كۆرۈش: 19012|ئىنكاس: 37

ئايالى ئۈچۈن ياتاق ئاچقۇزغان ئەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
48361
يازما
49
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2013-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-12-23
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 17:41:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ بۇ ھەيۋەتلىك مىھمانخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە سائەت 12:30بولغان ئىدى. مېھمانخانا ئالدى داڭلىق ماركىلىق ماشىنىلار بىلەن تۇشۇپ كەتكەن،ئىسىل كىيىنگەن ئەر-ئايال، يىگىت- قىزلار مېھمانخانىنىڭ ئەينەكلىك ئىشىگىدىن كىرىپ، چىقىپ يۇرەتتى.خاتا كىلىپ قالدىممۇ نىمە؟ ئۇ مېنى بۇنداق ئېسىل يەرگە باشلاپ كەلمەس. باشلىيالىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
ئۇ ئۇياق-بۇياققا قارىدى.ئەكرەم كۇرۇنمەيتتى.ئۇ كىرگەن- چىققانلارنىڭ سالاپىتى،بۇلۇپمۇ خانىملارنىڭ كىيىنىشلىرىنى كۇرۇپ ئۆزىنىڭ كىيىملىرىدىن نۇمۇس قىلغاندەك بۇلۇپ خۇدۇكسىرەپ قالدى. ئۇنىڭ خىيالىدا ئاللىبۇرۇن مودىدىن قالغان قىشلىق پەلتوسى،شارپىسى،ياغلىقى،ئۆتۇگى بۇ ئىسىل يەردە تۇرۇشقىمۇ مۇناسىپ ئەمەس ئىدى. ئۇ بىرئاز نۇمۇس قىلغاندەك بۇلۇپ قالدى.”مېنى باشقىلار بۇ يەردە كۆرسە نىمە دەپ قالار؟ ئېرىمنى ساقلاۋاتقىنىمنى بىلمىگەنلەر مېنى نىمە دەپ ئويلار.بۇ ئەكرەممۇ ھەجەپكەن،باشقا يەردە ساقلاڭ دىسىمىغۇ كاشكى.   
تۇيۇقسىز ئۇ مېھمانخانىدىن چىقىۋاتقان ئەكرەمنى كۇرۇپ يۇرىكى ئەنسىز سۇقۇپ كەتتى. ئەكرەمنىڭ مېھمانخانىدىن چىقىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.ئۇ بۇ يەردە... :?  
ئەكرەم كۇلۇمسىرىگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى-ۋە:   
-رەسمىيەت بىجىرىمەن دەپ سىزنى ساقلىتىپ قويدۇم.يۇرۇڭ ئىچىگە.  
-نىمە؟ئىچىگە؟ئىچىدە نىمە قىلىمىز؟سىز مۇشۇ ئەتراپتىكى بىر كىتاپخانىغا كىرىمىز،بالىلارغا كىتاپ ئالىمىز،دىگەن ئىدىڭىزغۇ؟
-كىتاپنىمۇ ئالىمىز.ئىچىگە كىرىپ بىجىرىدىغان ئىشىمىز چىقىپ قالدى.  
ئۇ ئەكرەمنىڭ گەپلىرىنىڭ دىگەندەك راۋان چىقمىغانلىقىنى ھىس قىلدى. كۆڭلىدە نۇرغۇن خىياللارنى قىلىپ ئۇلگۇردى.زادى نىمە ئىش بولغاندۇ؟ئۇ بۇرۇن مۇشۇ يەردىكى بىرەرسى بىلەن ئارلاشقان بولسا چاتاق چىقتىمۇ يا؟ياق.. ياق..مۇمكىن ئەمەس.ئەكرەمنىڭ بونداق خىيالى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنچىلىك يۇرىكى يوق.يەنە كىلىپ پۇلىمۇ يوق.ئۇنداق بولسا بىرەر ساۋاقدىشى كەلگەنمىدۇ يا؟ ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ئەزەلدىن بۇنداق يەرگە چۇشۇپ باققان ئەمەس.زادى نىمە ئىش بولغاندۇ؟...  
-ئەكرەم زادى نىمە ئىش بار ئىدى بۇ يەردە؟مەن بۇ كىيىملىرىم،بۇ ئەپتىم بىلەن بۇ يەرگە كىرسەم خەقلەر قوغلاپ چىقىرار مېنى؟
-خاتىرجەم بۇلۇڭ.سىزنىڭ كىيىملىرىڭىز مودىدىن قالغان بىلەن سىزنىڭ بەدىنىڭىزگە شۇنداق ياراشقان.بولمىسا ياغلىقىڭىزنى ئېلىۋېتىگە.بۇدۇر چاچلىرىڭىز سىزنى زامانىۋى قىلىۋېتىدۇ.
ئۇ ئەزەلدىن ئەكرەمنىڭ گىپىنى يىرىپ باقمىغان ئىدى.ياغلىغىنى ئېلىۋېتىۋىدى،چىرايى ۋاللىدە ئېچىلدى.ئۆزىگە ئىشەنچ پەيدا بولغاندەك سەل خاتىرجەم بۇلۇپ قالدى.ئۇلار مېھمانخانىغا كىردى. ئاجايىپ زىننەتلەنگەن زال كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى. ئېسىۋېتىلگەن ھەرخىل خىرۇستال چىراقلار كۆزنى قاماشتۇراتتى.قېتىپ تۇرغان كۈتكۇچىلەرنى كۇرۇپ ئۇ يەنە جىددىيلەشتى. پۇتلىرى كالۋالاشقىلى تۇردى-دە،ئەكرەمگە ئېسىلىۋالدى. ئۇلار لىفىتقا چىقتى.ئەكرەم 17-قەۋەتنىڭ كونۇپكىسىنى باستى.لىفىتتىن چۇشۇپ قىپ-قىزىل گېلەم سېلىنغان كارىدور بىلەن مېڭىپ 2- ياتاقنىڭ ئالدىغا كەلدى.ئەكرەم ماگىنىتلىق كارتا بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ،ئازادە قوش كارىۋاتلىق ياتاققا كىردى.ياتاقنىڭ بېزىلىشىمۇ ھەقىقەتەن ئالاھىدە ئىدى.كۈنگەي تەرەپتىكى پۇتۇن دېرىزىگە تارتىلغان ئۇ كۇرۇپ باقمىغان رەخت ۋە پۇسۇندىكى ئېغىر پەردىلەر،خىروستال چىراق،كارۋات ۋە يوتقان-كۆرپە، ياستۇقلار،يەرگە سېلىنغان ئوتقاشتەك گېلەم،ئالىي ياغاچتىن قىلىنغان ئىشكاپ- جاھازلار...ھەممىسسى ئۇ چۇشىدە ئۆز ئۆيىدە بۇلۇشنى ئارزو قىلىدىغان نەرسىلەر ئىدى.ياتاق ئىچى ئىسسىق،ھاۋاسى خۇشپۇراق بۇلۇپ كىشىگە راھەت،ھۇزۇر بىغىشلايتتى.ئۇ قۇرۇنۇپ قالغاندەك ھىس قىلدى. كۆڭلىدە نىمىگە كەلگىنىنى يەنىلا چۇشەنمەيۋاتاتتى.يەنە كىلىپ ئەكرەمنىڭ قىلچە تېنىمەي كىرىشلىرىگىمۇ ھەيران بولاتتى.  
ئەكرەم ھاياجان ئىچىدە ئۇنىڭغا كۇلۇمسىرەپ، ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن ئۆزىگە تىكىلىپ تۇراتتى.  
-ئەكرەم،بۇ يەرگە زادى نىمىگە كەلدۇق؟ئادەمنى جىددىيلەشتۇرمەي دىسىڭىزچۇ.  
-بۇ يەر كۆڭلىڭىزگە ياقتىمۇ؟بۇلامدىكەن.  
-بۇلۇشنى بولىدىكەن.لىكىن....
ئەكرەم ئۇنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ كارۋاتقا ئولتۇرغۇزدى ۋە ئۇنىڭ كۇزىگە قاراپ تۇرۇپ مەقسەتنى ئېيتماقچى بولدى:
-ئايگۈل، دىسەم ئاچچىقلانماڭ.  
-ھە،نىمە ئىش بولدى زادى؟قۇلۇمنى قۇيۇپ بىرىڭە،باشقىلار كىرىپ قالىدۇ.
-خاتىرجەم بۇلىڭا بولدى،ئىشىككە ئاۋارە قىلماڭ،دىگەن تاختاينى تاقاپ، ئىچىدىن ئىلىۋەتتىم.  
-ۋىييەي،ئەدەمنى ئەنسىرىتىپ،نىمە قىلغىنىڭىز بۇ.باشقىلار نىمە دەپ قالىدۇ بىزنى.
- ئەنسىرىمەڭا بولدى.
-تىزراق دىسىڭىزچۇ؟بىرى بىلەن چاتاق چىقىرىپ قويدىڭىزمۇيە؟
-ھا،ھا،ھا،نەدىكى خىياللارنى قىلىپ كەتتىڭىز. 
ئەكرەم ئۇنىڭ قۇلىدىن تارتىپ تامغا ئېسىقلىق ئەينەكنىڭ ئالدىغا ئاپاردى.ئەينەكتە ئىككىسىنىڭ تۇرقى كۇرۇندى.
-ئەينەككە قاراڭ،بىزنىڭ تۇرقىمىزغا قاراڭ،ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى چىرايىڭىزغا ئوبدان،سەپسېلىپ قاراڭ.  
ئايگۈل چىرايىغا قاراپ چوڭقۇر ”ئۇھ“تارتتى.
-نىمە؟مەن بەك قېرىپ كىتىپتىمەنمۇ؟  
ئۇ ئەكرەمنىڭ نىمىشقا ئەينەككە قاراتقىنىنى پەقەت”قېرىپ كەتتىڭىز، سەتلىشىپ كەتتىڭىز “دەپ ئەكەلدى دەپ ئويلىدى.
-مىنى مۇشۇنى دىگىلى بۇ يەرگە ئەكەلمىگەنسىز؟سىز بۇگۇن زادى نىمە بولدىڭىز؟گەپ قىلىڭە.   
ئەكرەممۇ چوڭقۇر”ئۇھ“تارتتى.ئايگۈلنى يىنىك قۇچاقلىدى.  
-مىنىڭ سىزنى بۇ يەرگە نىمىشقا ئەكەلگىنىمنى بەك بىلگۇڭىز بار.بۇنى بىلىمەن. گەپنى قانداق باشلاشنى بىلمەي قالدىم.دەسلەپتە نۇرغۇن گەپلەرنى كۆڭلۇمگە پۇككەن ئىدىم.نىمىشقىكىن ھازىر دىمەك تەس كىلىۋاتاتتى
ئۇنىڭ مۇھاببەتلىشىۋاتقاندا مۇشۇنداق كەيپىياتتا بولىدىغانلىغى ئىسىگە كەلگەن ئايگۈل ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىنى يېقىملىق ھىس قىلدى.ئۇنىڭ يىنىك قۇچاقلىشى، ئۆزىگە يېقىن تۇرىشى،تىنىقلىرى ھەممىنى ئونتۇلدۇرغاندەك بولدى.
-ئايگۈل،مەن نىمە دىسەم بولار....
-بولدى دەۋىرىڭ.مەندىن ئەنسىرىمەڭ.
ئەڭ دەسلەپ كوڭلىنى ئىزھار قىلغاندىمۇ ئايگۈل مۇشۇ سۆزلەرنى قىلىپ ئۇنى رىغبەتلەندۇرگەن ئىدى.ئەكرەم ئۆزىنى توختىتىپ گېپىنى دىيىشكە باشلىدى: x*:VE57,z  
-مېنىڭ سىزنى بۇ يەرگە ئەكىلىشىمدىكى مەقسىدىم سىزنىڭ نەچچە سائەت بولسىمۇ راھەتتىن بەھرىمان قىلىش.بۇگۇن ھېلىقى ئىلمىي ماقالەمنىڭ قەلەم ھەققىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.تاپشۇرۇپ ئېلىپلا نۇرغۇن، نۇرغۇن پىلانلارنى تۇزدۇم.يەنىلا خېلى بۇرۇنلا ئويلاپ قويغان پىلانىم بۇيىچە ئىش كۇرۇش قارارىغا كەلدىم.ئايگۈل،بىز توي قىلغاندىن كىيىن،ئاتا-ئانام ياشانغان بولغاچقا بىر ھويلىدا ياشىدۇق.سىز بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىپ،بىر تەرەپتىن ئاتا-ئانامنى باقتىڭىز،مىنى كۇتتىڭىز.دادام كېسەل ئازاۋىدا قالغاندا ئۆز دادىڭىزدىنمۇ چارە كۇرۇپ بېقىپ ئۇنى رازى قىلدىڭىز.ئۇ سىزدىن،بىزدىن رازى بۇلۇپ كۆز يۇمدى.كىيىن بالىمىز تۇغۇلدى،ئىككى بولدى.قەرز ئۈستىگە قەرز بۇلۇپ ئۆي سېتىۋالدۇق.ئۆيدە ياشانغان ئانامنى،ئىككى بالىنى بېقىش،خىزمەت قىلىش بىلەن ئالداراپ بىركۈنمۇ راھەت كۇرۇپ باقمىدىڭىز.ئانامنىڭ تەرىتى ئورنىدا بولغاچقا كېچىللىرى ئانام بىلەن بىرگە ياتتىڭىز، ھەتتا ”سىز ئەر كىشى، ئانىڭىز بەزى ئىشلاردا قۇرۇنۇپ قالىدۇ“دەپ بىر كۈنمۇ مېنى جاپا تارتقۇزمىدىڭىز.سىز نۇرغۇن ئوغۇل ساۋاقداشلار كۆز تىككەن بىر گۈل ئىدىڭىز.لىكىن مېنى تاللاپ،مەن بىلەن ئۆي تۇتۇپ قىلچىلىك راھەت كۇرۇپ باقمىدىڭىز.مانا ئەينەكتە كۇرۇپ تۇرۇپتىمىز. سىزنىڭ شۇ چاغلاردىكى گۈلدەك چىرايىڭىز بۇرۇنقىدىن سۇلاشتى.قۇرۇق چۇشۇشكە باشلىدى،چاچلىرىڭىزدىمۇ ئاق پەيدا بوپتۇ. پەقەت چىدىمىدىم. سىزنى پۇتۇن ۋۇجۇدۇم بىلەن خوش قىلىشنى ئويلىدىم.لىكىن قۇلىمىزنىڭ قىسقىلىقى،خىزمىتىمىزنىڭ ئالدىراشلىقى، ئۆي، بالا، ئانىمىزنىڭ غېمى بىلەن تىنماي پالاقشىپ مۇشۇ كۈنگە كەلدۇق.بۇگۇن مۇشۇ چۇشتىن كىيىنكى ۋاقىتنى پۇرسەت بىلىپ سىزگە ياتاق ئاچتۇردۇم.كەچتە يەنە قايتىپ ئانىمىزغا قارىمىساق بولمايدۇ،تاماق ئەتمىسەك،بالىلارنىڭ تاپشۇرىقىغا يېتەكچىلىك قىلمىساق،ئۆي ئىشلىرىنى قىلمىساق بولمايدۇ.مۇشۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ مۇشۇ ئىسسىق ياتاقتا نەچچە سائەت بولسىمۇ ھەممىنى ئۈنتۇپ،خاتىرجەم ئارام ئېلىۋېلىڭ. ئىسسىق مۇنچىغا چۇشۇڭ،سىزگە ئىچ كىيىممۇ ئېلىپ كەلدىم.ئاندىن بىرئاز ئۇخلىۋېلىڭ.
ئايگۈل ئەكرەمنىڭ گەپلىرىگە چىداپ بولالماي ئەكرەمگە ئېسىلىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. ئەكرەمنىڭمۇ كۆزلىرىمۇ قىزاردى.ئايگۈلنى مەھكەم قۇچاقلىدى. دىمىسىمۇ ئايگۈل نىمە كۈنلەرنى كۆرمىدى؟ھازىر تۇرمۇش پاراۋان،ئىككىسىنىڭ مۇئاشى بار دىگەن بىلەن ئەشۇ ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى بولغان مۇئاشنى دەپ نىمە جاپالارنى كۆرمىدى؟قەرز تۆلەيمىز،بىر ئۆينى چۇگىلىتىمىز دەپ ھېلى خىزمەتكە قاتىراپ،يەنە پالاقشىپ دادا،ئانىنى بېقىش،بالىلىق بولغاندا بالا،ئاتا-ئانا،ئەرنى بېقىش، كۈتۈش،ھە دىسە دوختۇرخانىغا يۇگۇرۇش،ئەل قاتارى بولىمىز دەپ ئاينى-ئايغا ئۇلاش ئۈچۈن تىرمىشىش،باشقا خىزمەتداشلىرى ئىسىل كىيىنىپ،ئىسىل گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ، ئىسىل ماشىنىلارنى ھەيدەپ،ئىسىل يەپ-ئىچىپ يۇرۇپ ئۆزىنى كۆزگە ئىلمىغاندەك قاراشلىرىغا چىداش،بالىلىرى باشقىلارنىڭ بالىلىرى كەيگەننى،يىگەننى،ئوينىغانلارنى ئالغىسى كەلسە، ئۇلارنى تۇرلۇك چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئالداش....ھەممىسسى، ھەممىسسى ئاسانمۇ؟ لىكىن ئايگۈل چىدىدى. ھەممىگە چىدىدى. ئەكرەمنىڭ تەڭ كۇيۇپ-پىشقىنى ئۈچۈن چىدىدى،ئەكرەمنىڭ مۇھاببىتى ئۈچۈن چىدىدى،ياخشى كۈنلەر ھامان كېلىدىغانلىغىغا ئىشەنگەنلىگى ئۈچۈن چىدىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا قېيدىغاندا، ئەكرەمنىڭ ئاتا-ئانىسى كېسەل ئازاۋىدا ئۇنى تىللاپ سالغانلاردا،بالىلىرى قەغىشلىك قىلغاندا،ئىدارىدىكى باشلىق، خىزمەتداشلار بىر كۆزدە قارىغاندا، نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاندا باھا تالىشىپ سېتىقچىلار”پىىسىق خۇتۇن“دەپ مازاق قىلغاندا...چىدىدى.ئەكرەم بىلەن توي قىلىپ ھەقىقى شىرىن ئاينى ئۆتكۇزەلمىگەندە،ئەكرەم بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشلارغا بارالمىغاندا،ئەكرەم بىلەن گۈزەل كېچىلەرنى بىرگە ئۆتكۇزەلمىگەندە چىدىدى.ئۇ قېنىپ ئۇخلىمىغىلى، تۇزۇكرەك تېلىۋىزۇر كۇرۇپ باقلىغىلى،چاي ئويناپ باقمىغىلى نى جاھان بولدى. لىكىن يەنىلا چىدىدى.چۇنكى ئۇ ئۇمىدۋار،ئۇنىڭغا ئەكرەمنىڭ مۇھاببىتى ھەمرا. چارچىغاندا ئەكرەمنىڭ بىر ئىغىز ”چارچىدىڭىز“دىگەن سۆزلىرى بولغاچقا،ئەكرەمنى سېغىنغاندا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولالمىسىمۇ،لىكىن تۇرمۇشتىكى ئوتلۇق قاراشلىرى، گەپ ئارىسىدا چاخچاق ئارىلاش بولسىمۇ مۇھاببەتلىك سۆزلەرنى قىلىشلىرى،بەزى ئۆي ئىشلىرىغا يادەملىشىشلىرى بولغاچقا،بالىلىرىنىڭ تاتلىق قىلىقلىرى،چۇچۇك گەپلىرى بولغاچقا ئۇ چىدىدى.ھەئە،ئۇ ھەممىگە،ھەممىگە چىدىدى.مانا بۇگۇن ئەكرەم ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ، يۇقارقى گەپلەرنى قىلىپ،ئۆن نەچچە يىللىق جاپالىرىنى بىراقلا ئونتۇلدۇردى.بۇمۇ بەخىت ئەمەسمۇ؟
ئۇ يىغىدىن توختايدىغاندەك ئەمەس.ئەكرەم ئۇنى بىردەم يىغلىۋالسۇن،دەپ ئۇيلىدى.بۇ يىغىغا ھەممە نەرسە يۇشۇرۇنغان.ھەممە نەرسە سىڭگەن.ئۇ ئەمدى ھۇزۇرلۇنۇپ مۇنچىغا چۇشىدۇ، يەنە...يەنە...يۇمشاق كارۋاتتا نەچچە سائەت بولسىمۇ خاتىرجەم ئۇخلايدۇ. ئۇنىڭ يېنىدا ئۇ سۆيگەن،ئۇنى سۆيگەن ئۆمۇرلۇك ھەمراھى قاراۋۇل.  
ئۇلار مېھمانخانىدىن چىققاندا كەچلىك ئىشتىن چۇشىدىغان ۋاقىت بولغان ئىدى

UID
44014
يازما
449
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
449
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-30
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 23:20:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىدىگەن تەسىرلىك ئەسەر بۇ؟يىگىتنىڭ سۆزىدىن تەسىرلىنىپ يىغلاپ سالايلا دىدىم
بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالغان ئاللاھتىن ئۆمۈرلۈك بەخىت تىلەيمەن،،گەرچە بۇ ھېكايە راست بولسۇن ياكى توقۇلما بولسۇن..

ئىنسان ھامان ئۆزىنى ئۆزىدىنمۇ ياخشىراق چۈشىنىدىغان ۋە ئۆزىدىنمۇ بەكرەك سۆيىدىغان بىر ھەمراھقا مۇھتاج...مەنمۇ 20ياشقا كىردىم،،گەرچە مەن ھېكايىدىكى ئەكرەمدەك بولالمىساممۇ ئايگۈلدەك ئاخكۆڭۈل بىر قىزغا ئىرىشىشنى شۇنداق ئارزۇ قىلىمەن،،ئاپتۇرغا كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن..

UID
49317
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2013-4-18
ئاخىرقى قېتىم
2014-5-15
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 00:55:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ... خۇددى ئۆزۈمنىڭ ھازىرىقى تۇرمۇشۇمغا ئازراق ئوخشاش ھالەتلەرنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدىم...خۇداغا شۇكرى ...مىنىڭمۇ، ئايالمنىڭمۇ ھەر ئىككىمىزنىڭ خزمىتى بولمىسىمۇ ... جاپادا قالساقمۇ ...لىكىن ئائىلەم بەك كۆڭۈللۈك ...ئوماق قىزىم يەسلىدە ....يەسلىدە ھەممە ئوققۇتقۇچلار قىزىمغا باشقىچە ئامراق...شۇڭىمۇ ئۆزۈمنى ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى خىلى كۆپلىگەن  كىشىلەردىن بەخىتلىك ھىساپلايمەن...خۇداغا مىڭ شۇكرى

UID
51783
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2013-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 04:42:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىدىگەن تەسىرلىك ئەسەر بۇ؟يىگىتنىڭ سۆزىدىن تەسىرلىنىپ يىغلاپ سالايلا دىدىم

UID
18315
يازما
112
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
143
تىزىملاتقان
2011-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2014-6-29
توردا
71 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 12:17:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۆگىنىپ قىز دوستۇمنى چۇقۇم بەخىتلىك قىلىمەن !!

UID
51787
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 13:00:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ.

UID
2730
يازما
334
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
7960
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-18
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 18:16:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
يېقىننىڭ ياقى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەسىرلىك ھىكايىلەرنى كۆرسەملا مىكرو كىنو قىلىپ ئىشلىسە دىگەندەك ئۈمۈدتە بولىمەن ،،، ھەم كۆز ئالدىمدىن مىكرو كىنودەك ئۆتۈدۇ ،،،،

UID
51809
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 18:31:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ.

UID
49516
يازما
51
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
51
تىزىملاتقان
2013-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-30
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 20:16:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باھا سۆز

jasurogul  ياخشى يېزىلىپتۇ  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 20:21:24

UID
6054
يازما
326
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7440
تىزىملاتقان
2010-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2014-6-12
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 20:49:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نىمە دىيىشنى بىلمەي قالدىم، ئادەتتە بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ئۆزى سېتىۋالالمايدىغان كىيىملەرنى سىناپ بېقىش مەخسىدىدە بىردەملىك كىيىۋالغاندەكلا بىر ئىشقۇ بۇ ئەممازە بۇ ئەر ئايالىنىڭ تارتقان جاپا-مۇشاقەتلىرىنى چۇشۇندىكەن !ئاشۇ ياتاقنى ئاشقۇزۇشقا كەتكەن پۇلغا بىرەر تور ئىسىل كىيىم،بىرەر ۋاقلىق ئىسىل تائام كەلتۇرۇپ   ياتاقتا دىگەن گەپلىرىنى ئۆيىدىلا دىگەن بولسىمۇ ئايالى خوش بولاتتى! ئاياللار ئەرلىرىنىڭ چۇشۇنىشىگە ،،كۆيىنىشىگە ،غەمخورلىغىغا ،ئاسرىشىغا ھەر دايىم   مۇھتاج!ئاياللار ئاشۇنداق سەمىمى سۆزلەر بىلەن بارلىق دەرت ئەلەملىرىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ ھەم ھەممىنى كەچۇرۋېتەلەيدۇ،ئەممازە ئايالىڭلارنىڭ ماددى ۋە مەنەۋى جەھەتتىكى بارلىق ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشقا تىرشىڭلار ئەرلەر......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش