كۆرۈش: 1057|ئىنكاس: 4

ئۇيغۇر قاغانلىقى ( 745 - 840 ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
51631
يازما
6
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-5-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-12
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 01:29:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر قاغانلىقى ( 745 - 840 )

جەنۇبىي سىبىرىيىدىكى كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدا تېلىي ۋە تۈركلەرگە ئوخشاش، تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر ئىتتىپاقى چوڭ رول ئوينىغانىدى. ئۇ قەبىلە ئىتتىپاقلىرى ئۆزلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى جەھەتتە، ھون ۋە دىڭلىڭ قاتارلىق قەبىلە ئىتتىپاقلىرى بىلەن مۇناسىۋەلىك ئىدى. سوۋېت ئۇيغۇرشۇناسى ئا. ن. بېرنشتام ئۆزىنىڭ تەتقىقاتلىرىدا، تۇركىي خەلقلەر ياشىغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىلا دەسلەپتە دىڭلىڭلارنىڭ ئېتىنىك قاتلىمىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدى، قەدىمكى مەنبەلەردىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دىڭلىڭلار قىزىل دى نامىدىكى قەبىلىلەرنىڭ ئەۋلادى بولغانىكەن، قىزىل دىلار بولسا، شىمالىي جۇڭگو چېگرىلىرىدا ياشىغان بولۇپ، شىمالى چى دىلار ۋە غەربىي چى دىلار دەپ ئىككى تارماققا بۆلۈنگەن. بىرىنچى تارماق، ھونلارنىڭ شىمالىي تەرەپلىرىدە، بايقال كۆلىنىڭ بويلىرىدا ياشىغان. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىردە، ئۇلار بۇرۇنقى جايلىرىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ، گوبىنىڭ جەنۇبىغا كەلگەن، مىلادىيە 1 - ئەسىردە، بۈگۈنكى موڭغۇلىيە ۋە توۋا تېررىتورىيىلىرىدە كۆچۇپ يۈرگەن مەزگىللىرىدە، شىمالىي سۇلالە ۋە ۋېي سۇلالىسى يىلناملىرىدا بۇ قەبىلىلەر قاڭقىل نامىدا خاتىرىلەنگەن. مەنبەلەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇلارنى بۇنداق ئاتاشتىكى سەۋەب، بۇ قەبىلىلەر بىر ئورۇندىن ئىككىنچى ئورۇنغا كۆچكەندە ئېگىز چاقلىق ھارۋىلارنى ئىشلىتىدىكەن( ‹ 高车 › - مۇھەررىردىن › گاۋجۇي، گاۋچې دېگەن سۆزلەر ‹‹ ئېگىز ھارۋا ›› دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ ). قاڭقىل قەبىلىلىرى بۇگۇنكى موڭغۇلىيە تېررىتورىيىسىدە كۆچۇپ يۈرەتتى. بۇ يەرلەر سايان - ئالتاي ئېگىزلىكى بىلەن تۇتاش ئىدى. قاڭقىللارنىڭ باش قەبىلىسى دەسلەپ يۇەنخې، كېيىن ۋېيخې، ئۇنىڭدىن كېيىن خۇيخې ياكى ئۇيغۇر دەپ ئاتالدى. بۇ قەبىلە ئورخۇن ۋە توغلا دەرياسى ئەتراپىدىكى سېلىنگا دەرياسى ۋادىسىدا ياشاپ كەلگەنىدى. يىلنامىلاردا قاڭقىل دېگەن نام بىلەن تەڭ تېلې ( چىلې )دېگەن ناملارمۇ قوللىنىلغان. سۈي سۇلالىسى ( 581 - 618 - يىللىرى ) يىلنامىلىرىدە ۋە ‹‹ تاڭنامە ›› دە قاڭقىل ۋە چىلې دېگەن ناملارنىڭ ئورنىغا تېلې ئاتالغۇسى قوللىنىلدى. جۇڭگو يىلناملىرىدە بۇ ئاتالغۇ بىرقانچە كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ نامى سۇپىتىدە ئىشلىتىلدى. بۇ ئاتالغۇ يازما مەنبەلەردە سىياسى ۋە ھەربىي ئىتتىپاق مەنىسىدە قوللىنىلغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىللە تېلې ئىتتىپاقىدىكى قەەبىلىلەرنىڭ ئۆزئارا يېقىن قېرىنداشلقى سۆزلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يىلنامىلەردە تۈركۈت، ‹‹ تۈرك ›› نامىدىكى قەبىلە ئىتتىپاقى توغرىسىدىمۇ مەلۇماتلار كۆپ. بۇ جايدا نەزەردە تۇتۇلغىنى قەدىمكى تۈركلەردۇر. مانا مۇشۇلاردىن تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسىنىڭ نامى كېلىپ چىققان. بۇ ئۆزئارا يېقىن تىللارنى تۈركلەرلا ئەمەس، بەلكى تېلې ئىتتىپاقىدىكى قەبلىلەرمۇ، جۇملىدىن ئۇيغۇرلار، قىپچاقلار، ئوغۇزلارمۇ ئىشلەتكەنىدى.(1) 5 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى، تۈرك ئەجدادلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئەگمىسى، بۇگۇنكى گەنسۇ ئۆلكىسىنڭ تېررىتورىيىسىدە ھونلارنىڭ خېليەن نامىدىكى ئۇرۇقى تەشكىللەنگەن پىڭلياڭدىكى دۆلەتتە ياشىدى.
تۈرك قەبىلىلىرى دۆلەت تەشكىل قىلغان دەۋرلەردە 6 - 8 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي تەسىرىنى موڭغۇلىيە ۋە جەنۇبىي سىبىرىيە تېررىتورىيىلىرىگىچە كېڭەيتتى. مۇنداق كېڭىيىش تۈركلەت بىلەن باشقا تېلى قەبىلىلىرىنىڭ ئارىلىشىشىغا سەۋەب بولدى. تۈرك قەبىلىلىرى 6 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ مەۋقەسىنى چىڭىتىشقا باشلىدى ۋە ئاخىر تۈرك قاغانلىقىنى تەشكىللىدى. تۈرك قاغانلىقىنىڭ ھاكىمىيىتى غەرب تەرەپتە ئوتتۇرا ئاسىيادىن باشلاپ، شەرقتە لياۋدۇڭ قولتۇقىغىچە، جەنۇبتا جۇڭگودىن باشلاپ بايقال كۆلىگىچە بولغان يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. سايان - ئالتاي ئېگىزلىكىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، تېلې قەبىلىلىرى تۈرك قاغانلىقىنىڭ ئىتائىتىدە بولغانىدى. تۈرك قاغانلىقى 581 - يىلى ئىچكى ماجرالار تۈپەيلىدىن، شەرقىي ۋە غەربىي تۈركلەر دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. 605 - يىل تېلې قەبىلىلىرى ( ئۇيغۇرلار، سىر - تاردۇشلار، بارغۇتلار، توڭرالار ۋە باشقىلار ) غەربىي تۈرك قاغانىنى ئاغدۇرۇپ، ئۆزلىرى بىر قاغانلىق قۇردى. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسى غەربىي يۇرتقىچە كېڭەيدى. ئەمما، بۇ يېڭى تەشكىللەنگەن قاغانلىق ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالالمىدى. 609 - يىلىغا كەلگەندە، ئۇيغۇر، بايىرقۇ، توڭرا، بارغۇت قەبىلىلىرى شەرقىي تۈرك قاغانلىقى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلدى، ئەمما تېلې قەبىلىلىرى بېقىندىلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشقا رازى بولمىدى. 627 - يىلى، ئۇيغۇرلار سىر - تاردۇش قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تۈركلەرنىڭ شىمالىي تەرەپ چېگرىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، تۈرك قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. ئۇيغۇرلار بۇ جەڭدە ئالاھىدە باتۇرلۇق كۆرسەتتى. قاچقان تۈركلەرنى تا موڭغۇل، ئالتايغىچە قوغلاپ باردى. مانا مۇشۇ چاغدىن باشلاپ ئۇيغۇر ۋە سىر - تاردۇش قەبىلىلىرى ئەڭ كۈچلۈك قەبىلىلەردىن بولۇپ قالدى. بۇلارنىڭ كۆچمەنلىك پائالىيىتى شىمالىي موڭغۇلىيە، تۇۋا ۋە ئالتاي رايونلىرىغىچە كېڭەيدى.
ئۇيغۇرلار جۇڭگو ئوردىسىغا بىرنىچى قېتىم 627 - يىلى ئەلچى ئەۋەتكەنلىكى ئېھتىمال. لېكىن 629 - 630 - يىللىرى يەنە ئەلچى ئەۋەتكەن.(2) بۇ ئىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى مۇستەقىل بىر سىياسىي كۈچ دەپ تونۇغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇيغۇر ئىتتىپاقى خەلقئارا ئۇقۇمغا ئىگە بولدى.
بۇ ۋەقە جۇڭگونىڭ خېلى قۇدرەت تاپقان مەزگىللىرىگە توغرا كەلدى. لى يۈەن 618 - يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاساسىنى سالدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ ئوغلى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ تەيزۇڭ ئۇنۋانىنى قوبۇل قىلىپ جۇڭگونىڭ پادىشاھى بولدى ( 627 - 649 ). تەيزۇڭ ۋاقتىدا، تاڭ دۆلىتىدە قاتتىق ئىچكى تەرتىپ ئورنىتىلغان، دۆلەت كۇچەيتىلگەنىدى. بۇنداق ۋەزىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئورنىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. بۇ چاغلاردا ياغلاقار قەبىلىسى باشچىلىقىدىكى ئون ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ رولى كۈچەيگەنىدى. ئۇيغۇر قەبىلىلىرى توققۇز ئوغۇزلار ئىتتىپاقى ئىچىدە يېتەكچى ئورۇندا تۇراتتى.
يۇلباشچىلارنىڭ بىرسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتەبىرى قۇتلۇق تۈمىد قاغان ئۇنۋانىنى قوبۇل قىلىپ، 641 - يىلى جۇڭگونىڭ نائىبىغا قاتتىق زەربە بەردى. ئۇ ئۆز ھاكىمىىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بەزى چارىلەرنى قوللاندى. ئۇ چارىلەرنىڭ بىرى، ‹‹ ئەلتە تاشقى ۋەزىر ››، ‹‹ ئۇچ ئىچكى ۋەزىر بەلگىلەش، نائىبلار، ھەربىي سەركەردىلەر قوماندان ۋە باشقىلارنى تەيىنلەش ›› بولدى ( بۇ خلدىكى ئەمەللەر تۈرك قاغانلىقىدا بار ئىدى ). مانا مۇشۇ ئەھۋاللار تۈمىدنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، قالغان بارلىق تېلى قەبىلىلىرى ئۈستىدىن نازارەت ئورنتىشىغا ئىمكانىيەت بېرەتتى.
جۇڭگو يىلنامىلىرى قۇدرەتلىك تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا كۆچمەن قەبىلىلەر ئۈستىدىن نازارەت ئورۇنتىشقا ئىنتىلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. لېكىن، تاڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققان - چىقمىغانلىقىنى ھازىر ئېنىقلاش تەس.
647 -648 -يىللىرى تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تۈركلەرنىڭ ياردىمى بىلەن تارىم ئويمانلىقىنى بېسىۋالدى. بۇ چاغلاردا، ئۇيغۇر دۆلىتىدە جىددىي ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتاتتى. قاغان تۈمىدنىڭ جىيەنى ئۆگە ئۇنىڭ خوتۇنى بىلەن نامۇۋاپىق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەچكە، جىيەنى قاغان تۈمىدكە قارشى سۈيقەست پىلانلاپ ئۇنى ئۆلتۈردى. سۈيقەستلىك پىلانىغا قانۇنىي نىقاپ بېرىش ئۇچۇن، تاڭ ھاكىمىيىتگە مۇراجىئەت قىلدى. ئەمما، تاڭ ئەمەلدارلىرى ئۇلارنى قوللىمىدى. قاتىل جىيەنى ئولتۈرۈلدى، سۇيقەستكە قاتناشقانلارنىڭ بىرى قوغلىۋېتىلدى. ئۇيغۇر قاغانلىق تەختىگە تۈمىدنىڭ ئوغلى پۇجۇن چىقتى، لېكىن ئۇنىڭغا قاغان نامى بېرىلمەي، يەنىلا تۇتۇق نامى قوللىنىلدى. پۇجۇن دۆلەتنى 648 - 661 - يىلغىچە باشقۇرۇپ كەلدى، تاڭ سۇلالىسى دەسلەپتە بەك ئېھتىياتچان بولدى، ئۇيغۇرلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ قالمىسۇن دېگەن ئويدا ئۇيغۇرلار تۇرغان جايلارغا تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇنداق ئەھۋال ئارىدىن بىرنەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزگەردى. 657 - 658 - يىللىرى تاڭ سۇلالىسى ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقچىسى سۈپىتىدە 50 مىڭ كىشلىك ئۇيغۇر قوشۇنى ۋە 30 مىڭ كىشلىك تاڭ قوشۇنىنى ئەۋەتىپ، تۈركلەر ئىگىلىۋالغان بەشبالىقنى قايتۇرۇۋالدى. كېيىن 655 - يىلى ئۇيغۇر قوشۇنى تاڭ ئەسكەرلىرىنىڭ كورېيىگە قىلغان ئۇرۇشىغا قاتناشتى.
661 - يىلى پۇجۇن ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا بەزى مەنبەلەردە پۇجۇننىڭ سىڭلىسى، يەنە بەزى مەنبەلەردە پۇجۇننىڭ ئوغلى ئولتۇرغانلىقى سۆزلىنىدۇ.
662 - يىلى تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تېلې قەبىلىسىگە ھۇجۇم قىلغان. دەسلەپتە سان جەھەتتە تاڭ قوشۇنلىرى ئۇستۇن ئورۇندا تۇرغاچقا، تېلېلارنى مەغلۇپ قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، تاڭ سۇلالىسىنىڭ 14 مىڭ كىشىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئالغىنچى شىمالغا يۇرۇپ، گوبى چۇللۇكىدىن ئۇتۇپ، سېلىنگا دەرياسىغىچە بارغان. دەسلەپتە تاڭ قوشۇنى غەلبىلىك يۇرۇش قىلغان. كۇچمەن قەبىلىلەر بولسا، كۇرۇنۇشتە چېكىنگەن بولۇپ، ئۇلارنى ئاھالە يوق دالىلارغا باشلىغان. ئوزۇق - تۈلۈكسىز ۋە شىمال سوغۇقىغا قالدۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مىنگەن ئاتلىرىنى يېيىشكە، كېيىن قوراللىرىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر قىلغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھەر ئون ئەسكەردىن 8 - 9 ئەسكەر ھالاك بولغان. بەزى مەلۇناتلارغا قارىغاندا، ئاران 800 ئەسكەر قايتقان. بۇ جەڭگە ئۇيغۇر، بۆكە، توڭرا ۋە باشقا قەبىلىلەر قاتناشقان. مۇشۇ مەغلۇبىيەت نەتىجىسىدە، تاڭ سۇلالىسى شىمالدىكى يايلاق رايونىغا ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىدىن ئايرىلىپ قالغان
تاڭ ھاكىمىيىتى بۇنداق ۋەزىيەتنى ئوڭلاشقا ئىنتىلىپ، 663 - يىلى مەمۇرىي جەھەتتە ئىسلاھات يۇرگۈزدى. يېڭىدىن ئالتە تۇتۇق مەھكىمىسى تەشكىل قىلدى. كېيىن بۇ تۇتۇق مەھكىمىلىرى دەشتى ماكان دەپ ئاتالغان قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۇپ بېرىلىپ، ليۇ شۈنلى قۇرۇقچىبەگلىككە تەيىنلەندى. ئەمما، بۇ ئىشلارنىڭ رېئال ئەھمىيىتى بولمىدى.(3)
بىرىنچى تارك قاغانلىقىنىڭ كۈچىيىشى تارك ئېلتېرشنىڭ ۋە ئۇنىڭ باش ۋەزىرى تۇنيۇقۇقنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى توققۇز ئوغۇزلارغا - ئۇيغۇرلارغا قاتتىق زەربە بولدى، ئۇلارنىڭك بىر قىسمى گەنجۇ ۋە لياڭجۇ ( گەنسۇ )غا كەتتى. ‹‹ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ مۇشۇ گۈرۇپپىسى 843 - يىلىدىن كېيىن تەشكىللەنگەن گەنجۇدىكى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ( كەڭسۇ ئۇيغۇر قاغانلىقى ) يادروسى بولۇپ قالدى.727 - يىلى بۇ توققۇز ئوغۇزلارنىڭ بىر قىسمى شۇ يەردىكى جۇڭگو نائىبىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، موڭغۇلىيىدىكى تۈركلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى تېررىتورىيىگە قېچىشقا مەجبۇر بولدى. كېيىن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ موشۇ گۇرۇپپا قەبىلىلىرىدىن چىقتى(4) بويلاقاغان ( قۇتلۇق بىلگەكۈل قاغان-ت )743 - 756 -يىللىرى )ياغلاقار،ئوتتۇرقار، تۈرلاميۇر ( تۇرلەمۇر )، بوقاسقار ( باشقىرت )، ئاۋۇچاق، قارسار، خۇگۇسۇر، يابۇتقار ( ياماقلار )، ئاياۋېرلاردىن ئېبارەت توققۇز قەبىلىنى بىرلەشتۇردى(5) ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، قارلۇقلارمۇ بۇ ئىتتىپاققا كىردى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يېڭى بىرلەشمىسى ئۇلارنىڭ ئېتىنىك جەھەتتە ئۇيۇشقانلىقى ۋە سىياسىي جەھەتتە كۈچەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي كۈچى شۇ قەدەر قۇدرەت تاپتىكى 744 - يىلىغا كەلگەندە، شەرقىي تۈرك قاغانلىقىنى مەغلۇپ قىلدى. 745 - يىلى، ئۇيغۇر دۆلىتىنى تەشكىل قىلدى. مەزكور دۆلەتنىڭ پايتەختى ئوردۇبالىق بولۇپ، بۇ شەھەرنىڭ ئورنى ئورخۇن دەرياسى بويىدا ئىدى ( ھازىرقى قارا بالغاس خارابىسىدۇر )
ئۇيغۇر قاغانلىقى ناھايىتى كەڭ تېررىتورىيىنى، يەنى ئالتاي تاغلىرىدىن تا چوڭ ھىنگان تاغلىرىغىچە، شىمالدا سايان تاغلىرىدىن جەنۇبتا گوبى چۇللىرىگىچە بولغان يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. بۇ ئىمپېرىيە تەركىبىگە ھەرخىل تۈركىي قەبىلىلەر كىرگەنىدى. جۇڭگو پادىشاھلىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىياغا قاراپ كېڭىيىشىنى ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ كۇچ - قۇدرىتى توسۇپ تۇراتتى. 746 - يىلى قۇتلۇق بىلگە قاغان ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى مويۇنچۇر ( بايانچۇر ) قاغان بولدى. مويۇنچۇر باتۇر چىۋەر قوماندان ئىدى. ئۇ ئاتىسىنىڭ يولىنى تۇتۇپ، دۆلەت تېررىتورىيىسىنى كېڭەيتتى ۋە ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىدى.
بىرىنچى قاغاننىڭ ئوغلى مويۇنچۇر ( 747 - 759 )نىڭ ئۇنۋانى ‹‹ تەڭرىدە بولمىش ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان ›› ( ‹‹ تەڭرى تەرىپىدىن ئولتۇرغۇزۇلغان، دۆلەتنى تەشكىلىگەن دانىشمەن قاغان ›› دېگەن بولىدۇ ). مويۇنچۇر قاغاننىڭ ئۆز ئىسمى تۇريان ئىدى(6).
شىنە ئۇسۇ ( شىمالىي موڭغۇلىيە )دىن تېپىلغان مويۇنچۇر شەرىپىگە تىكلەنگەن 760 - يىللاردىكى ئۇيغۇرچە، رۇنىكچە يېزىقتا يېزىلغان تاش ئابىدىدەۈمۇيۇنچۇرنىڭ دادىسى قۇتلۇق بىلىگە مويۇنچۇرنى 742 -743 -يىللاردا ئالدىنقى سەپ قوشۇنلىرىنىڭ بىرىگە قوماندان قىلغانلىقى، 743 - يىلى مويۇنچۇر ئۆزمىش تېكىن قوماندانلىقىدىكى تۈرك ئەسكەرلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەنلىكى، شۇنىڭدىن كېيىن تۈركلەر ۋە قارلۇقلار بىلەن بولغان ئۇرۇش ئاخىرلاشقانلىقى خاتىرىلەنگەن
مويۇنچۇر ئۇزاققا سوزۇلغان شىدەتلىك ئۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ دۆلەتنى تەشكىللەشتىكى، خەلقنى ئۇيۇشتۇرۇتىكى بىردىنبىر يول ئىدى.
قۇتلۇق بىلگە قاغان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنلا، چوڭ ئاقسۇڭەكلەرنىڭ بىرى بولغان تاي بىلگە تۇتۇقنىڭ ئۇيغۇر قاغانلىقىغا قارشى ئىسىيانى كۆتۈرۈلدى. ‹‹ تاڭنامە ›› دە، مۇيۇنچۇرنىڭ چوڭ ئوغلى دۆلەت ئالدىدا ئۆتكۈزگەن جىنايىتى ئۇچۇن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى، دەپ خاتىرىلەنگەن. ئېھتىمال تاي بىلگە تۇتۇق شۇ ئوغۇل بولسا كېرەك(7). ئاھالىنىڭ بىر قىسمى تاي بىلگە تۇتۇقنى قاغان دەپمۇ ئاتىغان، ئوغۇزلار، تاتارلار، قارلۇقلار ئۇنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەنىدى.
يادىكارلىقتىكى مەلۇماتقا قارىغاندا، مويۇنچۇر: ‹‹ ماڭا قاراشلىق خەلقلەرگە قوماندانلىق قىلئىشنى كۆك ۋە يەر بۇيرۇدى. شۇڭا مەن غەلبە قىلدىم. مەشھۇرئەيىپكارلئارنى ( رەھبەرلەرنى )... ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەرنى خۇدا ماڭا بەردى مەن ئۇلارنىڭ چېدىر ۋە ئۆيلىرىگە چېقىلمىدىم، مال - چارۋىلىرىغا تەگمىدىم، ئۇلارغا ئادەم ( باشلىق - ت ) بەلگىلىدىم ۋە بۇرۇنقىدەك ياشىشى ئۇچۇن تاشلاپ كەتتىم. سىلەر مېنىڭ خەلقىم، ماڭا ئەگىشىڭلار، مىنىڭ يېنىمغا توپلىنىڭلار دېدىم ۋە ئۇلارنى قالدۇرۇپ كەتتىم ›› دېگەن)(8). شۇنىڭدىن كېيىن، يەنە بىر قاتار ئۇرۇشلار بولغان. دۇشمەنلەر ئىچىدە ‹‹ سەككىز ئوغۇزلار ۋە توققۇز تاتارلار.... ھەممىسىلا بار ئىدى.
مويۇنچۇر قولغا كەلتۇرگەن غەلبە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، شىمال تەرەپتىكى يەرلەرنى، ھەتتا ھازىرقى توۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىنلىرىنىمۇ ئىگىلىمەكچى بولدى. چىكلارنى بويسۇندۇرۇش، ئۇلارغا قوشنا بولغان، ھەتتا ئۇلارغا قېرىنداش بولغان قەبىلىلەرنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۇردى. ‹‹ كېيىنكى بىر يىل داۋامىدا سايان، ئالتاي تاغلىرىدا ياشىغۇچى قەبىلىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىتتىپاقى بارلىققا كەلدى. ئۇنىڭ تەركىبىگە ئېرتىش دەرياسى بويىدا ياشىغۇچى قارلۇقلار، شۇ جايدا قالغان تۈركلەر ۋە قەدىمكى خاكاسلار كىرگەنىدى (9) قىرغىزلار ئۆزلىرىگە قېرىنداش بولغان چىكلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە دەۋەت قىلدى ۋە ئۇلارغا جەڭگىۋار قوشۇن ئەۋەتىپ بەردى. بۇ قوشۇن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، چىكلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇرلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتەردى.
قارلۇقلار، باسمىللار، تۈركەشلەر ۋە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن باشقا قەبىلىلەرگە قارشى جەڭلەر ئۇزاققا سوزۇلدى. قوي يىلى ( 755 - يىلى )، قارلۇقلار ۋە باسمىللار ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ قىلىندى.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەلۇماتلار ئۇنىڭدىن خېلىلا بۇرۇن يېزىلغان تېرخن يادىكارلىقلىرىدىمۇ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بىز شۇ خاتىرىلەردىن قاغاننىڭ ئوغلىنىڭ قانداق رول ئوينىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. مويۇنچۇر دادىسى ھايات ۋاقتىدا، بىلگە تارخان نامىدا ئاتالغان ( دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، قاغان بولغان ) ئىدى. ئۇ ‹‹ نۇرغۇن خەلقنى ئاتاق - دېڭى بىلەن مەغلۇپ قىلغانىدى ››(10). يادىكارلىقتا قۇتلۇق بىلگە يابغۇ نامىدا يەنە بىر ئوغۇل تىلغا ئېلىنىدۇ. مويۇنچۇرنىڭ خوتۇنى ئېل بىلگە خاتۇن بولۇپ، بۇمۇ باتۇر ئايال ئىدى. بۇ ئايالنىمۇ مويۇنچۇرغا ئوخشاش ‹‹ ئىلاھ ياراتقان ›› دەپ ئاتايتتى.
758 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلار قىرغىزلارغا قاتتىق زەربە بەردى. قىرغىزلارنىڭ 50 مىڭ ئەسكىرى قاتتىق مەغلۇپ بولدى(11).
تاڭ سۇلالىسىنىڭ كۈچ - قۇدرىتى 8 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردە مەيدانغا كەلگەن ئوبيېكتىپ يۆنىلىشلەر نەتىجىسىدە خېلىلا ئاجىزلاشقانىدى. بۇنىڭغا تاڭ ئوردىسىدا يۈز بەرگەن جېدەل - ماجرالارمۇ تەسىر كۆرسەتكەنىدى. بۇ ئىشلار ئەن لۇشەن - شى سىمىڭ قوزغىلىڭى ( 755 - 762 - يىللىرى )غا ئېلىپ كەلدى. بۇ ۋەقەلەر ئۆز نۆۋىتىدە جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى كېيىنكى ئۆزگىرىشلەرگە تۇرىتكە بولدى.
يىغىنچاقلىغاندا، بۇ ۋەقە تۆۋەندىكى جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى: ‹‹....755 - يىلىنىڭ ئاخىرى، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال ئۆلكىسىنىڭ كۈچلۈك ۋالىيسى ئەن لۇشەن ئىسىيان كۆتەردى. ئۇنىڭ 160 مىڭ ئەسكىرى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىغا خۇددى قاتتىق كەلگەن كەلكۈندەكلا بېسىپ كىردى. بۇ يەردىكى پايتەختلەر قارشلىق كۆرسىتىشكە ئۈلگىرەلمەيلا قولدىن كەتتى. پادىشاھ شۇەنزۇڭ سىچۇەنگە قاچتى. ئالتە يىلغىچە سوزۇلغان قاتتىق ئۇرۇشتىن كېيىن، شۇەنزۇڭنىڭ ۋارىسى سۇزۇڭ ( 756 - 762 ) ئىسيانچىلارنى بېسىقتۇردى، لېكىن يۇشۇرۇن قارشى كۈچلەر يەنىلا مەۋجۇت ئىدى ››(12)
ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇ ۋەقەگە جەلپ قىلىندى. ئەن لۇشەن قوزغىلىڭى يۈز بېرىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ( 755 - يىلنىڭ ئاخىرى ) تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى سۇزۇڭ ئۇيغۇر قاغانلىقىغا ئەلچى ئەۋەتتى. ئۇيغۇر قاغانىنىڭ ئۆزى 4000 كىشلىك ئاتلىق قوشۇن باشلاپ كېلىپ، تاڭ قوشۇنى بىلەن بىرگە ئەن لۇشەن قوزغىلىڭىنى قوللاپ ياردەم بېرىۋاتقان قەبىلىلەرگە، جۇملىدىن تۈركىي قەبىلىلىرىگە زەربە بەردى. ھەل قىلغۇچ جەڭ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ بويلىرىدا بولدى. ئۇيغۇرلار تولۇق غەلىبە قازاندى. كېيىن ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى تاڭ پادىشاھلىقىغا بېسىپ كىردى(13).
ئۇيغۇرلار 757 - يىلى لوياڭنى قولغا كىرگۈزدى، كېيىن چاڭئەننى بېسىۋالدى. ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى چوڭ بايلارنىڭ ئۆيلىرىگە، بۇ شەھەرلەردىكى چوڭ دۇكانلارغا ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلارغا باستۇرۇپ كىردى. جۇڭگو يىلنامىسىنى يازغۇچىلار: ‹‹ شۇ چاغدا، خەقتىن تارتىۋېلىنغان بويۇملار ساناقسىزدۇر ›› دەپ يازغانىدى. بۇ پايتەختلەرنىڭك بىرسىدە بۇ خىل تەرتىپسىزلىك ئۇچ كۈنگەسوزۇلغان. شەھەر ئاقساقاللىرى ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ، تەرتىپسىزلىك توختىتىلسا، سىلەرگە لازىم بولىدىغان يىپەك رەختلەرنى بىزلا بەرسەك دەپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى سوۋغا قىلغان. 757 - يىل 12 - ئاينىڭ 30 -كۈنى، تاڭ پادىشاھى پەرمان چىقىرىپ، ‹‹ ئۇيغۇر قاغانىنىڭ ئوغلى ( ئەسلى تېكىستە يابغۇ دەپ ئېلىنغان ) دۆلەتنى قۇتقۇزۇش مەقسىتىدە يىراق ئەلدىن كەلگەن. ئۇنىڭ بىزگە قىلغان خەيرىخاھلىقى قەدىمكى ۋە بۈگۈنكى تارىختا كۆرۈلمىگەن....... ئۇنىڭ قابىليىتى 10 مىڭ ئادەمنىڭ قابىلىيىتىگەباراۋەر ›› دەپ باھا بەرگەن. پادىشاھ ( ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە) قىممەت باھالىق سوۋغا تەقدىم قىلغان. ئەڭ ئالىي قوماندانلىق ئۇنۋانىنى بەرگەن. يەنە ھەر يىلى ئۇيغۇر قاغانلىقىغا 20 مىڭ توپ يىپەك رەخت بېرىپ تۇرۇشنى بەلگىلىگەن.(14) سۇزۇڭ خان قاغاننى ئۆزىگە جەلپ قىلىش ئۇچۇن، تاڭ ئوردىسىدىكى بىر مەلىكىنى قاغاننىڭ نىكاھىغا بەرگەن ۋە مەلىكىگە قوشۇپ ئالتۇن - كۈمۈشتىن ياسالغان نۇرغۇن زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى، تاۋار - دۇردۇنلاردىن تىكىلگەن ھەر خىل كىيىم - كېچەكلەرنى سوۋغا قىلغان. مەلىكىنى باشلاپ سوۋغا - سالاملار بىلەن كەلگەنلەر ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئوردسىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىككىنچى كۈنى چوڭ توي راسلىنىپ، جۇڭگو مەلىكىسى ئۇيغۇر قاغاننىڭ خوتۇنى قىلىپ نىكاھىغا بېرىلدى، دەپ جاكارلانغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، مويۇنچۇر قاغان ئالەمدىن ئۆتتى (759 - يىلى )(15).
قاغان مويۇنچۇرنىڭ يابغۇ ئۇنۋاىدىكى چوڭ ئوغلى دۆلەت ئالدىدا قانداقتۇر بىر چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەچكە، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانىدى. شۇاڭ قاغانلىق تەختكە ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بىلگە تارخان چىقتى ( ئۇنىڭ قۇتلۇق تارخان سانغۇن، تەڭرى قاغان، تەڭرى ئەل تۇتمىش ئالىي كۈلۈگ ئىنى بىلگە قاغان، ئىنگى ياغلاقار قاتارلىق ناملىرىمۇ بار ئىدى. جۇڭگو مەنبەلىرىدە بولسا، بۇ قاغان ئىدىگەن مۇيۇي قاغان دەپ كۆرسىتىلگەن). ئۇ قاغانلىق تەختىدە 20 يىل ئولتۇردى (759 - 779 )(16). ئۇنىڭ ئۇنۋانلىرىنىڭ بىرسى ‹‹ تەڭرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولغان، دۆلەتنى ئىدارە قىلغۇچى قەھرىمان شانۇشۆھرەتلىك دانىشمەن قاغان ›› ئىدى.
داۋامى بار
پايدىلانغان ماتىرياللار:
(1) ل.ن، پۇتاپوف: ‹‹ 6 - 8 ئەسىردىكى جەنۇبىي سىبىرىيە خەلقلىرى›› ( ‹‹ سىبىرىينىڭ قەدىمكى تارىخى توغرىسىدىكى ماتېرىياللار ›› )، ئۇلان - ئۇدې 1941 - يىل[size=1]
(2) مالياۋكىننىڭ 1983 -يىلى نەشىر قىلغان ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى ››
(3) ئا.گ. مالياۋۆىننىڭ 1980 - يىلىدىكى ئەسىرى، 118 - 119 - بەتلىرى: ئا. گابائىننىڭ 1952 - يىلدىكى ئەسىرى.
(4) س. گ.كلياشتورنىي، ئا. ل. كولېسسنېكوف: ‹‹ 19 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى رۇس ساياھەتچىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى غەربىي يۇرت ››، ئالمۇتا، 1988 -يىل، 33 - بەت.
(5) د. ئى. تىخونوف ‹‹ 10 - 14 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمى ›› 1966 - يىل، مۇسكۋا - لېنىنگراد
(6) س. گ.ئ كلياشتورنىينىڭ 1980 - يىلى نەشىر قىلىنغان كىتابى.ئ
(7) رامستىېدېتنىڭ 1912 - يىلى نەشىر قىلىنغان ئەسىرى، 48 - بەت.ئ
(8) س.ئيې. مالوفنىڭ 1959 - يىلى نەشىر قىلىنغان ئەسىرى
(9) ل. ر. قىزلاسوفنىڭ 1984 -يىلى نەشىر قىلىنغان ئەسىرى.
(10) س. گ. كلياشتورنىينىڭ 1980 - يىلى نەشىر قىلغان ئەسىرى، 93 - بەت
(11) ‹‹ كونا تاڭنامە ›› 195 - جىلد، 4 -باب، ‹‹ يېڭى تاڭنامە ››، 217 - جىلد.
(12) كريۇكوف، مالياۋكىن، سوفرونوفلارنىڭ 1984 - يىلى نەشىر قىلىنغان ئەسىرى.
(13) ن. يا. بىچۇرىن: ‹‹ قەدىمكى زامانلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان خەلقلەر توغرىسىدىكى مەلۇماتلار توپلىمى ››، 1 - توم، 309 - 312 - بەتلەر.
(14)س. ماككېرراس:« ‹‹ 744 - 840 - يىللاردىكى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى›› ( تاڭ سۇلالىسى تارىخى ماتېرىياللىرى ئاساسىدا يېزىلغان )، 7 - 17 - بەتلەر، كامبېررا 1968 - يىل ( شەرقنى تەتقىق قىلش مەركىزى ئاۋستىرالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرىستېتى)
(15)س. ماككېرراس: ‹‹ 744 - 840 - يىللاردىكى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى›› 15 -، 25 -، بەتلەر، 1968 - يىل، كانبېررا.
(16) س. گ. كلياشتورنىينىڭ 1980 - يىلى نەشىر قىلغان ئەسىرى،

(مەكىزىي ئاسىيا تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار ‹‹ ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى›› رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇر سايرانى




                         ئۇيغۇر قاغانلىقى ( 745 - 840 ) ‹2›
     ئىدىگەن مۇيۇي قاغان ( بۈگۈ قاغان ) تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللەر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچ - قۇدرىتى ۋە شان - شۆھرىتى ناھايىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن مەزگىللەر ئىدى. بۇ دەۋر، تاڭ پادىشاھلىقى دائىرىسىدە جۇڭگو يىلنامىسىنى پۈتكۈچىلەرنىڭ سۆزى بويىچە ‹‹ قالايمىقانچىلىق ھۆكۈم سۈرگەن ›› دەۋر ئىدى. تاڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۆز پادىشاھلىقىنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەم بېرىشىگە ئىنتىلەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەم كۆرسىتىشى ئۈچۈن، بىرقانچە ئون مىڭ توپ يىپەك رەخت ۋە يىپەك بېرىشكە ۋەدە قىلغانىدى. ئۇيغۇرلار بېسىۋېلىش يولىنى تۇتۇپ، يول ئۇستىدىكى شەھەر ۋە يېزىلارنى ۋەيران قىلىپ ماڭدى. ئۇ جايلاردىكى ئاھالىلەر پىتىراپ كەتتى. ئىبادەتخانىلارغا ئوت قويۇپ، ، ئۇنىڭغا يۇشۇنۇۋالغانلارنى غەرق قىلدى. ئاھالىلەر ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنى كۆرسىلا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان بولدى.
     ئۇيغۇرلار 762 - يىلى 2 - قېتىم لوياڭ شەھىرىنى، يەنى شەرقىي پايتەختنى ئىگىلىۋالدى. شۇ چاغلاردا شەھەردە ئاز كەم 1 مىليونچە خەلق ياشايتتى، شەھە بۇلاڭ - تالاڭغا ئۇچراپ، ئۆيلەر ۋەيران قىلىندى. شەھەر ئاھالىسى شۇنچىلىك كەمبەغەللىشىپ كەتكەنكى، ھەتتا قەغەزدىن كىيىم تىكىپ كىيىدىغان ھالغا چۇشۇپ قالغان.(1)
     تاڭ پادىشاھلىقىنىڭ يېڭى پادىشاھى دەيزۇڭ ( 762 - 799 ) تەختكە چىققاندا، ئالدىنقىلاردىن قالغىنى جۇڭگونىڭ يۇقىرىقىدەك خاراب ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن مۇرەككەپ مۇناسىۋەت بولدى. پادىشاھ دەيزۇڭ قاغان ئىدىگەن مۇيۇيگە بەك يېقىنچىلىق قىلاتتى. ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۇكىسى دەپ يۈرەتتى. قىسقىسى، تاڭ ئوردىسى ئەن لۇشەن ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ قوزغىلىڭى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن تىنچىتتى. ئەمدىلىكتە تاڭ ئوردىسى ئالدىدا قانچىلىك بەدەل كەتسىمۇ، بۇ ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنى تاڭ پادىشاھلىقى دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپە تۇراتتى. قاغانغا ۋە ئۇنىڭ خاتۇنىغا قىممەتلىك سوۋغىلار بېرىلگەندىن باشقا، سەركەردىلەرگىمۇ تۈرلۈك ھۆرمەت ناملىرى بېرىلدى. 763 - يىلى باھاردا، ئۇيغۇرلار تاڭ سۇلالىسى دائىرىسىنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى(2).
     ئۇيغۇر قاغانى قايتىپ كېتىۋېتىپ قاغانلىقنىڭ چېگرىسىغا كەلگەندە سوغد ۋە رۇنىك يېزىقىدا يېزىلغان چوڭ تاش ئابىدە ئورناتتى ( بۇ ئابىدە ‹‹ سېۋرىي يادىكارلىقى ›› دەپ ئاتىلىدۇ )(3)
     8 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، تىبەتلىكلەر بىلەن جىددىيلىشىش يۈز بەردى. دەسلەپتە تىبەتلىكلەر ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ بىر قەدەر كۈچلىنىۋالغانىدى. 765 - يىلىغا كەلگەندە، ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلىكلەر تەخت تالىشىپ ئۆزئارا تۇتىشىپ قالدى. بۇ تۇقۇنۇشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، مەنبەلەرگەقارىغاندا، تاڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، تىبەتلىكلەرنى باسقانلىقى بولسا كېرەك.(4)
     ئۇيغۇرلار بىلەن تاڭ سۇلاىسى ئارىسىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە سودا - تىجارەتلەر يولغا قويۇلغانىدى. ئۇيغۇرلار ھەر يىلى تاڭ سۇلالىسىغا بىر قانچە 10 مىڭ ئات ھەيدەپ كېلىپ ساتاتتى. تاڭ سۇلالىسى ھەربىر ئات ئۈچۈن 40 توپ يىپەك بېرەتتى. ھەريىلى بۇنچىلىك كۆپ مىقداردىكى يىپەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇش تاڭ سۇلالىسى ئۈچۈن قىيىنغا توختايتتى. شۇ سەۋەبتىن، تاڭ پادىشاھى قاغانلىقتىن تاڭ تېررىتورىيىسىگە كېلىدىغان يىلقنىڭ سانىنى چەكلەپمۇ تۇراتتى(5)
     ئىدىگەن مۇيۇي تارىخ سەھنىسىگە چوڭ قوماندان ۋە دۆلەت ئەربابى، شۇنداقلار ئۇيغۇر قاغانلىقىغا مانى دىنىنى تارقاتقۇچى سۈپىتىدە چىقتى. 762 - يىلى، ئۇ تاڭ ئوردىسىدا بولغان چېغىدا، مانى دىنىنى تارقاتقۇچىلار بىلەن ئۇچراشقانىدى. لوياڭ شەھىرىدىكى مانى دىنى مۇرتلىرى ئىدىگەن مۇيۇينى مانى دىنىنى قوبۇل قىلىشقا ئۇندەپ، ئۇنى ماقۇل كەلتۇرگەنىدى. قاغان ئۆز ئېلگە قايتقاندا، تۆت نەپەر مانى دىنى ئۆلىماسىنى بىللە ئېلىپ كەلگەنىدى. ئەھۋاللارغا قارىغاندا، بۇ كىشىلەر سوغدىلار بولسا كېرەك. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، قاغان مانى دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ بېكىتتى. مانى دىنى ئىبادەتخانلىرى قۇرۇلدى. بۇنىڭدا دىنىي مەقسەتلا ئەمەس، سىياسىي مەقسەتمۇ، يەنى سوغدىلىقلارنى ئۇيغۇر قاغانلىقىغا جەلب قىلىش بىلەن بىللە، قاغانلىقنى تاڭ سۇلالىسى بىلەن باراۋەر ئورۇندا قويۇپ، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش نەزەردە تۇتۇلغانلىقى ئېھتىمال دېگەن پەرەزلەرمۇ بار. ئىدىگەن مۇيۇي قاغان .ۇزۇن ۋاقىتلارغىچە تۈركلەر ئارىسىدا ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مىنى جەمەتىنى بىرىنچى بولۇپ تەشكىللىگۈچى ئادەم دەپ قارالدى. تۈركلەر ئارىسىدا تارالغان مانىچە قوليازمىدا ئىدىگەن مۇيۇي قاغان ‹‹ ئۇلۇغ دۆلەت ئەربابى ››، ‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ دانىشمەن قاغانى ››، ‹‹ مانى دىنىنى ئىزاھلىغۇچى ›› دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان(6).
     قارابالغاسۇندىكى ئابىدىنىڭ خەنزۇ يېىزىقىدىكىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنى ئېتىقادچىلىرىنىڭ باشلىقىنىڭ نامى تۇس دېگەن نام بىلەن ئاتالغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ(7).
     ئىدىگەن مۇيۇي قاغان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئۇنىڭ قېشىدىكى ئەمەلدارلار ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈندى. بىرىنچى گۇرۇھقا ۋەكىللىك قىلغۇچىلار سوغدلار بولۇپ، ئۇلار قاغاننى تاڭ پادىشاھلىقىغا ھۇجۇم قىلىشقا دەۋەت قىلاتتى. ئىككىنچى گۇرۇھتىكىلەرگە رەھبەرلىك قىلغۇچى قاغاننىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ۋە باش ۋەزىر تۇنمۇكۇ تارخان ئىدى. ئۇ بىرىنچى گۇرۇھتىكىلەرنىڭ پىكىرىگە قارشى چىقىپ، بۇ خەۋپلىك ئىش، بۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك، دەيتتى. لېكىن، قاغان باش ۋەزىرنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلمىدى. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە، باش ۋەزىر ئوردىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، قاغاننى، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنى ۋە بىرىنچى گۇرۇچتىكى قاغانغا يېقىن كىشىلەرنى، يەنى سوغدىلاردىن بولۇپ 2000غا يېقىن كىشىنى ئۆلتۈردى. ۋەزىر ‹‹ قاغان ›› دەپ جاكارلاندى(8). ۋەزىر تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ‹‹ قۇتلۇق بىلگە قاغان ›› دەپ ئاتالدى ۋە قاغانلىقى 779 - يىلىدىن 789 - يىلىغىچە 10 يىل ئىدارە قىلدى، تاڭ ئوردىسى ئۇنىڭغا يەنە باشقا ناملارنىمۇ بەردى.
     ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى تارىخىي تەقدىرى غەربىي يۇرت بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، بۇنداق باغلىنىش تاڭ سۇلالىسى ئوردىسى، بولۇپمۇ تىبەتلىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ئۆزىگە شەرت قىلغانىدى.
     7 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، تىبەت قەبىلىلىرى بىرلىككە كېلىپ ئىتتىپاق تۈزدى. بۇ تىبەتلىكلەرنىڭ دەسلەپكى دۆلەت شەكلى ئىدى. بۇ دۆلەتكە سېنپو دېگەن كىشى ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
     سېنپو سوڭزەن گەنبو ( 617 - 649 ) ۋاقتىدا، تاڭ سۇلالىسى بىلەن تىبەتلىكلەرنىڭ توقۇنۇشى باشلاندى. ئەن لۇشەن ئىسيانى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، تاڭ سۇلالىسىنى ئاجىزلاشتۇردى، لېكىن تىبەتلىكلەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلاندى، 763 -يىلى، تىبەتلىكلەر ئۆز ئىتتىپاقچىلىرى بىلەن بىرلىكتە چاڭئەننى ئىشغال قىلدى. تاڭ پادىشاھى چاڭئەننى تاشلاپ قاچتى. 783 - يىلى، تىبەتلىكلەر بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا تىنىچلىق توختامى ئىمزالاندى(9). ‹‹ تىبەتلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەىتى 8 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى ئامىللار بىلەن باشلانغانىدى ››(10). يۇقىرىقى توختام تۈزۈلگەندىن كېيىن، جۇڭگو پادىشاھى ئۇيغۇرلارنى قوللىغان ئىسيانچىلارنى باستۇرۇش ئۇچۇن بىر ئامال قىلىپ، تىبەتلىكلەرنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۇرۇشكە كىرىشتى. تىبەتلىكلەر 783 - 784 - يىللىرى ئىسيانچىلار ۋە شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلارنى مەغلۇپ قىلدى. تىبەتلىكلەر تاڭ سۇلالىسىغا قىلغان ياردىمى بەدىلىگە، تاڭ سۇلالىسىغا قاراشلىق زېمىنلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىش خىيالىدا ئىدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ بۇ پىلانى ئەمەلگە ئاشمىدى. 789 - 790 - يىللىرى، تىبەتلىكلەر ئەنشى ( ئەنشى - تۇرپان ۋىلايىتى بولۇپ، بۇ يەرنى 640 - يىلى تاڭ ئەسكەرلىرى بىسىۋالغان. 658 - يىلى، ئەنشىنىڭ مەركىزى كۇچارغا كۆچۈرۈلگەنىدى )نى، شۇنداقلا بېيتىڭ - بەشبالىقنىمۇ بېسىۋالدى ( بېيتىڭ - شەرقىي تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى بىر ۋىلايەت، ئۇرۇمچى راتونىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
     ئۇيغۇرلار 8 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 8 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىغىچە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىتتىپاقچىسى ئىدى. 783 - 784 - يىللىرى ئۇيغۇرلار تاڭ ئەسكەرلىرىگە قارشى كۇرەش قىلىۋاتقان ئىسيانچىلارنى قوللاپ، ئۇلارغا ياردەم قىلدى. 787 - يىلىدىن باشلاپ، ئۇلار قايتىدىن تاڭ ئوردىسىنىڭ ئىتتىپاقچىسى بولۇپ قالدى.
     789 - 791 - يىللاردىكى ۋەقەلەر غەربىي يۇرت تەۋەسىدە يۈز بەردى. جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدىن ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدىكى، ئۇيغۇرلار غەربىي يۇرتتا راۋرۇس پۇت تىرەپ تۇرالىغان بۇ يەر 8 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، بولۇپمۇ غەربىي تۈرك قاغانلىقى يىمرىلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ، .ۇيغۇرلارنىڭ قولىدا بولغان. ئۇيغۇرلار بۇ يەرلەردە باشقا تۈركىي قەبىلىلەر - شاتو ( ساتارلار )، قارلۇق ۋە ‹‹ ئاق كىيىملىك تۈركلەر ›› قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىللە ياشىغان بولۇپ، بۇ تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتائىتىدە بولغانىدى. بەزىدە بۇ تۈركىي قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا جېدەل - ماجرالارمۇ چىققانىدى. 80 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ سابىق ئىتتىپاقچىلىرى تىبەتلىكلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، قەبىلىلەر ئارىسىدا ماجرالارمۇ چىققان.
     789 - يىلى بەشبالىق ئەتراپىدىكى شاتو، قارلۇق ۋە باشقا تۈركىي قەبىلىلەر ئۇيغۇرلارغا قارشى كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن، 790 - يىلى تىبەتلىكلەر بەشبالىقنى ئىگلىۋالدى. لېكىن ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇيغۇرلارنىڭ باش ۋەزىرى ئەل ئۇگەسى بەشبالىقنى قايتۇرۇۋالدى. 790 - يىلنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا، ئەل ئۆگەسى تىبەتلىكلەرگە قارشى يەنە بىر قېتىم ھەربىي يۈرۈش قىلدى. ئەمما، بۇ قېتىمقى ھەربىي يۈرۈش ئوڭۇشلۇق بولمىدى. نەتىجىدە تىبەتلىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقچىلىرى بەشبالىقنى قايتىدىن بېسىۋالدى. بۇ يەردىكى تاڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرى قېچىپ كەتتى. 790 - يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، ئەل ئۆگەسى بەشبالىقنى قايتۇرۇۋېلىشقا يەنە ئۇرۇندى. ئۇ مۇشۇ مەقسەت بىلەن بىرنەچچە مىڭ ئەسكەر توپلىدى ۋە تاڭ ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە تىبەتلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى. ئەمما، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدى. بەشبالىقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنلىرىنى قارلۇقلار ئىگىلىۋالدى. 791 - يىلى كۈزدە، ئۇيغۇر قوشۇنلىرى تىبەتلىكلەر ۋە قارلۇقلارنىڭ بىرلەشمە كۇچىنى تارمار قىلىپ، بەشبالىقنى قايتىدىن ئىگىلىۋالدى(11)
     ئۇيغۇر قاغانلىقىدا تاشقى سىياسىي ۋەقەلەردىن باشقا، قاغانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ جىددىي ئېتنىك سىياسىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەنىدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر كونفېدېراتسىيىسى ( ئىتتىپاقى ) ئىچىدىكى ياغلاقار ئۇرۇقىنىڭ مونوپولىيىلىك ھۆكۈمرانلىقى بۇزۇلدى. بۇ چاغلاردا ئېدىز قەبىلىسى‹‹ ئۇيغۇر قاغانلىقىدا چوڭ رول ئويناشقا باشلىدى ››(12). ئېدىزلار ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە تېلې قەبىلىلىرى ئىتتىپاقىغا مەنسۇپ ئىدى. ئېدىزلار تارىخىدىن بۇ قەبىلىلەرنىڭ بىرقىسمى شىمالىي جۇڭگونىڭ چەت - ياقا جايلىرىغا كۆچۈپ كەتكەنلىكى مەلۇم. بىرىنچى قېتىم 647 - يىلى كۆچكەن، ئىككىنچى قېتىم 719 - 720 - يىللىرى ئېدىزلارنىڭ رەھبىرى ئارسلان سېدې ساتى باشچىلىقىدا كۆچكەن.
     795 - يىلى قۇتلۇق بىلگە قاغان ئالەمدىن ئۆتتى. قاغان ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرغان يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا، قاغانلىقتىكى پۈتۈن ھاكىمىيەتنى ئېدىز قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان ۋەزىر قۇتلۇق سانغۇن قولىغا كىرگۈزۈۋالغانىدى. ئۇىڭ قاغانلىقتىكى ئورنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى باشقىچىرەك بولدى. ئەسلىدە ئۇ بىر يېتىم بالا بولۇپ، ئۇنى چوڭ بىر مۆتىۋەر كىشى بېقىۋالغانىدى. كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ئارقىلىق مۇھىم ھەربىي باشلىق ۋە كېيىن ۋەزىر بولغان، جامائەت ئىچىدە ئىناۋىتى كۆتۈرۈلگەنىدى. كۆپ كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئەندىشە قىلاتتى. كېيىن ئۇ قاغانلىق تەختىگە چىقتى ( 795 - 805 ). ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئۆتكەن قاغاننىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنى تاڭ ئوردىسىغا ئەۋەتىۋەتتى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى كۈلۈگ بىلگە قاغان بولدى ( 805 - 808 ). بۇ قاغاننىڭ تاڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتكەن 1 - نۆۋەتلىك ئەلچىلىرى مانى دىنى مۇرتلىرى ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، قاغانلىقتىن مانى دىنىدىكىلەر ھەر يىلى تاڭ پادىشاھلىقىغا كېلىپ، ئۇ يەردىكى سودىگەرلەر بىلەن تىجارەت قىلىدىغان بولدى. كۈلۈگ باغا بىلگە قاغان ۋاپاتىدىن كېيىن، ئېدىزلار سۇلالىسى تاماملاندى. قاغانلىق تەختىگە يېڭىۋاشتىن ياغلاقار ئۇرۇقىدىن بولغان باۋيى قاغان ئولتۇردى. ئۇ ‹‹ ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش قۇچ بىلگە قاغان ›› دېگەن نام بىلەن ئاتالدى (808 - 821 )(13). مۇشۇ چاغلاردا ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ كۈچ - قۇدرىتى خېلىلا ئاجىزلاشقانىدى. بۇنداق بولۇشقا تاشقى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ قولايسىز بولغانلىقىدىن باشقا، قاغانلىق تەۋەسىدە بىرنەچچە يىل ئۇدا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەر، ئاچارچىلىق ۋە ۋابا كېسەللىكلىرى قاتارلىقلار دەستىدىن ئاھالىنىڭ خارابلىشىپ كەتكەنلىكىمۇ چوڭ سەۋەب ئىدى. كۆرسىتىلىشىچە، چارۋا - ماللاردا يۈز بەرگەن جۇت شۇنچىلىك چوڭ بولغانكى، ‹‹ ئۆلگەن قوي ۋە يىلىقلارنىڭ ئۇستىخانلىرى قاغانلىقنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى قاپلاپ كەتكەن ئۇلاردىن باشقا، ئۇيغۇرلار ئۇدا ياغقان قېلىن قار تۇپەيلدىنمۇ ۋەيران بولغان(14). ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ تاڭ سۇلالىسىگە تېگىش قىلىپ قاتتىق مەغلۇپ بولۇشى يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغان(15).
     ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن ئاجىزلىشىشى قىرغىزلارنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولدى. 820 - يىلى، قىرغىزلارنىڭ ھۆكۈمرانى ئاجۇ ئۇيغۇرلارغا قارشى ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ ئۇرۇش 20 يىل داۋام قىلدى. ئۇيغۇر قاغانلىقىدىكى ۋەزىيەتنىڭ قىيىنلىقى تۈپەيلىدىن، قىرغىزلار ئۇرۇشقانسىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. ئاجۇ ئادەملىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ‹‹ ئالتۇن چېدىرى ››نى تارتىۋالىمىز، دەپ قەسەم بەردى. ئۇيغۇرلار قاغانلىقىنىڭ قىرغىزلار تەرىپىدىن قايسى يىلى ئاغدۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا ئىككى خىل قاراش بار: ئادەتتە، بۇ ۋەقە 840 - يىلى يۈز بەرگەن، دەپ قارالماقتا. لېكىن، بۇ ئىش 839 - يىلى يۈز بەرگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.
     يۇقىرىقىلار ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىكى تاشقى ئامىللار ئىدى. بولۇپمۇ 832 - يىلدىن باشلاپ، قاغانلىقنىڭ ھۆكۈمران دائىرىلىرى ئىچىدە ئىچكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. قاغانلارنىڭ ۋە ۋەزىرلەرنىڭ ئورۇنلىرى پات - پات ئالمىشىپ تۇرۇلدى، ھەتتا ئۆلتۈرۈلۈپ تۇرۇلدى. شۇ ۋاقىتتا، ھاكىمىيەتنى باشقۇرۇپ تۇرغان ساتېگىن ( 832 - 839 ) يۇقىرى تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن، جۇملىدىن تەسىرى ناھايىتى چوڭ ۋەزىر ئەن يۇنخې بىلەن دۈشمەنلەشتى ( بۇ كىشى سوغدىلاردىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن )، باش ۋەزىر ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقچىلىرى مەزكۇر قاغاننى تەختتىن چۇشۇرمەكچى بولدى. ئەمما، قاغان بۇنى سېزىۋېلىپ، قارشى چىققۇچىلارغا چارە كۆرۈپ، ئىككى كىشىنى ئولتۈردى، لېكىن قارشى چىققۇچىلار ئىچىدىكى تەسىرى كۈچلۈك بولغان ۋەزىر قارا بۇلۇق ( كيۇرېبىر ) ئۆز ئەتراپىغا ئادەم توپلاپ قاغانغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى ( بەزىلەر جىددىي پەيتتە قاغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى دەپ قارايدۇ ). ئىسىيانچىلار ۋۇتۇنى قاغانلىققا كۆتەردى ( 839 - 840 ). مەلۇم بولىشىچە، تاڭ سۇلالىسى بۇ قاغاننىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۇچۇن، قاغانغا بىر مەلىكە تەقدىم قىلدى. ھەر ھالدا بۇ ئىشنىڭمۇ ئازراق پايدىسى بولدى. ھەربىي سەركەردىلەرنىڭ بىرسى گۇيلۇ موخو ( كۈلۈگ باغا تارخان ) ئۆزىنىڭ قاغاننى ئاغدۇرۇش كۇيىدا ئىكەنلىكىنى قىرغىزلارغا ئېيتىپ، ئۇلارغا مۇراجىئەت قىلىدۇ. كۈلۈگ باغا 100 مىڭ كىشلىك قىرغىز ئەسكىرىنى باشلاپ كېلىپ، قاغانلىقنىڭ پايتەختىنى بېسىۋالدى. ‹‹ شەھەرنى ۋەيران قىلىپ ئوت قويۇۋېتىدۇ ››(16)، قاغانمۇ ئۆلتۇرۇلىدۇ.
     مۇشۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر قەدىمكى تۈرك - رۇنىك يېزىقىدىكى سۇدىجىن يادىكارلىقىدا بايان قىلىنىدۇ(17). مۇشۇ يادىكارلىقتىن ئەڭ ئاخىرقى ئۇيغۇر قاغانىنى ئۆلتۈرگەن قاتلنىڭ قىرغىزلارنىڭ بويلا قۇتلۇق تارخان ئىسىملىك ئاقسۇڭىكى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.
     ئۇيغۇر قاغانلىقى مانا مۇشۇنداق پارچىلىنىپ كەتكەن. لېكىن، بۇ ئۇيغۇر تارىخىنىڭ تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيتتى. سېلىنگا دەرياسى بويىدا پەرەز بويىچە قېپقالغان قىسمىدىن باشقا، ئۇيغۇرلار ‹‹ كونا تاڭنامە ›› دە: ‹‹ ئۇيغۇرلار تۈرلۈك خەلقلەر ئارىسىغا تارقىلىپ كەتتى ›› دەپ كۆرسىتىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ قەبىلە گۇرۇپپىلىرىنى قىرغىزلارمۇ كەينىگە چۈشۈپ قوغلىغان (18). قاغان ئايمىغىغا يېقىن 15 قەبىلىدىن ئىبارەت بىر توپ ئۆگە تېگىننى ئۆزلىرىگە قاغان قىلىپ سايلىدى ( خەنزۇچە مەنبەلىرىدە ۋۇجيې دەپ ئېلىنغان‹841 - 846 › ). ئۆگە تېگىن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنى باشلاپ، قىرغىزلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان تاڭ ئوردىسىنىڭ مەلىكىسىنى ئۇلاردىن تارتىۋېلىپ جەنۇب تەرەپكە يۈرۈپ، گوبى چۆلىنى كېسىپ ئۆتۈپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئەگمىسىگە، يەنى تاڭ سۇلالىسى چېگرىسىغا كەلدى. بۇ رايوندا بۇ ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇنلا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار بار ئىدى. بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بۇ يەرگە توپلىنىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى تارىخىدا تازا مۇھىم رول ئوينىيالمىدى. پەقەت نەنشەن تاغلىرى ۋە غەربىي يۇرتقا كېلىپ جايلاشقان ئۇيغۇر قەبىللىرىلا كۈچلۈك ئۇيغۇر دۆلىتىنى تەشكىللەشكە پائال قاتناشتى(19). بۇ ۋەقەلەر ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئوردۇس رايونىدا ۋە سېلىنگا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا يۈز بەرگەنىدى. قاغانلىقنىڭ غەربىي قىسمىدا، ، بولۇپمۇ تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتەكلىرىدە ئېتىنىك سىياسىي ۋەزىيەت باشقىچە بولدى. بۇ يەرلەدە ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى ھاكىمىيەت بۇرۇنقى پېتى تۇرۇۋەردى. ئۇيغۇرلار كېيىن ئۇچ تارماققا بولۇنۇپ، بىرىنچى تارمىقى ئىدىقۇت ( تۇرپان ) ئەتراپلىرىدا ‹‹ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى ›› نى، ئىككىنچى تارمىقى ‹‹ كەڭسۇ ئۇيغۇر قاغانلىقى ›› نى، ئۇچىنچى تارمىقى ‹‹ قاراخانىلار قاغانلىقى ›› نى قۇرۇپ چىقتى(20).
     يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتۈلگەن دەۋردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تۈزۈملەردە چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەنىدى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بەك ئىنچىكە تەرەپلىرىنى بۇ يەردە تەپسىلىي بايان قىلىشىمىزغا ئىمكان يوق، دەل مۇشۇ جەرياننىڭ ئومۇمىي يۆنىلىشىنى ئوتتۇرا ئەسىردە ئۆتكەن جۇڭگو ياغۇچىسى بايان قىلغانىدى. شاۋ بۇۋېن ئۆزىنىڭ ‹‹ ئاڭلىغان - كۆرگەنلەردىن خاتىرە ›› ( 1096 - يىلى يېزىلغان ) سىدە مۇنداق كۆرسەتكەنىدى: ‹‹ دەسلەپتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى ئاددىي ۋە سەمىمىي ئىدى. بەگلەر بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى پەرق چوڭ ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئاھالىنىڭ پىكىرى بىر بولۇپ كەلگەن، ئۇلار كۈچلۈك ۋە يېڭىلمەس ئىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ پادىشاھلىقىغا كۆرسەتكەن تۆھپىسى چوڭ ئىدى. تاڭ ئوردىسى ئۇلارغا تارتۇق - ئىنئاملار بېرىپ كەلگەنىدى. تەڭرى قاغان بەك مەغرۇرلىنىپ، ئۆزى تۇرۇش ئۇچۇن بىرىنچى بولۇپ ھەشەمەتلىك سارايلارنى سالدۇردى، ئاياللار بولسا ئۇپا - ئەڭلىك سۈركەيدىغان، قاش - كۆزلىرىنى بويايدىغان، كىيىملىرىمۇ ئۆزگىرىپ، زىبۇزىننەت بىلەن كەشتىلىنىدىغان بولدى. بۇ خىل نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگو مىەھسۇلاتلىرى ئىدى. بۇ خىل بىھۇدە ئىسراپچىلىقلار بۇرۇنقى - ئۆرۇپ - ئادەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولۇپ، خەلق بىلەن ئەمەلدارلار ئوتتۇرسىدا پەرىق بەك چوڭ بولۇپ كەتتى.››(21).

پايدىلانغان ماتىرىياللار:
(1)س. ماككېرراس:‹‹ 744 - 840 - يىللاردىكى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى››26-، 4 -، بەتلەر، 1968 - يىل، كانبېررا.
(2)س. ماككېرراس: ‹‹ 744 - 840 - يىللاردىكى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى›› 26 -، 41 -، بەتلەر، 1968 - يىل، كانبېررا.
(3)) س. گ. كلياشتورنىي ، لىۋشىتىسلارنىڭ 1971 - يىلى نەشىر قىلغان ئەسىرى،
(4)‹‹ يېڭى تاڭنامە ››، 217 - جىلد.
(5)س. ماككېرراس: ‹‹ 744 - 840 - يىللاردىكى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى›› 26 -، 41 -، بەتلەر، 1968 - يىل، كانبېررا.
(6)س. گ. كلياشتورنىي ، لىۋشىتىسلارنىڭ 1971 - يىلى نەشىر قىلغان ئەسىرى،
(7) خېننىڭنىڭ 1977 - نەشىر قىلنىغان ئەسىرى، 580 - بەت
(8)يېڭى تاڭنامە ››، 217 - جىلد، 5 -بەت.
(9)‹كريۇكوف، مالياۋكىن، سوفرونوفلارنىڭ 1984 - يىلى نەشىر قىلىنغان ئەسىرى. 76 -، 77 - بەتلەر
(10).ئېسسېدى: ‹‹ بەشبالىقتىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۈبۈتلەر›› ( 790 -791 - يىللىرى ) ( ‹‹ ۋېنگرىيە شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتى ›› )، 1964 -يىل 17 - سان 80 - بەت.
(11)ئېسسېدى: ‹‹ بەشبالىقتىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۈبۈتلەر›› ( 790 -791 - يىللىرى ) ( ‹‹ ۋېنگرىيە شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتى ›› )، 1964 -يىل 17 - سان 83 -، 104 - بەت.  ئا.گ. مالياۋۆىننىڭ 1981 - يىلىدىكى ئەسىرى، 14 -،15 -، 44 -،45 -،176 -،178 -،199 -،203 -بەتلەر
(12)ئا. گ. مالياۋكىننىڭ 1981 - يىلى نەشىىر قىلغان ئەسىرى. 83 -88 -بەتلەر.
(13) ن. يا. بىچۇرىن : ‹‹ قەدىمكى زامانلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان خەلقلەر توغرىسىدىكى مەلۇماتلار توپلىمى ›› 1 - توم 330 - 332 - بەتلەر 1950 -يىل؛ خامىلتون: ‹‹ بەش دەۋر مەزگىلىدىكى خەنزۇچە يېزىلغان ھۆججەتلەردە بايان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ›› 140 -141 - بەتلەت. 1955 - يىل پارىژ: س. ماككېرراس: ‹‹ 744 - 840 يىللاردىكى ئۇيغۇرلار ئىمپېرىيىسى ››، 93 - 96 - بەتلەر، 1968 -يىل ، كامبېررا.
(14)ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 9 - 12 -ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، 27 -96 - بەتلەر، 1974 - يىل نوۋسسىبىرسك
(15)كيۇنېرنىڭ 1961 - يىلى نەشىر قىلىنغان ئەسىرى، 57 - بەت
(16) ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 9 - 12 -ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، 26 -، 27 -بەتلەر: گ. ب. سۇپرۇنېنكو : ‹‹ تاڭ سۇلالىسى بىلەن يەنسەي قىرغىزلىرىنىڭ مۇناسىۋت تارىخى ›› ( ‹‹ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىبىرىيە، مەكىزىي ۋە شەرقىي ئاسىيا ››، ) 62 -، 63 - بەتلەر، نوۋوسىبىرسك. 1975 - يىل؛  ج. ر. خامىلتون: ‹‹ بەش دەۋر مەزگىلىدىكى خەنزۇچە ھۆججەتلەردە بايان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ››، 6 -، 66 -، 141 - بەتلەر 1955 - يىل پارىژ : س. ماككېرراس: ‹‹ 744 - 840 - يىللاردىكى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى ››، 123 -، 124 - بەتلەر، كامبېرا 1968 -يىل
(17)س. يې. مالوف: ‹‹ موڭغۇلىيىدىن تېپىلغان قەدىمكى تۈركىي يېزىق يادىكارلىقلىرى ››، 1951 - يىل : س. گ. كلياشتورنىيىنىڭ 1959 - يىلدىكى ئەسىرى قاتارلىقلار.
(18) بۇ. ئا. زۇيېفنىڭ 1959 - يىلى نەشىر قىلىنغان ئەسىرى. 165 - بەت
(19)ج. ر. خامىلتون: ‹‹ بەش دەۋر مەزگىلىدىكى خەنزۇچە ھۆججەتلەردە بايان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ››، 141-142 - بەتلەر، 1955-يىل،پارىژ. ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 9 - 12 -ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، 26-،30-بەتلەر ..ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 9 - 12 -ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، 25 -، 33 - بەتلەر 1983يىل نوۋوسىبىرسك.
(20)ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 840 - 848 - يىللاردىكى ئۇيغۇرلار ۋە جۇڭگو ›› ( ‹‹ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى سىبىرىيە، مەركىزىي ۋە شەرقىي ئاسىيا ››، 69-بەت،1975-يىل نوۋوسىبىرسك.
(21) ئا. گ. مالياۋكىن: ‹‹ 9 - 12 -ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، 92 - بەت، 1974 - يىل نوۋوسىبىرسك.

(مەكىزىي ئاسىيا تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار ‹‹ ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى›› رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇر سايرانى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
46887
يازما
112
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
112
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
107 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 14:29:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ رۇس دىگەن بۇناپىقنىڭ گىپى چىقسا ئۆزۇمنى تۇتالمايلا قالمەن

UID
24641
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-2-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-25
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 23:48:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  ئۆزۈمنى شۇ قاڭقىللارنىڭ ئەۋلادى دەپ ھىساپلايمەن،........................................................‹‹QQۋە ئۈندىدار مىكرو بلوگ باش رەسىملىرىمنى ئۆزۈم ياسىغان ››...................................................    شۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىزلىرىنى كەلگۈسۈمدن ئىزدەيمەن........................

UID
49516
يازما
51
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
51
تىزىملاتقان
2013-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-30
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 20:14:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
51713
يازما
99
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
99
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 11:33:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
......شۇنداق قىلىپ پان تېكىن ،ئەزەلدىن ئەژقداتلىرى ياشاۋاتقان تەرەپكە پانا تارتىپ ماڭدى............

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش