كۆرۈش: 1402|ئىنكاس: 7

لوقمان ھېكىمنىڭ 100 ھېكمىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49694
يازما
132
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 21:22:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

لوقمان ھېكىمنىڭ 100 ھېكمىتى



1. ھەي پەرزەنتىم، ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ياراتقۇچىنى تونۇغىن.
2. بىرىگە نەسىھەت قىلساڭ ، ئۇنىڭغا ئاۋال ئۆزەڭ ئەمەل قىل.
3. سۆزىنى ئۆز ئەھۋالىڭغا بېقىپ قىل.
4.ئادەملەرنىڭ قەدرىنى بىل.
5.ھەممىنىڭ ھەق-ھوقوقىنى چۈشەن.
6.سىرىڭنى مەخپىي تۇت.
7.دوستىنى قىيىن كۈندە سىنا.
8.دوستىنى پايدا ۋە زىيان ئالدىدا سىنا.
9.رەزىل ۋە نادەن ئادەملەردىن يىراق بول.
10.دانا ۋە زېرەق ئادەمنى دوست قىلىپ تاللا.
11.ياخشى ئىشقا قاتتىق بېرىل.
12.ئايالغا قاتتىق ئىشىنىپ كەتمە.
13.ساپ دىل ۋە دانا كىشلەر بىلەن مەسلىھەت قىل.
14.سۆزنى دەلىل-ئىسپات بىلەن سۆزلە.
15.ياشلىقنى غەنىيمەت بىل.
16.ياشلىقىڭدا ئىككىلا دۇنيانىڭ ئىشىنى قىل.
17.دوست-بۇرادەرلىرىڭنى ئەزىز بىل.
18.دوست ۋە دۇشمىنىڭگە يۈزۈڭنى ئۇچۇق توت.
19.ئاتا - ئانىنى غەنىيمەت بىل.
20ئۇستازنى ئاتاڭدىن ئەزىز بىل.
21.خىراجەتنى كىرىمگە قاراپ قىل.
22.ھەر قانداق ئىشتا خالىس يول تۇت.
23.ئالىيجانابلىقنى ئۆزەڭگە شۇئار قىل.
24.مېھماننىڭ خىزمىتىنى قائىدە بۇيىچە قىل.
25.بىرىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، كۆز ۋە تىلىڭغا ئېھتىيات قىل.
26.كىيىمىڭنى ۋە بەدىنىڭنى پاكىز تۇت.
27.جامائەت (كۆپچىلىك) بىلەن ھەمدەرت بول.
28.پەرزەنتىڭگە ئىلىم - ئەدەب ئۆگەت.
29.ئىلاج بولسا، پەرزەنتىڭگە چەۋەندازلىق ۋە مەرگەنلىكنى ئۆگەت.
30. ئايغ كىيىمنى ئوڭ پۇتتىن باشلاپ كي، يېشىشنى سول پۇتتىن باشلا.
31.بىرى بىلەن ئىش قىلساڭ، شۇ ئادەمگە لايىق ئىش قىل.
32.كېچىسى گەپ قىلساڭ ئاستا مۇلايىم سۆزلە، كۈندۈزى گەپ قىلساڭ، ئەتراپىڭغا بېقىپ سۆزلە.
33.ئاز يېيىش ۋە ئاز سۆزلەشنى ئادەت قىل.
34.ئۆزەڭگە ياقمىغان نەرسىنى ئۆزگىگىمۇ راۋا كۆرمە.
35.ئاۋال ئويلاپ، چارە - تەدبىر تېپىپ ئىش قىل.
36ئوقۇماي ئۇستازلىق قىلما.
37.خوتۇن ۋە بالىغا سىر ئېيىتما.
38.باشقىلاردىن ياخشلىقنى تەمە قىلما.
39پەسكەش ئادەمدىن ۋاپا كۈتمە.
بېيىت:
ئادەمدە بار تومۇر ئۈچيۈز ئاتمىش،
ئۇلاردىن بىرىلا يامان ئىمىش.
40.ھەر قانداق ئىشتا بىپەرۋا بولما (ھەر قانداق ئىشتا بىغەملىك قىلما).
41.قىلىنمىغان ئىشنى قىلىنغان ھېسابلىما.
42.بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قالدۇرما.
43.ئۆزەڭدىن چوڭ كىشىگە چاقچاق قىلما.
44.ئۆزەڭدىن چوڭ كىشىگە دەيدىغان سۆزۈڭنى سوزما.
45.ئاممىغا (بۇلۇپمۇ ئاددىي كىشىلەرگە) يامان كۆرۈنمەسلىككە تىرىش.
46.ھاجەتمەن كىشىلەرنى نا ئۈمۈد قايتۇرما.
47.ئۆتكەن جېدەلنى ئەسلىمە.
48.باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆز ياخشىلىقىڭ بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋالما.
49.قېرىنداشنى (تۇققاننى) قېرىنداشتىن ئايرىما.
51.ياخشى ئادەمنى غەيۋەت بىلەن يادلىما.
52.پەقەت ئۆزەڭنىلا ئويلىما.
53.كۆپچىلىڭ ماڭغان بولسا، سەنمۇ ئۇلارغا ئەگەش.
54.برماقلىرىڭنى ئېغىز ۋە بۇرنىڭغا تەگكۈزمە.
55.ئادەملەرنىڭ ئالدىدا چىشىڭنى كوچىلىما.
56. ئاغزىڭ ۋە بۇرنىڭنىڭ سۈيىنى قاتتىق ئاۋاز بىلەن تاشلىما.
57.ئەسنىسەڭ قولۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى ياپ.
58.ئادەملەرگە قاراپ كېرىلمە.
59.بارمىقىڭنى بۇرنىڭغا تىقما.
60.جىددىي سۆزنى چاقچاققا ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىمە.
61.بىرىنى بىرىنىڭ ئالدىدا خىجالەت قىلما.
62.قاش، كۆزۈڭ بىلەن ئىملاپ چېقىمچىلىق قىلما.
63.ئېيتقان سۆزنى تەكرارلىما.
64.باشقىلارنى بىمەنە كۈلدۈرۈشتىن ساقلان.
65.ئۆزەڭنى ۋە يېقىن دوستلىرىڭنى ئادەملەر ئالدىدا ماختىما.
66.ئۆزەڭنى ئاياللارغا ئوخشاش ياسىما.
67.بالىلىرىڭ نىمە دېسە، شۇنى قىلىۋەرمە.
68.تىلىڭنى ئايا.
69.سۆزلەۋېتىپ قولۇڭنى شىلتىمە.
70.ھەممە ئادەمنى ھۆرمەتلەشنى ئۇنتۇما.
71.ئىغۋاگەر ئادەم بىلەن سۆھبەتداش بولما.
72.ئۆلگەن ئادەمنى يامانلاش بىلەن يادلىما، ئۇنىڭ پايدىسى يوق.
73. ئىلاج بار بىرى بىلەن ئۇرۇشما ۋە ئادەۋەت ساقلىما.
74.باشقىلارنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى سىنىغۇچى بولما.
75. ئۇلاغلارنىڭ سىنىشىنى ياخشىلىق بىلەن يادىڭدا تۇت ۋە گۇمان قىلغۇچى بولما.
76.ئۆز نېنىڭنى باشقىلارنىڭ داستىخىنىدا يېمە.
77.ئىشتا ئالدىراقسانلىققا يول قويما.
78.مال - دۇنيا تاپىمەن دەپ ئۆزەڭنى قىيناپ يۈرمە.
79.كىمكى ئۆزىنى تونىمىسا، سەن ئۇنى تونۇ.
80. ئاچچىقىڭ كەلگەندە سۆزنى تاللاپ قىل.
81.ئېتىكىڭ بىلەن بۇرنىڭنى ئېرتما.
82.كۈن چىققۇچە ئۇخلىما.
83 ئادەملەردا ئالدىدا يالغۇز بىر نەرسە يېمە.
84.چوڭلارنىڭ ئالدىغا ئۈتۈۋېلىپ ماڭما.
85. باشقىلار سۆزلىشىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئارلىشىۋالما.
86.بېشىڭنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرما.
87.كوچىدا ئوڭ - سولۇڭغا ئەلەڭلەپ قاراۋەرمە، ئۇدۇل مېڭىپ، يەرگە قاراپ يۈر.
88.ئىلاج بار ياۋداق ئۇلاغقا مىنمە. (دىمەك ئىگەرسىز ئات )
89.مېھمان ئالدىدا باشقا بىرىگە غەزەپلىنىپ زەھىرىڭنى چاچما.
90.مېھماننى ئىشقا بۇيرىما.
91.دىۋانە ۋە مەست ئادەم بىلەن سۆزلەشمە.
92.پايدا - زىيان قوغلىشىپ، ئابرۇيۇڭنى تۆكمە.
94. مەنمەنچى ۋە تەكەببۇر بولما.
95.ئادەملەرنىڭ ساڭا خۇشامەت قىلىشىدىن قاچ.
96. جېدەل ۋە پىتنىدىن يىراق تۇر.
97.پىچاقسىز، ئۈزۈكسىز ۋە پۇلسىز يۈرمە.
98.ئۆزەڭنى بەكمۇ خارقىلماسلىققا تىرىش.
99.ئۆزەڭنى كەمتەر ۋە تۆۋەن تۇت.
100 گۇناھتىن قورقۇش، خەلققە ئىنساپ قىلىش، ئۇلۇغلارغا خىزمەت ، كىچىكلەرگە شەپقەت، دەرۋىشلەرگە ساخاۋەت ، دوست ۋە ياشلارغا نەسىھەت قىلىش، دۇشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇش، جاھىللارنى جىملىق بىلەن يۇمشىتىش، ئالىملارغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن ياشا، بېرەرىنىڭ مال - دۇنياسىغا تەمەگەرلىك بىلەن كۆز تىكمە.
يەنە لوقمان ھېكىم ئېيتىدۇ:
نەسىھەت توغرۇلۇق ئۈچ مىڭچە سۆز يازدىم، ئۈچ مىڭدىن ئۈچ ئېغىز سۆزنى تاللىۋالدىم. بۇ ئۈچىدىن ئىككىسىنى ئىسىڭدە ساقلا ۋە بىرىنى ئۇنتۇپ كەت، يەنى خۇدانى ۋە ئۆلۈمنىڭ ھەقلىقىنى يادىڭدا تۇت، باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭنى ئۇنۇت.
يەنە ئېيتىدۇ.
جىملىقتا يەتتە خىل خاسىيەت بار:
1.ئۇ - زىبۇ زىنەتسىز گۇزەللىك؛
2.سەلتەنەتسىز ھەيۋە - قۇدرەت؛
3. مېھنەتسىز ئىبادەت ؛
4.سېپىلسىز قورغان؛
5. ئۆزرىدىن قۇتۇلۇش؛
6. پەرىشتىدەك ئازادلىق؛
7.ئەيىبلەردىن خالىيلىق

تەييارلىغۇچى: جاھان بىۋاپا

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
49797
يازما
72
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2013-4-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 09:55:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چىكىپسىز  قېرىندىشىم  .... رەخمەت....   ئوبدانلا نەسىھەتلەركەن ھەمىسى .....

UID
17167
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2011-11-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-21
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 15:56:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چىكىپسىز  قېرىندىشىم  .... رەخمەت. نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم

UID
48085
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
32
تىزىملاتقان
2013-3-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 10:17:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ياخشىكەن !

UID
32070
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2012-6-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-26
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 00:01:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت قىرىندىشىم ..بەزى ھېكمەتلەرنى مەن بۇرۇن كۆرگەن بولساممۇ ، تولۇق كۆرۈشكە ئىمكان بولماي قالغان ئىدى ......

UID
51694
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 17:13:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلۇنۇپ تىگىگە يەتسە، مۇشۇ بويىچە ئىش تۇتالىسا، ھەر كىشى ئۆز بەختىنى تاپقاي.

UID
48034
يازما
82
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
82
تىزىملاتقان
2013-3-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
111 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 19:09:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى نەسىھەتلەركەن ، مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرۇڭ   

UID
51724
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 22:39:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۇخمەن خاكمنىڭ ميللتى نيمۇ ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش