كۆرۈش: 616|ئىنكاس: 1

جەننەت بىلىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
48361
يازما
34
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2013-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 17:31:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەننەت بېلىتى
(مۇھەممەت باغراش)

   مەھەللىنىڭ ئاياغ تەرپىدىكى چولاقئېرىقنىڭ ئىككى تەرپىدە تۆت دېھقان ئائىلسى بار ئىدى-ئېرىقنىڭ ئوڭ تەرپىدە بايتۇرەك بىلەن توڭتۇرەك،ئېرىقنىڭ چەپ تەرپىدە ئايتۇرەك بىلەن مۇڭتۇرەك قوشنا ئىدى.ئۇ قاشتىكى تۇرەكلەر بىلەن بۇ قاشتىكى تۇرەكلەرنىڭ ئۆيلىرى بىر-بىرگە قارىشىپ تۇراتتىى.ئىككى تەرەپتىكى تۇرەكلەرنىڭ باغلىرى يانداش،يەرلىرى تۇتاش ئىدى.ئۇلارنىڭ ھەممىسلا ئاشۇ بىر ئېرىقىتىن سۇ ئىچىپ،شۇ ئېرىقنىڭ سۈيىدە تېرىقچىلىق قىلاتتى.ئۇ قاشتىكى بايتۇرەك بىلەن بۇ قاشتكى ئايتۇرەكنىڭ ئىش قىلدىغان ئادىمى غول،ئۆزلىرى قاۋۇل،بېغى چوڭ،ئۇلاغ قارىسى تولا،تېريىدىغان يېرى كۆپ،ھال-كۈنى ئۇبدان ئىدى.لېكىن، ئۇلار ھال-كۈنى ئۇبدان بولغان بىلەن تولىمۇ پىخسىق،ئىچى تار،قورسىقىدا چۇتۇرى تولا ئادەملەر ئدى.ئۇلار ئەرزىمىگەن ئىشلارنى باھانە قىلىپ قوشنىلىرنى ئانىي تاپاتتى.ئەمدى ئۇ قاشتىكى توڭتۇرەك بىلەن بۇ قاشتىكى مۆڭتۇرەك بولسا باللىرى ئۇششاق،جان سانى كۆپ،ئەمگەك كۈچى ۋە تېريىدىغان يېرى ئاز،بېغى كىچىك،سېغىپ ئىچىدىغان بىرەر يېرىم سىيرى ۋە ئىككى-تۆت تۇياق قوي-ئۆچكىسىدىن،جاڭگالدىن قوراي-چاكاندا تۇشۇيدىغان قوتۇر ئېشىكىدىن باشقا روزىغارى يوق بىقۇۋۇل كىشلەر ئىدى.ئۇلار يىلنىڭ قايسى مەۋسۈمدە بولسۇن،ھامانەم بىر سېرىقتالچىلىق ئىچىدە غۇرگىلغىنا كۈن كەچۈرەتتى.شۇنداق بۇلىشىغا قارىماي ئۇلار ئىشچان ۋە قانائەتچان ئىدى.خۇدادىن ئارتۇقىنى تەلەپ قىلمايتى .مۇسۇلمانچىلىقنى ئادا قىلىپ،بالا چاقىلىرنى قورۇغداپ، ئۈنسىز ۋە ياۋاشقىنە ياشايتتى.بىرلا يېرى،توڭتۇرەك،موڭتۇرەككە قارىغاندا زەردىسى بار،گېپى توڭ،سەلگىنە تەرىسا ئادەم ئىدى.قوشنىسى بايتۇرەكنىڭ ئانىي تېپىشلىرغا چىدىماي ئۇنىڭ بىىلەن پات-پات تەگىشىپ،ئۆردىشىپ قالاتتى.
ئۇنىڭ ئەكسچە مۆڭتۇرەك بولسا ياۋاش-يۇمشاق،بوينى كېسىك چە رەھىمدىل ئادەم ئىدى.ئۇ رايىشلىقىدىن خامىنغا چۈشكەن قۇشقاچلارنىمۇ قورۇمايتتى،«ئاشۇ جانۋانلارنىڭ رىزقى بۇ! يىسە ئۆزىنڭ رىزقىنى يەيدۇ....»دەپلا قوياتتى.قوشنىسى ئايتۇرەك ئۈنلۈكرەك ۋارقىراپ قويدىغان بولسا،قورققىندىن كالىغا چۆپ سالغان بۇلىۋېلىپ،كالا قوتىنىغا مۈكۈۋالاتتى.بۇنداق چاغلاردا خۇلىق-مىجەزى ئېگىسىنى تارتقان ئىشلەمچان ۋە ياۋاش كالىسى ئېگىسىگە ئىچ ئاغىرتقاندەك،ئۇنڭىغا مۇڭۇيۇپ قاراپ ئۇنىڭ قوللىرىنى يالاپ-يالاپ قوياتتى.
بۇ ئىككى تۇرەكنىڭ يېرى ئاز بولغاچقا،بۇلۇپمۇ ئۇلارنڭ قولى قىسقا بۇلۇپ«ئاق قىغ»ۋە يەر يۇپۇقىغا كۈچى يەتمەي يەرلىرگە تازا ئەجىر قىلىپ كېتەلمىگەچكە،يەردىن ئالغان ھوسۇلنىڭ تاينى يوق ئىدى.يىلنىڭ ئايىغىغا بارماي تۇرۇپلا يەيدىغان ئېشى تۈگەپ كىتىپ،بايتۇرەك بىلەن ئايتۇرەكتىن ئاشلىق ئۆتنە قىلىپ يېڭى ئاشقا ئۇلىشۋالاتتى.ئۆتنىگە ئالغان ئازغىنە ئاشلىقنىڭ ھېسابىغا،ئۇلار بايتۇرەك بىلەن ئايتۇرەكلەرگە يازنى ياز،قىشنى ئاياز دېمەي ئىشلىشىپ بىرەتتى.شۇنىڭ بىلەن ئىككى بايتۇرەكنىڭ يەرلىرى كۆكلەپ،ئىككى نامرات تۇرەكلەرنىڭ يەرلىرى قاراقسىز ۋە ھوسۇلسىز قالاتتى.بۇ ئىش ئاينىڭ 15 ى قاراڭغۇ،15 ى ئايدىڭ بولغىندەك ئىش بولماي ئەكىسچە بىر خىلدا ۋە ھەر قاچانلا ئۇلارغا ئايدىڭ،بۇلارغا قاراڭغۇ بۇلۇپ داۋاملىشىپ كىتىۋېرەتتى.كونا قەرىزنىڭ ئورنىغا يېڭى قەرىز كىلىپ قۇنۇۋېرەتتى.بۇنڭىغا توڭتۇرەك پات-پات غۇدۇراپ تۇرغىنى بىلەن ،مۆڭتۇرەك «بۇنىڭدىن باشقىچە بولسا-ھە؟!» دەپ ئويلاپمۇ قويماتتى.ئۇلارنىڭ ئاش بەرگىنىگە خوش ئىدى.بۇلارنى ئاز دىگەندەك،بايتۇرەك بىلەن ئايتۇرەك بۇ نامرات تۇرەكلەرنى بۇلىشىغا ئانىي تاپاتتى.سۇ نۆۋىتى توڭتۇرەك بىلەن مۆڭتۇرەككە كەلگەندە،سۇنى ئۆزلىرنىڭ يەرلىرگە باشلىۋالاتتى.زىرائەتلەر بوي تارتىپ تازا پاقلان بولغاندا ئۇلارغ-قارىلىرنى ئەتەي بوشتىۋىتىپ،ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرىگە قۇيۇۋىتەتتى.بىر نىمە دەي دىسە بايتۇرەكلەرنىڭ بالا-ۋاقىلىرى كالتەك-چوماقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ چىقىپ باسماداپ كېلىشەتتى.بۇنىڭدىن قورىققان نامرات تۇرەكلەر دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ،باشلىرنى ئىچىگە تىقىپ،شۈمشىيىپ غىڭ قىلماي تۇرۇشۇپ قېلىشاتتى.بۇلار مەھەللىدىن يىراق بولغاچ،ئاراىغا كىرىپ ئارچىلايدىغانلارمۇ،بۇ ئىككى تۇرەكنىڭ ھالىغا يىتىىپ،بايتۇرەكلەرگە ئىككى-تۆت ئېغىز گەپ قىلىپ قويىدىغانلارمۇ يوق ئىدى.شۇنىڭ بىلەن بايتۇرەكلەر ئەزۋەيلەپ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشاتتى.توڭتۇرەكنىڭ مېكيانلىرىنى بايتۇرەكنىڭ خۇتونى ئۆزىنىڭ سامانلىقىغا ئۆگىتىۋالدىمۇ ياكى ئاشۇ چىچقاق مېكيانلار جېنىدا توڭتۇرەكنىڭ نامراتلىقىدىن بىزار بۇلۇپ ئۇنىڭ سامانلىقىنى ياراتماي قالدىمۇ،ئەيتاۋۇر،تۇغاتتى.يەنە تېخى تۇغۇپ بۇلۇپلا ئىككى ھويلىنىڭ قورۇق تېمىغا چىقۋېلىپ گويا«بايتۇرەكنىڭ سامانلىقىدا تۇخۇم تۇغماق شەرەپ!ھەي،بىچارە توڭتۇرەك...»دېگەندەك جېنىنىڭ بارىچە قاقاقلايتى.توڭتۇرەكنىڭ خوتۇنى مېكيانلىرىنىڭ تۇخۇم تۇغقىنى بىلىپ تۇخۇملارنى ئېلۋىلىش ئۈچۈن بايتۇرەكنىڭ سامانلىقىغا كىرسە،بايتۇرەكنىڭ ھازاۋۇل خوتۇنى ساغدىقىنى ئېسىپ چىقىپ،«مېكيان سىلەرنىڭ بولغان بىلەنچۇ خېنىم،سامانلىق بىزنىڭ،تۇخۇملارنى جايىغا قۇيۇپ قويسىلا،تۇخۇ نەدە تۇغسا،تۇخۇم شۇ يەرگە تەۋە...»دەپ كانىينى كېرىپ تۇخۇملارنى بەرمەيتى.
مۆڭتۇرەكنىڭ بىر تۈپ كىشمىش ئۆرۈكى بار ئىدى.بۇ بىر تۈپ ئۈرۈك دەرىخنىڭ ئۆرۈكى باغدىكى ھەر قانداق ئۆرۈككە ئوخشىمايتتى-ئاغزىغا سېلىپ بولغۇچە ئېرىپ كىتەتتى.شىرنىسىدىن كىشىگە ئۇنتۇلغۇسىز بىر شىرىن پۇراق كېلەتتى.مېۋىسى ئەمەس،ھەتتا چېچەكلىرىمۇ بال پۇرايتتى.مۆڭتۇرەكنىڭ باللىرى ئۆرۈك پىشىقىدا مۇشۇ ئۆرۈكىنى سەككىز-ئون كۈن ئاش ئورنىدا يەيتتى.چۈنكى،بۇ چاغلار دەل سېرىقتالچىلىق مەزگىلى ئىدى.يېڭى بۇغداي پىشقىچە بۇ ئۆرۈك باللارنىڭ ئاچلىقىغا ئوبدانلا دال بولاتتى....
بۇ بىر تۈپ ئۆرۈك دەرىخى دەل مۆڭتۇرەكنىڭ ھويلىسىدىكى ئايتۇرەكنىڭ ھويلىسىنى ئايرىىپ تۇرىدىغان پاسىل تامغا يېقىن تىكىلپ قالغان ئىدى.كېيىنچە بۇ ئۆرۈك دەرىخى گويا كىمدۇر بىرى توك ئۇلاپ قويغاندەك باشقىچىلا باغجانلاپ كەتتى.ئۇنىڭ شاخلىرىنىڭ يېرىمى دىگۈدەك ئايتۇرەكنىڭ ھويلىسىغا قاراپ بوي سۈرگىلى تۇردى.شۇ يىللىرى يەنە كىلىپ بۇ ئۆرۈك ئالامەت ئوخشاپ كەتتى.لېكىن،ئۆرۈك چېچەك تاشلاپ ئەمدىلا غورا تۇغۇشقا باشلىشى بىلەن،ئايتۇرەكنىڭ باللىرى ئۆزىنىڭ ھويلىسىغا بوي سۈرگەن شاخلارنى قايرىپ سۇندۇرۇپ ئەمدىلا قۇمۇلاق بولغان غورىلارنى پاساڭ قىلۋەتتى.كېيىنچە بولسىا ھەتتا ئايتۇرەكنىڭ قاشلقچى خوتۇنىمۇ ئىزا تارتماي ئۆرۈك شاخلىرىغا قول سوزىدىغان بۇلۋالدى.بۇنى كۆرگەن مۆڭتۇرەك نەچچە قېتىم دېلغۇل بۇلۇپ،ئاخىردا زىيانغا چىدىماي غەيرەتكە كىلىپ،ئاغزىنى ئەمدىلا ئۆمەللەي دېيىشىگە،ئايتۇرەك ئۆيدىن ھۆركىرەپ چىقتى.ئۇنىڭ ئەلپازىدىن كىشىنىڭ قورققۇسى كېلەتتى:
-نېمە دەيسەن ئادىشۋا!-دەپ ۋارقىراپ كەتتى ئايتۇرەك ھويلىسىدىن بۇيۇنداپ تۇرۇپ،-ئۆرۈكۈڭ مېنىڭ ھويلامدىكى ئاپتاپ بىلەن ھاۋاغا ئامراق ئىكەن،شوڭا بۇ تەرەپكە بوي سۈرىدى،كىمنىڭ ئاپتىپى بىلەن ھاۋاسىنى يېگەن بولسا ئۆرۈك شۇنىڭ بولمامدۇ؟چىدىمىساڭ ئۆرۈكۈڭنى يۆتكەپ كەت،بولمىسا ماۋۇ يۈزى قېلىن شاخلىرنى چاتىۋەتكىن!....
ئايتۇرەكنىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ تۇرغان مۆڭتۇرەكنى ئۇنىڭ بايقى گەپلىرى قورقۇتۋەتتى،-كۆكلەپ تۇرغان جەننەتنىڭ مېۋىسى بولىمىش بۇ ئۆرۈك دەرىخنى يۇلۇپ يۆتكەش ۋە ياكى ئۇنىڭ شاخلىرىنى چاتىۋىتىش مۆڭتۇرەكتەك دېھقان ئەر ئۈچۈن ھارام مالغا شىرىك بولغاندىنمۇ ئۆتە گۇناھ ئىدى.قورققىندىن ئۇنىڭ چىرايى بوزىرىپ،زۇۋانى تۇتۇلۇپ كەتتى.ئۇ ئۈندىمەي ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ كالا قوتىنغا كىرىپ كەتتى.ئۇ ھەر قاچان ئايتۇرەكتىن دىلى ئازار يېگەندە شۇنداق قىلاتتى.ئاشۇ ئۆزىدەك ياۋاش،مۆمىن كالىسىغا ئۈنسىز دەرد تۆكەتتى....ئۆرۈك تۆكمە بولغاندا مۆڭتۇرەكنىڭ باللىرى تامغا چىقىپ نېرىقى ھويلا تەرەپتىكى شاخلارغا ئەمدى قول سۇزۇشسا،ئايتۇرەكنىڭ باللىرى ئۇلارنى .ئولاش-چولاش ئۇلارنى قوغلايتتى ۋە ئۇ تەرەپتىكى شاخلارنى قېقىپ ئۆرۈكلەرنى سېۋەتلىرىگە قاچىلاپ ئەكىرىپ كېتىشەتتى.
«باينىڭ ئاپتىپى تاۋلىق بولامدۇ نېمە؟بۇ ئۆرۈك دەرىخمۇ قېرىشقاندەك ،ھەدەپ ئايتۇرەكنىڭ ھويلىسىغا قاراپ شۇڭ تارتىپ باغجانلاپ كېتىپ بارىدۇيا؟»دەيتتى مۆڭتۇرەك بەزىدە ئەلەم بىلەن.«خۇدايىمنىڭ ئاپتىپى ھەممە يەردە ئوخشاشتۇ،پەقەت مۇشۇ ئۆرۈك جېنىدا سېنىڭ ياۋاشلىقىڭدىن،مۆرىمەس ئىنجىقلىقىڭدىن بىزار بولغاندۇ ھەقاچان....»دەيتتى جاۋابەن ئۇنىڭ ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىلى ئۇزاق بولغان ئاغىرىقچان خوتۇنى.بۇنى ئاز دېگەندەك ئايتۇرەك بىر كۈنى«سېنىڭ مۇراڭدىن چىققان ئىس ھويلامغا كىرىپ،ئۆيۈمنى ئىسلىۋەتتى!»دەپ مۆڭتۇرەكنىڭ ھويلىسىدىكى ئوچاقنى چاقتۇرۇپ كۈنپېتىش تەرەپتىكى ئېغىلنىڭ يېنىغا يۆتكىتۋەتتى.شۇنىڭ بىلەن كالا ئېغىلنىڭ سېسىق پۇرىقى بىلەن،كالىنىڭ شىۋەسىگە ئۆگەنگەن چىۋىنلەر قازان بېشنى باسىدىغان بولدى.مۆڭتۇرەك بۇنىڭغىمۇ غىڭ قىلالمدى.ئۇ بۇ ئىككى بايتۇرەكلەرگە ھېچكىمنىڭ تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى.گەپ قىلغان بىلەنمۇ بىكار ئىدى.ئۇلار ھېچنىمدىن ۋە ھېچكىمدىن قورىقماس ئىدى.ئۇلار ھەتتا خۇدانىمۇ ئۇتۇغان ئادەملەر ئىدى.بىرى ئۆلۈمدىن،بىرى خۇدادىن قورىقماس ئادەمدىن ھەممىلا ئادەم قورقىدۇ!؟خۇدا،ئۈزۈڭ بىر نېمە دەرسەن!....
كۈنلەر ئاشۇ تەرىزدە ئۆتۈۋەردى.تەقدىرنىڭ چاقى بىر خىلدا چۆرگىلەۋەردى.بايتۇرەك بىلەن ئايتۇرەكنىڭ قازىنى قۇيۇلۇپ،روزىغارى گۈللەۋەردى.ئەكىسچە توڭتۇرەك بىلەن مۆڭتۇرەكلەرنىڭ بولسا،قازىنى كۈندىن-كۈنگە سوغىلىپ،يىلىكى كۈندىن-كۈنگە سۇيۇلدى.بۇ ئىككى تۇرەكلەر«مېڭىپتۇ،مېڭىپتۇ،قىردىن ئاشالماپتۇ»دېگەندەك،بىر نېنى ئىككى بولماي،چاپىننىڭ پېشى تىزدىن ئاشماي قېلىۋەردى.ئۇلار بايتۇرەك بىلەن ئايتۇرەكنىڭ يەرلىرىگە قانچىلىك ۋە قاچانغىچە ئىشلىشىپ بېردىغانلىقىنى بىلىشمەيتتى.پەقەت ئۇلار بەرگەن«ئاشقان-تاشقان»بىلەن يېرىدىن ئالغان ئازغىنە ئاشقا تايىنىىپ كۈنلىرىنى بىر ئاماللاپ ئۆتكۈزۈشەتتى.مۆڭتۇرەك بۇنىڭغا«شۈكۈر!»دەيتتى.لېكىن توڭتۇرەك نېمىشقىدۇر قايىل بولمايتتى.ئۇ بايتۇرەكنىڭ زورلۇقىدىن قۇتۇلىشنى،ئۆزىنىڭ يېرىگە راۋرۇس ئىشلەپ،كۆكلىتىپ بالىۋاقىسىنى ئال قاتارى بېقىشنى ئارزۇ قىلاتتى.لېكىن،قېرىشقاندەك ئۇنىڭغا قۇربى يەتمەيتتى.قانداق قىلىش كېرەكلىكىنىمۇ بىلمەيتتى.ئۇمۇ ئاخىردا ئىلاجسىز ھەممىنى ئاللاغا تاپشۇرۇپ ياشاۋېرىشكە مەجبۇر بولاتتى.لېكىن،غۇدۇراشلىرىنى توختاتمايتتى،غۇدۇراپ بولسىمۇ ئىچى-قارنىنى بوشتىۋالاتتى.مۆڭتۇرەك بولسا،ھەتتا ئۈنلۈكرەك غۇدۇراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتى.مۇبادا غۇدۇراشلىرى ئايتۇرەكنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا،ھازىر يەۋاتقان ئېشىدىن ئايرىلىپ قىلىشىدىن،ئۆزىنىڭ غۇدۇراشلىرىنىڭ ئاشۇ قىزىل قۇرتتەك نارەسىدا باللىرىنىڭ رىزقىغا ئولتۇرۇپ قۇيۇشىدىن قورقاتتى....
توڭتۇرەكنىڭ غۇدۇراشلىرى بارغانسىرى كۈچەيگىلى تۇردى.ھەتتا ئۇ بايتۇرەكنىڭ ھويلىسىغا قاراپ ئاۋازىنى قۇيۇپ بىرىپ چىڭ-چىڭ گەپ قىلدىغان بولۇپ قالدى.توڭتۇرەكتىكى بۇ ئۆزگىرىشنى مۆڭتۇرەك چۈشىنەلمەي قالدى.ھەتتا،بۇ ئۆزگىرىش ئۇنى قورقىتۋەتتى.«توڭتۇرەك ئاخىر يەيدىغان نېنىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بولدىغۇ؟!»دەپ ۋەھىمە يەپ كۆڭلى پەرىشان بولدى.«توۋا،توڭتۇرەككە ئەجەپ زۇۋان پەيدا بۇلۇپ قالدىيا؟!نېمە قىلىمەن دەيدىغاندۇ بۇ يېتىم،بايتۇرەك بىلەن ئېتىشىپ....ئاخىرزە......»دەپ ئويلايتتى ئۇ ھەيرانلىق ۋە غەشلىك ئىچىدە.
بىر كۈنى توڭتۇرەكنىڭ قولىدا سۆزلىيەلەيدىغان كىچىككىنە بىر قارا قۇتا پەيدا بۇلۇپ قالدى.ئۇنىڭ ئېيتىشچە،بۇ ئوقەتنى بازار تەرەپتىن كىلىپ قالغان(بۇ يەردىن بازارغا ئېشەكىلىك ئىككى كۈنلۈك يول ئىدى.بازاردىنلا ئەمەس،يېزىدىنمۇ بۇ يەرگە ئادەم كەمدىن-كەم كىلىپ قالاتتى)بىر يۇلۇچىدىن يېرىم تاغار قۇغۇنغا تىگىشىۋاپتىمىش.بۇ قۇتا «خاسىيەتلىك قۇتا»مىش.بۇ قۇتا سۆزلەيدىكەن،سۆلەپلا قالماي يەنە تېخى ناخشىمۇ ئېيتارمىش،نەغمە قىلارمىش،ناخشىسى بىلەن نەغمىسىمۇ بىر نۆرى ،ئەڭ مۇھىمى جاھاننىڭ نەلىرنىڭ گېپىنى قىلارمىش،ھەتتا يەرنى قانداق چاغدا ئوسا قىلىپ،قانداق چاغدا ئۇغۇتلاپ،قانداق چاغدا ئۇرۇق چېچېىپ،قانداق چاغدا ئوتاپ،دورىلاپ،قانداق چاغدا يىغۋالسا بولىدۇ دېگەنلەرنىمۇ ئۆگىتەرمىش.يەنە تېخى سەۋزە-چامغۇر نېمىگە پايدا قىلدۇ،بېلى ئاغىرىيدىغان بۇلۇپ قالسا،ئۇششاق باللار يۆتىلىپ قالسا،چىشى ئاغىرىپ كەتسە نېمىلەر پايدا قىلدىغىننى دەپ بىرەرمىش،ھەتتا قاچان شامال چىقىدۇ،قاچان يامغۇر ياغىدۇ،دېگەنلەرنىمۇ ۋاقتى-سائىتى بىلەن ئۇقتۇردىكەن.يەنە،يەنە....بىراۋ بىراۋنى بىھۇدە ئۇرسا،مېلنى تارتىۋالسا،شەنىنى بۇلغايدىغان گەپلەر بىلەن ھاقارەت قىلسا سورايدىغان يەر بارلىقىنى......ئىشقىلىپ،كۆز كۆرمىگەن،قۇلاق ئىشتمىگەن نى-نى گەپلەرنى قىلارمىش....مۆڭتۇرەك بۇلارنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى. «شەيتان قۇتىسى ئوخشايدۇ ئۇ نېمە،بولمىسا ئۇنچىۋالا ئىشنى نەدىن بىلىدۇ؟!»دەپ ئويلاپ قالدى ئۇ ۋەھىمە ئىچىدە.ئۇ ياقىسنى چىشلەپ،توۋا-ئىستىغبار ئېيتتى.توڭتۇەك دېگەن كالۋانىڭ نەدىكى ئادەم ئازدۇردىغان شەيتان قۇتىسىنى كۆزدە-كۆڭۈلدە كۆرۈپ تۇرۇپ يېرىم تاغار قۇغۇنغا تېگىشۋەتكىنگە ئىسىكەپ قارنى ئاغىردى.قىزىق،توڭتۇرەك تۇرۇپلا ئۆزىچە ئاۋازىنى چىقىرىپ كىمنىدۇر سوراقلايدىغاندەك،بارماقلىرىنى پۈكۈپ ئۆز-ئۆزىگە«بىر چارەك بۇغداي مۇنچە پۇل بولسا،مېنىڭ مۇنچە مو يەرگە ئىشلەپ بەرگىنىمنى مۇنچىلىك بۇغدايغا سۇندۇرسام،ئۇ بۇغداي مانچە پۇل بولسا،قانداقسىگە يەنە مەن قەرزىدار بولىمەن؟سۇ تۇتقىنىم،ئوسا قىلىپ بەرگىنىم،ئوتاپ بەرگىنىم،خامانلىقىغا قارىشىپ بەرگىنىمچۇ تېخى؟!.....دەپ غۇدۇڭشۇپ يۈردىغان بۇلۋالدى.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
10102
يازما
112
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2032
تىزىملاتقان
2011-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-25
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 18:21:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


بۇ  ماقا لىڭىز دە  ، بىرمۇ ‹ جەننەت  ، ›  دىگەن  گەپ يوقكەنغۇ  . نىمە  ئۈچۈنمۇ  يوللىغانسىز  بۇنى - ھەي . ھە .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش