كۆرۈش: 8397|ئىنكاس: 22

ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49694
يازما
135
تېما
60
نادىر
0
جۇغلانما
135
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-19
توردا
87 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 20:03:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى Islamic Republic of Iran




   پايتەخت: تېھران، نوپۇسى 14مىلىيۇن؛
   زىمىنى : 1 مىليۇن 645 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر؛
   ئاھالىسى: ئىراننىڭ 2009-يىلى يەتتىنچى ئايدىكى نوپۇسى 66 مىلىيۇن 429 مىڭ 244. پارسىلار %51 ، ئەزەربەيجانلىقلار %25 (شەرقى ئەزەربەيجان، غەربى ئازەربەيجان، ئەردەبىل، زەنجانى ئۆلكىلىرىگە ئولتۇراقلاشقان)، كۇرد %8 (كۇردىستان، كېرمانشاھ ۋە شەرقى شىمالدىكى شىمالى خۇراسان ئۆلكىلىرىگە ئولتۇراقلاشقان)، گىلان ۋە مازاندىران %7، ئەرەپ %3(خۇزىستان ۋە بەندەرئابباس ئۆلكىلىرىدە ئولتۇراقلاشقان)، لۇر %2(ئىلام ۋە لۇرىستان)، بەلۇجى %2(شىستان بەلۇجىستان ۋە كېرمان ئۆلكىلىرىدە ئولتۇراقلاشقان)، تۈركمەن%2(تۈركمەنىستان بىلەن چېگرىداش گۈلىستان ئۆلكىسىدە) باشقىلار %1 نى ئىگەللەيدۇ. دۆلەت تىلى پارس تىلى.


   ئىراننىڭ مىللەتلەر خەرىتىسى:


ئىراننىڭ مىللەتلەر خەرىتىسى

    دىنى: ئىران ئاھالىسىنىڭ %89 ى (ئاساسەن پارىسلار، ئازەربەيجانلار، ئەرەبلەر) شىئە مەزھىبىگە، 9.8%ى سۈنئي مەزھىبىگە (كۇرد، تۈركمەن، بەلۇجى) ئىشىنىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە 50مىڭ ئوتپەرەست(ئىرانلىق)، 150مىڭ يەھۇدى، 200 مىڭ ئەرمەن پروۋىسلاۋ بار. ئىسلام دىنى شىئە مەزھىبى ئون ئىككى ئىمام ئەقىدىسى ئىراننىڭ دۆلەت دىنى.


   پۇلى: رىيال. 2006-يىلى9227 رىيال بىر دوللار، 2004-يىلى 8614 رىيال بىر دوللار، 2002-يىلى6907 رىيال بىر دوللار.

    ئىقتىسادى: ئىران ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەنئەنىۋى نېفىت دۆلىتى بولۇپ نېفىت ۋە تەبىئى گاز ئىكىسپورتى دۇنيادا سەئۇدىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. نېفىت بايلىقى يەر شارى زاپاس نېفىت بايلىقىنىڭ %10 نى ئىگەللەپ بەشىنچى ئورۇندا، تەبىئى گاز بايلىقى يەر شارى زاپاس تەبىئە گاز بايلىقىنىڭ%16 نى ئىگەللەپ روسىيىدىنلا قالسا ئىككىنچى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. نېفىت ۋە تەبىئى گاز كىرىمى دۆلەت كىرىمىنىڭ%90 دىن كۆپرەگىنى ئىگەللەيدۇ. ئىراننىڭ خەلقارا بازاردىكى پىستە ئىكىسپورتى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا بولۇپ، ئەنئەنىۋى دورا ئۆسۈملۈكى زەپە ۋە خورما ئىكىسپورتى پۈتۈن دۇنيانىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدۇ. 2009-يىلى ئىراننىڭ ئومۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 382 مىليارت 300 مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 13مىڭ 100 دوللار توغرا كەلگەن. ئىراننىڭ 2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 3%دىن يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ.
   دۆلەت بايرىمى: 1979-يىلى4 -ئاينىڭ 1-كۈنى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان كۈنى؛

   دۆلەت رەھبەرلىرى: ئەڭ يۇقىرى رەھبەر - ئاياتوللاھ سەيىدىن ئەلى ھامانەيى (1989- يىلى 6- ئايدا ھۈمەينى ۋاپات بولغاندىن كىيىن چىققان ) پرېزىدېنت _ مەھمۇد ئەھمەدى نىجات 2005- يىلى 6- ئايدا سايلانغان. 8- ئايدا ۋەزپىسىگە ئولتۇرغان تاشقى ئىشلار مۇدىرى _ كامال قاھارزىي  1997- يىلى 8- ئايدا چىققان. 2001- يىلى 8- ئايدا ئۇدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.


    قىسقىچە تارىخى : ئىران زىمىنى ئەسلى تۈركلەرنىڭ ماكانى بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 15-ئەسىر ئەتراپىدا شىمالدىن كۆچۈپ كەلگەن پارىسلارنىڭ ئىراندا ئولتۇراقلىشىشى ھەققىدە ئاراش ئىسىملىك باتۇرنىڭ تۈركلەردىن ئولتۇراقلىششقا زىمىن سوراپ گىلەم توقۇپ ئەۋەتكەنلىكى، تۈركلەر خاقانىنىڭ گىلەمنى ياخشى كۆرۈپ ئاراشقا ئوقيا ئېتىپ، ئوق نەگە چۈشسە شۇ يەرنى ئىككى مىللەتنىڭ چېگرىسى قىلىش ئىلتىماسىغا قوشۇلىدۇ. ئاراش ئوقنى ئېتىپ ئامۇ دەرياسىغا يەتكۈزىدۇ، شۇندىن بۇيان ئامۇ دەرياسى ئىران بىلەن تۇراننىڭ چېگرىسى بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايىتى بار. ئىران يازما تارىخي مىلادىدىن بۇرۇنقى 2700- يىلدىن باشلانغان قەدىمى مەدەنىيەتلىك دۆلەت بولۇپ تارىختا پېرسىيە دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 559- ئەسىردە پارس ئىمپىرىيسى قۇرۇلۇپ شىمالى كاسپى دېڭىزىغا، غەربى ئوتتۇرا دېڭىز-گىرىتسىيەگە قەدەر، شەرقى ھازىرقى تاجىكىستانغا تۇتاشقان ئۈچ قىتئەنى تۇتاشتۇرغان چوڭ ئىمپىرىيەگە ئايلانغان، ۋىلايەت ۋە چوڭ يوللار تەسىس قىلىنىپ دۆلەت قاتنىشى تەرەققى قىلدۇرۇلغان. دارا 1 ھۆكۈمرانلىق ۋاقتى ( بۇرۇنقى 485___521) . ئىمپىرىينىڭ كارتىسى شەرقى ئامو دەرياسى بىلەن ھىندى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى، غەربى نىل دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن قىسمى، شىمالى قارا دېڭىزغا، كاسپى دېڭىز ئەتراپىغا، جەنۇبى پارس قولتۇقىغا تۇتاشقان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 330- يىلى پارس ئىمپىرىيسى ئالېكساندىر ماكىدونىسكى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. مىلادى 226 -يىلى ئوتپەرەستلىك ئەۋج ئېلىپ ساسانىلار خاندانلىقى قۇرۇلغان. 651-يىلىدىن 820-يىلىغىچە ئەرەب ئىسلام ئىمپىرىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئىسلام دىنى ئىرانغا سىڭىپ كىرگەن. 875-يىلى سامانىلار خانلىقى قۇرۇلۇپ 1005-يىلى سالجۇق ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 15- ئەسىرگىچە تۈركلەر ۋە مۇڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1502-يىلى قىزىلباش ئىسمائىلخان تەرىپىدىن قۇرۇلغان سەفەۋى پادىشاھلىقى ئون ئىككى ئىمام ئەقىدىسىنى پۈتۈن ئىران دائىرىسىگە دىگۈدەك تارقاتقان. 1795-يىلى ئازەربەيجانلار قاجار پادىشاھلىقنى قۇرۇپ، ھازىرقى ئىران چېگرىسىنى شەكىللەندۈرگەن. 1925-يىلى ھاكىمىيەت پەھلەۋى جەمەتىگە ئۆتكەن ۋە 1935- يىلى 3- ئاينىڭ 21-كۈنى دۆلەت نامىنى ئىرانغا ئۆزگەرتكەن. 1979- يىلى پادىشاھقا قارشى ئاممىۋى قوزغىلاڭ پارتىلاپ، پادىشاھ مۇھەممەد رىزا پەھلەۋى ئامېرىكىغا سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتكەن. شۇ يىلى 2- ئايدا دىنى رەھبەر ھۈمەينى 14 يىللىق سەرگەردان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پارىژدىن قايتىپ كېلىپ ئالى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا ئالغان، 4- ئاينىڭ 2- كۈنى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. 1981- يىلى 10- ئايدا ھۈمەينىي ئىراننىڭ پىرىزدىنتىلىكىگە تەيىنلىنىپ مۇساۋىي زۇڭلى بولغان. ئىراننىڭ سىياسى ۋە دىن بىرلەشكەن ئىسلام قۇرۇلمىسىنى شەكىللەنگەن.


   ئىراننىڭ كۆپ قىسىم زىمىنى تاغلىق، ئىگىزلىك، چۆللۈك بولۇپ، شىمالىدا ئىلبۇرۇس تاغ تىزمىسى(ئەڭ ئىگىز داماۋەند چوققىسى) 5671 مېتىر ئېگىز . غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبىدا زاگىروس تاغ تىزمىسى بار، شەرقىي قۇرغاق ئويمانلىق بولۇپ، پار چە-پارچە دەشت قۇملۇقىنى شەكىللەندۈرگەن. كاسپى دېڭىز قىرغاقلىرى ۋە ئىراق بىلەن چېگرىلىشىدىغان ئەرەپ دەرياسى ۋادىسى، غەربى شىمالدىكى ئاراس ۋە قىزىل دەريا ۋادىلىرىدىلا مۇنبەت تۈزلەڭلىكلەر بار. ئىراننىڭ شىمالى مۆتىدىل بەلباغ چۆل ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ قىش ياز پەرقى چوڭ، جەنۇبى قىسمى تىروپىك بەلباغچۆل ئىقلىمىگە تەۋە بولۇپ، قۇرغاق، يامغۇر ئاز، يىل بويى يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق.
   

   2008-يىلى ئىراننىڭ ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك كىرىمى %11،سانائەت %42، مۇلازىمەت %47 نى ئىگەللىگەن بولۇپ، 2008-يىلى مۇقىم تېلېفون ئابونتى 23 مىلىيۇن 835 مىڭ، يانفۇن ئابونتى 29 مىلىيۇن 700مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 23 مىلىيۇن بولغان.

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

UID
12794
يازما
32
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
92
تىزىملاتقان
2011-6-28
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-31
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 13:22:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىندىشىم،پايدىلىنىش قىممىتى بار ياخشى ماتىرىيال يوللاپسىز.ئەمما بۇنداق ماتىرىيال يوللىغاندا  مەنبەسىنى  ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ.

UID
30813
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-2-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-22
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 14:56:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۆيۈمچان ئەزا

ئۇيغۇربىز،بەخىت

UID
5848
يازما
66
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2017
تىزىملاتقان
2010-9-21
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 15:55:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسچىتلىرىنى ،مەكتەپلىرىنى كۆرپ باققۇم بار ئىدى، ئۇمۇ بوپ قالار

UID
51605
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-5-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 16:25:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
49516
يازما
51
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
51
تىزىملاتقان
2013-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-30
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 18:14:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىران ياخشى

UID
51632
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-5-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 20:09:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈرۈپ باقسام بولاتتى

UID
47232
يازما
230
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
233
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2014-6-23
توردا
108 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 20:21:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىراندا يەھۇدىيلارمۇ بارما تېخى!

UID
46749
يازما
164
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
170
تىزىملاتقان
2013-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-28
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 21:27:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈنۈكسىز دۇنيا.
                        دۈشمىنىمنىڭ دۈشمىنى،دۈشمىنىمنىڭ دوستى.

UID
39347
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
33
تىزىملاتقان
2012-6-9
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-21
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 00:39:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ  ئىران بىلەن تۈركىيە    مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرغان بولسا   ئىسلامنى   دۇنيا جامائەتچىلىكىگە   يۈزلەندۈرگىلى بولاتتى                                      ئەجرىڭىزگە رەھمەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش