كۆرۈش: 824|ئىنكاس: 10

ساراڭ ئىنسانلار (فىليەتون) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
47513
يازما
247
تېما
35
نادىر
0
جۇغلانما
247
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
191 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 12:19:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                                  مۇھەممەدتۇرسۇن ئوغلانى
                                                            
                                                                           (فىليەتون)
                                                                          
    سەن  ساراڭمۇ ؟ مانا مەن ساراڭ ،چۈنكى ئادەملەرنىڭ ساراڭلىقىدىن ھەيران بولۇپ كۈلىۋېرىپ ساراڭ بولۇپ قالغان ساراڭمەن .نۇرغۇن ئادەملەر ساراڭ ،كاللىسى يوق ،بۇنىڭغا ئىشىنەمسەن ؟  بۇنىڭغا مىنىڭ پولاتتەك ئىسپاتىم بار . ئادەملەر مىنىڭ كۆتۈمگە سۆيىدۇ ، مىنىڭ تېنمدىن چىققان پۇراقنى يەيدۇ ،لىكىن يەنە مېنى يوقۇتۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ . مەن ئالدىراپ بىرسىگە مەيلىمنى بەرمەيمەن ،لىكىن مەن ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەملەر ئۆيىنى ساتىدۇ ،ھايۋانمۇ قىلمايدىغان قىلىقلارنى قىلىدۇ ،ئاتا -ئانىسىنى ئۇرىدۇ،قاقشىتىدۇ ، نىمە قولىغا چىقسا شۇنى سېتىپ مىنىڭ ۋەسلىمگە يېتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن بارلىق ئەسكى ئىشنى قىلىدۇ . مىنى بىر گۈزەل قىز دەمسەن ؟ ياق ،مىنىڭچە مەن گۈزەل قىزدىنمۇ  چىرايلىق ، چۈنكى ماڭا يولۇققان كىشى مەندىن  چىرايلىقنى تاپالمايدۇ ،شۇڭا  مىنى تاشلاپ كىتەلمەيدۇ .مىنى پۇل دەمسەن ؟ ياق پۇل دىگەن نمىنىڭ قۇلۇمنىڭ بىرسى . سەن مېنى ھەرقانداق نەرسىگە ئوخشىتالمايسەن ،چۈنكى ئىنسانلار ماڭا ئىھتىياجلىق  بولغاندا مىنى ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ سۆيىدۇ ،سۆيىدۇ -يۇ ،سۆيۈپ بولۇپ مېنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تىللايدۇ ،پۇشايمان قىلىشىدۇ .ئىنسانلار  ساراڭمىكەن ؟
   يەنە دەپ بېرەي ،ئادەملەر ماڭا يولۇقمىسا بولدى ،يولۇقسىلا بارىنى ماڭا بېرىدۇ ،مەن بۇلارنى ياختۇرمايمەن ،بۇلارغا «ئەيدىز»دەپ بىر بالا تۇغۇپ بېرىمەن ،بۇ بالام بۇلارنىڭ تېنىدە چوڭ بولۇپ قىلچە رەھىم قىلماستىن جېنىنى ئالىدۇ .لىكىن مىنى دەپ ئۇلار بالىسىنى ساتىدۇ ،خوتۇنىنى ئۇرىدۇ ، ئىپپىتىنى ساتىدۇ ،ۋىژدان- غورۇر ،ئەخلاق-ئىتقاد ،ئادىمىيلىك دىگەنلەر ماڭا يولۇقسىلا يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ . ئۇلار مېنى «كۆزۈمدىن يوقال  »دەيدۇ ،لىكىن يەنە ماڭا قايتىدىن تىزلىنىدۇ،يىغلاپ ماڭا بىچارە بولۇپ كۆرۈنىدۇ  ،ھازىرغىچە مېنى ھەقىقى تاشلاپ كەتكەن ،ماڭا ۋاپاسىزلق قىلغان ئىنسانلار ئىنتايىن ئاز ،ئىنسانلارنى ساراڭلىقىغا قايىل بولدۇڭمۇ ؟ئىنسانلار ساراڭمىكەن ؟
    قايىل بولمىساڭ تېخى يەنە بار ، مېنى دەپ نۇرغۇن ئادەملەر بازىلارنى ياسايدۇ ، مەخپى ھالدا مېنى قوغداپ ئىنسانلارغا  يەتكۈزىدۇ ،مىنى ئۆزلىرى پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ ، ماشىنىلارغا ،مېنى تىققىدەك يەرنىڭ ھەممىسىگە تىقىپ ئىنسانلارغا ساتىدۇ ،ساددىلارنى مەن بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ رەزىل قىلىدۇ ،كىچىكلەرنى مەن بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ قۇۋ قىلىدۇ ،ئۇلارمۇ شۇنىڭدىن كىيىن يەنە ئالدامچىلىق قىلىدۇ ،بىلىپ - بىلمەي ماڭا يولۇققانلار ئىنسانلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىدۇ ، سۆيۈلۈشكە ئېرشەلمەي ئاخىرى  كىلىپ پەقەت مېنىلا سۆيىدۇ -دە ،يەنە نۇرغۇن ئىنساننى مەن بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ،شۇنداقلار  ھەر ۋاقىت كۆپيۋاتىدۇ  .شۇڭا مېنى سۆيىدىغانلارنى ھەممە يەردە ئۇچىرتالايمەن  ، مانا مېنى چولپان دېسىەڭ بولىدۇ  .لىكىن يەنە شۇ ئىنسانلار مېنى تىللايدۇ، ھەتتا نۇرغۇن ئادەمگە كۆرسىتىپ كۆيدۈرىدۇ . كۆيدۈرۈلمىسەم نۇرغۇن ئادەملەر بىر-بىرىگە يالۋىرىپ مېنى بىر-بىرىدىن سېتىۋالىدۇ ،مىنى سۈمۈرىدۇ ،لىكىن سۈمۈرۈپ بولۇپ مىنى تىللايدۇ .
  ئەمدى ئىشەندىڭمۇ ؟ ئىنسانلار ساراڭمىكەن ؟

                                                                                                                        2013.05.27(تىيەنجىن)

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-5-27 12:23):
توققۇزىنجى قۇردىكى« نىمىنىڭ »ئەسلىدە «مىنىڭ »ئىدى ،كەچۈرۈڭلار .

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
47930
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2013-3-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-18
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 15:31:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى كىم بولسۇن ، ئەڭ ياخشى ئۆزى بولۇپ ياشىسۇن .

ئەجرىڭىزگە رەھمەت .



   نىمىشقا باش سۈرەت ئالماشتۇرغىلى بولماس ؟

UID
50152
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2013-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 16:48:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمسە ساناتورىيەدىكى ساراڭلار چۇ؟ ئۇلار يۇقىرىدا ئىيتىلغان ساراڭلاردىن كۆپ ياخشىكەن.....

UID
46887
يازما
112
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
112
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
108 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 18:14:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما ئادىشىمنى  كىم يازدىكى دىسەم سىللە يىزىپتىكەنسىلە ئەسلى ياخشى چىقىپتۇ ، لىكىن بۇنى ئاق چىكىدىغانلا
ئوقۇماي دۇدە،لىكىن باشقىلا ئوقۇپ سەل سەگەكلىشىپ قالا .

باھا سۆز

mvjiza  بۇنى ئوقۇپ ساقلار ساراڭلىقنىڭ ئالدىنى ئىلشىنى ئويلا بەلكىم  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 18:55:18
mvjiza  ئەسلى شۇ ئاق چىكىدىغانلار بۇرۇن بىزدەك ساق ئىدى،كىيىن ساراڭ بوپتۇ،  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 18:54:02

UID
39860
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-6-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-3
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 18:56:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلكى بار، ................

UID
47513
يازما
247
تېما
35
نادىر
0
جۇغلانما
247
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
191 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 20:56:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mvjiza يوللىغان ۋاقتى  2013-5-27 18:56
تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلكى بار، .......... ...

بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلمىغان ئۆزۈم يازغان .

باھا سۆز

mvjiza  ۋۋي كەچۈرۈڭ،فىيلىيەتون دىسە تەرجىمە ئەسەر دەپتىمەن بەك ياخشى چىقىپتۇ  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 10:23:39

UID
51877
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2013-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-3
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 22:12:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن

UID
47513
يازما
247
تېما
35
نادىر
0
جۇغلانما
247
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
191 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 15:19:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خالىساڭلار باشقىلارغا ئوقۇپ بەرسەڭلەر ،خالىساڭلار شۇ نەرسىگە يولۇقۇشتىن ھەزار ئەيلىسەڭلا  ،قانداق قىلساڭلا بولىدۇ

UID
28222
يازما
193
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
193
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
79 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-30 23:26:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىھ ئۇلۇغ ئاللاھ بىر سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز ۋە بىر ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز .بىزگە ھەقنى ھەق كۆرسەتكىن ،باتىلدىن يىراق قىلغىن ،قوغلاندى شەيتاننىڭ ئىزىقتۇرۇشلىرىدىن ،رىياكارلىقتىن ساقلىغىن .ماڭا ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا مۇستەھكەم ئىتقاد،ساغلام ئىمان ئاتا قىلغىن !ئامىن !
ئەجىرىڭىزنى ئاللاھ ئۆزى بەرسۇن قېرىندىشم !

UID
47513
يازما
247
تېما
35
نادىر
0
جۇغلانما
247
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
191 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 20:52:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
umudwar-uyhur يوللىغان ۋاقتى  2013-5-30 23:26
ئىھ ئۇلۇغ ئاللاھ بىر سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز ۋە بىر س ...

سىزگە رەھمەت ئاكا ، ئېيتقانلىرىڭىز كەلسۇن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش