كۆرۈش: 4703|ئىنكاس: 24

مىليون يۈئەنلىك ئىپپەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
48361
يازما
34
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2013-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 17:32:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                                                                                         
                                                                                    
                                                                                  ھېكايە
                                                                              
                    نازىگۇل  سەنئەت ئىنىستوتىنىڭ مەكتەپ گۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇنداق قاملاشقان ،چىراي دىسە چىراي، ئەخلاق دىسە ئاخلاقلىق، تىرىشچانلىقى ۋە تەبئىي تالانتى بىلەن مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۇتتۇرۇپ بىر چوڭ ئىلان شىركىتنىڭ مودىللىقى خىزمىتى قولغا كەلتۇردى، ئۇنىڭ ئايلىق كىرىمىمۇ خىلى كۆپ بولۇپ قىسقىغىنە ئىككى يىل ئىچىدە يۇقىرى ئىستىمال قاينىمغا چۆككەن بۇ شەھەرنىڭ يۇقىرى قەۋەتلىك تۇرالغۇسىدىن بىر يۇرۇش ئۆي سىتىۋىلىپ كۆڭۇلدىكىدەك بىزىۋالغاندى. ئۇنىڭ خىزمەتتىكى ئۇتۇقىغا ئۆزنىڭ گۇزەل چىرايى ۋە تىرىشچانلىقى قوشۇلۇپ خىلى چوڭ –چوڭ شىركەتلەر ئۇنى مودىللىققا تەكلىپ قىلىدى، ئۇنىڭ بۇ جەرياندا تەلىيى ئوڭدىن كىلىپ بىر قىتملىق ئىلانغا چىقىش باھاسىمۇ دەسلەپكى ئون مىڭ يۇەندىن يىگىرمىڭغا ،ئوتتۇز مىڭغا ھەتتا 50مىڭغا چىقىتى. بۇ بەخىت ئۇنىڭ تىخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ تىخىمۇ زور بولغان ئۇتۇقلانى قولغا كەلتۇرۇش ئارزۇسىنى تىزلەشتۇرۋەتتى، ئۇ بۇ جەرياندا نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىردىكى باشلىقلىرى بىلەن خىلى ياخىش تونۇشۇپ، ئىجىتمائى مۇناسىۋىتنىمۇ خىلىلا قويۇقلاشتۇرۋالغاندى.
نازىگۇل ئالى مەكتەپ ھاياتىدا پۇتۇن زىھنىنى ئوقۇشقا، كەسىپكە بىغىشلىغاچقا، ئوغۇل دوسىت تۇتۇشنى ئويلاپمۇ باقمىغاندى،ئوقۇش جەريانىدا ئۇنىڭ  كۇلسە ئاپتاپتەك ئىچىلىدىغان چىرايى، خۇشخۇيلۇلىقى، كىچىك پىللىقى، ئەخلاقلىقىنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر يىگىتنىڭ ئۇنىڭغا يىقىنلاشقۇسى، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقۇسى، دوسىت بولغۇسى كىلەتتى. جۇملىدىن ئۇنىڭ بىلەن بىر مەھەلىدە كىچىكىدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان باھادىرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسىنا ئەمەس ئىدى.باھادىر نازىگۇلدىن ئىككى ياش چوڭ بولۇپ  تەققى- تۇرقى قاملاشقا ،ئوتتۇرا بوي ، ئۇمۇ ئالى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۇتتۇرۇپلا ھەربىلىككە  تىزىملىتىپ  مەلۇم چىگىرا مۇداپىيە ئوتتۇرا ئەتىرتىنىڭ كىچىك ئەتىرەت باشلىقى بولدى، ئۇ بۇ جەرياندا نازىگۇل بىلەن دائىم خەت ئالاقە،تەرەققى قىلىپ تېلېفۇن ئالاقىسىغا ھازىر بولسا كۆرۇشۇپ بىرگە تاماق يىيشىدىغان دەرجىگە يەتتى ، لىكىن  باھادىر ئۇنىڭغا يۇشۇرۇن ئاشىقلىقىنى بىلىدۇرمەي ئۆتمەكتە ئىدى .
باھادىرنىڭ بۇگۇن كەيپىياتى بىلەكچە ياخشى ئىدى، چۇنكى ئەتكى تۇغۇلغان كۇندە نازىگۇل بىلەن بىرگە تاماق يىيشنى دىيشكەنتى، باھادىر ئوتتۇرا ئەتىرەت باشلىغىدىن ئەتە بىر كۇنلۇك روخسەت سورىدى، ئەتىرەت باشلىغىمۇ باھادىرغا ئامىراق ھەم نازىگۇل بىلەن كۆرۇشىدىغانلىقىنى بىلگەچكە روخسەت بەردى، ھەم:
-يىگىت بۇ قىتىم ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان ياخشى پۇرسەتكەن، قولدىن بەرمە، مىنىڭ ئەتىرتىمدىكلەرنىڭ مەغلۇبىيەتچى بولۇشنى ياخشى كۆرمەيمۇ جۇمۇ! ،دىدى.
باھادىر شۇ ۋاقىتتىكى ھىسياتنى يوشۇرالماي خۇشال ھالدا چاخچاق ئارلاش چاس بىرىپ:
-    خوپ باشلىق بۇ قىتىمقى ۋەزىپىنى  بارلىغىم بىلەن ئورۇندايمەن.دىدىدە كىچىك باللارچە تاقىلاپ ئىشخاندىن چىقىپ كەتتى.
تۇموز ئايلىرنىڭ ئوتتۇرى بولغان بۇگۇن ھاۋا بىلەكچىلا ئوچۇق بولۇپ، قۇياش نۇرى ئۆز نۇرىنى كائىناتقا سىخىلىق بىلەن چاچماقتا ئىدى.باھادىر ئەتىرەتتە ئەتتىگەنلىك ناشتا قىلىپ بولغاندىن كىيىن  يۇرتتىكى ئاتا-ئانا ئۇرۇق تۇققانلىرغا بىر قۇردىن تېلېفۇن قىلۋەتكەندىن كىيىن كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ راۋىرۇس ياسانغاندىن كىيىن تام سائىتىگە قارىۋىتىپ تاكسى توسۇپ تۇنۇگۇن نازىگۇل بىلەن دىيىشىپ قويغان ئۆسۇملۇك باغىچسىنىڭ ئالدىغا يۇرۇپ كەتتى.
   باھادىر يىراقتىنلا نازىگۇلىنىڭ سىماسىنى كۆرۇپ جىدديىلەشكى تۇرۇدى، چۇنكى بۇگۇن ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۇن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ نازىگۇلگە ئۆز كۆڭلىنى بىلدۇرمەكچى ئىدى.ئۇ ماشىندىن چۇشۇپ،نازىگۇل تەرەپكە يول ئالدى، نازىگۇل باھادىرنى كۆرۇپلا ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن ئۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى، بۇگۇن نازىگۇلىنىڭ كۇلكىسى ئۇنىڭغا قۇياش نۇرىدىنمۇ ئىللىق تۇيۇلۇپ كەتتى. ئۇلار كۇلۇشۇپ سالاملاشقاندىن كىيىن نازىگۇل بىر بولاقىنى چىقىرىپ چاخچاق ئارلاش :
-قىرى يىگىت  60 ياشقا كىرگىنىڭزنى تەبىركلەيمەن، بۇ مىنىڭ سوۋغام يوغان كۆرمەي قوبۇل قىلىڭ .دىدى.باھادىرمۇ بۇ كەلگەن پاسقا تىزلا جاۋاب قايتۇرۇپ:
- ئىككىمىزنىڭ يىشىغۇ بۇ، ئۇنداقتا بىرگە بولسۇن .دەپ بولاقىنى ئاچىتى، بۇلاقتا شىۋىتسارىينىڭ ‹‹رادو››ماركىلىق سائىتى بار ئىدى، باھادىرنىڭ  شۇنچە كۆپ تۇغۇلغان كۇنلىرنىڭ ھەممىسىدىكى سوۋغاتلارنى قوشسىمۇ بۇ سائەتنىڭ قىممىتىگە تەڭ كەلمەيتتى، بۇ مەيلى كۆڭۇل جەھەتتىن ياكى باھا جەھەتتىن بولسۇن ھەقىقەتەن قىممەتلىك سوۋغا بولغان ئىدى.ئۇلار ئۆز ئارا پاراڭلاشقاچ باغچىغا كىرشتى، بىرلىكتە ئايلىنىشتى، ئۇلار كىچىك ۋاقىتتىن تارتىپ چوڭ بولغۇچە بولغان ئارلىقتىكى  ئىشلارنى، خىزمەت قاتارلىق چوڭ كىچىك ئىشلارنى پاراڭ قىلىپ باغچىنىڭ يىرىمىنى دىگۇدەك ئايلىنىپ بولغىننى سەزمەيلا قلىىشتى، ئۇلار بىر ئاز ھاردۇق چىقارغاچ سوغۇق ئىچىملىك ئىچىش ئۈچۈن بىر كىچىك بوتكىنىڭ ئالدىغا بىرىشتى ۋە ئىككەيلەن بىردىن ئىچىملىك تاللاپ باھادىر پورتىمالغا قول ئۇزاتتى، نازىگۇل شۇئان:
-بۇگۇن بارلىق چىقىمنى مەن قىلىمەن، سىزنىڭ يانجۇق ئاقتۇرشىڭىزغا روخسەت يوق.دىدى  چاخچاق ئارلاش كەسكىن ھالدا .باھاردىرمۇ تىكلىشىپ:
- بۇ قانداق بولىدۇ،مەن ئەزەلدىن قىز زاتىغا پۇل خەجلىتىپ باقمىغان،سىزنى پۇل خەجلەتسەم بۇ ماڭا سەت ئەمەسمۇ.دىيشىگە نازىگۇل:
-دىمەك سىزگە پۇل خەيلەيدىغان قىزلار كۆپكەندە؟دىدى بىرخىل بۇتناش ئارلاش تەلەپپۇزدا.
-    ئاپلا نەدىكىنى دەيسىز، نەدىكى قىزلار ئۇ مەن سىزدىن باشقا قىزلارنىمۇ تونومايمەن جۇمۇ.
-    ئىشەنمەيمەن، سىزنىڭ بۇنداق سالاپەتلىك تۇرىقىڭىز،يىقملىق مىجەزىڭىز، ھازىرقى ئورنىڭىزدىن قايسى قىزچاق كۆز سالمىسۇن سىزگە.
مۇشۇ بانىدا بۇ ئىككەيلەننىڭ قىز يىگىت مۇناسىتى تۇرۇغلۇق پارىڭى تەبىيلا باشلىنىپ كەتتى، باھادىر بۇ پۇرسەتنىڭ ئۆزى ئويلىغاندىن  ئاسان كەلگىنىدىن خۇشال بولۇپ شۇ ئانلا:
-ئۇنداق سىزچۇ؟ نازىقىز؟ دىيەلىدى .
نازىگۇل خىجىلقتىن قىززىرىپ ،ئارانلا:
- ماڭا نۆۋەت كىلەمتى دىيەلىدى.باھادىر ئاندىن ئۆزى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۇپ يۇرگەن بۇ قىزنىڭمۇ ئۆزگە مەيلى بارلىقىنى ھىس قىلدى ھەم:
-ناۋادا سىز خالىسىڭىزلا،ئۆچىرەتنىڭ ئالدى سىزنىڭ جۇمۇ؟دىدى كۆلۇپ تۇرۇپ.
-نىمە يەنە كەينىمدە قىزلار بارمۇ تىخى ، ھۇ ئەسكى خەپ سىزنى دەپ ئىچىملىك پوتۇلكىسىنى كۆتۇرۇپ باھادىرنى قوغلىدى، باھادىر نازىگلىنىڭ ئالدىغا كىرىپ قاچىتى، ئۇلار خىلى ئۇزۇن قوغلاشقاندىن كىيىن باھادىر قىزغا قەستەن تۇتۇق بىرىش ئۇچۇن توختىشىغا نازىگۇل ئۆزنى تۇختىتالماي باھادىرنىڭ باغىرىغىلا ئۇسىتى، ئىككەيلەن يۇزى قىزارغان ھالدا ئۆزلىرنى ئوڭشاپ،بىر ھازا گەپ قىلشماي يەرگە قارىشىپ تۇرۇشتى، بۇ جىمجىتلىقتا ئىككەيلەننىڭ مۇھەببەت ساداسى يۇرەك رىتىمىنىڭ تىزلىشىشى ۋە نەپەسلىرنىڭ چوڭ –چوڭ ئىلىنشىدىنلا ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.بۇ جىمجىتلىقىنى باھادىر بۇزدى:
-قوساقمۇ ئاچقاندۇ، يۇرۇڭ تاماق يەپ كىلەيلى. بۇ گەپ نازىگۇلگمۇ تازا ياقتى. شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن شەھەردىكى ئەڭ ياخشى تاماقخانغا يۇرۇپ كەتتى .
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككەيلەن ئۆز ئارا يوشۇرۇن ياخشى كۆرۇشتىن،قىزغىن مۇھەببەتلىشىش قاينىمغا قەدەم قويدى. ئۇلار ھەپتىدە بىر كۆرىشەتتى، قالغان ۋاقىتلاردا بولسا تېلېفۇندا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلق ئۆز ئارا سىغىنىشىنى يەتكۇزۇشۇپ بىر ھەپتىنى ئاران توشقۇزاتتى.كۇنلەر شۇنداق ئۆتۇپ ئارىدىن ئىككى –ئۇچ ئايلارچە ئۆتتى.بىر كۇنى نازىگۇل باھادىرغا تېلېفۇن قىلىپ:
- ئەتە مەن بىر چوڭ كىيىم-كىچەك كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىمەن، كىلىپ ئۆيۇنىمنى كۆرەلەمسىز.مەن سىزگە بىر قانچە بىلەت تەييارلاپ قويدۇم،دىدى.باھادىر:
-سىزنىڭ بۇ پۇرسەتنى كۆتىۋاتقىنىڭىزغا ئۇزۇن بولغان، ئاخىرى قاتنىشىدىغان بوپسىزدە،خاتىرجەم بولۇپ،ئاسمان ئۆرۇلۇپ چۇشسىمۇ بارىمەن.دەپ ۋەدىلىشپ تېلېفۇننى قويدى.
باھادىر ئوتتۇرا ئەتىرەت باشلىقىنىڭ قىشىغا كىردى،دە:
-باشلىق، باشلىق نازىگۇل ھىلىقى كۆرگەزمىگە قاتناشقۇدەك، مەن ئەتە كەچتە باراي دىگەن بىللە بارامدۇق.
-بولدى،باھادىر،مەن بىر ئىش بىلەن بارالمايمەن، سەن ئەتىرەتتن ئىككەيلەننى ئىلىپ بارغىن،مەن ئۇلارغا روخسەت بىرەي، بىرىپ نازىگۇلگە تازا مەدەت بىرىڭلار.دىدى.باھادىر خۇشال ھالدا:
- باشلىق رەھمەت سىزگە،سىزگە قانداق رەھمەت ئىيتىشمنى بىلەمدىم.
-ۋاي سەن نازىگۇل بىلەن مۇھەببەتلىشىپلا ھەجەپ تۇزۇت قىلىشنى ئۇگۇنۇپ كىتىپسەنغۇ، ماڭ بىرىپ تەييارلىق قىل،رەھمىتىڭىنى تويۇڭدا دەرسەن.
باھادىر چىقىپ ئەتىرەتتىكى يىقىنلىرىدىن ئىككى ئەسكەرگە ئەتە ئۇلارنى كۆرگەزمىگە ئىلىپ بارىدىغانلىقىنى دەپ ئۇلارنى بىر خوش قىلۋەتكەندىن كىيىن ياتىقىغا كىرىپ،نازىگۇلگە ئۇچۇر قىلدى.  

           ‹مەن ئەتە ئىككى سەبدىشىمنى ئىلىپ بارىمەن،ياخشى تەييارلىق قىلىڭ،سىزنى سىغىندىم›.......................
ئەتىسى باھادىر ئۈچەيلەن تاكسى بىلەن بىلەتتكى ئادېرس بويىچە شەھەردىكى ئەڭ كاتتا مىھمانساراينىڭ ئالدىدا توختىدى، كۆرگەزمە بىنانىڭ ئەڭ ئۇستىدىكى   قەۋەتتە بولۇپ ئۇلار لىفىت بىلەن چىقىپ كۆرگەزمە ئىلىپ بىرىلدىغان زالغا كىردى، زال شۇنداق ياسىداق بولۇپ رەڭدار چىراقلار كۆزلەرنى قاماشتۇراتتى، زالغا  شەھەردىكى كاتتا ئەربابلار، داڭلىق كارخانا خوجاينلىرى،سەنئەت ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسىلەر  ئاساسەن يىغىلغاندى.ئۇلار بۇنداق كاتتا سورۇنغا قاتناشقىنىغا شۇنداق خۇشال بولۇشتى. بىرگە كەلگەنلەردىن بىرى :
- باھادىر سىنىڭ باھانەڭ بىلەن بۇنداق كاتتا سورۇننى كۆرۇشكە مۇيەسسەر بوپتۇق،تەلىيمىز باركەن جۇمۇ،ھەقىقەتەن تەلەيلىككەنسەن،كۆرگەزمە ئاياقلاشقاندىن نازىگۇلنى چاقىرىپ بىرگە تاماققا بارايلى، مەن مىھمان قىلاي ھە !
-ۋاي ساڭا ئاشامتى مىھمان قىلىش بۇگۇن باھاردىر كەچلىك تاماقىنى ئاللىقاچان تەييارلىق قىپ بولدى دەيمەن...
ئۇلار شۇ پاراڭلارنى قىلىشقاچ ئورۇن ئىلىپ ئولتۇرۇشتى، بىردەمدىن كىيىن رىياسەتچى گولدۇراس مۇزىكا ساداسى ئىچىدە بۇ قىتىمقى كىيىم-كىچەك كۆرگەزمىسنىڭ باشلانغانلىقىنى تەنتەنە بىلەن جاكارلىدى، مۇزىكىغا ئەگىشىپ مودىللار ئۆزنىڭ تالانتىغا يارىشملىق كىيىم-كچەكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ سەھنىنى بىر ئالدى.باھادىر نازگۇلنى كۆرۇپ ھاياجانلاندى ۋە ئىككەيلەنگە :
-قاراڭلار نازىگۇل سەھنىگە چىقتى.دىدى .
-قىنى،قىنى ئىككەيلەن تەڭلا بويۇن سوزۇشتى ۋە:
-ئاشۇ شۇما، ۋاي......گىرىم ۋە  كىيىم ھەجەپ يارىشىپتۇ.ھەي باھادىر تەلىيىڭ بار جۇمۇ دىيىشىتى.باھادىر بۇ تۇرقىدا ھەم ھاياجانلاندى ھەم سەل ئويلىنىپ قالدى، ھاياجانلىنىشىدا شۇنداق گۇزەل قىزنىڭ (گەرچە ئۆزىمۇ شۇنداق قاملاشقان بولسىمۇ)ئۆزنىڭ قىز دوستى يەنى ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى بويىچە ئايالى بولىدىغانلىقى يەنە بىر ئويلانغىنى بولسا تويدىن كىيىن نازىگۇلنىڭ خىزمىتنى قانداق قىلىش توغىرسىدا ئىدى. ئۇلار بۇ توغىرلۇق بىر قانچە قىتىم گەپ تالاشقان بولسىمۇ بىرلىككە كىلەلمەي قالغان ئىدى. باھادىر نازىگۇلنى باشقا خىزمەت تىېپىپ ئىشلەشنى دىسە،نازىگۇل ئۆزنىڭ بۇ كەسىپكە شۇنداق ئىشتىياق باغلايدىغانلىقىنى چوڭ –چوڭ ئۇتۇقلارنى قازانماي تۇرۇپ چىكىنمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئىدى. تۇيۇقسىز ياندىكى بىرىنىڭ :
باھادىر قارا!!! بۇ كىيىم تىخىمۇ يارىشىپ كىتىپتۇ، دىيىشى بىلەن خىيالدىن قايتتى.
دىمىسىمۇ بۇ قىتىم كىيىپ چىققان كىيىم ئالدىنقىدىمۇ ياراشقان بولۇپ خۇددى نازىگۇلگە ئاتاپ  لايھىلەنگەندەكلا ئىدى. نازىگۇل بۇ قىتىم سەھىنى ئايلىنىپ دەل باھادىرنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۇنىڭغا  قايرىلىپ تاتلىق بىرنى كۇلۋىتىپ ئۆتۇپ كەتتى .بۇ باھادىرنى بايقى خىياللاردىن ئۇزۇپ ئىلىپ تاتلىق بىر سىزمغاقاينىمىغا پاتۇرۇپلا  قويدى.
مۇشۇ پەيىت مۇشۇ دەقىقىدە،سەھىنىنىڭ ئىككىنجى قەۋىتىدىكى بىر ئەرنىڭ يۇركى قاتتىق پىچىلدى ۋە نازىگۇلگە غەزىپى كەلسە باھادىرغا قاتتىق ھەسەت قىلىدى. ئۇ ئىغىر ئۇھ....تارتىپ خەپ !!!! لا دىيەلىدى ئىچىدە.....  
        بۇ ئەرنىڭ ئىسمى فىرقەت بولۇپ، شەھەردىكى ئەڭ ياش،  داڭلىق باي ، كارخانچى ئىدى.ئۇ بۇ قىتىمقى كۆرگەزمىنىڭ ئاساسلىق ئۇيۇشتۇرغۇچىلىردىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇپلا دادىسىنىڭ ئىگىلكىگە ۋارىسلىق قىلىپ،شەھەردىكى بارماقتا سانىغىدەك بايۋەتچىلەردىن بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ نازىگۇلنى دەسلەپ كۆرگەندىلا ئاشىق بوپ قالغان بولۇپ ئۇنىڭغا داۋاملىق يىقىنچىلىق قىلىپ،كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ، گۇللەرنى سوۋغا قىلىپ،تاماقلارغا تەكلىپ قىلىپ تۇراتتى.لىكىن نازىگۇل ئۇنى چىرايلىقچە رەت قىلىغاندى.گەرچە بىر قانچە قىتىم رات قىلىشقا ئۇچىرغان بولسىمۇ ئۇ يەنلا نازىگۇلنى قوغلاشنى قولدىن بەرمىدى. بۇ قىتىمقى كۆرگەزمىگىمۇ ئەسلى نازىگۈلنىڭ سالاھىتى توشمايتتى،لىكىن فىرقەت ئۆز كۈچىدىن پايدىلىنىپ نازىگۇلنى قىتىۋالدى،ئۇ بۇ قىتىم بۇ ئارقىلىق نازىگۇلنى ئۆزنى رەت قىلغانغا پۇشايمان قىلغۇزۋىتىش پىلانىنى تۇزۇپمۇ بولغاندى.بۇ ئىشلاردىن نازىگۇل قىلچە خەۋەرسىز بولۇپ ئۇ بۇ قىتىمقى كۆرگەزمىگە ئۆزنىڭ تالانتى ۋە كۈچىگە تايىنىپ قاتناشتىم دەپلا ئويلاپ يۇرەتتى.
  كۆرگەزمىنىڭ ئاخىرقى مەيدانىدا فىرقەتنىڭ ۋاستىچىسى گىرىم قىلۋاتقان نازىگۇلنىڭ قىشىغا كىلىپ :
فىرقەت لىدىر سىزنى كۆرگەزمدىن كىيىن چاي ئىچىشكەچ، سىز ئۇزۇندىن بىرى ئارزۇ قىلۋاتقان ھىلىقى ئىلاننىڭ لايھىسىنى كۆرۇپ باقسۇن،ناۋادا ماقۇل بولسا توختام ئىمزالايمىز دەيدۇ.دىدى پىچىرلاپقىنە.نازىگۇل :
-ھە راسىتما؟دەپ ۋاقىرۋەتتى .ۋاستىچى قول بىلەن ئىشارە قىلىپ ئاستىراق دەپ ئەسكەرتىپ قويدى.ھەمدە:
-ئەسلى ئالدىنقى نۆۋەتتىكى مودىللار مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان ماھىرەنى تاللىماقچى بولغان،لىكىن بۇگۇنكى ئىپادىڭىز ھەقىقتەن ياخشى بوپتۇ،شۇڭا لىدىر سىزنى كۆرسەتتى. ئۇ توختامغا قول قويۋىتىپلا سودا ئىشى بىلەن دۇبەيگە ماڭماقچى.نازىگۇل:
- ئىشلىرىم ئوڭ بولۋاتىدۇ، ناۋادا بۇ قىتىم توختامغا قول قويسام بىر قىتىم ئىلانغا چىقسام ئاز دىگەندە 100مىڭ يۇەن،ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ توختامغا قول قويۇش بىلەن مۇشۇ ساھەدە خىلى داڭلىق شەخىس بوپ قالىمەن.باھادىر ئاڭلىسىمۇ چوقۇم خوش بولىدىغان بولدى.دىگەنلەرنى كاللىسىدىن  غىل-پال  ئۆتكۇزدى.
-نازىگۇل!!! تىز بولۇڭ ! موددىللار سىزگە قاراپ قالدى، ھەممەيلەن سەھىنىگە چىقىمىز.دىدى رىياساتچى.نازىگۇل ئۇرنىدىن تۇردىدە خۇشال ھالدا
-ھە، مانا!!دەپلا قاتارغا كىرىپ سەھىنىگە يول ئالدى.
كۆرگەزمە گۆلدىراس ئالقىش ساداسى، مۇخپىرلارنىڭ توختاۋىسىز سۇرەتكە تارتىش،مۇدىل قىزلارنىڭ قىيقاس ساداسى بىلەن ئاياغلاشتى. بىراۋ نازىگۇلگە بىر دەستە گۇلنى سۇندى ۋە:
- فىرقەت لىدىر سىزنى ئۇتۇقلاپ بۇ گۇلنى سۇندى، سىزنى بىنا ئالدىدا ساقلايدىغان بولدى.دەپ سەھنىدىن چۇشۇپ كەتتى.نازىگۇل ئىككىنجى قەۋەتتىكى فىرقەتكە قاراپ تەكەللۇپ يۇزىسىدىن بىشىنى ئىگىپ بىرنى كۇلۇپ قويدى.فىرقەت بولسا بۇ بىلىقنىڭ قاماققا ئىلنغۇلىۋاتقىننى كۆرۇپ،مىيىغىدا كۆرۇپ قويۇپ چۇشۇپ كەتتى.
باھادىرلارمۇ ئويۇن تۇگىگەندىن كىيىن بىنادىن چۇشۇپ تاكسىدىن بىرنى توسۇپ،بىرگە كۆرگەزمىنىڭ ئۇتۇقلۇق ئاياقلاشقانلىقىنى تەبىركلەشكە نازىگۇلنىڭ چۇشۇشىنى ساقلاۋاتاتتى. نازىگۇل بىر دەمدىن كىيىن پەسكە چۇشتى ھەم باھادىرلار تۇرغان تەرەپكە بىرىپ باھادىرغا:
-بۇگۇن فىرقەت لىدىر بىلەن بىر ئىلان لايھىسىگە قول قويغىلى بارىدىغان بوپ قالدىم،بىز ئەتە بىرگە تەبىركلەيلى بولامدۇ؟دىدى،باھادىر:
-نىمە؟ ئىلان لايھەسى؟قانداق لايھەكەن بۇ بۇ كەچ بولغاندا ئىمزالايدىغان، بولدى ! ئەتە ئىمزالاڭ، باللارمۇ ساقلاپ قالدى بىرىپ تاماق يىگەچ ياخشى تەبىركلەيلى.دىدى.نازىگۇل:
جىنىم !!! مىنىڭمۇ شۇنداق قىلغۇم بار ئىدى،بىراق فىرقەت لىدىر ئەتە چەتئەلگە ماڭماقچىكەن، بۇ مەن ئۈچۈن بىر ياخشى پۇرسەت كەتكۇزۋەتسەم بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولمامدۇ.ئەنسىرمەڭ جىنىم، تۇگىتىپلا سىزگە تېلېفۇن قىلۋىتىمەن ھە !! دىدى، ئەركىلەپ.باھادىر يا  ماقۇل دىيىشىنى يا ياق دىيشنى بىلىمەن تۇرغاندا، قارا رەڭلىك بىر ‹خان تاجى › ماركىلق ماشىنا بۇلاردىن ئون مېتىرچە نىرىگە توختىدى ۋە بىر يىگىت ماشىندىن چۇشۇپ:
-نازىگۇل،بولۇڭ! لىدىر ساقلاپ قالدى،دىدى  قوپالغىنە. باھادىر بىلەن كەلگەن ئىككەيلەن ئىشنىڭ تىگى-تەكتىنى بىلىگەچكە  بۇنىڭ قوپاللىغىنى كۆتۇرەلمىدى ۋە:
-نىمە دىيشىسە، قانداق نىمە سەن، بىزمۇ نازىگۇلنى ساقلاۋاتىمىز،ئىشىڭى قىلىش ئۇنىڭ ۋاقتى يوق.دىيشىتى ئاچچىقغىدا.ھىلىقى يىگىت فىرقەتنىڭ  قوغدىغۇچىسى بولۇپ بۇ گەپ ئىغىر كەلدى ۋە:
-قانداق بىقىنى قىچىشىپ سۇركەيدىغان جاي تاپالماي قالغان نىمىلەرمۇ بۇ ئىشىڭىنى قىلىش!ھىلى باكا ئۆزۇڭنى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىدا كۆرىشىسەن- دەپ بىرنىڭ مەيدىسىدىن ئىتەردى،ئۇلارمۇ بوش كەلمەي ئۇنىڭ قولنى قايرىپ،ئىتترىۋەتتى ، ماشىننىڭ يىنىدا ساقلاپ تۇرغان ئىككەيلەنمۇ بۇنى كۆرۇپ يۇگۇرۇپ كىلىپ ئۇلار بىلەن ئىتتىرىشكىلى تۇردى، بۇ ئەسنادا ئىشىكى ئىچىلىپ فىرقەت پەسكە چۇشۇپ ئۇلارغا توۋىلىدى:
-بولدى قىلىش، ئىش ئۇقمايدىغان نان قىپىلار،كىم سىلەرنى بۇلارغا قوپاللىق قىلىش دىدى، دىدى ۋە ئۇلار تەرەپكە كىلىپ،باھادىرغا قاراپ:
-ھە.....ئەنىۋەرنىڭ قول ئاستىدىكەركەنغۇ، سەنلەر بۇلارغا تەڭ كىللەمتىڭ، ھالىڭغا باقماي بۇلارغا قوپاللىق قىلشتىڭما :دىدى.ۋە نازىگۇلگە قاراپ:
- ناۋادا بۇگۇن ئىشىڭىز بولسا كىيىن بىر نەرسە دىيشەرمىز دەپ ماڭماقچى بولدى.نازىگۇل بۇ پۇرسەتنى قولدىن بىرىشنى خالىمىدى دە:
- فىرقەت لىدىر كەچۇرۇڭ، مانا ھازىرلا. دەپ باھادىرغا:
-جىنىم، مانا فىرقەت لىدىرمۇ ئەنىۋەركامنى تونۇيدىكەن،خاتىرجەم بولۇڭ تىزلا تۇگەيدۇ.دىدى.باھادىر ئىلاجسىز ماقۇل بولدى ۋە:
-ئۇنداقتا تۇگىشىلا تېلېفون قىلىڭ مەن ساقلايمەن،دىدى.نازىگۇل فىرقەت بىلەن ماشىنىغا چىقىتى. ماشىنا يىنىككىنە قوزغىلىپ ئۇلاردىن يىراقلاشتى.بىرگە كەلگەنلەر ھەيران بولۇشۇپ:
-بۇ نىمە ئىش بىز بىرگە تەبىركلىمەكچى بولغانغۇ،نازىگۇل نىمشىقا كىتىدۇ.دەپ سورىدى.باھادىر ئپادىلىگۇسىز بىر ھىسياتتا باشقا ئارتۇق گەپ-سۆز قىلماي:
- يۇرۇڭلار ئەتىرەتكە قايتىمىز،دىدى.بۇلار باھادىرنىڭ ئەلپازىدىن قاتتىق ئاچچىقى كەلگىنى ھىس قىلدى ۋە گەپ سۆز قىلماي ئارقىسىدىن ماڭدى.
نازىگۇللەر چىققان ماشىنا شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر داچىلار رايۇنىدىكى ياۋىرۇپا نۇسقىسىدا سىلىنىغان بىر ئىمارەتنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى.ئىشىك ئاپتۇماتىك ئىچىلدى، ماشىنا بىۋاستە ماشىنا توختىتىش ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ توختىدى.نازىگۇل ماشىندىن چۇشۇپ فىرقەتكە قاراپ :
-بىز چاي ئىچىشكەچ كۆرىدىغان بولغانغۇ ؟دىدى.فىرقەتمۇ :
-چاي ئىچىدىغان ئىش بولغاندىكىن نەدە ئىچسەك ئوخشاشقۇ،ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۆيۇمدىكى چايلارنىڭ چايخاندىن تىپىلىشى ناتايىن.دىدى پەرۋاسىزلا.نازىگۇل گەپ سۆز قىلماي فىرقەتنىڭ كەيدىن ماڭدى.ئۇلار ماشىنا توختىش ئۆينىڭ ئۆزدىنلا بىر كىچىك ئىشىكتىن كىردى. بىر كارىدوردىن ئۆتكەندىن كىيىن نازىگۇلنىڭ كۆز ئالدىلا كاتتا بىر مىھمانخانا ئۆي پايدا بولدى.ئۆي ھەقىقەتەن ھەشەمەتلىك بىزەلگە بولوپ مىھمانخاننىڭ ئوتتۇرسىدا بىر كىچىك فۇنتان سۇ چىچىپ تۇراتتى، قىممەت باھالىق خىرۇستال چىراقلار غۇۋا يورۇپ تۇراتتى، ئۆينىڭ بىر تىمىغا مەخسۇس بىر ئىشكاپ ياسىتىلغان بولۇپ، چەتنىڭ ھەرخىل قىممەت باھالىق ھاراقىلىرى تىزىقلىق تۇراتتى. ،مىھمانخاننىڭ   دىرزە تەرەپكە بىر يۇرۇش سافا قويۇلغان بولۇپ،شۇنداق ياسىداق ئىدى.فىرقەت نازىگۇلنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدى، ۋە قوغدىغۇچىسىنى چاي دەملەشكە بۇيرىدى.نازىگۇلگە بىر ھۆججەت قىسقۇچنى ئۇزىتىپ:
-بۇ لايھىنى كۆرۇپ بىقىڭ،كاللىڭىزدىن ئۆتسە قول قويسىڭىز بولىدۇ،ئاندىن باھانى دىيشىمىز.دىدى ۋە چىقىپ كەتتى. نازىگۇل بىرمۇ –بىر تەپسىلى كۆرۇپ ھەقىقەتەن خوش بولدى،لايھە خىلى كۆپ بولغاچقا خىلى ۋاقىت ئۆتۇپ كەتتى، ئۇنىڭغىچە فىرقەتمۇ كىرىپ كەلدى :
قانداق كۆرۇپ بولدىڭىزمۇ، بولامدىكەن؟دەپ سورىدى.نازىگۇل خۇشاللىقىنى زورىغا بىسىپ:
- بولىدىكەن، قول قويساق بولغۇدەك.دىدى ۋە قەلەم ئىزدىدى. فىرقەت قەلەمنى سۇندى.نازىگۇل ئىلىپ قول قويۇشقا تەمشەلدى ۋە:
-لايھەدە ئىش ھەققىنى كىلىشىپ بىر قىتىمدىلا بىرىش توغۇرلۇق دىيلىپتۇ،بۇ راستۇ؟ دىدى .فىرقەت:
-خاتىرجەم بولۇڭ،مەن ئەزەلدىن ئىشنى كەينگە سۇرۇپ باقمىغان قول قويغاندىن كىيىن ئىش ھەققىڭىز توغۇرلۇق دىيىشەيلى.مەن نەخ مەيداندىلا چەك يىزىپ بىرىمەن،سىز ئەتىلا بانكىغا بىرىپ نەقلەشتۇرەلەيسىز دىدى. نازىگۇل رازى بولغان قىياپەتتە قول قويدى. فىرقەت لايھەنى ئىلىپ ۋاراقلىغاچ :
-قىنى ئش ھەققىڭىزنى دىيىشەيلى،دىدى.نازىگۇلمۇ تارتىنمايلا:
-مەن ئادەتتە ئىلانغا چىقسام بىر قىتىملىق مۇددەت 80مىڭ يۇەن بولاتتى،بۇ بۇرۇنقى باھا بۇنى سىزمۇ بىلىسىز.دىدى فىرقەت :
-قىنى دەڭ قانچە بولسا مۇۋاپىق.نازىگۇل ئىكلەنمەيلا:
- 100مىڭ بولسا قانداق؟دىدى فىرقەتكە قاراپ.فىرقەت :
-مەن 300مىڭ بىرەي .نازىگۇل قۇلقىغا ئىشەنمەي :
-نىمە خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن 300 مىڭ بەك كۆپ بوپ كەتتىغۇ دەيمەن.دىدى.
-فىرقەت سىرلىق قىلىپ نازىگۇلگە قارىدى ۋە :
-مىنىڭ پىسخولوگىيە دوختۇرۇم،ئادەم يالغۇزلۇق ھىس قىلغاندا سىزدەك گۇزەل قىزلار بىلەن بىر كىچىنى ئۆتكۇزسە، سالامەتلىككە ئىنايىتىن پايدىلىق دىگەن شۇڭا قالغىنى..........نازىگۇل فىرقەتنىڭ  گىپى تۇگىمەيلا تاققىدە ئورنىدىن تۇردى ۋە :
-كەچۇرۇڭ،سىز ئادەمنى خاتا تاللاپسىز. مەن ئۇنداق قىزلاردىن ئەمەس،سىز ئۇ پۇللىرڭىز بىلەن سىزگە ماس كىلىدىغان خىلىڭىزنى تىپىۋىلىڭ،مەن قايتتىم دەپ ئىشىككە قاراپ يول ئالدى.فىرقەت:
-400مىڭ.......
-500مىڭ.......
-600مىڭ......نازىگۇل ئىشىككە بىر قەدەم قالغاندا
-بىر مىلىيون ...............نازىگۇل، جايىدا تۇرۇپ قالدى.
-بىر مىليون قانداق؟فىرقەت يەنە بىر تەكرارلىدى. دىمىسمۇ بىر مىلىيون يۇەن ئاز پۇل ئەمەس ئىدى.نازىگۇلنىڭ كاللىسى قىتىپلا قالدى، قۇلاق تۇۋىدە پەقەت بىر مىليون دىگەن ئاۋاز كۆز ئالدىدا بولسا يۇز مىڭ يۇەنلىك توخماق پۇلدىن 10 توخماق كۆرۇندى. ئۇ پۇتىنى يۆتكەشكە ئامالسىز قالدى.فىرقەت:
-سىزنى مەجبۇرلىمايمەن،سىز ھويلىغا چىقىپ كەيپىياتىڭىزنى تۇراقلاشتۇرۇپ ئويلىنىپ بىقىڭ، خالىسڭىز قايتىپ كىرىڭ،خالىمىسىڭىز كىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.دىدى.نازىگۇل ئاستا ئىشىكتىن چىقىتى،ئۇ قاتتىق ئىككىلىنىش،چەكسىز خىياللارغا پاتقاندى.  
         نازگۇلنىڭ ئالدىدا تۇيۇقىسىز ئاق قارا كىيىملىك ئىككى ئادەم پايدا بولدى.ئاق كىيىملىك ئادەم:
-نازىگۇل،سىز ئەجىبا بىر مىلىيون يۇەن ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ ھالال جۇپتىڭىز ئۈچۈنلا ساقلىغان ئىپپەتتنى قۇربان قىلامىسز؟.قارا كىيىملىك ئادەم:
-ۋاي،نىم بولاتتى، يا سىز كەسپى ئۇنداق قىزلاردىن بولمىسىڭىز، ئىش تۇگىگەندە بىر مىلىيون سىزنىڭ بولىدۇ، سىز يىرتىق يەرنى تىكۋەتىپلا ساپ-ساق باھادىرنىڭ ئالدىغا بارسىڭىز ئۇ بىلەمتى.ئاق كىيىملىك ئادەم:
سىز ئەجىبا نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئىپپىتى ئۈچۈن جىنىنى قۇربان قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ، تىزدىن ئەسلىڭىزگە كىلىڭ،باھادىر سىزنى ساقلاۋاتىدۇ.،قار كىيىملىك ئادەم:
-بۇنداق پۇرسەت ئىككنچى كەلمەيدۇ،سىزنىڭ بىر مىلىيونغا ۋە نام ئاتاققا ئىرىشىشىڭىزگە بىر قەدەملا قالدى، ئۆيگە كىرىڭ!!نۇرغۇن قىزلار بۇنىڭىغا ئىرىشىمەن دەپمۇ ئىرىشەلمايدۇ.............................................
ئاق كىيىملىك ئادەمنىڭ سىماسى ئاستا –ئاستا ئاجىزلاپ قارا كىيىملىك كىشىنىڭ سىماسى تىخىمۇ ئىنىقلاشتى.ئاخىردا قارا كىيىملىك كىشى غەلبە قىلىدى.نازىگۇل ئۆي تەرەپكە يول ئالدى.
نازىگۇل سىرتقا چىقىپ كەتكەن ۋاقىتتا فىرقەت  قوغدىغۇچىسى بىلەن دىرىزىدىن ئۇنى كۈتۈۋاتاتتى. قوغدىغۇچىسى:
- لىدىر نازىگۇل كەلمەسمىكىن ئۇ ھەقىقەتەن ئەخلاقلىق قىز. فىرقەت:
-سەن قاراپ تۇر مەن سەن بىلەن تىكىشىمەن، ئۇ ئون مىنۇتقا قالماي كىرىدۇ.
نازىگۇلنىڭ كەينىگە يانغىنىنى كۆرۆپ قوغدىغۇچىسى :
-لىدىر قالتىسكەنسىز جۇمۇ،ئەمىسە مەن چىقىپ ئىشىمنى قىلاي.دەپ سىرلىق كۈلۈپ چىقىپ كەتتى .
نازىگۇل ئويگە كىرگەندە فىرقەت سافادا ئۇنى ساقلاپ ئولتۇرغاندى. نازىگۇل ئۆيگە كىردى ھەم  ئىشىكىنى يىپىپ:
- قىنى چەكنى يىزىڭ ،دىدى ،باھادىر قەلەمنى قولىغا ئىلىپ چەك يىزىشقا تەمشەلدى،نازىگۇل ئورنىدا تۇرۇپلا سىرتىقى كىيىملىرىنى سىلىۋەتىپ ئىچ كىيىم بىلەنلا قالدى. ئۇ قالغىنىنى فىرقەتكە قالدۇرۇپ قويغاندى.فىرقەت قىزغا تىكىلىپ بىر ھازار تۇرغاندىن كىيىن نازىگۇل ئويلاپ باقمىغان بىر سۆزنى قىلىدى.
-نازىگۇل،مەن سىزنى ھىچ بولمىسا يەنە بىر  500مىڭنى قوشۇڭ دەمدىكىن دەپ ئويلىغان،ئەپسۇس سىزنىڭ ئىپپىتىڭىز ئۆزىڭىزچە ئۇنىڭغا يارىمىغىدەك. بولدى مەن بۇ سودىدىن ۋاز كەچتىم .دىدى. نازىگۇل بۇ گەپنى ئاڭلاپ باسقۇنچىلىققا ئۇچىرغاندىنمۇ بەكىرەك ئازاپلاندى.فىرقەت ئۇنىڭ يىنىغا كىلىپ كىيىملىرنى ئىلىپ نازىگۇلگە سۇنغاچ:
-كىيمىڭىزنى كىيىڭ، مەن سىزگە چىقىلمىدىم شۇنداققۇ، بۇ بىرمىلىيونمۇ بىكار بولدى بولدى قايتىڭ .دەپلا باشقا بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
44014
يازما
221
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
221
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 23:07:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇرۇن بۇ ئەسەرنى قايسىدۇر بىر مۇنبەردىن كۆرگەندەك قىلغانتىم..مەنبەسىنى ئەسكەرتمەپسىزغۇ؟

مىنىڭچە بۇ خەنزۇچىدىن تەرجىمە  قىلغان ئەسەرمىكىن،،چۈنكى ئۇيغۇرلاردا بىر-بىرىدىن قىلچىمۇ ئويالماي ئىپپەت سودىسى قىلىدىغان ئىش يوق، دەپ ئويلايمەن،،،،پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ...

باھا سۆز

burgvn  خەنزۇچە 武装押运 دىگەن فىلىمدىن ئېلىنغان،  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 18:16:58

UID
51683
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-26
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 23:25:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى مۇنبەردە ئوقۇغۇنۇمنى ئىسىمگە ئالالمىدىم، بىراق مۇكاپاتلىق ئەسەر ئىكەنلىكى  ئىسىمدە..

باھا سۆز

burgvn  خەنزۇچە 武装押运 دىگەن فىلىمدىن ئېلىنغان،  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 18:16:48
anatil8  تورداشلار خاپا بولماي خېتىمنى ئاستىدىن ئۈستىگە قاراپ ئوقۇڭلار  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 23:57:53
anatil8  چۈنكى مىسرانىمدا مۇكاپاتلىق ئەسەر قۇبۇل قىلىناتتى ئەمەسمۇ شۇ چاغلاردا  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 23:57:30
anatil8  ئويلاپ باقسام مىسرانىمدا ئوقۇغانمىدىمكىن دەيمەن  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 23:56:59
anatil8  مەنمۇ قايسى مۇنبەردە ئوقۇغانلىقىمنى ئەسكە ئالالمىدىم  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 23:56:30

UID
44014
يازما
221
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
221
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 23:58:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dawatqi1 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-25 23:25
قايسى مۇنبەردە ئوقۇغۇنۇمنى ئىسىمگە ئالالمىدىم، بىراق  ...

بەلكىم سىزمۇ مىسرانىمدا ئوقۇغان بولىشىڭىز مۇمكىن.......ئەسلى ئاپتۇرى كىمدۇر بۇ ئەسەرنىڭ زادى ھە؟

بولمىسا ياىشى ئەسەركەنتۇق ھە؟

باھا سۆز

burgvn  خەنزۇچە 武装押运 دىگەن فىلىمدىن ئېلىنغان، ئاپتۇرى ھېچكىم ئەمەس،  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 18:16:36

UID
51783
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2013-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 04:32:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەركەن

باھا سۆز

burgvn  خەنزۇچە 武装押运 دىگەن فىلىمدىن ئېلىنغان،نەرى ياخشىكەن،  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 18:17:44

UID
3401
يازما
215
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2045
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-24
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 17:07:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخلاق دىگەن نىمە ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

باھا سۆز

burgvn  خەنزۇچە 武装押运 دىگەن فىلىمدىن ئېلىنغان،  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 18:17:49

UID
3401
يازما
215
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2045
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-24
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 17:09:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالىڭاچلىنىشنى مەدىنىلىك دەپ چۈشىندىغانلا ئەخلاقنىمۇ باشقىچە چۈشىنشى مومكىن

باھا سۆز

burgvn  خەنزۇچە 武装押运 دىگەن فىلىمدىن ئېلىنغان،  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 18:17:54

UID
51713
يازما
99
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
99
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 01:37:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمدە ئەخلق ،ئىمان ئاجىزلاشقاندا، ئىسانلىق سۇپىتىمۇ نەپسىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىدۇ.گەرچە ھازىر كۆرۈنۈشكە جەمىيەت تەرەققى قىلىپ كەتكەندەك ،كۆرۈنسىمۇ روھىيىتىمىزنىڭ چۈشكۇنلۈگى تۈپەيلىدىن،قىممەت قارشىمىزنى يوقۇتۇپ قويدۇق (قىسمەن ئادەملىرىمىز) قىزلىرىمىزنىڭ روھىيىتىدىن ،تارىختىكى نۇزۇگم، رىزۋانگۈل.........لارنىڭ روھى قاياقلارغىدۇ ئۇچۇپ كېتىپ بارىدۇ. بۇ بىر قانداق .ئەسەر بولۇشتىنن قەتئى نەزەر،رئال تۇرمۇشتىمۇ  بۇنداق ئشلارنى ئۇچۇرتىپ تۇرىۋاتىمىز،  خۇدا  قىز يىگىتلىرىمىزنىڭ كوڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن!!!!!!

باھا سۆز

burgvn  خەنزۇچە 武装押运 دىگەن فىلىمدىن ئېلىنغان،  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 18:17:59

UID
50152
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2013-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 17:19:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىشقا؟ پۇل ھەممىگە قادىرمۇ؟.....

باھا سۆز

burgvn  خەنزۇچە 武装押运 دىگەن فىلىمدىن ئېلىنغان،  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 18:18:05

ئۈمىدلىك ئەزا

ئايبەرچىن

UID
4926
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
135
تىزىملاتقان
2010-8-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-30
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 18:05:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر مىليوننى دەپ ئۇ دۇنيادىكى بىباھا ماكانغا تىگىشكۈلۈكمۇ؟
ئېتىقاد بولمىسا ھەممە يوقايدۇ.

باھا سۆز

burgvn  خەنزۇچە 武装押运 دىگەن فىلىمدىن ئېلىنغان،  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 18:18:10
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش