كۆرۈش: 1002|ئىنكاس: 7

ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارىسىدا بولغان ئات ۋە يىپەك س [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
51631
يازما
6
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-5-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-12
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 23:16:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارىسىدا بولغان ئات ۋە يىپەك سودىسى
ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئىقتىسادىدا، چاۋۇچىلىق ئىگىلىكىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. ئاتلىق قوشۇنىڭ جەڭلەردە ئوينايدىغان ناھايىتى مۇھىم رولىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇيغۇر قاغانلىقى چارۋۇچىلىقتا ئات ئۆستۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان ئىدى. ئۇ زامانلاردا، ئاتلىق قوشۇن ئۇرۇشتا غەلبە قىلىشنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك شەرتى ئىدى. شەرقىي ئۇيغۇرلار ئات ئۆستۈرۈشكە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇلار بىرنەچچە مىليۇن ئاتنىڭ ئىچىدىن جەڭگە ياراملىق بىرنەچچە يۈزمىڭ ئاتنى تاللاپ 221مىڭ كىشلىك ئاتلىق قوشۇن تەشكىل قىلغانىدى. ھونلار، تۈرۈكلەر ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنتىزىم قوشۇنلىرى دېگۇدەك ئاتلىق بولۇپ، پىيادە قوشۇنلىرى يوق ھېسابىدا ئىدى. ھون. تۈرۈك، ئۇيغۇر ئاتلىق قوشۇنلىرى جەڭگە ماڭغاندا، 100مىڭلاپ زاپاس جەڭ ئاتلارىنىمۇ بىرىگە ئېلىپ ماڭاتتى.
ئات يەنە ئىنتايىن مۇھىم قاتناش قورالى ئىدى. شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ھەرقايسىىسىنىڭ ئۆستۈرگەن ئاتلىرىغا باسىدىغان ئايرىم - ئايرىم تامغىلىرى ۋە يايلاقلىرى بارئىدى. شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇيغۇر ئاتلىرى‹‹ تامغىلىق ئاتلار ›› دەپ ئاتىلاتتى.
جوڭگۇ خانلىرىمۇ قەدىمدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ شىمالدىكى جەڭگىۋار، ئۇرۇشقاق قوشنىلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇن، ئاتلىق قوشۇن تەشكىللەشكە كۆڭۈل بولگەن. بولۇپمۇ تاڭ سۇلالىسىنڭ پادىشاھلىرى كەڭسۇدىكى لۇڭيۈ، لەنجۇ، فېڭلياڭ، تىيەنشۇي قاتارلىق تۆت ۋىلايەت بىلەن خېشى كارىدۇرىدا ئوت، سۇيى مول كەڭتاشا يايلاقلارنى ئېچىپ، بۇ يايلاقلارنى باشقۇرۇدىغان مەخسۇس ئورگان تەسىس قىلىپ، ئۇ ئورگانلارغا تەجرىبىسى مول ئەمەلدارلارنى باش قىلىپ تەيىنلىگەن.(1) بۇنىڭ بىلەن مىلادىنىڭ 630 - يىلىدىن 670 - يىلىغىچە بولغان 40 يىل ئىىچىدە بۇ يايلاقلاردا بېقىلغان ئاتلارنىڭ سانى 700مىڭدىن ئاشقان. مىلادىنىڭ 670 - يىلىدىن باشلاپ تىبەت خانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارىسىدا كەسكىن ئۇرۇشلار باشلاندى. بۇ ئۇرۇشلار كەڭسۇدىكى ئات ئۆستۈرىدىغان يايلاقلارنىڭ ئامانلىقىغا ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ يەتكۈزدى. ئۇنىڭ ئۇستىگە، ئات ئۆستۈرۈشكە مەسئول بولغانلارنىڭ مەسئوليەتسىزلىكىدىن يايلاقلار چولدەرەپ، كۆپلىگەن ئاتلار ئۆلۈپ كەتتى. مىلادى 754 - يىلىغا كەلگەندە ئاتنىڭ سانى 320 مىڭغا چۇشۇپ قالدى. بۇنىڭدىن كارغا كىلىدىغان ئات 200 مىڭچە بارئىدى. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇستىدە، تاڭ سۇلالىسى نۇرغۇن كىشلىك ھەربىي قوشۇننى ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن قاتناشنى ئات بىلەن تەمەنلەشتە ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالدى. بولۇپمۇ مىلادىنىڭ 755 - يىلى ئىسىيان كوتۇرۇلۇپ ئوڭلۇك لوياڭ بىلەن چاڭئەننى بېسىۋېلىپ، پادىشاھ تاڭ شۇەنزۇڭ سىچۇنگە قىچىپ كەتكەندە، جوڭگۇ چوڭ قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قېلىپ، پادىشاھلىققا قاراشلىق ئاتلار بىرنەچچە تۈمەنگىلا چۇشۇپ قالدى.(2) مىلادىنىڭ 756 - يىلى تاڭ سۇزۇڭ تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەختىگە چىققاندا، تىبەت خانلىقى كەڭسۇنىڭ كۆپ قىسىمىنى بېسىۋالدى. كەڭسۇدىكى ئات ئۆستۈرىدىغان يايلاقلارنىڭ قولدىن كېتىشى تاڭ سۇلالىسىنى ئات مەنبەسىدىن پۇتۇنلەي مەھرۇم قىلدى. شۇنىڭ ئۇچۇن تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر قاغانلىقىدىن كۆپلەپ ئات سېتىۋالىشقا مەجبۇر بولدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ كۆپ قىسمى پىيادە بولۇپ، ئىسيانچىلار بولسا ئاساسلىق ئاتلىق ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرى ياردەمگە كەلمىگەن بولسا، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىسىيانچىلارنى مەغلۇپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۇرەلىشى ناتايىن ئىدى. ئوڭلۇك ئىسىيانى ۋاقتىدا تۇزۇلگەن بىتىمنامىگە كۆرە، تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى ئارىسىدا ئات ۋە يىپەك مال سودىسى يولغا قويۇلدى، تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتلىرىغا مۇھتاج بولغان بولسا، ئۇيغۇرلار جوڭگۇنىڭ ئېسىل يىپەك ماللىرىنى قولغا چۇشۇرۇشكە قىزىقاتتى. چۇنكى ئۇيغۇرلار جوڭگۇدىن ئالغان يىپەك ماللارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئېھتىياجى ئۇچۇن ئىشلىتىپ، بىرقىسمىنى خەلقئارا بازارلارغا ئاپىرىپ يۇقىرى باھادا ساتاتتى. بۇ سودىدا، ئۇيغۇرلار بىر ئاتنى جوڭگۇنىڭ 50 توپ يىپەك تاۋىرىغا تېگىشەتتى. جوڭگۇدا يىپەك توقۇمچىلىق تەرەققىي تاپقان ئىدى. تاڭ سۇلالىسى ئاتقا بولغان جىددىي ئېھتىياجىنى قامداش ئۇچۇن، بۇ خىل نىسبەتتە مال تېگىشىشكە رازى بولدى.
ئۇيغۇرلار ئوڭلۇك ئىسىيانى باشلانغان ۋاقىتتىن باشلاپ 100 يىل ئىچىدە جوڭگۇغا ھەر يىلى دېگۇدەك ئازدېگەندە بىرنەچچە مىڭ، كوپ دېگەندە بىرنەچچە ئون مىڭدىن بىرنەچچە 100 مىڭغا قەدەر ئات ئەكىلىپ ساتاتتى. مەسىلەن: ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى مىلادىنىڭ 773 - يىلى جوڭگۇغا 10 مىڭ تۇياق، مىلادى 782 - يىلى 100 مىڭ تۇياق ئات ئەكىلىپ ساتتى. بىر ئات 40 توپ يىپەككە تېگىشىلگەندە، مىلادىنىڭ 782 - يىلى 100 مىڭ ئات ئۇچۇن 4مىليۇن توپ يىپەك تاۋار تولىشى لازىم ئىدى. لېكىن جوڭگۇدا ئىچكى ئېسىيانلار يۇزبىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغانلىقىتىن، تاڭ سۇلالىسى بۇ ماللارنى ۋاقتىدا تولىيەلمەي، ئۇيغۇرلارغا قەرزى بولۇپ قالدى، شۇ يىلى بۇ مال ھېسابىغا پەقەت 100 توپ يىپەك تاۋار بىلەن 100 مىڭ سەر ئالتۇن - كۈمۈشلا تولىيەلىدى.(3) تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارغا تولەيدىغان بۇ قەرزىنى 840 - يىلىغا قەدەر، يەنى شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ تامامەن ۋەيران چوڭ كۆچۇشكە مەجبۇر بولغىنىغا قەدەر تۆلەپ تۇگۇتەلمىدى.
ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئوتتۇرسىدا بولغان ئات ۋە يىپەك مال سودىسىدا ئاخىرىغا بېرىپ، يەنە 9 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ھەر ئىككى تەرەپتە سەمىمىيەت بولمىدى. سان ۋە سۇپەتكە ئېتىبار بەرمەيدىغان ساختىپەزلىك ھادىسىلىرى ئېغىر ھالدا پەيدا بولدى. بۇنداق ئەھۋالنى ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىرىنىڭ مەنپەت پەرەسلىكى كەلتۇرۇپ چىقاردى. تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى ئۇيغۇرلارغا تولەيدىغان قەرزىنى تولەش ئۇچۇن نوقۇل دۆلەت ئىگىلىكىدىكى يىپەك توقۇلمىچىلىققا تايانغان بىلەن بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇلار خەلق ئىچىگە ئەمەلدارلارنى ئەۋەتىپ، خەلققە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى قاقتى - سوقتى قىلىش يولى بىلەن كۆپ مىقداردا يىپەك مال يىغىشقا ئۇرۇندى. ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىرى بولسا، جوڭگۇدىن تىخىمۇ نۇرغۇن يىپەك مالغا ئىگە بولۇش ئۇچۇن، نۇرغۇنلىغان كىسەل، ئورۇق، يارىماس ئاتلارنىمۇ جوڭگۇغا ساتىدىغان ئاتلارنىڭ قاتارىغا ئارلاشتۇرۇۋەتتى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئات ئۇچۇن تولەيدىغان يىپەك ماللارنىڭمۇ، ئېنى تار، بويى قىسقا، توقۇلىشى قوپال بولىشقا باشلىدى. ئاخىرىغا بىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىغا ساتقان ئاتلىرىنىڭ 60، 70 پىرسەنتى كارغا كەلمەيدىغان، ئورۇق، ئاغرىق ئاتلاردىن ئىبارەت بولۇپ قالدى. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بۇ سودىدا ئېغىر زىيانغا ئۇچۇرغۇچى تەرەپ يەنىلا تاڭ سۇلالىسى بولدى. بۇ خىل ئەھۋالنى تاڭ دەۋرىدە ئوتكەن شائېر بەي جۇيى (772 - 846 ) ‹‹ چوغاي يوللىرى ›› ناملىق شېئىرىدە مۇنداق تەسۋىرلىگەن:

چوغاي يولى، چوغاي يولى - بۇ ئۇزۇن يوللار......
قارا دوڭنىڭ سۇيى ئەلۋەك، بۇلاق قاينايدۇ.
ئۇيغۇر ئەھلى ئات ساتقىلى كەلسە ھەر قېتىم،
بۇ يوللارنىڭ بويلىرىدا گىياھ قالماپتۇ.
چۆپ تۇگەيدۇ، بۇلاق قۇرۇپ، ئاتلاردۇر كېسەل،
باسقان تامغا كىرىپ كەتكەن ئۇستىخانغىچە.
بىر ئات ئۇچۇن تېگىشىدۇ شايى ئەللىك توپ،
قارارى يوق، كەلتۇرۇلەر ئات قاچانغىچە.
باققاندىمۇ كارغا كەلمەس بۇ ئورۇق ئاتلار
يىلغا توشماي ئۆلۇپ قالار ئوندىن يەتتىسى،
مەشۇت كەمچىل، قىز - ئاياللار قالدى جاپادا،
توپ سانىنى توشقۇزماقنى ئويلاپ ھەممىسى.
شايىلىرى ئۆمۈچۇكنىڭ تورىدەك شالاڭ،
ئۇيغۇرلار كۆپ خاپا بولدى بۇنداق شايىغا.
قاغاننىڭ مەلىكىسى خاتۇن - شيەنئەن،
بۇ ئەھۋالنى ئوڭشاڭ دېدى جوڭگۇ خانىغا.
يۇەنخېنىڭ ئىككىنچى يىلى، قىلدى شاھ پەرمان،
خەزىنىدىكى كىمخابلارنى تولىدى ئاتقا.
ياخشى شايى كەلتۇرۇلدى جياڭنەن تەرەپتىن،
شايىلارنى ناچار توقۇش بولمىدى باشقا.

تاڭ سۇلالىسىنىڭ 782 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئاتلىرى ئۇچۇن تولىگەن بىر قىسىم يىپەك تاۋارلىرىنىڭ ئېنىق ھېساباتى توۋەندىكىچە(4)
ۋاقتى                          تاۋارنىڭ توپ سانى
782 - يىلى                   100مىڭ توپ
787 - يىلى                   50 مىڭ توپ
790 - يىلى                   300مىڭ توپ
792 - يىلى                   70مىڭ توپ
815 - يىلى                   167مىڭ توپ
816 - يىلى                  85مىڭ توپ
822 - يىلى                  200مىڭ توپ
827 - يىلى                 460مىڭ توپ
829 - يىلى                 230مىڭ توپ
جەمىي                        1مىليۇن 662مىڭ توپ
تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، جوڭگۇ مىلادىنىڭ 782 - يىلى ئۇيغۇرلاردىن سېتىۋالغان 100 مىڭ ئات ئۇچۇن 4 مىليون توپ يىپەك تاۋار تولىشى كىرەك ئىدى. ئەمەليەتتە 100مىڭ توپ تولىگەن. 821 -يىلى سېتىۋالغان 20مىڭ ئات ئۇچۇن 800مىڭ توپ يىپەك تاۋار تولىشى لازىم ئىدى.، ئەمەليەتتە 200مىڭ توپ تولىگەن. ئەھۋالدىن قارىغاندا تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر قاغانلىقىغا قاتمۇ - قات قەرزىگە بوغۇلۇپ قالغان.
780 - يىلى ئۇيغۇر قاغانلىقى تاڭ سۇلالىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ قەرزىنى سۇيلىگەن، تاڭ سۇلالىسى مالىيە ئەھۋالىدا قىيىن ئەھۋالغا چۇشۇپ قالغانلىقىنى بىلدۇرۇپ قەرزىنى كېيىن تولۇپ بېرىشنى ئوتۇنگەن. تاڭ سۇلالىسى بىر تەرەپتىن بۇخىل قەرزىدارلىقنىڭ دەردىنى تارتقان بولسا، يەنە بىرتەرەپتىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختىگە كېلىپ - كېتىپ تۇرغان ئۇيغۇر ئەلچىلىرىگە تەقدىم قىلىدىغان سوۋغا سالاملارنى تەييارلاشنىڭمۇ جاپاسىنى تارتقان ئىدى. ئۇيغۇر ئەلچىلەر ئومۇكى ئادەتتە ئازدىگەندە بىرنەچچە يۈز، كۆپ بولغاندا بىرنەچچەمىڭ كىشىدىن ئىبارەت بولاتتى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختىگە كەلگەن ئۇيغۇر ئەلچىلىرىگە ۋە ئۇلار ئارقىلىق قارابالغاسۇندىكى ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىرىغا تەقدىم قىلىدىغان سوۋغا - سالاملار بەزىدە 1000 ھارۋۇغىمۇ يەتكەنىدى. 773 - يىلى تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارغا تەقدىم قىلغان خىلمۇ - خىل سوۋغىلىرى يىتەرلىك دەرىجىدە بولغان ئىدى.(5)
پايدىلانغان ماتىرياللار:
(1) ‹‹ يېڭى تاڭ يىلنامىسى قوشۇنلار توغرىسىدا بايان ››
(2) ‹‹ تاڭ يارلىقلىرى توپلىمى ›› 72 - جىلد
(3) سىما گۇاڭ ‹‹ يىلنامە ›› 227 - جىلىد
(4)  ‹‹ شىنجاڭ تارىخىي تەتقىقاتى ›› 1985 - يىىل 1 -سان خەنزۇچە 28 -بەت.
(5) ‹‹ تاڭ يارلىقلىرى توپلىمى ›› 72 - جىلد
تۇرغۇن ئالماس ‹‹ ئۇيغۇرلار ›› دېگەن كىتابى.





ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
46887
يازما
112
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
112
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
107 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 13:00:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەپ قالغان قەرىزلەرنى ماڭا تۇلەپ بەرسۇمۇ بۇلتى ئوسمىنى دىمەيتىم دىرنى بەرسىلا رازىبۇللاتتىم

UID
46887
يازما
112
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
112
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
107 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 13:03:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىندىشىم ئات ئۆستۇرۇش ئەمەس ئات كۇندۇرۇش ياكى بىقىش ماخىما

UID
47294
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2013-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-5
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 14:28:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىلمىرى يوقمىكەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئايبەرچىن

UID
4926
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
135
تىزىملاتقان
2010-8-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-30
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 18:10:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mardan1103 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-24 14:28
رەسىلمىرى يوقمىكەن

سىزىش كېرەك بولۇپ قالىدۇ.

UID
18480
يازما
36
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
36
تىزىملاتقان
2011-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-1
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 03:13:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bulak007 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-24 13:00
قەپ قالغان قەرىزلەرنى ماڭا تۇلەپ بەرسۇمۇ بۇلتى  ئوسم ...

سىز گە تۆلىۋەتسە ما ئەلكۈيىدىكى بىزلە نىمىش قىلامىز

UID
46887
يازما
112
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
112
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
107 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 12:07:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Turuk-912 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-25 03:13
سىز گە تۆلىۋەتسە ما ئەلكۈيىدىكى بىزلە نىمىش قىلامىز[s: ...

ئەنسىرمەڭلا قىرىنداشلىرىم  مەن تەخسىملەپ بىرمە

UID
12699
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
69
تىزىملاتقان
2011-6-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 16:06:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاڭ سۇلالىسىنى قايسى مىللەت قۇرغان .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش