كۆرۈش: 1059|ئىنكاس: 13

يوۋكۇ(youku) تورىنىڭ تەرەققىيات جەريانى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
16297
يازما
175
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
535
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-14
توردا
140 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 14:35:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم، ئەزىزلەر! ھەممىزگە تونۇشلۇق بولغىنىدەك، يوۇكۇ تورى ھازىر ئېلىمىزدىلا ئەمەس پۈتكۈل خەلقارادا تەسىر كۈچى زور بولغان فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىلىرىنىڭ بىرىدۇر. پىقىر شۇنداق مۇۋەپپىقىيەت قازانغان شىركەت-كارخانىلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆپ قىززىقىدىغانلىقىم سەۋەبلىك، بۇندىن كىيىن ، چوڭ تىپتىكى IT شىركەتلىرىڭ "رەسمىي تەرجىمىھالى" نى تەييارلاپ سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم. بۇلارنى كۆرگەندىن كىيىن، بىز ياشلاردا يىڭىلىق يارىتىش، ئېگىلىك تىكلەش جەھەتتە ئاز - تولا ئىلھامبەخىش خىياللار شەكىللەنسە ئەجەپ ئەمەس.

1.ئومۇمىي چۈشەنچە
يوۋكۇ تورى - ئىلىمىزدىكى باشلامچى فىلىم بەھىرلىنىش تور بېكىتى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز تور فىلىملىرى ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق ماركا. يوۋكۇ تورى "بازار چاققاننىڭ" ئىددىيىسىنى ئۆزىگە يىتەكچى قىلىپ،"تارقىلىشى تىز، ئىزدەپ تېپىش تىز" بولۇشتىن ئىبارەت مەھسۇلات ئالاھىدىلىكىنى ياخشى جارىي قىلدۇرۇپ، كەڭ ئابونتىلارنىڭ ئىھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇپ كەلدى.
ئامىرىكا ۋاقتى 2010 - يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى، يوۋكۇ نېۋيورۇكتا رەسمىي ھالدا پايچېكىنى بازارغا سالدى.2012- يىلى3- ئاينىڭ 12- كۈنى يوۋكۇ پايچېكى چەكلىك شىركىتى ۋە تۇدوۋ پايچېكى چەكلىك شىركېتى رەسمىي ھالدا بىرلىشىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇندىن باشلاپ ئىككى چوڭ فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىسى پۈتۈنلەي بىرلەشتۈرلۈپ، شىركەت نامى "يوۋكۇ - تۇدوۋ پايچېكى شىركېتى" دەپ ئاتالدى.
يوۋكۇ ئەڭ ئىلغار، ئەڭ كاتتا تاۋار لۇشىيەنىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئېلانلىرى بىلەن تور دۇنياسىنىڭ ئاتامانى بولۇپ قالدى. بۇ جەھەتتە نۇرغۇن ئابونىتلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغىغان بولسىمۇ بىراق، ئۇلارنىڭ يوۋكۇغا بولغان مەھلىيالىقىنى سۇسلاشتۇرالمىدى. يوۋكۇ تورى باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئالاھىدە كۈچەپ، مىدىيا مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تارقىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇدى. ئۇلار ئابونىتلارنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىنى يەكۈنلەپ، دەۋېرگە ماس قەدەم بىلەن تور فىلىم مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى ۋە تېخىمۇ يۈكسەكلىككە باشلاپ ماڭدى. ئۇندىن باشقا، يوۋكۇ ئېلىمىزدىكى بىردىنبىر رادىئو - تېلىۋىزىيە قوش تەستىقىدىن ئۆتكەن فىلىم بەھىرلىنىش تورى بولۇپ قالدى.يوۋكۇدا نۇغۇنلىغان فىلىملەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ئىجادىيەت ھوقۇقى قوغلىدىلىشقا كاپالەتلىك قىلىندى.
يوۋكۇ ئېنتىرنىت ، تىلىۋېزىيە، ئالاقە تورىدىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ تورنى بىرلەشتۈرۈش» نى ئەمەلىيەت نىشانى قىلىپ، ھازىرغىچە بۇ ئۈچ ساھەدە ئاساسەن مۇۋاپىق كۆلەمنى ئىگەللەپ  بولدى. كىنو - فىلىم، ئۇنۋېرسال - سەنئەت، ئاخبارات-ئۇچۇر دىن ئىبارەت ئۇچ چوڭ مەزمۇننى چۆرىدىگەن ئاساستا، فىلىم ئىشلەش، قويۇش، تارقىتىش قەدەم باسقۇچلىرىنى جانلىق ماسلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي بىر «تور مىدىيا تارقىتىش ۋاستىسى» گە ئايلاندى. كىنو - فىلىم ساھەسىگىلا ئەمەس پۈتكۈل مىدىيا ساھەسىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتتى.
كەلگۈسى تەرەققىيات جەريانىدا يوۋكۇ تورىنىڭ ھەمكارلىق ئىستىراتىگىيسى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە بولىدۇ. «پۈتكۈل دۇنيا يوۋكۇنى كۆرىۋاتىدۇ» شۇئارى، يوۋكنىڭ كىشىلەرنى يىڭى بىرخىل ئېنتىرنىت تۇرمۇشىغا باشلاپ كىرمەكچى بولغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. يوۋكۇنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ھازىرقى ئىجرائىيە ئەمەلدارى گۇ يوڭ چىياڭ«بىز ئابونىتلارغا ھازىرلاپ بەرمەكچى بولغىنىمىز مىكرو فىلىم يەرمەنكىسى، ئېسىل فىلىم ئامبىرى،شۇنداقلا ئىجادىيەت، ئالماشتۇرۇش، تەۋسىيە، بەھىرلىنىش سۇپىسىدىن ئىبارەت، يوۋكۇ ئارقىلىق كىشىلەر ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ، دۇنيادىن تەڭ بەھىر ئالىدۇ.» دەيدۇ.

يوۋكۇ تورىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى
2005 - يىلى 11 - ئايدا،ئەسلدىكى سوخو(搜狐) ئىزدەش تورىنىڭ ئىجرائىيەت ئەمەلدارى ۋە دەسلەپكى يۈرۈشتۈرگۈچىسى گۇ يوڭ چىياڭ(古永锵) خېيى تور - تېخنىكا شىركېتى(合一网络技术有限公司) نى قۇردى.3 مىليون ئامرىكا دوللىرىلىق مەبلەخ بىلەن ، بەيدۇ تورى بىلەن بىر سەپتە،جوڭگو يىڭى دەۋىر « ئىزدەش ماتورى» سودا پۇرسېتىنى چىڭ تۇتماقچى بولدى.
2006- يىلى 3- ئايدا،خېيى شىركېتى ئىزدەش ماتورىغا سالماقچى بولغان مەبلېخىنى يوۋكۇ تورىغا سېلىشنى قارار قىلدى.
2006 - يىلى 12- ئايدا،خېيى شىركېتى يوۋكۇ تورىنىڭ سېناق باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ۋە «ئابونىتلار فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىسى» دەپ ئىزاھات بەردى. گۇ يوڭ جىياڭ باش ئىجرائىيە ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.
2006- يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى،يوۋكۇ 12 مىليون ئامرىكا دوللار مەبلەخ توپلاشنى تاماملىدى.
2006- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنى، يوۋكۇ تورى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
2007 يىلى، يوۋكۇ تورى «ھەممە جايدا سېن ئالغۇچى بار» دېگەننى تەشۋېق قىلىپ، ھەرقانداق ئادەمنى ئۆز خاھىشى بويىچە سېن(فىلىم) ئىشلەپ يوللاشقا رىغبەتلەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تەلۋىلەرچە فىلىم يوللاش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى.يىڭىچە سۈرەتلىك فىلىم مەدەنىيىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. يوۋكۇ تورى كۆپ قېتىملىق كۈچ ئۇلاش، يىتەكلەش، شارائىت بىلەن تەمىنلەش نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ مول بولغان فىلىم مەنبەسىنى بارلىققا كەلتۈردى.
  2007- يىلى 5- ئاينىڭ 16 -كۈنى يوۋكۇ شېڭدا گورۇھى بىلەن ئىستىراتىگىيلىك ھەمكارلىق كىلىشىمى ئېمزالىدى. يوۋكۇ شېڭدا گوروھىنىڭ سېن ئويۇنلىرىنى قوللايدىغان بىردىنبىر ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلاندى.
2007- يىلى 6-ئاينىڭ بېشىدا، يوۋكۇ تورى جوڭگودىكى ئەڭ چوڭ قوللىنىشچان تور دېتاللىرى شىركېتى - شۇنلېي بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى.
2007- يىلى 6- ئايدا، يوۋكۇ جوڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورى - بەيدۇ بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى.
2007- يىلى 7- ئايدا، جوڭگو ئېنتىرنىت تورى جەمئىيىتى 2007 - يىللىق نادىر تور بەتلەرنى ئىلان قىلدى. نەتىجىدە يوۋكۇ تورى ئابونىتلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشكەن، ئوخشاش ساھەدىكى تور بىكەتلەرنىڭ سەركىسى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
2007- يىلى 8- ئاينىڭ 29- كۈنى، يوۋكۇ «2007 -يىللىق red herring ئاسىيادىكى يۇشۇرۇن كۈچى ئەڭ چوڭ تور تېخنىكا شىركەتلىرى» تىزىملىكىگە كىردى. تۇنجى بولۇپ بۇ شەرەپكە ئىرىشكەن فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىسىغا ئايلاندى.
2007- يىلى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، يوۋكۇ بىلەن سوگو ئىزدەش ماتورى ھەمكارلىق ئورناتتى. ئىككى تەرەپ تور فىلىملىرى ساھەسىدە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئورتاقلىق ھاسىل قىلدى، ئۇلار بىرلىكتە جوڭگو تور فىلىملىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەھەسسە قوشتى .
2007- يىلى 11- ئاينىڭ 21- كۈنى، يوۋكۇ تورى ئومۇمىي سوممىسى 25مىليون ئامرىكا دوللىرى بولغان، ئۈچىنچى قېتىملىق ئايلانما مەبلەخكە ئىگە بولدى.بۇ قېتىمقى مەبلەخنىڭ ئاساسلىق قىسمى بەيىن كاپىتال گوروھى(Bain Capital) گە قاراشلىق Brookside Capital LLC ۋە باشقا Sutter Hill Ventures、Farallon Capital قاتارلىق كاپىتال شىركەتلىرىدىن كەلدى. بۇ قېتىمقى ئايلانما مەبلەخ ئاساسەن يوۋكۇ توررىنىڭ ئىستىمال بازىرى ۋە كەسىپ تۈرلىرىنى كىڭەيتىش، تېخىمۇ ئەۋزەل قو؛؛ىنىشچان دېتاللارنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن سېلىندى.
2007 - يىلى 12- ئايدا، داڭلىق تەكشۈرۈش پونكىتى نېرسېن شىركېتى يوۋكۇ فىلىملىرى كۈندىلىك كۆرۈلۈش قېتىم سانى (vv)نىڭ 100 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى، كۈندىلىك مۇستەقىل زىيارەت سانى (uv)نىڭ 12 مىليون 200 مىڭ قېتىمغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
  2007- يىلى ئالدىنقى يىرىمىدا، يوۋكۇ ئەنئەنىۋېي كىنو - فىلىم ئورۇنلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق جەھەتتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇلار «ئىجادىيەت» نامىدا، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك يىڭىلىقلارنى، قىززىق نوقتىغا ئايلانغان ھادىسىلەرنى فىلىم ئىشلەپ تارقاتتى ۋە جەمئىيەتنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشتى. شۇنداقلا ناھايىتى تىزلىك بىلەن، داڭلىق ماركا سۈپىتىدە تونۇلىشقا باشلىدى. CCTV نىڭ «جەمئىيەت خاتىرلىرى» (《社会记录》) پروگىراممىسىدا يوۋكۇ تورنىڭ ئىجادىي فىلىملىرىنى بىۋاستە ئىشلىتىشى بۇنىڭ بىر مىسالى.
  2007 - يىلى11- ئايدا، يوۋكۇ تورى فىلىم يوللاش ئىقتىدارىنى كۈچەيىتش ئۈچۈن ،G دىن ئارتما يوللاش (“超G上传”) ئىقتىدارىنى ئىچىۋەتتى. تۇنجى بولۇپ، سېغىمى 1GB دىن يۇقىرى بولغان سېن ھۆججەتلىرىنى ئوڭۇشلۇق يوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىلگىرىكى 200MB لىق چەكلىمىگە خاتىمە بەردى.
2009- يىلى 6- ئايدا، يوۋكۇ «2010 -يىللىق شاڭخەي يەرمەنكىسى» نىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى سالاھىتىگە ئىرىشتى.
2010 - يىلى 12- ئاينىڭ 8 - كۈنى، يوۋكۇ نېۋيورۇك پايچېكى بازىرىدا پايچېكىنى بازارغا سالدى.
2011-يىلى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى، يوۋكۇ «جوڭگو ئېنتىېرنىت داڭلىق ماركىلىرىنىڭ رېقابەت كۈچى تېزىملىكى» دە، بەيدۇ، تېڭشۇن، ئەلى بابا، سىنا تورلىرى بىلەن بىرلىكتە«5 پالۋان»(5 winners)شەرىپىگە ئىرىشتى.
2011 - يىلى 5- ئاينىڭ 16-كۈنى، يوۋكۇ مەخسۇس فىلىم ئىزدەش ماتورى «سوۋكۇ» (搜库) نى ئىشقا كىرىشتۈرۇپ، ئابونىتلارنىڭ فىلىملەرنى ئىزدەپ كۆرۈشىگە قولايلىق تۇغدۇردى.
2011- يىلى 6- ئاينىڭ 2- كۈنى، يوۋكۇ بىلەن دېسنى شىركىتىنىڭ ھەمكارلىقى تېخىمۇ كىڭەيتىلدى. يوۋكۇ تورى دېسنىنىڭ توردا كىنو تارقىتىش ھوقۇقدارىغا ئايلاندى.
2011- يىلى 7-ئاينىڭ 15- كۈنى، يوۋكۇ «نادىر ئىجادىيەت، ئىلغار فىلىملەرنى مەبلەخ بىلەن تەمىنلەش » پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 150 يۈرۈش ئاۋات فىلىم، ۋە 50 يۈرۈش مەخسۇس فىلىمنىڭ ئىجادىيەت ھوقۇقىنى سىتېۋىلىپ، ئەڭ چوڭ فىلىم سودىگىرىگە ئايلاندى.
2012- يىلى8- ئاينىڭ 20 كۈنى. شىياڭگاڭدا يوۋكۇنىڭ تۇدوۋ نى سېتىۋلىشىغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىلەت تاشلاپ ئىپادە بىلدۈرۈلدى، شۇندىن باشلاپ تۇدوۋ تورى يوۋكۇ بايرىقى ئاستىدىكى پۈتۈن كاپىتاللىق شىركەتكە ئايلاندى. يوۋكۇ شىركىتىنىڭ نامى «يوۋكۇ تۇدوۋ شىركېتى» گە ئۆزگەرتىلدى.
2013- يىلى 4- ئاينىڭ 10 كۈنى، يوۋكۇنىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتى تەڭشەلدى. ۋېي مىڭ (魏明) يوۋكۇنىڭ باش ئىجرائىيەتلىكىنى، ياڭ ۋېي دوڭ (杨伟东) تۇدوۇۋنىڭ باش ئىجرائىيەتلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يوۋكۇ گورۇھىنىڭ باش دېرىكتورى، ئۇزاق مۇددەتلىك باشقۇرغۇچىسى گۇ يوڭ چجىياڭ غا دوكىلات قىلىندى.

يوۋكۇنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ ئاددى تەرجىمىھالى
ھازىرقى داڭدار يوۋكۇنى دەسلەپتە ئىپتىدايى ھالەتتىن بەرپا قىلغان كىشىنى كۆپىنچىمىز بىلمەسلىكىمىز مومكىن. ئۇنداقتا ئۇنىڭ بىلەنمۇ مۇنداقلا تونۇشۇپ ئۆتەيلى:
ئىسمى: گۇ يوڭ چىياڭ (古永锵)
1966 - يىلى شىياڭگاڭدا تۇغۇلغان.
1989- يىلى ئامرىكا كالفورنىيە ئۇنۋېرىستىتى بىركېلىي تارماق مەكتېپىدە، خەلقارا ئاخباراتچىلىق كەسپىدە تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەن.
1992- يىلى سىتەنفورد ئۇنۋېرىستىتىغا كىرىپ، MBA ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن.
1993- يىلى باۋجىيې شېركىتىنىڭ شىياڭگاڭ ئورنىدا ئىشقا چۈشكەن.
1994- يىلى فۇگۇ مەبلەخ سېلىش گورۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى بولۇپ، ئاساسلىقى: مىدىيا، كۆڭۈل ئېچىش سانائىتى مەبلەخ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان.
1999- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە سوگۇ بىرلەشمىسىگە قېتىلىپ، مۇئاۋىن يۇقىرى ئەمەلدارى، مۇۋەپپەق مالىيە مەسئۇلى، مۇۋەپپەق باشقۇرغۇچىسى بولغان.
2006- يىلى فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىسى يوۋكۇنى قۇرغان.

تەپسىلاتى: 古永锵



يوۋكۇ تورى ھەققىدە مېنىڭ ئويلىغانلىرىم
گەرچە مەزكۇر داڭدار فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىسى يۇقارقىدەك شەرەپلەرنى قۇچقان بولسىمۇ، مېنىڭچە يەنە نۇرغۇن كەمچىلىكلەرنى ساقلىغان. خەلقارالىق نادىر تور سۇپىسى بولۇشتىن يەنە ئازراق يىراقتا دەپ ئويلايمەن.
1. يوۋكۇ تورىنىڭ ئېلانلىرى كۈنسىرى ئۇزىراۋاتىدۇ، ئوخشاش ساھەدىكى باشقا فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىلىرى بۇ جەھەتتىن يوۋكۇغا خىرىس ئېلىپ كىلىدۇ.
2. يوۋكۇدا سىياسەتۋازلىق كۈچلۈك. يەنى دۇنياغا داڭلىق فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىسى يوتۇبى بىلەن سىلىشتۇرغاندا يوۋكۇدا فىلىملەرنى تەستىقلاش ئاۋارىچىىلىك. كىچىككىنە ۋەزىيەتكە چىتىلىدىغان سېن بولسا (بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇر ۋە باشقا ئوتتۇرا شەرىق دۆلەتلىرىنىڭ) تەستىقلىماي قويىدۇ. بەزىدە تەستىقلاپ بولغاندىن كىيىن، قورقۇپ ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ.
3. فىلىم پاخاللىقى ئىغىر، قالايمىقان سېنلار قاپلاپ كەتكەن، سۈزۈكلىكى ناچار.
4. خەلقاراغا يۈزلەنگەن فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشقا دۆلەت تىللىرىدا كۆرۈنمە يۈزى يوق، جۈملىدىن 56 مىللەتلىك چوڭ دۆلەتنىڭ خەنسوچىدىن باشقا مىللەت يېزىقىدا ئابونىت مۇلازېمىتى يوق.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
4242
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
534
تىزىملاتقان
2010-8-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 19:33:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن بىزنى مۇشۇنداق تىمىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگىنىڭىزگە  كۆپ رەھمەت ، ئاخىرىدىكى پىكىرىڭىزنى ئىككى قوللاپ   قوللايمەن .

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
555
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
945
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
593 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 19:49:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە كۆپ سىننى قانداق سىغدۇرۇپ بولىدىغاندۇ دەيمەن. شۇنچە چوڭ مۇلازىمىترى بارمىدۇ؟

باھا سۆز

jahandaz  ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىرلىرى 1 بىنادا لىققۇ دەيمەن بىرگە ئۇلاپ ئىشلەتكەن  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 02:49:44

UID
34178
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-19
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 20:02:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېمىكەن.  سىزنىڭ پىكىرىڭزگە قۇشۇلمەن ھەم شۇنداقلا سىزنى قوللايمەن.
مۇمىكىن بولسا ئۇيغۇرچە قوللايدىغان بىرلا ۋاقىتتا  فىلىم قويغۇچ ۋە چۈشۈرگۈچ بولسا تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى.

UID
12794
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
83
تىزىملاتقان
2011-6-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-10
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 10:31:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا ئاز سانلىق مىللەت تىل-يىزىقىدىكى ئىزدەش قۇيۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن بولسا ياخشى بولاتتى.

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
435
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
8456
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
102 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 12:27:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ يۇكۇ  تورنى ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى يۇكۇ تورى ئىلىمزدىكى ئەڭ ياخشى فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىسى.يۇكۇنىڭ يانفۇن نۇسخىسىمۇ بەك ياخشى. مەن ئادەتتە يۇكۇنى  يانفۇن ئارقىلىق كۆپرەك زىيارەت قىلىمەن.

UID
2089
يازما
2
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
62
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-18
توردا
31 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 13:44:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۇيغۇرلارمۇ بۇ يۇكۇ غا نۇرغۇن فىلىملەرنى يوللاپ تۈھپە قوشقان. لىكىن بىزدىن يۈز ئۈرىدى،خۇددى ئىگىسىدەكلا يۈزى قىلىن مۇستەبىت بۇ.

UID
46977
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2013-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-28
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 16:45:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى بەيدۇ ئۇلارغا خىرىس قىلۋاتىدۇ،،ھفھاھاھاھاھا

UID
48750
يازما
53
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
53
تىزىملاتقان
2013-4-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 19:02:20 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بۇ خەقنىڭ تەرەققىياتىغا قول قولماي بوممايدۇ

UID
47232
يازما
220
تېما
51
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
96 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 20:20:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ فىلىم تور بىكىتى ئامېرىكىنىڭ يۇتۇبى تورى... ماۋۇ يۇكۇمۇ ھازىر خەلقئارادا قانچىنچى ئورۇندا؟ ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىدە بارمۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش