كۆرۈش: 1099|ئىنكاس: 6

ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇن دەرياسى بويىدىن كۇچار، تۇرپان ۋە گەنجۇغا قۇچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
51631
يازما
6
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-5-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-12
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 23:47:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۇيغۇرلارنىڭ 9 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئورخۇن دەرياسى بويىدىن كۇچار، تۇرپا ۋە گەنجۇ رايونلىرىغا كۆچۈپ كېلىشى
   

  9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخىدا چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەردى. بۇ ۋەقەلەرنىڭ بەزىلىرى ئورخۇندىكى ئۇيغۇر قاغانلىقى ( 745 -840 ) نىڭ يىمىرىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولسا، بەزىلىرى قاغانلىق ئاھالىسىنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ مەركىزىي ئاسىيانىڭ كەڭ تېررىتورىيىلىرىگەئۆتۈپ، ئۇ يەرلەردە بىرلا ۋاقىت ئىچىدە بىر - بىرىدىن مۇستەقىل بولغان بىرقانچە ئۇيغۇر دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ چىققانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇ دۆلەتلەر گەنجۇ ( گەنسۇ - كەڭسۇ ) ئۇيغۇر قاغانىلىقى(847 - 1036)، قۇچۇ ئدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى  ( 850 - 1369 ) ۋە قاراخانىلار قاغانلىقى( 840 - 1212 ) قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىبارەت ئىدى. بۇ دۆلەتلەر مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىي ھاياتىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدا ناھايىتى زور رول ئوينىغانىدى.
     بىرقانچە ئىلمىي ئەسەرلەردە، ئۇيغۇرلار تارىخىنىڭ 9 - 13 - ئەسىرلەردىكى بەزى مەسىلىلىرى تەتقىق قىلىندى، لېكىن بۇ كۆچۈپ كەلگۇچى ئادەملەرنىڭ ئېتىنىك تەركىبى، ئۇلارنىڭ يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا، جۇڭگو قاتارلىق قوشنا ئەللەردىكى خەلقلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن پىكىر يوق.
     ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى ئۆزئارا ئىچكى ئۇرۇشلار، جەمئىيەتتىكى ئاددىي پۇقرالار بىلەن قاغانلىقتا ھاكىمىيەت تۇتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر، تەبئىي ئاپەتلەر ( جۇت )، يەنسەي قىرغىزلىرىنىڭ باستۇرۇپ كېلىشى(1)، شۇنىڭدەك تاڭ سۇلالىسىنىڭ 840 - 848 - يىللار ئارىلىقىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاكتىپ تاشقى سىياسىتى تۈپەيلىدىن، تامامەن ۋەيران قىلىندى(2).
     جۇڭگونىڭ تارىخ مەنبەسى ‹‹ كونا تاڭنامە ›› ( 145 - جىلد، 13 -14 - بەتلەر ۋە مالياۋكىننىڭ 1974 - يىلى نەشىر قىلىنغان ئەسىرىنىڭ 30 - 31 - بەتلىرى ) دە، ‹‹ ئۇيغۇرلار تۈرلۈك خەلقلەر ئارىسىغا تارقىلىپ كەتتى ›› دەپ كۆرسىىلىدۇ. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى 840 - يىلى قوشۇۋۇشات قاغان قىرغىزلار ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ پايتەختىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، كىچىسى بولغان جگڭدە ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەھۋاللارنى بايان قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارقالغان ئەھۋاللىرىنى كۆرسىتىدۇ. شۇ چاغدا چوڭ بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى كۇچار، تۇرپان رايونلىرىغا كەلگەن ۋە گەنسۇ ئۆلكىسىگىمۇ جايلاشقانىكەن. ئۆگە تېگىن باشچىلىقىدىكى 13 ئۇرۇق ۋە بىرقانچە ۋەزىر، تېگىن باشچىلىقىدىكى بىرمۇنچە قەبىلىلەر تاڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالىي چېگراسى ئەتراپىغا كېلىپ، قاغانلىقنىڭ جەنۇبىدىكى رايۇنلارغا كېلىپ پاناھلاندى. 841 - يىلى 3 - ئايدا ئۆگە تېگىن قاغان دەپ ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچىنچى چوڭ بىر گۇرۇپپىسى غەرب تەرەپكە يۈرۈپ، غەربىي يۇرتنىڭ جەنۇبىغا، يەتتەسۇغا ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا كەتتى. 11 - ئەسىردە ياغما قەبىلىلىرى باشچىلىقىدىكى قاراخانىيلار سۇلالىسى دۆلتىنى بەرپا قىلدى.(3). ئۇلارنىڭ بىر قىسمى 11- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دوناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ، بالقان يېرىم ئارىلىغا بېسىپ كىردى(4).
     جۇڭگونىڭ تارىخىي مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى شەرقىي شىمال تەرەپكە، چوڭ شرۋېيلەرگە، ئارقا بايقال رايۇنىغا، شەرقتە يەنە قىتانلار كونتروللىقىدىكى يەرلەرگە كەتكەن(5). ئورخۇن رايۇنىدا قېپقالغان ئۇيغۇرلار بولسا قىرغىزلارغا بويسۇنغان. بۇلار قەبىلە باشلىقى كۈلۈگ باغانىڭ تەرەپدارلىرى ۋە قاغانلىقتىكى قېچىپ كېتىشكە ئات - ئۇلاغلىرى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن قېپقالغان تۆۋەن قاتلام كىشىلەر ئىدى.
     ئۆگە قاغان ۋەزىر چىشىن، ناسىرچور، ئورمۇزد ۋە بۈكۈ تېگىن تەرەپدارلىرى 840 - يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالىي چېگرىلىرىغا يېتىپ كەلدى. خەلق مۇشۇنداق قىيىن بىر مەزگىلدە تۇرغاندا بىرلىشىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشنىڭ ئورنىغا بۇيەردە ئۇلار ئۆزئارا دۈشمەنلەشتى، چىشىن، ناسىرچور ۋە بۈكۈلەر قاغانغا ئىتائەت قىلىشقا ئۇنماي، ‹‹ خەلقنى ئۆگەنى ئېتراپ قىلماسلىققا قۇتراتتى ››(6). ئۆگە، چىشىن بىلەن بۈكۈنى قاتتىق جازالىدى. ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلغان ناسىرچور چىشىننىڭ 7000 چېدىرلىق ئاھالىسىنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى. ئۇنىڭغا بويسۇنغان قەبىلىلەر دەسلەپتە يىڭشەن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتەكلىرىدە - تاڭ سۇلالىسى چېگرىسىدىن يىراق بولمىغان جايلاردا ياشىدى. ئۇچاغلاردا چارۋا يەيدىغان ئوڭت - چۆپلەر قالمىغاندىن كېيىن، تاڭ سۇلالىسى زېمىنىنىڭ شىمالىغا كېلىپ، ئۇ يەردىكى ئوتلاقلاردا چارۋىلىرىنى بېقىشقا باشلىدى، بۇ رايۇن يۇلىننىڭ شەرقىي جگنۇبىي، شۇنچۇن ۋىلايىتىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپى ۋە يۇجۇ ۋىلايەتلىرىدە ئىدى.  ‹‹ يۇجۇ بېيجىڭنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى جاي ››(7). ناسىرچورغا تاڭ سۇلالىسىنىڭ قوماندانى جاڭ جۇنجى ئەسكەر تارتىپ ھۇجۇم قىلدى. چارۋىلارنى ۋەيران قىلىپ، نۇرغۇن ئاھالە ( 90 مىڭ ئادەم )نى ئەسىرگە ئالدى ۋە ئۇلارنى زورمۇزور تاڭ تېررىتورىيىسىنىڭ ئىچكى جايلىرىغا كۆچۈردى. ناسىرچور جەڭدە يارلىنىپ قازا قىلدى.
     بۇ غەلبىلەر بىلەن مەغرۇرلىنىپ كەتكەن تاڭ ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنى قەد كۆتۈرەلمەس ھالىتىگە كەلتۈرۋېتىشكە بەل باغلىدى. خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ھېراۋۇلى ليۇميەن ۋە يۇجۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەربىي مەمۇرىي ئەمەلدارى جاڭ جۇنۋۇ پادىشاھنىڭ سەددىچىننىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي تەرەپلىرىدە كۆچۈپ يۇرگەن ئۇيغۇرلارنى ‹‹ تىنچلاندۇرۇش ›› توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالدى.
     ئۆگە تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئىناق مۇناسىۋەت ئورنتىش ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولۇش ئۇچۇن كۈچ چىقارغانىدى. ئۇنىڭچە، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۆز خەلقىنى بۇ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتقۇزۇپ، ھاكىمىيەتنى يەنە ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا ئىمكانىيەت تۇغۇلاتتى. لېكىن، تاڭ ئوردىسىدىكىلەر ئېغىزدا ئۆگەنى ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانى دەپ ئېتىراپ قىلغان ۋە ئۆگەگە ھېسداشلىق قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا ھېچقانداق ياردەم قىلمىدى. ئۇنىڭ ئاھالىسى ئاش - تاماقسىز قالدى. تاڭ ھاكىمىيىتى بۇرۇن ۋەدە قىلغان ئات بېرىش بەدىلىگە بېرىدىغان 20 مىڭ خۇ ئاشلىقنىمۇ بەرمىدى(8). ئەينى ۋاقىتتا، پادىشاھ تاڭ ھاكىمىيىتىگە بويسۇنۇشقا رازى بولغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە ماقۇل بولغانىدى.(9) ئەينى ۋاقىتتا ئۆگە قاغاننىڭ تيەندى شەھىرى ۋە جېڭۋۇ قەلئەسىدە ۋاقىتلىق تۇرۇپ تۇرۇش ئىلتىماسى رەت قىلىندى. ئۆگە تەرەپدارلىرىغا پەقەت بىرى، تاڭ ھاكىمىيىتىگە تولۇق تەسلىم بولۇش، ئەركىنلىكىنى يوقىتىش: يەنە بىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئازادلىقى ئۇچۇن كۈرۈش قىلىشتىن ئىبارەت ئىككىلا يول قالغانىدى. ئەركىنلىك سۆيەر ئۇيغۇرلار ئىككىنچى يولنى تاللىۋالدى. ئۆگەنىڭ تارمىقىدىكى قەبىلىلەر ئۆزلىرىنى ‹‹ 100 مىڭ ›› كىشلىك قوشۇن دەپ .اتاپ كەلدى(10). ئۆگە قاغاننىڭ ئەسكەرلىرى يۇجۇ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ليۇميەننىڭ ئەسكەرلىرىنى تارمار قىلدى، ليۇميەننىڭ .ۆزى قالدۇق ئەسكەرلىرى بىلەن بىر يەرگە يوشۇرنۇۋالدى. قاغان مۇشۇنداق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىۋاتقان پەيتتە، يەنە بىر قېتىم ئادەم ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ يۇرتى ئورخۇن ۋادىسىغا كېتىۋېلىش ئۈچۈن ياردەم بېرىشنى ۋە ھازىرچە تيەندى شەھىرىدە ۋاقتىنچە تۇرۇپ تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆگەنىڭ ئۆزىگەقارشى چىققان ئورمۇزدنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. تاڭ ئوردىسى بۇ نۆۋەتمۇ ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى(11). شۇنىڭدىن كېيىن، ئۆگە قاغانغا سادىق ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى تاڭ سۇلالىسىنىڭ تېررىتورىيىسىگە بېسىپ كىرىپ داتۇڭچۇەننى بۇلاپ تالىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يۇجۇغا ھۇجۇم قىلدى. لېكىن شەھەرنى ئالالمىدى(12).
     بەزى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئاچارچىلىق، ئۆي - ماكانسىزلىق ۋە 843 - 844 - يىللاردىكى قاتتىق سوغۇق قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن قىيىنچىلىقلارغا بەردەشلىق بېرەلمىدى، تاڭ ھاكىمىيىتىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولدى، بۇنى تاڭ سۇلالىسى ئۆگە قاغان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنى تولۇق يوقىتىپ تاشلاشنىڭ پەيتى، دەپ ھېسابلىدى.
     يۇجۇدا جۇجيې، ئادۇننىن تېگىنلەر مەلىكە مىجيې خاتۇن بىلەن بىرگە ۋەزىر جولوگۇ ئادې ۋە خان ئوردىسىنىڭ باشلىقى ساۋ مونى قاتارلىقلار تەسلىم بولدى. جېنۋۇ قەلئەسىدە ئورمۇزد تېگىن  ئۆزىگە قاراشلىق ئۈچ قەبىلە ۋە 2000 ئاتلىق ئەسكەر بىلەن تاڭ ھاكىمىيىتىگە ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆتۈپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ئىپادىسىنى بىلدۇردى ( جەمئىي 2600 نەپەر ئادەم ) (13). تېگىن ئورمۇزد، ئالىجە، سىۋۇچۇرلار، ۋەزىر شۇيېۋۇ خۇڭشۇن ( ئاياۋىر خۇڭشۇن ) ھەندە دىۋان بېگى لۈي خېن قاتارلىقلارتاڭ سۇلالىسى دائىرىسىگە كېتىپ قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىرى بۈكۈ ئۆگە قاغاننىڭ خەنزۇ خوتۇنى تاي خېنىڭ تاڭ ھاكىمىيىتى دائىرىسىگەقايتىپ كېلىشتە بىر قارارغا كېلىشىنى سۆزلىشىش ئۈچۈن يۇجۇغا مەخپىي كەلدى. قاغاننىڭ ۋەكىلى بولۇپ يۇرگەن ئادەملەر ئۇنىڭ تۇغقىنى ۋە مانى دىنى ئېتىقادچىسى جىجىنلار شۇنۋۇ ۋىلايىتىدە تەسلىم بولدى(14). شۇنداق قىلىپ، ئانچە ئېنىق بولمىغان مالۇماتلارغا قارىغاندا، 150 - 160 مىڭ ئادەم، يەنى 840 - يىلى تاڭ سۇلالىسىگەكەلگەنئادەملەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تاڭ ھاكىمىيىتىنىڭ قارىمىقىدا بولۇپ قالدى.
     تاڭ سۇلالىسى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنى پارچىلاپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا قاتتىق زەربە بېرىش ئۇچۇن بارلىق چارىلەرنى قولاندى. تاڭ ھاكىمىيىتى ‹‹ دۇشمەننى دۇشمەننىڭ قولى بىلەن يوقىتىش ››، يەنى ‹‹ ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزىنىڭ يېغىدا قۇرۇش ›› قارارىغا كەلدى. مۇشۇ مەقسەتتە تاڭ تەرەپكە ئۆتكەن ۋەزىر ۋە ھەربىي قوماندانلارغا پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە چوڭ ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى. مەسىلەن، ئورمۇزدقا ‹‹ ئوڭ قانات قۇرۇقچى سانغۇن ›› ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك ۋاڭ دېگەن مەنسەپ - ئۇنۋانلارنى بېرىپ، گۇييىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىقىغاتەيىنلىدى.ئۇ ئۆز ئۇرۇقىنىڭ تەييۇەن شەھىرىدە قېلىشىنى ئىلتىماس قىلدى. پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يۈنجۇ ۋە شاجۇ ۋىلايەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جەيلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ۋە ئۇنى غەرب تەرەپتىكى داڭشياڭ ۋە تاڭ ئەسكەرلىرىگە قوماندانلىق قىلىش ۋەزىپىسىگە قويدى. ئورمۇزد تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىي چېگرىسىدا ئۆگە قاغانغا قارشى ھەرىكەتلەر ئېلىپ باردى، ئۇنىڭغا شاتۇ ئەسكەرلىرىنىمۇ قوشۇپ بەردى. ئۆگە قاغانغا قارشى چىققان باشقىلارمۇ ‹‹ سول قانات چوڭ سانغۇن ››، ‹‹ گۈەنجۈن چوڭ سانغۇنى ››، ‹‹ ئوڭ قانات لىنچۇەن چوڭ سانغۇن ›› دېگەندەك ئۇنۋانلارغا ئېرىشتى. ئۇلارنى گۇييى ئايماق ھېراۋۇلىنىڭ ياردەمچىسى ۋەزىپىسىگە قويدى. ئورمۇزدقا يەنە قوشۇمچە بىر ئەلەم، سېپى بارس قۇيرۇقى بىلەن بېزەلگەن قىلىچ ۋە كەمەر تەقدىم قىلدى(15). تاڭ ھاكىمىيىتىگە بويسۇنۇشنى ئارزۇ قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئوزۇق - تۈلۈك بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگەئەۋەتتى، چۇنكى پادىشاھ ئۇلارنىڭ چېگرا رايونلاردا قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى(16). ‹‹ قاغانغا سادىق بولۇپ قېپقالغانلارنى تاڭ تەرەپكە ئۆتۈشكە دەۋەت قىلىش ئۇچۇن ››، قاغانلىق تېررىتورىيىسىدىكى ئۇيغۇر يايلاقلىرىنىڭ ئىچكى تەرەپلىرىگە تاڭ سۇلالىسى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلەردىن كۆپ قېتىم ئادەم ئەۋەتتى(17). پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر قىرغىزلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇرلارنى تولۇق يوقىتىش ئۇچۇن كۆپ كۈچ چىقاردى(18). تاڭ سۇلالىسىنىڭ سەركەردىلىرى ئۇيغۇرلاردىن ۋە تۇيغۇن، شاتۇ، چىبى، تۇغبات قاتارلىق قەبىلىلەردىن ئايرىم قوشۇن تەشكىللەپ، ئۆگەقاغانغا سادىق ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ باردى.
     ئورمۇزدقا خەنزۇچە فامىلە ۋە ئىسىم بېرىلدى ھەمدە لىن سىجوڭ ئاياۋىر ( لى خۇنشۇن ) دەپ ئاتالدى. پۇتۇن جان - جەھلى بىلەن تاڭ ھاكىمىيىتىنىڭ خىزمىتىدە بولدى. ئۇلار قاغان ئەسكەرلىرىنى ئىككى قېتىم مەغلۇپ قىلدى. تاڭ سۇلالىسى ئۆز ئەسكەرلىرىنى، شۇنىڭدەك ئۆزىگە بېقىندى قەبىلىلەرنىڭ قوشۇنلىرىنى ھەمدە تاڭ سۇلالىسىگە تەسلىم بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قىسىملىرىنى تولۇق سەپەرۋەرلىككە كەلتۇرۇش نەتىجىسىدە ‹‹ تاڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يەڭدى ››(19).
     ئۆگە قاغان جېڭۋۇ قەلئەسىنىڭ يېنىدا قاتتىق مەغلۇپ قىلىندى ( تەخمىنەن 847 - يىلى )، ئۆگە ئۆزىنىڭ ئامان قالغان ئەسكەرلىرى بىلەن شىمال تەرەپكە - شاخۇشەن تاغلىرىغا قاراپ چېكىندى. ئەمما، قاغاننىڭ پۇتۇن خەزىنىسى تاڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قولىغا چۇشۇپ قالدى. تيەندې ۋىلايىتىدىكى تاڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئورۇن باسار ئەمىرلەشكىرى شى شۈن قاغان چېكىنگەندە تاشلاپ كەتكەن مەلىكە تەيخې بىلەن ئۇچرىشىپ، تەييۇەن شەھىرىگە قايتۇرۇپ كەلدى، بىرنەچچە مىڭ ئادەم ئەسىرگە ئېلىندى. ‹‹ كونا تاڭنامە ›› دە، بۇ ۋەقە تەپسىلىي بايان قىلىنغان: ‹‹ شى شۈن بۇ شەھەر ( جېنۋۇ )دىكى ھەممە ئات - ئۇلاغ، چارۋىلارنى يىغىۋالدى، چوڭ داقا - دۇمباقلارنىمۇ ئېلىۋالدى. كېچىسى شەھەر سېپىلىنىڭ ئون يېرىدىن ئىشىك ئاچتى، تاڭ سەھەردە سېپىللارغا بايراق چىقىرىپ، بەلگە گۈلخانلىرىنى ياقتى. كېيىن مۇشۇ دەرۋازىلارنىڭ ھەممىسىدىن ئەسكەرلەر داقا - دۈمباقلارنى چېلىشىپ، ئۆگە قاغان تۇرغان يەرگە قاراپ بىراقلا ھۇجۇم قىلدى، بارلىق چارۋا - ماللارنىمۇ قوغلىدى. بەلگە ئۈچۈن يېقىلغان گۈلخانلار ئاسمان پەلەك كۆتۈرۈلدى. داقا - دۈمباقلار ساداسى يەر - جاھاننى تىترەتتى. ئۆگە قاغان توساتتىن يۈز بەرگەن بۇ ئىشنى ئاڭقىررالماي چۆچۈپ كەتتى ۋە يېنىدىكى ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن چېكىنىپ چىقتى. شى شۈن ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن ئۇنى قوغلاشقا كىرىشتى، شاخۇشەن تېغىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدى، جەڭدە 10 مىڭ ئادەم ئۆلدى، 5000 .ادەمنى ئەسىرگە ئالدى. بارلىق قوي - كالا، ئات - ئۇلاغ، ھارۋا ۋە چېدىرلارنى يىغىپ يولغا چۈشتى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، مەلىكىنى يولۇقتۇرۇپ قالدى ۋە تەييۇەنگە قايتىپ كەلدى(20). مۇشۇ ئىشىتن كېيىن، ئۆگە قاغان ئامان قالغان تەرەپدارلىرىنى قايتىدىن توپلاپ، شرۋېيلەر ئىچىدە تۈردى. لى خۇنشۈن تەرىپىدىن نۇرغۇن پۇللارغا سېتىۋېلىنغان خېيچېزى ( قارا ھارۋا ) قەبىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن يوشۇرۇن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. ئۆگە قاغان سۇيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى قايتىدىن توپلىنىپ بىرلىككە كېلەلمىدى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يۇجۇدا تەسلىم بولدى. تەسلىم بولۇشنى خالىمىغانلار سىرتتا، ئاچ - يالاڭاچلىقتا، سوغۇقتا قالدى، كېسەللەرگە مۈپتىلا بولدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار بوي ئەگمەي ئۆگە قاغاننىڭ كىچىك ئۇكىسى ئىنەننى قاغان دەپ ئېلان قىلدى.
     ئىنەن ئۆزىنىڭ بەش مىڭچە ئادىمىز بىلەن شى قەبىلىسىدىن ئوزۇق - تۈلۈك ئېلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتاتتى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان تاڭ ئەسكەرلىرى ئۇلارنى ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ قىلدى. ئىنەن ( 500 چە ) ئادىمى بىلەن شرۋېيلار قېشىغا بېرىۋالدى. ئەمما، ئۇنى بۇ يەردىمۇ جىم قويمىدى. تاڭ ئەسكەرلىرى سەركەردىسى سانغۇن جاڭ جۇنۋۇ شىرۋېيلارغا ئادەم ئەۋەتىپ ئىنەن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى تۇتۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئىنەن خوتۇنى، ئوغلى ۋە توققۇز قوغدىغۇچىسى بىلەن غەربكەز قېچىپ كەتتى. قالدۇق ئۇيغۇرلارنى شىرۋېيلار ئەسىر قىلىپ بۆلۈشىۋالدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان قىرغىزلار شىرۋېيلارنىڭ قولىدىن ئۇ ئۇيغۇرلارنى تارتىۋېلىپ، گوبى چۆللۈكىنىڭ شىمالىغا ئەۋەتىۋەتتى(21). قىرغىزلارنىڭمۇ، تاڭ سۇلالىسىنىڭمۇ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنۇشنى خالىمىغان ئۇيغۇرلار ‹‹ بالا - چاقىلىرى بىلەن تاغ ۋە ئورمانلار ئىچىگە يوشۇرنۇپ، باشقا قەبىلىلەرنىڭ يېمەك - ئېچمەكلىرىنى ئېلىپ، تەدرىجىي پان تېگىن تەرەپكە يېقىنلاشتى ››. پان تېگىن بۇ چاغدا گەنجۇدا ياشايتتى ۋە ئۆزىنى يېڭى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قاغانى دەپ ئېلان قىلغانىدى(22). بۇ ۋەقە 848 - 849 - يىللىرى يۈز بەرگەن.
     قاغاننىڭ تەرەپدارلىرىنى تولۇق يوقاتقاندىن كېيىن، ئورمۇزدنىڭ قول ئاستىدىكى ئەسكەرلەرنى چېگرا ياقلىرىدىكى بىرقانچە ئۆلكىلەرگە بۆلۈپ - بۆلۈپ جايلاشتۇردى. يەنى تاڭ ھاكىمىيىتى خەنزۇدىن بولمىغان ئەسكەرلەرنىڭ بىر يەردە تۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىپ ئۇلارنى پارچىلىۋەتتى. بۇ ئەھۋال ئۇ ئەسكەرلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەسكەرلەر قارشى چىقىپ، خۇتخې دەرياسى ۋادىسىنى بېسىۋالدى. تاڭ ئەسكەرلىرى بۇ قوزغىلاڭنى قاتتىق باستۇردى. ليۇميەننىڭ بۇيرۇقى بويىچە 3000 ئەسكەرنى تىرىك كۆمدى. ھۆكۈمەت تەرەپ ئادەملىرى مانى دىنى كىتابلىرىنى ۋە ھەر خىل دىنىي سۇرەتلەرنى يىغىپ كۆيدۇرۇۋەتتى(23). شۇنداق قىلىپ تاڭ ھاكىمىيىتى ئورخۇن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق يادىكارلىقلىرىنى يوقاتتى. تاڭ سۇلالىسى ئەن لۇشەن قوزغىلىڭى ( 763 - 755 ) باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ۋاقىتلار پۇل تۆلەپ تۇرغانىدى.(24).
     تۇرپان ئويمانلىقى ۋە كۇچارغا كېلىپ ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلار يۇگۇجۇن ( بۆكۈ تېگىن ) قەبىلىلىرى ۋە باشقىلار يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ، تەدرىجىي كۆچىيىپ، ئۇ يەردىن تىبەتلىكلەرنى قوغلاپ چىقاردى. 9 - ئەسىرنىڭ ئككىنچى يېرىمىدا ئۇلار قوچۇ يېڭى ئۇيغۇر دۆلىتىنى ( ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى ‹ 850 - 1336 › )قۇردى. بۇ دۆلەت 500 يىل ھۆكۈم سۈردى. ئەرەب مەنبەلىرى ( ئىبنى ئەلئەسر 13 - ئەسىر: ئىبنى خۇردات بىخ 9 - ئەسىر: م . خارازمى 9 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمى ) قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنى توققۇز ئوغۇزلار، توققۇز غۇزلار دەپ ئاتايدۇ. جۇڭگو مەنبەلىرىدە ئۇيغۇرلار ‹‹ خۇيخې ›› دەپ ئاتىلىدۇ(25).
     پان تېگىن ۋە ۋەزىر ساجى ( ساقچى ؟ ) باشچىلىقىدىكى قەبىلە گەنسۇ، سەنشى رايۇنلىرىغا كۆچۈپ كېلىپ، 840 - 848 - يىللاردا ئۇيغۇر گەنجۇ خانلىقىنى ( كەڭسۇ ئۇيغۇر قاغانلىقى ) تىكلىگەنىدى. مۇشۇ ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن سەل ئىلگىرى، بۇ جايلار تىبەتلىكلەرنىڭ قولىدا ئىدى. ئۇيغۇرلار تىبەتلەرنىڭ ئاجىزلاشقان ۋاقتىدىن پايدىلاندى.
     تارىم ۋادىسى ۋە ئۇيغۇرچە ئاتالغان بەشبالىق، قاراشەھەر، كۇچار، شۇنىڭدەك گەنجۇ ۋە باشقا جايلار 9 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىلا ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا ئۆتكەنىدى. تۇرپان دۆلتىنىڭ تېررىتورىيىسى غەربىي خوتەن بىلەن، شىمالى قاراخانىلار بىلەن، شەرقىي گەنجۇ ئۇيغۇر خانلقى بىلەن چېگرىلاندى. گەنجۇنىڭ شەرقىي چېگرىسى ياڭزى دەرياسى ( چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ باشلىنىشى ) غىچە، شىمالى گوبى چۆللۈكىگخچە، جەنۇبى تىبەتكىچە، غەربى قوچۇ ئىدىقۇت ئېلىغىچە سوزۇلغانىدى. قاراخانىلار دۆلىرىنىڭ تەركىبىگە شەرقىي جەنۇبىي خوتەن، يەركەن، يېڭىسار، قەشقەر، ئاقسۇ، ئۇچتۇپان، غۇلجا ( ئالمالىق ) لار كىرەتتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنچىۋالا كەڭ يەرلەرنى ئاسانلا قولغا كىرگۇزۈۋېلىشىنى ۋە بۇ يەرلەردە يېڭى مۇستەقىل دۆلەتلەرنى تەشكىللىۋېلىشىنى، ئەھۋاللارغا قارىغاندا، مۇنداق ئىككى جەھەتتىن چۇشەندۇرۇش مۇمكىن: بىرىنچى، تىبەت دۆلىتىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشى، ئىككىنچى، بۇ يەرلەردە قېرىنداش ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىدىندۇر(27(
     د. پوزدنېيېف ( 1899 - يىلى سانكت پېتېربۇرگدا نەشىر قىلىنغان ‹‹ ئۇيغۇرلار تارىخىنىڭ ئوچېركى ›› ( جۇڭگو مەنبەلىرى ئاساسىدا يېزىلغان ) دا: ‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى تەڭرىتاغ بويلىرىدىكى ئەللەر ( مەملىكەتلەر ) ئىدى ›› دەپ يازغان. ئۇ جۇڭگو مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ، ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى تەكىتلەپ، ‹‹ تەڭرىتاغ بويىدىكى ئەللەردە قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا ئۇيغۇرلار، يەنى تۈركلەر ياشاپ كەلگەنىدى. بۇلار شەرقتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر قەبىلە ئىدى ›› دەپ يازغانىدى. بۇ يەردە ئېتىلغان شەرقتىكى ئۇيغۇرلار دېيىلگىنى ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى ئىدى.
     قىسقىسى، ئۇيغۇرلر ئورخۇن بويىدىن ئۆزلىرىگە ناھايىتى تونۇش بولغان تېررىتورىيىگە كۆچۈپ كەلدى ۋە ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنى تىبەت ئەمەس ئاھالىلەر يار - يۆلەك بولۇپ قارشى ئالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ غەربىي يۇرت تېررىتورىيىسىدە ئەڭ قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئۆتكەن مەھمۇت قەشقەرى ( مەھمۇت قەشقەرىنىڭ كىتابىنڭ 1960 - يىلى نەشىر قىلىنغان نوسخىسىنىڭ 134 - 135 - بەتلىرى )، راشىدىن ( ‹‹ جامىئۇت تەۋارىخ ›› ‹ تارىخلار توپلىمى ›، 1952 - يىلدىكى نەشىرىنىڭ 83 -84 - بەتلىرى )، ئەبولغازى باھادىرخان ( ‹‹ شەجەرەئى تۈرك ››، 1905 - يىل نەشىرى، 35 - 36 - بەتلىرى )قاتارلىق ئالىملار ئەسەرلىرىدە كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدى. ن. يا. بىچۇرىن ‹‹ ئوتتۇرا ئاسىيادا قەدىمكى زامانلاردا ياشىغان خەلقلەر توغرىسىدىكى مەلۇماتلار توپلىمى ›› ( 1950 - يىل، 303 -بەت). ۋ. ۋ. رادلوف ( ‹‹ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى مەسىلىلەر ››، 1893 - يىل 20 - بەت، پېتېربۇرگ ). ئا. م. شىرباك ( 1953 - يىلدىكى ئەسىىرى، 53 - بەت )، ل. ر. قىزلاسىف ( 1964 - يىلدىكى ئەسىرى، 416 - بەت ). م. ن. كەبىروف ( 1975 -يىل 38 - 34 - بەتلەر، سوۋېت قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى تارىخىنىڭ ئوچېركلىرى ) لارمۇ دەل مۇشۇنداق قاراشقا كەلگەنىدى.

پايدىلانغان ماتىرىياللار ۋە ئىزاھات:
(1)قاغانلىق تەختىدە ئولتۇرۇش نىيىتىدە بولغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىر باشلىقى كۈلۈگ باغا 840 -= يىلى ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆچمەنلىشىپ كەلگەن قىرغىزلار بىلەن بىرلىشىپ، 10 مىڭ ئەسكەر بىلەن ئۇيغۇر شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ، قاغاننى ۋە بىر قانچە ۋەزىرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋېتىدۇ. ( ‹‹ يېڭى تاڭنامە ›› 217 -= باب، 16 -، 42 - بەتلەر).
(2)گ. پ. سۆپرۇنېنكو: ‹‹ تاڭ سۇلالىسى بىلەن يەنسەي قىرغىزلىرىنىڭ مۇناسىۋەت تارىخى ›› ( ‹‹ ئوتتۇرا ئەسىردىكى سىبىرىيە، مەركىزىي ۋە شەرقىي ئاسىيا ›› )، 61 =- بەت ، نوۋوسىبىرسك، 1975 =-يىل
(3)‹‹ سوۋېت چوڭ ئېنسىكلوپېدىيىسى ››، 142 - بەت
(4) ۋ.ۋ. بارتولد ‹‹ يەتتەسۇ تارىخىنىڭ ئوچېركى ››( ‹‹ بارتولد ئەسەرلىرى ›› )، 2 - توم 573 - بەت، موسكىۋا، 1963 - يىل
(5) ‹‹ ئۇيغۇرقاغانلىقى ھالاك بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈپ جايلىشىش مەسىلىسى توغرىسىدا ›› ( ‹‹ س س س ر پەنلەر ئاكادېمىىسى سىبىرىيە شۆبىسى تەتقىقات ماتېرىياللىرى توپلىمى ›› ) 1 -سان، 1972 - يىل
(6) ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، نوۋوسىبىرسك، 28 - بەت، 1974-يىل
(7)  ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، نوۋوسىبىرسك، 28 - بەت، 1974-يىل
(8) ‹‹ كونا تاڭنامە ››، 18 - جىلد، 4 -بەت: ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، نوۋوسىبىرسك، 28 - بەت، 1974-يىل
(9) ‹‹ ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر ››، 9 - جىلد، 246 - باب، 7960 - بەت.
(10) ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، نوۋوسىبىرسك، 28 - بەت، 1974-يىل
(11) ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، نوۋوسىبىرسك، 33 - بەت، 1974-يىل
(12)ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، نوۋوسىبىرسك، 28 - بەت، 1974-يىل.  ( ‹‹ يېڭى تاڭنامە ›› 217 -= باب،1 - جىلد، 4 - بەتلەر).
(13) ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، نوۋوسىبىرسك، 32 - بەت، 1974-يىل.  ‹‹ كونا تاڭنامە ››، 18 - جىلد، 4 -بەت
(14) ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، نوۋوسىبىرسك،28 - بەت، 1974-يىل.  ‹‹ كونا تاڭنامە ››، 195 - جىلد، 13-14 -بەت

(15) ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، نوۋوسىبىرسك، 28 - بەت، 1974-يىل.
(16)‹‹ ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر ››، 9 - جىلد، 146 - باب، 7950 - بەت.
(17)ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، نوۋوسىبىرسك، 28 - بەت، 1974-يىل.  ( ‹‹ يېڭى تاڭنامە ›› 217 -= باب،1 - جىلد، 4 - بەتلەر).
(18) گ. پ. سۆپرۇنېنكو: ‹‹ تاڭ سۇلالىسى بىلەن يەنسەي قىرغىزلىرىنىڭ مۇناسىۋەت تارىخى ›› ( ‹‹ ئوتتۇرا ئەسىردىكى سىبىرىيە، مەركىزىي ۋە شەرقىي ئاسىيا ›› )، 63 - بەت ، نوۋوسىبىرسك، 1975 =-يىل

(19)ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 840 - 848 - يىللاردىكى ئۇيغۇرلار ۋە جۇڭگو ›› ( ‹‹ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى سىبىرىيە، مەركىزى ۋە شەرقىي ئاسىيا ›› ) ( توپلام ) 7 7- بەت،  نوۋوسىبىرسك، 1975 - يىل

(20)ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، نوۋوسىبىرسك،29- بەت، 1974-يىل. ‹‹ كونا تاڭنامە ››، 161 - جىلد، 11-12-بەت
(21)ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، نوۋوسىبىرسك، 32 - بەت، 1974-يىل.
(22)ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، نوۋوسىبىرسك،38- بەت، 1974-يىل..  ( ‹‹ يېڭى تاڭنامە ›› 217 -= باب،1 - جىلد، 4 - بەتلەر).
(23)ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، نوۋوسىبىرسك، 31 - بەت، 1974-يىل.
(24) ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، نوۋوسىبىرسك،31- بەت، 1974-يىل..  ( ‹‹ يېڭى تاڭنامە ›› 217 -= باب،1 - جىلد، 4 - بەتلەر).
(25)ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 840 - 848 - يىللاردىكى ئۇيغۇرلار ۋە جۇڭگو ›› ( ‹‹ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى سىبىرىيە، مەركىزى ۋە شەرقىي ئاسىيا ›› ) ( توپلام ) 7 - بەت،  نوۋوسىبىرسك، 1975 - يىل
(26)ۋ.ۋ بارتولد: ‹‹ بارتولد ئەسەرلىرى ››، 9 - توم، 554 - بەت، 1963 - يىل: چىن جۇڭميەن: ‹‹ تۈركلەر تارىخى ››، 1062 - بەت، 1958 - يىل: فېڭ جياشىڭ، چېڭ سۇلۇ، مۇ گۇاڭۋېن: ‹‹ ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر قىسقىچە ماتېرىياللار توپلىمى ››، 6 - بەت، 1958 - يىل
(27) ۋ. ئا. بۇگوسلوۋسكىي: ‹‹ تىبەت خەلىقىنىڭ تارىخى ›› 69 - بەت ،موسكىۋا، 1962 - يىل،: ئا. ك. كەبىروفنىڭ 1975 - يىلى نەشىر قىلغان ئەسىى، 42-، 4 - بەتلەر: ئا.گ. نارېنبايېف: ‹‹ 19 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلغار ئىجتىمائىي پەلسەپىۋى چۇشەنچىلىرى ››، 7 - 8 بەتلەر، فرونزې، 1988 - يىل

(مەكىزىي ئاسىيا تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار ‹‹ ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى›› رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇر سايرانى




ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
51713
يازما
99
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
99
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 12:01:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولڭىزغا دەت بەرمىسۇن!!! ناھايىتى ياخشى ئىزدىنىپسىز!!!

UID
29641
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-2-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-30
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 12:44:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولڭىزغا دەت بەرمىسۇن!!!  قىلغان ئىشلىرىڭىزدىن  بەرىكەتلەر ياغسۇن!!!

UID
51863
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 18:01:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىسى خاتا بوپ قالدىمۇ نىمە؟؟؟؟، كۆچمەن تۇرمۇشىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ، تېرىم مەدىنيتىدىكى ئۇيغۇرلارغا قۇشۇلۇش ، بۇ كۆچۈپ كېلىش ھېساپلانماس

UID
51877
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2013-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-3
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 22:54:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە

UID
51877
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2013-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-3
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 22:54:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە

كۆيۈمچان ئەزا

مەن بەك بەخىتلىك !

UID
2683
يازما
295
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
9747
تىزىملاتقان
2010-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-16
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 20:04:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىڭ تۇللۇق ئۈچنىڭ باللىرى كورسە بولدىغان تېمىكەن ،جاپا چېكىپسىز ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش