كۆرۈش: 2021|ئىنكاس: 9

شۆھرەت مۇتەللىپ تەتتقىقات نەتجىسىگە يېزىلغان ئوبزور [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
35746
يازما
1
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-4-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-24
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 00:20:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ئەنگىلىيە «تەبئەت» ژورنىلىنىڭ ئورگان تور بىكىتىدە مۇنداق بىر خەۋەر ئىلان قىلىندى.
http://www.nature.com/news/stem- ... aking-paper-1.13060
خەۋەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى مۇنداق.
يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئىنسان غول ھۈجەيرىسىنى كىلون قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىدەك دۇنياۋى تەتقىقات نەتىجىسنى ئىلان قىلغان بىر پارچە ماقالە بەس مۇنازىرە ئاستىدە قالدى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمغان بىر ئوبزورچى ماقالىدە تۆت خاتالىق بارلىقنى كۆرسىتىپ بەردى.  بۇ ماقالىنىڭ مەسئۇل ئاپتۇرى شۆھرەت مۇتەللىپ تەبئەت ژورنىلى تەھرىراتىغا بۇ تۆت خاتالىقنىڭ ئۈچى ماقالىنى بېسىشقا بەك ئالدىراپ كەتكەنلىكىتىن كىلىپ چىققات سانىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتكى خاتالىق ئىكەنلىكىنى بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىلان قىلىنغان ماقالىنىڭ بۇنداق كىچىك نوخسانلاردىن خالى بولالمايدىغانلىقىنى قەيىت قىلىپ ئۆتتى.  قارايدىغان بولساق بۇ دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ماقالە ئاپتۇرنىڭ قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىنغاندىن تارتىپ قۇبۇل قىلىنغىچە ئاران ئۈچ كۈن كەتكەن ۋە ئون 12 كۈن ئىچىدە توردا ئىلان قىلىنىپ بولغان. شۇڭا شۆھرەت مۇتەللىپ بۇ خاتالىقلارنى توغرا چۈشنىشكە بولىدۇ دەپ ۋە تۆتىنچى خاتالىق بولسا ئىتىبارغا ئالغۇسىز دەپ  قارىدى.
شۆھرەت مۇتەللىپ يەنە " بىزنىڭ ئىرىشكەن نەتىجىمىز راسىت، ئىرىشىلگەن ھۆجەيرىلەرمۇ راسىت، باشقا ھەممە نەرسىلەر راسىت " دېدى.
شۆھرەت مۇتەللىپ يەنە ئۆزىنىڭ چارشەنبە (تۈنۈگۈن) ياۋرۇپادىن قايتىپ ماقالە ئىلان قىلىنغان ژورنال "ھۆجەيرە" نىڭ باش تەھررى ۋە بىرقىسىم ژورنالىسىتلاردىن بىر قانچە پارچە ئىلخەت تاپشۇرۋالغانلىقىنى ئېيتىتى. ئۇ يەنە" مەن ئۆيگە بىر قانچە سائەت ئىلگىرىلا قايتىپ كەلسەم تەھرىر ۋە باشقا بىر مۇنچە كىشىلەر ساراڭ بولايلا دەپ قاپتۇ" دېدى. ئۇ يەن بۇ ماقالىنىڭ بىرىنچى ئاپتۇرى بولغان ماساخىتو بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ماقالىنى يازغاندا سانلىق مەلۇماتلاردا بىر قانچە ئورۇندا كىچىك نوخسانلارنى سادىر قىلغانلىقىنى دەللىلگەنلىكىنى ئېيىتى ھەمدە "ھۆجەيرە" ژورنىلىنىڭ تەھرىراتى بىلەن مەسلەتلىشىپ خاتالىقلارنى تۈزىتىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.   
بۇ ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان ئوبزورچىنىڭ كۆرسەتكەن خاتالىقلىرى ئاساسەن ماقالىنى يېزىش جەريانىدا رەسىملەرنىڭ ئىزاھاتى چالا ۋە خاتا بولۇپ قېلىش قاتارلىق مەسلىلەر بولۇپ نۆۋەتتە ئالىم شۆرەت مۇتەللىپ بۇ خاتالىقلارنىڭ نەتىجىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ دەپ قارىدى.  شۆھرەت مۇتەللىپ يەنە مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ ئۇنىڭ نەتىجىسىنى قايتىلاپ بېقىشنى ۋە ماقالىسىنى يەنە بىر تەپسلى كۆرۈپ چىقسا بولىدىغانلىقىن قەيىت قىلدى. بۇنڭىسىزمۇ نۇرغۇنلىغان ئالىملار "ھۆجەيرە" ژورنىلىنىڭ ئۈچ كۈن ئىچىدە بىر ماقالىنى قۇبۇل قىلىشى ھەققەت تارىختا بولۇپ باقمىغان ئىش ئىكەنلىكىگە ھەيران قالغان ئىدى. بەزىلەر بۇ ژورنالنىڭ ئۈچ كۈن ئىچىدىلا بىر پارچە ماقالىنى كۆرۈپ ئۈلگۈرۈپ قۇبۇل قىلغانلىقى ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن توردا ئىلان قىلغانلىقى ھەققەتەن بەك ئالدىراپ كەتكەنلىك ۋە ئىلمى تەتقىقان ئەخلاقىغا تاقىشىدىغان مەسلە دەپ قارىدى. لېكىن شۆھرەت مۇتەللىپ " بۇ ئىشتا بىزمۇ ئالدىرخسانلىق قىلىپ ماقالىنىڭ يېزىلىش جەھەتتىكى نوخسانلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تۈزەتمەپتۇق، بۇ ژورنالنىڭ خاتالىقى ئەمەس بەلكى بىزدىكى خاتالىق دېدى ۋە ئالدىمىزدا ئېچىلماقچى بولغان بىر خەلقئارالىقى مۇھاكىمە يىغىنىدا بۇ بايقالغان مەسلىلەرنى تۈزۈتۈپ بۇ تەتقىقات نەتجىسىنى جامائەتىچىلىككە ئاشكارلايىدىغانلىقىنى دەپ ئۆتتى.

مىنىڭ شەخسى پىكىرىم: "ھۆجەيرە" دىگەن ژورنال "ئىلىم-پەن" ۋە "تەبئەت" دىگەندەك ژورناللارنىڭ ئاپتۇر بىلەن بۇرۇنلا كىلىىشپ قويۇپ بۇنداق ياخشى نەتىجىنى ئىلان قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىشتىن قورقۇپ ئالدىراپلا ئۈچ كۈن ئىچىدە قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان. ئەمەلىيەتتە ئىلمى ساھەدە بۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان مەسلە. كۆپلىگەن ژورناللار ئادەتتە ئەڭ تىز بولغاندىمۇ بىر ئاي ئەڭ ئاستا بولغاندا بىر ھەتتا ئۇنڭىدىنمۇ ئارتۇق ۋاقىت تەپسىلى تەكشۈرۈش ۋە قايتا تۈزتۈپ تولۇقلاش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاندىن بىر پارچە ماقالىنى قۇبۇل قىلىدۇ. ئىلان قىلىش يەنە بىر جەريان تەپەل قىلىدۇ. لېكىن شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ماقالىسى ئاران 12 كۈن ئىچىدە تورغا چىقىپ بولغان. بۇ ئېنىقلا تەھرىرى ۋە مۇھەررىلەر ئۇقۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ئىلان قىلغان ماقالە بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئوبزور خەۋەرنىڭ «تەبئەت» ژورنىلىنىڭ باش بىكىتىدە ئىلان قىلىنىشىنى مەلۇم جەھەتتىن «ھۆجەيرە» ژورنىلىنىڭ مۇنداق ياخشى تەتقىقات نەتجىسىنى ئۆزىدىن بۇرۇن ئىلان قىلۋالغانلىقى ھەسەت قىلىش  ۋە شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ 2007 يىلدىكى زور بايقاش خاراكتىرلىك نەتىجىلەرنى ئەمدى «تەبئەت» ژورنىلغا سۇنماي بەلكى «ھۆجەيرە» ژورنىلىغا بىرىپ ئۆزىنى داغدا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇش دەپ بىلىشكىمۇ بولىدۇ. نىمىلا دىمەيلى مەيلى ژورنال بولسۇن ياكى ئاپتۇر بولسۇن بۇ بىر مەيدان تۆھپىگە ئالدىراشتىن مۇشۇنداق ئاقۋەتنى پەيدا قىلغان. بۇمۇ بىر ھىسابتا بۇ ماقالىنىڭ ئوبرازىنى قايتا تىكلەشكە ۋە ئاپتۇرلارنى ئالدىراقسانلىق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇشقا پايدىسى بار.


تولۇقلىما مەزمۇن (2013-5-24 00:21):

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
12430
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2011-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-3
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 11:12:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا ماقالىنىڭ تىمىسىنى تەھرىرلەپ قوۇساڭلا بوغىدەك، بۇ خۇددى قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە ساتقاندەك بوپقاپتۇ.

UID
31144
يازما
397
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
397
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
92 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 16:16:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەتلا سان سىفىرلاردىكى كىچىككىنە خاتالىقكەنغۇ ،بۇنداق ئىشلار بۇلۇپ تۇرىدۇ ،ھەم بۇ ماقالنى12كۇندىلا تورغا چىقىرىپ بولغان تۇرسا ،مەن پەخىرلىك ئوغلانىمىزغا ئۇتۇقلار تىلەيمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئايبەرچىن

UID
4926
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
135
تىزىملاتقان
2010-8-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-30
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 18:09:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر بولغان ئىكەن، ئوبزورمۇ بولىدۇ. ئوبزور شۇ ئەسەر ئىگىسىنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا تىلەكداشمىز.

UID
49516
يازما
51
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
51
تىزىملاتقان
2013-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-30
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 22:28:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەسەتخورنىڭ يۈزلەرىدە قانى يوق
غەلبە قىلسا باشقىلار ھەم جانى يوق
ھەسەتخورنىڭ ھايۋان بىلەن پەرقى يوق ،
شۇ سەۋەپتىن مىللىتىمنىڭ ھالى يوق.

UID
28222
يازما
193
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
193
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
79 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 17:12:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تۇنۇتقانلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن

UID
41559
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-26
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 00:41:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە تەسىر قوزغىغان شۇنداق بىر ئادىمىمىزنىڭ بولغانلىقى - بىزنىڭ پەخرىمىز !

كۆيۈمچان ئەزا

قەتئىلىك ئەرلىك

UID
3268
يازما
155
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3126
تىزىملاتقان
2010-7-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
68 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 21:22:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئاخشام دۇنيادىكى ئىشلاردا مۇشۇ ئىشنى سوزلىگەن ئىدى ، ئالىمىمىزنىڭ دەرھال رەددىيە بىرىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم ، ئۈمىد قىلغىنىمدەك بوپتۇ .

UID
46977
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2013-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-28
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 18:25:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەر تۇرالماي قاپتۇ ھازىر، دۇنيادىكى ئىشلاردا تېخى ئىلىم پەن ئالدامچىلىقى بولىشى مومكىن دەيدۇ. توۋا...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش