تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 32310|ئىنكاس: 72

ئىبراھىم قۇرباننى تونۇمسىز(ئەلكۈيى تورى ئالاھىدە تەۋسىيەسى)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بېكەت باشلىقى

سەركەردە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
1
يازما
135
تېما
90
نادىر
9
جۇغلانما
5349
تىزىملاتقان
2006-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-19
توردا
1247 سائەت

باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشلىقى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 11:56:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تالانتلىق ئىجادىيەتچى ، ناخشىچى ئىبراھىم قۇربان ئورۇنلىشىدىكى تۇرپان Stayle(تۇرپانغا كەلمەمسىلە) ۋە سالام لۇتپۇللا

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم تورداشلار ئالدى بىلەن ھەممەيلەنگە ئولۇغ ئاللادىن ساق -سالامەتلىك ۋە ئىشلىرىڭلارغا زور نەتىجە تىلەيمىز.

تىرىشچانلىق ئىنسان ھاياتىنى تېخىمۇ تاكاموللاشتۇرىدىغان ئىنسان روھىيىتىنىڭ  مۇھىم بىر قسمى ھېسابلىنىدۇ.تىرىشچانلىق نۇرغۇن ئادەملەرنى قەيسەر ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئىگىسىگە ئايلاندۇرالايدۇ.ئەلكۈيى تورى تالانتلىق مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى ، ناخشىچى ئىبراھىم قۇربان ئۆزىنىڭ ئون نەچچە يىللىق ئىجادىي ئەمگىكىنىڭ مۋېىسى سۈپىتىدە 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا <<ئىبراھىم قۇربان ئىجادىيەت ناخشا كېچىلىكى>>نى ئۆتكۈزمەكچى  بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، بۇ تالانتلىق ناخشىچىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيتىگە خەلقىمىزنى جۆر قىلىش مەقسىتىدە كېچىلىكتىن بورۇن يېقىندا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دۆلەتلىك بىرىنجى دەرىجىلىك رېژىسسورى نىجات نىياز خوجا رېژىسسورلۇق،ئوپىراتورلۇق قىلىپ ئىشلىگەن ئىبراھىم قۇربان ئەپەندىمنىڭ تۇرپان سىتايلى(تۇرپانغا كەلمەمسىلە) ۋە سالام لۇتپۇللا ناملىق ئىككى يېڭى ناخشىسىنىڭ تولۇق سۈرەتلىك كۆرىنىشىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سونۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىبراھىم قۇربان ئىجادىي ناخشا كېچىلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بىرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

تۇرپان Stayle(تۇرپانغا كەلمەمسىلە)


ئەلكۈيى تورى تورداشلارغا تەمىنلىگەن بۇ يېڭى سۈرەتلىك ناخشىلار يۇقىرى ئېنىقلىقتا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ،مۇشۇ قويغۇچنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى 标清 دىگەن خەتنى چىكىش ئارقىلىق رەسىمدىكى 超清نى تاللاش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتا كۆرسە بۇلىدۇ،تور سۈرئىتىڭىز ئاستا بولسا 标清ھالەتتە كۆرسىڭىز بۇلىدۇ

سالام لوتپۇللاھ


سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدىكى رەسىملەردىن ئارىيەلەر..



'





تالانتلىق مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى،ناخشىچى ئىبراھىم قۇربان ئۆزىنىڭ ئون نەچچە يىللىق ئىجادىي ئەمگىكىنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ‹‹ئىبراھىم قۇربان ئىجادىيەت ناخشا كېچىلىكى ››نى ئۆتكۈزمەكچى.كېچىلىككە پەخىرلىك ئوغلانىمىز،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رېژىسسورى نىجات نىياز خوجا رىژىسسورلۇق قىلىدۇ.تونۇلغان رىياسەتچى ئاكتىيورلىرىمىزدىن ئابدۇقېييۇم مۇھەممەت،گۈلجامال مەتنىياز،ماھىرە ئابدۇغېنى قاتارلىقلار رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.ئاتاقلىق ناخشا چولپانلىرىمىزدىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،دىلشات راھىدىن،ئەسقەر رېقىپ،سەمى ئوسمان،ئەنۋەر ئابدۇگۈل،ئىسكەندەر سەمەت،مۇرات مۇختەر،خالىمەڭ ئابدۇراخمان،باھارگۈل قاسىم قاتارلىقلار ئىبراھىم قۇربان ئىجادىيىتىدىكى ناخشا،يۇمۇر-چاقچاقلارنى تاماششىبىنلارغا سۇنىدۇ.كەڭ تاماششىبىنلارنىڭ قەدەپ تەشرىپ قىلىشىنى ئاسان قولغا كەلمەيدىغان بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.  

كېچىلىك ۋاقتى: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى (ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7:30دا
ئورنى: شىنجاڭ خەلق سارىيى(سەككىز قەۋەت ئۇدۇلىدا)
بېلەت سېتىلىدىغان ئورۇنلار: خەلقئارا چوڭ بازار ئالدى،ئارمان تاللا بازىرى ئالدى
بېلەت باھاسى: 100يۈەن،200يۈەن،300يۈەن
ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرى:18199160280  ياكى 13199776690


كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2013-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى(باھار ئېيىنىڭ 27-كۈنى دۈشەنبە)


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
50767
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2013-5-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-28
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 12:09:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ئاكىمىزنىڭ ھەقىقەتەن مۇزىكا سەۋىيەسى بار ، ئۇنىڭغا قول قويىمەن ! مۇشۇ ئاكامىز كەينىدىكى ئاشۇ قىزلارنىڭ سەكراۋاتقانلىقىنى بىلەرمۇ ؟  يا رىژىسسور بۇ ئاكام كۆرمەيدۇ دەپ ، ئۇ يەر بۇيەردىن قىزلارنى تېپىپ كەينىدە سەكرەۋىرىڭلار دەپ قويغانمىدۇ ؟

UID
46887
يازما
95
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
95
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-18
توردا
92 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 13:01:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپان Stayle(تۇرپانغا كەلمەمسىلە) سەل چەكتىن ئاشۇرۋەتتىمۇ قانداق ؟  مىنىڭچە بۇ مۇزىكا ئۇيغۇرلاغا  بەكلا يات

UID
47513
يازما
230
تېما
31
نادىر
0
جۇغلانما
230
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-19
توردا
176 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 13:18:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئويلىسا سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ تالانتى ھەقىقەتەن ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ،يەنە بىر ئويلىسا دورامچىلىقى دىلنى غەش قىلىدۇ . بۇ ستايىل  لارنىڭ چىقىۋېرشى مىنى بىزار قىلىپ قويغان ئىدى، ئىچكىرىدىمۇ كىچىكى باشلانغۇچتىن چوڭى  ئالىي مەكتەپ ،ئىدارىلەرگىچە بۇنى دورىمىغان يەر قالمىدى ، بەلكىم بۇنىڭغا قاقشاش بىمەنىلىكتۇر ،لىكىن تالانتىق كىشىلىرىمىز دوراش بىلەنلا بولۇپ كەتمىگەن بولسا ،يېڭىلىق يارىتىپ باقسا بولاتتى .  يول ئىزدەنسە ئېچىلىدۇ ئەمەسمۇ .

UID
11145
يازما
97
تېما
21
نادىر
1
جۇغلانما
1092
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-14
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 14:05:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبراھىم قۇربان ئەپەندىمنىڭ قىيىنچىلىقنى باتۇرلۇق بىلەن يىڭىپ خەلققە مۇشۇنداق ياخشى سوۋغا سۇنغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم،تۇرپان سېتايل بەكلا ياخشى ئېيتىلىپتۇ،نازىركۇم مۇزىكىسى،زامانىۋى مۇزىكا دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان مۇزىكا بىلەن بىرلىشىپ ئادەمنىڭ روھىنى باشقىچە ئويغۇتىدىكەن.ئۈستىدىكى بىر تورداش قاچانغىچە دورايمىز دىگەندەك ئازراق قاقشاپ قاپتۇ،ئەمەلىيەتتە ئىبراھىم قۇربان بۇ ناخشىنى ئۇدۇل دوراپ ئەمەس ،ئۆزلەشتۈرۈپ ، ئۆزلەشتۈرگەندىمۇ ئىنتايىن سىپتا ۋە چىچەنلىك بىلەن بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا يېقىنلاشتۇرۇپ ئېلىپ كەپتۇ،رېژىسسورنىڭ  قابىلىيتى بىلەن سۈرەتلىك كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرگەن كىشى تەبىئىيلا تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۈملىدىن تۇرپان ساياھەتچىلىكىنىڭ مۇھىم يارقىن يەرلىرىنى بىلەلەيدىغان بوپتۇ.كۆزى كۆرمەيدىغان بىر ئەما ناخشىچى ئاۋاز،ھەركەت ۋە قابىلىيەت جەھەتتە مۇشۇنداق ئارتۇقچىلىقى بىلەن مەيدانغا چىققان يەردە قوللاش ۋە مەدەت بىرىش ھەق يوسۇندا تۇرۇپ لىللا باھا بىرىش ئەڭ ئاقىلانىلىق ئەلۋەتتە.ھەممە نەرسىنى يەكلەۋەرسەك،ھەممىنى ئۆز ئىدىيەم بۇيىچە ماڭغۇزىمەن دىسەك بۇ دۇنيا بىزگە تارچىلىق قىلىپ قېلىشى مۇمكىن.نىمىشقا بۇ مۇزىكا ھەممە ئادەمنىڭ دورىشىغا ،ياقتۇرىشىغا ئىرىشەلەيدۇ دىگەننىمۇ ئويلاپ بېقشىمىز لازىمدۇر.دۇنيانىڭ ئۆزىمىزنىڭ كۆزىدە كۆزىتىۋەرمەيلى باشقىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپمۇ ئويلاپ باقايلى،لۈشۈن ئەپەندىم يول ئەسلى يوق ئىدى ئىنسانلارنىڭ مېڭىشى بىلەن يول پەيدا بولغان دىگەن.باشقىلار بۇ يولدا مېڭىپ بولغان ئەمدى مەن باشقا يول تاپىمەن دەپ تەييار يولنى تاشلاپ قۇملۇقتا ماڭماستىن،باشقىلار ماڭغان يولنى تېخىمۇ ئازادە،كەڭرى ۋە ئاسفالىت يولغا،ئۆزىمىزنىڭ قەدەملىرىگە ماسلىشىدىغان يولغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشساق تېخىمۇ ياخشى ئەلۋەتتە.مىنىڭ بۇ تېمىدا باشقىلار بىلەن مۇنازىرەلەشكۈم يوق،پەقەت ئىبراھىم قۇرباننىڭ ئىككى ناخشىسىدىن ئالەمچە سۆيۈنگەنلىكىمدىن ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.بەزى نەرسىلەرگە مۇنازىرە كەتمەيدۇ.مىنىڭچە بۇ ئىككى ناخشا دەل شۇنىڭ ئىسپاتى.لۇتۇپۇللا مۇتەللىپ ھەققىدىكى ناخشىنى كۆرۈپ بىر خىل كۆڭلۈم قاينام ئۆركىشىدە باشقىچە ئۆركەشلىگەندەك بۇلۇپ قالدى.ئىبراھىم قۇرباننىڭ ناخشا كېچىلىكىگە كىرىش ئىستىكى قەلبىمنى چۇلغىماقتا.

باھا سۆز

MUHLES  ئاپىرىن .گەپلىرىڭىزنىڭ ئاساسى بار. ناھايىتى توغرا.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 13:48:38
wali7633  قالتىس!!!  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 16:02:48
khan  نادىر ئىنكاس، سۆزلىرىڭىزدىن سۆيۈندۈم.  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 15:36:51
mehrikut  توغرا دەيسىز ،ئاپىرىن !  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 14:43:52

UID
36259
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-4-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-27
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 14:45:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي...نازىركوم مانا بىزنىڭكى.شۇنى ۋايىغا يەتكۈزسىمۇ بۇلاتتى...

UID
47930
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2013-3-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 14:58:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبراھىم قۇربان ئاكا ئورۇنلىغان ‹ تۇرپانغا كەلمەمسىلە › ناملىق ناخشىنى ئاڭلاپ ، ئاتەش ماكان تۇرپاننىڭ تىپتىنىچ ئاقىدىغان زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلىرىنى ئوچۇملاپ ئىچىۋاتقاندەك ھىسسىياتقا كەلدىم ، ئاكىمىزنىڭ بۇ ناخشىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم ، ئەگەر ئۈرۈمچىدە بولغان بولسام بۇ ناخشا كېچىلىكىگە چوقۇم كىرگەن بولاتتىم . ئىبراھىم قۇربان ئەپەندى ‹ سالام لۇتپۇللا › دېگەن ناخشىنىمۇ شۇنچە يېقىملىق ئېيتىپتۇ ، بۇلتۇر ئاقسۇغا بارغان ۋاقتىمدا شائىرنىڭ مەقبەرىسىگە بېرىپ ، تاشلىنىپ قالغان قەبرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولغان ئىدى ، بۇ ناخشا بىلەن بىللە شائىرنىڭ تۇپراق بېشىغا  يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە بېرىپ ، ئوت يۈرەك شائىرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىۋاتاندەك ھىسسىياتقا كېلىپ قالدىم .

مەنغۇ سەنئەتكار ئەمەس ، بىراق بىر مىللەت تارىخىدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى دېگەن بولۇپ تۇرىدۇ ، سەنئەتمۇ ۋارىسلىق قىلىش ، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى  قوبۇل  قىلىش ئارقىلىق راۋاجلىنىپ بارىدۇ ، ئىبراھىم ئاكىنىڭ  بۇ ناخشى ئۆزلەشتۈرۈپ ئېيتىقىنىغا ئاساسلىنىپ ، ھەممىگە ئۈمىدسىزلىك بىلەن قارىساق ھەم ۋايساپ كەتسەك ، بۇ مېنىڭچە بىھۇدە ئاۋارىچىلىق ، خۇددى تارىخنىڭ چاقى مەڭگۈ ئالغا قاراپ ماڭغاندەك ، ئۇنى ھېچكىم توساشقا قادىر بولالمىغاندەكلا بىر ئىش ، پەن - تېخنىكا ، سەنئەت ئوخشاشلا ئۆز يولىنى بويلاپ تەرەققى قىلىۋېرىدۇ ، ئۇنىڭدا خۇددى ئەدەبىياتتىكىدەك ھەر ئېقىملار ئۇچراپ تۇرىدۇ ، پەقەت بىز كەڭ نەزەرلىك بىلەن ھەممىگە توغرا مۇئامىلە ىلالىساقلا كۇپايە .

ئاخىرىدا ئىبراھىم قۇربان ئاكىغا سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك ، سەنئەت ھاياتىغا تېخىمۇ گۈزەل مەنزىللەر تىلەيمەن ! ناخشا كېچىلىكى ئۇتۇقلۇق بولغاي !


UID
12699
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
69
تىزىملاتقان
2011-6-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-8
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 15:22:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ئورۇنداپتۇ بۇ ئاكىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن تىخىمۇ ئېسىل ناخشىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ‹تۇرپانغا كەلمەمسەن ›دىگەن ناخشىنى ئاڭلاپ تۇرپانغا بارغۇم كىلىپ كەتتى

UID
47513
يازما
230
تېما
31
نادىر
0
جۇغلانما
230
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-19
توردا
176 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 15:25:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈلدىكى گەپلەرنى ئىنكاستا تولۇق دىمەي ،كۆپچىلىكتە خاتا تەسىر پەيدا قىلىپ قويغان گۇناھ مەندىن ئۆتۈپ قاپتۇ . كىيىن ئىنكاسنى تەھرىرلىيەلمەي قالدىم . كۆزگە كۆرۈنگەن  تالانتلىق بىر كىشىنىڭ بىر ئەلدە پەيدا بولۇشى كىشىنىڭ كۆڭلىنى ھەقىقەتەن يايرىتىدۇ،چۈنكى ئۇ مەلۇم نەتىجىسى ئارقىلىق شۇ خەلق كىشىلىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ  ،ئىبراھىم قۇربان ئاكىمىزنىڭمۇ مۇشۇنداق تېرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى ئەلۋەتتە بىز كۆز يۇمساق  بولمايدىغان ياخشى ئىش ،مۇشۇنداق چولپانلىرىمىزنى شەكسىز قوللايمىز .بۇنداق ئىشلارنى يەكلەيدىغان ، سۆكىدىغان كىشىلەرمۇ نادان،دۈشمەن  ھېسابلىنىدۇ. مەنمۇ ئەگەر ئۈرۈمچىدە بولسام بىر كۆرۈپ باققان بولاتتىم .  بۇ ئاكىمىزنىڭ  ئۇسلۇبلىرىمۇ يېڭىچە چىقىپتۇ ،بۇلارنى يۇقىردىكى ناخشىدىن كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس،بۇلار ئۈستىدە تەپسىلي توختالمىساممۇ تورداشلار ئۆزى  بىلەلەيدۇ  . ئۆز پىكرىمگە كەلسەم ،ئاللاھ رىزىقنى ئوخشىمايدىغان قىلىپ ئاتا قىلىدۇ ، بەزىلەرگە تالانت بېرىپ يول باشچى قىلىدۇ ،بەزىلەرگە نورمال ئادەملەر قاتارىدىن ئورۇن بېرىپ ئۇنىڭغا يولباشچىغا ئەگىشىش  بۇيرۇقىنى بېرىدۇ . يولباشچىلار يوللارنى ئاچىدۇ ،ئەگەشكۈچىلەر يولدىن ماڭىدۇ ،ئۇلارنىڭ روللىرى ئالمىشىپ قالسا ، چوڭ نەتىجە  چىقمايدۇ .مەسىلەن ،  ئەگەر گالىلىي ،نىيوتون ،ئېينىشتىيىن قاتارلىقلار غا ئوخشاش كىشىلەر بىر -بىرىگە ئەگىشىپ يۈرۈپ  ،ئۆز تالانتى بىلەن يول ئاچمىغان بولسا ،ھازىرقى يۈز قەۋەتلىك بىنالار ، تەرەققىىي قىلغان زامانىۋىي تېخنىكىلار بارلىققا كىلەتتىمۇ ؟  شۇ بۇرۇنقى ئارىستوتىلنىڭ دەپ قويغان گېپىنى تېخنىكا دەپ بىلەتتۇق- خالاس . قۇملۇقتىكى يول مېڭشقا يارتىلغان ،لىكىن شۇ يولنى كىم سالغان ؟ دەل شۇنداق يول سېلىشقا تالانتى بار كىشىلەر سالغان ،يەنە تالانتى بار كىشىلەر بۇ ياسىلىپ بولغان يوللاردىن مېڭىۋېرىشى ھاجەتسىز  ،ئەجرى ھەم تالانتى بىلەن  تېخىمۇ ئارلىق تىجەيدىغان يولنى سالسا بىزمۇ شۇ يولدىن ماڭىمىز ،خۇشال بولىمىز .  ئەگەر ئۇلارمۇ بىز بىلەن  بىللە ماڭسا ،بىرەر كىشى  ئۇلارغا ئەسكەرتىپ قويمىسا ،پەقەت ماختاش بىلەنلا كۇپايىلەنسە ، يەنە يېڭىلىق ،تەرەققىيات بارلىققا كىلەمدۇ ؟  مەيلى ئىلىم-پەن ،مەيلى ناخشا -ئۇسۇل بولسۇن ھەممىسى شۇنداق ،يەنە يېڭى يوللارنى ئېچىشقا مۇھتاج .  ئۇلارنىڭ تالانتىنى ئېتراپ قىلغان ئاساستا  ئۇلارغا دورامچىلىق قىلماڭ دىگەندەك پىكىرلەرنى  بەرگەننىڭ نىگىزى  ئۇلارنى تىللاش، يەكلەش  ئەمەس بەلكى ئۇلارنى سەگىتىش ، ئۇلارنى تېخىمۇ ئۇلۇغ بولۇشىدىن ئۈمىد كۈتۈش ،ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ماڭغان يولى بىلەن ئۆز يولىنىڭ  پەرقى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش .  ھەرگىزمۇ ئۆز ئىدىيسىگە باشلاش ياكى كىشىلەرنى قايمىقتۇرۇش ئەمەس. شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭمۇ توغرا قارىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئىبراھىم ئاكا ، تېخىمۇ كۆكلەڭ ،يېڭى نەتىجىللىرىڭىزگە بىز تەشنا .

باھا سۆز

MUHLES  توغرا دەيسىز!  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 12:13:18

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
471
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
861
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-18
توردا
537 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 15:44:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبراھىم قۇربان ئاكىمىز بىلەن مۇراتجان مۇختەر گەرچە كۆزدىكى روشەنلىكتىن مەھرۇم بولسىمۇ، بىراق قەلىبتىكى روشەنلىكى بىلەن ھەممىمىزنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ. توقسۇن، ئۇيغۇر سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ قېرىنداشلىرىم. ئەركىن قۇتىپىدىن، ئەسقەر رېقىپ، سەمى ئوسمان، خالىمەڭ ئابدۇراخمان قاتارلىق ئەل سۆيگەن سەنئەتكارلىرىمىز بوران ۋادىسىنى ئۆز ناخشاڭلار ۋە ئۇسسۇلۇڭلار بىلەن خەلقىمىزگە تونۇتتۇڭلار. كىندىك قېنىڭلار تۆكۈلگەن، سىلەر چوڭ بولغان سەھرا سىلەرنى ئالقىشلايدۇ. ئاللاھ مەدەتكارىڭلار بولسۇن.

باھا سۆز

MUHLES  ناھايىتى توغرا !!!!!!  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 12:12:51
wali7633  توغرا دەيسىز!  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 16:03:32
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش