ شۇنداق. 1990-يىلدىن باشلاپ ئاندىن ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەيدىغانلار (دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا) كۆپىيىشكە باشلىدى.
   دىمەك، «كونا ئۆزبېك» ئىبارىسى ئەسلىدە ماۋرائۈننەھىرگە باستۇرۇپ كىرگەن ۋە ئۆز نامىنى يەرلىك ئۇيغۇر تۈركىي ئاھالىسىغا سىڭدۈرۈپ، ئۆزى يەرلىك ئاھالىغا سىڭىپ كەتكەن، يەرلىك ئاھالىدىن سان جەھەتتە تولىمۇ ئاز، مەدەنىيەت جەھەتتە تۆۋەن تۇرغۇچى دەشتى قىپچاق كۆچمەن موڭغۇل ئۆزبېكلىرىگە خاس ئىبارىدۇر.شۇڭلاشقا ماۋرائۈننەھىر يەرلىك ئۇيغۇر-تۈركىي ئاھالىلار قانداقتۇ دەشتى قىپچاق كۆچمەن موڭغۇل ئۆزبېكلىرى نامى بىلەن «ئۆزبېك» دەپ ئاتالماستىن ،بەلكى ئۇيغۇر تۈركىي ئاھالىلەر دەپ ئاتىلىشى كېرەك، شۇنداق ئاتالسا توغرا بولاتتى . چۈنكى، كەلگىندى دەشتى قىپچاق كۆچمەن موڭغۇل ئۆزبېكلىرى(قىپچاق تۈركلىرى) يەرلىك ماۋرائۈننەھىر ئۇيغۇر تۇركىي خەلىقىدىن باشقا بۇلۇپ، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي نامى بىلەن«قىپچاق ئۆزبېكلىرى» دەپ ئاتالسا توغرا بۇلاتتى. چۈنكى 1500-يىللاردىن بۇرۇن ماۋرائۈننەھر تۇپرىقىدا ئۆزىنى ئۆزبېك دەپ ئاتايدىغان مىللەت ياكى خەلىق توپىمۇ يوق ئىدى. بەلكى يەرلىك ئۇيغۇر تۈركىي ئاھالىلەر بار بولۇپ، ئۇلارنى ئۆزبېك خان نام بىلەن «ئۆزبېك» دەپ ئاتىلىشى تارىخىي مەنتىقىگە خىلاپ ناباپ ئاتاق ئىدى.يەنى ئوبۇلخەيرىخان(ئاق ئوردا خانلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان) نىڭ نەۋرىسى شايبانى 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قوشۇن باشلاپ، جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ، غەربىي چاغاتاي خانلىقىدىكى تۆمۈرنىڭ كېيىكى ئەۋلاتلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇخارا، سەمەرقەند، ئۆزكەند، تاشكەنت، بەلىخ ھەتتا ئىراندىكى خۇراساننىمۇ ئىشغال قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان. «بەزىلەر بۇنى ھەممىسى بىرلىشىپ <ئۆزبېك ئۇلۇسى> دېگەن ئومۇمىي نام بىلەن ئاتالغان» دەپ ، كېيىنچە قەستەن سىياسى قۇراشتۇرۇلما مىللەت ياساپ چىقىشتى.
    تارىخقا نەزەر سالساق، بۇ ئويدۇرمىلارنىڭ يالغان، ساقتا ئىكەنلىگى بىلىنىپ تۇرىدۇ. بىز «بابۇرنامە»دىن تۆمۈرىلەر ئاھالىسىنىڭ شايبانى ئۆزبېكلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان قانلىق مىللىي كۈرەش تەسۋىرلىرىنى كۈرەلەيمىز. يەنى «يۈز قىرىق يىلدىن بېرى سەمەرقەند پايتەختى بىزنىڭ خانە ۋادىمىز ئىدى. يات ياغى ئۆزبېك كېلىپ تەسەررۇپ قىلدى» («بابۇرنامە»1998-يىل ئۆزبېكچە نەشرى، 76-بەت)ئۆزبېكىستان ئالىمى، پرۇفېسسور مەمەجان راخمانوۋ «ئۆزبېك تىياتىرى » ناملىق كىتابىدىمۇ بۇ تارىخىي ھەقىقەتنى كۆرىمىز: «سىبىر ئۆزبېكلىرى تەرىپىدىن ماۋرا ئۇننەھىر ۋە خۇراساننىڭ ئىستېلا قىلىنىشى بۇ ئۆلكىنى كاتتا زەربىگە ئۇچراتتى. كۆچمەنچى ئۆزبېكلەر ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنىڭ قەدرىگە يەتمىدى» (ئۆزبېك تىياتىرى1- كىتاب، 1979-يىلى ئۆزبېكچە نەشرى،255 -بەت)، دەپ پاكىت كۆرسىتىدۇ. دەرھەقىقەت مىرزا ھەيدەرنىڭ«تارىخىي رەشىدى»، بابۇرنىڭ «بابۇرنامە» ۋە باشقا ئەسەرلەردە ئەلشىر نەۋائىي، بابۇر، لۇتفىي، سەككاكىي قاتارلىقلارباشقىلار ياكى ئۆزى تەرپىدىن «ئۆزبېك » دەپ ئاتالمىغان، بەلكى ئۇيغۇر دەپ ئاتالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
    شۇنداق ئىكەن، ئىلىم-پەن دۇنياسىدا ئۆزبېك مەدەنىيەت تارىخىنى ياراتقۇچى مەشھۇر كىشىلەر: ئەلشىر نەۋائىي، بابۇر، لۇتفىي، سەككاكىي قاتارلىقلار بىر ئەسىردىن بۇيان «ئۆزبېك» دەپ جار سېلىنغان بولسىمۇ (بارتولىد «تارىخىي رەشىدى»نىڭ مەۋجۇت ئالتە خىل نۇسخىسى ئىچىدە تولۇقسىز نۇسخىسى ھېساپلانغان لوندۇن نۇسخىسىنى كۆرۈپلا مۇھاكىمە باشلاپ قويغان. تارىخي ھەقىقەتتە، ئۇلار كلاسسىك تارىخىي ئەسەرلەردە ئۇيغۇر دەپ كۆرسىتىلگىنى ئىلىم دۇنياسىغا ئاشكارا بولۇپ ، ئۆزبېك مىللىتى دەپ ئاتالغىنى ساقتا بولۇپ ،ئۇلار ئەسلىدىن ئۇيغۇر بولۇپ چىقتى، دېمەك ئۆبېك دەپ نام ئېلىۋالغانلار ئەمەلىيەتتە تارىخىي نۇقتىدىن ئالغاندا ئۇيغۇرلاردۇر.
دىمەك:ئۆزبىكلەر--ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تۈكىدۇر.
        تەييارلىغۇچى: جاھان بىۋاپا

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
3401
يازما
215
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2045
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-24
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 13:55:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەت !قاغا مەڭگۈ ئۆزىنى ئاق دىسىمۇ بەربىر قارا!

UID
46977
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2013-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-28
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 18:05:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەت دىگەن مەلۇم تىرتوريىگە توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان، تىل، ئۆرۈپ ئادەت ئوخشاشلىقى بولغان توپنى كۆرسىتدۇ. ئۇيغۇر بىلەن ئۆزبەك ئارسىغا تەرجىمان كەتمەيدۇ، ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزنىڭ ئوخشىمايدىغان يەرلىرى قانچىلىكتۇ؟، مىنىڭچە يوق دىيەرلىكقۇ دەيمەن.

UID
46887
يازما
112
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
112
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
107 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 19:17:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ رۇس دىگەن مۇناپىقنىڭ بىز ئۇيغۇر تۇرۇكلىرگە سالغان  دەت ئەلمى ئازئەمەس  ئارمىزغا مىلەتچىلىك
سالدى قىرىنداشلانى بۇلۋەتى  ھەمدە ھەمدە بارلىق تۇرۇك مىللەتلىرنى بىر بىرىگە زىت كۇرسەتتى بۇ مۇناپىقلا

UID
18486
يازما
292
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
292
تىزىملاتقان
2011-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-26
توردا
161 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 20:44:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلىلا ئىلمىي ، تارىخىي پاكىتلار بىلەن قايىل قىلارلىق يېزىلىپتۇ ، ئۆزبىك قېرىنداشلار قاچانغىچە دۈشمەنلىك نەزىرىنى تاشلىمايدىكىن تاڭ !

UID
50606
يازما
52
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
52
تىزىملاتقان
2013-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-10
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 21:08:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن باشتىلا بۇنى ھىس قىلغان ، سەۋەبى خەنزۇلار 12خىل تىلدا سۆزلەيدۇ، تەرجىمەن بولمىسا بەزىللىرىنىڭ تىلىنى بىربىرى چۈشەنمەيدۇ، لىكىن تۈركى قەۋمى تەرجىمانسىز سۆزلىشەلەيدۇ، دىسەم قەتئىي ئارتۇق كەتمەيدۇ.

UID
48305
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2013-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-22
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 22:29:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا ئۆزبىكلەر ھەريەر-ھەريەردە قىچىغىسى يامان ئىشەكتەك ئادەم يىقىن كەلتۈرمەي ئۆزىنى مەن زادى تىگىمدىن ئۆزبىك دەپ جار سالىدىكەندە.،،،،،،،،،،،،،،،
ئەڭ ئاددىيىسى ئۇلار بىزدىن تارىخى قىسقا تۇرۇپ يەنە نىمىشقا بىز بىلەن شۇنچە چوڭ ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەنلىكىگە قانائەتلىك جاۋاپ تىپىپ بولۇپ ئۆزبىك دىسىمۇ ئۈلگۈرەتتى.
ئەلۋەتتە ،پاكىت ھامان ئاشكارلىنىدۇ.شۇ چاغدا ئۇلار نىمە دەيدىكىن .....................
ئۇلارغا بەزىدە ئىچىنىپمۇ قالىمەن .شۇنچە كۆپ كىشى ئۇلارنى ئۇيغۇر دەپ تونۇشقا ھاسىلات كۆرسىتىپ ئاشكارلىسىمۇ ئۇلار يەنە بىرەر ئىنىق پاكىت كۆرسىتىپ بىرەلمەيدۇ .پەقەت مەن ئۆزبىك دىيىشتىن باشقا چوڭ گىپىمۇ يوق.

UID
35058
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2012-4-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-19
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-30 16:06:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىڭ تاغار قۇرۇق گەپدىن،بىر ئەمەلى ھەركەت ئەلا.

UID
17998
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2011-12-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 13:37:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم ئۇلار ھازىر مۇشۇ دۇنيانىڭ بىر يېرىدە ئۇيغۇر دىگەن ئەسلى ئۆزبېك دەپ جۆيلۈۋاتقاندۇ

UID
27902
يازما
51
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
51
تىزىملاتقان
2012-1-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-8
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 14:44:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bende يوللىغان ۋاقتى  2013-5-31 13:37
بەلكىم ئۇلار ھازىر مۇشۇ دۇنيانىڭ بىر يېرىدە ئۇيغۇر دىگ ...

بۇنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش