مىڭ دوستۇڭ بولسىمۇ ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ سۆيگەندىن ئارتۇق سۆيمەيدۇ
شەمسۇلمەئالى قابۇس
پەند-نەسىھەت خاراكتېرىدىكى مەشھۇر ئەسەر قابۇسنامىنىڭ مۇئەللىپى شەمسۇلمەئالى ئەبۇلھەسەن ۋە شىمېگېر قابۇس مىلادىيە 11-ئەسىردە ئۆتكەن ئوقۇمۇشلۇق ئالىم بولۇپ، ئۇنىڭ «قابۇسنامە» ناملىق ئەسىرى يېزىلىش ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن ھەر بىر ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنتنىڭ ئەزىزلەپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغان. كىتابتىكى ھەر بىر دىداكتىك مەزمۇن يۈكسەك چىنلىققا ئىگە بولۇپ، ئوقۇغان ھەر بىر كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ.
ئاتا-ئاناڭ سېنىڭ دۇنياغا كېلىشىڭگە ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىڭگە، تەربىيەلىنىشىڭگە سەۋەبچى بولغان تۇرسا، سەن ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ، خىزمىتىنى ياخشى قىلمىساڭ، ياخشى پەرزەنت ۋە ياخشى ئادەم بولمىغان بولسەن.
ھەر قانداق ئادەم ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىسا، باشقا كىشىلەرنىڭ ھەققىنى ئەسلا ئادا قىلالمايدۇ. مۇنداق ئادەم ياخشىلىقنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىغان يامان ئادەم ھېسابلىنىدۇ. يامان ئادەمگە باشقىلارنىڭ ياخشىلىق قىلىشىمۇ دۇرۇس ئەمەس.
ئەگەر سەن پەرزەنتىڭدىن ھۆرمەت ئۈمىد قىلساڭ، ئالدى بىلەن ئۆزۈڭ ئاتا-ئاناڭغا ھۆرمەت قىلىشىڭ كېرەك. بالىلىرىڭ ئاتا-ئاناڭغا قىلغان ھۆرمىتىڭنى كۆرۈپ، ساڭا ئىززەت-ئېكرام بىلدۈرىدۇ ۋە ياخشى خىزمەت قىلىدۇ. چۈنكى، بالا ئاتا-ئانىنىڭ قلغانلىرىنى كۆرۈپ ئۆگىنىدۇ.
بىر كىشى سەندىن نەسىھەت ئاڭلاشنى خالىمىسا، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلما، بولۇپمۇ نەسىھىتىڭگە ئەمەل قىلمايدىغان كىشىگە نەسىھەت قىلما. ئەگەر بىر كىشىگە نەسىھەت قىلساڭ، ئادەم كۆپ يەردە قىلما. چۈنكى، خەلق ئارىسىدا نەسىھەت قىلساڭ، ئۇ كىشىنىڭ بارلىق ئەيىبلىرىنى بېشىغا ئۇرغانلىق بولىدۇ.
تۆھمەت ئېھتىمالى بولغان يەردە ئولتۇرما، يامان يولدا يۈرگەن كىشىگە ھەمراھ بولما، چۈنكى ئۇ سېنى يامان يولغا باشلايدۇ، ياماننىڭ كاساپىتى تېگىدۇ. خۇش تەبىئەتلىك ئىكەنسەن خۇش تەبىئىتىڭنى ھېچقاچان ئۆزگەرتمە. بىر كىشى غەم-قايغۇغا يولۇقسا، سەن شادلانما، خەلق قايغۇغا دۇچ كەلسە، سەنمۇ تەڭ قايغۇرغىن. ئۆزۈڭدىن تۆۋەن كىشىلەرگە زورلۇق قىلمىغىن، ئادالەتلىك بول. چوڭلاردىن زۇلۇم كۆرمەيسەن. خەلققە توغرا سۆزلە، سەنمۇ خەلقتىن توغرا جاۋاب ئاڭلايسەن.
ياخشىلىقنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن ئادەمگە ياخشىلىق قىلما، ياخشىلىقنى بىلمىگەن ئادەمگە ياخشىلىق قىلىشىڭ شورلۇق يەرگە ئۇرۇق چاچقانغا ياكى شورلۇق يەرگە كۆچەت تىككەنگە ئوخشايدۇ. ياخشىلىق قىلىشقا تېگىشلىك ئادەم ۋە ئورۇنغا ياخشىلىقىڭنى ئايىما، ئەگەر كىشىلەرگە ياخشىلىق قولۇڭدىن كەلمىسىمۇ، يامانلىق قىلما. خەلقنى ياخشىلىق قىلىشقا دالالەت قىل. چۈنكى، كىشىلەرنى ياخشىلىق قىلىشقا دالالەت قىلغان كىشى ياخشىلىقنى قىلغانغا ئوخشاش.
شۇنداق ھالەتلەر بولىدۇكى، بەزى يامانلىقنىڭ جازاسى مۇشۇ دۇنيادىلا يېتىپ كېلىدۇ، بەزى ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتىمۇ كېلىدۇ، ئەگەر كىشىگە خىيانەت قىلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتساڭ، سېنىڭ كۆڭلۈڭگىمۇ شۇنداق زەخمەت –ئاغرىنىش كېلىدۇ. بەلكى سەن يەتكۈزگەن ئازار- زەخمەتتىن ساڭا ئېغىرراق يېتىدۇ.
مەنبە: ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن «ئەڭ چىرايلىق ساۋاقلار» ناملىق كىتاب
تەييارلىغۇچى: جاھان بىۋاپا