ئۈزىڭدىن كەچمىگىن جېنىم
نەسىر
قىزغىنىشلىرىمنى مۇھەببەت دەپ بىلدىم. قىزغىنىشلىرىمدىكى قەلب چوڭقۇرلۇقۇمدىن كېلىۋاتقان ئازابنى شېرىن ئازاب دېدىم .
مۇھەببەتنى كۆزلىرىڭدە دەپ ئويلايتتىم، ئاشۇ كۆزلىرىڭنى كۆزلەردىن قىزغىناتتىم.
مۇھابەتنى يۈركىڭدە دەيتتىم، ئاشۇ يۈرەكلىرىڭنى باشقىلارنىڭ ئوقۇۋىلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم.
مۇھەببەتنى روھىڭدا دەيتتىم، ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ روھىغا تۇمانلاردەك سىڭىپ كېتىشىدىن قورقاتتىم.
بۇ قىزغىنىش، بۇ ئازاب، بۇ قورقۇش ماڭا ھاياتنىڭ مەنىسىنى بەردى، جېنىم ئاڭلىدىڭمۇ؟ يېڭى بىر مەنىنى ھېس قىلدۇرغان ئاشۇ روھىڭ مەندىن قانچىلىك يىراقتا؟ ئاڭلا، ساڭا بۇ ئەسەبىي چوقانلىرىمنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى، يەنى ھاياتىدىكى مۇھاەببەتسىز تۇرمۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كىرگەن بىر ئايالنىڭ قىسقىغىنە كەچمىشىنى ساڭا ئېيتىپ بىرەي.
ئالدىمدا رۇخسارى تولىمۇ قاملاشقان بىر ئايال تۇراتتى، ئايالنىڭ كۆزلىرى بىلەن كۆزلىرىمىز ئۇچراشقاندا بولسا، ئۇ كۆزلەردىن ھېچنىېمىنى كۈرەلمىدىم ، ئۇنىڭدا نە سۆيگۈ، نە نەپرەت يوق ئىدى. ئايال شەكىل ئۈچۈن كىچىككىنە بىر دەپتەرگە ئىلىنىپ قالغان نىكاھ مۇناسۋىتىنى ئىككىگە ئايرىۋېتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانىدى. شۇنداق جېنىم، نۇرغۇن نەرسىلەر بەك مۇكەممەلدەك قىلغان بىلەن پەقەت ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كەلگىنىمىزدە ئۇنىڭ پەقەت بىر شەكىلگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ماھىيتىنىڭ قۇپقۇرۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. ئەلۋەتتە بۇنداق قاتتىق قارارنى چىقارغىلى كەلگۈچىلەرنىڭ كۆزلىرى ماڭا بەك تۇنۇش ئىدى.شۇڭا ئايالنى ئۈزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا بۇ يەرگە كەلدى دەپ پەرەز قىلدىم .ئۇنداقتا نەپرەت ،ئازاپتىن كېيىن كۆزلىرىدە ھېچنىمە قالمىغانمىدۇ؟ بۇ ئايالنىڭ روھىمۇ ئۆلگەنمىدۇ دېگەن گۇمان بىلەن ئۇنىڭغا قايتىدىن سەپ سالدىم. كۆزلىرىدە ھېچنېمىنى كۆرگىلى بولمىغان بىلەن ئاشۇ كۆزلەرنى پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن بىرلەشتۈرگەندە، ئۇنىڭ ئىككىگە ئايرىش ئۈچۈن قىلغان تەلەپلىرىگە ئىگە بولىدىغان بىر قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى. ئۇ كۆپ يىغلايدىغان ئاياللار تىپىغا كىرمەيتتى. دەرد- ھالىنى ئېيتىدىغان ئاياللاردىنمۇ ئەمەس ئىدى. سۆز ئارىلىقىدا ئۇ قوبۇل قىلغان تېلېفۇندىن كەلگەن ئاۋاز، ئۇنىڭغا كۆيۈنىۋاتقان بىر ئەرنىڭ ئاۋازى ئىدى. شۇندىلا مەن ئايالنىڭ كۈزىدە بىر شادلىق ئۇچقۇنلىرىنى كۆردۈم، ئەمما ئۇ مۇھەببەت، سۆيگۈ ئۈچۈن ئۇچقۇندىغان ئۇچقۇن بولماستىن، كۆيۈنۈش تەلەپپۇزىدىكى سۆزلەر ئۈچۈن، ئۆزىگە كېلىۋاتقان تەسەللى ئۈچۈن مىننەتدارلىققىلا ئوخشايتتى. ئەمما سۆز ئارىلىقىدا ئۇنىڭ «جېنىم» دېيىشلىرىدىن كېيىن، يەنە باشقا بىر ئىشنى بايقىغاندەك بولدۇم. دېمەك مۇھەببەتمۇ يوق، يۈرىكى بىلەن ھېچ مۇناسۋىتى بولمىغان بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن شۇنچە يېنىك، ئىگىسىز جۈملىدەك تەنھا، مۇڭ ھەم سېھرى كۈچىدىن ئايرىلغان ھالدا چىقىۋاتقانىدى. ئايال بىلەن كېلىشكىنىمىز بويىچە ئۇنىڭ ئېرى چاقىرىلدى، بۇ ۋاقىتتا ئايال ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەلگەن يىنىك تۇيغۇلىرىنى ئېلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەتىرىنىڭ ھىدى شۇ قەدەر تونۇش بولۇپ، مەن ياخشى كۆرىدىغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ پۇراقتىكى ئەتىرنى ئىشلىتەتتى. شۇڭا بۇ ھىدقا ئۆچ بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن دەرىزىنى ئېچىۋەتتىم.
بويى ئېگىز، چاچلىرى دولقۇنلۇنۇپ تۇرىدىغان، چىرايىدا ئىشەنچلىك ئەرلەردە بولدىغان بىر خىل سۇس تەبەسسۇم بىلەن يېتىپ كىرگەن بۇ ئەر ئەتىرىنىڭ ھىدى بىلەن مەندە دىلىغۇللۇق ئىچىدىكى بىر تۇيغۇنى قالدۇرۇپ چىقىپ كەتكەن بايىقى ئايالنىڭ ئېرى ئىدى، ئەر ناھايىتى سەۋرچانلىق بىلەن، ئاجراشمايدىغانلىقىنى، بىر قىزىنى تىرىك يىتىم قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئايالىغا قارارىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئۆتۈندى، شۇنىڭ بىلەن تەبىئىيلا بۇلارنى ياراشتۇرغۇچىغا ئايلىنىپ قالدىم، ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن مۇشۇنداق قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرگەندىم، قەلبىمدە يەنە بىر تۇيغۇ غەليان كۆتۈردى. ئۇ ئايالنى چاقىرىتىپ ئېرىنىڭ پىكرىنى يەتكۈزۈپ قويماقچى بولدۇم، ئەلۋەتتە ھەقىقىي «جېنىم»نىڭ ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى ئايالغا بىلدۈرگۈم كەلدى. شۇنداق بولسا ئايال ھەتتا ئۆزىنىمۇ ئالدىيالمايۋاتقان «جېنىم» ئۈچۈن ئىسراپ بولغان ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كىرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. چۈنكى ئۇ تۇيغۇلاردىمۇ ئايال قىيالمىغۇدەك ھېچنېمە يوق. مۇشۇ سۇبيېكتىپ ئارزۇلىرىم بىلەن ئايالنى چاقىردىم.
- ياق! زادى ئاجرىشىمەن. ئەركەكلەرگە خاس جاسارىتىنى، ئادىمىيلىكىنى يوقاتقان ئۇنداق ئەردىن بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇرراق ئايرىلىمەن. ماڭا سەكسەن يېرىگە ياماق سېلىپ ئاران كېتىۋاتقان بۇ ئائىلىنىڭ ھېچ كېرىكى قالمىدى. قىزىم بىلەن ئۇنىڭسىزمۇ ياخشى ياشىيالايمەن!
مەن ئايالنىڭ بىرنېمىلەرنى ئىزدەپ جاپا تارتقان كۆزلىرىدىن ئەمدى توسۇپ بولالمايدىغان نەپرەتنى، كۈچلۈك ئىسيانكارلىقنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانىدىم. ئايالنىڭ ئېرى ئەتىسى يەنە كەلدى.
- ياق! ئاجراشمايمەن، مەن بۇ يىل بۆلۈم باشلىقى بۇلۇش ئالدىدا تۇرۋاتىمەن. ئائىلەمدىن مەسىلە چىقسا ئۇ ئىشلىرىمغا تەسىر يىتىدۇ. ئۇ بۇزۇققا دەپ قويۇڭ، سوتقا ئەرز سۇنۇپمۇ يۈرمىسۇن، ھېچ بولمىسا مۇشۇ بىر يىل، ئاشنا تۇتامدۇ، نىمە قىلسا مەيلى، پەقەت ئاجراشمىسىلا بولىدۇ!
ئەر كىرگەندىلا چىرايىدىن پاراكەندە ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى، مۇشۇ ھالى بىلەن ئىچىدىكىنى، نېمە ئويلىسا شۇنى يوشۇرالماي، ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن دەۋېتىپ باراتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككەيلەننىڭ قەلبىمىدىكى ئوبرازى پۈتۈنلەي قالايمىقانلاشتى.
ئەمدىكى دېيىلمىلەرنىڭ ئىچىدە ساڭا دەيدىغان ھەقىقىي يۈرەك سۆزلىرىم بار. تىراگېدىيەدىمۇ گۈزەللىك بولغىنىدەك، مېنىڭ ساڭا بولغان ئازابلىرىم، سېغىنىشىم، قىزغىنىشلىرىمدىمۇ مۇھەببەت بار، گۈزەللىك بار جېنىم. «جان» دېگەن ھاياتلىق، سېنى مەن ئاشۇ جېنىمغا تەققاسلىدىم، سەن بولمىساڭ مەندە قالىدىغىنى پەقەتلا بىر قۇرۇق تەن. سەن مېنىڭ روھىمنى ئىستېلا قىلغۇچى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەقىل تارازامدىن ئۆتۈپ، سەن ئۈچۈن ئېيتىلىۋاتقان، يۈرىكىمدىكى دېيىلمىلەر. سېنى يا كۆرۈپ تاقەت قىلىپ بولالمايدىغان، يا كۆرمەي تاقەت قىلالمايدىغان تۇيغۇمنى سېغىنىش دېدىم. سېنى ھېچكىمنى كۆرمىسە ھەم ھېچكىمگە كۈرۈنمىسە دەپ تىلىگەنلىرىمنى قىزغىنىش ئىلكىدىكى كۆيۈش دېدىم. مانا بۇ قەلبىمدىكى مۇھەببەتنىڭ كۈچى. مەندە مۇشۇ تۇيغۇلار بولغىنى ئۈچۈنلا ھايات ماڭا گۈزەل بىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا سېنىڭ مەن كۈرۈشكە تىگىشلىك بولمىغان تەرەپلىرىڭنى مەن كۈرۈپ قالماي، ھېس قىلىپ قالماي. شۇنداق بىر كۈن كېلىپ ئاشۇ ئىچى ھېچنېمىدەك قۇرۇقدالغان، ئەرلىكتىكى ئۇلۇغلۇقتىن چەتنەپ كەتكەن ھېلىقى ئەرنىڭ ئايالىدەك مەنمۇ سېنى ھەقىقىي تونۇپ قالسام، ھايات مەنىسىنى يوقىتىدۇ، «جېنىم»نىڭ ئىچى قۇرۇقدىلىدۇ. گۈزەل، مۇھەببەتلىك سۆزلىرىم ئىگىسىز قالىدۇ. سېنى مەن ھاياتىم دېدىم، بۇ ھاياتىم ئاشۇ قورقۇنچلۇق كۈنلەرگە دۇچار بولسا قۇم دۆۋىلىرىدەك پۇرقىراپ توزۇپ كېتىدۇ. سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن مېنى لەھەتكە قويغان بولىسەن، سەن مېنىڭ گۆركارىم بولىسەن. سەن ھاياتىمنى توزىتىۋېتىدىغان توزۇتقۇچىغا ئايلىنىسەن.قۇرۇقدالغان جىسمىم ئۇ ۋاقىتتا دەپسەندىچىلىكنى ،ئۆز ئۆزىنى ئالداشنى ئەمەس ، تۇزۇپ ،تۇزۇپ ۋاقىت توزانلىرىنىڭ جەزبىلىك قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىتىدۇ.شۇڭا دەيمەن ساڭا يېلىنىپ تۇرۇپ ،ساڭا كۈچلىك ۋە چوڭقۇر بىر تۇيغۇ بىلەن يېلىنىپ تۇرۇپ .
كەتسەڭمۇ كەت، بويۇڭ پۈكۈلمەي، شەكلىڭ ئۆزگەرمەي كەت! ئارمىنىڭنى يەپ قالاي.
قارىساڭمۇ قارا، سېنى ئىنسانلارنىڭ سەرخىلىنى بايقىيالايدىغان ئەقلى- ھوشى بار، كۆزى بار دەپ سۆيۈنۈپ قالاي.
ساڭا بەخت تىلىگۈم بار، ئەمما «مەن»سىز بەختىڭگە ھەسىتىم چەكسىز... شۇنداقتىمۇ بەخت قارىشىڭغا توپا چېچىلمىغاي.
ساپ ھاۋاغا قايتىش ئىستىكى كۆپىيۋاتقانلارنىڭ، سەمىمىي، غەرەزسىز مۇھەببەتكە تېخىمۇ ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلىمەن. شۇنداق مىنۇتلاردا مەنمۇ سەن ئېيتىپ بەرگەن ئەپسانىلەرنى ئەسلەپ قالىمەن. شۇلارنى سىرلىق تۇمان ۋە ئەپسانە دېمەي، ئۇ بىر تارىخ ئىدى، ئۇ بىر ئۆتمۈش ئىدى دېگىن. چۈنكى ساپلىق ئىچىدە ئاشىقلىقىمنى ھىجران كوچىسىدا تاۋلاپ، تولىمۇ سۆيۈملۈك بىر تىراگېدىيە بىلەن ئۇلۇغلۇققا ئىگە قىلغان سۆيگۈ داستانى روھىيەت ئاسمىنىمدا يارقىن بىر ئابىدىگە ئايلانغان.
سۇبھىنىڭ قانلىق گىرۋەكلىرىدىن سەن تامان ئېقىپ بارىمەن. ساڭا ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن يۈرىكىمنى كۆرسىتەي دېدىميۇ، ئۇنداق قىلالمىدىم.
مەندە تۇرمايدىغان بىر ھاياجان، سەنسىز بوشلۇققا كۆنۈپ بولمايدۇ.
ۋۇجۇدلار ئاسمىنى تار، قۇدرىتى چەكسىزدۇر. سەن ئاشۇ چەكسىزلىك ئىچىدە ھامان مېنىڭ مەۋجۇتلۇقىۇمنى ھېس قىلىشقا مەجبۇرلىنىسەن. ھامان بىر كۈنى ساڭا يۈرىكىمنى كۆرسىتىمەن. سەن يىغلاپ تاشلىمىساڭمۇ، سېنىڭ قايسى شەكىل ۋە قايسى ھالەتتە، سېنى كۈتكۈچى ۋە سېنى ئەزىزلىگۈچىنىڭ ئاخىرىغىچە «ھاياتى»، «جېنى» بولالىغىنىڭنى تۇيۇپ قالىسەن. شۇڭا دەيمەن جېنىم، ئاشۇ ئەقلىڭنى قاباھەت يۇتۇۋەتمىگەي. سەن پەقەت بىر تال قالساڭمۇ ئۆزۈڭنى يوقاتمىغىن، ئۆزۈڭدىن كەچمىگىن!!!
مەنبە : قەلەم