كۆرۈش: 684|ئىنكاس: 4

مۇھەببەت ھىكايىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
48361
يازما
34
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2013-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 14:40:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر جۈپ قىز-يىگىت بار بولۇپ، ئۇلار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا توي قىلغان ئىكەن. تويدىن كېيىن ئۇلار ناھايىتى بەختلىك ئۆتۈپتۇ.

بۇ قىزنىڭ بىر دوستى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېرى بەكمۇ باي ئىكەن. ئۇلار بىللە بازارغا چىققاندا دوستى دائىم قىممەت باھالىق ماللارنى، ئۇ بولسا، ئەلۋەتتە، ئەرزان باھالىق ماللارنى سېتىۋالىدىكەن، ئۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى خېجىل بولىدىكەن.


بىر كۈنى ئۇ ناھايىتى ئاچچىقلانغان ھالدا ئۆيىگە قايتىپتۇ. يىگىت مېھرىبانلىق بىلەن ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسا، ئۇ ئېرىگە قاراپ چالۋاقاپتۇ:

ــ سىز نېمىدېگەن بولۇمسىز-ھە! تاپقان پۇلىڭىز ھەتتا مېنىڭ كىيىم-كېچىكىمگىمۇ يەتمەيدۇ!

يىگىت سۈكۈتكە چۆمۈپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن قىز كەچۈرۈم سوراپتۇ. بۇنداق ئىش بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىنىپتۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يىگىت قىزغا ئۆزىنىڭ ياپونىيىدىن بىر خىزمەت تاپقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەتىلا يولغا چىقىدىغانلىقىنى، مۇئاشىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، ئۇنىڭغا ھەر ئايدا پۇل ئەۋەتىپ تۇرالايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن ئۆيگە قايتىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. قىز يىغلاپتۇ، يىگىتنى تۇتۇپ قالماقچى بولۇپتۇ، بىراق ئۇنىڭ كۆپ پۇل تاپالايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپتۇ.



ئىككىنچى كۈنى يىگىت يولغا چىقىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي قىزنىڭ كارتىسىدا بىر تۈمەن پۇل كۆپىيىپ قاپتۇ. شۇندىن ئېتىبارەن، ئۇنىڭ پۇلى بار بولۇپتۇ، ھەر كۈنى بازار ئارىلاپ كۆڭلى خالىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالدىغان بولۇپتۇ، ئۇنڭ دوستلىرى ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قارايدىغان بولۇشۇپتۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلى قۇپقۇرۇق ئىكەن. ھەر كۈنى ئۆيىگە قايتقاندا، قوش كىشىلىك كارىۋاتتا ئۆزى يالغۇز يېتىپ ناھايىتى يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىكەن. ئۇ يىگىتنى ناھايىتى سېغىنىپتۇ، ئېرىگە تېلېفون قىلىپتۇ ۋە ئۇنى ناھايىتى سېغىنغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن قايتىپ كېلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ، ئەمما يىگىت قايتىپ كەلمەستىن، ئۇنىڭغا پۇل ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.

ھەش-پەش دېگۈچە يېرىم يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. قىزنىڭ كارتىسىدىكى پۇل ئىككى مىليوندىن ئېشىپتۇ. ئۇ ئەمدى بولدى دەپ ئېرىدىن قايتىپ كېلىشنى تەلەپ قىلىپتۇ، بىراق يىگىت ئۇنىماستىن ئۇنى ئۆيدە تۇرۇپ ئوبدان كۈتۈنۈشنى تاپىلاپتۇ. قىزنىڭ ئەمدى نۇرغۇن پۇلى بار بولغان بولغاچقا، خىزمەتمۇ قىلماپتۇ، كۈن بويى بازار ئارىلاپ، تېلېۋىزور كۆرۈپ ياكى دوستلىرى بىلەن قۇرۇق پاراڭ سېلىشىپ كۈن ئۆتكۈزۈپتۇ.

بىر يىل بولاي دېگەندە، قىز ئېرىنى بەكمۇ سېغىنىپ كېتىپتۇ-دە، ئېرىغا تېلېفون قىلىپ ئۇنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولۇپتۇ، بىراق تېلېفوننى بىر قىز ئاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆڭلىدە:

ــ ئەر خەق دېگەن پۇل تاپسىلا بۇزۇلۇپ كېتىدىكەن، قارىغاندا ئۇ راستىنلا ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ،ــ دەپ ئويلاپ يىغلاپ كېتىپتۇ ۋە ئۆز-ئۆزىگە،ــ بولدى، ماڭا ئەر لازىم ئەمەس، پۇل بولسىلا بولدى،ــ دەپتۇ. ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپتۇ، ئۇ ئېرىگە چىدىماي يەنە تېلېفون قىلىپتۇ، بۇ قېتىم تېلېفوننى يىگىت ئۆزى ئاپتۇ:

ــ سىز باشقا ئەرگە تېگىڭ، بىز ئاجرىشىپ كېتەيلى.

ــ ياق!!! ــ قىز ئەسەبىيلىشىپ توۋلاپ كېتىپتۇ. بىراق يىگىت ئۆزىنىڭ يەنە بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.

ئازاپلانغان قىز نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپتۇ. بىر كۈنى ئۇ يەنە ئېرىنى سېغىنىپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپتۇ. تېلېفوننى يەنە ھېلىقى قىز ئېلىپ، ئىنتايىن مەيۇس ھالدا:

ــ سىلەر ئاجرىشىپ كېتىڭلار، نەچچە كۈندىن كېيىن ئاجرىشىش كېلىشىمى سىزگە ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ،ــ دەپتۇ-دە، تېلېفوننى قويۇۋېتىپتۇ.

بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئېرى ئۇنىڭ كارتىسىغا ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق پۇل سېلىپ بېرىپتۇ. ئۇ ھەر قېتىم ئېرىدىن نېمە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى سورىغىنىدا، ئېرى ئۇنىڭدا ئادەم بەدىنى تەتقىقاتى قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا مۇئاشىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئېيتىدىكەن، شۇڭلاشقا ئۇمۇ يەنە كوچىلاپ سورىمىغان ئىكەن.

بۇ قېتىم ئۇ زادىلا چىدىماپتۇ، ئۇ ياپونىيىگە بارىدىغان بېلەت سېتىۋالغاندىن كېيىن ئېرى تۇرۇشلۇق جاينىڭ دېرىكىنى قىلىپتۇ، چۈنكى ئېرى ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرمىگەن ئىكەن.

ئاخىرى مىڭ تەسلىكتە ئېرى تۇرۇۋاتقان جاينى ۋە تېلېفوننى ئالغان قىزنى تېپىپتۇ ھەم ئېرىنىڭ قەيەردىلىكىنى سوراپتۇ. ھېلىقى قىز بېشىنى تۆۋەن قىلغىنىچە:

ــ سىز يەنىلا كېلىپسىز-دە! مەن بىلەن يۈرۈڭ،ــ دەپ ئۇنى بىر دوختۇرخانىغا باشلاپ بېرىپتۇ. بىر يىلدەك ئايرىلىشتىن كېيىن قىز ئاخىرى زارىقىپ كۈتكەن ئېرىنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ ناھايىتى جىددىيلىشىپ كېتىپتۇ، ياتاقنىڭ ئىشىكى ئېچىلغان ئاشۇ دەقىقىدە قىز ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قاپتۇ. چۈنكى كارىۋاتتىكى ئېرىنىڭ چىرايى تاتارغان، بىر يىل ئاۋالقى جۇشقۇن ھالىتىدىن قىلچىمۇ ئەسەر قالمىغان، ئەمدىلا يىگىرمە نەچچە ياشقا كىرگەن بۇ يىگىت ھازىر قارىماققا ئوتتۇز-قىرىقلاردىن ئاشقاندەك كۆرۈنىدىغان، ئورۇقلىغىنىدىن بىر تېرە – بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئىكەن. ئۇ يۈگۈرۈپ بارغىنىچە ئېرىنى ئەسەبىيلەرچە قۇچاقلاپ، ئۇنىڭدىن زادى نېمە بولغىنىنى سوراپتۇ. يىگىت ناھايىتى تەسلىكتە كۈلۈمسىرەپ:

ــ ئەخمەق قىز، مەن سىزنى كەلمەڭ دېسەم، سىز يەنىلا كېلىپسىز. ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى،ــ دەپتۇ. قىز يىغلاپتۇ ۋە بۇرۇلۇپ ھېلىقى قىزدىن سوراپتۇ:

ــ ئۇنىڭ مەن بىلەن ئاجراشماقچى بولۇشىنىڭ سەۋەبى سىز ئۈچۈنمىدى؟ ئۇنىڭغا زادى نېمە بولدى؟

ھېلىقى قىز بېشىنى تۆۋەن قىلغىنىچە بىر ھازاغىچە گەپ قىلماپتۇ، ئاندىن ئۇ قىزغا ئۆزىنىڭ مۇشۇ دوختۇرخانىنىڭ سىستېراسى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ ئېرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ ۋە يىغلاپ كېتىپتۇ. ئاخىرىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمدى زادىلا چىدىغۇچىلىكى قالمىغانلىقىنى ئېيتىپ يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتىپتۇ. قىز ئېرىنى قۇچاقلىغىنىچە ئۇنىڭغا زادى نېمە بولغانلىقىنى سوراپتۇ. يىگىت:

ــ ئەخمەق قىز، سىز ئۇ پۇللارنى تاپشۇرۇپ ئالدىڭىزمۇ؟ خاتىرجەم بولۇڭ، ئۇ پۇللار توغرا يول بىلەن تېپىلغان. مېنىڭچە، ئۇ پۇللار سىزنىڭ ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە خەجلىشىڭىزگە يېتىدۇ،ــ دەپتۇ. قىز يىغلاپ كېتىپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن زادى نېمە بولغىنىنى قايتىلاپ سوراپتۇ، ئۇ جاۋاپ بەرمەپتۇ. ئاخىرى قىز ھېلىقى سىستېرانى ئىزدەپ ئۇنىڭدىن سوراپتۇ. سىستېرا يىغلاپ تۇرۇپ بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.

ئەسلىدە، ئۇلار يىگىت ياپونىيىگە كەلگەندىلا تونۇشقان ئىكەن، يىگىت ئىزچىل بىر دوختۇرخانىدا بىر خىل كېسەللىك ۋىروسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئىكەن، تەتقىقات ئاخىرى ھالقىلىق بىر جايغا كېلىپ توختاپ قاپتۇ، باشقىلار داۋاملاشتۇرۇشتىن قېچىپتۇ، چۈنكى ۋىروسنى ئادەم تېنىدە سىناق قىلىش زۆرۈر بولغان ئىكەن. ئەمما بۇ خىل ۋىروس ئاستا-ئاستا يۇققان ئادەمنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە تارايدىكەن، ناۋادا داۋاسى تېپىلسا ھايات قېلىشتىن ئۈمىد بار ئىكەن. ئەگەر داۋاملىق تەتقىق قىلىپ، تېنىدە سىناشقا قوشۇلسا توختام ئىمزالىنىدىكەن ھەم ئالدىنئالا بىر مىليون يۈەن خەلق پۇلى بېرىلىدىكەن. يىگىت بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ئاخىرى توختامغا قول قويۇپتۇ ھەمدە ئايالىغا كۆپ پۇل تېپىپ بېرىش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپتۇ.

قىز بۇلارنى ئاڭلاپ قاتتىق يىغلاپ كېتىپتۇ. قىز ھەمراھ بولغان ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە يىگىت ناھايىتى خۇشال ياشاپتۇ، ئەمما قىز بولسا ئۆزىنى جىنايەتچىدەك ھېس قىلىدىكەن. يىگىت ئاخىرى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپتۇ. قىز ئۇنىڭ جەسەت كۈلى قۇتىسىنى قوچاقلىغىنىچە جۇڭگوغاــ ئىلگىرى ئۆزلىرى بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىپتۇ. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە قىز ئۆزى خەجلەپ بولالمىغۇدەك دەرىجىدىكى ئاشۇ پۇللار بىلەن يالغۇز قالغان ئىكەن. قىز ئىلگىرى ئۇلار بىللە چۈشكەن سۈرەتنى قۇچاقلاپ كارىۋات يېنىدا تىزلانغىنىچە يىغلاپ كېتىپتۇ. دەل شۇ چاغدا ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلاپتۇ، ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ پوچتىكەشتىن بىر پوسۇلكىنى تاپشۇرۇۋاپتۇ. پوسۇلكىدا يىگىت مېىشتىن بۇرۇن ئۆزى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان بىر دانە كۆينەك، بىردانە بانكا كارتىسى ۋە كۆينەكنىڭ يانچۇقىدىن سىرغىپ چىقىپ قالغان بىر پارچە خەت بار ئىكەن. خەتتە مۇنداق يېزىلغان ئىكەن:

ــ خوتۇن، سىز بۇ خەتنى (ۋەسىيەتنامە دېسەم مۇۋاپىقراق بولار) تاپشۇرۇۋالغان ۋاقتىڭىزدا مەن ئاللىقاچان بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان بولىمەن. بىلمىدىم، بۇنداق قىلىشىم توغرا بولدىمۇ-يوق؟ سىزگە سىز ئېرىشمەكچى بولغان بەختنى بېرەلىدىممۇ-يوق؟ بىراق مەن بىلىمەن، سىز ماڭا قىيالمايسىز. خوتۇن، ئېسىڭىزدىمۇ؟ بىز يېڭى توي قىلغاندا مەن سىزگە سىز ئېرىشمەكچى بولغان تۇرمۇشنى بېرىشكە ماقۇل بولغان ئىدىم. مەن بىلمىدىم، بۇ توغرا بولدىمۇ-يوق؟ خوتۇن، بۇ كارتىدا ئۈچ مىليون پۇل بار، سىزنىڭ خەجىڭىزگە يېتىدۇ. سىز چوقۇم بەختلىك ياشاڭ، مەن سىز ئۈچۈن ھاياتىمنى بەدەل قىلغىنىمدىن ئۆكۈنمەيمەن، مېنى يەنە ئويلىماڭ، پەقەت ئىلگىرى بىر ئەرنىڭ سىزنى ناھايىتى بەك سۆيىدىغانلىقىنى، سىز ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىدىغانلىقىنى ئەستە تۇتسىڭىزلا كۇپايە. ئەخمەق قىز، بەختلىك بولۇڭ! مەن سىز ئېرىشمەكچى بولغان ماددىي نەرسىلەرنى تەل قىلىپ بەردىم، ئەمما سىزگە داۋاملىق سۆيگۈمنى بېرىپ تۇرالمايدىغان بولدۇم، بىراق مەن ئۇدۇنيادا تۇرۇپ سىزنى داۋاملىق قوغدايمەن، سىزنى سۆيىمەن، مەڭگۈ سۆيىمەن!

ئىلاۋە: تېمىنى ئۆزەم قويدۇم، توردا پەقەت «تەسىرلىك ھېكايە، تارقىتىڭلار» دەپ خەن تىلىدا تارقىلىپ يۈرۈپتىكەن. ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن تەرجىمە قىلىپ تارقىتىپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم. ھېكايىدىن ھېس قىلىش مۇمكىنكى، ھەممىمىز شۈكرى قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز لازىم. نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىش، تەبىئىيكى، ھەر ئىككىلا دۇنيادا ياخشى ئاقىۋەتكە باشلىمايدۇ.
ئادىلجان ئابدۇرېھىم (نىدا)
بۇ ھىكايە نىدا بىلوگىدىن ئىلىندى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
31144
يازما
399
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
399
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
93 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 12:15:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنڭمۇ بىر ئادىتىم بار بەلكىم نۇرغۇن قىزلار شۇنداق بۇلۇشى مۇمكىن ،كۆڭلۇم يېرىم بولغان چاغدا بازار چۆگلەپ نەرسە كىرەك سىتىۋالسىام بارلىق غەم قايغۇلۇرۇم تۇگەپ قايتىدىن يىپ يىڭى بۇلۇپ قالىمەن ،نەرسە كىرەك سېتىۋىلىش پىسخكامنى تەڭشەيدىغا ن ئەڭ ياخشى قورال!!

UID
50152
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2013-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 17:05:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانائەت-ئەڭ ياخشى بايلىق.

باھا سۆز

مۇھەممەتنىياز  شۇنداق توغرا دەيسىز.  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 17:49:31

UID
48085
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
32
تىزىملاتقان
2013-3-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 19:44:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسىرلىك ئىكەن !

UID
51877
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2013-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-3
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 23:10:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن تەسىرلىك ، مۇشۇنداق ۋەقەلىك رىيال تۇرمۇشىمىزدا ئۇچراپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدىن چوڭقۇر ساۋاق ئىلىشىمىز كىرەك

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش